«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئەسكەرتىش: ھەر يىلى رامازان ئېيى مەزگىللىرىدە شەرئىي ھۆكۈم ھەققىدە سوئاللار يېغىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سوئاللارنىڭ نېگىزلىك، قىسقا ۋە ئەتراپلىق بولۇشىنى، شۇنداقلا سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنى ھەم يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جاۋابلارمۇ شۇ تەرىقىدە ئىخچاملىقنى ئاساس قىلىدۇ. زۆرۈرىيەتسىز دەپ قارالغان سوئاللار جاۋابسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8ZcIRLmYmvSMbb
https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2DAyTRMxUMpsd
https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIokDQzE4ec9tHg
https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd58OA4dhUs2O4
تېلېگرام قانىلى:
https://t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
1 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. مەن نورۋېگىيەدە ياشايمەن. بۇ يەردە ئۆي ئىجارىسى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، بەزى پەتىۋالاردا «بانكا ئارقىلىق بىر تال ئۆي سېتىۋالسا جائىز بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بەرگەن ئىكەن. بىز سىلىدىن سوراشنى توغرا كۆردۇق. ئاللاھ رازى بولسۇن. سورىغۇچى: ئىبراھىم – نورۋېگىيە
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەيلى ئۆي سېتىۋېلىش، مەيلى ماشىنا سېتىۋېلىش، مەيلى باشقا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ياكى ئۇندىن باشقا شەخس ياكى ئورۇنلاردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ. ماددىي ئىمكانىيىتى بارلارغا ياۋروپادىمۇ «دۇرۇس» دېگەن پەتىۋا بېرىلمىگەن. گەرچە ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ياۋروپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (The European Council For Fatwa and Research)»نىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى زۆرۈرىيەتنى ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىگە خاس بەزى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشى ئۆزى ئولتۇرىدىغانغا پەقەت بىر ئۆي سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىپ پەتىۋا بەرگەن بولسىمۇ، «جائىز بولمايدۇ» دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن غەرب ئەللىرىدىمۇ بانكا ئارقىلىق ئۆي ياكى ماشىنا سېتىۋېلىشنى دۇرۇس دېمەيمەن.
2 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىم تۆۋەندىكىچە:
1) قولۇمدا تاماق توشۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر موتسىكلىت بار، 11 مىڭ لىراغا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن تاماق توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئائىلەمنى قامدايمەن، زاكات بەرمەكچى بولسام بۇ موتسىكلىتنىمۇ قوشۇپ ھېسابلايمەنمۇ؟
2) زاكات بەرگەندە، ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى ئالغۇچىغا بىلدۈرۈش شەرتمۇ؟ مىسال، مەن زاكاتنى ئاكامنىڭ ئۆيىگە ياكى باشقا يېقىنلىرىمغا بەرمەكچى بولسام، ئۇلارغا بۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى دېمەيلا، بىرىنىڭ ياردىمى ئىكەن، ياكى سەن ئىشلەتكىن… دېگەندەك گەپلەر بىلەن بەرسەم ئادا بولامدۇ؟
3) ئۆلۈپ كەتكەن ئانام ئۈچۈن سەدىقە قىلماقچى بولسام ۋە بۇ پۇلنى يوقسۇل بىر تۇغقانلارغا بەرسەم بولامدۇ؟
4) مەن بۇ يىل ئىنشائاللاھ زاكات بەرمەكچى، ئەمما تۈرك تونۇشلار بەزى پۇل ۋە يېمەكلىك يەشىكلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر شۇ نەرسىلەر بىراۋنىڭ زاكىتى بولۇپ قالسا، بىز ئالساق دۇرۇسمۇ؟ چۈنكى، «بۇ زاكاتمۇ يا خەير – ئېھسانمۇ؟» دەپ سورىغىلى بولمىغاندىكىن، يەنە بىرى بىرقانچە ئائىلىگە بىراقلا ئەكىرىپ بېرىدىغان بولغاچ، بۇنى ئالساق بولامدۇ؟ ئەگەر زاكاتلىقىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردە ئېلىشقا بولامدۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر- تۈركىيە
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) موتسىكلىتنى قوشۇپ ھېسابلىمايسىز. 2) زاكات ئىكەنلىكىنى ئېغىزىدا ئوچۇق دېيىش ئادا تېپىشنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇڭا، ھازىرقى كۈنىمىزدە زاكاتنى شەخسلەر ئۆزلىرى بېرىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر شەخسنىڭ زاكات ئېلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا زاكاتنى بەرگەندە: «بۇنى ئشلەتسىلە»، «بىرىنىڭ ياردىمى ئىكەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالغۇچىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلىشى كېرەك. 3) سەدىقە ۋە زاكاتلارنى يوقسۇل بىر تۇغقانغا بەرسە ھەم ئادا تاپىدۇ، ھەم سىلە – رەھىم ساۋابى بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مىسكىنگە قىلىنغان سەدىقە سەدىقە، تۇغقانغا قىلىنغان سەدىقە ھەم سەدىقە، ھەم سىلە – رەھىم»(تىرمىزىي، 658) دېگەن. 4) «بۇ زاكاتمۇ؟» دەپ سوراپ بېقىش كېرەك! زاكاتلىقىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردە، ئېلىشقا بولمايدۇ. بىلەلمىگەن تەقدىردە، ئەگەر ئېھتىياجى بولمىسا، ئالمىغىنى تۈزۈك.
3 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. رامازاندا تۈرۈكلەرنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يەنى موتسىكلىت ئارقىلىق سىپارىش توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رامازاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش ئاسىيلىققا ياردەم قىلىش ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقانلارغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ. خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارغا رامازان كۈندۈزىدە تاماق توشۇشقا بولمايدۇ.
4 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، باشقا دۆلەتتىن بىر قېرىندىشىمىز ئىپتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئانى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ بەرگەن بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىپتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن، مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئۆزىگە، بالا – چاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ (ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)»(«ئەبۇ داۋۇد»، 2357. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن). بۇنىڭ ئىپتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!)»(«ئىبنى ماجە»، 1753. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ھەسەن» دېگەن)
«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم)»(«ئەبۇ داۋۇد»، 2358. بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت «الأذكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن).
ئەمما سوھۇرلۇقتا مۇئەييەن بىر دۇئا يوق. خاھلىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ.
5 – سوئال: ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلارغا يوللىساق بولامدۇ؟ (بىر ئايال كىشى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى ئاۋازلىق ئوقۇغان ئىكەن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولمىغاندىن كېيىن، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بولسا، يوللىسا بولىدۇ.
6 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر ئوقۇغۇچى ۋە شۇنداقلا ئائىلە ئايالى، يولدىشىم ئوقۇغۇچى ئىدى، ئەمما ئىقتىساد تۈپەيلى باشقا دۆلەتكە ئىشلەشكە كەتتى، بۇ يىل مەكتەپكە كىرىدۇ. مەقسەد مېنىڭ زاكات كېلىدىغان ئالتۇنۇم بار، ئەمما ئۇ ئانامنىڭ قولىدا. مېنى سېتىپ سالمىسۇن دەپ ئانام ساقلايدۇ، يولدىشىم باشقا دۆلەتتە ئىشلىگەچكە ئازراق پۇلىمىز بار، ئەمما ئۆي، ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلىرىمىز يوق. مەن بىر تور دەرسخانا ئوقۇتقۇچىسى، باشقا دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلار «زاكات» دەپ كارتىغا پۇل سېلىپ قالسا، بۇ ماڭا دۇرۇس بولامدۇ ياكى دۇرۇس ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات كېلىدىغان ئالتۇنغا زاكات ئايرىش كېرەك. ئەمما، يولدىشىڭىز قەرزدار ياكى قولىدىكى ئىقتىساد زاكات بەرگۈدەك بايلىق ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان بولسا، ئېرىڭىز زاكات ئالسا بولىدۇ. سىزمۇ زاكىتىڭىزنى ئېرىڭىزگە بەرسىڭىز بولىدۇ.
7 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋىتردا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلسام بولامدۇ؟ سورىغۇچى: نورۋېگىيەدىن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گەرچە «قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلسا بولىدۇ» دېگەن قاراش بار بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرى مۇسۇلمانلارغا مۇئەييەن قۇنۇت دۇئاسىنى ئالاھىدە ئۆگەتكەن بولغاچقا، قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلماي، سەجدە ياكى ئەتتەھىيياتۇنىڭ ئاخىرىدا ياكى نامازدىن كېيىن خاھلىغانچە ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى، قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىش ئەقەللىي تەقدىردە سۈننەتكە خىلاپ بولىدۇ.
8 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازاندا تاقالمايدىغان تۈرك ئاشخانىسىدا قاچا يۇغۇچى بولۇپ ئىشلەش دۇرۇسمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر تۈركىستانىي – تۈركىيە.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق دائىرىسىگە كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىپتاردىن كېيىنكى سائەتلەردە ئىشلەشنى تاللىسا ياكى رامازاندا باشقا بىر ئىش قىلىپ تۇرسا توغرا بولىدۇ.
9 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، kyani ماركىسىدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئەزا بولۇش، ئەزا ئەكىرىش دېگەندەك شەكىل بىلەن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھالالمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر – تۈركىيە.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «بىۋاسىتە سېتىش»، «ئۇدۇل سېتىش»، «تورسىمان سېتىش»، «پىرامىداسىمان سېتىش» ۋە «شاخلىتىپ سېتىش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامۋاي Amway كىيانىي kyani، ئاتومى Atomi ۋە ئورىفلام Oriflame قاتارلىق بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان سېتىش شىركەتلىرىدە تىجارەت قىلىش ھارام. چۈنكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ سىستېمىسىدا نامەلۇملۇق، باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش، قىمار، ئەزالىق ئۈچۈن پۇل تۆلەش ياكى مەھسۇلات سېتىۋېلىش، ساختىپەزلىك بىلەن ئالدامچىلىققا تاۋارنى پەردە قىلىۋېلىش قاتارلىق ناتوغرا توختاملىشىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى ياكى بىرقانچىسى تېپىلىدۇ. بۇلار بۇ تۈرلۈك تىجارەتنىڭ ھاراملىقىغا كۇپايىدۇر. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ تۈرلۈك تىجارەتتىن يىراق تۇرۇپ، پاك – ھالال يېيىشكە دىققەت قىلىشى، باشقىلارنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالدىماسلىقى زۆرۈر. بولمىسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ.
10 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ياكى ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى ھەققىدە پەتىۋالىرى بولسا يوللاپ بەرسىلە بوپتىكەن. مەسىلەن بۇ يىل ھامىلدار بولۇپ كېلەر يىلى ئېمىتىۋاتقان بولسا كەينى – كەينىدىن تۇغقان ئايالغا نىسبەتەن نەچچە يىللىق روزا يىغىلىپ قالىدىغان ئىشكەن. ئۇنىڭ فىدىيەسىنى بېرەمدۇ ياكى قالغان ھەربىر كۈنگە تولۇقلاپ تۇتامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قىينالسا ياكى بالىلىرىدىن ئەنسىرىسە، روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇلار كېيىنچە قازاسىنى تۇتالايدىغان بولسا قازاسىنىلا قىلسا بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولسا، قازاسىنى تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىدىيە بېرىدۇ.
11 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئايال كىشى باشقا ئەر – ئايال جامائەت بىلەن سەپەرگە چىقسا بولامدۇ؟ يەنى بۈگۈنكىدەك مەھرەملىرىمىز ۋەتەندە قالغان، مەھرىمىمۇ، ۋەلىيسىمۇ يوق ھالەتتە ھەرەمگە بارسا ۋەيا ئايال كىشىنىڭ ھازىرقىدەك مەھرەملىرىمىز بىلەن بىرگە بولالمايۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە، مەسىلەن تۈركىيەدىن ياۋروپاغا يا باشقا دۆلەتكە بارسا، يا ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە مەھرەمسىز بارسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايال كىشى مەھرەمسىز ھالەتتە پەقەتلا بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەر ۋە ئايال بىر گۇرۇپپا بولۇپ سەپەر قىلسا بولىدۇ. ھەجگە ياكى باشقا سەپەرگە مەھرەمسىز چىقسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ساجىيەدە تەپسىلىي پەتۋا بار. https://sajiya.biz/?p=562
12 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. رامازاننىڭ نىيىتىنى «ئوتتۇز كۈنلۈك» دەپ بىراقلا قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ رامازاننىڭ نىيىتى ئەڭ توغرا شەكىلدە قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلۋەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇتۇشنى نىيەت قىلغان كىشى ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.
13 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھامىلدار ئاياللار روزا تۇتقاندا قۇسسا، روزىسى سۇنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىختىيارسىز قۇسۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.
14 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن قان ئېلىش توغرا كەلسە، بىلەكتىن ئالغان قان سەۋەبىدىن تۇتقان روزىمىز بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش «مەكروھ» دەپ قارىلىدۇ. جىددىي ئەھۋال بولمىسا، قان ئالدۇرۇشنى كېچىگە توغرىلاش تېخىمۇ ياخشى. دوختۇرخانىغا جىددىي كىرىپ قالغاندا كېسەلگە رۇخسەت بولغاچقا، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قان ئالدۇرۇۋېتىپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
15 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، نەپلە ناماز دېگەندەك ئىبادەتلىرىمىزنى ۋاتساپ سۇپىسىغا «باشقىلار كۆرسۇن» دەپ چىقىرىش توغرىمۇ؟ بۇنداق قىلىش ئىبادەتلىرىمىزدىكى رىياغا كىرەمدۇ – يوق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك.
16 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) ئالالمىغان قەرز پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟
2) قەرز ئالغۇچى ئېھتىياجلىق ۋە قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا، قەرز پۇلنى زاكاتقا ھېساپلىۋەتسە دۇرۇسمۇ؟
3) بىر تىجارەتچى قولىدا مال بار، ئەمما نەق پۇل يوق بولۇپ قالسا، زاكاتنى كېچىكتۈرسە دۇرۇسمۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» 1985 – يىلىدىكى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 2 – قۇرۇلتىيىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «1 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولسا، قەرز پۇلنىڭ زاكىتى ھەر يىلى قەرز بەرگۈچىگە كېلىدۇ. 2 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە، قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ». بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋاغا قارالسۇن:
https://sajiya.biz/?p=2793
2) زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتسە بولامدۇ؟ يەنى بەرمەكچى بولغان زاكىتىنى ئالماقچى بولغان قەرزىگە ھېساب قىلىۋەتسە بولامدۇ؟
زاكاتنى قەرزدارنىڭ قەرزىگە ھېسابلىۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 280 – ئايەتىدە: ﴿ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار! ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر﴾ دەپ، قەرزدىن ئۆتىۋەتكەنلىكنى «سەدىقە» ھېسابلىدى. شۇڭا شەكىل ئېتىبارى بىلەن ئەمەس، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ سەدىقە ھېسابلانغانىكەن، زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋېتىشمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئەمما، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:
بىرىنچى، قەرزدارنىڭ قەرزنى تۆلىگۈدەك ھالى بولماسلىقى كېرەك. ئەمما قەرزنى تۆلىگۈدەك ئەھۋالى بار تۇرۇپ، قەرزىنى قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتقان قەرزدارغا ھېساب قىلىۋەتسە دۇرۇس بولمايدۇ.
ئىككىنچى، زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتكەن چاغدا قەرزدارغا دەپ قويۇشى لازىم.
3) تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بازىرى كاسات بولۇپ، قولىدا زاكاتقا بېرىدىغان نەق پۇل بولمىسا، ئەگەر ئۇ تاۋارلار كەمبەغەللەر پايدىلىنالايدىغان تاۋارلاردىن بولسا، تاۋارنىڭ ئۆزىدىن زاكات ئايرىيدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پۇل تاپقان چاغدا ياكى ئۇ تاۋارلار سېتىلغاندا، بېرەلمىگەن يىللارنىڭكىنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.
17 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. يوللاردا كېتىۋاتقىنىمىزدا ئالدىمىزغا سۇرىيەلىك ۋە ياكى چىنگەنە مىللىتىدىن بولغان بىرقىسىم كىشىلەر تىلەمچىلىك قىلىپ ئالدىمىزغا كېلىدۇ. پۇل ئېلىش ئۈچۈن، «ئاللاھ، مۇھەممەد ئۈچۈن» دېگەندەك شۇ قەدەر جىق گەپلەرنى قىلىدۇ… بۇلار تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جان بېقىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغاندەك ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۇلارغا پۇل ۋەياكى ماددىي نەرسىلەرنى بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بەرمىسەك، ئۇلار«بىرنەرسە تەلەپ قىلىپ قولىنى ئېچىپ كەلگەن كىشى» بولۇپ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالغا قاراپ ھەقىقىي موھتاجلىقىنى پەملىگەن كىشىگە سەدىقە بېرىش، موھتاج ئەمەستەك كۆرۈنگىنىگە بەرمەسلىك ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا بەرمىسە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر پەمى بويىچە «ھەقىقىي موھتاج» دەپ قارىغان سائىلغا سەدىقە بەرگەن بولسا، ھەقىقەتتە ئۇ موھتاج ئەمەس بولسا، يەنىلا سەدىقىسىگە ساۋاب ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6678
18 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىچىك بوۋاق بالىسى بار ئايالنىڭ سۈتى يېتىشمەي بالىغا سۈت پاراشۇكى قوشۇمچە قىلىش كېرەك بولغان ھالدا، بۇ ئايال روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقى ئەۋزەلمۇ؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇتماي كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ئەۋزەل.
19 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بەزى مەسجةدلەردە تەراۋىھ نامىزىنى بەكلا قىسقا ئوقۇيدىكەن، مۇشۇنداق مەسچىتلەردە تەراۋىھ ئوقۇساق، شۇمۇ تەراۋىھ ھېساپلىنامدۇ ياكى سەل ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرگە بېرىپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغىنىغا بېرىش ئەۋزەل.
20 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تەراۋىھ ئوقۇغاندا بىر پارە ئوقۇيدىغان جامىلەردە ئوقۇساق، ئەمما 1- پارىدىن باشلاپ ئوقۇغاچقا بىز بىلمىگەن سۈرە بولغاچقا دىققەتنى يىغالماي، باشقا دۇنيالىق ئىشلارنى ئويلاپ قالىدىكەنمەن. دىققەتنى يىغالماي ساۋابىم يوقاپ كېتەرمۇ؟ ياكى ئۆزۈم بىلىدىغان 30 – پارىنى ئوقۇيدىغان جامىلەردە ياكى ئۆيدە ئۆزۈم ئوقۇسام بولامدۇ؟ (تۈركىيە – مۇستاپا)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ساۋاب دىققەتكە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا، دىققەت يىغىشقا پايدىسى بولسا، باشقا جامىدە ياكى ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
21 – سوئال: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئۆزىمىز قۇرئانغا قاراپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ مىسال قۇرئاننى ئالدىمىزغا ئېگىزرەك يەرگە قويۇپ قويساق… (ئائىشە – تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يادا بىلمەيدىغان كىشى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ، قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5619
22 – سوئال: 8 – ئايغا يېقىن ھامىلدار ئاياللار رامازان ئېيىدا ئۆزى خاھلاپ روزا تۇتسا بولامدۇ ياكى چوقۇم تۇتماسلىق كېرەكمۇ؟ تۇغۇشقا ۋاقىت ئاز قالغاندا تۇتسا ھامىلىنى قىيناپ قويغان بولامدۇ ھەم جاھىللىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ياكى بەرداشلىق بېرەلىسە تۇتسا بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا قىسقىچىلا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئېنىق بىر پەتىۋا يوقكەن تۇتسىمۇ ياكى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىگە قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ.
23 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھامىلدار ئايال روزا تۇتالمىسا، ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. تۇتمىسا، كېيىنچە قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ.
24 – سوئال: قولىدا قانچىلىك پۇل بولسا زاكات كېلىدۇ؟ ئۇستاز! تۈركىيەدە ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ئېلىش پىلانى بار. ئاللاھ رازى بولسۇن. بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىلقى ئالتۇن باھاسىغا قارىغىنىمىزدا، قولىدا ئېھتىياجىدىن ئاشقان پۇل 5 مىڭ دوللاردىن ئاشسا زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي مۈلكى بولمىسىمۇ، ئۇ پۇل ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان پۇل بولسىمۇ زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2807
25 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! روزىدار ئادەم زىققا كېسىلى دورىسىنى، بۇرۇن ياللۇغى دورىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ (شۇنى ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ۋاقىتتا)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تېمىتىدىغان، ياكى چايقايدىغان ۋەياكى پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلۋەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.
26 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۇستاز ۋە بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن.
1) روزىدار ھالەتتە چىش پاستىسى ئىشلىتىپ چىش چوتكىلىسا بولامدۇ؟
2) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چىش چوتكىلىمىغىنى ئېسىگە كېلىپ چىشىنى چوتكىلىغان بولسا، چىش چوتكىلاش جەريانىدا چىش مىلىكىدىن چىققان قان سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرگە بولسۇن. 1) «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چىشنى تېشىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىش تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلۋەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.
2) سۇنىدۇ.
27 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.
ۋەتەندىن چىققاندا ئىچكىرىدىكى ئىككى زاۋۇتقا (شۇ خىتتايلارنىڭ) قەرزىم قالغان ئىدى، ھازىر شۇ قەرزلەرنى قايتۇرغۇدەك ئەھۋالىم بار. شۇڭا، ئۇ قەرزلەرنى قايتۇرغىنىم ئەۋزەلمۇ ياكى قايتۇرسام توغرا بولمايدىغان يېرى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! قايتۇرۇش ئەۋزەل.
28 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياۋروپا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە بىرلىككە كەلگەن ئىفتار ۋە سوھۇرلۇق ۋاقتى يوق. ئوخشاش شەھەردىكى ئەرەب مەسجىدى بىلەن تۈرك مەسجىدىنىڭ بىر سائەت، سومالى، پاكىستان مەسجىدلىرى بىلەنمۇ بەك چوڭ ۋاقىت پەرقى چىقىۋاتىدۇ. تېلىفۇندىكى 5، 6 پەرقلىق ئەپلەر پەرقلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. قايسى ۋاقىتقا قارىساق توغرا بولىدۇ؟ نورۋېگىيەدىن يېزىۋاتىمەن، ئوخشاش كوچىدىكى ئۈچ مەسجىدتە بىر سائەت پەرق بىلەن سوھۇرلۇق، ئىپتارلىق قىلىنىدىكەن، ئەپلەردىمۇ 50 مىنۇتقىچە پەرقلىق چىقىۋاتىدۇ، قايسىسىغا ئىقتىدا قىلىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر تاڭ ئېتىش ۋە كۈن پېتىشنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشقا قاراپ ئېنىق ئايرىيالىسىڭىز ئۆزىڭىز بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئاشۇ مەسجىدلەرنىڭ بىرىنى تاللاپ شۇ بويىچە روزا تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يەپ – ئىچىش روزىنى بۇزىدۇ. ئەمما، سوھۇرلۇقنى بۇرۇن توختاتسا ياكى سەل كېچىكىپ ئىفتار قىلسا، روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.
29 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. روزىدار ھالەتتە فىزىكىلىق داۋالاش قىلىپ، باشقا قۇرۇق يىڭنە سانجىپ، سۈلۈك قويسا روزا سۇنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرۇق يىڭنە سانجىش، سۈلۈك بىلەن قان شورۇتۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.
30 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئىفتار ۋاقتى توشۇپ كەتكەن بولسا، يېنىمىزدا ئېغىز ئاچقۇدەك بىرنەرسە بولمىسا، دۇئا بىلەن ئاچساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىدارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا يېقىن. لېكىن، كۈن پېتىپ ئىفتار ۋاقتى بولسا روزىدار مەيلى ئېغىز ئاچسۇن – ئاچمىسۇن روزا ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
31 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. رامازاندا كورونا بولۇپ روزا تۇتالـمىغانلار كېيىنمۇ تۇتۇشقا قۇربى يەتمەي يەنە بىر رامازان كېلىپ قالغان بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىدىيە بېرىدۇ. فىدىيە بېرىپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى يىلى پۇرسەت بولسا قازاسىنى تۇتىدۇ.
32 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارچە ئەزىز مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ رامازان ئېينى تەبرىكلەيمەن.
جۈملىدىن دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا ئاللاھتىن سەبىر ئاتا قىلىشىنى ۋە مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى تىلەيمەن.
سوئالىم: رامازان ئېيىدا سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىپ، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ ئىچىپ سالسا، روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟
يەنە بىر سوئال: سۇ ئۈزۈش جەرياندا دوستلار ۋەياكى قېرىنداشلار بىر – بىرنى سۇغا چۆكتۈرىدىغان بىر ئادەتلەر بار. ناۋادا مۇشۇ جەرياندا سۇ ئىچىپ سالسا روزا بۇزۇلامدۇ، يوق؟ ئەگەر بۇزۇلسا قازاسىنى چۆكتۈرۈۋەتكۈچى تۇتامدۇ ياكى سۇ ئىچىپ سالغۇچى تۇتامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئامىن! رەھمەت. «روزىسى سۇنىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ «سۇنمايدۇ» دېگەنلەرمۇ بار. «ئىختىيارسىز گالدىن ئۆتۈپ كەتسە سۇنمايدۇ» دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە، كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېتىش كېرەك. شۇڭا، رامازاندا سۇغا چۆمۈلۈش ۋە سۇغا چۆكتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ياخشى.
33 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇق يەۋاتقاندا ئەزان چىقىپ قالسا، داۋاملاشتۇرۇشقا بولامدۇ ياكى توختىتامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېچىكىپ قالغان ئەھۋاللاردا ئەزان ئاخىرلاشقۇچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئەزاننى تاڭ ئېتىشتىن 15 – 25 مىنۇت بۇرۇن ئوقۇيدۇ.
34 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. رامازاندا كۈندۈزى چىش زاماسكىلاتسا ياكى يۇلدۇرۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىدار چىش زاماسكىلاتسا ياكى چىش تارتقۇزۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا، روزىسى سۇنمايدۇ. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشلارنى ئىفتاردىن كېيىنگە ئۇدۇللاش ياخشى.
35 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇستاز! رامازان روزىسى ئۈچۈن فىدىيە بەرمەكچى بولغان كىشى ئۇنى شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەكمۇ ياكى ( ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقىتنى سەل كەينىگە سوزۇپ) كېلەر يىلى رامازان كەلگۈچە بېرىۋەتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. چوقۇم شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەك، ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن كېلەر يىلىغىچە بەرسىمۇ بولىدۇ.
36 – سوئال: ئۆيدە پەرز ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ئالدىمىزدىن ئىككى – ئۈچ ياشلىق كىچىك بالا ئۆتسە، ناماز بۇزۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناماز بۇزۇلمايدۇ.
37 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تەراۋىھ نامىزىنىڭ خاسىيىتى ۋە ساۋابى توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى سورايمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. ئەمما، سەھىھ ھەدىستە ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» («بۇخارىي»، 37) دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامازاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى بۇ غەنىيمەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.
38 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. جۇنۇپلۇق ھالەتتە بىرنەرسە يېسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەب.
39 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەر كىشى ئايالىنىڭ مېھىر ھەققىنى (تويلۇقىنى) ئايالىنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مېھىر ھەققىنى ئېرىدىن سورىماي ئىشلەتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەھر (تويلۇق) ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ، ئايال ئۇنى ھېچكىمدىن رۇخسەت ئالماستىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ. ئۇنى ئايالدىن ئېرى ياكى ئاكىسى رازىلىقىسىز ئېلىۋالالمايدۇ. ئېلىۋالسا زۇلۇم بولىدۇ.
40 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇشۇ بىر – ئىككى يىل يىلنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلار مۇشۇ تاكسىتلىق يەنى ھەر ئايغا بۆلۈپ تۆلەيدىغان قىلىپ سېتىلىدىغان ئۆي، ماشىنا دېگەندەك مۈلۈكلەرنى سېتىۋالىدۇ. بۇلار كۆرۈنۈشكە «ئۆسۈم چىقمايدۇ» دەيدىكەن ھەم ئاشۇ شىركەت 15 – 20 مىڭ تېلىنى بىرلا ۋاقىتتا «رەسمىيەت ھەققى» دەپ ئالىدىكەن، مۇشۇ شەكىلدە ئالغانلارمۇ ھەم «ئالىمىز» دەپ ساقلاۋاتقانلارمۇ بار. ئالغان مۈلۈكنى بانكىغا باغلاپ قويىدىكەن، ئۇزۇن يىللارغىچە ھەتتا ئاشۇ قەرزىنى تولۇق تۆلەپ بولمىغۇچە ساتقىلى ياكى نامىنى يۆتكىگىلى بولمايدىكەن. مۇشۇنداق شەكىلدە ئالغانلار، مۇشۇ ئىشقا كىرگەنلەر شەكلى ئۆزگەرگەن جازانىغا كىرەمدۇ؟ مۇشۇنىڭغا تەپسىلىي جاۋابىنى ساقلايمىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ خىل سودا جازانە بولىدۇ.
41 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىم ۋەتەندە قالغان. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئالغان، زاكات بېرىش ئۈچۈن ۋەتەندىكى ئالتۇننىمۇ بىللە قوشۇپ ھېسابلاپ بېرەمدىمەن ياكى قولۇمدا بار ئالتۇنغىلا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ۋەتەندىكى ئالتۇنلار سىزنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنى سېتىش ۋە بىرسىگە بېرىۋېتىش مۇمكىن بولغان تەقدىردە، بۇمۇ سىز پايدىلىنالايدىغان مۈلك بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ زاكات ئايرىيسىز. ئەمما، ئۇ ئالتۇنلارنى سىز بىرتەرەپ قىلالمايدىغان بولسىڭىز ھازىرچە ئۇنىڭغا زاكات ئايرىمايسىز.
42 – سوئال: 1) كۇفرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئىماندىكى يەتمىش نەچچە شاخقا ئوخشاش چۈشەنچە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
2) بىر ئادەم «خۇدا بار» دېسە، ئەمما خۇدانىڭ بارلىقىغا روشەن دەلىل كەلتۈرەلمىسە، لېكىن كىشىلەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، بىراق كىشىلەر كۆرمىگەندە گۇناھ ئەمەللەرنى ئۆز نەپسىدىن ھۆكۈم ئېلىپ ئۆتىۋەرسە، بۇ كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت. (سورىغۇچى: ئىدلىبتىن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كۇفۇر ھەققىدە گەپ قىلساق ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئىخچاملىغىنىمىزدا: كۇفۇر دېگەن ئاللاھ ۋە رەسۇلىگە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشەنمەسلىكتۇر. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىك، شەرىئەت ھالال دېگەننى ھارام، ھارام دېگەننى ھالال دەپ تۇرۇۋېلىش، شەرىئەتكە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتىش، مۇنافىقلىق، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھاقارەتلەش، تەۋەللا – تەبەررا بولماسلىق، بۇتقا چوقۇنۇش قاتارلىق قەلبتە ياكى تىلدا، ياكى ئىش – ھەرىكەتتە كۆرۈلىدىغان بۇ تۈرلۈك كۇفۇرلار دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇفۇردۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىرەر ئالاقىدار كىتابنى ياخشى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىۋېلىش كېرەك.
2) «خۇدا بار» دېسە، ۋە خۇدانىڭ بارلىقىنى روشەن دەلىل بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، مۇئمىن. چۈنكى ھەربىر مۇسۇلمان دەلىل ئەھلى بولمايدۇ. گۇناھ ئىشلارنى قىلسا ئاسىي بولىدۇ. يەنى ئاسىي مۇسۇلمان.
43 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ياكى بىرقانچە ماشىنىسى بار كىشى ماشىنىنى ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلسا ياكى كىراغا بېرىدىغان بولسا، بۇ ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ يەنى ماشىنىدىن تاپقان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ ياكى ماشىنا قىممىتىمۇ قوشۇلۇپ نىسابتىن ئاشسىلا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنىنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. ساپ كىرىمىگە %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ.
44 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز!
1) سوھۇرلۇق ئەزانى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان ۋىتر نامىزىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟
2) ئاخىرىدا ۋىتر نامىزى ئوقۇش بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر سوھۇرلۇق ئەزانى چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ ئەگەر ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خاھلىساق، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى رەسمىي كىرگۈچە نەفلە ناماز ئوقۇساق توغرىمۇ (جائىزمۇ)؟ ئەگەر جائىز بولمىسا، قايسى خىل ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغىنىمىز ئەۋزەل؟
3) «جىن چاپلىشىپ قالغان كىشى رامازان ئېيىدا ئوڭشىلىپ قالىدۇ» دېيىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ «رامازان ئېيىدا جىن – شەيتانلار باغلانغاچقا شۇنداق بولىدۇ» دەيدىكەن. شەيتانلار باغلانغان تۇرۇقلۇق بەزىدە كىشىدە بولۇپ تۇرىدىغان قۇرۇق خىيال، ۋەسۋەسىلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ «رامازان ئېيىدا مۇسۇلماندا ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەر يۈز بەرمەيدۇ» دېيىش ئورۇنلۇقمۇ؟
4) (شۇرۇق) كۈن چىقىش نامىزىنى رامازانلىق ۋاقىت جەدۋەلىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە دەل سائىتىدە ئوقۇيمىزمۇ ياكى مۇشۇ يېزىلغان ۋاقىتتىن بەش، ئون مىنۇت ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇشىمىز كېرەكمۇ؟
5) ئىپتار ئەزانى چىقىپ، تامىقىمىزنى قانچىلىك ۋاقىت يەپ بولۇپ، ئاندىن شام ناماز ئوقۇساق ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىمىز؟
6) روزا تۇتۇپ سۈرمە سۈرۈش جائىزمۇ؟ ( ئورنۇم تۈركىيە قەھرىمانماراش)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بولىدۇ. 2) ۋىتر بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەزان چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلغان بولسا، بامدات ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ – دە، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئاتماستىن ئوقۇلغان بولسا بولىدۇ. 3) «شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەدىستە: «رامازان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ. «شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟» دېيىش ئورۇنسىز. چۈنكى، گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئادىمىي شەيتانلار قاتارلىقلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ. 4) چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەپلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 5) خورما ۋە ئىچىملىك بىلەن ئېغىز ئېچىۋېتىپ، شام ئوقۇۋېلىپ ئاندىن تاماققا ئولتۇرۇش مۇناسىپ. 6) داۋالىنىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، سۈرمە سۈرتۈش روزىغا تەسىر قىلمايدۇ.
45 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
1) زاكات قانداق ئايرىلىدۇ؟ مىڭ ياۋروغا ئون ياۋرۇ توغرا كېلەمدۇ ياكى يىگىرمە ياۋرۇمۇ؟
2) مەسىلەن، مەن بۇ يىل مىڭ ياۋرونىڭ زاكىتىنى بەردىم، كېلەر يىلىدا شۇ مىڭ ياۋرۇ كۆپەيمەي مىڭ ياۋرۇ پېتى تۇرسا، زاكىتى كېلەمدۇ ياكى كۆپەيگەن پۇلنىڭ سانى بويىچە زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) %2.5 مىقداردا بېرىسىز. يەنى مىڭ ياۋرۇغا 25 ياۋرۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2807
2) كۆپەيمىسىمۇ ھەر يىلى زاكات ئايرىيسىز. چۈنكى كۆپەيگەن بولۇشى شەرت ئەمەس.
46 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ، ئۇستاز! تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىنكى دەم ئېلىش پەيتىدە «ئاللاھۇممە سەللى ئەلا»نى ئوقۇشنى بىدئەت دېيىشىدىكەن، بۇنداق دېيىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارمۇ؟ (ئورنۇم سەفاكۆي)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىن ئەمەس، ھەر تۆت رەكئەتتىن كېيىن دۇرۇت ئېيتىش سۈننەت ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تەراۋىھنىڭ تۆت رەكئەت ئارىلىقىدا دېمىگەن، شۇنداقلا بۇ بىدئەتمۇ ئەمەس، بەلكى جائىز ھەم مۇستەھەبتۇر، چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا بىز ھەرقانداق ئىبارە بىلەن تەسبىھ ياكى زىكىر قىلساق جائىز ھەم مۇستەھەب بولاتتى، بۇ خىل شەكىلدە تەسبىھ ئېيتساقمۇ جائىز ھەم مۇستەھەب بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، بۇنى «سۈننەت» دەپ ئاتىۋالمىساقلا بولدى. ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «تاراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن يەنە، ئىمام ھەر تۆت رەكئەتنى ئوقۇپ بولغىنىدا تۆت رەكئەت مىقدارى ئولتۇرۇپ تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىپ دۇئا قىلىدۇ. بەشىنچى تۆت رەكئەتتىن كېيىنمۇ تۆت رەكئەت مىقدارى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سەلەفلەردىن كەلگەن». بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=739
47 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ئۇزۇندىن بۇيان سوراشنى ئويلاپ تۇرغان بىر سوئالنى سوراي دېگەنتىم. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 30 – ئايىتىدە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېگەندە، پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز… » دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ۋە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەرىشتىلەرنىڭ دېگىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا شۇ قان تۆككەن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز ۋە ھازىرمۇ كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭغا قاراپ ھەيران بولىمەن، پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن بىلەر بولغىيمىدى دەپ. ۋاقىتلىرى چىققاندا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك تەھلىل قىلغان: 1. پەرىشتىلەر ئۇ گەپنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆزئارا ھەسەتخورلۇق قىلىشىدىغانلىقتەك تەبىئىتىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن دېگەن. 2. پەرىشتىلەر خەلىفە دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئادەم بالىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. چۈنكى، خەلىفە دېگەن ئىسلاھ قىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ھەق – ناھەقنى ئايرىيدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتتىن توسىدۇ. 3. ئادەمدىن بۇرۇن زېمىندا جىنلار ياشىغان بولۇپ، پەرىشتىلەر بۇرۇن جىنلارنىڭ ئەسكىلىكىنى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى كۆرگەن ۋە بىلگەن بولغاچقا شۇنداق دېگەن.
48 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ناخشا – مۇزىكا توغرۇلۇق قانداق بۇيرۇقلار بار؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى، تەسىرى ۋە ئورۇندالغان مۇھىتقا قاراپ ھۆكمى پەرقلىق بولىدۇ. ھاراق – شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئېيتىش، تاماشا قىلىش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدۇ. مانا شۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشىنى ئېيتقان ۋە ئاڭلىغانلارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۈممىتىمدىن بىرقىسىم كىشىلەر مۇزىكىلار بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ»(«ئىبنى ماجە»، 4020) دېگەن. مۇزىكىمۇ ئوخشاش. بەزى ھەدىسلەردە داپ چېلىش، قوشاقلارنى ئېيتىش كەلگەن. مەسىلەن، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇكى: «قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز مىنادىكى چاغدا يېنىمدا ئىككى قىز داپ چېلىپ ناخشا ئوقۇۋاتاتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيىمىگە يۆگىنىپ ياتاتتى، (ئاتام) ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كىرىپ، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى ئېچىپ: ‹ئى ئەبۇبەكرى! ئۇلارنى توسمىغىن! چۈنكى بۇ ئايەم كۈنلىرى› دېگەن»(سەھىھەين).
49 – سوئال: ئەسساﻻمۇ ئەلەيكۇم، ساﻻمەت تۇرلىمۇ؟ رامازانلىرغا مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگەن مەسىلە بار ئىدى، پەتىۋا بەرسىلە:
بىز ئالتە جان، چوڭ ئوغلۇم ئۆيلىگۈدەك بولدى، دىندا ئوقۇۋاتىدۇ، كىچىكلىرى بەش ياش، ئۈچ ياش ۋە بىر ياشتىن. يولدىشىم بولسا، تۆت يىل بولدى، بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى قارىيلىقتا تەربىيەلەۋاتىدۇ، ئايلىق مائاشى 2000 لىرا، ھازىرقى باھادا بىزنىڭ يۈز ئەللىك مىڭ لىرادەك ئۆزىمىزنىڭ پۇلى بار. بۇ پۇلنى شۇ ۋەتەنگە ماڭساق، كىرا قاتارلىقلارغا ئىشلىتمىز دەپ ئاتاغلىق. ئەمما، بىزنىڭ يا ماشىنا، يا ئۆي، ھېچنېمىمز يوق. ھەم ئۆيدە ئىشلەيدىغانلارمۇ يوق، ھەتتا تۈركىيەدە قىزىل ئاي بار، بىز شۇنىڭغىمۇ كىرەلمەگلىك. قوشنىلار بەزىدە بالىلىرىمغا زاكاتقا كىيىم، بەزىدە پۇل، گۆش دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىرسە ئەپسالدىكەنمىز، «زاكات يېمەيمىز» دېسەك، «ساڭا دۇرۇس كېلىدۇ» دەپ ئەكىرىدۇ. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇ. زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ يا كەلمەمدۇ؟ بىر پەتىۋا بەرسلە.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىڭمۇ، پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رامازانى مۇبارەك بولغاي! سىلەرگە زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ. قاچانىكى ئىلكىڭلاردىكى 150 مىڭ لىرا خەجلىنىپ يېرىمىدىن ئاز قالسا، ئاندىن زاكات ئالساڭلار بولىدۇ.
50 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن! دوكتور! مېنىڭ پۇتۇمنىڭ چوڭ بارماق تىرناقنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ناركوز قىلماقچى ئىدى، روزام بۇزۇلامدۇ، بۇزۇلمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ناركوز قىلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.
51 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! يولدىشى «زاكات چۈشمەيدۇ» دەپ قويۇپ، ئائىلىسىگە بار ئىقتىسادتىن چىقىم قىلىپ بەرمەي، ئايال – بالىلىرى قىينىلىپ قېلىپ باشقىلار بەرگەن زاكات پۇلنى بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بولىدۇ.
52 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئىككى ئادەم ئۆزئارا «سەن پالانى ئىشنى قىلىپ سالساڭ، قىيامەت كۈنى سېنىڭ پۈتۈن ساۋابىڭ مېنىڭ بولسۇن ياكى ماڭا پالانى ئىشنى قىلىپ بەرسەڭ، مېنىڭ پۈتۈن ساۋابىم سېنىڭ بولسۇن» دەپ ۋەدىلەشكەن بولسا، بۇ توغرا بولامدۇ؟ قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن شۇنداق بىرسىنىڭ ساۋابى بىرسىگە بولىدىغان ئىش بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بۇنداق دېگەن ئەھۋالدا ھۆكمى قانداق بولىدۇ بىلمەيمەن. لېكىن، ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولۇپ، شەرت قىلىنغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقسا، قىيامەتتە ساۋابلارنى ئۆتۈنۈش ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىمالى بار. چۈنكى، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنىڭ ساۋابى ھەق ئىگىسىگە، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھى تاجاۋۇز قىلغۇچىغا يۆتكىلىدىغان ئىش بار.
53 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قەستەن ياكى ھەرقانداق بىر سەۋەپتىن قازا قىلغان بۇرۇنقى نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟ قازا نامىزى بار كىشىلەرنىڭ تەھەججۇد نامىزى ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇشى ئۇيغۇن بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قازاسىنى قىلىش كېرەك. قازا نامازلارنى ئوقۇپ بولغۇچە نەفلە نامازلارنى ئوقۇماي پەرزنىڭ قازاسىنى قىلىپ ماڭىدۇ. چۈنكى، پەرز نەفلىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
54 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بالىلار ئۆيدە زېھنىنى ئېچىش ئۈچۈن شاھمات ئوينىسا، ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز.
55 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئاڭلىسام بەزى ھەمشىرىلىرىمىز ئايرىم بىر ئۆيدە توپلىشىپ جامائەت بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان ئىشلار باركەن، دىنىمىزدا جامائەتكە كېلىشنىڭ بىر شەرتى ئەزان ئوقۇش، لېكىن خانىم قىزلار ئەزان ئوقۇيالمايدۇ. ئىقامەت (تەكبىر) كەلتۈرۈشىمۇ مەكرۇھ، رەسۇلۇللاھ ناماز ھالىتىدىمۇ قىزلارنىڭ مەھرەمىيتىنىڭ داۋام قىلىشىنى تەشۋىق قىلغان. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە مۇسلىمەلەرنىڭ ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىماملىق قىلغان ئەھۋاللار بار ئىدى، لېكىن كېيىن يالغۇز ئۆيدە ئوقۇش تەشۋىق قىلىندى… ھازىرقى شارائىتتا زادى جائىز بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن (ئامىن).
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار مەيلى مەسجىدلەرگە بېرىپ ئوقۇسۇن، مەيلى ئۆيدە توپلىشىپ ياكى يالغۇز ئوقۇسۇن جائىز.
56 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ رامازان كۈندۈزلىرى سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن ۋاكسىنا سالغۇزسا، روزا سۇنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سۇنمايدۇ.
57 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ قەستەن روزىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن 60 كۈن روزا تۇتۇش ۋاجىب بولغان كىشى روزا تۇتالماي كەففارەت بەرمەكچى بولسا، ھازىرقى تۈركىيە ھېسابىدا نەچچە پۇللۇق تاماق بەرسە بولىدۇ؟ تاماق بەرمەي، پۇل بەرسە بولامدۇ؟ 60 ئادەمگە بېرىش كېرەكمۇ ياكى بىر ئادەمگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل. بۈگۈنكى باھادا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر مىسكىن ئۈچۈن 60 لىرادىن ھېسابلىسا بولىدۇ.
58 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن گوللاندىيەدە تۇرىمەن، ئىككى ئايدىن ئاشتى ئاشقازان كېسىلى بولۇپ تېخىچە ساقىيالمىدىم، مىزاجلىرىممۇ بەكلا قالايمىقانلىشىپ كېتىگلىك. شۇ سەۋەپتىن، يولدىشىم ۋە پەرزەنتىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمگىمۇ ئېغىر تەسىر يەتتى. قوشۇمچە كېسەللىكلەردىن: بالىياتقۇ ۋە ئۈچەي يوللىرىمدىمۇ كېسەللىك بار، راستتىنلا نورمال تۇرمۇشۇمغا بەك تەسىر قىلدى، داۋالىنىشقا بەكلا ئېھتىياجلىقمەن. بۇ يەردە داۋا تېپىپ بولالمىغاچقا، تۈركىيەگە بېرىپ داۋالىنىپ كېلىشنى ئويلاشقانتىم، بىراق يولدىشىم ئىشلەيدىغان بولغاچقا ۋە ئىقتىساد سەۋەپلىك مەن بىلەن بىللە بارالمايدۇ. سىڭلىم ۋە تۆت ياشلىق ئوغلى مەن بىلەن بىللە بارماقچى. تۈركىيەدە ئىشەنچلىك قېرىنداشلار بار ھالەتتە سەپەر قىلسام بولامدۇ؟ سەل جىددىيتى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تېزراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بەك خۇرسەن بولاتتىم. (رەيھانگۈل – گوللاندىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. داۋالىنىشىڭىز زۆرۈر بولسا تۈركىيەدە ئايال تونۇشلار ياكى ئائىلىلەر ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، داۋالىنىش جەريانىدا خەۋەر ئېلىپ يولغا سېلىپ قويسا، زۆرۈرىيەت ئۈچۈن جائىز بولىدۇ.
59 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاياللار ئايرىم جامائەت بولۇپ پەرز ناماز ئوقۇغاندا تەكبىر چۈشۈرۈپ ئوقۇمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا ئەزان ياكى تەكبىر توۋلىمايدۇ.
60 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ئۈچ سوئالىم بار ئىدى:
1) ئەر كىشىنىڭ مېلىدا ئايال كىشىنىڭ ھەققى بارمۇ؟
2) ئەر كىشىنىڭ زاكات بەرگۈدەك مال مۈلكى بولسا، ئايالىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل مېلى بولمىسا، باشقىلار بەرگەن زاكاتنى قوبۇل قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
3) ھازىر ۋەتەندە قالغانلار ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش دېگەندەك ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلالمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ۋەتەندە قېلىپ قالغان ئاتا – ئانىمىز ھايات تۇرۇقلۇق ھالىتىدە بىز ناماز، قۇرئان ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۇلارغا ئاتاپ قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) يوق. 2) باي ئېرى نائەھلىلىك قىلىپ ئايالىنى باقمىسا، ئايال نەپىقە دەۋاسى قىلىدۇ. دەۋادىنمۇ ھەققىنى ئالالمىسا، ئەرنى سوت ياكى جامائەتچىلىك ئادەم قىلالمىسا، ئۇ چاغدا ئايال ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك مىقداردا زاكات ئالسا بولىدۇ. 3) ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، ياكى سەدىقە قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەنلەرگە ياكى تىرىكلەرگە ئاتىسا جائىز. ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە نەزەرىدە ئۇنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقاردىن بىرىنى ئۆزى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى ئۈممىتىدىن قۇربانلىق قىلالمىغانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان». (كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 5 – توم، 335 – بەت)
61 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز!
1) بىر ئايال دوختۇر ياكى سېستىرا ئۆزىنىڭ كەسپىي خىزمەت مەسئۇلىيىتى سەۋەپلىك ئەر بىمارلارنى داۋالاشقا داۋام قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ «ھەرقانداق بىمارنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر بىمارلارنى پەلەي كىيىپ تۇتقاچقا، ھېچقىسى يوق» دېيىش كۇپايە قىلامدۇ؟ بۇ جەريانىدا ئايال دوختۇر ئېغىر گۇناھكار ھېسابلىنامدۇ؟
2) ئايال دوختۇر دوختۇرخانا نىزامى بويىچە يوپكا كىيىشتىن چەكلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا پۇشقىقى كەڭرى ئىشتان ۋە تىزىغىچە كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىپ خىزمەت قىلسا بولامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنىڭغا قارىتا قانداق پىكىر بېرىسىز ئۇستاز؟
3) يۈزىنى ئەتكەن ئايال قولىنىمۇ (پەلەي كىيىپ) ئېتىشى شەرتمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۆرۈرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىمىغان ۋە بىمار بىلەن خالىي قالمىغان ئاساستا داۋاملاشسا بولىدۇ. تاللاش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئۆز جىنسىدىكى بىمارنى تاللىسا ياخشى. لېكىن، گۇناھ ئەمەس. 2) كىيىنىش مەسىلىسىدە چەكلىمە قويۇلغان دوختۇرخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلار باشقا ئىش ئورنى تېپىلغۇچە، سىز دېگەندەك ئازادىرەك كىيىنىپ ئىشلەپ تۇرسا بولىدۇ. 3) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس. يۈزنى ئەۋرەت دەپ قارىغانلار قولنىمۇ ئەۋرەت دەيدۇ. شۇڭا، ئۇ قاراشنى تۇتقانلار قولنىمۇ (پەلەي كىيىپ) يۆگىشى كېرەك.
62 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەدىقە بېرىشكە ئالاقىدار بىرنەچچە ھەدىس دەپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى كۆپتۇر:
شۇ قاتارىدىن: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
« – قايسىڭلارغا مىراسخورىنىڭ مېلى ئۆز مېلىدىن سۆيۈملۈك؟
ئۇلار:
– ئى رەسۇلۇللاھ! ھەرقاندىقىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ مېلى سۆيۈملۈك، – دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
– ئۇنداقتا ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنىڭ مېلى ھاياتىدا خەيرلىككە سەرپ قىلىپ ئالدىن ماڭدۇرغىنىدۇر، مىراسخورىنىڭ مېلى بولسا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكىنىدۇر، – دېدى»(«بۇخارىي»، 6442).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا (ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە پەقەت ھالاللا ئۆرلەيدۇ) ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى بىراۋ ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ»(«بۇخارىي»، 1410؛ «مۇسلىم»، 1014).
يەنە بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن سەدىقە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ، يامان ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ» دېيىلگەن(«تىرمىزىي»، 664).
63 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەراۋىھ نامىزى ياكى باشقا نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسام بولامدۇ؟ ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى دەپ بەرسىلە بوپتىكەن، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ. مۇنۇ پەتۋادا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن: https://sajiya.biz/?p=5619
64 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يېقىن دوستۇمنىڭ 50 مىڭ لىرا پۇلى بار ئىدى، بىز ئۇنى ئىككى يىل ئالدىدا «كۇۋەيت تۈرك قاتىلىم بانكىسى»غا دەسمىي سالغانتۇق، بانكا كۈمۈشتىن پايدا ئايرىپ بېرىمىز، جازانە يوق دېگەن ئىدى، ھەر ئايدا 500 نەچچە لىرا، بەزى 480 لىرا، بەزى 630 نەچچە لىرا دېگەندەك پەرقلىق ھالدا شۇ 50 مىڭ لىرا ئۈچۈن پۇل كېلىدۇ، پۇل ھەرقاچان بانكىدا تۇرىدۇ، قاچان ئالساق ئالالايمىزكەن. ئۇلار بىزگە پايدا – زىياننى ئايرىپ بولۇپ، پايدىسنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئايرىپ بېرىدىكەن، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا دەرھال ۋاز كېچىمىز. ۋە يەنە بىر سوئال: بۇ 50 مىڭ لىراغا بۇنىڭدىن باشقا پۇلى يوق ئەھۋال ئاستىدا زاكات ئايرىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئېنىق جازانە. 50 مىڭ تېلىدىن باشقا ئىقتىسادى بولمىسا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.
65 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر مەسىلە توغرىسىدا قايمۇقۇپ قالدىم، مۇشۇ تىرناق مەسىلىسىدە، ئىككى يىل بۇرۇن بىر مەسجىدكە كىرگىنىمدە، تاھارەت ئېلىۋاتقان بىر قىزنىڭ تىرناقلىرىغا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى، تىرنىقىنى شۇنداق چىرايلىق قىلىپ ياسىۋاپتۇ، ناھايىتى ئۇزۇن تىرناق ھەم تىرناقنىڭ ئۈستىدە لاك بار، نامىزىنى ئوقۇپ چىقىپ كەتتى. بۈگۈن تەراۋىھقا بارسام، قېشىمدىكى ئايالنىڭ تىرنىقىدا لاك يوق، ئەمما ئۇزۇنكەن، سوئالىم: تىرناق بىلەن نامازنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇرۇنلاردا ئاپام «تىرناق بەك ئۆسۈپ كەتسە، ناماز ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ» دەيدىغان، ئۇ گەپلەر خۇراپىيلىقمۇ؟ مەن پەقەت چۈشەنمىدىم، بىر جاۋابقا ئېرىشسەم دەيمەن، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىرناقلارنى ۋە بەدەن تازىلىقىنى ھەپتىدە، بولمىغاندا ئىككى ھەپتىدە بىر قىلىش لازىم. تىرناق ئۇزىراپ كەتسە سۈننەتنى تەرك ئېتىش بىلەن پاكىزلىققا دىققەت قىلىنماسلىق جەھەتتىن يامان كۆرۈلىدۇ. ئەمما، نامازغا تەسىرى يوق. پەقەتلا تىرناققا سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان سىر خېنە ئىشلەتكەن ئەھۋالدا تاھارەت ھېساب بولمىغاچقا، ناماز ھېساب بولمايدۇ.
66 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. بىر سوئالىم بار ئىدى، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا: مەلۇم بىر زىكىرنى كۈندە بەش يۈز ياكى مىڭ قېتىم دېگەندەك، توشقۇزۇپ ساناپ، ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ يەنە بىرسى، بىر سۈرىنى تولۇق ئوقۇماي، ئىچىدىكى بىر ئايەتىنى _ مەسىلەن (ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين) گە ئوخشاش _ زىكىر ئورنىدا كۈنبويى تەكرارلاپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ مۇشۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن…
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دىندا مۇشۇنداق كۆرسىتىلگەن دەپ باشقىلارغا خاتا تەشۋىق قىلماي، شەخس ئۆزىگە شۇنداق مەلۇم ساندا ۋەزىپە قىلىۋالسا مەيلى. مۇشۇ تەرىقىدە مەلۇم بىر ئايەتنى كۈنبويى تەكرارلاپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
67 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! كومپيۇتېردا ئىش قىلىۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن قۇرئان قويۇپ ئاڭلىغاچ ئىشىمىزنى قىلساق، ئىشقا بېرىلىپ كېتىپ قۇرئاننى دىققەت بىلەن ئاڭلىيالماي قالساق، گۇناھ بولامدۇ؟ ياكى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ۋە ناخشا – مۇزىكا ئاڭلىغاندىن قۇرئاننى ئاڭلىغاچ خىزمىتىمىزنى قىلىۋەرسەكمۇ بولامدۇ؟ (تۈركىيە – مۇستاپا)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇلاق سالغاچ ئۆز ئىشىنى قىلالىسا مەيلى. ئىش ياكى زۆرۈر بولمىغان پاراڭ ۋە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئوقۇلۇۋاتقان قىرائەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماسلىق مەكروھتۇر. مۇنۇ پەتۋادا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن: https://sajiya.biz/?p=328
68 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەخسۇس «نەفلە ئىبادەت، قۇرئان ئوقۇش توپى»دا ئوقۇغان تەھەججۇد، چاشگاھ نامىزى، ئەتىگەن – كەچلىك زىكىر ۋە قۇرئان ئوقۇۋاتقانلار ئۆزىنىڭ ئوقۇغان – قىلغان ئەمەلىنى توپنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بېكىتكەن بولسا، بۇنى توپقا يېزىش توپتىكلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياكى ئىزچىللىقىنى ساقلاش نىيىتى بىلەن بولسا، بۇ رىيا قىلغانغا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ. توپلاردىكى پائالىيەتلەر ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىش بولۇپ، كىشى ئۆزىدە باشقىلارغا قىلغىنىنى كۆز – كۆز قىلىش تۇيغۇسىنى سەزگەندە، دەرھال رىيادىن ساقلىنىش لازىم.
69 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر تۈركىيەدە سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلىدىكەن، شۇ ئەزاندىن كېيىن (تەخمىنەن بەش – ئون مىنۇت كېيىن) بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولامدۇ؟ يەنى ئۇ ۋاقىتتا تېخى مەسجىد – جامىلەردە ناماز ئوقۇشقا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان بولسا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزاندىن كېيىن 25 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بامداتنى ئوقۇش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. چۈنكى، ئەزاننى ئېھتىيات جەھەتتىن سەل بۇرۇن توۋلايدۇ. سوھورلۇقنى بۇرۇنراق توختىتىش مەيلى بولسىمۇ، ئەزان ئوقۇلۇشى بىلەن دەرھال نامازنى ئوقۇش بامداتنى ۋاقتى كىرمەستە ئوقۇش ئېھتىمالىنى تۇغدۇرىدۇ.
70 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سىلىگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ھازىر رامازاندا سىرتقا چىققىنىمىزدا، بالىلىرىنىڭ ھەرخىل كېسەللىرى ئۈچۈن ۋەياكى باشقا خىل شەكىلدە سەدىقە تىلەيدىغان ئىشلار بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ قاپتۇ. ھەتتا بىلمەي شۇنداق كىشلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالساق، بىزنى چاقىرىپ تۇرۇپ تىلەيدىغان ئىشلار بولىدىكەن. بىز ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ قىيىنچىلىقىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلايلى دېسەك، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز يار بەرمەيدىكەن. ئازراق بولسىمۇ بىرنەرسە بېرەيلى دېسەك، يالغاندىن موھتاج سىياقىغا كىرىۋالغان بىرى بولسا، يامانلىققا ياردەمچى بولۇپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيدىكەنمىز، ھېچنەرسە بەرمەيلى دېسەك، ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، ياردەمسىز قويۇشىمىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز قانداق قىلساق توغرا قىلغان بولىمىز؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلىرى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالغا قاراپ ھەقىقىي موھتاجلىقىنى پەملىگەن كىشىگە سەدىقە بېرىش، موھتاج ئەمەستەك كۆرۈنگىنىگە بەرمەسلىك ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا بەرمىسە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر پەمى بويىچە «ھەقىقىي موھتاج» دەپ قارىغان سائىلغا سەدىقە بەرگەن بولسا، ھەقىقەتتە ئۇ موھتاج ئەمەس بولسا، يەنىلا سەدىقىسىگە ساۋاب ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6678
71 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىرقانچە مۇھىم سوئالىم بار ئىدى:
1) خىتتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغا نامايىشقا چىقىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ نامايىشقا چىققانلىقىغا دەلىل بارمۇ؟
2) دىنىمىزدا شەھىدلەرنى خاتىرىلەشنىڭ توغرا ئۇسۇلى قانداق؟
3) ئاياللار ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىغا قىستىلىپ چىقسا، نامايىشلاردا ئەرلەر بىلەن قىستىشىپ ۋەتىنى ئۈچۈن تەڭ ۋارقىرىسا ياخشىمۇ ياكى ئۆيىدە دۇئا قىلىپ ئولتۇرسا ياخشىمۇ؟
4) ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن نامايىشتىنمۇ ئەۋزەل كۈرەش بارمۇ؟ ئەرلىرىمىز نامايىشنى نەدە قىلىشى كېرەك؟
5) ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي جىھاد نەدە؟ خىتتاي كونسۇلى ئالدىدىمۇ، سۈرىيەدىمۇ، ۋەتەندىمۇ، خىتتاي پايتەختىدىمۇ؟ (ئورنۇم تۈركىيە ئىسمىم ئۇيغۇرىييە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كونسۇلخانا ۋە ياكى باشقا جايدا نامايىش قىلىش نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق ئىش. نامايىش قىلىشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، نامايىشلار مەلۇم توپنىڭ كۆزقارىشىنى ئىپادىلەش، بار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە زالىملارغا بېسىم قىلىش چارە – ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، جائىز ئىش. بۇنى ئىسلامنىڭ ئومۇم قائىدە – پىرىنسىپلىرى رەت قىلمايدۇ. ئالاھىدە ئايرىم دەلىلگە مۇھتاج ئەمەس. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ (3/«ئال ئىمران»: 104) دەيدۇ. نامايىشمۇ مەزكۇر ئايەتتە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە بۇيرۇلغان مۇنكەرنى قول بىلەن، تىل بىلەن ۋە قەلبى بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمەل ۋەقەسى (تۆگە ئۇرۇشى) دىمۇ ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار باشچىلىقىدىكى ساھابە – كىراملەر خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ چىققان. لېكىن، كېيىن ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ سورۇنلىرىغا چىقىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغان. بۇمۇ بىر خىل يالغۇز كىشىلىك نامايىش. بۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىدە ئەقلى ساغلام ئىككى كىشى تالىشىپ قالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام شەرىئىتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى تۈرلۈك ئەقىدە ۋە ئېقىملارغا، تۈرلۈك ئىقلىم ۋە دۆلەتلەرگە تەۋە ھەر مىللەت ۋە ئىرق مەنسۇپلىرى يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەت نامايىش قىلىشنى پايدىلىق دەپ قارىغان ۋە تارىختىن بۇيان نامايىش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنىڭ ھۆكمىدە مۇنازىرىلىشىش ھەيران قالارلىق ئىش، بەلكى ئەخمىقانە ئىش. 2) دىنىمىزدا شەھىدلەرنى خاتىرىلەشكە ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرمىگەن. ھازىرقى شەھىدلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولسا ئۇلار ماڭغان يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا، ئىمان ئۈچۈن بەرگەن پىداكارلىقلىرىنى ئەسلىتىشكە ۋە ئۆگىنىشكە، پۈتۈن مىللەتنى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىك تۇرۇشتا كەسكىن مەۋقەدە تۇرۇشقا ئۈندەشكە، ئەۋلادلاردىكى ۋەتەن ۋە دىن ئۈچۈن پىداكارلىق روھىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق تەرىپى بولغاچقا، بۇنىڭ دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. 3) قىستىلىش توغرا ئەمەس. ھەم «نامايىشقا چىققانلار چوقۇم قىستىلىدۇ» دەيدىغان گەپمۇ يوق. قىستالماي چىقىپ، قىستالماي تۇرۇپ ۋارقىرىسىمۇ، ئۆيىدە دۇئا قىلسىمۇ ھەر ئىككىسى ياخشى. ھەر ئايال ئۆز شارائىتىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ. 4) كۆرەشنى مەلۇم بىر تۈرگىلا ياكى شەكىلگىلا باغلىۋېلىش خاتا. ھەممە يەردە، ھەممە ئۇسۇلدا كۆرەش قىلىش كېرەك. 5) ئۇيغۇرلارغا ۋەتىنىنى ئازاد قىلالايدىغانلا بولسا، ھەرقانداق يەردە بولىدۇ.
72 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، نەچچە كۈندىن بېرى توپ توپلارغا سىلىنىڭ كىيانى توغرىسىدىكى پەتىۋالىرى يوللىنىۋاتىدۇ… مەسىلەن، ھەربالايف Herbalife ماركىسىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ھەم شىركەتكە ۋاكالەتچى بولۇش ئارقىلىق سېتىلىدۇ. ۋاكالەتچىدىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا، ئۆزى بىۋاسىتە ئەزا بولۇپ مال سېتىۋالسا، سېتىۋالغان مالنىڭ مىقدارىغا قاراپ، مالنىڭ كېلىش باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ھەربىر تۈر مەھسۇلاتنىڭ بەلگىلەنگەن نومۇرى بولىدۇ. زامان چەكلىمىسى يوق. نومۇرلار توپلىنىپ مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەندە، مالنىڭ كېلىش باھاسى مۇقىملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئەمدى مۇشۇ مەھسۇلاتلار ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ۋە ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر كۆپ، قوشنىلىرىمىز، دوستلىرىمىز دېگەندەك. مەن ئەكىلىپ سېتىشنى ئويلاشسام، شىركەتكە ئۆزۈم ئەزا بولۇپ كۆپ مىقداردا مال سېتىۋالسام، قولۇمغا نەق ئەكىلىپ تۇرۇپ پارچە ساتسام، توپ ئېلىپ پارچە سېتىشقا تەۋە بولامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا، شىركەتتىن ماڭا تەئەللۇق بولغان سىستېما ئېچىلىدۇ، ئۆزۈم خاھلىغان چاغدا مال بۇيرۇيالايمەن. ئەمدى باشقا بىر دوستۇممۇ شىركەتكە ۋاكالەتچى بولۇشنى خاھلىسا ۋە مەن ئارقىلىق ۋاكالەتچى بولۇپ، مېنىڭ كەينىمگە تىزىلسا، ئىككىمىز بىرلىشىپ گۇرۇپ نومۇرىمىزنى كۆپەيتىپ، شىركەتتىن مالنىڭ كېلىش باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋالساق، ئىككىلىمىز مەسلىھەتلىشىپ بىر – بىرىمىزنىڭ سىستېمىمىزدىن مال سېتىۋېلىش ئارقىلىق نومۇرىمىزنى تەڭ كۆپەيتسەك، بۇ خىل ھالەتتە قىلغىنىمىز يەنە ھارام بولامدۇ؟ شىركەتنىڭ ئايرىم دۇكىنى يوق، پەقەت شىركەت ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ. تىرەنديول قاتارلىق تور سېتىش سۇپىلىرىغا قويۇپ ساتقانلارمۇ بار. ئۇلارمۇ شىركەتكە سېتىش ۋاكالەتچىسى بولغانلار، ئەمما مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس… ئەگەر مەن مۇشۇ ماركىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىم تېپىشنى مەقسەت قىلسام، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ شىركەتنىڭ ھەر بىر تۈر مەھسۇلاتىنىڭ ھالاللىق بەلگىسىكەن، ھەربىر دۆلەتنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تەم ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىشلەپ چىقىرىلغانىكەن، تۈركىيەنىڭ tarım gıda قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئاساستا ئىشلەپ چىقارغانكەن… (سۇمەييە ئەركىن – تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزا بولماي سېتىۋېلىپ (ئەگەر ئۇلار شۇنداق سېتىپ بەرسە) ئىشلەتسىڭىز ۋە ئەزا قىلماي ساتسىڭىز توغرا بولىدۇ. چۈنكى، مەھسۇلاتلارنى تەركىبى ھەققىدە ھالاللىق گۇۋاھنامە بار بولسا، بۇ مەھسۇلات تەركىبىنىڭ ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، سودا ئۇسۇلىدا ئەزالىققا كىرىش قاتارلىقلار سودىدىكى ناتوغرا توختاملارغا كىرىش دېگەن گەپ. ئاندىن بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولماستىن بىرسى ئۈنۈمىنى كۆردۈم دېيىشىگە تايىنىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلە. شۇڭا، خاھلىغىنىمىزچە مەھسۇلات ئىستېمال قىلماي، كېسىلىمىز بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش لازىم. مەھسۇلاتلارنىڭ بىرقانچە كىشىگە ئۈنۈمى ياخشى بولغىنى بىلەن ئۇنى ھەركىم ھەر ئەھۋالدا خاھلىغانچە ئېستېمال قىلىشى سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ھەم بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۈنۈمىگە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى. ئەمما بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا ئوخشىشى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە قىممەتلىكىنى پەرق ئېتىش قىيىن بولىدۇ.
73 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز ئەتىگەندە ئىشراق نامىزى ۋاقتىدا ئەرلەر جامائەت بولۇپ جەھرەن (ئۈنلۈك) نەفلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. چاشگاھ نامىزى يەنە «سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاشگاھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ. جامائەت بولۇپ ئوقۇسا جەھرەن (ئۈنلۈك) ئوقۇماي ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
74 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، تاماكا چىكىدىغان ئادەم نامازدا ئىمام بولسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تاماكا چېكىش ھارامدۇر. ھازىرقى زاماندا تاماكىنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش يوق. بۇنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىش ئېنىقلا پاسىقلىقتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇلغان ناماز ھەم چېكىدىغان كىشىنىڭ نامىزىمۇ توغرا. لېكىن، ئىمام جامائەتكە ئۈلگە بولىدىغان كىشى بولغاچقا، ھەم ھەدىسلەردە ئەڭ ئالىم، ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىنى ئىمام قىلىش كۆرسەتمىسى بولغاچقا، چەكمەيدىغان بىرىنىڭ ئىمام بولغىنى تۈزۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېسىق پۇراقلىق ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەسجىدكە يېقىن كەلمەسلىكى ھەققىدىمۇ ھەدىس بار.
75 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! ھارمىغايسىز. مائىدە سۈرىسىنىڭ 114 – ئايەتىدىكى «بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن» دېگەن كۈن قايسى كۈنى؟ ئۇ كۈن بىزنىڭمۇ بايرىمىمىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ھېيت قىلىنغان كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خرىستىيانلارمۇ بۇنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ھەتتا خرىستىيانلار بۇ ۋەقەلىكنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن تاپالمايدۇ. لېكىن، خرىستىيانلار «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەۋارىيلىرى بىلەن ‹فىسەھ ھېيتى› ھارپىسى كەچتە دەستۇرخاندا بىللە تاماق يېگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالام شۇ كۈننىڭ ئەتىسى كىرېستقا ئېسىلغان» دەپ قارايدۇ. بەلكىم شۇ كۈن «فىسەھ ھېيتى» كۈنى بولسا كېرەك. لېكىن، خرىستىيانلار بۇ كۈندىن كېيىنكى 3 – كۈننى ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا تىرىلىپ قوپقان كۈن دەپ «قىيامەت ھېيتى» قىلغان. بۇ ھېيتلار خرىستىيانلاردا ھەر يىلى مۇقىم بىر كۈندە كەلمەيدۇ. ئادەتتە غەرب چېركاۋلىرى 22 – مارتتىن 25 – ئاپرىلغىچە بىر كۈننى بېكىتسە، شەرق چېركاۋلىرى 4 – ئاپرىلدىن 8 – مايغىچە بىر كۈننى بېكىتىدۇ. ھېيتتىن بۇرۇن 50 كۈن روزا تۇتىدۇ. يەھۇدىيلارمۇ 15 – ئاپرىلدىن تارتىپ 7 كۈن «مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىققان كۈن» دەپ ھېيت قىلىدۇ. بۇ ھېيتلار بىر تەرەپتىن نورۇزغىمۇ چېتىلىدۇ. ۋەلھاسىل ئۇ كۈن بىزلەرگە ھېيت ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە خاس ئىدى.
76 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نورۋېگىيەدە كۈن چىقىش 03:30 ئەتراپىدا ئوخشايدۇ. ھېيت نامىزىنى كۈن چىقىپ بىرەر سائەتتە ئوقۇيمىز دېسەك، 04:30 ئەتراپىغا توغرا كېلىدىكەن ۋە بۇ ۋاقىتتا كېلەلەيدىغانلار بەكلا ئازكەن. شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ جامائەت يىغىلىشىنى كۆزلەپ، نورۋېگىيە ۋاقتى 08:00 – 08:30 لاردا ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتۇر. شۇڭا، كۈن تىكلىشىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالسا بولىدۇ. كۈن تىكلەشكەندىن كېيىن ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ.
77 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! خىتتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىش جەريانىدا تۇتالماي قالغان ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئۈچ ئايلىق روزام بار. بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇنىڭ قازاسىنى رامازاندىن كېيىنكى ئايلاردا تۇتۇش كېرەك. تەن سالامەتلىك يار بەرمىگەنلىكتىن روزا تۇتالمىسا، فىديە بەرسە بولىدۇ.
78 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! 1) كۇۋەيت تۈرككە ئوخشاش قاتىلىم بانكىلىرى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالسا دۇرۇسمۇ؟ ئەمىن ئېۋىمگە ئوخشاش قۇرۇملاردىنچۇ؟ 2) تۈركىيەدەك پۇلنىڭ قىممىتى تۇراقسىز يەرلەردە ئۆسۈم ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالسىچۇ؟ 2021 – يىلى بىر ئۆينى نەخ 1,200,000 ياكى 15 يىللىق ئۆسۈم بىلەن 1,800,000 لىرا دېگەنتى، شۇ ۋاقىتتىكى 1,800,000 لىرا 300,000 دوللار ئەتراپىدا بولاتتى، ھازىر ئۇ 1,800,000 لىرا 135,000 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بانكىلار ئارقىلىق ئۆي سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. باشقا قۇرۇملار ھەققىدە تۈرك ئۆلىمالارنىڭ پەتۋالىرىنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز. 2) مەيلى تۈركىيەدە، مەيلى باشقا يەردە بولسۇن ئۆسۈم بىلەن ئۆي سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
79 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇساپىر بولۇپ يات ئەللەردە ياشاۋاتقانلار، بىرمۇ مۇقىم ئۆيى بولمىغانلار بانكا قەرزىگە ئۆي سېتىۋالسا بولامدۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولمايدۇ.
80 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم! سىلەردىن يەنە بىر سوئال سورىماقچىدىم. 1) قەرزدار ئادەمدىن زاكات ئايرىلامدۇ؟ 2) يەنە بىر قوشۇمچە سوئال، مەسىلەن مەن بىرسىگە 1000 ياۋرو قەرز. مەن ئۇ پۇلنى تەييارلاپ قويدۇم، ئەمما قەرز ئىگىسىنىڭ قولىغا يەتكۈچە ئۇ پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) قەرزدار ئادەمنىڭ قەرزىدىن باشقا ئىقتىسادى نىساب ئۆلچىمى (85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى) گە يەتسە زاكات ئايرىيدۇ. يەتمىسە ئايرىمايدۇ. گەدىنىدىكى قەرزگە ئايرىمايدۇ. 2) قەرز پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى ئايرىيدۇ.
81 – سوئال: ئۆزى ياۋروپادا، لېكىن پۇلى تۈركىيەدە بولسا (پۇل تېلى ئەمەس) زاكاتنى تۈركىيە پۇلىسى بويىچە ئايرىمدۇ؟ ياكى ياۋروپا پۇلى بويىچىمۇ؟ ياۋروپا پۇلى بويىچە بولسا، قانچە ياۋروغا ياكى دوللارغا زاكات كېلىدۇ؟ قانچىلىك كېلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكاتنى شۇ پۇلنىڭ تۈرىدىن ئايرىسىمۇ، باشقا پۇلغا ئالماشتۇرۇپ قىممىتىنى ئايرىسىمۇ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئالتۇن گرامىنىڭ باھاسى 60 دوللار ئەتراپىدا دېسەك، بۇنى 85 كە كۆپەيتسەك، زاكات كېلىدىغان بايلىقنىڭ پۇل ئۆلچىمى جەمئىي 5100 دوللار بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋاغا قارالسۇن: https://sajiya.biz/?p=2807
82 – سوئال: 1) كېسەللىك سەۋەپتىن ياكى رامازاندا تۇغۇتلۇق بولۇپ قېلىپ تۇتالمىغان روزىلىرىنى روزا تۇتقۇچىنڭ تېنى ئاجىز، ئاشقازان كېسىلى بولسا، فىديە بەرسە بولامدۇ؟ 2) بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن پۇل بېرىشكە توغرا كەلسە، نەچچە پۇلدىن توغرا كېلىدۇ؟ 3) روزىنىڭ فىديەسىنى قەرزدار ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) فىديە بەرسە بولىدۇ. 2) بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن فىديە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 60 تېلى. 3) بولىدۇ.
83 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىز ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن تاغامغا بېرىدىغان ئازراق قەرزىمىز بار ئىدى، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پۇلىمىز بار تۇرۇپ بېرەلمەي ھىجرەت قىلىپ چىققانىدۇق، ھازىر بېرىۋېتىش تېخى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ياكى شۇ سوممىدىكى خىتتاي پۇلىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، تاغامنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتسەكمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھازىر خىتتاي پۇلىنى لىراغا سۇندۇرۇپ تاغىڭىزغا ئاتاپ سەدىقە قىلىۋەتسىڭىزمۇ ياكى كېيىن كۆرۈشكۈچە ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر قەرزنى تاغىڭىزنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنلەر كېلىپ تاغىڭىز بىلەن كۆرۈشەلىگەن تەقدىردە، تاغىڭىز بۇنىڭغا رازى بولسا بۇ ئىش تامام. ئەگەر تاغىڭىز «قەرزىمنى بېرىسىز، مەن ئۇنى سەدىقە قىلمايتتىم» دەپ تۇرۇۋالسا، تاغىڭىزنىڭ پۇلىنى قايتۇرىسىز، قىلىنغان سەدىقە ئۆزىڭىزگە ھېساب بولىدۇ.
84 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! زاكاتنى چوقۇم رامازاندا بېرىشىمىز كېرەكمۇ ياكى بىرقىسمىنى رامازاندىن بۇرۇن بەرسەكمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكاتنى رامازاندىن ئىلگىرىكى ئايدا ياكى رامازاندا بېرىمىز. زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بولغىنىدا، ھەممىنى ياكى بىرقىسمىنى رامازاندىن بۇرۇن بېرىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
85 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تەجۋىد قائىدىلىرىنى توردا ئۆگەتكەنگە ھەق ئالسا بولامدۇ؟ توردا بولغاچقا ئەر – ئايال ئايرىماستىن بىر توپتا ئۆگەنسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئان ۋە تەجۋىدنى ئۆگەتكۈچى پۈتۈن ۋاقتىنى ئۆگىتىشكە چىقارغان ۋە شۇنداقلا تۇرمۇشىنى قامداش ئېھتىياجى بولسا، ھەق ئالسا جائىز. ئېھتىياجى بولمىسا، ئالسا بولمايدۇ. ئەر ۋە ئايال ئارىلاش ئوقۇش جائىز. ئاياللار ئايرىم توپ بولغىنى ئەۋزەل.
86 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر ئۆيلەرنىڭ كىراسى (ئىجارە ھەققى) بانكىدىن قەرەللىك ئۆي ئالغاندىنمۇ قىممەت بولۇپ كەتتى، شۇڭا توكى TOKi دېگەندەك ئۆسۈمسىز ئۆي ساتىدىغانلاردىن ئۇزۇن مۇددەت بۆلۈپ تاپشۇرۇشقا ئۆي ئالساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توكى توختامىنىڭ نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. توكى ئۆسۈمسىز، پۇل پاخاللىقى يۈزبەرسىمۇ مۇقىم باھادا ساتىدۇ دەپ بىلىمەن. لېكىن، جەريانى ماڭا نامەلۇم. بۇ ھەقتە تۈرك خوجالارنىڭ پەتۋالىرىنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز.
87 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يېڭى توي قىلغانلار بەزى ئىشلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەر – ئايال بىرلىكتە كىچىكلەر كۆرسە بولمايدىغان فىلىملەرنى مەخپىي كۆرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ.
88 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئايال كىشى ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئېرىنى كاپىر دەپ تىللىسا ۋە بالىلىرى خاپا قىلغاندا ئۇلارنى كاپىر دەپ تىللىسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەرنىڭ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بالىلىرىنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئستىغفار ئېيتىۋېتىپ، سەبىر قىلىپ ئۆي تۇتۇشى توغرىمۇ؟ جاۋابلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ. مەيلى ئېرى، گەرچە ئايال بۇ سۆزنى ھەقىقىي كاپىر دېيىشنى مەقسەد قىلىپ دېمىسىمۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كاپىر دېيىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. چۈنكى، ھەدىس شەرىفلەردە كەلگىنىدەك، قېرىندىشى كاپىر بولمىغان تەقدىردە كاپىر دېيىشنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قايتىدۇ. شۇڭا، ئېرىنى ياكى بالىلىرىنى، ياكى قايسىبىر مۇسۇلماننى كاپىر دەپ تىللىغان كىشى دەرھال تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئەرمۇ سەبىر قىلىپ ئۆي تۇتۇشى كېرەك.
89 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈرك قوشنامنىڭ يولدىشى ئەلەۋىي ئىكەن، ئۇ كىشى مەلۇم دۆنەرخانىدا ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئاشخانىدا قوي، كالا گۆشلىرى بىلەن قوشۇپ توڭگۇز گۆشلىرىنى ئىشلىتىۋېرىدىكەن، مەن بۇنى بىلگەندىن كېيىن «ئۇلار ئېلىپ كىرگەن تاماقلارنى يېسەم قانداق بولار، يا تۆكۈۋەتسەم بولۇرمۇ؟» دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. يەنە ئافغان قوشنىمىزغا بېرەي دېسەم، ئۆزۈم يېگۈم كەلمىگەن تاماقنى ئۇلارغا يېگۈزۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، مۇشۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ مەنغۇ ماركىتتىن بىرنەرسە سېتىۋالساممۇ، ھايۋانات يېغى بارلىرىنى قورقۇپ ئالمايمەن، ئۆسۈملۈك يېغى بارنى تاللاپ ئالىمەن. بۇ قېتىم «ئېرىم پولو ئەپكەپتۇ» دەپ ئەكىرىپتىكەن، تاماقنى ئالماي دېسەم، قوشنام بولغاندىكىن بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى، بولمىسا ئۆزۈمنىڭ تاماقلىرى ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ، بىر مەسلىھەت بەرسىلە، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن. يەنە بىرسى بۇ يەردىكى ناماز ئوقۇمايدىغان بەزى تۈركلەرمۇ ئاشۇنداق قىلىدىكەن، ناماز ئوقۇيدىغانلىرى ئۇنداق ئەمەس، پاكىز. (گوللاندىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نۇسەيرىيلەر دەپ ئاتالغان ئەلەۋىيلەر بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئالىملار بۇنىڭدا بىردەك قاراشتا. ئىمام غەززالىي، ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە ئىمام ئىبنى ئابىدىنلار بۇنى ئېنىق بايان قىلغاندۇر. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۈرۈچ ۋە شۇنىڭدەك ھالال يېمەكلىرى بىزگىمۇ ھالال. شۇڭا، ئۇلارغا ئېنىق قىلىپ «بىز يېيەلمەيمىز» دەپ ئەسكەرتىپ، ئادەتتىكى ھالال يېمەكلىكلەرنى ئەكىرسە قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ.
90 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ رامازان ئېيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! مەن 40 يېشىمدىن باشلاپ نامىزىمنى باشلىغان بولسام، شۇ چاغقىچە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قازا بولغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئوقۇمدىمەن ياكى بىزگە ناماز پەرز بولغان چاغدىكى ياشتىن بېرى ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ پەرزىنى ئوقۇمدىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بىرگە بولسۇن! ناماز پەرز بولغان چاغدىكى ياشتىن بېرى ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەرزىنى ئوقۇيسىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىڭىز چىققاندا، 5 ياكى 10 نامازنى بىراقلا ئوقۇۋالسىڭىزمۇ ياكى ھەربىر پەرز نامازدىن كېيىن قازا پەرزدىن بىرنى تەكبىر چۈشۈرۈپ ئوقۇپ ئادەتلىنىپ تاكى «ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا توختاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
91 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۈزۈك سالغۇزغاندىن كېيىن، ئادەت قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى بار بولغان بىر ئايال رامازاندىن 4 – 5 كۈن بۇرۇن ساقىيىپ، 10 كۈن بولماي تەكرار ئادەت كۆرۈپ قالسا، روزىسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ – يوق؟ ئاللاھ رازى بولسۇن. (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئادەتلەنگەن ھەيز كۈنلىرىدە تولۇق ئادەت كۆرۈپ ساقايغاندىن كېيىن 10 كۈن ئۆتكەندە كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، ئىستىھازە (كېسەللىكتىن ياكى بالىياتقۇ ئاستىدىكى مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان كېلىشى) قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئادەت كۆرگەن كۈنلەر بىلەن 10 كۈننى قوشساق، دەسلەپ ھەيز كۆرگەن كۈن بىلەن ئاخىرقى قېتىم قان كەلگەن كۈنلەرنىڭ سانى جەمئىي ئون بەش كۈندىن ئاشىدۇ، ھەيز ئۇنداق ئۇزۇن بولمايدۇ ھەم ئىككى ھەيز ئارىلىقى ئۇنداق قىسقا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئارتۇق كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، ئىستىھازە قېنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا بىر قېتىم يۇيۇنۇپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىسىز ۋە روزا تۇتىسىز. ئەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقىمۇ رۇخسەت.
92 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «خۇپتەن نامىزى كېچە سائەت 12:00 دىن كېيىن ئوقۇلسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ» دەيدىكەن. توغرىسى سائەت قانچىگە قەدەر ئوقۇپ بولۇش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى تاڭ ئاتاي دەپ قالغان ۋاقىتتۇر. خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەنگە قەدەر سۈرۈش مۇستەھەبتۇر. ئىمام تاھاۋىي مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇپتەننى بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمى قالغاندا، بەزىدە ئۈچتىن بىرى قالغاندا، بەزىدە كۆپ قىسمى ئۆتكەندە ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى سەھىھ رىۋايەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن مەلۇم بولىدۇكى، پۈتۈن كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر خۇپتەننىڭ ۋاقتىدۇر». قاراڭ: «شەرھى مەئانىل ئەسار»، 1- توم 159 – بەت.
93 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ھۆرمەتلىك ئۇستاز! نامازدا رۇكۇدىن كېيىن، سەجدىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئىشتاننى قولىمىز بىلەن تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەندىن باشلاپ بىرقىسىم كىشلەردە باركەن بۇ ئادەت. مەن خېلى تىرىشىپ باقتىم بۇ ئادەتنى تاشلاشقا. ئازراق تارتىپ قويمىسا، سەجدە قىلغاندا ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، بەزى رەخت ئىشتان تارتىشىپ سىقىپ قويىدىكەن ۋە ئادەمنى راھەتسىز قىلىدىكەن. ئېنىق جاۋابىنى بەرسىلە بوپتىكەن، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! نامازدا ئورۇنسىز ئىش – ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش چەكلىنىدۇ. ئەمما، ئىشتاننى تارتىپ سەجدىگە بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئارامىدا سەجدە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ھەم ئاز ئىش – ھەرىكەت بولغاچقا، نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. زۆرۈر ھەم ئاز ئىش – ھەرىكەتنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جامائەتكە ئۈچ پەشتاقلىق مۇنبىرىدە تۇرۇپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا، رۇكۇ – سەجدە قىلىدىغاندا ئارقىغا داجىپ مۇنبەردىن چۈشۈپ رۇكۇ – سەجدە قىلغان، رۇكۇ – سەجدىدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىقىپ قىيامدا تۇرغان(«بۇخارى»، 917؛ «مۇسلىم»، 544). يەنە نەۋرىسى، ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان، رۇكۇ قىلىدىغاندا يەردە قويۇپ قويغان، رۇكۇدىن كېيىن يەنە كۆتۈرۈۋالغان(«بۇخارىي»، 516؛ «مۇسلىم»، 543).
94 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن «كۇۋەيت تۈرك قاتىلىم ھېسابى»غا ئىككى يىل ئالدىدا كۈمۈشكە 50 مىڭ لىرا مەبلەغ سېلىپ ھەر ئاي پۇل ئايرىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ۋە بۇنىڭ جازانە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردىلە، ئەمدىكى سوئالىم: بىز ئىككى يىل شۇ ئايدا كەلگەن 430 _ 520 دېگەندەك پايدا پۇللىرىنى خەجلەپ كەلدۇق، ئەمدى جازانە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ بۇنىڭدىن ۋاز كەچسەكلا يېتەرلىك بولامدۇ؟ ياكى ئىككى يىل جەريانىدا ئالغان پۇلنى بىرەر يەرگە ئىئانە قىلامدۇق؟ زادى ئۇ خەجلەپ بولغان پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئۆزتۈرك، ئىستانبۇل)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جازانە يېيىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ قىلمىشقا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىشىڭىز ئىنتايىن زۆرۈر ۋە گۈزەل ئىش. ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن ۋە ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئۆسۈملەر باشقىلارنىڭ ھەققى بولغاچقا ۋە ئۇ پۇلنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنى بىز بىلمەيدىغان بولغاچقا، قولىڭىزدا بار ئۆسۈمنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىپ قۇتۇلۇشىڭىز كېرەك. بۇ سەدىقە ئەمەس، بەلكى ھارام مالدىن قۇتۇلۇش بولىدۇ. شۇنداقلا سىز بۇرۇن ئېلىپ خەجلىۋەتكەن ئۆسۈملەرنىمۇ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك پۇلنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىسىز. مىقدارىنى ئېنىق ئەسلىيەلمىسىڭز كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇدەك مىقداردا تەخمىن قىلىپ ھېسابلاپ بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي قاتارلىق ئالىملىرىمىز شۇنداق كۆرسەتكەندۇر. قاراڭ: تەفسىرۇ قۇرتۇبىي، 3 – توم، 366 – بەت.
95 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! قېرىنداشلار «زاكاتنى كۈيئوغۇل، كېلىنگە بەرسە بولامدۇ – يوق؟» دېگەنلەرنى تالىشىپ قالدى، سىلى بىر جاۋاب بەرسىلە، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇغۇش – تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بار تۇغقاندارچىلىق مەيلى دادا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئانا تەرەپتىن بولسۇن؛ مەيلى دادا، بوۋا… دېگەن تەرتىپ بويىچە ئۈستىگە ماڭىدىغان بولسۇن ياكى بالا، نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە… دېگەن تەرتىپ بويىچە تۆۋەنگە ماڭىدىغان بولسۇن، ھەر قاندىقىغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، دادا تۆۋەنگە ماڭغان تەرتىپتە بالىسىغا ياكى نەۋرىسىگە، ياكى ئەۋرىسىگە، ياكى چەۋرىسىگە… ۋە ياكى يۇقىرىغا ماڭغان تەرتىپتە دادىسىغا، بوۋىسىغا، بوۋىسىنىڭ دادىسىغا، بوۋىسىنىڭ بوۋىسىغا… بەرسە بولمايدۇ. يەنە ئايالىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن. شەرىئەتتە ئۆزى چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، زاكاتقا لايىق بولغان كۈيئوغۇلغا زاكات بەرسە بولىدۇ. كېلىنگە كەلسەك، كېلىننىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ نەپىقىسى ئوغلىغا ۋاجىب. ئەگەر ئوغلى پېقىر بولسا، ئاتا ئوغلىغا ۋە كېلىنىگە خىراجەت قىلىپ ئۇلارنى بېقىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇلارغا زاكىتىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، كېلىن تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن ئەمەس، باشقا بىر ئىش ئۈچۈن قەرزگە كىرىپ قالغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا قەرزدارلار قاتارىدا كېلىنگە قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات بەرسە بولىدۇ.
96 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! بۇ يىللىق فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى تۈركىيە پۇلىغا كىشى بېشىغا قانچە لىرادىن توغرا كېلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. دىيانەت 40 تېلى دەپ بېكىتىپتۇ.
97 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ، ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! ئۇستاز مۇشۇ بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارغا روزىنى تولۇق تۇتقۇزۇشىمىز كېرەكمۇ؟ بەزى كۈنلىرى تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ناماز بىلەن روزا بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. لېكىن، بالىلارنى نامازغا يەتتە ياشتا بۇيرۇپ، ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. روزىمۇ شۇنداق. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئادەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ، روزا تۇتقۇزىمىز ۋە تەرغىپ قىلىمىز. يەنى، بەك چىدىيالمىغان كۈنلىرى يەنە بىرئاز سەبر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەمما تولۇق تۇتالمىسا، «چوقۇم قازاسىنى قىلىسىز» دەپ تۇرۇۋالمايمىز.
98 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سوئاللىرىمىزنى سوراش ئۈچۈن مۇشۇنداق قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. پايچەك ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە قانچىلىك مىقداردىكى پۇلغا كېلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. پايچەك ئېلىپ – سېتىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ چىقىپ كېتىش ۋە تەۋبە قىلىش كېرەك! لېكىن، زاكات ئايرىشتا پايچەككە سالغان مەبلەغنىڭ ئۆزى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن تاپقان پايدىغا ئايرىمايدۇ. چۈنكى، ھارام پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىلمايدۇ. زاكات پەقەت پاك ئىقتىسادقىلا ئايرىلىدۇ.
99 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ «سىياسەتكە ئارىلىشىش» دېگەن قانداق بولىدۇ؟ بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. دىنىمىزدا سىياسەتكە ئارىلىشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سىياسەت ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. ئىمام غەززالىي سىياسەتنى: «خەلقنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا باشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش» دەپ تەرىپلەيدۇ. سىياسەتكە ئارىلىشىش ھەرگىزمۇ كامىراغا چىقىپ، رەسىمگە چۈشۈپ، سورۇن ئويناش بىلەن بولمايدۇ.
100 – سوئال: نەق پۇل ھالىتىدە ساقلانغان تويلۇق مېھر ھەققى ئۈچۈن شۇ ئايالغا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولىدىكى ئالتۇن زىبۇزىننەت ۋە باشقا ئىقتىسادقا قوشقان تەقدىردە ھەممىسى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى (ھازىرقى باھادا 5100 دوللار قىممىتى) دىن ئاشسا، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات كېلىدۇ.
101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! ئۇستاز! ئۆتكەن يىلى زاكات بېرىلگەن، ئەمما بۇ يىل يەنە شۇ پېتى تۇرغان ئالتۇنغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئەلبەتتە. ئۆتكەن يىلى زاكىتى بېرىلگەن ئالتۇنغا بۇ يىل يەنە قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى، زاكات ئايرىش ئۈچۈن مالنىڭ ئاۋۇغان بولۇشى شەرتى ئەمەس، بەلكى ئاۋۇتسا ئاۋۇيدىغان، ئېھتىياجىدىن ئاشقان مال بولۇشى شەرتتۇر. شۇڭا، ئۇ ئالتۇن ئۆتكەن يىلدىكىدىن كېمىيىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىر يىل ئۆتسە يەنىلا زاكات كېلىدۇ.
102 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زەنجىرسىمان سېتىش شىركەتلىرىدە تىجارەت قىلىش، شاخلىتىپ سېتىش ھارام ئىكەن، ئۇنداقتا بۇنداق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىپ تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىش ئۈچۈن سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزا بولۇش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋالماي ياكى بەدەل تۆلىمەي ۋەياكى بۇنىڭدىن باشقا گىچماچ سودا ئۇسۇلى بولمىسا مەھسۇلاتنى ئېلىپ ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق. ئەمما، ئۇنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئۈستىدىكىلەرنىڭ ناتوغرا سودا قىلىشىقا ھەمكارلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ ناتوغرا ئۇسۇلدا كىرىم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ۋە سەۋەب بولغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ مەھسۇلانلار ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ لېكىن، دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دورا ئىستىمال قىلىش ۋە غىزالىنىش ئەڭ توغرىسىدۇر.
103 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مېنىڭ سوئالىم خىتتاي ماللىرىنى ئېلىپ – سېتىش ۋە شۇنداق سودىنى قىلىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر ھەققىدە ئىدى.
1) ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى خىتتايدىن مال ئەكىلىپ سېتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ شۇنداق ماللارنى سېتىۋېلىشنىڭچۇ؟
2) بىز شەخسەن خىتتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ئالماسلىققا تىرىشىمىز. قىممەترەك بولسىمۇ خىتتايدىن باشقىسى ئىشلەپچىقارغاننى ئىزدەپ يۈرۈپ سېتىۋالىمىز. لېكىن، بەزىدە «ئاز بولسىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سودىسىنى قوللايلى» دەپ، ئاتايىن ئۇيغۇر دۇككانلىرىدىن ياكى پارچە تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن مال سېتىۋالساق، ئاساسەن خىتتاي مېلى چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ كىشىلەر بىلەن سودا ئالاقىنى ئۈزۈش كېرەكمۇ ياكى قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، بىرەر شەخس مۇنداقلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مەسىلە ئەمەس. بەلكى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەر ساھە مۇتەخەسسىس ئالىملار يىغىلىپ مۇزاكىرىلىشىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ قارار چىقارسا مۇناسىپ. ئەلبەتتە خىتتاي مېلىنى بايقۇت قىلىش ۋاجىب. شۇڭا، خىتتاي مېلىنى ئېلىپ – ساتماسلىق، تىجارەت قىلىۋاتقانلار باشقا تىجارەت يولىنى ئىزدىشى، تاپقان ھامان بۇ خىل تىجارەتنى تاشلىشى كېرەك. دەرھال تاشلىيالايدىغانلار دەرھال تاشلىشى كېرەك. مال زاكاز قىلىدىغان ئىستېمالچىلارمۇ ئالاھىدە زۆرۈر بولمىغان ماللارنى زاكاز قىلماسلىقى ۋە سېتىۋالماسلىقى كېرەك. تۈرلۈك ساھەلەردىكى زۆرۈرىيەت دائىرىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىمۇ ئاساسەن خىتتاينىڭ خام ياكى دەسلەپكى ماتىرىياللىرىغا تايىنىدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىمۇ خىتتاي مېلىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. يەنە نۇرغۇن زاۋۇتلار خىتتاي مېلىنى ئالمىسا پۈتۈنلەي توختاپ كېتىشى مۇمكىن… شۇڭا، خىتتاي مېلىدىن مۇمكىن قەدەر يىراق تۇرىشىمىز ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ئامال بار باشقا تىجارەت يولى تېپىشى كېرەك، ئەمما تۈپتىن ھەل قىلىش چارىسى تاپماي تۇرۇپ، بايقۇت قىلىش تەسكە توختىشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر بىلەن بۇ سەۋەبتىن ئالاقىنى ئۈزۈش توغرا بولمايدۇ.
104 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىم كرېدىت كارد ئىشلىتىپ قەرزگە كىرىپ قالدى. ئۇنىڭ قەرزنى تۆلىگۈدەك ئىمكانىيىتى يوق. ئۇنىڭ قەرزى ئۈچۈن بۇ يىللىق زاكىتىمنى بەرسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ قېرىندىشىڭىز پۇشايمان قىلغان ۋە بۇندىن كېيىن قايتا جازانە قىلماسلىققا بەل باغلاپ تەۋبە قىلغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر بۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئىمكانىيىتى بولمىسا، زاكىتىڭىزنى بۇ قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن قېرىندىشىڭىزغا بەرسىڭىز بولىدۇ. تەۋبە قىلمىغان بولسا، بەرسىڭىز بولمايدۇ.
105 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھەيزدار پاك بولىدىغان كۈنى سوھۇر ۋاقتىدا ئۆزىدىن ئازراق ھەيز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، چۈشتىن كېيىن پاكلىنىپ يۇيۇنغان بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى روزىغا نىيەت قىلمىغان، ئۇنداقتا بۇ ئايالنىڭ بۇ كۈنلۈك روزىسى قانداق بولىدۇ؟ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى پاكلانغاندىن كېيىن بىرنەرسە يېمەسلىكى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بامداتتىن بۇرۇن ساقايغان بولسا، روزا تۇتۇشى كېرەك. بامداتتىن كېيىن ساقايسا، روزا تۇتسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايال بامدات ۋاقتىدا ھەيزدار. دېمەك، روزا ھېساب ئەمەس. قازاسىنى تۇتىدۇ. لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتە ئۇ ئايال رامازان ھۆرمىتى ئۈچۈن كۈندۈزى بىرنەرسە يېمەيدۇ.
106 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۆزلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! ئۇستاز مەن تۈركىيەدە كۇريەچىلىك قىلىپ (موتو ھەيدەپ) ئىشلەپ ئائىلەمنىڭ خىراجىتىنى تاپىمەن. مەن بىر ئاشخانىغا باغلىق ئەمەس، قايسى ماركىتلاردىن ياكى ئاشخانىلاردىن تەلەپ كەلسە، خېرىدارلاغا ئاپىرىپ بىرىمەن. رامازان ئېيىدا كۆپىنچە ماركىتلاردىن نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئاپىرىپ بېرىمەن. بەزىدە تاماقخانىلاردىن ئاپىرىش ئۇدۇل كېلىپ قالىدىكەن، مۇنداق ئىشلەش توغرىمۇ؟ ياكى ئىشلىمەي، باشقىلار بەرگەن سەدىقە – زاكاتلارنى يەپ يېتىش توغرىمۇ؟ زاكات – سەدىقە دېگەننى ئىشى يوق، تېنى ئاجىز ئادەملەرگە دۇرۇس دەپ، زاكات – سەدىقە ئالماي كەلگەنىدىم. مۇشۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈندۈزى ماركىتلاردىن نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، كۈندۈزى تاماق توشۇماي، كەچتە توشۇشنى تاللاش كېرەك. ئىشلىمەي، يەپ يېتىش توغرا ئەمەس ھەم بۇ ئىشتىن باشقا ئىش يوقمۇ ئەمەس.
107 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىزىم ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىلى 5 يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى. بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ نەۋرەم مەن بىلەن تۇرىدۇ. بەزىدە نەۋرەم دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشكەندە، مەن ئۆيدىكى كىيىملىرىم بىلەن بولغاچقا، تۇيۇقسىز يالاڭ باش ھالەتتە كۆرۈنۈپ قالىدىكەنمەن، يەنى نەۋرەم كۆرسىتىپ سالىدىكەن. بەزىلەر: «ئۇ بالا بىلەن ساڭا نىكاھ چۈشمەيدۇ، شۇڭا ھېچنىمە بولمايدۇ» دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇستاز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەمدۇر. چۈنكى، قېيىنئانا كۈيئوغۇلغا نىسبەتەن نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام بولغان ئاياللار قاتارىدىن. شۇڭا، سابىق كۈيئوغۇل قېيىنئانىسى بىلەن سەپەر قىلسا ۋە خالىي بىر يەردە ئولتۇرسا بولىدۇ. كىيىنىشتىمۇ كۈيئوغۇل ئالدىدا ئۆز ئوغلىدەك كىيىنسە بولىدۇ.
108 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! تەراۋىھ نامىزى ھەققىدە بىر سوئال سورىماقچىمەن، كىچىك بالام بولغانلىقتىن تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇۋاتقان ئىدىم، شۇڭا تەراۋىھ نامىزىنىڭ 12 رەكئەتىنى ئوقۇپ، قالغىنىنى بالامنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئوقۇساممۇ بولامدۇ ياكى بىر قېتىمدا ئوقۇپ بولۇش كېرەكمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خاھلىغانچە بىر قېتىمدا ياكى بىرقانچىگە بۆلۈپ تاڭ ئاتقۇچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
109 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت تۇراملا؟ ھازىر تۈركىيەدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ باھاسى خېلى قىممەت بولۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلار باشقا شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىبار باھالىق ئاممىۋى قاتناش كارتىسىنى ئارىيەت ئېلىپ قوللىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن، بۇنداق قىلىش شەرئەن دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولمىسا، كارتىنى قوللانغۇچى ۋە كارتا بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنى كارتىنىڭ ئەسلى ئىگىسى ۋە ئارىيەت ئالغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ گۇناھكار بولامدۇ ياكى كارتا بىلەن تەمىنلىگۈچىلا گۇناھكار بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىگە ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن، ئىنشائاللاھ. ئاللاھ مەرھۇم ئانىلىرىنىڭ قەبرىسىنى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا قىلىپ بەرسۇن. ھەشىر مەيدانىدا نامەئى ئەئمال دەپتىرى (ھايات ۋاقتىدا قىلغان ياخشى – يامان ئەمەللەر يېزىلغان دەپتەر) نى ئوڭ تەرەپتىن ئالغىلى نەسىب قىلسۇن، ئىنشائاللاھ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ گۇناھكار بولىدۇ. ھەم بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىمۇ بولىدۇ. پەقەت كارتىسى يوق ئوقۇغۇچىلارلا ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرسا مەيلى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇمۇ ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن.
110 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سوئاللىرىم:
1) تەراۋىھ نامىزىدا جامائەت مەسجىدكە سىغمىغانلىقتىن سەپلەرنى جىنازا نامىزى ئوقۇغاندەك يېقىن قىلىپ، ئالدىدىكى كىشىنىڭ دۈمبىسىگە سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
2) خۇپتەننىڭ ئەزانىنى ئاڭلاپ مەسجىدكە ماڭغان كىشى كىيىملىرىنىڭ تەر پۇراپ كەتكەنلىكىنى سەزسە، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ 27 ھەسسە ساۋابىنى كۆزلەپ ئالدىراپ مېڭىشى كېرەكمۇ ياكى قايتىپ يۇيۇنۇپ، پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەراۋىھتىن 4 – 5 رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغاندا كەلسىمۇ، شۇ ساۋابقا ئېرىشەلەمدۇ؟
3) نامازغا كېچىكىپ كەلگەن داموللامنىڭ چاقىرىلىپ 20 – 30 سەپنى يېرىپ ئۆتۈپ بىرىنچى سەپكە كېلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ ياكى داموللام ئاتالغانلىكى كىشىنىڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشى سۈننەتمۇ؟ بىز ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ قالساق، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟
4) ئۇيغۇر مەسجىدى تۈركلەرنىڭكىدىن خېلى كەڭرى بولسىمۇ، بىز رامازاندا بەك تەقۋا بولغاچقا، جامائەت سەپنى يېقىن قىلىپ ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق بالىلارنى نامازنى ئۆگەنسۇن، جامائەتنى كۆرسۇن، مەسجىدتە ئوينىسۇن … دەپ بىللە ئېلىپ كېلىپ تېخىمۇ قىستاڭچىلىق تۇغدۇرۇش ياخشىمۇ ياكى ئانىلىرى بىلەن ئۆيدە قالغىنى ياخشىمۇ؟
5) تون، سەللە كىيىش ئۇستازلارغىلا خاس سۈننەتمۇ؟ 1000 ئادەم نامازغا كەلسە، ئاران 20 – 30 «ئەھلى ئىلىم»لام شۇنداق كىيىنىدىكەن، مەنمۇ كىيەي دېسەم ئىلىمىم يوق بولغاچ، «ئالدىنقى سەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ قالماي» دەپ كىيمىدىم. نادان ئادەم تون، سەللە كىيىۋالسا جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) جائىز. 2) قايتىپ يۇيۇنۇپ كېلىدۇ. 3) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹تۈز تۇرۇڭلار، قىڭغىر تۇرماڭلار. سېپىڭلار تۈز بولمىسا، قەلبىڭلاردا بىرلىك بولمايدۇ. ئاراڭلاردىكى ئىلىملىك ۋە ئەقىللىق كىشىلەر ماڭا يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن تۆۋەنلەر، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن تۆۋەنلەر تۇرسۇن› دەيتتى»(«مۇسلىم»، 432). مەزكۇر ھەدىسكە ئاساسەن ھازىر بولغان جامائەت سەپ تۈزگەندە، ئىمامنىڭ ئارقىدا ئىلىم ئەھلى تۇرۇشى كېرەك. ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە باشقىلار تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، كېچىكىپ كەلگەنلەر باشقىلارنى سۈرۈۋېتىپ ئالدى سەپكە چىقىۋالسا بولمايدۇ. ئالدى سەپتىكى كىشىنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا بېرىش – بەرمەسلىكىمۇ قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە. 4) چوقۇم قىستىلىپ ئوقۇش كېرەك ئەمەس، بالىلارنى ئېلىپ باشقا جامەلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەيتلىرى. 5) شەرئىي جەھەتتىن «سەللە سۈننەت ياكى مۇستەھەب» دېگەن قاراش بار. بۇ ھەممىگە ئوخشاش. ئەمما، بىلىشىمچە، خەلقىمىزنىڭ ئادىتىدە ئەھلى ئىلىم ياكى مويسىپىتلار كىيىدۇ. تون ھەممىگە ئومۇمىي مىللىي كىيىمىمىز بولۇپ، «ئەھلى ئىلىم بولمىغانلار كىيسە بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. پەقەتلا ئادەت تۈپەيلى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش مۇناسىپ.
111 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن مەلۇم بىر دەرنەككە ئىشقا چۈشكەنىدىم، دەرنەك مەسجىدكە يىراق ئەمەس، بىزنىڭ ئىش ۋاقتىمىز ئۇزۇن، مائاشىمىز ئەسغەرى ئۈجرەت (دۆلەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش) تىنمۇ ئاز، ئەمما «مەزلۇملار ئۈچۈن خىزمەت قىلغاچقا، ساۋابى مائاشتىنمۇ ياخشى» دەپ ئىشلەۋاتىمەن. بەزىدە بىزگىمۇ دەرنەكتە بولغاچقا، باشقا پايدىلارمۇ يېتىپ تۇرىدىكەن. سوئالىم: ئەزان چىققاندا مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن باشلىقىمدىن سورىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى پەرز ئىبادەت بولغاندىكىن، پەقەت ناماز ئوقۇۋېلىپلا تېز قايتىپ كېلىۋەرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر سورىسام «ماقۇل» دېسە، نامازدىن سالام بېرىپلا قايتىشىم كېرەكمۇ ياكى زىكىر – تەسبىھلەرنى قىلىپ، دۇئادىن كېيىن جامائەت بىلەن تەڭ قايتسام ياخشىراقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇپ كېلىشىڭىزنى باشلىقنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇپ، مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇۋېلىپلا تېز قايتىپ، تەسبىھلەرنى يولدا قايتقاچ ئېيتىۋالسىڭىز مۇناسىپ.
112 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مۇشۇ قىلغان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن.
1) سوئالىم: مېنىڭ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ 20 مىڭ دوللىرىم بار ئىدى، يولدىشىم تۈركىيەگە كېلىپ، «تىجارەت قىلدىم» دەپ ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، يېنىدا پۇل قالماي مېنىڭ يېنىمدىكى 20 مىڭ دوللارنى دەسمايە قىلىپ پۇل تاپماقچى بولۇپ، مەندىن قەرز سۈپىتىدە ئېلىپ تۇرغان. ئۇ پولنى 3 – 4 ئاي ئىچىدە يوق قىلغان بۇلدى. بۇنىڭغا 5 يىل بۇلدى. بۇ بەش يىل جەريانىدا بۇ پۇل يېنىمدا بولمىغاچقا، زاكات ئايرىمىدىم. شۇنداق قىلغىنىم توغرىمۇ؟
2) سوئالىم: مېنىڭ ۋەتەندىن تاقاپ كەلگەن، زاكات چۈشىدىغان ئالتۇنۇم بار. بۇنىڭغا زاكات ئايرىپ باشقىلارغا بېرىپ كەلدىم. يېنىمدا 40 مىڭ لىرا ئەتراپىدا تۈرك پۇلى بار، بۇنىڭغا زاكات ئايرىمدىم؟
3) سوئالىم: يولدىشىم مۇقىم بىر ئىش قىلالمىغاچقا، گاھىدا ئۆيگە خىراجەت قىلىدىغانغا پۇلى يوق بولۇپ قالغاندا، باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالغان يېرى باركەن. شۇڭا، مەن ئايرىلغان زاكىتىمنى يولدىشىمغا بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! 1) ئۇ پۇلغا زاكات ئايرىمايسىز. يولدىشىڭىز قاچان ئۇ قەرزنى قايتۇرۇپ بەرسە قايتۇرۇپ بەرگەن شۇ يىلىغا زاكات ئايرىپ ئۆتكەن يىللارغا ئايرىمايسىز. 2) ئەلبەتتە ئايرىيسىز. 3) ئايالى زاكىتىنى (كەمبەغەل) ئېرىگە بەرسە بولىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېرىگە سەدىقە بېرىش ھەققىدىكى سوئالىغا: « ئۇنىڭغا ئىككى ئەجىر بولىدۇ: بىرى سىلە – رەھىم قىلغانلىقنىڭ ئەجرى، يەنە بىرى سەدىقە قىلغانلىقنىڭ ئەجرى» دەپ جاۋاب بەرگەن( «بۇخارىي»، 1466).
113 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى – ئۈچ سوئالىم بار ئىدى: 1) ھازىر ئەتراپىمىزدا دەرنەكلەردىن ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك بىرنېمىلەرنى ئېلىپ، ئاپىرىپ ساتىدىغانلار بار ئىكەن، سېتىش شۇلارغا ھالالمۇ، ھاراممۇ؟ 2) كىچىك بالىلار لاتا قونچاق ئوينىسا بولامدۇ – بولمامدۇ؟ (توقۇلغان لاتا قونچاقلار كۆزى ئوچۇق ئەمەس، كۆز ئورنىغا بىر تال يىپ قىلىپ قويغان. بەزىلىرىنىڭ ئېغىزى يوق، بۇرنى بار؛ بەزىلىرىنىڭ بۇرنى يوق، ئېغىزى بار ھالەتتە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) پېقىر بولۇپ ئاشلىق ياكى يېمەك سەدىقە ئالغان بولسا، ئالغۇچىنىڭ ئىختىيارى. شۇڭا، خاھلىسا يەيدۇ، خاھلىسا ساتىدۇ، خاھلىسا ھەدىيە قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇنىڭ مۈلكىگە ئايلاندى. مۇھىم بولغىنى ئېھتىياجى بولمىسا ئالماسلىق كېرەك. 2) پۈتۈن ئەزالىرى ساق قونچاق بولسىمۇ بالىلارغا رۇخسەت، ئوينىسا بولىدۇ.
114 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ، ئۇستاز! بىر ئايالنىڭ يەنى ھىجاپلىق ئايال ئۈچۈن، ئۆيدە قېيىنئاتىسى ۋە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇللىرى ئالدىدا باشتاق، كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرۇشى توغرىمۇ؟ قېيىنئاتىمىزنىڭ ئالدىدا يالاڭباش ياكى قىسقا قول كىيىم كىيەلەمدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن! ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىدىن سىرتتىن كۆرۈنگەندىن باشقىنى ئاشكارىلىمىسۇن! لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن! زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن؛ ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن؛ دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ۋەيا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن! يوشۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن!﴾(24/«نۇر»: 31). مەزكۇر ئايەتكە ئاساسەن، ئاياللار قېيىنئاتىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا باشتاق، كالتا كىيىملەر بىلەن تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، قېيىنئاتىسىنىڭ ئوغۇللىرى يەنى ئېرىنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئالدىدا تولۇق كىيىم بىلەن تۇرىدۇ. پەرقى باشتىكىلەر ئايالغا مەڭگۈلۈك مەھرەملەر. كېيىنكىسى ۋاقىتلىق مەھرەملەر.
115 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، بىرقانچە يېتىم بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بىر كىشى بار بولۇپ، بۇ كىشىگە باشقىلار «مۇشۇ يەردىكى يېتىم بالىلار يېسۇن» دەپ ئېھتىياجىدىن زىيادە گۆش بەرسە، بۇ كىشىنىڭ بالىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن زىيادە بولغان قىسىمىنى باشقا ئېھتىياجلىقلارغا بېرىۋېتىشى جائىزمۇ؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز ئەمەس.
116 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! 1) ئۆيدە چۈمۈلە كۆپ بولۇپ كېتىپ يېمەك – ئىچمەكلەر ئارىسىغا كىرىۋالسا، يوقىتىش ئۈچۈن دورا چاچساق بولامدۇ؟ يەنى چۈمۈلىنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولامدۇ؟ 2) ھازىر بازاردا، تورلاردا «پۇت، بەل ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ» دەپ چۈمۈلە مېيى ساتىدىكەن. چۈمۈلە مېيىنى چىقىرىش ئۈچۈن، چۈمۈلىنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇ «چۈمۈلە مايلىرى»نى ئىشلەتسەك، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۆرۈرىيەت بولغاچقا ئۆيدىكى چۈمۈلىنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. 2) زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا، چۈمۈلە مېيى بىلەن داۋالىنىش جائىز. گۇناھ بولمايدۇ.
117 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ، ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇستازلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن!
1) ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە سالام قىلىشى ۋە سالام قايتۇرۇشىنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ ئەگەر چەكلەنسە، قايسى خىل ئەھۋال ئاستىدا چەكلىنىدۇ؟
2) ئايال كىشى ئۆز ھاجىتى ۋە پەرزەنتىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن سىرتقا (سودا ـ سېتىققا) چىقسا، پەزىلەتلىك بولۇشتىن مەھرۇم قالامدۇ؟
3) تۇل ئايال، يېتىم بالىلارنى ئازراق بولسىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن (يەنى بىر ئەر ئۆز ئايالى، پەرزەنتى بىلەن قوشۇپ ئەتراپىدىكى تۇل ئايال بالىلارنى) باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! 1) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇڭلار»(«بۇخارىي»، 5175) دېگەن ھەدىس شەرىفىگە ئاساسەن ئەرلەر ئاياللارغا، ئاياللار ئەرلەرگە يالغۇز ۋە جامائەت سالام قىلسا بولىدۇ. سالامنى ئىلىك ئېلىپ ئوبدانراق قايتۇرۇشمۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان. بۇنىڭدا پەقەتلا كېيىنچە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقماسلىققا دىققەت قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش لازىم. شۇڭا، ئالىملاردىن «ياش يىگىت ياش ئايالغا، ياش ئايال ياش يىگىتلەرگە سالام قىلمايدۇ» دەيدىغانلارمۇ، جامائەت ھالىتىدە بولسا ياكى يالغۇز ياشانغانلارغا رۇخسەت قىلىدىغانلارمۇ ۋە ئۇندىن باشقا چەكلىمە قويغانلارمۇ بار. سەلەفلىرىمىزدىنمۇ ھەرخىل بايانلار كەلگەن. شۇڭا، توغرىسى ھەركىشى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ. ئەمما، سالام قىلسا قايتۇرۇش لازىم. 2) مەھرۇم قالمايدۇ. 3) مۇستەھەب.
118 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا بىر سوئال بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ۋە ئەھلى بالىلىرى نېمىشقا سەدىقە يېمەيدۇ، ئەمما ھەدىيە ئالىدۇ؟ (تۈركىيەدىن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جانابىي ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىززەتلەپ، پاكلاپ، دەرىجىسىنى پۈتۈن خالايىقتىن ئۈستۈن قىلغان. يەنە ئۇ زاتنى دۇنياغا تەلمۈرۈشتەك بەزى ئىشلاردا ئومۇم خالايىققا ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ، ئول زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك ماقامىغا لايىق بەزى خاس ھۆكۈملەرنى بەرگەن. زاكات كىشىلەرنىڭ ئۆز مال – مۈلكلىرىنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەن كىرى بولغاچقا، زاكات ئېلىش ۋە زاكات يېيىشنىمۇ بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبىرىگە ۋە جەمەتىگە ھارام قىلغان. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەي ھاشىم ئەۋلادلىرى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كىشىلەرنىڭ (پۇل – ماللىرىنىڭ) كىرلىرىنى ھارام قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرگە يىگىرمە بەشتىن بىرىنى بەردى» دېگەن. ھاشىم جەمەتى ــ ئابباس، ئەلى، ئەقىيل، جەئفەر ۋە ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدۇر. بۇلارنىڭ نەسەبلىرى ئابدۇمەنافنىڭ ئوغلى ھاشىمغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا «ھاشىم ئەۋلادلىرى» دەپ ئاتالغان.
119 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت ئوبدان تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.
1) Trendyol, Hepisiburada, n11, Amazon, Gittigidiyor غا ئوخشاش توردا سېتىش سۇپىلىرىدا مال سېتىش ئارقىلىق تىجارەت قىلساق بولامدۇ؟ ئۆزىمىز توربەت قۇرۇپ مال ساتساقچۇ؟
2) ئىنستېگرام، يۇتۇب، فېيسبۇك قاتارلىق (كۆرۈلۈش سانى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە پۇل تېپىش كۆزنىكى ئېچىلىدىغان ۋەياكى ئېلان بېرىش ئارقىلىق كىرىم قىلىنىدىغان) ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە پۇل تاپساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) جازانىگە، نائېنىقلىققا ۋە ئالداشقا ياتمايدىغان شەكىلدە توردا مال سېتىشقا بولىدۇ. تور سۇپىلىرىدا سېتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ھۆكۈم بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بەزى سېتىش ئۇسۇللىرىدا بەزىدە چەكلەنگەن ئىشلار ياكى ناتوغرا شەرتلەر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، قولىدا يوق تاۋارنى دروبشىپپىڭ (Drop Shipping) قىلىپ سېتىش جائىز ئەمەس. شۇڭا، ھەركىم دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغان نۇقتىنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. 2) بېرىلىدىغان ئېلانلارنى سۈزۈشتە خېلى كۈچىسىمۇ يەنىلا بىھايا ۋە ناتوغرا ئېلانلار چىقىپ قالىدىكەن. ئەگەر شۇنى تولۇق تىزگىنلىيەلىسە ۋە زىيانلىق ئېلان چىقمايدىغان قىلالىسا جائىزدۇر. مەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىزدىنىپ ئۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇندىن كېيىن ئۆزگەردىمۇ بىلمەيمەن.
120 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! مەن ئەمىن ئەۋىمگە ئۆيگە تىزىملاتقان، چەك تارتىشتا ئۆي چىققان، ئەمما ئۆي چىقىپ، ئۆي ئېلىپ بولغۇچە، ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ ئۆي ئالالمىدىم. ھازىر ئەمدى «ماشىنا ئالغىن» دېدى. ماشىنا ئالاي دەپ تۇرغاندا سىلىنىڭ پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ، ئىككىلىنىپ قالدىم. مەن ئەمىن ئەۋىمگە تىزىملاتقىلى ئىككى يىل بولدى، 170 مىڭ لىراغا تىزىملاتقان، مەندىن 13700 لىرا «مەشغۇلات ھەققى» ئالدى. بۇرۇن ھەر ئايدا 1400 لىرادىن تۆلەيتتىم، چەكتە ئۆي چىققاندىن كېيىن 2350 لىرا تۆلەۋاتىمەن. مەن مۇدىردىن سورىدىم، ئەمىن ئەۋىم مۇدىرى: «بۇرۇن بىزنىڭ بانكا بىلەن كېلىشىمىمىز بار ئىدى، لېكىن يېقىندىلا ھۆكۈمەتكە باغلاندۇق» دەيدۇ. يەنە بىر گەپ، مەن قانداق قىلاي؟ مەن ئىمزا قويساملا ماشىنا ئېلىپ بېرىدىغان يەرگە كەلدى. ئەمما، ھازىر يېنىۋالسام، «مەشغۇلات ھەققى»نى قايتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كەمگىچە تۆلىگەن پۇللىرىمنى يىغىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن چېكىنىپ چىكىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، بۇنداق ناتوغرا توختامدىن يېنىش ۋاجىب.
121 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئۆيدە كۈيئوغۇلنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، قېينىئانىسى كەينىدە تۇرۇپ لوقما سالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قېيىنئانىغا كۈيئوغۇل مەھرەم بولغاچقا، قېيىنئانىسى ئۇنىڭغا لوقما سالسا بولىدۇ. نامەھرەم بار يەردە لوقما سالماي تەسبىھ ئېيتىدۇ.
122 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار كۆپ يىغىلىشقان بىر جايدا مېۋە ئېلىۋاتسام، يولدا ھەممە ئادەمگە «ئىفتارلىق ئېلىپ بەر» دەپ كەينىگە كىرىۋېلىپ بارغان بىر ئايال بار ئىكەن، يېنىمغا كېلىپ ماڭىمۇ دېگەنىدى، «ساختىپەزمۇ» دەپ بىلەلمىگەنلىكتىن، ھېچنېمە بەرمىدىم، لېكىن كۆڭلۈم بىرخىل بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئەھۋالدا ماڭا گۇناھ بولغانمىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 17 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
123 – سوئال: بىتكۇۋين مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە ئىشلىسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ تىجارەتنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان دەرىجىدە ھالال دېگەن پەتىۋاسى چىققۇچە ئىشلەشكە بولمايدۇ.
124 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ دادىسى ۋەتەندە قالغان بىر قىزىم بار، 14 ياشقا كىردى. مەن ھازىر باشقا ئەرگە نىكاھلاندىم، رامازاننىڭ فىترىسىنى شۇ قىزىمغا بەرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قىزىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭكىنى بەرسىڭىز بولمايدۇ. يولدىشىڭىزنىڭكىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.
125 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى: 1) ئېمىدىغان كىچىك بوۋاقنىڭ ئېمىپ بولۇپ ياندۇرىۋەتكەن قۇسۇقى يۇقۇپ قالغان كىيىمىمىزدە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ 2) قاچا – قۇچا ياكى كىر يۇيغاندا كىر سۈيى چاچراپ كەتكەن كىيىملەر بىلەنچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئىنساننىڭ بەدىنىدىن چىققان، چوقۇم تازىلىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان چوڭ – كىچىك تەرەت، قان، يىرىڭ ۋە قۇسۇققا ئوخشاش نىجاسەتلەر ئېغىر دەرىجىلىك نىجاسەت دەپ قارىلىدۇ. ئېمىۋاتقان بوۋاقنىڭ قۇسۇقىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بوۋاقنىڭ قۇسۇقىمۇ ئاشقازاندىن قايتقان نەرسە. لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتە بوۋاقنىڭ قۇسۇقى كىيىم ياكى بەدەنگە چوڭ تەڭگە مىقدارىدىن ئارتۇق يۇقمىسا نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 2) قاچا – قۇچىدا نىجىس نەرسە بولمىسا، قاچا – قۇچا يۇيغاندىكى سۇ نىجىس ئەمەس. ئەگەر مەينەت كىيىم – كېچەكنىڭ كىر سۈيى بولسا كىيىم ياكى بەدەنگە چوڭ تەڭگە مىقدارىدىن ئارتۇق يۇقسا ئۇنى تازىلىۋەتمەي ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. مەينەت ئەمەس (يەنى مەنىي ياكى سۈيدۈك ۋەياكى قاندەك ئېنىق نەجاسەت بولمىغان) كىيىم – كېچەكلەرنىڭ سۈيى قانچىلىك چاچراپ كەتسە نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
126 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ شەھۋىتىم بەك كۈچلۈك، ئەمما يېتەرلىك پۇلۇم يوق، تۆت خوتۇنلۇق بولۇش ئۈچۈن زاكات، سەدىقە ئالسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر ئايالنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە زاكات پۇل بېرىپ ئۆيلىنىشكە ياردەم قىلىش جائىز. ئەمما، بىر ئايالى يېنىدا بار تۇرۇپ ئىككىنچى ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغانلارغا زاكات بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى، ئېھتىياج بىر ئايال بىلەن قامدىلىدۇ. «مېنىڭ شەھۋىتىم كۈچلۈك، بىرسى بىلەن قامدالمايدۇ» دېسىڭىز روزا تۇتۇپ تۇرۇڭ. باشقا ئۆيلىنەلمىگەن نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر زاكاتقا سىزدىن لايىقراق.
127 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھەرەمدە ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئايال كىشى، جەمئىيەتتىن زاكات سەدىقە توپلاپ، شۇنىڭغا ئىقامەت ئېلىپ تۇرسا جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز ئەمەس. چۈنكى، باشقا دۆلەتتە تۇرسا بولىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ھەرەمدە تۇرۇشى كېرەك ئەمەس.
128 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ياۋروپادا زاكات فىترى قانچە ياۋرو كېلىدىكەن؟ شۇ يەردىكى بەزىلىرى فىترلىرىنى بۇ يەردىكىلەرگە بېرىدۇ، بىر كىشىگە قانچە ياۋرو كېلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ياۋروپادا گېرمانىيەدەك بەزى دۆلەتلەردە فىترنى 10 ياۋرو بېكىتكەن. يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭدىن سەل پەرقلىق. مېنىڭچە، باشقا دۆلەتكە ئەۋەتمەكچى بولغانلار تۇرۇۋاتقان جاي بىلەن ئەۋەتمەكچى بولغان جاينىڭ قايسىسىدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم – كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز. مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە فىتر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە فىتر ئون ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە بەش ياۋروغا سەدىقە فىتر كېلىدىغان بولسا، ئون ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. بەش ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا بەش ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.
129 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ھىجرەت توغرىسىدا ئازراق سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) ھازىر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇھاجىر ھېساپلىنامدۇق؟ 2) ياۋروپاغا ھىجرەت قىلىش توغرىمۇ؟ 3) ئەگەر خىتتاي پاسپورتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاللاشسىز ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بولساق، ياۋروپا پاسپورتىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار كۆپ ئورتاقلاشقان بىرەر دۆلەتكە كەتكىنىمىز ئەۋزەلمۇ؟ ئاللاھ ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۇلۇمدىن قېچىپ ھىجرەت نىيىتىدە چىققانلار ياكى باشقا سەۋەبتىن چىقىپ زۇلۇم سەۋەبىدىن تۇرۇپ قالغانلار نىيەتنى ھىجرەتكە ئۇدۇللىسا، مۇھاجىر بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. 2) بۇ ھەقتە ئايرىم پەتىۋا بار. مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈۋالغايسىز. https://sajiya.biz/?p=2237 3) ياۋروپا پاسپورتى ئالغاندىن كېيىن، خاھلىسا ياۋروپادا تۇرۇپ مۇسۇلمانلار سېپىنى كۈچەيتسە بولىدۇ، خاھلىسا باشقا دۆلەتكە كەتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى.
130 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! bitcoin ئارقىلىق پۇل تېپىش ھالالمۇ؟ kaldıraç قىلماي، bitcoin دا پۇل تېپىش bitcoin نى ھالال قىلامدۇ؟ «پۈتۈن دۇنيا bitcoin غا مەجبۇر يۈزلىنىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار bitcoin دا پۇل تېپىۋاتىدۇ» دېگەنلەرگە دىنىمىز قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېسىپ «ھالال ئەمەس» ياكى «ھارام» دېيەلمەيمىز. ئەمما، قىمار تۈسىنى ئالغان بىر تىجارەتلىكى ھەممىگە ئايان. ئەقەللىي تەقدىردە شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ. كېلەچەكتە ئەھۋال ئۆزگىرىپ، كېيىنچە ئېنىق ھۆكۈم چىقىشىمۇ مۇمكىن. مەن ھازىرچە «قىلماي تۇرۇش كېرەك» دەپ تەۋسىيە قىلىمەن. قالدىراچ kaldıraç (LEVERAGE) ئېنىق جازانە. چۈنكى بۇ ئۆسۈملۈم قەرزدىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەرقانداق نەرسىنى قالدىراچ قىلسا جازانە بولىدۇ.
131 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يولدىشىم ئەسغەرى ئۈجرەت مائاش (دۆلەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئايلىق) ئالىدۇ. بۇ پۇلنى تېجەشلىك ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر ئاينى چىقىرىمىز. لېكىن، بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن سىرت ھەرخىل كۇرس ۋە كىتاب ئېھتىياجلىرىغا ئېشىنالمايمىز. سورىماقچى بولغىنىم: بىز زاكات، فىتر ۋە سەدىقە دېگەندەكلەرنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ كۇرس ھەققىگە ۋە كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەك توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولۇڭلاردا يىغىلغان بەش مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل بولمىسا، زاكات، فىتر ۋە سەدىقە دېگەندەكلەرنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ كۇرس ھەققىگە ۋە كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
132 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يولدىشىم بامدات نامىزىدىن يېنىپ ئازراق ئۇخلىۋېلىپ، سائەت ئالتە يېرىم بىلەن ئىشقا ماڭىدۇ (ئۇخلىغاچقا تاھارىتى يوق). بۇ ھالەتتە خىزمەتداشلىرى كېلىپ ئىش باشلىغۇچە بولغان ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇۋالىدۇ. ۋاقىت قىسقا بولغانلىقتىن، تاھارەت ئالماي قۇرئان ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ.
133 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىزلارنى قانچە ياشتىن تارتىپ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيمىز؟ قاچاندىن تارتىپ قىزلارغا ھىجاب پەرز بولىدۇ؟ ئوغۇللارغا قاچاندىن تارتىپ ناماز پەرز بولىدۇ؟ «ئېھتىلام بولغاندا پەرز بولىدۇ» دېيىش توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېھتىلام بولغىنىنى بىلىش ئىمكانىمىز بولمايدۇ. نامازنىڭ پەرز بولغىنىنى يەنە قانداق فىزىئولوگىيىلىك ئالامەتلەر بىلەن بىلىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بالىلارنى يەتتە ياشتا نامازغا بۇيرۇشقا باشلايمىز. ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. ھىجابمۇ شۇنداق. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، ناماز بىلەن ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى ۋەياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. يەنە ئوغۇلنىڭ ئاۋازىنىڭ توم چىقىشى ۋە قىز – ئوغۇللارغا ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكى ئۈنۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن بولىدۇ.
134 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ سوئالىم شۇكى، بىر ئەر – خوتۇن ئۆيىدە جېدەللىشىپ قېلىپ، خوتۇنى ئېرىگە قېيداپ: «چىقىپ كەتسەم، قايتىپ كىرمەيمەن» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئاندىن بىر – ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاچچىقى يېنىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايالنىڭ سۆزى ۋە چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كىرىشىنىڭ نىكاھقا تەسىرى يوق. ئەمما، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى ئەرنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشقا ياتىدىغان گۇناھ قىلمىش.
135 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن بىر سوئال سوراي دېگەنىدىم، مەن بەش بالىنىڭ ئانىسى. ۋەتەندە بالىلىرىم كەينى – كەينىدىن تۇغۇلۇپ، تۆتىنچى بالامغا كەلگەندە، ھەيز مەزگىلىمنى ساناپ 30 كۈن توشا – توشمايلا، يەنە ھامىلە ئىكەنلىكىمنى تەكشۈرتۈپ بىلدىم ۋە دورا يېيىش ئارقىلىق ھەيزنى ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئويلاشتىم. چۈنكى، مەن بەزى ئالىملارنىڭ «40 كۈن توشماستىن ھامىلىنى چۈشۈرسە، ئۇ مەنىي ھالىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەزلە قىلغانغا ئوخشاش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇنداق قىلغانىدىم. لېكىن، «ئىبنى كەسىر»نىڭ تەكۋىر سۈرىسى تەپسىرىدە: «كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مەنىينى سىرتىغا تۆكۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بۇ ئىش بولسا يوشۇرۇن تىرىك بالا كۆمۈۋېتىشتۇر ۋە ›سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟‹ دەپ سورىلىدىغان تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدۇر› دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ۋە يەنە بىر ھەدىستە: ‹تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ›سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟‹ دەپ سورالغان چاغدا› دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، بىر ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن بىرنەچچە قىزىمنى كۆمۈۋەتكەن ئىدىم› دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇنداقتا، سەن ھەربىر قىزىڭ ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغىن› دېگەن ۋە ئۇ كىشىنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ: ‹ھەربىر قىزىڭ ئۈچۈن بىر تۆگە ئۆلتۈرگىن›» دېگەنلەرنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن شۇ چاغدا قىلغان بۇ ئىشىم ئۈچۈن فىديە بېرىمەنمۇ؟ ئەگەر بېرىش توغرا كەلسە، قانچىلىك بېرىمەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزگە توغرىسىنى مۇيەسسەر قىلسۇن. بۇ ئىشنى قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبى بولسا ھەم ۋەتەندىكى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ بېسىمى، ھەم بالىلىرىم بەك ئۇششاق بولغانلىقتىن، ياخشى تەربىيەلەپ بولالماي قېلىشتىن قورقۇشتۇر.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش مەيلى قايسى باسقۇچتا بولسۇن، ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى. بۇنداق جىنايەت سادىر قىلغان ئەھۋالدا، بۇنىڭدىن ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، تەۋبىسى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش ئارقىلىق كەففارەت بېرىش لازىم.
شۇنداقلا بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن جىنايەتكە قارىتا، بىر قاراشتا: «دىيەت تۆلەش لازىم». بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تۆلىمى بولسا، بەش تۆگە ياكى ئۇنىڭ قىممىتى بولۇپ، بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن كىشى بۇ پۇلنى بالىنىڭ مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. بالىنى ئانىسى ياكى ئاتىسى چۈشۈرگەن بولسا، بۇلار ئۇ پۇلنى بالىنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. ئۆزلىرى ئۇنىڭدىن مىراس ئالالمايدۇ.
يەنە بىر قاراشتا: «دىيەت كەلمەيدۇ». شۇڭا، تەۋبە قىلىپ كۆپ سەدىقە قىلىپ، كېيىنكى مۇشۇ قاراش بويىچە دىيەت تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
136 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى يەگڭىگەنىدىم. ئاخىرقى كۈنلەردە سېرىق ۋە تۇتۇق سۇيۇقلۇقتىن پاكلىنىشنى ساقلاپ، 40 كۈن توشۇپ كەتتى ۋە 41 – كۈنىدىن باشلاپ (يەنى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى) روزا تۇتۇپ، ناماز باشلىدىم. تۈنۈگۈن (يەنى 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى) پېشىندىن باشلاپ قايتىدىن ھەيز قېنىغا ئوخشاش توق رەڭلىك قان كېلىشكە باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ روزىنى بۇزمىدىم ۋە بۈگۈنمۇ روزا تۇتتۇم. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئادەت كۈنلىرىممۇ ھەر ئاينىڭ 6 -، 7 – كۈنلىرىگە توغرا كېلەتتى. شۇڭا ھازىر مەن پاك ھالەتتە ھېسابلىنامدىم ياكى ھەيزدار ھالەتتىمۇ؟ (مەن ئىككى ئادەت ئارىلىقى ئەڭ ئاز 15 كۈن دەپ قاراپ، روزىنى داۋاملاشتۇرغانىدىم)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەيزدار ھېسابلىنىسىز.
137 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، روزىدار ھالەتتە ئەتىرنىڭ پۇرىقى ئاغزىغا ياكى بۇرنىغا كىرىپ كەتسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇزۇلمايدۇ.
138 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! ناماز ۋاقتى كىرىپ قالغاندا، قولىمىزدا بوۋىقىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ ياكى ياندا ياتقۇزۇپ قويغان بوۋىقىمىز ناماز ئارىلىقىدا يىغلاپ كەتكەندە، كۆتۈرۈۋېلىپ نامازنى داۋاملاشتۇرساق، نامازنى بۇزغان بولامدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئېھتىياج بولغاندا بوۋىقىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇساق بولىدۇ. رۇكۇ – سەجدىگە بارغاندا يەرگە قويىمىز. نامازغا تەسىر قىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان، رۇكۇ قىلىدىغاندا يەردە قويۇپ قويغان، رۇكۇدىن كېيىن يەنە كۆتۈرۈۋالغان(«بۇخارىي»، 516؛ «مۇسلىم»، 543).
139 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازان ئېيىدا بېرىدىغان فىترنى رامازاندىن بۇرۇن شۇ نىيەتتە بەرسە توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەدىقە فىتر رامازان ئاخىرلاشقاندا ھېيت نامىزىغىچە بېرىلىدۇ. بۇنى جايىغا يەتكۈزۈشكە ۋاقىت كېتىدىغان بولسا، رامازاننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ياكى ھېچ بولمىغاندا رامازان ئىچىدە بەرسە، ئالىدىغانلارنىڭ قولىغا ھېيتقىچە تەگسە بولىدۇ. ئەمما، يىراققا ئەۋەتمەيدىغان بولسا، ھېيتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىشى لازىم.
140 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن.
«ئۆيدە سۈرەتلىك نەرسىلەرنى ساقلاشقا بولمايدۇ» دەپ بىلىمىز. لېكىن، بالىلارغا بەزىدە قونچاق ياكى ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدە سۈرەت بار نەرسىلەر ئېلىنىپ قالىدىكەن. كىتابلاردا ھەم بار. چۈنكى، رەسىمسىز كىتابلار يوق دېيەرلىك.
سوئالىم: ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيدە بۇنداق نەرسىلەر بولسا، ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟ قونچاقلارنى بالكونغا ياكى باشقا ئۆيگە قويۇپ ئوقۇمدۇق؟ ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيدە سۈرەتلىك كىتابلارنى باشقا يەردە قويۇش كېرەكمۇ ياكى كىتابنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بولىۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن!
بالىلارنىڭ قونچاقلىرىغا ۋە ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتكە رۇخسەت. رۇخسەت بولغانىكەن، ئۆيدە قويۇشقا بولىدۇ. رۇخسەت قىلىنغانىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولمايدۇ.
141 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ ئاللاھ ئىككى دۇنيادا سالامەت قىلسۇن!
تۆۋەندىكى سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
1) ۋەتەندە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا «مەكتەپ گېزىتى» چىقىرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بار ئىدى. مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى ئىدىم. بەزى ماددىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گۇرۇپپا ئەزالىرى ئورتاق پۇل چىقىرىپ مەبلەغ توپلايتتۇق. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بىر قېتىم گۇرۇپپىنىڭ پائالىيىتى بولغاندا، ئەزالار تەڭ پۇل چىقىرىپ كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋالغانىدۇق. شۇ پائالىيەتتە ئىشلەتكەن بىر تال چاي چەينىكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەندە قالغانىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، مەن ئۇنى گۇرۇپپا ئىشخانىسدا قويۇپ قويالماي، ئۆيۈمگە ئەكىتىپ قالغانىدىم. سەككىز يىل بولدى، ھازىرغىچە بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلمىدىم. ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ دېمەك، سەككىز يىل ئىلگىرىكى بىر كوللېكتىپنىڭ چەينىكى مېنىڭ ۋەتەندىكى ئۆيۈمدە قالغان ئىدى.
2) چۈشكەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىۋېرەمدۇ؟ ياكى شەرىئەتتە بىرەر كۆرسەتمە بارمۇ؟
3) ئاياللار ئۆيدە ھىجابلانمىغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇغان بولسا، ئەگەر سەجدە ئايەتى ئۇچرىسا، ھىجابلىنىپ سەجدە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ناماز بولمىغاندىكىن، ھىجابلانمىغان ھالەتتە سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولامدۇ؟
4) بىر سەجدە ئايەتىنى بىر ئولتۇرۇشتا بىرقانچە قېتىم ئوقۇغان بولساق، بىر سەجدە قىلساقلا كۇپايىمۇ ياكى نەچچە قېتىم ئوقۇلسا، شۇنچە قېتىم سەجدە قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) بۇ سىز ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئورتاق نەرسە بولغاندىكىن ھەم ئۇ سىزدە ئامانەت سۈپىتىدە تۇرغاندىكىن ھېچ گەپ بولمايدۇ. 2) چۈشكەن ياكى چۈشۈرۈلگەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىدۇ. كۆمۈۋېتىش ۋاجىب ئەمەس. 3) ناماز بولمىغاندىكىن ھىجابلانمىغان ھالەتتە سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. 4) بىر ئولتۇرۇشتا بىر ياكى بىرقانچە قېتىم ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا، ھەربىر سەجدىگە ئايرىم – ئايرىم سەجدە قىلسىمۇ، ھەممىگە بىراقلا بىر قېتىم سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. سەجدە قىلىشنى ئولتۇرۇشتىن قوپۇشىغىچە كېچىكتۈرسىمۇ مەيلى، لېكىن ۋاقتىدا قىلىش ئەۋزەل.
142 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇ؟ مەن ئۆزۈم بالىلار كىيىمى دۇكىنى ئاچىمەن. ئەمما، قوشۇمچە ئاياللارغا ئائىت كىيىم، سومكا ياكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك ھەرقانداق بىرنەرسىلەنى توپ سېتىش بازىرىغا بارغاندا، خېرىدارلار توپىغا يوللايمەن، «مۇنداق نەرسىلەر بار قېرىنداشلار! باھاسى مۇنداق، ئالىدىغانلار بولسا، ئالغاچ كېتىمەن» دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇيرۇيدۇ ۋە ئېلىۋالىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە خېرىدارلارمۇ ئالغان نەرسىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، مەسىلەن دۇكانغا ئەكەلمىگەن نەق بولمىغان ماللارنىڭ رەسىم ۋىدىيولىرىنى يوللاپ تۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەكىلىپ بېرىش ئارقىلىق سودا قىلىشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. سۈپەت ۋە ئۆلچەملىرىنى ئېنىق بايان قىلىپ، «مەندە مۇنداق مال بار» دېمەي، «بازاردا بار، ئالغاچ كېلىمەن ياكى ئېلىپ بېرىمەن» دېسىڭىز، توغرا بولىدۇ.
143 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايال كىشىنىڭ ئاغرىيدىغان ۋاقتى كەلسە، بۈگۈنى ئاغرىپ قالغاندەك بولۇپ ناماز ئوقۇمىسا، ئاندىن ئەتىسى ھەيز كەلمىسە، ئالدىنقى كۈنى ئوقۇمىغان نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ ۋە ئەتىسى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى كېرەكمۇ ياكى تاھارەت ئېلىپلا ئوقۇمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. ئادەت ۋاقتى كېلىپ ھەيز كەلمىسە، نامازنى تەرك قىلماي ئوقۇيدۇ. ناماز ئوقۇمىغان بولسا، قازاسىنى ئوقۇشى كېرەك. ھەيز كەلمىگەندىكىن، يۇيۇنۇش ھاجەتسىز.
144 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۇستاز! بىر بالىسى بار كىشى بۇرۇن رامازاندا زىنا قىلغان بولسا ۋە ئۇ گۇناھى قەدر كېچىسىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، ئۇ گۇناھىنى قانداق يۇيىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. زىنا ھەر ۋاقىت ھارام قىلىنغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. رامازاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق بىر ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان كىشى تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىشى، تائەت – ئىبادەت ۋە سەدىقىلەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ. چۈنكى، رەببىمىز ئەپۇ قىلغۇچى، كەرەملىك زاتتۇر.
145 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئۇستاز! ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ماشىنىنىڭ تاپقان پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ ياكى ماشىنىغىمۇ باراۋەر زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. زاكات ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ماشىنىنىڭ تاپقان پۇلىغا كېلىدۇ. ماشىنىغا كەلمەيدۇ.
146 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تور ئارقىلىق زاكات بەرمەكچى بولغاندا، تور بېتىگە تاپان ھەققى تۆلەيدىغان يېرى بار ئىكەن. شۇنى بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر زاكاتنى بەرگۈچى ئۆزى ئەۋەتىدىغان بولسا، جايىغا ساق تاپشۇرۇشى ئۈچۈن چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى زاكاتتىن تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا زاكات پۇل ئىگىلىرىگە كەم تېگىدۇ. ئالىملار «زاكاتنى يۆتكەش چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي: «زاكاتنى يۆتكەشنىڭ چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دېگەن. زاكات بەرگۈچى زاكاتنى ئەۋەتكىنىدە ئەۋەتىش چىقىمىنى سەدىقە نىيىتىدە چىقارسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. ئەگەر زاكاتنى ئۆزى ئەۋەتمەي، زاكات يىغىپ جايىغا يەتكۈزىدىغان بىرەر كىشىگە ياكى ئورۇنغا بەرسە، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى يۆتكەش چىقىمى زاكاتنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلىدۇ.
147 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور ئۇستاز!
1) قارىيلار خەتمىگە تۇرماي، «كۈندۈزلىرى قۇرئانغا قاراپ 30 كۈن رامازاندا 30 قېتىم تۈگىتىمەن» دەپ نىيەت قىلىپ تۈگىتەلمىسە، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ گۇناھ بولامدۇ؟
2) خەتمىگە تۇرۇش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇپ جىقراق تۈگىتىش ئەۋزەلمۇ؟
3) قۇرئانغا قاراپ ئوقۇپ ھەربىر قېتىم تاماملىغاندا، «بۇ تامام قىلغىنىمنىڭ ساۋابى ئانامغا ياكى دادامغا بولسۇن» دەپ، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە دوست – يارەنلىرىگە ساۋابىنى ھەدىيە قىلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كۆڭلىدە نىيەت قىلىپ تۈگىتەلمىسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. ئېغىزىدا دېسە، بۇ نەزر بولۇپ، ئورۇندىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئورۇندىيالمىسا كەففارەت (يەنى قەسەم كەففارىتى) كېلىدۇ. 2) خەتمىدە تۇرۇش تەكرارلاشتا ئۈنۈملۈك بولۇش جەھەتتىن، ھەم سۈننەتلىكى جەھەتتىن ئەۋزەل. 3) توغرا.
148 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار 9.5 ۋاقتىدا بىرەيلەن مەندىن 2300 تېلى قەرز ئالغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتا مەن دوللىرىمنى پارچىلاپ بەرگەن ئىدىم، قايتۇرماقچى بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى دوللار ئۆلچىمى بويىچە قايتۇرامدۇ ۋەياكى شۇ 2300 تېلىنى بېرەمدۇ؟ چۈنكى، ھازىر دوللار 14.7 بولۇپ كەتتى. ئەگەر شۇ چاغدا «تېلى بېرىپ تۇرسىلا» دېمىگەن بولسا، دوللىرىم بۇزۇلمايتتى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسلىدە 2300 تېلىنىلا قايتۇرۇشى كېرەك. لېكىن، پۇل پاخاللىشىشتىن كېلىپ چىققان زىيان پۈتۈن پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ سۈلھىلىشىپ مۇۋاپىق قايتۇرسا ياكى بىرەر ئەھلى ئىلىم ھۆكۈم پىچىپ قويسا، شۇ بويىچە قايتۇرسا بولىدۇ.
149 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ھەر زامان سالامەتلىك بەرسۇن! مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى: مېنىڭ يولدىشىم يوق، تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئاتوليە (تىكىمچىلىك ئورنى) دە بىر ئايال ھەمشىرەم بىلەن ئىشلەيمەن، ئۇ زالدا يەتتىگە يېقىن ئەر كىشى بار بولۇپ، بەزىلىرى بالىلىرىم بىلەن تەڭ دېمەتلىكتۇر. شۇڭا، مېنىڭ ئۇ يەردە ئىشلىشىم توغرىمۇ؟ بەزىدە ھەمشىرەم يوق چاغلاردا شۇ ئەرلەر ئىچىدە يالغۇز ئىشلەپ قالىمەن. بۇ توغرىدا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، چۈنكى ئىستانبۇلدا بۇنداق ئىشلەيدىغانلار خېلى بار.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، بىھۇدە پاراڭلىشىش، چاقچاقلىشىش ۋە سۈركۈلۈش بولمىغان تەقدىردە، ئاياللار ياكى بىر ئايال يات بىرقانچە ئەرلەر بىلەن ئاتوليەدە ئىشلىسە جائىز. ئەگەر بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز قالىدىغان بولسا، بۇ خالىي قالغانلىق جەھەتتىن دۇرۇس بولمايدۇ.
150 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئەتىگەن سائەت 11:00 دە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزدىن دۇخوپكا ئالغان ئىدىم. ئېلىشنىڭ ئالدىدا «قىرىق لىتىرلىق، سىفىر دۇخوپكا» دېدى، ئۆيىگە بارغاندا كۆرىمەن دەپ رەسىملىرىنى جىق ئەۋەتكۈزمىگەنىدىم. ئۆيىگە بارسام «سىرتقا ئەپچىقىپ بېرەي» دەپ، مېنى 20، 30 مېتىر يىراقلىقتىكى دورىخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇمنى تاپىلىدى (ئەسلىدە بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتقان ئىدىم) ۋە شۇ يەرگە يەشىككە قاچىلانغان دۇخوپكىنى ئەپچىقىپ بەردى. سىرت بولغاچقا، يەشىكنىڭ پىلاستىرسىنى ئېچىپ قاراپ بېقىش قولايسىزلىقتىن ھەم ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا بولغان ئىشەنگەنلىكتىن، تەكشۈرمەيلا ئېلىپ كېتىپتىمەن. ئۆيگە ئەكىرىپ قارىسام قىرىق لىتىرلىق ئەمەس، بەلكى كىچىك ئوتتۇز ئىككى لىتىرلىق دۇخوپكا چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستى ئازراق مىجىق. ئۇ قېرىندىشىمىزغا دېسەم، «مەن ئىچىنى سانتىلىغاندا قىرىق سانتىمېتىر چىققان، قىرىق لىتىر بولىدۇ، ئۈستى مىجىق ئەمەس، ئۇ دېگەن پاسونى» دەپ تۇرۇۋالدى. توردىن رەسىمىنى ئەۋەتىپ ئوتتۇز ئىككى لىتىرلىقنى كۆرسەتسەم، «ئۇ نەدىكى بىر توربەتلەرنىڭ رەسىمى» دەپ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئاختۇرۇپ، ئۇ دۇخوپكىنىڭ ناچارلىقى، يېمەكلىكنى پىشۇرالمايدىغانلىقى، ھەتتا پارتلاپ كەتكەنلىك شىكايەتلىرىنى كۆرۈپ، دۇخوپكىنى قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلدىم ۋە ئۇچۇر قىلدىم. ئۇ قېرىندىشىمىز: «ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ بىرنېمىلەرنى قىلىپ، تۆت – بەش سائەتتىن كېيىن قايتۇرىمەن دېسەڭ بولمايدۇ، مەن ئۇنىمايمەن، ھازىرلا پۇلنى ئەكىلىپ بەر، دۇخوپكىنى قانداق قىلساڭ قىل!» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن مۇشۇنداق ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە بۇ سودىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۇلنى بېرىۋېرەمدىم ياكى قايتۇرۇۋەتسەممۇ توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رازى بولمىسىڭىز قايتۇرۇۋېتىسىز.
151 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «ساختا جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇۋەلى بۇغراخانغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرەرمىش» دەپ خەۋەر ئوقۇدۇم، مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ دۇئا قىلىش، ياردەم بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك «خوپ بوپتۇ» دەپ خۇشال بولۇش مۇسۇلمانغا يارىشامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھىدايەت، ئىنساپ ۋە دۇرۇسلۇق تىلەپ، ساختىلىقتىن نېرى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
152 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ ئىككى، ئۈچ قېتىم ھەج ۋە ئۆمرە قىلىپ بولغان ئادەم بۇ يىل ھەجگە بارماي، ھەجگە بارىدىغان پۇلنى ئاتا – ئانىسى ۋەتەندە قالغان ئوغۇل – قىزلارنىڭ يولىنى مېڭىپ، كەينىدە يۈرەك بولۇپ تۇرۇپ، بېشىنى ئوڭشاپ قويسا، ھەج ۋە ئۆمرە قىلغانلىقنىڭ ساۋابىنى ئالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. تەكرار ھەج ھاجىلارنى قىستاش ۋە پەرز ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋېلىش، يولنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق بولماسلىق تۈپەيلى تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى تونۇش – بىلىش، قولۇم – قوشنىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ ئىقتىساد سەۋەبلىك ئۆيلىنەلمەسلىك مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ھازىرقى شارائىتتا «ھەج بىلەن ئۆمرەنى تەكرار قىلغاندىن ئوغۇل – قىزلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش ئەۋزەل» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى تەكرار ھەج ۋە ئۆمرىگە بارىدىغانلار ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. شۇنداقلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار، قەرزدارلار قاتارلىق جىددىي ئورۇنلارغا خەجلىسە ئەۋزەل دېيىشكە بولىدۇ.
153 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! رامازانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭ سىڭلىم يولدىشىمغا يۈزىنى يېپىشى كېرەكمۇ؟ مەسىلەن، سىڭلىم يۈزىنى ياپمىغان ئەھۋالدا بىلەكلىرى ياكى پاچاقلىرى ئىشتانلىق ھالدا كۆرۈنۈپ قالسا بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بەزىلەر «چوقۇم يېپىش كېرەك» دەيدىكەن، يەنە بەزىلەر «ئاچىسىنىڭ يولدىشى بولغاندىكىن ياپمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدىكەن. مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۆزلىرىنىڭمۇ رامازانلىرى مۇبارەك بولسۇن! كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس. يۈزنى ئەۋرەت دېگەن قاراشنى تۇتسىڭىز سىڭلىڭىز يولدىشىڭىزغا يۈزىنىلا ئەمەس، پۈتۈن بەدىنىنى يېپىشى كېرەك. قولنىمۇ (پەلەي كىيىپ) يۆگىشى كېرەك، ئەلبەتتە. ھەر ئىككى قاراشتا بىلەكلىرى ئوچۇق، پاچاقلىرى ئىشتانلىق ھالدا كۆرۈنۈپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئاچىسىنىڭ يولدىشى يات ۋە نامەھرەمدۇر.
154 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! روزىدار ھالەتتە كۆڭلى ئېلىشىپ كېتىپ، ئالقىنى توشقىچە ياندۇرۇۋەتسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىختىيارسىز ياندۇرۇش روزىنى بۇزمايدۇ.
155 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھەدىستىكى «خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولساڭلار»، «گۇناھ قىلمايدىغان بولساڭلار» دېگەن سۆزلەرنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. مەزكۇر ھەدىس شەرىفتە «مۇبادا سىلەر گۇناھ سادىر قىلىپ سالمايدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىستىغفار ئېيتىدىغانلارنى ئالماشتۇراتتى – دە، ئۇلارغا مەغفىرەت قىلاتتى» دېگەن بولۇپ، بەندىلەر گۇناھ قىلمايدىغان بولسا، ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇشتەك ئېغىر ئىللەتكە مۇبتىلا بولۇشى ئېنىق. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بەندىلىك مەقامىدا بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەندىلىك مەقامى بولسا ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھقا يېلىنىش، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشتۇر. شۇڭا، مەزكۇر ھەدىستە گۇناھقا چۆكۈپ كەتكەنلەرنى تېخىمۇ گۇناھ سادىر قىلىشقا تەرغىب قىلىنماستىن، تەۋبە قىلغۇچى بەندىلەرگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ ۋە مەرھەمىتى بايان قىلىنغان، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئېھسان (ياخشىلىق) غا ساۋاب ئاتا قىلىپ، گۇناھكارلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
156 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. ئاياللار قاش – كىرپىكنى قارا رەڭدە بويىساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللارغا ئوسما ياكى خېنە ۋەياكى قاش قەلىمى بىلەن قاش – كىرپىكلەرنى بوياش ئۆزى ئۈچۈن ياكى ئېرى ئۈچۈن ياكى ئاياللار ئۈچۈن بولغاندا جائىز. لېكىن، يات ئەرلەرگە ياسىنىش، پەردازلىنىش جائىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىشلىتىلگەن بوياق تاھارەت ئالغاندا سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. شۇنداقلا توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ياكى ياتلارغا پەردازلىنىشمۇ يەنىلا جائىز بولمايدۇ.
157 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە ۋە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن! تۈركىيەدە نورمالدا كۈن ئولتۇرۇپ، تەخمىنەن ئون مىنۇتتىن كېيىن نامازشامغا ئەزان ئوقۇلىدىكەن. شۇڭا، كۈننىڭ ئولتۇرغىنىنى ئېنىق كۆرسەك، ئەزاننىڭ چىقىشىنى ساقلىماي ئىفتار قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۈن ئولتۇرغىنىنى چاڭ – توزانلىق، ئېگىز بىنالىق شەھەردە كۆرگىنىڭىز ئانچە ئىشەنچلىك بولمايدۇ. ئەمما، ئېنىق كۆرسىڭىز ئەلبەتتە ئەزان چىقمىسىمۇ ئىفتار قىلسىڭىز بولىدۇ.
158 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! ئايال كىشى ئاغرىپ قالغاندا، قۇرئاننى تۇتماي بىرەرنەرسە بىلەن تۇتۇپ ئوقۇسا ۋە ئاڭلىسا بولامدۇ؟ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئوقۇشنى كۆپچىلىك ئالىملار ھەيزدارغا جائىز ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمما، ھەيزدار ئايالغا قۇرئاننى ئاڭلاش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغىمۇ جائىزدۇر. تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ 1 – تومىدىكى «ھەيزدارلارنىڭ ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى» دېگەن پەتىۋاغا قارالسۇن.
159 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان «قاچاق ئىشلەش» توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. بۇ يەرگە كەلگەن بالىلارنىڭ كۆپى نۇرغۇن قەرزلەر بىلەن كېلىدۇ ياكى بەزىلىرى ئائىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ كېلىدۇ، شۇڭا كېلەر – كەلمەيلا رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولغۇچە ئۆزى تۇرۇۇۋاتقان دۆلەت يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قاچاق ئىشلاردا ئىشلەيدۇ. رەسمىيەتلىرى تولۇق ياكى قىسمەن جەھەتتىن ھەل بولۇپ، قولىغا ئىقامەت ئالغانلارمۇ سوتسىيال پاراۋانلىق پۇللىرى كېسىلمىگەنلىك سەۋەبتىن قاچاق ئىشلىمەسلىك توغرۇلۇق ماتېرىياللارغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، يەنە ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قاچاق ئىشلەيدۇ.
مېنىڭ بۇ تېما توغرىسىدىكى سوئالىم بولسا:
1) قاچاق ئىشلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئەگەر ھارام بولسا، مۇشۇنداق ئىشلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇللار (قىلغان ئىشى ھالال دائىرىسدە بولغان تەقدىردە) مۇ ھارام بولامدۇ؟
2) قاچاق ئىشلىمەسلىك توغرۇلۇق ماتېرىياللارغا ئىمزا قويۇپ تۇرۇپ ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە داۋاملىق ئىشلەش يالغانچىلىق ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىققا كىرەمدۇ؟
3) بەزى ھاللاردا قاچاق ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، مەسىلەن قانۇنلۇق ئىشلەشكە يول قويۇلمىسا (بەزەن ھېچقانداق رەسمىيەت ياكى تىل سەۋىيەسى، دىپلوم ۋەياكى بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بولمىغانلىقى تۈپەيلى، دەسلەپكى مەزگىللەردە قانۇنلۇق ئىشلىشىگىمۇ يول قويمايدىكەن) ۋە باقىدىغان ئائىلىسى ياكى تۆلەيدىغان قەرزى بولسا قاچاق ئىشلەشكە بولامدۇ؟ بولسا، قانچىلىك مىقداردا پۇل تاپقۇدەك ئىشلەشكە رۇخسىتى بار؟
160 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن. ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن كۆپ مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئايدا بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى دۆلەتتىن رۇخسەت قىلىنمايدىغان «قاچاق ئىشلەش» ئارقىلىق پۇل تاپىدىكەن. ئادەتتە ئۆزى ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلار ئۈچۈن دۆلەتتىن مائاشىغا قارىتا ياردەم پۇلىنى توختىتىۋېتىدۇ ياكى ئاز مائاشلىق بولسا، مەلۇم مىقداردا ياردەم پۇلىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. بۇ يەردە «قاچاق ئىشلەش»نىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ قاچاق ئىشلەپ تاپقان پۇل ھالال بولامدۇ؟
يۇقىرىدىكى ئىككى سوئالغا جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. غەرب ئەللىرىگە بېرىپ پاناھلىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2237
1) ئۇ دۆلەتلەردە قاچاق ئىشلەش ھارام، چۈنكى سىلەر ئۇ دۆلەتلەرگە ئامانلىق تىلەپ، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمايدىغانغا ئەھدە بېرىپ كىرگەن. ئاللاھ تائالا (ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر)(17/«ئىسراﺋ»: 34) دېگەن بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ئەھدىلىرىدە تۇرۇشى كېرەك. قاچاق ئىشلەش بولسا بۇ قىلغان ئىمزاسىغا ۋە بەرگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلماسلىقتىن ئىبارەت. ئەمما، بۇرۇن قاچاق ئىشلەپ تاپقان پۇلنىڭ ئۆزى (قىلغان ئىشى ھالال دائىرىسدە بولغان تەقدىردە) ھالال، چۈنكى بۇ ئىشلىگەن ئەمگىكىگە بېرىلگەن ئىش ھەققى. لېكىن، ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى سىلەرگە ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرتىدە قاچاق (ياكى رەسمىي) ئىشلىگەنلەرگە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى بېرىلمەيدۇ. بۇنى ئېلىش باشقا موھتاجلارنىڭ ھەققىنى يىۋېلىش ۋە بەرگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىش بولغانلىقتىن توغرا بولمايدۇ. يەنى بۇ ياردەم شەرتلىك ياردەم، سىلەر قاچاق ئىشلەۋاتقان بولساڭلار، بۇ ياردەم شەرتىگە چۈشمەيسىلەر. چۈشمىگەندىكىن ئۇنى ئېلىش توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمانلار شەرتلىرىدە تۇرىدۇ» دېگەن(«تىرمىزىي»، 1352). يەنە تېخى قاچاق ئىشلەشنىڭ ئۆزى كېيىنچە كىشىنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا ياكى ئاۋارىچىلىققا، ياكى قوپال تىل – ئاھانەتكە، ياكى ئىش ئىگىسىنىڭ بوزەك قىلىشىغا دۇچار قىلىشىمۇ مۇمكىن. يەنە «ئەڭ ناچار ۋە تۆۋەن ئىشلارنى مۇسۇلمانلار قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ساختىپەز، ھىيلىگەر» دېگەندەك گەپلەرگە قېلىشى ئېنىق بولغانلىقتىن قاچاق ئىشلەشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغىمۇ يامان تەسىرى بار. ھۆكۈمەتلەرمۇ قاچاق ئىشلىگەنلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزىلەرگە كۆز يۇمىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نەزەرىدىنمۇ چۈشىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بۇرۇن قاچاق ئىشلەپ تۇرۇپ ئالغان ئىجتىمائىي ياردەمنى ھېسابلاپ، ئەسلى بەرگەن يەرگە قايتۇرۇپ بېرىۋېتىشى، ئەسلى يەرگە قايتۇرۇشتىن قورقسا موھتاجلارغا بېرىۋېتىشى لازىم. 2) قاچاق ئىشلىمەسلىك توغرۇلۇق ماتېرىياللارغا ئىمزا ئېتىپ تۇرۇپ ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە داۋاملىق ئىشلەش يالغانچىلىق ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىققا كىرىدۇ. 3) ئۇلاردىن ئامانلىق تىلەپ پاناھلانغاندا «قانۇنغا رىئايە قىلىمەن» دەپ ئەھدە بەرگەن ياكى ئىمزا قويغان بولسا، قەرزى ياكى ئېھتىياجى بولسىمۇ ئىشلەشكە بولمايدۇ.
161 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بۇلتۇر مېنىڭ قورسىقىمدا قېلىپ، دەل 30 كۈنلۈك بولغاندا دوختۇرخانىغا بارسام: «ھامىلە بالياتقۇ سىرتىدا ئىكەن، كۆزىتىمىز، ئەگەر ئاشۇنداق بولسا، چۈشۈرۈۋەتمىسەك بولمايدۇ (ھامىلە بالياتقۇ سىرتىدا بولغاچ سەل چوڭ بولسا، پاتماي بويىدىن ئاجراپ كېتىدىكەن ۋە ماڭا بولغان تەسىرى كۆپ بولىدىكەن)» دېگەنىدى. دوختۇرخانىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، 43 كۈنلۈك بولغاندا ھەقىقەتەن ئەھۋال ئاشۇنداق چىققان ۋە ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتكەن ئىدۇق. بۇ ئىش ئۈچۈن ماڭا گۇناھ يېزىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ھامىلە بالىياتقۇ سىرتىدا (ectopic pregnancy) بولغان ئەھۋالدا قانسىراش سەۋەبلىك ئانىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يېتىدىغان بولغاچقا ھەم تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتمىسە تۇغۇلۇپ بولغۇچە ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش «ۋاجىب» دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتسە گۇناھ بولمايدۇ.
162 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇۋاتقان مەكتەپلەر ھەر يىلى بىزدىن مەكتەپكە باغىش (ياردەم پۇل) تەلەپ قىلىدۇ. بىز مەكتەپلەرگە باغىش قىلىپ تۆلىگەن ياردەم پۇلنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. باج، ياردەم، فاتۇرا، جەرىمانە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللارنى زاكات پۇلدىن تۆلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا زاكاتنى ئۆزى خەجلىگەن بولىدۇ.
163 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، ئۆمرىلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! تۈركىيەدە بەزى ۋەقفلەردە ۋەياكى قۇرئان كۇرۇسلىرىدا رامازانلىق دەپ BİM ياكى باشقا چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ ئىچىدە 100 لىرا ياكى باشقا ئوخشىمىغان قىممەتتىكى پۇل بار كارتىلارنى تارقىتىدىكەن، بىز مۇشۇ كارتىنى ئالغاندىن كىيىن، شۇ كارتا ئىگە بولغان قىممەتتىن تۆۋەن باھاغا باشقىلارغا ساتساق، بۇنىڭدا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟ (مەسىلەن، 100 لىرالىق كارتىنىڭ ئۆزىنى 80 لىراغا ساتساق)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ كارتىلارغا مەلۇم دۇكانلاردىن مەھسۇلات سېتىۋالالايدۇ. بۇنىڭغا قاچىلانغىنى پۇل ئەمەس مەھسۇلات دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇلنى ئېلىپ خەجلىيەلمەيدۇ ھەم باشقا يەردىن بىرنەرسە سېتىۋالالمايدۇ. شۇڭا، بۇ پۇل بولمىغاندىكىن، ئۇنى ئۆز قىممىتىدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى سېتىشتا جازانە شەكىللەنمەيدۇ. لېكىن، بۇ كارتىلار بىلەن سېتىۋالالايدىغان مەھسۇلاتلارغا تېخى ئىگە بولمىغان ۋە ئۇ مەھسۇلاتلار تېخى قولىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قولىدا بولمىغاننى سېتىش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. ئۇ مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ ئىگە بولغاندا، خاھلىغان باھادا ساتسا بولىدۇ.
164 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىينىڭ «‹اَللهُ› سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات» دېگەن يازمىسىغا قانداق قارايسىز؟ بىز ئۇيغۇرچە «ئاللاھ» دەپ ئاتايدىكەنمىز، بۇنى تۈزىتىپ «ئەللاھ» دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىزگە بىر ئوچۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يازمىنىڭ ئىلمىيلىكى يوق. چۈنكى، ھەر تىلنىڭ بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ ئەرەب تىلىدىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. شۇڭا، «ئەللاھ» دېيىشىمىز كېرەك ئەمەس.
165 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز ۋە قېرىنداشلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ ئاخشامدىن بېرى سەئۇدىدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئانا – بالا ئىككىيلەننىڭ خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، سۈرگۈندىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. ئىككى يىلدىن بېرى ماراكەش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە قېرىنداشلىرىمىز ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا قولىدا خىتتاي پاسپورتى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆمرە ئۈچۈن ياكى پەرز ھەج ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشى توغرىمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: گېرمانىيەدىن ئابدۇللاھ ئارىش.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئالاھىدە ئەندىشىسى بارلار ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىش ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلاش جەھەتتىن ھارام بولسا، ئەندىشىسى يوقلارنىڭ بېرىشى يولنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق بولماسلىق ۋە تۇتۇلۇپ خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى يۈزىسىدىن مەكروھ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجگە بېرىش قادىر بولغانلارغا پەرز بولۇپ، يولنىڭ بىخەتەر بولۇشى قادىر بولۇشنىڭ شەرتىدۇر.
165 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! زاكات ئايرىماقچى بولغان پۇلنىڭ بىرقىسمى پايچەكتە بولسا، لېكىن سېتىۋالغان پايچەك زىيان ھالىتىدە بولسا، ئەسلى سېتىۋالغان باھا بويىچە ئايرىمدۇ ياكى شۇ زاكات ئايرىغان كۈننىڭ باھاسى بويىچە ئايرىمدۇ؟ ئىمىنجان – تۈركىيە
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پايچەك ئېلىپ – سېتىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ چىقىپ كېتىش ۋە تەۋبە قىلىش كېرەك! لېكىن، زاكات ئايرىشتا پايچەككە سالغان مەبلەغنىڭ ئۆزى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، زاكات ئايرىغان كۈننىڭ باھاسى بويىچە زاكات ئايرىيدۇ، ئۇنىڭدىن تاپقان پايدىغا ئايرىمايدۇ. چۈنكى، ھارام پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىلمايدۇ. زاكات پەقەت پاك ئىقتىسادقىلا ئايرىلىدۇ.
166 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئاجراشقان ئەر – ئاياللار بالىلارنى دەپ نورمال يېقىن ئۆتسە بولامدۇ؟ (بەزىدە تېلېفونلىشىدىغان، داۋاملىق ئۇچۇرلىشىدىغان ھەتتا بالىنى تاپشۇرۇش، ئېلىۋېلىشتا كۆرۈشىدىغان ئىشلار بولىدۇ)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ. چۈنكى، ئىككىيلەن بىر – بىرىگە نامەھرەم.
167 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، ئۆمرىلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، ئامىن.
1) ئۇستاز! ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى ۋە بەندە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ توختاش بولغان چەكنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا؟
2) بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا بولغان ئايالنىڭ ئاللاھقا «ئى ئاللاھ! ماڭا يولدىشىمدىنمۇ سالىھ ئەر ئاتا قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) بۇ بارىدا مۇنۇ يازمىنى ئوقۇپ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2014
2) يولدىشىڭىز ئىنتايىن ناچار بىرى بولسا ۋە سىز ئۇنىڭدىن ئېغىر ئەزىيەتكە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولسىڭىز، بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ۋە دەۋا ئاچسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىراقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، سىز قايسىسى سىزگە خەيرلىك بىلمەيسىز. بەلكىم ياخشى بولۇپ كېتىپ سىزنى ئىززەتلەيدىغان بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئايرىلسىڭىز پەرزەنتلىرىڭىز بولغان تەقدىردە ئۇلارغا ئېغىر زىيان ئۇرغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
168 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇرلىمۇ؟
1) يولدىشىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كەلگەن يېتىم بالىلىرى بار ئايال توي قىلسا، ئۆي، ماشىنا دېگەندەك قىممەتلىك ھېچنەرسىسى يوق، زاكات ئايرىغۇدەك ئازراقلا پۇلى بار ھالەتتە، زاكاتنى دادىسى ۋەتەندە قالغان ئۆزىنىڭ يېتىم بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرسە دۇرۇس بولامدۇ ياكى ئانىسى بولغاندىكىن چوقۇم باشقىلارغا بېرىش شەرتمۇ؟
2) دادىسى ۋەتەندە قالغان بالىلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆي، ماشىنا ھېچنەرسىسى يوق، پەقەت ئانىسىنىڭ زاكات ئايرىغۇدەك ئازراقلا پۇلى بولسا، يېتىم بالىلارغا دەپ ئالغان زاكاتنى بالىلارغا قوبۇل قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئانا بالىسىنى بېقىشى ۋاجىب بولغاچقا، زاكىتىنى بالىسىغا خەجلەپ بەرسە بولمايدۇ. شۇڭا ئانا زاكىتىنى باشقىلارغا بېرىدۇ. 2) ئانىسى زاكات ئايرىيدىغان ھالەتتە بولسا، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يېتىم بالىلار ئانىسىنىڭ بايلىقى بىلەن باي ھېسابلىنىدۇ.
169 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 135 – سوئالنىڭ جاۋابىدا چۈشىنەلمىگەنلىرىمنى سورىماقچىدىم: 60 مىسكىنگە بىر ۋاق تاماق بېرىشىم توغرا بولامدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشىممۇ كەففارەت بېرىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئىككىمىزنىڭ بىرسى بېرىشى بىلەن ئادا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بىرىنچى قاراش (يەنى بالا چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تۆلىمى كېلىدۇ دېگەن قاراش) قا ئەمەل قىلاي دېسىڭىز، 5 تۆگە (ياكى كالا) قىممىتىنى ھېسابلاپ ئۇنى ئەر – ئايال ئىككىڭلار بالىنىڭ سىلەردىن باشقا مىراسخورلىرىغا تۆلەيسىلەر. ئىككىنچى قاراشنى (يەنى بالا چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تۆلىمى كەلمەيدۇ دېگەن قاراشنى) تۇتساڭلار، سىلەر خاھلىغانچە سەدىقە بەرسەڭلار بولىدۇ.
170 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ رامازانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن. مەن تۈركىيەدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ياۋروپاغا كەلگەنىدىم، كەلگەننىڭ ياقى نامازنى قىسقارتىپ قەسر قىلىپ ئوقۇۋاتىمەن. مېنىڭ قوبۇل بولغانلىق رەسمىيىتىم چىقىپ، مۇقىم بىر شەھەرگە يەرلىشىپ ئۆي تەقسىم قىلىنغۇچە، نەچچە يەرگە ئالماشتۇرۇۋېتىدىكەن. ھازىر قوبۇل بولغانلىق رەسمىيىتىم چىقتى. ئەمما، قايسى شەھەرگە، قايسى ئۆيگە بۆلۈنىدىغىنىم ئېنىق ئەمەس. مۇشۇنداق قىلغىنىم توغرا بولغاندىمۇ؟ مۇشۇ يەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە، يەنى سىياسىي پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەن. شۇ قوبۇلىمىز چىققۇچە بەزىدە ئۈچ – تۆت شەھەرگە يۆتكەپ قالىدىكەن. قاچانغىچە قەسر ئوقۇسام بولىدۇ؟ ماڭا مۇشۇ ھەقتە پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىڭمۇ رامازانلىرى مۇبارەك بولسۇن! بىرەر يۇرتتا 15 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى بىلسىڭىز، ئۇ يەردە قەسر قىلمايسىز. بىلمىسىڭىز قەسر قىلىسىز.
171 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم سالامەت تۇرۇپلىمۇ، ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ۋە ھەر تۈرلۈك پىتنە – ئىغۋالاردىن يىراق قىلسۇن. ئۇستاز! مەن سىلىنىڭ «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» سەھىپىلىرىنى ۋەتەندىكى ۋاقتىمدىن تارتىپ كۆرۈپ پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا ئۆزلىرىگە باشقىچە ھۆرمىتىم بار، ئاللاھ ئىككى دۇنيادا سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك: مەن سىلىدەك ئۈممەتنى يېتەكلەپ كېلىۋاتقان ئالىم – ئۇستازلىرىمىزغا تۆھمەت – كەمسىتىش تاشلىرى ئېتىلىشىنى قەتئىي خاھلىمايدىغان بىرى ھەم سىلىدەك ئۇستازلارنىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئۇتۇق – نەتىجە قازىنشىڭلارنى تىلەيمەن. گېپىم ئۇزىراپ كەتتى. مەن بۈگۈن باشقا توپتا سىلىنىڭ سوئالغا جاۋاب بەرگەن يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئۆزىنى سەلەف سالىھلار ئۇستازى دەۋالغان بىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. ئىشقىلىپ ئۇلار باشقىلارغا، مۇھىمى ئۇستازلارغا «مۇرﺟﯩﺌ، كاپىر، ئەقىدىسىدە مەسىلە بار» دېگەندەك ھۆكۈملەرنى پىچىدىغۇ دەيمەن. باشقا مىللەت ئۇستازلىرى بولسۇن ۋەياكى بىزنىڭ ئۇستاز – ئالىملىرىمىز بولسۇن، ئۇلارنىڭ شۇنداق «ھۆكۈمىگە لايىقلىنىپ» كىشىلەرگە سۇنۇلغان بولدى. گەپنى قىسقارتاي، ئۇلارنىڭ باشقىچە خاتا پەتىۋالارنى بېرىپ دېگەندەك يەنە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ سىلەردەك ئۇستازلارنى ئاممىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل نىيەتلەرگە يېتىشىگە ئورۇن بەرمەسلىكىڭلارنى ۋە ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىزدىنىپ، تەمكىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئاللاھتىن تىلەيمەن، ئاللاھ ئۇستازلىرىمىزنى ئۆز ھىمايىسىدە ساقلىسۇن، ئامىن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ ھەر تۈرلۈك پىتنە – ئىغۋالاردىن يىراق قىلسۇن! 10 يىلدىن ئاشتى. ئۇنداق شەكىلۋاز خاۋارىجلارنىڭ ئەسكىلىك قىلىشىغا «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا پۇرسەت بەرمەي كەلدىم. ھەركىم ئۆزىدە بارنى سۇنىدۇ. ھەقنى بىرەر خاۋارىجنىڭ كەلسە – كەلمەس قالپاق كىيدۈرۈشىدىن قورقۇپ دېيەلمىسەم، ئىلىمگە خىيانەت بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باھالىرىغا پەرۋا قىلماسلىق لازىم. «ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
172 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
1) ئەر كىشى بىرنەچچە قېتىم تالاق قىلىپ، ئەپلىشىپ قالسا (ھازىر بىر ئۆيدە)، ئۆزى «ئىككى» دەپ ھېسابلىسا، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
2) ئايالىنىڭ بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، سوقۇشۇپ قالغاندا تالاقنى شەرت قىلىپ بىر ئىشلاردىن توسسا ياكى مەجبۇرلىسا، بۇنىڭغا قانداق قارايمىز؟
3) ھەرقېتىم سوقۇشۇپ قالسا «ئۆيدىن چىق! يوقال، ئۆزەڭنىڭ جېنىنى بېقىپ باق!» دېگەندەك گەپلەرنى قىلسا، نىكاھقا تەسىرى بولامدۇ؟ يەنى تالاققا مېڭىپ قالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يۇقىرىقىلارنىڭ ھۆكمىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرەر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئالدىغا بىللە بېرىپ ئەھۋالنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
173 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن ئافرىقىدا بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان، ئىشلىگەننىڭ ياقى ھەر ئايدا 500 دوللار ئەتراپىدا ئىقتىساد قىلىپ، ھازىرغا قەدەر 8400 دوللار ئىقتىساد قىلىپتىمەن. بۇنىڭغا قارىتا زاكات قانداق بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىل قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% نى زاكاتقا ئايرىيسىز.
174 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۇستاز! روزىدار ھالەتتە ئاغرىق يېرىگە مەسىلەن، تىزى، بېلى دېگەندەك يەرلىرىگە دورا ياكى ماي سۈركىسە بولامدۇ؟ يۈزىگە ماي سۈركىسە بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن. (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. يۇقىرىقى ئىشلار روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
175 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەيزدارلار رامازاندا روزا تۇتمىسا، ناماز ئوقۇمىسا، قۇرئان ئوقۇمىسا، دۇئا، زىكىر قىلاي دېسە ئۇنىڭدىمۇ ئايەت تۇرسا، بۇلار قايسى شەكىلدە ئىبادەت قىلسا بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. زىكىرلا بولىدىكەن ئۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بولمايدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل(لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغا جائىز بولىدۇ.
176 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ كىچىك ۋاقتىدا يەنى 13 / 14 ياش ۋاقتىدا دوستلىرى بىلەن خىتتاينىڭ تاللا بازىرىغا كىرىپ يەيدىغان نەرسىلەردىن كۆرمەستە ئېلىپ، يەپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ھازىر پۇلىنى بېرەي دېسە، ئۆزى چەتئەلدە بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىش مۇمكىن بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن «كاپىرلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىپ قايتۇرمىسا، قىيامەتتە شۇ كىشىنىڭ ساۋابى كاپىرغا ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ ئاڭلىغان، بۇ توغرىمۇ؟ كىچىكىدە ئېلىپ قالغان نەرسىسى ئۈچۈن قىيامەتتە ساۋابى كاپىرغا بېرىلىپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. پۇلىنى بېرىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ پۇلنى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىدۇ. «كاپىرلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىپ قايتۇرمىسا، قىيامەتتە شۇ كىشىنىڭ ساۋابى كاپىرغا ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن گەپ توغرا. كىچىكىدە ئېلىپ قالغان نەرسىسى ئۈچۈن قىيامەتتە ساۋابى كاپىرغا بېرىلىدۇ. چۈنكى، كىچىك بالىلار بىرسىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالسا ياكى بىرنەرسىسىنى چېقىۋەتسە گۇناھ بولمىغىنى بىلەن تۆلەم كېلىدۇ. قىيامەتتە ئادالەت تىكلىنىپ، زۇلۇم يوقايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ۋە كافىر ھەق ئىگىلىرىگە ھەقلىرىنى تارتىۋالغانلاردىن ئېلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا: (ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر – بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر)(39/«زۇمەر»: 31) يەنى «مۇئمىن، كافىر ھەممىڭلار قىيامەت كۈنى رەببىڭلار ھۇزۇرىدا دەۋا قىلىشىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ زالىمدىن مەزلۇمغا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ ئوتتۇرىدا ھەق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەيدۇ. يەنە: (بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر)(40/«غافىر»: 17) دەيدۇ. ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ دوزاخ ئەھلى تاكى جەننەت ئەھلىدىكى ھەققى ئۇنىڭغا تەڭمۇتەڭ ئېلىپ بېرىلمىگۈچە دوزاخقا كىرمەيدۇ. جەننەت ئەھلىمۇ تاكى دوزاخ ئەھلىدىكى ھەققى ئۇنىڭغا تەڭمۇتەڭ ئېلىپ بېرىلمىگۈچە جەننەتكە كىرمەيدۇ ھەتتا بىر تەستەكنىڭ قىساسىنىمۇ ئېلىپ بېرىدۇ، ــ دېگەندە، بىز (ساھابەلەر):
ــ بۇ قانداق بولىدۇ؟ بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يالىڭاچ، خەتنىسىز ۋە زۇۋانسىز بارىدىغان تۇرساق، ــ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ياخشى ئەمەللەر بىلەن يامان قىلمىشلارنى (ئالماشتۇرۇپ)، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 16085. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن). ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «مەزكۇر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلى ئوتتۇرىدا ئادالەت ۋە قىساس ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلپ بەرگەن» دېگەن(«پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 18 – توم، 188 – بەت).
177 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋۇخائا قىلىدىغان) نەپەس يولىنى ئاچىدىغان ھەم بەلغەم بوشىتىدىغان) ماشىنىنى روزىدار ئادەم ئىشلەتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئېغىز – بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش (گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن) روزىنى بۇزمايدۇ.
178 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق ئىشلار قىسمەن بار: ئايالى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا يالغان ئاجرىشىدۇ، ئەمما نىكاھىنى ئۆزلىرى ئىچىدە ساقلاپ قېلىشىدۇ. ئاندىن بالىلىرىنى ۋە ئايالىنى ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق بېرىپ بېقىشىغا تاشلاپ قويۇپ، ئەر ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەردە تۇرىدۇ ۋە ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ. ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ چىقىمى ھۆكۈمەت بەرگەن ئايلىق ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى (پاراۋانلىق پۇلى) بىلەن قامدىلىدىغان بولغاچقا، ئەر تاپقان پۇلىنى يىغالايدۇ. ھۆكۈمەتمۇ بۇ خىل ئالدامچىلىقنىڭ يەنى پاراۋانلىق پۇلى ئۈچۈن يالغان ئاجرىشىشنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى ئاللىبۇرۇن بىلگەچكە، مەلۇم مەزگىل شۇ ئۆينى سىرتتىن كۆزىتىدۇ. بۇ خىل كۆزىتىش ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ راست ئايرىلغان – ئايرىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق تۇتۇلۇپ قېلىپ سەتچىلىككە قالغانلارمۇ ۋە ئېھتىيات قىلىپ، تۇتۇلماي يۈرىدىغانلارمۇ بار. مەن شەخسەن بۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭغا سىلىدىن بىر جاۋاب بېرىلسە بەلكىم بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىپ قېلىشى ياكى توختىتىشى مۇمكىن. سوئالىم:
1) يۇقىرىقىدەك قىلىشقا دىنىمىز نېمە دەيدۇ؟
2) ئەگەر ئەرنىڭ «پۇل تېپىش ئىشتىياقى» زىيادە يۇقىرى بولۇپ، مۇشۇنداق قىلماقچى بولغاندا، ئايالى قارشى چىقسىمۇ گېپى ئۆتمەي، ئامال يوق يەنە مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆتسە، بۇ ئايالغا گۇناھ بولامدۇ؟ چۈنكى، مەن بەزى خېلى دىنىي چۈشەنچىسى بار ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە گېپى ئۆتمەسلىك ياكى ئەرلىرىنىڭ كاجلىقى تۈپەيلى ئامال يوق يولدىشىنىڭ مۇشۇ قارارى بويىچە ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
3) بۇ يەرلەردە تاپاۋەت بېجى بەك يۇقىرى بولغاچقا، تىجارەت قىلىۋاتقانلاردىن تاپقىنىنى ھۆكۈمەتكە تولۇق مەلۇم قىلماي، باجدىن قېچىپ، كەم مەلۇم قىلىش ئىشلىرى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بار. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
4) ئەر ئۆزىنىڭ ئائىلىگە بالىلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئايالنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بۇ تۈرلۈك قىلمىشلار دىنىمىزدا سىز دېگەندەك «ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە كاززاپلىق» دەپ قارىلىدۇ. 2) ئايالغا گۇناھ بولمايدۇ. 3) بۇ شۇ دۆلەتكە بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن چاغدىكى قىلغان ئىمزاسىغا ۋە بەرگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلماسلىقتىن ئىبارەت. 4) توغرا.
179 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئەجىرلىرىنى كاتتا قىلسۇن! سوئالىم: چوڭ – كىچىك ھەممەيلەن خۇمار بولۇپ ئويناۋاتقان قانلىق (يەنى ئويۇن ئىچىدە بىر – بىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىدىغان) ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئىنتايىن زىيانلىق. ئەھۋالغا قاراپ ھارام ياكى مەكروھ بولسا كېرەك.
180 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «ئايال كىشىنىڭ دىنى كەمتۈك، ئەقلى چولتا» دېگەن مەنىدىكى ھەدىسلەرنى قانداق چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ؟ بەزى دىن دۈشمەنلىرى بۇنى «ئىسلام دىنى ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈشكە چاقىرىدۇ» دېگەن باتىل قارىشىغا دەستەك قىلىۋالىدىكەن، «بۇلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىمىزدە توغرا چۈشەنچە بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلاپ، چۈشىنىۋالاي دېگەن. رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «سەھىھۇل بۇخارىي»، 304 – ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ ــ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ ــ ھېيتگاھقا ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ:
ــ ﺋﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ! ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮪﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:
ــ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ؟ ئى رەسۇلۇللاھ! ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ ﻗﺎرﻏﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ياخشىلىقلىرىغا ﺗﺎﻧﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺩﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ:
ــ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ئى رەسۇلۇللاھ! ــ دېگەنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:
ــ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ، ــ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﺪىندۇر. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، شۇنداق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ــ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:
ــ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ (ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ)، ــ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯩﻜﯩﺪىندۇر، ــ ﺩﯦﺪﻯ». بۇ ھەدىسنىڭ تەرجىمىسى ئاستىغا مۇنداق ئىزاھ يازغان ئىدىم:
مەزكۇر ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە بۇنىڭ چارىسىنى «ئىستىغفار ئېيتىش بىلەن كۆپ سەدىقە قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن، ھەدىستە دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. مۇھەققىق ئالىملار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ ئاياللارنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، جەننەتتە ھەربىر جەننەتىينىڭ ھۆر پەرىلىرىدىن باشقا ئىنسانلاردىن ئىككىدىن ئايالى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسمۇ («مۇسلىم»، 2834) بۇنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللاردىن بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەرلەردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ (قاراڭ: «فەتھۇلبارىي»، 6 – توم، 325 – بەت)؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىشىگە «تولا قارغاش» بىلەن «نېئمەتكە تانغاقلىق»ىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى يامان خىسلەت ئەرلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بار بولسىمۇ، ئاياللاردا ئېغىرراقتۇر. چۈنكى، ئاياللار يارىتىلىش ئېتىبارى بىلەن ئاجىز بولغاچقا تىلغا كۈچەيدۇ. كۆپ تىللاش ئورۇنسىز قارغاشقا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە گۇناھى ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ. يەنە تىلغا كۈچەش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەرنىڭ ياخشىلىقىدىن تېنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئائىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئۆي ئىچى ھۇزۇرىغا چوڭ تەسىرى بولغاچقا، ياخشىلىقتىن تېنىشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ ھېسابلانغان. قارغاشنى كىچىك گۇناھ دېسەكمۇ، ئۇنىڭ كۆپ سادىر بولۇشى ئۇنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئاياللار تەقۋادارلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئاچچىقى كەلگەندىمۇ تىلىغا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىككى يامان ئىللەت ھەرگىز ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، ھېچبىر ئايال زاتى قۇتۇلالمايدىغان ئىش ئەمەس. بولمىسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئورنى بولماس ئىدى. ئادەتتە ئەرنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۆرگەن تۇرۇپمۇ، بىرەر خاتالىقىنى تۇتۇۋالسا، ئەردىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىگەندەكلا ئەرنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قارغاپ كېتىدىغان ئاياللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشتىن ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئەلۋەتتە ئائىلىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.
ھەدىستىكى «ئەقىلنىڭ كەمتۈكلۈكى» ھەرگىزمۇ ئاياللارنى كەمسىتىش بولماستىن، بەلكى ئاياللاردىكى پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جېدەل – ماجىرادا ئاسان ئۆزىنى تۇتالماسلىق ۋە ھېسسىياتىغا بېرىلىپ كېتىش كەبى تەبىئىتىگە ئالاقىدار دېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ ۋەجدىن «ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇشى» دەپ ئىزاھلىغان. بۇ نۇقتا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 282) دېگەن ئايەتىدىمۇ بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ يەردىكى ئەقىل كەمتۈكلۈك پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەستە تۇتۇشتىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ، بۇ مۇتلەق ياكى يارىتىلىشتىكى كەمتۈكلۈك بولماستىن، چەكلىك كەمتۈكلۈكتۇر. يەنە كېلىپ بۇ خىل سۈپەتلەش جىمى ئاياللارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى كۆپىنچىسىگە بېرىلگەن ھۆكۈمدۇر. شۇڭلاشقا «ھەرقانداق ئايال زاتىدا تېپىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. ئاياللارنىڭ پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى يۇقىرىقى ئايەت ئىسپاتلىغىنىدەك، ھەيز، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ھازىرقى زامان نېرۋا تەتقىقاتىدىمۇ ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئەلبەتتە ئاياللارنىڭ ئىچىدە زېرەكلىك ۋە بىلىمدە نۇرغۇن ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىرى، ئەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇنتۇشقا ئالاقىدار بۇ قىسمەن ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئاياللاردىكى ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىدىكى مۇكەممەللىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ بولسا، ھېسسىياتچانلىق تەرەپتىن ئاجىز بولاتتى – دە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىنى زىدىلەيتتى ۋە پۈتۈن ھايات سىستېمىسى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتى. قاراڭ: دوكتور مۇھممەد فەىد زەريوھ: «المراجعات الفكرية لأحاديث الصحيحين»، 3 – توم، 1617 – بەت.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «دىننىڭ كەمتۈكلىكى»نى «ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، «بۇ ئېنىق ئىش. چۈنكى، ‹دىن›، ‹ئىمان› ۋە ‹ئىسلام› ئورتاق مەنىدىكى سۆزلەر بولۇپ، تائەت – ئىبادەتلەرمۇ ‹ئىمان› ۋە ‹دىن› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تائەت – ئىبادەتلىرى كۆپ بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى زىيادە بولىدۇ. گاھىدا تائەت – ئىبادەتلىرى كەم بولغانلارنىڭ دىنى ۋە ئىمانى سۇسراق بولىدۇ. تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلسا بولىدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزۈرسىز قىلمىسا گۇناھكار بولسا، ۋاجىپ بولمىغان ئەھۋاللاردا گۇناھكار بولمايدۇ. يەنە بەزىدە ھەيزدارنىڭ ناماز بىلەن روزىنى ئادا قىلمىغىنىغا ئوخشاش تائەت – ئىبادەتلىرى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان بولىدۇ. ھەتتا ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇشى ھارامدۇر». قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1 – توم، 176 – بەت.
دېمەك، دىننىڭ كەمتۈكلىكى ھەيز ۋە نىپاسدارلىق تۈپەيلى جىمى تائەت – ئىبادەتلەرنى ئەرلەر بىلەن تەڭ قىلالماسلىق جەھەتتىن بولۇپ، بۇ ئاياللار ئۆزى خاھلىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇ رېئاللىققا ئىشارە قىلغان ۋە بۇنىڭ ئورنىنى زىكىر – ئىستىغفار ۋە سەدىقە بىلەن، پاك بولغاندا كۆپلەپ تائەت – ئىبادەت قىلىۋېلىش بىلەن تولدۇرۇشقا چاقىرغان. شۇڭا، بۇ ھەدىستە بەزى دەۋر خاۋارىجلىرى چالۋاقىغاندەك ئاياللارنى كەمسىتىش بولماستىن، ئەمەلىي ئەھۋالنى سۈپەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يول كۆرسىتىش بولغان. (نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى).
181 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلىرىمىز «بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتساق يامان يولغا كىرىپ قالىدىكەن ھەم ھەرخىل يامان مۇھىتلار تەسىر قىلىدىكەن ھەم بىز بالىلىرىمىزنى قارىي قىلىمىز، بىزگە شۇ يېتىدۇ» دەپ قارايدىكەن. ئاندىن بالىلىرىنى ياتاقلىق قۇرئان كۇرسلىرىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن. «مەكتەپتە ئوقۇتمىساڭلار بولمايدۇ» دېسە، «بىزنىڭ قۇرئان يادلىتىمىز دېگەن يولىمىزنى توستى» دەپ ھەرخىل خاتا چۈشىنىشلەر بولىدىكەن. ئەلۋەتتە بالىلار قارىي بولسا ياخشى، لېكىن مەكتەپتە ئوقۇتمايلا قۇرئان يادلىتىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەممە بالىلارنىڭ قارىي بولۇشى شەرت ئەمەس، قارىيلىققا ئىستېدادى بار بىرقىسمى قارىي بولسا بولىدۇ. يەنە قارىي بولۇش بىلەن بىرگە مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇشى توغرا.
182 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۆت پەرزەنتنىڭ مىراس ئايرىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئورتاق مۈلۈككە زاكات كېلەمدۇ؟ بۇ زاكاتنى قانداق ئايرىش كېرەك؟ ئاتا ۋاپات تاپقان، ئانا بىلەن بىر بالا ۋەتەندە تۈرمىدە، قالغان ئۈچ پەرزەنتتىن بىرسى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالا. قالغان ئىككىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى بار. ئورتاق مۈلۈك ئازراق تىجارەتكە سالغان مەبلەغ، ئۇنىڭ پايدىسى، ئازراق نەق پۇل شۇنداقلا ۋەتەندە قالغان مۈلۈكمۇ بار. ئەمما، ئۇ مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئالدى بىلەن ھەر بىر شېرىكنىڭ نېسىۋىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆلچەمگە يەتسە، ئاندىن زاكات ۋاجىب بولىدۇ. ئەگەر ھەر بىر شېرىكنىڭ نېسىۋىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆلچەمگە يەتسە، چوڭ بالىلار ھەممىگە بىراقلا زاكات ئايرىۋەتسە بولىدۇ.
183 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مەن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتتا، قوشنىمىز «شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزنىڭ پۈتۈن نومۇرىنى (3800 خىتتاي پۇلىمۇ ياكى 5000 مۇ ئېنىق ئېسىمدە يوق) سېتىپ بېرىڭ» دېسە باشتا ئۇنىمىغان، تۈركىيەگە ماڭىدىغان كۈنى «بوپتۇ سېتىۋېتەي» دەپ، شوپۇرلۇق كىنىشكامنىڭ پۈتۈن نومۇرىنى سېتىشنى قارار قىلىپ، قوشنىمىزغا «بۈگۈننىڭ ئۆزىدە سېتىشىم كېرەك، ئەتە كېلەلمەيمەن» دېسەم، «ماقۇل» دەپ قولۇمغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، باشقا بىرسى بىلەن تاكسىدا باشقا بىر نومۇر ئالىدىغان يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ يەردە ئادەملىرى بار ئىكەن، كىنىشكامنىڭ نومۇرىنى ئۆزى توغرىلىيالماي، كۆپ پۇلغا ساتىمىز دەپ ئويلاپ ئۇ كۈنى كىنىشكامنىڭ نومۇرىنى ئالالمىدى، باشقىلارغا ساتسام سېتىلىپ كېتەتتى ھەم مەن باشتىلا «بۈگۈندىن باشقا كۈندە كېلەلمەيمەن» دېگەنىدىم، ھەم شۇ كۈنى پاسپورتىمىزنى تارتىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بېلەت ئېلىپ تۈركىيەگە مېڭىپ كەتكەن، ئەمدى شۇ پۇلنىڭ ھەققى مەندە قالامدۇ؟ ياكى مەن «بۈگۈن ئېلىۋالمىسىلا، كېلەلمەيمەن» دەپ ئېنىق دېگەنلىكىم ھەم باشقىلارغا ساتساممۇ سېتىلىپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋەنلىك ئۆزىدە بولۇپ ھەققى قالمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. كىنىشكا نومۇرىنى سېتىش دېگەننى مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدىم. بىخەتەر ھەيدىگەنگە بېرىلىدىغان نومۇر بولسا، ئۇنى سېتىش توغرا بولمايدۇ. توغرا بولمىغان سودىدا پۇل ئىگىسىگە قايتىشى، تاۋار ئىگىسىگە قايتىشى لازىم. ئۇنداقتا پۇل قارشى تەرەپنىڭ بولىدۇ.
184 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بىرەر چىرايلىق ئايال كىشىنى كۆرسىلا، خىياللىرىغا ناشايىن ئىشلار كىرىۋالسا ۋە بۇ خىياللىرىنى ئايالى بىلەن بىرگە بولماي تۇرۇپ كاللىسىدىن چىقىرىۋېتەلمىسە، بۇ كىشىنىڭ شۇ خىياللىرىغا گۇناھ يېزىلامدۇ؟ 2) ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا، ئاشۇ سىرتتا كۆرۈپ قالغان چىرايلىق ئاياللارنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ بىر ئىش قىلسا، زىنا قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟ 3) ئايال كىشى يۇقىرىقىدەك قىلسىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مەن ئۈچۈن ئۈممىتىمنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە قىلىپ سالمىغان ياكى سۆزلەپ يۈرمىگەن بولسىلا كەچۈرۈۋەتتى»(بۇخارىي: 6664). لېكىن، كۆڭلىگە كېلىۋالغان بۇ خىياللارغا: «بولدى بەس!» دېمەي، خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا گۇناھ يېزىلىدۇ. توختاتسا ياكى خىيالىدىن يوقىتالمىسا گۇناھ يېزىلمايدۇ. 2) بىرقىسىم ئالىملار «ھارام» دېگەن بولسىمۇ، «مەكروھ» دېگەن يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشى ئورۇنلۇق.
185 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئال – جاۋابلارنى ئوقۇپ چىقتىم:
1) رامازانلىق روزا ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار فەرئىي مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللار كۆپ سورىلىپتۇ، ئاللاھ ئۇستازلارنىڭ ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە ھەم مەنپەئەتلىك قىلسۇن… ئەمما، شۇ ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ ئەجىر – ساۋابقا لايىق بولۇش – بولماسلىقىدىكى ئالدىنقى شەرت بولغان تەۋھىدكە، ساغلام ئەقىدىگە ئالاقىدار ۋە ئۇنىڭغا زىيان سېلىپ ئەمەللەرنى بىكارچى قىلىۋېتىدىغان كۇفۇر – نىفاق، شېرىك ۋە بىدئەتلەرگە ئالاقىدار سوئاللار كۆپ سورالمىدىمۇ – قانداق؟ ياكى جاۋاب بېرىلمىدىمۇ؟
2) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا تەۋھىد ئاساسىدىكى ساغلام ئەقىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىبادەتلەرنىڭ ۋاجىباتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن بۇرۇن ئىبادەتنى ئىبادەت لاياقىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئالدىنقى شەرت بولغان ساغلام ئەقىدە ھەققىدە كۆپرەك ئىزدىنىدىغان ئويغىنىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۆلىما – ئۇستازلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرى ۋە تەۋسىيەلىرى نېمىلەر؟ تەپسىلىي جاۋاب بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) شۇنداق. كۆپ سورالمىدى. بۇ رامازاندىكى ئەھۋال ئەمەس، 11 يىلنىڭىزى بىزگە كېلىۋاتقان سوئاللارنىڭ كۆپ قىسمى فۇرۇئات ۋە ھۆكۈمگە ئالاقىدار. ئەھۋال بۇ ئىكەن، سوئال سورىغۇچىلارغا مۇنداق سوئال سورىماي مۇنداقنى سورا دېيىلمەيدۇ. 2) ئۆلىمالارنىڭ تەۋھىدنى ساپ ھالەتتە چۈشەندۈرۈشى، ئاۋامنىڭ ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە ۋە بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقات ۋە ئاقارتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمدەم بولۇشى كېرەك. «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىر پۈتۈن ئەقىدە ئۇل ئاساس سالىدىغان «ئەقىدە ئېنسىكلوپىديەسى»نى تەييارلاشقا زور كۈچ چىقارغان ۋە تۆت يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 1 – تومى (يېگانە ياراتقۇچى) نى 2018 – يىلى نەشر قىلغان ئىدى. قالغان ئالتە قىسىمنى تاماملاشقا قۇربىمىز يەتمىگەنلىكتىن توختاپ قالدى.
186 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سۈت ئېمىدىغان بوۋاق بالامنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئىدىم، بالام تۇيۇقسىزلا قۇرئاننىڭ ئۈستىگە قۇسۇپ قويدى. ئالدىنقى كۈنى «بوۋاق بالىنىڭ قۇسۇقىمۇ پاكىز ئەمەس» دەپ بەرگەن ئىدىلە، قۇرئاندىكى بۇ قۇسۇق يۇقۇپ قالغان يەرنى قانداق پاكىزلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. نەم قەغەزدە سۈرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
187 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەندە قان ئاز بولغاچقا كەينى – كەينىدىن ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش سەۋەبى بىلەن ئالتە – يەتتە يىل بولدى رامازانلىق روزامنى تۇتالمىدىم، (بۇرۇن «فىديە بەرمەيدۇ، چوقۇم قازاسىنى قىلىشى كېرەك» دەپ بىلگەچكە ئۇ چاغدا فىديە بەرمىگەن ئىكەنمەن) ھازىرمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان بولغاچقا روزا تۇتالمىدىم. سوئالىم:
1) بۇرۇن تۇتالمىغان ئۇ روزىلىرىمغا فىديە بېرەمدىم؟ بەرسەم قانچىلىك بېرىمەن؟
2) مەن بىر ئائىلە ئايالى بولغاچقا، ھېچقانداق كىرىمىم يوق، روزىلىرىمنىڭ فىديەسىنى ئېرىم بەرسە بولامدۇ؟
3) ئېرىمنىڭمۇ ئۇنچە كۆپ كەففارەتنى بىراقلا بەرگۈدەك ئىقتىسادى بولمىسا، بۆلۈپ بېرەمدۇ ياكى مەن روزا تۇتالىغۇدەك بولغۇچە ساقلاپ قازاسىنى قىلىشىم كېرەك بولامدۇ؟ (ئەمما قاچان روزا تۇتالايمەن، بىلمەيمەن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بۇ سوئالغا نەچچە قېتىم جاۋاب بېرىلىپ بولغان. ئىلگىرىكى جاۋابلارغا قارىغايسىز. 2) بولىدۇ. 3) بەرگۈدەك ئىقتىسادى بولمىسا، ئىقتىسادى بولغاندا بېرىدۇ ياكى سىز تۇتالىغۇدەك بولغاندا تۇتىسىز.
188 – سوئال: 183 – سوئالدىكى «كىنىشكا نومۇرىنى سېتىش» دېگەن بىخەتەر ھەيدەپ قازانغان نومۇر ئەمەس، كىنىشكا ئالغاندا، كىنىشكىسى تولۇق 24 نومۇر بىلەن چىقىدۇ، ئەگەر بىخەتەر ھەيدىمىگەن شارائىتتا نومۇرى ئۈچتىن ياكى ئالتىدىن تارتىلىپ تۈگەيدۇ، بىخەتەر ھەيدىسە، شۇ نومۇرى ساقلىنىپ قالىدۇ. نومۇرنى ساتقان كىشى نومۇرنى تولۇق سېتىشنى قارار قىلسا، كىنىشكىسى بىكار قىلىنىپ، ئىككى نەزەرىيە ئىمتىھانىغا پۇل تۆلەپ كىرىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسە، ئاندىن ساتقان نومۇر ئەسلىگە كېلىدۇ. نومۇرنى سېتىۋالغۇچىمۇ ئېھتىياتسزلىقتىن ۋەقە سادىر قىلسا ياكى توختاتمايدىغان ئورۇنغا توختاتسا، نومۇر كېسىۋېتىلىدۇ. ئىمتىھانغا كىرىشكە پۇرسىتى بولمىغان بايلار ياكى نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەنلەر نومۇر سېتىۋالىدۇ، مۇشۇ ھالەتتىمۇ ھەققى مەندە قالامدۇ؟ ئەگەر ھەققى مەندە قالدى دېگەن ھالەتتە ئالاقىلاشقىلى بولمىسا، قانداق ھەل قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. شۇڭا، سىزدە ھەققى قالماسلىق ئۈچۈن، شۇ مىقداردىكى پۇلنى «بۇ پۇل كىمگە تەۋە بولسا، ساۋابى شۇنىڭغا بولسۇن» دەپ سەدىقە قىلىۋېتىپ، خاتىرجەم بولغىنىڭىز ياخشى.
189 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 13 ياشقا كىرگەن قىز بالا ئادەت كەلمىگەن بولسا، روزا تۇتمىسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولىدۇ.
190 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. ئۇستاز! مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى. بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا بىر تەبلىغدە «ئاللاھ زاكاتنى كۆپ يېگەن كىشىنى شۇ زاكاتقا تاشلاپ قويىدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ھەم زاكات يېمەيتتۇق. ھازىر ھەر تۈرلۈك ئىشلار تۈپەيلى زاكات يەيمىز. ئۇستاز! مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم شۇكى، مەن رامازان كىرگەننىڭياقى ئۈچ – تۆت يەردىن زاكات ئالدىم، چۈنكى يېنىمىزدا بىر 7 لىرا پۇلىمىزدىن باشقا پۇل قالمىغان ئىدى. بىر كۈنى ئېھتىياجىمنى بىرسىگە دېسەم، ئۆيىمىزنىڭ ئىجارىسى چىققۇچىلىك زاكات بەرگەنىدى. شۇ ئاخشىمى مەن يولدىشىم ئىككىلىمىز يىلان قولىمىزنى چېقىۋېلىپ چۈش كۆرۈپتىمىز، شۇڭا «زاكاتنى كۆپ ئالسا، ياخشى بولمايدىغان ئەھۋالمىدۇ؟» دەپ قورقۇپ قالدىم.
1) شۇ پۇلنى باشقىلارغا بېرىۋەتسەك ياخشىمۇ ياكى ئائىلىمىزگە ئىشلىتىۋەرسەك ياخشىمۇ؟
2) ئېھتىياجلىق كىشىلەر قانچىلىك مىقداردا زاكاتنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) زاكاتقا ئېلىشقا لايىق بولسا، ئۇ زاكات ھالال. ھېچقانداق مەسىلە يوق. شۇڭا، ئېھتىياج بولسا ئىشلىتىۋېرىسىلەر. 2) قەرزدارلار قەرزىنى تۆلەپ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ. باشقىلارمۇ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
191 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ زاكات بەرگەندە نىساب مىقدارى ئالتۇن بويىچە ھېسابلىساق 85 گرام، كۈمۈش بويىچە 585 گرام ئىكەن، ئەمما ھازىر ئۇ ئىككىسىنىڭ توپلام قىممىتىنى قەغەز پۇلغا سۇندۇرغاندا، 10 ھەسسە ئەتراپىدا پەرقلىنىپ قالىدىكەن، مۇشۇ ئەھۋالدا:
1) قايسى مىقدارغا يەتسە، چوقۇم زاكات بېرىمىز؟
2) قايسى مىقدارغا يەتسە، زاكات يېسەك بولمايدۇ؟
3)نىساب مىقدارى دەۋرنىڭ، پۇل ياكى ئالتۇن – كۈمۈش پاخاللىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمامدۇ؟
4) تۈركىيەدە سەدىقە، زاكىتىمىزنى ياكى فىترىمىزنى قايسى دەرنەك ياكى تەشكىلاتقا بەرسەك ئەڭ ئىشەنچلىك؟ چۈنكى، نۇرغۇنلىرى «ماڭا بېرىڭلار» دەپ قوللىرىنى تەڭلىمەكتە.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئالتۇن قىممىتى بويىچە 85 گرامغا يەنى بۈگۈنكى ھېسابتا 5000 دوللارغا يەتسە زاكات ئايرىيمىز. 2) قولىدىكى پۇلى 5000 دوللارغا يەتكۈچە زاكات يېسە بولىدۇ. 3) ئالتۇن ھېساب. ئەگەر ئالتۇن تۆۋەنلەپ كەتسە ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ قىممىتىنىڭ قايسىسى چارۋا ماللاردىكى نىسابقا يېقىن كەلسە، شۇنى ھېساب قىلىمىز. 4) ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز خىزمىتىگە ئىشەنچ قىلىدىغان ئورۇنغا ياكى ئۆزىڭىز تونۇيدىغان شۇنى ئېلىشقا لايىق كىشىلەرگە بەرسىڭىز بولىدۇ.
192 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!
1) تاھارەت ئالغاندا نورمال پايپاققا مەسىھ تارتساق بولامدۇ؟
2) نامازدا پۇتلىرىمىزنىڭ ئارىلىقلىرىنى كەڭ قىلىپ، باشقىلارنىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزۈپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟
3) جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامازلىرىنى ئۆينىڭ يېنىدا مەسجىد تۇرۇپ، 3 – 4 ئادەم بىلەن ئۆيدە ئوقۇسا بولامدۇ؟
4) مۇساپىر ھالەتتە نامازنى قەسر ئوقۇپ، سۈننەتلىرىنى ئوقۇمىساق بولامدۇ؟
5) تۈركىيەدە ياشىغىلى 7 – 8 يىل بوپتۇ، ھازىرغىچە قەسر ئوقۇيمىز. ئىچىمىزدىكى ئۆي ئېلىپ يەرلىشىپ كەتكەنلەرمۇ قەسر ئوقۇيدىكەن، شۇ توغرىمۇ؟
6) ئىچىمىزدە نامازنى مەسجىدتە ئوقۇمايدىغان، ئوقۇسىمۇ پەقەت ئۇيغۇر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇيدىغان، «تۈرك ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇسا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلار دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن نەرسىلەرنى قىلىدۇ… » دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەزان ئوقۇسىمۇ تۈرك جامائەتلىرىگە قوشۇلمايدىغان كىشىلەر بار، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟
7) ئىچىمىزدە بەزىبىر ئىنسانلار بار. بۇلارغا سالام بەرسەك، سالامغا جاۋاب بەرمەيدۇ. بەزەن تۈركلەر سويغان گۆشلەرنى ھارام دەيدۇ، لېكىن ماددىي ياردەم بولسا يەنى پۇل، ئۇن، گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالىدۇ. بۇلار «غەنىمەت»مىش. شۇ توغرىمۇ؟
8) بەزى ئىنسانلار «بىزگە مەزھەب كېرەك ئەمەس، پەيغەمبىرىمىز مەزھەب توغرىسىدا گەپ قىلمىغان» دەيدىكەن. ئايەت – ھەدىسلەرنى ئۆزىمىز تەرجىمە قىلىپ، مەزھەبسىز يۈرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن ئىككى دۇنيادا رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) توڭلاپ كەتكۈدەك ئەھۋال بولمىسا، پايپاققا مەسىھ تارتىشقا بولمايدۇ. 2) پۇتنى ئۆزىمىزگە لايىق ئېچىپ تۇرىمىز ۋە ئارىلىق قالغان بولسا يېقىنراق يۆتكىلىپ تۇرىمىز. پۇتلارنى كەرىۋالمايمىز. 3) بولمايدۇ. 4) مۇساپىر ھالەتتە نامازنى قەسر ئوقۇپ، بامداتنىڭ سۈننىتىدىن باشقا سۈننەت نامازلىرىنى ئوقۇمىسا مەيلى. 5) خاتا. بۇ ئېغىر دەرىجىدىكى خاتا ئىش. چوقۇم تولۇق ئوقۇشى كېرەك. مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋاغا قارالسۇن: https://sajiya.biz/?p=3187 6) «ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىمىز. توغرىسى، ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇش. 7) خاتا. بۇ دېگەن ماددىي ياردەم. غەنىمەت دېگەن جەڭلەردە كافىرلاردىن ئولجىغا ئېلىنغان نەرسە، خار تۇرۇپ مۇسۇلمانلاردىن ئالغان ياردەم ئەمەس. 8) ئەرەب تىلى ۋە شەرئىي ئىلىملەردە يېتۈك بولسىڭىز، قۇرئان – ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىپ ياشاۋەرسىڭىز بولىدۇ ئەلبەتتە. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ ئەمەل قىلىش كېرەك. «چوقۇم بىرلا مەزھەبتە ياشا!» دېگەن شەرت يوق.
193 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! مۇشۇ ئۇيغۇرلۇق مۇھىممۇ، مۇسۇلمانلىقمۇ؟ بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە زىتمۇ؟ يەنى نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز شەرىئەتتە چەكلىنىدىكەن، مەسىلەن 12 مۇقام، مەشرەپ، نورۇز… دېگەندەك. خۇراپاتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەسكەن، مەسىلەن داخان، رەممال… دېگەندەك. ئەمما، ھالىمىزغا مۇسۇلمان ئۆلكىلەر ھېچ يەتمىدى ھەم يەتمەيدىكەن. مۇشۇ ئەھۋالدا مۇسۇلمانلىقىمىز بەكرەك تەكىتلىنىشى كېرەكمۇ، ئۇيغۇرلۇقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇسۇلمانلىق ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلۇق ۋە تۈركلىكىمىزگە زىت ئەمەس. كىملىكىمىزنىڭ ھەممە تەركىبى لايىقىدا تەكىتلىنىشى كېرەك.
194 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋالىڭلار، ئوبدان تۇردىڭلىمۇ، تىنچلىقمۇ؟ ماۋۇ «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» دېگەن كىتابتا «قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندا مەزمۇننىڭ بېشىدىن باشلاش، توختىغاندىمۇ بىر مەزمۇن ئاخىرلاشقاندا توختاش» دېگەن گەپ بار ئىكەن. بۇ بىزدەك قاراتۈرك ئادەملەرگىمۇ كۈچكە ئىگىمۇ ياكى ئەرەبلەرگىلاممۇ؟ «بۇ ئەرەبلەرگە لازىم، بىزگە ئەمەس» دېيىلىپ قالدى، «ئۇنداقتا، تەرجىمە قىلغانلار خاتا تەرجىمە قىلغان ئوخشايدۇ!» دېدىم مەن ئاچچىقىم كېلىپ. «سىلەر ئايەت، ھەدىسنى دەلىل قىلىپ سۆزلەڭلار! بولمىسا، قۇرۇق گەپنى قىلماڭلار!» دېدىم مەن بۇلارغا. «دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە سەھىپەنىڭ بېشىدىن سەھىپەنىڭ ئاخىرىغىچىلا ئوقۇيدۇ، مەزمۇن بىلەن ھېچكىمنىڭ ئىشى يوق» دېيىشتى. «تۆت ئادەم توغرا يولدا ماڭسا ئۇ سەت كۆرۈنۈپ، كۆپ ئادەم خاتا يولدا ماڭسا توغرا بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق» دېدىم بۇلارغا. زادى قايسىسى توغرا؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» دېگەن كىتابتا «قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندا مەزمۇننىڭ بېشىدىن باشلاش، توختىغاندىمۇ بىر مەزمۇن ئاخىرلاشقاندا توختاش» دېگەن گەپ مۇستەھەب دەرىجىسىدىكى ئىش. شۇڭا، شۇنداق توختاش ئەرەبكىمۇ، ئەجەمگىمۇ ئەۋزەل. ئۇيغۇر قارىيلارمۇ بۇنى بىلىشى كېرەك. بىلمىسە سەھىپە بېشىدىن باشلاپ، ئاخىرىدا توختىسىمۇ ئىختىيارى. بىرى ئەۋزەل، بىرى جائىز ئىش.
195 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادا قاچاق ئىشلەش، باج ئوغۇرلاش توغرىسىدىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇدۇم، بىزدە «سامان ئارىلاشمىغۇچە لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىغۇچە باي بولماس» دېگەن گەپ بار ئىكەن. ياۋروپاغا كەلگەنلەرنىڭ ئىقتىسادتىن باشقا نېمە ئارزۇسى بار دەيلا، تۈركىيەدىمۇ ياشاۋاتىسىلەرغۇ ئەنە؟ ئەمما، بۇ قاچاق ئىشلەش، باج ئوغۇرلاش تۈركىيەدىمۇ، سەئۇدىدىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ بارلىقى ئېنىق، ئۇ يەردىكىلەرگىمۇ ھاراممۇ – يا؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھارام دېگەن ساختىلىق، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق نەدە بولسا بەرىبىر ھارام. يىغقان باجنى ۋەتەن – خەلقىگە تولۇق سەرپ قىلسا، ئەلۋەتتە ئوخشاش. تولۇق سەرپ قىلماي، پادىشاھلىرى يەۋالسا پەرقلىق. يەنە مەلۇم دۆلەتلەردىكى ھەممە تىجارەتچىلەرنىڭ باج ئوغۇرلىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك باج ئوغۇرلىمىسا رىقابەت تۈپەيلى تىجارەت قىلالمايدىغان ئەھۋالنىڭ ئومۇملىشىشى ئايرىم مەسىلە. تۈركىيەدىمۇ يەتكۈدەك كىرىمى بار تۇرۇپ ياردەم ئالسا، ياۋروپادا قاچاق ئىشلەپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئالغانغا ئوخشاش، توغرا بولمايدۇ.
196 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!
يەتتە بالىسى بار بىر ھەمشىرىمىز بار ئىدى، ئىجارە ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزى ئاتوليەدە ئىشلەپ ئائىلىسىنى ئاران قامداپ كېلىۋاتىدۇ. يولدىشى ۋەتەندە قېلىپ چىقالمىغان يەنى تۈرمىدە. يېنىدا ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ۋەتەندىن چىققان 280 مىڭ لىرا بار ئىكەن. پۇلنىڭ بىرقىسمىغا بىر يىل، يەنە بىرقىسمىغا بەش – ئالتە ئاي ئەتراپىدا بوپتۇ، بۇنىڭغا زاكات كېلەمدۇ؟ ئورۇن: تۈركىيە
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ پۇلغا زاكات كېلىدۇ. بىر يىل بولغىنىغا ھازىر، بولمىغىنىغا بىر يىل بولغاندا ئايرىسا بولىدۇ.
197 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئۇستاز! مەن ناماز ئوقۇسام زېھنىمنى پەقەت يىغالمايمەن. بەك تىرىشىپ باقىمەن يەنىلا ئوخشاش. 47 ياشقا كىردىم، ئەمما بىر قېتىم گازدىن قاتتىق زەھەرلەندىم. شۇ سەۋەبمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ بىلمەيمەن، نامازدا تولا ئازىمەن. مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ياخشى، ئارتۇق تۇرمۇش غېمىم يوق. نېمىشقا شۇنداق بولىمەن؟ بىر ھەدىستە: «ئۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋاي! ئاخىرەتتە شۇ ئوقۇغان نامازلىرى يۈزىگە ئۇرۇلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا گەپ بار ئىكەن. قانداق قىلغاندا توغرا، لايىق ناماز ئوقۇيالايدىغان بولىمەن؟ مەن دىققەت قىلمىغان ئىشلار قايسىدۇر؟ ئۇستاز! مەن تەراۋىھ ناماز ئوقۇمىدىم، تەھەججۇد ئوقۇۋاتىمەن. تەراۋىھ ئوقۇش ئاياللارغا پەرزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. تاھارەتنى كامىل ئېلىڭ، ناماز باشلىغاندا ئىستىئازە («ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيم» دېيىش) ۋە بىسمىللاھنى ئۇنتۇپ قالماي، سەجدىگاھقا قاراپ ئالدىرىماي ئوقۇڭ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ ئوقۇشقا تىرىشىڭ. مۇمكىنقەدەر دىققەت يىغىشقا تىرىشسىڭىز بولىدۇ. تەراۋىھ نامىزىمۇ تەھەججۇد قاتارىدىندۇر. قايسىسىنى ئوقۇسىڭىز ئوخشاش، پەرز ئەمەس.
198 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەجرى – ھەسەناتلىرىنى كۆپەيتىپ بەرسۇن! دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلسۇن! ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن!
1) بىر ئەرنىڭ ئايالىنى ياكى پەرزەنتلىرىنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
2) بالىلارنى ئويناتقاندا، مەسىلەن لونا پارك دېگەندەك باغچىدا مۇزىكىلىك (كىچىك پويىز، كىچىك ماشىنا دېگەندەك) ئويۇنچۇقلاردا بالىلارنى ئوينىتىشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ (تۇرۇشلۇق جايىم: تۈركىيە سەفاكۆي)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! 1) ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۆتۈڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 19) دېگەن بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئەرنىڭ ئايالىنى ياكى پەرزەنتلىرىنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىشىنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب. 2) جائىز. مۇزىكىنىڭ ئۆزى باشقا ھارام ئىش ئارىلاشمىغان تەقدىردە ھارام ئەمەس.
199 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر تىۋىتتىردا «چېكىلىش» دەيدىغان بىر ئىش باركەن يەنى باشقىلارنىڭ چىقارغان نەرسىسىنىڭ ئاستىغا دوستلىرىنى ئەكلەپ قويسا، ئايدا 250 دوللاردەك پۇل كېلىدىكەن. بالىلار بۇنىڭغا بەكلا كۆنۈپ كېتىپتۇ، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئىشنى چۈشەنمەيدىكەنمەن.
200 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجىر بەرسۇن. مېنىڭ بىر ئۆيۈم بار ئىدى. ئۇ ئۆينى مەجبۇرىي سېتىپ سالدۇق. پۇلىنى 8 – ئايدا 100 مىڭ تېلى، 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا 180 مىڭ تېلى ئالدىم، لېكىن بۇ پۇلغا ئۆي ئالالماي «تىجارەت قىلىپ باقاي» دەپ، سوقۇلۇپ كەتكەن ماشىنا ئېلىپ رېمونت قىلىپ ساتماقچى ئىدىم. لېكىن، ماشىنا (تۆت كىشى شېرىكلىشىپ تۆت ماشىنا ئالغان) پۈتمەي سېتىپ بولالمىدۇق. مەقسەت، ھازىر ئۆينى ساتقان پۇل قولۇمغا كەلگىلى يىل توشمىدى.
1) بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى ھازىر ئايرىش كېرەكمۇ ياكى يىل توشقاندا ئايرىش كېرەكمۇ؟
2) قولغا كەلگىنىگە بىر يىل بولمىغان پۇلنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمىز؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇستاز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئەسل قائىدە بويىچە ھەر قېتىم كىرگەن پۇلغا يىل توشقاندا ئايرىيسىز. بۇ رامازاندا ھەممىگە ئايرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 2) قولغا كەلگىنىگە بىر يىل بولمىغان پۇلغا زاكات ئايرىلمايدۇ.
201 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!
1) كىچىك ۋاقتىدا ئەقىقىسى قىلىنمىغان بولسا، ھازىر ئەقىقە قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى بىلگەندىن كېيىن ئەقىقە قىلىش شەرت بولامدۇ؟
2) ئەگەر شەرت بولسا، ئەر ئۈچۈن ئىككى قوي، ئايال ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئەقىقە قىلىپ، ھەممە گۆشنى مېھمان چاقىرىپ يەۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بىرقىسمىنى تارقىتىۋېتىپ، بىرقىسمىنى ئۆزى يېسىمۇ بولامدۇ؟
3) «ئەقىقە قىلىدىغان قوينى ئۆلتۈرگىنىدە، سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇۋەتمەي گۆشتىن ئاجرىتىپ ئېلىش ۋە ئۇنى كۆمۈۋېتىش كېرەك» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ رەھمەت. (تۈركىيە، مۇستاپا)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنمىغانلارنىڭمۇ چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىۋېتىشى مۇستەھەب. ئىبنى سىرىن: «ناۋادا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىقىسىنىڭ قىلىنمىغانلىقىنى بىلسەم، ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «سېنىڭ ئەقىقەڭ قىلىنمىغان بولسا، چوڭ بولۇپ بولغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىۋەتكىن» دېگەن. 2) ئىختىيارى. بىرقىسمىنى تارقىتىۋېتىش مۇستەھەب. ئىبنى سىرىن: «ئۇنىڭ گۆشىنى خاھلىغىنىڭچە بىرتەرەپ قىل» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىرتەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، سەدىقىمۇ قىلىدۇ، قولۇم – قوشنىلارغىمۇ ھەدىيە قىلىدۇ» دېگەن. دېمەك، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. 3) بىرقىسىم ئالىملار: «ئەقىقە مالنىڭ سۆڭىكىنى چاقماي، ھەربىر ئەزاسىنى پۈتۈن – پۈتۈن پارچىلاش مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇرسەل ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ھەسەن بىلەن ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «تۇغۇت ئانىسىغا بىر پۇتىنى ئەۋەتىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇنىڭ بىرەر ئۇستىخىنىنى سۇندۇرماڭلار». ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ھاكىم رىۋايەت قىلىپ، «سەھىھ» دەپ باھالىغان. دېمەك، بۇنىڭدىمۇ كەڭچىلىك بار.
202 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!
1) تىجارەتچى مېلىدىن زاكات بەرمەكچى بولسا، سېتىش باھاسىدا ھېسابلاپ بەرسە بولامدۇ؟
2) قەرز بەرگەن پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسە بولامدۇ؟ يەنى «يېرىمى زاكاتقا ھېساب بولسۇن، يېرىمىنى بېرىڭ» دېسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
1) تولۇق ئىشلىنىپ بولغان سېتىشقا تەييار تاۋارلار زاكات ئايرىيدىغان كۈنلەردىكى توپ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. مۇنۇ پەتىۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5680
2) بولىدۇ. لېكىن تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتىۋادىن ئالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5944
203 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن! بىر كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردە ئىش تېپىشتا قىينىلىپ، باشقا شەھەرگە بېرىپ ئىشلىگەن بولسا، رامازان ئېيىدا ئۇ يەردە يېمەك – ئىچمەكتىن قىيىنچىلىق بولسا، بۇ كىشىمۇ سەپەر ئۈستىدىكى كىشىنىڭ مۇئامىلىسى بويىچە روزىنى ئائىلىسىگە قايتقاندا تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بارغان شەھەردە 15 كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدىغان بولسا، شۇنداق رۇخسەت بار.
204 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! سىلى قاتىلىم ھېسابىغا دەسمايە سېلىپ تاپقان پۇلنىڭ جازانە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق پەتىۋا بەرگەنتىلە ۋە نەچچە يىل ئالغان پايدا پۇلنىڭ «ھارام» بولغانلىقى ئۈچۈن، «پېقىر – مىسكىنلەرگە ھېسابلاپ بېرىۋېتىشىمىز كېرەكلىكىنى» دېگەن ئىدىلە، ئەمدىكى سوئالىم: بۇ شەك ياكى ھارام مالدىن پاكلىنىپ بېرىدىغان پۇل قايسى تىپتىكى پېقىر – مىسكىنگە بېرىلىدۇ، ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا بەرسەك بولامدۇ ياكى كافىر كەمبەغەللەرگىمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا ياكى ئومۇم مۇسۇلمانلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىشلارغا بەرسەك بولىدۇ. كافىرلارغا بېرىلمەيدۇ.
205 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەتىگەنلىك زىكىرنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈم بار: سوھۇرلۇق ئەزىنى چىققاندىن كېيىن ئوقۇساق بولامدۇ؟ ياكى بۇلار بامدات ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا باشلىنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يىل بويى ئەتىگەندە ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئوقۇيمىز. رامازاندا ئەتىگەنلىك ئالاھىدە زىكىر يوق.
206 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى چوقۇم رامازاندا ھېساب قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى بىر ۋاقىت بېكىتىپ ھېسابلىسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ھىجرىيە ئاي بويىچە پەرز قىلىنغان بولغاچقا، ئەگەر زاكاتنى رامازاندا ياكى ھىجرىيە ئايلارنىڭ بىرىدە بەرسىڭىز، ئاشۇ بويىچە %2.5 مىقداردا بېرىسىز. ئەمما، ھىجرىيە ئايدا بېرىش قولاي بولماي قالسا، مىلادىيە ئاي بويىچە بەرسىڭىز، مەسىلەن ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دېگەندەك. بۇ چاغدا %2.575 بويىچە بېرىسىز. ئەگەر زاكاتنى مىلادىيە ئاي بويىچە %2.5 مىقدار بەرسىڭىز، ھەر يىلى 11 كۈننىڭ زاكىتىنى، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كەتكەن بولىسىز.
207 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن گوللاندىيەدە تۇرىمەن. ھازىر ھۆكۈمەتكە «يولدىشىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتۇق» دەپ ئايرىم كىرىم ئالىمەن، يولدىشىم ئايرىم ئىشلەيدۇ.
1) بۇ ئالغان پۇلۇم ھارام بولامدۇ؟
2) بالىلىرىمغا ھارام يېگۈزگەن بولامدىم؟
3) مەن بۇ پۇلدىن تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەممۇ قىلىمەن، بۇ قوبۇل بولامدۇ؟
4) يولدىشىم ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالمايدۇ، لېكىن يېرىم ئاق، يېرىم قاچاق ئىشلەيدۇ. چۈنكى، ھەممە مائاشىنى ئاق قىلىپ كۆرسەتسە، ھۆكۈمەتتىن بەك جىق قىسمىنى باجغا تۇتۇۋالىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالماي تۇرۇپ، ئازراقنى قارا ئىشلىسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ھەئە، بۇ يالغان سۆز قىلىپ ئالغان پۇل بولىدۇ. يەنە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا توي خېتىنى ئايرىسا تالاق بولۇپ كېتىپ، كېيىن ئايالنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالمىسا، نىكاھسىز تۇرۇشتەك ئەھۋالمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ شۇ چاغلاردا دېگەن سۆزگە ۋە بېجىرگەن رەسمىيەتلەرنىڭ تەپسىلاتىغا باغلىق. چۈنكى، سوتچىنىڭ ياكى كادىرنىڭ ئالدىدا «ئايالىمنى قويۇۋەتتىم» دېسە، قويۇۋەتمەسلىك نىيىتى بولسىمۇ بىر تالاق چۈشىدۇ. كېيىن ئىددەت ئىچىدە ئەمرىگە قايتۇرۇۋالمىسا، ئىددەتتىن كېيىن ئايال بىلەن نىكاھ قالمايدۇ. 2) شۇنداق. ھارام بولىدۇ. 3) قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ پاكتۇر. پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 4) بىرەر سائەتلىك، ئادەتتە كۆز يومۇلىدىغان ئاز ئىشلەش بولسا ھېچگەپ بولماس. بۇنىڭ ئاز – كۈپلۈكىنى جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئۆرپىگە قاراپ كىشىنىڭ ۋىجدانى ئايرىسا بولىدۇ.
208 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈرك مەسجىدلىرىدە نامازدىن كېيىنلا مۇئەززىن زىكىر – تەسبىھنى ياڭراتقۇدا ئوقۇيدىكەن. بىرەر رەكئەت نامازغا كېچىكىپ قالغان ئادەم ئۈلگۈرەلمىگەننى ئوقۇۋاتقاندا، مۇئەززىننىڭ ئاۋازى كۆپىنچە ھاللاردا ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى ئازدۇرۇۋېتىدىكەن. «بىز قۇرئان ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇشقا بۇيرۇلغان» دەپ بىلىمەن. يۇقىرىقى ئەھۋالدا:
1) مۇئەززىننىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟
2) ئېزىپ كېتىپ ئايەتنىڭ نەرىگە كەلگىنىنى بىلەلمىسە، باشقا سۈرە ئوقۇسىلا بولامدۇ ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەكمۇ؟
3) نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرزنى ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) توغرا. 2) ئېزىپ كېتىپ ئايەتنىڭ نەرىگە كەلگىنىنى بىلەلمىسە، باشقا سۈرە ئوقۇسا بولىدۇ. 3) ئىمام سالام بەرگۈچە ئۈلگۈرەلمىسە، ئاندىن ئۈلگۈرەلمىگەنلەر ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ. ئۈلگۈرەلىسە، جامائەتكە قېتىلماي ئايرىم ئىككىنچى جامائەت بولۇش ھارام.
209 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى مەنپەئەتلىك قىلسۇن، ئىككى دۇنيادا سائادەتمەن قىلسۇن، ئامىن. ھازىر شەھەرلەرئارا بېلەتنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بېلەتنى بېلەت سېتىش پونكىتلىرىدىن ئالماي، شوپۇر بىلەن ئەرزان باھاغا دېيىشىپ بېلەت ئالسا، بۇ ئالدامچىلىققا كىرەمدۇ؟ مەلۇم بولغىنىدەك، كۆپىنچە ئۇزۇن يوللۇق ماشىنىلار شوپۇرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولماستىن، شىركەتكە ياكى باشقا بىرەر شەخسكە تەۋەدۇر.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ سائادەتمەنلەر قاتارىدىن قىلسۇن! بۇ شىركەتنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
210 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى مەنپەئەتلىك، ۋاقىتلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن.
1) ئەر – ئايال نىكاھتىن بۇرۇن سۆزلەشمە قىلغان بولسا، مەسىلەن: «ئايال ھەر يىلى رامازاندا پەقەت ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈنلەردە شەھۋەتتىن يىراق تۇرىدىغانلىقى، ئەرنىڭ بۇنى قوللىشى كېرەكلىكى ھەققىدە» سۆزلەشمە قىلغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن ئەر سۆزلەشمىنى ئېتىبارغا ئالماي ئايالنى شەھۋەتكە چاقىرسا، ئايال سۆزلەشمىنى ئەسلىتىپ رەت قىلسا گۇناھكار بولامدۇ؟
2) ئوخشاشلا ئايال نىكاھتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ پەردازلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇڭا ئەرنىڭ ئايالغا ئۆي ئىچىدە پەردازلانسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە رۇخسىتى (سۆزلەشمىسى) بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن ئايالنىڭ ئۆي ئىچىدە ئەردىن سورىماي پەردازلىنىدىغان ھەققى بولامدۇ؟ يەنى ئەردىن سورىماي چېچىنى بويىسا بولامدۇ؟
3) ئىنسان ئىچىدە تىلىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ ياكى ئاۋاز چىقارماي تۇرۇپ زىكىر قىلغان بولسا، ئوخشاشلا زىكىر قىلغان بولامدۇ ياكى چوقۇم تىلىنى مىدىرلىتىش شەرتمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) نىكاھتىن بۇرۇنقى بۇ شەرت ئىناۋەتسىز. چۈنكى، بۇ شەرىئەتكە خىلاپ شەرت. ئايال رەت قىلسا گۇناھكار بولىدۇ. باشقىچە شەرت بولسا، مەسىلەن ھەر يىلى رامازاندا ئۆمرىگە ئاپىرىسىز دېگەندەك، توغرا شەرت بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان تۇرسا (روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار،) (2/«بەقەرە»: 187). ئاللاھنىڭ ئاشۇ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي تەقۋادارلىق قىلىمەن دېگەن كىشى ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىۋالغان يا ئاخماق، يا نادان، يا ساختا تەقۋادار بولىدۇ. 2) بۇلار ئايالنىڭ ھەققى. ئالاھىدە كېلىشىم قىلىشقا ھاجەت يوق. 3) بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە زىكىر قەلب بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ بولىدۇ. مۇكەممەل بولغىنى قەلب بىلەن تىل بىرلىكتە قىلغان زىكىردۇر.
211 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! يولدىشى بەش يىل بۇرۇن ۋەتەنگە كېتىپ، خىتتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشى بىلەن ئىز – دېرىكى بولمىغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. يولدىشى تۈركىيەدىن كەتكەندە «ئۆينى سېتىپ كېلىمەن» دەپ باشقا ھېچنېمە دېمەي كەتكەنىكەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى سوراپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بۇ ئەھۋالدا ئەر بىلەن ئالاقە قىلالىسا، ئەر سۆزىنى بەرسە، ئايرىلىپ ئىددەتتىن كېيىن يېڭى تۇرمۇش قۇرسا بولىدۇ. ئالاقە قىلالمىسا ياكى ئەر سۆزىنى بەرمىسە ۋە بۇ ھالەتتىن ئايال زىيانغا ئۇچرىغانلىق جەھەتتىن قىينالغان بولسا، «ئۆلىمالار بىرلىكى»گە مۇراجىئەت قىلسا، شۇلار ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بۇرۇنقى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. بۇ تالاق ئەمەس، زىيانغا ئۇچراش سەۋەبلىك ئايرىۋېتىش بولىدۇ. ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرغان تارىختىن باشلاپ ئىددەت تۇتسا بولىدۇ.
212 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزىلەرنىڭ بەدىنىگە چەتئەللىكلەرنى دوراپ گۈل چەكتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆردۈم. «ئۆلگەندە شۇ يەرنى كېسىپ ئېلىۋەتمىسە، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ راستمۇ؟ تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چېكىش ۋە چىشنى ئىنچىكىلىتىش ھارام ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈل چەككۈچىگە ۋە چەكتۈرگۈچىگە، چىش ئىنچىكىلەتتۈرگۈچىگە ۋە ئىنچىكىلەتكۈچىگە لەنەت قىلغان»( بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس).
گۈل چېكىش بەدەننىڭ ئەسلى رەڭگىنى نەقىش ۋە كۆك رەڭ بىلەن ئۆزگەرتىش بولۇپ، تېرىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن نەشتەر – يىڭنىلەر بەدەنگە سانجىلغاندا گۈل چەكتۈرگۈچى تارتىدىغان ئازاب – ئوقۇبەتنى جەملەيدىغان بولساق، بۇنىڭ نېچۈن ھارام ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىدۇ. گۈل چەككەن بىلەن چەكتۈرگەنگە لەنەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇدۇر(«ئىسلامدىكى ھالال – ھاراملار» دىن ئېلىندى).
213 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1) بىزنىڭ سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىقتا نەچچە خىل تاماقلارنى، ھەرخىل قورۇمىلارنى، مېۋە – چېۋە، ئىچىملىكلەرنى كېكىرىپ كەتكۈچە يەپمۇ يەنە ئاشۇرۇپ قويۇشىمىز ئىسراپخورلۇق بولمامدۇ؟ 2) دىنىمىزدا ئىسراپخورلۇقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ قانداق ساقلىنىمىز؟ 3) سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىقتا قانچىلىك يېسەك، سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىسراپخورلۇق يېمەك – ئىچمەكتە بولسۇن، باشقا ئىشلاردا بولسۇن ئەيىبلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا يېمەك – ئىچمەك ھەققىدە: ﴿يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار…﴾ (7/«ئەئراف»: 31) دېگەن. قورساق تويغاندىن كېيىنمۇ تاماق يېيىش ئىسراپ قاتارىغا كىرىدۇ. ئالىملار بۇنى ھارام ياكى مەكروھ دەپ قارايدۇ. 2) ئىسراپخورلۇق ھالالدىن پايدىلانغاندا چەكتىن ئېشىشتۇر. چەكتىن ئاشۇرماسلىققا تىرىشىش بىلەن ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىمىز. 3) تاماق يېيىشكە يەنە ھەۋىسى بار تۇرۇپ، تاماقتىن قولىنى تارتىش تائام يېيشتىكى ئادىللىق دەرىجىسىدۇر. تائام يېيىشتىكى ئەڭ گۈزەل دەرىجە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «زىيادە يېمىسە بولمايدىغان بولسا، قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرى تامىقى، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىكى، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىشى ئۈچۈن بولسۇن»(تىرمىزىي، 2380 -ھەدىس) دېگەن سۆزىدە تەۋسىيە قىلغان دەرىجىدۇر.
214 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ نامازدا چۈشكۈرۈپ سالساق، «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەمدۇق، دېمەمدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. نامازدا چۈشكۈرۈپ سالساق، «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەيمىز. قېشىدا نامازدا تۇرۇپ «ئەلھەمدۇلىللاھ»نى ئاڭلىغان كىشى يەرھەمۇكەللاھ دېمەيدۇ.
215 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئىككى يىل ئىلگىرى «1. تۈركىيەدە سوھۇرلۇقنى دىيانەت تەقۋىمىدىكى ئىمساك ۋاقتىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن توختاتسا بولىدۇ. تېنەپ قالغانلار ئىمساك ۋاقتىدىن ئەڭ كەچ بولغاندا ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20 مىنۇت كېچىكىپ توختاتسا بولىدۇ.
2. بامداتنى ئىمساك ۋاقتىدىكى ئەزاندىن يېرىم سائەت كېيىن ئوقۇش لازىم. ئادەتتە تۈركىيەدە مەسجىدلەردە شۇنداق قىلىدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىپتىكەنلا، 1) ھازىرمۇ شۇنىڭغا ئەمەل قىلساق بولامدۇ؟ 2) ھازىر سائەت قانچىدە سوھۇرلۇقنى توختاتساق بولىدۇ؟ ئىفتارنى شامنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن قىلامدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) شۇنداق. ھازىرمۇ شۇنداق قىلساق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يىل ئىمساك ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەن خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم. 2) تېنەپ قالمىغان ئادەتتىكى ئەھۋالدا سوھۇرلۇقنى ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ توختاتسا بولىدۇ. ئىفتارنى شامنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلاپ، ئاڭلانمايدىغان بولسا ئەزان چىقىدىغان مىنۇتلاردا قىلساق بولىدۇ.
216 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئۇستاز! ئۆي جىھازلىرى سېتىۋالغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپتىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، بىرنەچچە يىللىق سۈپەت كاپالەتنامىسى بېرىدىكەن، شۇ كاپالەتنامىگە ئاساسلىنىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقۇچە بىرنى ھەتتا ئىككىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن، بىر قېتىم ئالماشتۇرساققۇ بىرنى ئالغاندىكىن بىرگە بىر بولغۇدەك، ئەمما ئىككى قېتىم يېڭىسىغا ئالماشتۇرساق، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئابدۇرراھمان، تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككى قېتىم يېڭىسىغا ئالماشتۇرساقمۇ ئۇنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك كاپالەتنامە ئەسلىدە مۇباھ. كۈنىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردا كۆپىنچە ئەھۋالدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىستېمالچىلار تاۋاردىكى ئۇ ئەيىبنى تاۋارنى سېتىۋالغاندا بىلەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بەلكى بىر مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن بىلەلەيدۇ. نەتىجىدە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان شىركەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن مەلۇم بولغان ئەيب تۈپەيلى، خېرىدارنىڭ قولىدىكى مەھسۇلاتىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئورنىغا باشقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش توختامى بولماستىن، ئەيبى بار مەھسۇلاتنى ساق مەھسۇلاتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. ھەم بۇ كاپالەتنىڭ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشى جەھەتتىن ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىش. ئىسلام فىقھىدىمۇ بىرنەرسە بۇيرۇتسا، ياساپ ساتقۇچى ياسىغان نەرسىسىدىكى ئەيبكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، بۇنى ئالىملار جائىز دەيدۇ.
217 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بۇندىن 12 يىل بۇرۇن ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم، «تۆت يىل ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 10 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ھەققىدە توختامنامە»گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، تۆت يىل جەريانىدا ئوقۇش، ياتاق پۇلى ھەقسىز ۋە ھەر ئاي تۇرمۇش ياردەم پۇلى قوبۇل قىلىپ ئوقۇدۇم، لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھىدايەت تاپتىم ۋە ھىجابلاندىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت مەكتىپىدە ھىجابلىق ئىشلىشىم مۇمكىن بولمىغاچقا، خىزمەتكە كىرمىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا (يەتتە يىل ئىلگىرى) تۈركىيەگە چىقتىم. مەن ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئىمزا قويغان توختامنامىدە: «ئەگەر توختامنامىگە خىلاپلىق قىلسام، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مائارىپ ئورگىنىغا تۆت يىل جەريانىدا قوبۇل قىلغان ئوقۇش، ياتاق ۋە تۇرمۇش پۇلىنى قايتۇرۇشۇم ۋە قوشۇمچە پۈتۈن بۇلارنىڭ 50%ىچىلىك جەرىمانە تۆلىشىم كېرەكلىكى» بەلگىلەنگەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىم: 1) مەن دۆلەت مەكتىپىدە ئىشلەشنى رەت قىلىش ئارقىلىق توختامنامىگە خىلاپلىق قىلدىم، لېكىن توختامنامىدە بەلگىلەنگەن بويىچە خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ئوقۇش چىقىملىرىم ۋە جەرىمانىنى تاپشۇرمىدىم، ئەمدىلىكتە بۇلارنى قايتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ 2) توختامنامىدە «پۈتۈن بۇلارنى بىر ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇش ۋە كېچىككەن ھەربىر كۈن ئۈچۈن 0.1% ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقى» بەلگىلەنگەن، قايتۇرۇشۇم كېرەك بولسا، مۇشۇ ئۆسۈمنىمۇ قوشۇپ قايتۇرامدىم؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېرەك ئەمەس. چۈنكى خىتتاي ھۆكۈمىتىدە سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەددى – ھېسابسىز ئالالمىغان ھەققىمىز بار. ئۇلار ئۇنى بىزگە قايتۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر خىتتاي بىلەن شەخسىي مۇئامىلە قىلىپ گەدىنىمىزدە قالغان ھەقكە ئوخشىمايدۇ.
218 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ئۇستاز ئاياللارنىڭ قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش بار بولسا، بىردىن ئارتۇق تېشىشىنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بىر قېتىم تېشىش جائىز بولغانىكەن، ئىككىنچىسىمۇ زىننەتلىنىش ئېھتىياجىدىن جائىز بولۇشى كېرەك. ئەمما، قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش يوق بولسا، بۇ ئارتۇقچە تېشىش ( بىھۇدە زەخمىلەش) بولۇپ چەكلىنىدۇ. بەزى ئالىملار شۇ جەھەتتىن چەكلىگەن.
219 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدە «چەيرەك ئالتۇن» دەيدىغان يۇمىلاق ئالتۇننىڭ يۈزىدە ئادەمنىڭ رەسىمى بار ئىكەن، ئۇنى مونچاق ياكى بىلەيزۈك قىلىپ سالسا، گۇناھ بولامدۇ؟ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشىغا تەسىر يېتەمدۇ؟ ھەدىستە چەكلەنگەن «ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدىغان رەسىم» قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تولۇق ئادەم سۈرىتى بار بولسا تاقاشقا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ يا پەقەت كاللىسى، يا كاللىسىز گەۋدىسى بولسا ئۇنى زىبۇزىننەت قاتارىدا تاقاش جائىز. لېكىن، تاقىمىغان ئەۋزەل. جائىز بولغانىكەن، ئۇ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ھەدىستە چەكلەنگەن «ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدىغان رەسىم» جائىز بولمىغان سۈرەتلەرگە قارىتىلغاندۇر.
220 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئەمەللىرىڭلار ئېلىپ چىقىلىدۇ، ئەمما ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ ئەمەلى قاچانىكى ئۇلار ئەپلىشىپ قالغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرۇلىدۇ» دېگەن. نەچچە ۋاقىتتىن يېقىن ئۆتكەن دوست – بۇراردەرلىرىمىز بار ئىدى، مەلۇم ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى رەنجىشىپ قېلىپ، «بىز ئارىلىشىپ ئۆتەلـمەيدىكەنمىز» دەپ ئىزدەشمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، شۇنداقلا «سالاملىشايلى» دېسەك، بىرەر يەردە ئۇچرىشىپمۇ قالـمىدۇق. بۇ خىل ئىزدەشمىگەنلىكىمىز ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ خىل ئىزدەشمەسلىك ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، مىجەزى ۋە ئېقى كېلىشمەيدىغانلار بىلەن چوقۇم ئارىلىشىپ ئۆتۈش كېرەك ئەمەس. لېكىن، ئۇچرىسا سالام قىلىش ۋە سالىمىنى ئىلىك ئېلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، ئاندىن ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.
221 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن نىكاھىدا ئېرىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئالماسلىقىنى شەرت قىلىپ توي قىلغانىكەن، ئەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغانىكەن. ئەمما، كېيىن بۇ ئايال تۇغماس چىقىپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئېلىشىنى يەنىلا خاھلىمايدىكەن.
1) ناۋادا يولدىشى پەرزەنت سەۋەبىدىن ئىككىنچى ئايال ئېلىپ قالسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ؟
2) ناۋادا يولدىشى شۇنداق قىلىپ قالسا، بۇ ئايالنىڭ تالىقىنى سورىشى يوللۇق ھېسابلىنامدۇ؟
3) ئاياللارنىڭ توي قىلىشقا شۇنداق شەرت قويۇشى يەنى «ئىككىنچى ئايال ئالمايسىز، ئاندىن نىكاھقا قوشۇلىمەن» دەپ شەرت قويۇشى توغرىمۇ؟
4) نىكاھقا شەرت قويۇپ تويلىشىشتا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) شۇنداق. 2) ئايالنىڭ تالىقىنى سورىشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئايالنىڭ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولىدۇ ۋە خاھلىسا نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئېرىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئېلىشىغا رازى بولۇپ، شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 3) توغرا. 4) نىكاھ ئىشىنى شەرتلەر بىلەن مۇرەككەپلەشتۈرمەي، ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىش مۇناسىپ. چۈنكى كۆپ ئىشلار كېيىنچە مېھىر -مۇھەببەت بىلەن ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
222 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايرىم تۇرىدىغان بىر ئايال بىلەن ئايرىم تۇرىدىغان بىر ئەر توي قىلغان بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتتىن ئۆز ئالدىغا ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ئالىدىغان بولغاچقا، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆينى بىرلەشتۈرمەي، ھەپتە ئاخىرلىرى بىر – بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ – كېلىپ ئۆتىدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ كىرىمى يوق. ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق پۇلىدا ياشايدىغانلار ئىككى ئادەم بىر ئۆيگە كىرسە، ئايرىم تۇرغان چاغدىكىدىن پۇلنى ئاز ئالىدۇ، ھەمدە بىرلا ھېسابقا پۇل بېرىدۇ، بەلكىم بۇنى ياقتۇرماي شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئايال ئۆزىنىڭ چىقىمىنى ئاساسەن ئۆزى قىلىدۇ، ئەر پەقەت «مېھمان»دەك بەزىدە كېلىپ سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بەزىدە ئانچە – مۇنچە پۇل بېرىپ ئايالىنىڭ «كۆڭلىنى ئېلىپ» ياشايدۇ. بەزىدە ئايال بېرىپ ھەپتىدە بىرەر نان پىشۇرۇپ تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ بېرىپ، يېنىپ كېلىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئەھۋالدىكى نىكاھ توغرا نىكاھمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ خىل ئەھۋالدىكى نىكاھ ئايال كىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرالغۇ، نەپىقە، نۆۋەت ۋە يېنىدا قونۇش قاتارلىق ھەق -ھوقۇقلىرىدىن تانازۇل قىلىپ (ۋاز كېچىپ)، ئەر بەزى چاغلاردا يوقلاپ تۇرسا رازى بولىدىغان بۇ نىكاھنىڭ ئادەتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى، گۇۋاھچىلار، مەھرى ھەققى قاتارلىق شەرتلىرى تولۇق بولۇپ، «ۋاقىتلىق» دەپ ئەسكەرتمەي، مەخپىي تۇتماي، ئېلان قىلىپ نىكاھ قىلسا بۇ توغرا نىكاھ بولىدۇ. كېيىنچە بۇ ئايال خاھلىسا، يۇقىرىقى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇنى كۆپلىگەن ئالىملار ۋە فىقھ ئاكادىمىيەلىرى «توغرا نىكاھ» دەپ قارايدۇ. بۇ بەزى شارائىت ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغان نىكاھ بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل نىكاھ بولمىسىمۇ جائىز ۋە يوقتىن ياخشى نىكاھتۇر.
223 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! بىر ئايال مەلۇم بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇردى، تۇرمۇش قۇرۇپ ئون – ئون بەش كۈن ئىچىدە ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئايالنىڭ نىكاھتا ئېلىپ بېرىلگەن تويلۇق – ئالتۇنلىرى قايتۇرۇلۇپ بېرىلەمدۇ؟ مەھرى ھەققى بەرمىگەن بولسا، بۇنىڭ گۇناھى ئەرگە بولامدۇ؟ ئايرىلىپ كەتكەندە بېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. نىكاھتا ئېلىپ بېرىلگەن ئالتۇن ھەدىيە ياكى مەھرى تويلۇق ھېسابلانغان ياكى ھېسابلانمىغان بولسا، بەرىبىر قايتۇرۇلمايدۇ. مەھرى تويلۇق بېكىتمىگەن ياكى تېخى بەرمىگەن بولسا، گۇناھ بولمايدۇ. گەدىنىدە قەرز بولىدۇ. ئايرىلىپ كەتكەندە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.
224 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم تىنچلىقمۇ؟
1) بىر ئەرنىڭ ئىككى ئايالى بولسا، ئىككى ئايال ئارىلىشىپ ئۆتۈشى شەرتمۇ؟
2) ئارىلىشىپ ئۆتسە، بىر – بىرىگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولسا، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) گاھىدا كۈندەشلىكى تۇتۇپ كېتىشى تەبىئىي بولسىمۇ، ئايال كىشى كۈندىشى بىلەن ئىسلامىيەتتىكى بىر ھەمشىرىسى ۋە ئوتتۇرىدا ئورتاق مەنپەئەتلەر بار بولغان بىر شېرىكى سۈپىتىدە چىرايلىق ئۆتۈشى كېرەك. 2) ئەقەللىي ئىنسانچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىپ چىداش ۋە سەۋر قىلىشى كېرەك.
225 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى «تەپسىر دۇردانىلىرى» دېگەن بىر كىتابنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولۇپ مۇقاۋىسىنى شۇنداق ئاچسام، بىرىنچى بېتىدىن تارتىپ ئىملا خاتالىقلىرى ۋە بەزى مەزمۇن سەھۋەنلىكلىرى تۇرىدۇ، لەسسىدە بولۇپ قالدىم. سوئالىم: بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغانلار، نەشر قىلغانلار نېمىشقا سۈپەت قوغلاشماي، سان قوغلىشىدۇ؟ شەرىئەتتە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ كىتابنىمۇ سىلەرنىڭ كىتابلاردەك سۈپەتلىك چىقىرىشقا ياردەملىشىش ئىمكانىيىتىڭلار يوقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەممىمىز ئەستايىدىل بولۇپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
226 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلار مەدرەسەدىن كېلىپ: «ئۇستازىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاكام دەيدۇ، يەنى ‹مۇھەممەد ئاكام ئەلەيھىسسالام› دەيدىكەن، بۇنداق دېسە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنداق دېيىلمەيدۇ. سەلەفلىرىمىزمۇ دېمىگەن.
227 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئايال كىشى ئاغرىپ قالسا، ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادى يوق ئەھۋال ئاستىدا شەرىئەتتە ئەر كىشىنىڭ داۋالىتىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ كېسەللەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىرى بولىدىكەن، ئەگەر مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالسا، دائىرىسى قانچىلىك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەر كىشىنىڭ كېسەل ئايالىنى ئاغرىق – سىلاقنىڭ چوڭ – كىچىكلىرىدىن داۋالىتىش، دورا، دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئۈچۈن كەتكەن چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
228 – سوئال: سۈرە نىسانىڭ 148 – ئايىتىدە «نامايىش قىلىش، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە خىتتاينىڭ قىلغانلىرىنى بىلدۈرۈپ ياردەم سوراش قاتارلىقلار باتىل ھۆكۈمدارلارغا دەرد ئېيتىپ شىكايەت قىلغانلىق» دەپ قارايدىغانلارغا قارشى دەلىل باردەك چۈشىنىپ قالدىم، بۇنداق ئويلىغىنىم توغرىمۇ؟
جاۋاب: نامايىش قىلىش يامان سۆز قىلىش ئەمەس.
229 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! رامازانلىق زاكاتنى ھەج قىلماقچى بولغان تۇل ئايالغا بەرسەك دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەجگە بېرىشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلەرگە ھەج پەرز بولمايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئايالنىڭ ھەجگە بېرىشى ئۈچۈن زاكات بېرىلمەيدۇ. ئەمما، ئۇ ئايال پېقىر بولسا، ئۇنىڭغا پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن زاكات بەرسە بولىدۇ. ئۇ ئايال زاكاتنى ئالغىنىدا، ئۇنى ھەجگە ۋە ياكى باشقا ئىشقا سەرپ قىلسا ئىختىيارى.
230 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر قولىمىزدا دوللار، ياۋرو ۋە لىرا دېگەندەك ئىككى – ئۈچ خىل پۇل بار بولسا، زاكات ھېسابلىغاندا ھەربىر پۇل تۈرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم زاكات ھېسابلامدۇق ياكى ھەممىسىنى لىراغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ ھېسابلىساقمۇ بولامدۇ؟ ئەگەر لىراغا ئايلاندۇرۇۋالغان تەقدىردە پۇلنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاپ، ئېھتىياجلىق يەرلەرنى تېپىپ تارقىتىش جەريانىدا، بەش – ئون كۈن ئۆتسە، بۇ ئارىلىقتىكى پۇلنىڭ ئايلىنىش قىممىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ مەسىلەن، بىز زاكات ھېسابلىغاندا، بىر دوللار 14.5 لىرا، تارقىتىدىغان چاغدا 15 لىرا دېگەندەك.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولىمىزدا دوللار، ياۋرو ۋە لىرا دېگەندەك ئىككى – ئۈچ خىل پۇل بار بولسا، زاكات ھېسابلىغاندا ھەربىر پۇل تۈرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم زاكات ھېسابلساقمۇ ياكى ھەممىسىنى بىر تۈرگە ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىساقمۇ بولىدۇ. زاكاتنى ھېسابلاپ ئايرىغاندىن كېيىن، تارقىتىش جەريانىدا لىرا قىممىتىدە سەل ئۆزگىرىش بولسا ھېچگەپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئايرىغاندا توغرا قىممەتتە ئايرىغان.
231 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سوئالىم: ئايال كىشىنىڭ يولدىشىدىن سورىماي چېچىنى كەستۈرۈشى ياكى بويىشى ۋە بەدەنگە لوڭقا قويغۇزۇشى گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. ئايال كىشىنىڭ يولدىشىدىن سورىماي چېچىنى كەستۈرۈشى ياكى بويىشى ۋە بەدەنگە لوڭقا قويغۇزۇشى گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئېرىدىن ئىجازەت سورىشى كېرەك ئەمەس. لېكىن، ئەر ئايالىنى بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن توسقان بولسا، ئايال ئۇنداق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايال ئېرىگە گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىغانلا بولسا، ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. يەنە ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ياسىنىشىدا مەلۇم ھەققى بار.
232 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىگە ئىككىلا دۇنيادا رەھمەت ئاتا قىلسۇن! ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا بىر سوئال پەيدا بولۇپ قالغانىدى: ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا رەسىمگە تارتقىلى بولىدىغان تېلېفون بار، شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇ تېلېفون بىلەن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ ساقلىشىدۇ ياكى ئاتا – ئانىلىرىنى كېيىنكى كۈنلەردە ئەسلەش مەقسىتىدە ساقلىشىدۇ ۋەياكى بالىلىرىنىڭ ئوماق ھالەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويۇشقا ئادەت بولۇپ كەتتى. يەنە بەزى كىشىلەر تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى چىقارغان ئاساستا ۋىدىئو تارتىپ تور بازارلىرىغا قويىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟ چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ ئىككىلا دۇنيادا رەھمەت ئاتا قىلسۇن! بۇ ئىشلارنىڭ ئسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى جائىز. ئەلبەتتە، ئاياللار نامەھرەملەرگە سۈرىتىنى كۆرسەتسە بولمايدۇ.
233 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆيدە توردىن ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئۆيدە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى قىلىۋالىدىكەن. مەسىلەن، بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىش، بىرەر كۆرۈشمىلىرىگە بېرىش، چۈشلۈك دەم ئېلىشنى ئۇزۇن قىلىش… دېگەندەك. ئۆيدە ئىشلىسە، كۈندىلىك ئىشلەش ۋاقتى شىركەتتە ئولتۇرۇپ ئىشلىگەندەك تولۇق سەككىز سائەت چىقمايدۇ. بەلكىم تۆت سائەت ياكى بەش سائەت خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، شىركەت خىزمەتچىلىرىگە قارىتا: «ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن چۈشتىن كېيىن بەشكىچە ئىشلەيدۇ» دەپ ئىش توختامىدا يېزىلغان. ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا يەنى شىركەت تەلەپ قىلغان ھەپتىلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، خىزمەت ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش ياللىغۇچىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىققا كىرىپ قالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شەرتكە رىئايە قىلمىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىشىغا سەرپ قىلغان سائەتنى ئىشلەپ تولدۇرۇۋەتسە، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا يەنى شىركەت تەلەپ قىلغان ھەپتىلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلسا، ياللىغۇچىنىڭ ھەققىنى يېمىگەن بولىدۇ.
234 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىمغا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقلىرىغا ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن، ئىلىملىرىنى تېخىمۇ مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن…
1) ۋىتر نامىزىدا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن ئۇزۇن دۇئالارنى قىلىش پەقەت رامازاندىلا بولامدۇ؟ يەنى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن دۇئادا بولامدۇق ياكى رامازاندىن باشقا ۋاقىتتىمۇ ۋىتر نامىزى ئوقۇغاندا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن شۇنداق ئۇزۇن دۇئالارنى قىلساق بولامدۇ؟
2) ۋىتر نامىزىدا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساقمۇ بولامدۇ؟ ۋىتر نامىزىدا سەجدە قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساق بولامدۇ؟
3) بۇ توپتا رامازاندىن كېيىنمۇ سوئال سورىساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ھەممە ئايلاردا ئوخشاش. ئۇزۇن قىلىش شەرت ئەمەس. 2) بۇنىڭغا 7 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن. 3) رامازاندىن كېيىن توپلار تاقىلىدۇ. لېكىن، ئىلخەت ئىشلەيدۇ.
235 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاتنىڭ گۆشىنى بەزەنلەر مەكروھ تەنزىھى يەنى ھارامغا يېقىن مەكروھ دەيدىكەن. بۇ گەپنىڭ ئورنى بارمۇ؟ بۇرۇنقى ئالىملىرىمىز بۇ توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. دەلىل جەھەتتىن ئات گۆشى ھالال دېگەن قاراش كۈچلۈك. مۇنۇ پەتۋادا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان: https://sajiya.biz/?p=3097
236 – سوئال: مەن مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتىمەن، يېشىم 55 ياش. يىللاردىن بېرى ئۆي ئېلىش مەقسىتىدە پۇل توپلىغان ئىدىم. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ مەن يېقىندا «زاكات كەلمەيدىكەن» دەپ ئاڭلىغان. مېنىڭ قايتا ئىزدەنمەسلىكىم ئۈچۈن پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇشى كېرەك . ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئەنۋەر ھەسەن، ئستانبۇل. پۇلنىڭ مىقدارى 16400 دوللار)
جاۋاب: ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي مۈلكى بولمىسىمۇ، ئۆي ئېلىش مەقسىتىدە توپلىغان پۇلغا تېخى ئۆي ئالمىغاندىن كېيىن زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:
https://sajiya.biz/?p=2807 پەتۋا بەرگۈچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.
237 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەلۇم بىۋاسىتە سېتىش شىركىتىنىڭ سودىسىنى قىلىش ھەققىدىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ، بەزى خېرىدارلار بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلىكى ۋە يەنە ئىشلەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ، ئۆزىمىزمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىشلەتكەن مەھسۇلات ئىدى. شۇڭا، سىلىدىن سورىماقچى بولغىنىم: بۇ مەھسۇلاتنى ئۆزىمىز ئىشلىتىش ۋە يېقىنلىرىمىزغا ئەكەلدۈرۈپ بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىشىمىزنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن قانداق قىلسام بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەزا بولماي سېتىۋېلىپ (ئەگەر ئۇلار شۇنداق سېتىپ بەرسە) ئىشلەتسىڭىز ۋە ئەزا قىلماي باشقىلارغا ئەكەلدۈرۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەزالىقسىز سېتىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا ئەزا بولغانلار مەھسۇلات سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ئەزالىق شەرت قىلماي سېتىشى مۇمكىن. مەھسۇلات باھاسىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىدىن يۇقىرى بولۇشى ھەققىدە سېتىۋالغۇچىنىڭ كاللىسىدا مەسىلە ئېنىق بولسا مەيلى. يەنى قىممەت بولسىمۇ مەيلى سېتىۋالاي دېسە، ئىختىيارى بولۇشى كېرەك. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا شۇ ناتوغرا مۇئامىلىنىڭ راۋاج تېپىشىغا ئىختىيارسىز ھەسسە قېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقتە 72 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىۋەتكەيسىز.
238 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى: كەسپىم بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىزنى مەكتەپتىن پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، سىنىپتا بالىلارغا بىرنەرسە ئۆگەتكەن ۋاقتىمىزدا، بالىلار ئويۇن ئارقىلىق ياكى تۇتۇپ ھېس قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بەزى ھەيكەلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ياساپ سالىمىز. يەنى ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بەزىدە ئويۇن خېمىرىدىن، بەزىدە كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ياساپ ئۆگىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يەنى جانلىققا مۇناسىۋەتلىك رەسىم، ھەيكەل، شەكىل ۋە باشقا ئىشقىلىپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەر… بالىلار ئۆزى ياسىسىغۇ كىچىك بولغاندىكىن گۇناھ بولماس، لېكىن بىز ئۇلارغا «تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرىمىز» دەپ ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولىمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ھەرقېتىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بولغاندا، «گۇناھ بولغانمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى، جانلىقلارنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك قونچاقلىرى بولسىمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ياساش، سېتىش ۋە بالىلارغا ئېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. ئۆگىتىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ جائىز. جائىز بولغانىكەن، گۇناھ بولمايدۇ.
239 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ خىزمەتلىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ئەزىم بەرگەي ۋە ساۋابىنى مەرھۇم ئاتا – ئانىلىرىنىڭ مىزانىدا قىلغاي. سوئالىم: ئىككى ئاغىنە – بۇرادەر كىشى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى خاپا بولۇشۇپ ئالتە ئايدەك ئالاقىلاشماپتۇ، كېيىن بىرىنچىسى ئىككىنچىسىگە ئالاھىدە ھەدىيە ئەۋەتىپتۇ. ئىككىنچىسى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بىرىنچىسىنىڭ ئايالىغا تېلېفون ئېلىپ، ئەۋەتكەن ھەدىيەگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىرىنچى كىشى ناھايىتى خاپا بولۇپ ئىچى پۇشۇپ: «نېمە ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلماي، ئايالىمغا تېلېفون قىلىدۇ؟ بۇ قانداق گەپ؟ شەرىئەتتە مەن گۇناھكار بولامدىمەن؟ ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەن نېمە دەيمەن؟» دەپ سورايدۇ. دېيىلگەندەك، بۇ بىرىنچى كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟ كۆڭلى راھەتلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ جاۋابلىرىنى كۈتىمەن، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلغاي.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي! ئامىن! چۈشىنىشىمچە، بۇلار يارىشىشنى خاھلايدۇ. لېكىن بىرى – بىرىگە سالام قىلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ گەپ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەر ئىككىسى گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن، ئۇچرىشىپ قالسا سالام قىلمىسا ياكى سالىمىنى ئىلىك ئالمىسا گۇناھكار بولىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ»(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6064؛ «مۇسلىم»، 2563). ئىمام نەۋەۋىينىڭ بايان قىلىشىچە: «ئۇنىڭغا خەت يازسا ياكى ھەدىيە ئەۋەتسە تاشلىۋەتمىگەن بولامدۇ؟ توغرىراق قاراشتا ئوتتۇرىدىكى يىرىكلىك يوقايدىغان بولغاچقا، تاشلىۋېتىش يوقايدۇ»(«شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»). بۇ بىرىنچى كىشى كۆڭلى راھەتلىنىش ئۈچۈن ئۇچرىشىپ قالسا سالام قىلىشى ياكى قارشى تەرەپنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچى كىشى بىرىنچى كىشىنىڭ ئايالىغا تېلېفون قىلىشى سەۋەبلىكمۇ بىرىنچى كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تېلېفوندا چوقۇم بىنورمال گەپ – سۆز بولغان دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى كىشى ئۆزى تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلدۇرمىغان.
240 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇشۇ رامازاننىڭ تۇنجى كۈنى بوۋىقىم بىلەن بىرگە ئۇخلاپ قېلىپ، سەل تاڭ يورۇپ قالغاندا سوھۇرلۇق يەپ سالغاندەك قىلىمەن، ئەمما ئۇ كۈن تولۇق روزا تۇتتۇم، بىراق كۆڭلۈمگە تاڭ يورۇغاندا يېگەندەك شەك چۈشۈپ قالدى. شۇڭا، بۇ كۈننى بىر كۈن تۇتۇپ تولۇقلىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تاڭ ئېتىپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولسا، بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش ۋاجىب. تاڭ ئاتقانلىقىدا شەك بولسا، قازاسىنى تۇتۇش ۋاجىب ئەمەس.
241 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق قىلساق، باشقا ئايلاردىمۇ رامازاندىكىدەك تەقۋا بولالايمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزا تۇتۇش، تەھەججۇد ئوقۇش، سەدىقە – ئېھسان قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەر ئۈچۈن يىل بويى ئىشىك ئوچۇق. بۇنى ئۇنۇتماي، بۇرادەرلەرئارا ھەردائىم بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغاندا «رامازانچى مۇسۇلمان» بولۇپ قالماي، «رەببانىي بەندە» بولغىلى بولىدۇ.
242 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مېھرىبان ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، بەرىكەتلىك قىلسۇن ۋە مىللەت ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلسۇن، ئامىن.
1) ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدە بەزى كىشىلىرىمىز بار، ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن ۋە ئىھاھا، دىيانەت، قىزىل ئاي، ئۇنىڭدىن باشقا باشقا ھەر تۈرلۈك تۈرك دەرنەكلىرىدىن ياردەم ئالىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقى باردەك قىلىپ، بەزى تۈرك شەخسلەردىنمۇ ياردەم ئالىدۇ، ئالغۇدەكلا يەر بولسا قاچۇرمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇنداق قىلىپ پۇل يىغىپ قويمىسا بولمايدىكەن. بۇ توغرا بولامدۇ؟
2) يۇقىرىقىدەك يىغقان پۇل بىلەن ھەج ياكى ئۆمرە قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟
3) خىتتاي پاسپورتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىش سىياسىي جەھەتتىن ئەمىن ۋە خاتىرجەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى كىشىلەرگە ھازىرچە ئۆمرەگە بارماي، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى توي قىلالمىغان قىز – يىگىتلەرنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇھىم ئەمەل ئىكەنلىكى تەۋسىيە قىلىنسا «خۇدايىم ساقلايدۇ، نېمىنى تەقدىر قىلسا شۇ بولىدۇ» دەپ يەنىلا ھەجگە كەتسە، بۇ ھەج دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇ قىلغان جاھىللىقى ھەققە بويسۇنماسلىق بولامدۇ؟
4) بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۆمرە ياكى پەرز ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە بارغانلار ئېھرام باغلاپ تۇرۇپ، كەئبىنى ئايلىنىپ تۇرۇپ، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى تۇتۇپ تۇرۇپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ تۇرۇپ، ھەتتا ئەرەفاتتا دۇئا قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋىدىئوغا ياكى رەسىمگە چۈشۈپ تورلارغا چىقىرىپ تارقىتىدۇ، بۇ رىياغا كىرەمدۇ؟ ھەجنىڭ قوبۇل بولۇشىغا تەسىرى بولامدۇ؟ سىلىگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي. ئامىن! 1) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى قەبىيسە! تىلەش ئۈچ كىشىدىن باشقىسىغا ھالال بولمايدۇ: بىرىنچىسى، ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەپ قويماقچى بولغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تۆلەپ بولغۇچە تىلىسە بولىدۇ. تۆلىۋەتكەندىن كېيىن تىلىمەيدۇ. ئىككىنچىسى، چوڭ بىر بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن پۇل – مېلىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئۈچىنچىسى، نامراتلىشىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تونۇيدىغانلاردىن ئاقىل ئۈچ كىشى: ‹پالانى نامراتلىشىپ قالدى› دېسە، ئۇ كىشى ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئى قەبىيسە! بۇلاردىن باشقا ئەھۋاللاردا تىلەپ يېگەن نەرسىلەر ھارامدۇر. ئۇنى يېگەنلەر ھارام يېگەن بولىدۇ»(«مۇسلىم»، 1044). 2) ئۇنداق پۇل يىغىش ھارام بولىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ھارام پۇل بىلەن ھەج قىلسا، ھەج پەرزى ئادا بولىدۇ – يۇ، گۇناھكار بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي«ئەلمەجمۇﺋ»دا شۇنداق دېگەن. 3) ھەج دۇرۇس. لېكىن ئۆزىنى خەتەرگە دۇچار قىلغان بولىدۇ. 4) رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ.
243 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەيزدار ۋاقىتتا قۇرئان تەكرارلاش ئۈچۈن قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ ھەيزدار ئانا بالىسىنىڭ تەراۋىھتىكى قىرائىتىنى قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ تىڭشىسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەيزدارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەش ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش جەھەتتىن جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ قۇرئاننى پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسە بىلەن تۇتۇشى ئەۋزەل. ھەيزدار ئانا بالىسىنىڭ تەراۋىھتىكى قىرائىتىنى ناماز سىرتىدا قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ تىڭشىسا بولىدۇ.
244 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالمايمەن، شۇڭا تېلېفوندا قارىيلارنىڭ ئوقۇشىنى تىڭشايمەن. ئوقۇلغان ھەرپلەرگە بىرمۇبىر قارايمەن، بەزىدە ئوقۇيالىغىنىمچە ئوقۇيمەن. مۇشۇنداق ئوقۇغانغا قاراپ قۇرئاننى تۈگەتسەم قۇرئاننى تاماملىغان ھېسابلىنامدىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئاننى ئوقۇشمۇ، تىڭشاشمۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئاڭلاپ تاماملىسىڭىزمۇ قۇرئان ئۆگىنىپ ۋە تەپەككۇر قىلىپ تاماملىغان ساۋابقا ئېرىشىسىز.
245 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدا تۆت ياشتىن كىچىك بالىسى بار ئانىلارغا ئاممىۋى قاتناش ھەقسىز، سوئالىم: ئايال كىشىنىڭ شۇ كارتىسىنى ئېرى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ بۇ كارتا ۋەتەنداشلارغىلا بېرىلىدىكەن، ۋەتەنداش بولمىغان بوۋاق بالىسى بار ئۇيغۇر ئانىلار ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەر ئىككى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.
246 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ئۇستاز! زىنا – پاھىشەنى، ئۆسۈم، ھاراق – تاماكا… قاتارلىقلارنى قانۇنلۇق دەيدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا بويسۇنۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تاپقان پۇلىنىڭ زاكىتىنى ۋاقتىدا بېرىپ، بىر ئامال قىلىپ باج تاپشۇرماي ياشىسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بويسۇنمىسا جازاغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا، بويسۇنۇش جائىز. مۇنكەراتقا كۆڭلىدە رازى بولمىسا بولىدۇ. زاكات باجنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. باجنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك.
247 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! ھېيتتا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش ساخاۋەتكە كىرەمدۇ؟ مەيلى تۇرمۇشى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش ساخاۋەتمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ھېيتتا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل ئادەت قاتارىدىن بولۇپ، بۇ ھەدىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ بالىلىرىغا خەير – ئېھسان نىيىتىدە بەرسە سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر.
248 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
1) يېقىن دوستىغا، يېقىن كىشىلىرىگە «كۆڭلۈم ئاغرىدى» دەپلا باشقىلار ھەققىدە گەپ قىلىپ ئىچىنى بوشىتىش دۇرۇسمۇ؟
2) بىرىگە تۇرمۇشى ھەققىدە گەپ قىلمىسىمۇ، ئۆزىچىلا «ياخشى ئۆتۈۋاتامسىلەر؟» دەپ گەپ قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش، يەنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشش توغرىمۇ؟
3) كۈندىشى ئازار بېرىۋەرسىمۇ، كۈندەشلىكىنى قوزغايدىغان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بىئارام قىلىۋەرسىمۇ، يولدىشىنىڭ «سەن ئارىلىشىپ ئۆتىسەن» دەپ مەجبۇرلىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۇلۇمغا ياكى ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بولسا جائىز. 2) ئەھۋال سوراش ۋە نەسىھەت قىلىش ياخشى ئىش. ئارتۇقچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ. 3) ئەرنىڭ ئايالىنى كۈندىشى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرلاش ھەققى يوق. ئايال بۇنى رەت قىلسا گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى كۈندىشى ئۇ ئايالنىڭ تۇغقىنى ئەمەس.
249 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئوقۇش مۇھىممۇ ياكى پۇل تېپىشمۇ؟ مىسىردىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەلگەندىن كېيىن كىتابنى قولغا ئالغۇدەك ۋاقىتمۇ يوق ئىشلەپ كېتىۋاتىمىز، ئوقۇغانلىرىمىزنى ئۇنتۇپمۇ بولدۇق… ئوقۇيلى دېسەك، ئائىلىمىزنى باقالمايدىكەنمىز، ئىشلىسەك يىللاردىن بېرى ئۆگەنگەنلىرىمىزنى يەپ كېتىدىكەنمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مېنىڭچە ياشلار ئۈچۈن مەلۇم بىر سەۋىيەگە قەدەر ئوقۇشى مۇھىم. ئۇندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش ھەر ياشنىڭ ئىستېداتىغا قاراپ بولىدۇ. ئوقۇشنى ئايىغىغا چىقىرىشى مۇناسىپ كېلىدىغانلار چوقۇم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇلارنى ھەممە ئەل جامائەت قوللىشى كېرەك. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇناسىپ كەلمەيدىغانلار تىجارەت ۋە ھۈنەر – كەسىپ قىلىشى لازىم.
250 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەدە ئۆي ئىجارە ئالماقچى بولساق، ئوتتۇرىدىكى ۋاكالەتچىلەردىن ئالىدىكەنمىز. ئۇلار بىزنى ئۆي ئىگىسىگە ئۇچراشتۇرۇپ قويغانلىقى ياكى قولىدا ئىجارە بېرىدىغان ئۆي بولغانلىقى ئۈچۈن، «ۋاسىتىچىلىق ھەققى» دەپ مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدىكەنمىز. سورىماقچى بولغىنىم: مەن بىر ئۆينى دېيىشىپ بىر ئايلىق ئىجارە، ئېملاكچىلىك (بېدىكچىلىك) ھەققى، دىپوزوت (گۆرۈ پۇل) قاتارلىق پۇلنى بېرىپ كىرىپ، 15 – 20 كۈن ئولتۇرۇپلا ئۆينى بىكارلاپ بەرگەن بولسام، شەرىئەتتە مېنىڭ ئۇ كىشىدىن ئېملاك ھەققى پۇلىنى ۋە بىر ئاي توشماي قېلىپ قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى سوراش ھەققىم بارمۇ؟ ئېملاكچىنىڭ مەن تەلەپ قىلغان پۇلنى بەرمەيمەن دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ ( ئەگەر ئېملاكچى ئەمەس باشقا بىر كىشى مۇشۇنداق ئۆينى بەرگەن بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ؟)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بېدىكچىلىك ھالالدۇر. چۈنكى، ئۇ ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىشتۇر. بىر كىشى بىر ئۆينى ئېملاكچى ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، توختاملاشقان مۇددەت توشماستىن ئۆيدىن قوپۇپ كەتكەن تەقدىردە، ئېملاكچىغا بەرگەن تاپان (ئېملاكچىلىك) ھەققىنى ۋە بىر ئاي توشماي قېلىپ قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، ئېملاكچى شۇ ئۆينى تېپىپ بەرگەنگە ھەققىنى ئالغان بولدى. سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. باشقا بىر كىشى ئۆينى ۋاسىتىچىلىك قىلىپ بەرگەن بولسا ئوخشاش. ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بەرگەن بولسا تاپان ھەققى ئالمايدۇ. لېكىن، دىپوزوت ۋە قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش ھەققى بولىدۇ. ئەگەر توختامدا «پۈتۈشكەن مۇددەت توشماستا قوپۇپ كەتكەن تەقدىردە، دىپوزوت تۇتۇپ قېلىنىدۇ» دېيىلگەن بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققىڭىز بولمايدۇ.
251 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىر شەھەردە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلىك ئايالغا مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىپ، شۇ يەرنىڭ توي خېتىنى ئېلىپ ئىقامەت بېجىرىپ بولۇپ، توي خېتىنى بىكار قىلىمىز دېيىشىپ، ئۇ خەتنى بىكار قىلماي تۇرۇپلا ئەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا نىكاھ چىگىلەمدۇ؟ ئۇ ئايالنىڭ مىراس دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇ يەرنىڭ توي خېتىنى ئالغان بولسا، ئۇ نىكاھلىق ئايالى بولىدۇ. ئايالىنى تالاق قىلماي ياكى توي خېتىنى ئايرىماي تۇرۇپ بىرى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئەر – ئاياللىق جەھەتتىن بىرى بىرىدىن مىراس ئالالايدۇ.
252 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېنىمدا دادىسى ۋەتەندە قالغان قىزىم بار. مېنىڭ ھازىر بۇ قىزغا ئۆگەي يولدىشىم بار، شۇڭا يېتىملارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى بىز ئۆيگە ئىشلەتسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر ئۆگەي دادىسىنىڭ ياكى سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىز بولسا، ئۇ قىزغا ياردەم ئالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنى سىز بېقىشىڭىز كېرەك. ئۆگەي دادىسىنىڭ ياكى سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىز بولمىسا، ئۇ قىزغا ياردەم ئالسىڭىز بولىدۇ. قىزغا بېرىلگەن ياردەملەر پۇل بولسا، بۇنى قىزغا خەجلەپ، ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا ساقلاپ بېرىش لازىم. يېمەك – ئىچمەك بولسا، ئۆيدە سىز ۋە ئېرىڭىز قىزىڭىز بىلەن بىللە يەپ – ئىچسىڭىز بولىدۇ.
253 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىن چەتئەلگە «ھىجرەت» نامى بىلەن چىقىپ، ئەمما ئۆزىنىڭ ناماز، روزا، ھەج ۋە زاكات قاتارلىق ئىبادەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىسا ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنى قوللىمىسا، ئۇ كىشى «مۇھاجىر» دېگەن سۈپەتكە لايىق بولالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەيلى مۇھاجىر، مەيلى باشقا مەقسەتتە چەتكە چىقىپ قالغانلار بولسۇن، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارمىسا گۇناھكار بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە كۈچ چىقىرىشنى ھەربىر كىشى مەلۇم بىر ئىشقىلا ياكى مەلۇم بىر تەشكىلاتقىلا قارىتىپ تارايتىۋالماسلىقى كېرەك.
254 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆي ھايۋانلىرىدىن مۈشۈككە ئوخشاش ھايۋانلار بىلەن خۇشى بولماسلىق، ئۆچ كۆرۈش گۇناھ قاتارىغا كىرەمدۇ؟ بەزىلەر: «پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەن ھايۋان، شۇڭا بىزمۇ چوقۇم ياخشى كۆرىشىمىز كېرەك» دەيدىكەن. پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بىزمۇ چوقۇم ياخشى كۆرىشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئۆچ كۆرۈش تەبىئىتىمىزدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۆرمىسەكمۇ گۇناھ بولمامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «پەيغەمبەرلەر ياخشى كۆرگەن ھايۋان» دەپ ياخشى كۆرۈش ياخشى ئىش. لېكىن، ياخشى كۆرمىسە، گۇناھ بولمايدۇ.
255 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! 1) بىر ئادەم 500 كىلومېتىرلىق (بېرىپ كېلىشنى قوشقاندا) سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، پەرز روزىنى تۇتمىسا توغرا بولىۋېرەمدۇ؟ 2) سەپەردە مۇشەققەتنىڭ بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا قاراپ ھۆكۈم ئۆزگىرەمدۇ؟ ياكى قانداقلا سەپەر بولسا، تۇتماسلىققا رۇخسەت بارمۇ؟ 3) بىر ئادەم ئەتە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ياكى ئىفتارغا ئۈچ سائەت قالغاندا ئۇزۇن سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، شۇ كۈنى روزا تۇتمىسا (يەنى سەپەرگە چىقىدىغان كۈنى) توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. 1) رۇخسەت بار، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ. 2) قانداقلا سەپەر بولسا، تۇتماسلىققا رۇخسەت بار. چۈنكى، جانابىي ئاللاھ ئېغىز ئېچىشنى سەپەر قىلىشقا باغلاپ قويغان بولغاچقا، جاپا – مۇشەققەتلىك سەپەر بولسۇن ياكى جاپاسىز دەپ قارالغان سەپەر بولسۇن، روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى ھەرقانداق سەپەرگە چۈشىدۇ. ھەم سەپەر ئادەتتە مۇشەققەتتىن خالىي بولمايدۇ. 3) ئەتە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ياكى ئىفتارغا ئۈچ سائەت قالغاندا ئۇزۇن سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى روزىنى نىيەت قىلىشى كېرەك. روزا تۇتماسلىقنى نىيەت قىلسا بولمايدۇ. سەپەر ئەمەلدىن قالسا روزىسى ھېساب. سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن (يەنە بىر قاراشتا چىققاندا) ئېغىز ئاچسا بولىدۇ.
256 – سوئال: ئەزان ئاڭلانمايدىغان يەرلەردە ئەزان ئەپى ئىشلىتىپ ۋاقىتقا قارايدىغانلار ئەتىگىنى ئەزان چىقىپ بەش – ئون مىنۇتقىچە كېچىكىپ ئېغىزىنى ئەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟ ئادەتتە بۇ خىل ئەپلەر يېقىن شەھەردىكى مەسجىدلەردىن خېلى بۇرۇن ئەزان چىقىرىدۇ.
جاۋاب: بۇ ئاشۇ ئەپلەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ۋە ۋاقىتنى توغرا بېكىتىشىگە باغلىق.
257 – سوئال: پەرز نامازدا «فاتىھە»دىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئويلاشمايلا رۇكۇغا چۈشكەن ئادەم قانداق قىلىشى كېرەك؟ سۈننەت ناماز بولسىچۇ؟
جاۋاب: ھەنەفىي مەزھەبتە پەرز نامازلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئەتىدە ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ھەممە رەكئەتىدە «فاتىھە» بىلەن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت ئوقۇش ۋاجىپتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرك ئەتمەستىن ئىزچىل مۇشۇنداق ئوقۇغان. شۇڭا، ئۇنتۇپ قېلىپ (يۇقىرىقى بويىچە) ئوقۇمىغان كىشىگە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. باشقا مەزھەبلەر «سۈرە قوشۇپ ئوقۇش سۈننەت» دەپ قارىغاچقا، تەرك قىلىنسا سەھۋەنلىك سەجدىسى كېرەك ئەمەس.
258 – سوئال: كىرىمى ھارام ئائىلىدىن بىلىپ تۇرۇپ تاماق يېيىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: جىمى كىرىمى ھارامدىن بولغان ئۆيدىن تاماق يېگىلى بولمايدۇ. بىرقىسمى ھارامدىن بولسا يېگىلى بولىدۇ.
259 – سوئال: كۈن چىقىش نامىزىنى كۈن چىقىپ 10 – 20 مىنۇت ئارىلىقىدا ئوقۇيمىز، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ چاشگاھ نامىزىنى كۈن چىقىش نامىزىدىن كېيىنلا ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ كۈن چىقىشنى ئېنىق كۆرۈش پۇرسىتى بولماي ئەپكە تايىنىدىغانلار ئۈچۈن كۈننىڭ ئورنىنى كۆرۈش ياكى پەرق ئېتىش دائىم قولاي بولمايدىكەن.
جاۋاب: كۈن چىقىش نامىزى، چاشگاھ نامىزى ھەممىسى بىر گەپ. ئۇنى كۈن چىقىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن يەنى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئوقۇيمىز.
260 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ماشىنىلىق سەپەردە، ئاھالىسى مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەردە، يولدا ماشىنىنى توختىتىپ ناماز ئوقۇماي، ماشىنىدا ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسا توغرىمۇ؟ 2) سەپەردە نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟ بولسا قانچىلىك سەپەرگە توغرا بولىدۇ؟ قانداق جۈپلەپ ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) پەرز نامازنى ماشىنىدا ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ. 2) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى»(«بۇخارى»، 1107؛ «مۇسلىم»، 704). كۆپچىلىك ئالىملار 85 كىلومېتىر ئارىلىقنى سەپەر ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم.
261 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ توي – تۆكۈنلەردىلا سېلىپ، بولمىسا سالماي قويۇپ قويىدىغان ۋە ئۇ ئالتۇنلار ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ساقلاپ تۇرۇلىدىغان، زاكات مىقدارىدىن ئاشقان ئالتۇنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ بەزىلەر «جىم تۇرغان ئالتۇنغا كەلمەيدۇ» دەيدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۈچلۈك قاراشتا ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن 85 گىرامدىن ئاشقان زىبۇزىننەت ئالتۇننىڭ ھەممىگە ھەر يىلى 2.5% زاكات كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي پەتىۋا يېزىلغان.
262 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن دائىم يولدىشىمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيتتىم، ئېرىم نامازدا تولا لىڭشىپ جىم تۇرمىغاندىن كېيىن، مەن ئايرىم ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ ياكى ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋېرىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگىشىپ ئوقۇۋېرىشىڭىز كېرەك.
263 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ئاللاھىم قوبۇل قىلسۇن! ئامىن. ئۇستاز! مۇشۇ ئىش تېپىش قىيىن بولۇش، ئىش تاپسىمۇ كېرەكلىك رەسمىيەتلەر تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىشتىن چىقىرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بەزى قېرىنداشلار ئۆي ئىجارىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنىڭ تەس بولۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتايلار ئاچقان فابرىكىلاردا تەرجىمانلىق قىلىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ قالدى. خىتتايلارنىڭ فابرىكىلىرىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش توغرىمۇ؟ ياكى ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىسە بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرسىلە بوپتىكەن، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! خىتتايلارنىڭ فابرىكىلىرىدا ياكى شىركەتلىرىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش توغرا ئەمەس.
264 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، رىزقلىرىنى بەرىكەتلىك، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن! مەقسەت: مېنىڭ ئايالىم نورمال ۋاقىتلاردا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇپ ئادەتلەنگەن، رامازاندا سوھۇرلۇق ئېتىش سەۋەبىدىن بۇ ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرالماي كۆڭلى بەكلا يېرىم. ئايال كىشىنىڭ رامازاندا سوھۇرلۇق ئېتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىغا قانداق ئەجىر بېرىلىدىغاندۇ؟ ياكى سوھۇرلۇق ئەتمەستىن تەھەججۇد ئوقۇشى ئەۋزەلمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۆزلىرىنىڭ رىزقلىرىنىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن! ئاياللارنىڭ ئۆيدىكى خىزمىتى ئۆيدە ئىللىقلىق، مېھىر ۋە ياخشى مۇھىت پەيدا قىلىدىغان كاتتا ئىشلاردىن بولۇپ، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە ۋە ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ئەرگە ياردەم قىلىش جەھەتتىن ئايال كىشى بۇنىڭدىن ئەجىر ئېلىشنى نىيەت قىلسا ساۋابلىق ئىشتۇر. شۇڭا، ئىككىسى تاقىشىپ قالغاندا ئۆي خىزمىتىنى ئالدىن ئورۇندا قويسا بولىدۇ. تاقاشتۇرماي، مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ ياخشى.
265 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سالامەت تۇرغانلا ئىنشائاللاھ! ئاللاھ ھەر دائىم سالامەت قىلسۇن! پەخىرلىك ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىزدىن رازى بولسۇن ۋە مۇبارەك تېنىنى ساغلام قىلسۇن! بىر سوئالىم بار ئىدى: سەئۇدىيغا بېرىپ – كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا شۇ دۆلەتكە بارار ۋاقتىدا كۈمۈش ياكى باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى كىيىمنىڭ ئارىسىغا ياكى ئېھراملىقىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ ئەكىرىدىغان ئىش بار ئىكەن. ئەگەر بۇ نەرسىلەرنى ئاشكارا شەكىلدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزسە، باج ئېلىنىدىغان بولغاچقا شۇنداق يوشۇرۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە شۇ مالنىڭ ئىگىسىدىن مەلۇم مىقداردا ئىش ھەققى ئالىدىكەن. يەنە ياۋروپا ياكى دۇبەيگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە تېلېفون ياكى كومپيۇتېر قاتارلىق نەرسىلەرنى باجدىن قاچۇرۇپ، چېگرادىن كىيىمنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ئەكىرىپ كەسپىي شەكىلدە پايدا ئېلىنىۋاتقان ئىشلار بار ئىكەن. بۇنداق شەكىلدىكى ئىشلار دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ ياكى چەكلىنەمدۇ؟ مۇشۇ سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! قاچاقچىلىق دىنىمىزدا توغرا ئەمەس.
266 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەندە 100 مىڭ دوللاردەك پۇل بار ئىدى، بۇنىڭ زاكىتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئايرىپ بولغان، ئازراق بىرقىسىمى قالغان، مۇشۇ پەيتتە بۇ پۇلنى بازاردا (كاپالى چارشىدا) ئوغرى ئالدى. ئەمدى ئايرىپ بولغان زاكىتىم قولۇمدا قالغان پۇلۇمغا كېلىدىغان زاكاتتىن ئارتۇق، ئوغرىلانغان پۇلنى قوشسام كەم. بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ئايرىش ۋاقتىدا قولىڭىزدا بار بولۇپ، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىغان بولسىڭىز، گەرچە ئوغرىلانغان ياكى زايە بولغان بولسىمۇ، كەم قالغان قىسمىنىمۇ ئايرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. يەنى زاكاتنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلى پۇلنى ئوغرى ئالغان بولسىمۇ ئايرىغان زاكاتنى بېرىش كېرەك.
267 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئايرىغان زاكات پۇلنى قىزىمنىڭ بالىلىرىغا بەرسەم بولامدۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ دادىسى، ئانىسى ياۋروپاغا كەتكەچكە بالىلارغا قارىيالمىدى. يەنە بىر قىزىمنىڭ ئىككى بالىسى بار، يولدىشىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى ئەمەس، ئىككى يىلدىن بېرى يەر ئاستى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇغۇش – تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بار تۇغقاندارچىلىق مەيلى دادا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئانا تەرەپتىن بولسۇن؛ مەيلى دادا، بوۋا… دېگەن تەرتىپ بويىچە ئۈستىگە ماڭىدىغان بولسۇن ياكى بالا، نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە… دېگەن تەرتىپ بويىچە تۆۋەنگە ماڭىدىغان بولسۇن، ھەرقاندىقىغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، دادا تۆۋەنگە ماڭغان تەرتىپتە بالىسىغا ياكى نەۋرىسىگە، ياكى ئەۋرىسىگە، ياكى چەۋرىسىگە… ۋە ياكى يۇقىرىغا ماڭغان تەرتىپتە دادىسىغا، بوۋىسىغا، بوۋىسىنىڭ دادىسىغا، بوۋىسىنىڭ بوۋىسىغا… بەرسە بولمايدۇ. يەنە ئايالىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن. شەرىئەتتە ئۆزى چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، زاكات پۇلنى قىزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا بەرسىڭىز بولمايدۇ.
268 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! مەن بىر تۇل ئايال، سوئالىم: ماڭا بۇرۇن ھەر رامازاندا ياردەم قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ رامازاندا قىيىنچىلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، قولىدا خېلى كۆپ زاكات كېلىدىغان پۇلى بار تۇرۇپ، ياردەم قىلماسلىقى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزگە ياردەم قىلمىغىنى بىلەن باشقىلارغا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
269 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇرئاندىكى «ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز؟ «تەۋبە قىلسۇن، قىلمىسۇن، چوقۇم مەغپىرەت قىلىدۇ» دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «شىركتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ قەرز، قىساس قاتارلىق ھەقلىرىدىن باشقا گۇناھلارنى تەۋبە قىلسا كەچۈرىدۇ. تەۋبە قىلمىسا، خاھلىسا كەچۈرىدۇ» دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
270 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زامان ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى «راستچىللار يالغانچى، قويمىچىلار ساخاۋەتچى… » دېيىلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتنى باتىلدىن قانداق ئايرىيمىز؟ كىمگە ئەگىشىمىز؟ ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەقىل ۋە بەسىرەت بىلەن ئايرىيمىز. توغرا يولدا دۇرۇسلۇق بىلەن ماڭغانلارغا ئەگەشسەك بولىدۇ.
271 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن!
1) كىيىمگە ئىنساننىڭ يېرىم بەدەن سۈرەت چۈشۈرۈلگەن، سۈرەتتە باشتىكى كۆز، قۇلاق، بۇرۇنلار بولغان ھالەتتىكى كىيىمدە ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟
2) ئەرلەرنىڭ بەزى كۆينەكلىرىنىڭ مەيدىسىدە ماركىسى چۈشۈرۈلگەن ھالەتتە بولۇپ قالىدىكەن. مەسىلەن: كىچىككىنە تىمساھ دېگەندەك. قارىسام بۇ تىمساھ پۈتۈن بولۇپ، كۆزىمۇ باردەك قىلىدۇ. لېكىن، چوڭلۇقى بەك كىچىك بولغاچ يىراقتىن كۆزگە بەك چېلىقىپ كەتمەيدىكەن. بۇنداق كۆينەكلەردە ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! سۈرەت چوڭ ۋە كۆزگە چېلىققۇدەك بولسا، ناماز مەكروھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. كۆزگە چېلىقمىغۇدەك بولسا مەيلى.
272 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نەچچە كۈندىن بېرى قۇددۇستا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا قانداق قارايلا؟ مەسجىدتە دۈشمەندىن قوغدىنىش ئۈچۈن قارشىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە، شەھىد بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئېنىق تاجاۋۇز ۋە مەسجىدلەرنىڭ ۋە نامازخانلارنىڭ ھەق – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق. مەسجىدتە ياكى سىرتتا دۈشمەندىن قوغدىنىش ئۈچۈن قارشىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە، ئەلبەتتە شەھىد بولىدۇ.
273 – سوئال: دوختۇرغا كۆرۈنۈش ياكى باشقا ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن، ياكى سەپەرگە ئاتلىنىش تۈپەيلىدىن ناماز يولدا بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، قايتىپ كەلگۈچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆيدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئەزانغا بەش – ئون مىنۇت بولسا، ئەزان چىقمىسىمۇ بالدۇرراق ئوقۇۋەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزان ناماز ۋاقتى كىرىپ 5 – 10 مىنۇتتىن كېيىن چىقىدىغان بولسا توغرا بولىدۇ. ئەمما، ۋاقتى كىرىشى بىلەن ئېيتىلىدىغان بولسا، ۋاقتى كىرمىگەن چاغدا ناماز ئوقۇغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
274 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەركىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ، قۇربىتى يېتىپ تۇرۇپ، ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىدا بېخىللىق قىلسا، ئايالغا زۇلۇم قىلغان ياكى خورلىغان بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق. زۇلۇم قىلغان ۋە ئايالنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال ئېرىنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىگە ۋە ئۆيگە خەجلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا ئالسا بولىدۇ. ياكى بۇنىڭغا رازى بولمىسا، تالىقىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
275 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) مېنىڭ يولدىشىمنىڭ تەجۋىدى بەك ياخشىمۇ ئەمەس ھەم ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادقا بىلمەيدۇ، شۇڭا نامازغا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ. ناۋادا ئۆيدە ناماز ئوقۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلىپ تۇرمىسام، ئۆزۈم نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇيالايمەن. ئىقتىداﺋ قىلىپ تۇرسام، نامازنى تېزلا ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلىپ ئوقۇغىنىم ياخشىمۇ ياكى ئايرىم ئوقۇغىنىم ياخشىمۇ؟
2) رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نەفلە روزىلارنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئايال بولۇپ، تېنى ئاجىز. روزا تۇتقان كۈنلىرى ھالسىزلىنىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالىدۇ. بەزىدە ئىفتارغىمۇ تاماقنى ئۆيىدىكىلەر ئېتىپ بېرىدۇ. يولدىشى بۇ ئايالغا «روزا تۇتسىڭىز، بىز تاماقتىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز» دەپ، روزا تۇتۇشىغا ئۇنىمايدۇ. ئەمما، بۇ ئايال نەفلە روزىنىڭ ساۋابىنى قولدىن بەرمەيمەن دەپ، يەنىلا يولدىشىغا «روزا تۇتىمەن، قوشۇلۇڭ» دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. سوئال: بۇ ئايالنىڭ نەفلە روزا تۇتقاندىكى ساۋابى يۇقىرى بولامدۇ ياكى تۇتماي تېتىك تۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىقتىداﺋ قىلىپ ئوقۇش ئايرىم ئوقۇغاندىن ياخشى. 2) تۇتماي تېتىك تۇرۇپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرى ھەم نەفلە روزىنى ئېرى رۇخسەت قىلمىسا تۇتسا گۇناھكار بولىدۇ. ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز نەفلە روزا تۇتسا، ئېرى ئېغىز ئاچقۇزۇۋەتسە بولىدۇ.
276 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
بىرىنچى سوئالىم: ئەگەر بىر كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ دىققىتىنى يىغالماي نەچچە رەكئەت ئوقۇغىنىدىن گۇمانلىنىپ قېلىپ ياكى نامازدا سەھۋەنلىك كۆرۈلۈپ نامازنى قايتا ئوقۇسا، يەنە ئوخشاش خاتالاشسا يەنە سەل ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، يەنە قايتا ئوقۇپ يەنە ئوخشاش ئەھۋال سادىر بولسا، يەنە قايتا ئۆزىنى سەل توختىتىۋېلىپ قايتا ئوقۇسا، ئوخشاش دىققىتىنى يىغالمىغان ئەھۋال بولسا، ئۇ كىشى نامازنى خۇشۇﺋ قىلماي ئوقۇغان بولۇپ گۇناھكار بولامدۇ؟
ئىككىنچى سوئالىم: ئەگەر بىركىشى نامازنى خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇغان بولسا، ناماز ئىچىدە كاللىسىغا بەزى خىياللار كېلىشكە باشلىغان چاغدا كاللىسىغا كەلگەن شۇ خىياللاردىن ئۇزاقلىشىشىقا تىرىشىپ داۋاملىق ناماز ئوقۇسا، نامازدا خۇشۇﺋ قىلالىغان بولامدۇ؟ ياكى نامازدا خۇشۇﺋ قىلىش ئىنسان كاللىسىغا ھېچبىر خىيال كەلمەي ئوقۇيالىغاندا، ئاندىن خۇشۇ قىلالىغان سانىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نامازنىڭ سىرتىدا تۈرلۈك ھاۋايى – ھەۋەس ۋە ۋەسۋەسەلەردىن قۇتۇلۇشقا، نامازغا تۇرغاندىمۇ خۇشۇﺋ بىلەن تۇرۇشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشسا گۇناھكار بولمايدۇ. ئىنسان كۆڭلىگە خىيال كېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشسا، خۇشۇﺋ بىلەن تۇرغان بولىدۇ.
277 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئېرى يوق بىر ئايال تونۇشى بىلەن ئېرىنىڭ كېچىدە ئايرىم پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، دەماللىققا كۈندەشلىكى تۇتۇپتۇ. ئەمما، پەردەئى شەرم يۈزىسىدىن چاندۇرماپتۇ، ئۆيىگە كېلىپ ئېرى بىلەن خاپىلىشىپ قاپتۇ. ئەمما، ئېرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن خاپىلىقى ئوڭشىلىپتۇ. ئەمما، ئەتىسى ئۇلارنىڭ خاپىلىشىپ قالغانلىقىنى ھېلىقى ئايال كوچىلاپ سوراپ بىلگەندىن كىيىن: «مەن ئەخلاقسىز ئايال بولمىسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىز بىلەن ئارىلىشىدىغان تونۇش تۇرۇپ مېنى ئېرىڭىزدىن كۈنلىدىڭىز، مەندىن يامان گۇمان قىلدىڭىز. ئېرىڭىزنى كەلتۈرۈش نىيىتىم بولسا، بۇرۇنلا ئىجىتمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاستىرتتىن ئالاقىلاشمامتىم» دەپ ئاھانەت ھېس قىلغانلىقىنى دەپ بەك خاپا بولۇپتۇ. 1) بۇ ئايالنىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك «يەنە بىر ئايالدا ھەققىم قالدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ شەرىپىمگە نالايىق يامان گۇماندا بولدى» دەپ يامانلىشى توغرىمۇ؟ (بۇ يەردە كۈندەشلىك قىلغان ئايالدىن كېچىدە ئېرى بىلەن تۇرغان ھېلىقى ئايال «مەندىن ئېرىڭىزنى كۈنلەپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ» دەپ سورىغاندا، كۈنلەپ قالغان ئايال: «ھەئە» دېگەن. باشقا ئازار يەتكۈزىدىغان گەپنى قىلمىغان، ئەمما يەنە بىر ئايال ئۆزىگە زىيادە ئېلىۋېلىپ خاپا بولۇپ يۈرۈشىنى ھەقلىق دەپ قاراپ، يەنە بىر ئايالغا گۇناھكارلىق تۇيغۇسى قالدۇرۇپتۇ). ئارىدا نەچچە قېتىم قايتا مۇناسىۋەت باغلاپ، بىر يەرگە كېلىپ ئىككىلىسى ھالاللىق سورىشىپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، يەنە بىر ئىش بىلەن نەچچە يىل بۇرۇنقى بۇ كونا ئىشنى تارتىپ چىقىرىپ «مەندىن يامان گۇمان قىلىپ چوڭ گۇناھ قىلساڭمۇ، مەن سېنى كەچۈرۈۋەتتىم» دەپ دارتمىلىشى توغرىمۇ؟ قانداق ئەھۋالدا بىرەيلەننىڭ يەنە بىرەيلەندە ھەققى قالغان بولىدۇ؟ بىزنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئېرىمىزنى كۈنلەپ قېلىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ قارشى تەرەپ ئايالغا ئازار بەرمىگەن ياكى ھېچ بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا ئېرىمىز بىلەنلا دېيىشىپ خاپىلىقنى ھەل قىلساقمۇ بىز قارشى تەرەپ ئايالنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولامدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللارنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئېرىنى كۈنلەش ھەققى بار. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئالمىسا، كېيىن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. قارشى تەرەپ ئايالغا ئازار بەرمىگەن ياكى ھېچ بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا، ئېرى بىلەنلا دېيىشىپ خاپىلىقنى ھەل قىلسا، قارشى تەرەپ ئايالنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولمايدۇ.
278 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن. بۈگۈن بەزى يېتىم بالىلارنىڭ سوغۇقتا كىيىمى يوقلۇقىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇڭا سوئالىم زاكاتنىڭ پۇلىغا كىيىم ئېلىپ بەرسەك بولامدۇ ياكى ئۇستازىغا پۇلنى نەق بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي. ئۇستازىغا زاكات تۇتقۇزۇلغان ئەھۋالدا زاكاتنى يەنىلا كىيىمگە سەرپ قىلماي باشقا نەرسىگە سەرپ قىلىدىغان بولسا، كىيىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمما ئۇستازى بىلەن سۆزلىشىپ كىيىم ئېلىپ بېرىشنى تاپىلاپ پۇل بەرسە بولىدۇ.
279 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز!
مەن ياۋروپادا ياشايمەن، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىمنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى يەردە ئىشلىمەكچى ئىدىم. ماڭا چوڭ تاللا بازىرىدا مال يەتكۈزىدىغان ياخشى مائاشلىق، يېرىم كۈنلۈك خىزمەت چىقتى، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر قۇرئان كۇرسىدا ئىشلىيەلەيمەن. ئەمما، بۇ تاللا بازىرىدا ھاراق، چوشقا گۆشى قاتارلىقلارنىمۇ ساتىدۇ. خېرىدارلار زاكاز قىلسا، يەتكۈزۈپ بېرىشىمگە توغرا كېلىدىكەن. ھەدىستە ھاراق توشۇغىچىغىمۇ لەنەت قىلىنغانىكەن، ئىمام ئەئزەمدىن باشقا ئۆلىمالار ھەم چەكلىگەنىكەن. شۇڭا، ئىككىلىنىپ قالدىم. مەن مۇشۇ تاللا بازىرىدا ئىشلىسەم بولامدۇ؟ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئىشلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئەگەر بازار ئىگىسى بىلەن سۆزلىشىپ ھاراقتىن باشقىنى توشۇشقا كېلىشەلىسىڭىز ياخشى. بولمىسا باشقا ئىش مۇناسىپ.
280 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان تەھەججۇد نامىزىغا كېچىكىپرەك كەلگەن ئادەم ئارىلىقتىكى بەزى سەپلەرنىڭ بوش قالغانلىقىنى كۆرسە، قانداق قىلىدۇ؟ (ئەڭ ئاخىرقى سەپ لىق توشقان)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جامائەت نامىزىدا بوش ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن نامازخانلارنىڭ ئالدىدىن ۋە سەپلەرنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتسە بولىدۇ.
281 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. جۇغى كىچىك ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ، ئۆيىدە بالىلارغا بېقىپ بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يىرتقۇچ ياكى زىيانلىق ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ. باشقىلىرىنى باقسا ئاچ قويماسلىق شەرتى بىلەن جائىز.
282 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كېچىسى جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلاپ قېلىپ، ئەتىگىنى قوپالماي تاڭ ئېتىپ كەتسە روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.
283 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بۇ ئۇلىنىشنى ئاچساق بۇرۇنقى سوئال – جاۋابلار چىقىدىكەن، يېڭى سوئال – جاۋابلارنى قانداق كۆرەلەيمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەر بەت ئاستىدا بىرقانچە (123456) سەھىپە نومۇرى بار. شۇنى چېكىپ، ئاخىرقى سەھىپىنى ئاچسىڭىز كۆرەلەيسىز.
284 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىرەيلەننىڭ يولدىشىنىڭ ئەر بىر تۇغقىنى بولۇپ، ئايالى ۋە ئۇششاق ئالتە بالىسى بار. تۈركلەرگە ئىشلىسە ھۈنىرى بولمىغانلىقتىن ئۇششاق – چۈششەك ئىشنى قىلىپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلىسىمۇ، تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك ئىقتىساد تاپالماي، ئاساسلىقى ئەر بىر تۇغقىنىغا بېقىنىپ ۋە باشقا تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەپتۇ. ھازىر مائاشى يۇقىرىراق بىرەر خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇۋېتىپتۇ. ئادەتتە كەلگەن ياردەم پۇللار دوللار بولغاچقا ئۇنى يىغىپ قويۇپ، تۇرمۇشىغا ئازراقتىن ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياشايدىكەن. تۈگىسە تۇغقىنى ياردەم قىلىدىكەن. ئەمدى بۇ تۇغقىنىنىڭ ئايالىنىڭ بىر تۇل تونۇشى بولۇپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن يولدىشىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، ئۇ ئايالنىڭمۇ ئۇششاق ئۈچ بالىسى باركەن. كىرىم مەنبەسى يوقكەن، ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلار ئاز بىر دۆلەتتە ياشايدىكەن. ھازىر بۇلار كىمگە ياردەم قىلىشنىڭ بەكرەك لازىملىقىنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قاپتۇ. بىرسى بىر تۇغقان قېرىندىشى ئالتە بالا بىلەن يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئەھۋال، يەنە بىرى تۇغقىنى ئەمەس تونۇشى، ئەمما تۇل ۋە كىرىم مەنبەسى پەقەت يوق، ئىشلەش پۇرسىتى ھەم يوق. قولىدىن كەلگەننى قىلىپ ئۆيىنىڭ ئۇششاق چىقىمىنى تىرىشىپ قامدىسىمۇ ئىجارە دېگەندەككە چىقىش قىلالمايدىغان ئايال.
تۇغقانغا ياردەم قىلسا ئىككى ئەجىر بولىدىكەن، شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تۇغقاننى ئاۋۋال ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
285 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات، فىتر، سەدىقە قاتارلىق پۇللارنى ئەسىرلىكتە قېلىپ چىققىلى يېرىم يولدا توختاپ قالغان ھەمشىرىلىرىمىزگە بېرىلى دېگەن. ئەر كىشى ئۇ يەرگە بېرىشنى چەكلىسە، يەنى «رازى ئەمەس» دېسە، ئەركىشىنىڭ رازىلىقسىز بەرسە بولامدۇ؟ شۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ۋە سەدىقىلەر شۇ ئائىلىنىڭ بولۇپ، بۇنى ئەر جايىغا سەرپ قىلىدىغان بولسا، ئەرنىڭ رۇخسىتى كېرەك. ئەگەر بۇلار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ زاكىتى ۋە سەدىقىسى بولسا، ئەرنىڭ رۇخسىتى كېرەك ئەمەس.
286 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قىبلە تەرەپكە پۇتىمىزنى سۇنۇپ ياتساق بولامدۇ؟ بۇنىڭ بىر دەلىلى بارمۇ؟
جاۋاب: بەزى ئالىملار «ئەدەب جەھەتتىن قىبلىگە پۇتىنى سۇنمىغان ياخشى» دەپ قارايدۇ. ھۆرمەت ۋە ئەدەبتىن باشقا ئايرىم دەلىلى يوق.
287 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. توققۇز ئاينى تولۇق توشقۇزۇپ تۇغۇلغان بالىنىڭ تولۇق ئېمىش مۇددىتى 21 ئايمۇ ياكى 24 ئايمۇ؟ جەمئىي 30 ئاي دەيدىكەن، شۇڭا بىلەلمەي قالدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توققۇز ئاينى تولۇق توشقۇزۇپ تۇغۇلغان بالىنىڭ تولۇق ئېمىش مۇددىتى 24 ئاي. ﴿قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر﴾(46/«ئەھھاق»: 15) دېگەن ئايەت بوۋاق ھاياتتا قالىدىغان ئەڭ ئاز مۇددەت بويىچە ھېسابلىغان. مۇبادا ئەڭ كۆپ مۇددەتنى يەنى توققۇز ئاينى تىلغا ئالغان بولسا، «ئالتە ئاي قورساق كۆتۈرگەن ئايال مۇشەققەت تارتمايدۇ» دېگەندەك چۈشىنىلىپ قالغان بولاتتى. يەنە بىر ئايەتتە «ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىش ئىككى يىلدا»(31/«لوقمان»: 14) دېگەن. دېمەك، تولۇق ئېمىتىش 24 ئاي. بالىغا ئېغىر زىيان بولمايدىغان ئەھۋالدا، ئەر – ئايال مەسلىھەتلىشىپ بالىنى ئېمىتىشنى توختاتسا جائىز. تۈزۈك سەۋەبسىز، بالىنىڭ ئېمىش ئېھتىياجى بار تۇرۇپ، 24 ئاي تولۇق ئېمىتمىسىە، گۇناھكار بولىدۇ. بىر ھەدىستە «قىيامەت كۈنى بالىلىرىغا سۈتىنى بەرمىگەن ئاياللارنىڭ كۆكسىنى يىلان چاقىدۇ» («سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»: 1986) دەپ كەلگەن.
288 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) ھاجەتخانىغا تېلېفون ئېلىپ كىرىپ بىرەر نەرسە ئاڭلىسا ياكى يازما ئوقۇسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىشنى كۆپ ئۇچرىتىپ قالىمەن. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا بارسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىتاب ياكى تېلېفوندىن ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان مەزمۇندا ئاللاھنىڭ نامى ۋە ئايەتلەر بولسا، ھاجەتخانىدا ئۇنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاش مەكروھ («ھارام» دېگەن قاراشمۇ بار). ئۇنداق ئۇلۇغلىنىدىغان مەزمۇن بولمىسا، ئۇنى ھاجەتخانىغا ئەكىرىپ ئوقۇش ۋە ئاڭلاش تەنزىھىي مەكروھ. يەنى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئەكىرمىگەن تۈزۈك. ھاجەتخانىدا ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئولتۇرۇشمۇ زىيانلىق. بىلىشىمچە، بۇ خىتتايلارنىڭ ئادىتىغۇ دەيمەن. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا بارسا بولىدۇ. يىغا – زار قىلمىغان ۋە ئەرلەر بىلەن قىستالمىغان ئەھۋالدا بېرىشى مۇستەھەب.
289 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ئەتىگەندە سوھۇرلۇق يەپ بولۇپلا بامدات نامىزىنى ئوقۇساق بولامدۇ؟ مەكتەپكە بارىدىغان بالىلار بىردەم ئۇخلاش ئۈچۈن ئالدىراپ قالىدىكەن. 2) بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ روزا تۇتۇشى كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) سوھۇرلۇق يەپ بولۇپ بامدات ۋاقتى كىرگەندە، نامازنى ئوقۇساق بولىدۇ. بامدات ۋاقتى كىرمىگەن بولسا، ئوقۇساق بولمايدۇ. ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز ئەزان چىقىپ 25 – 30 مىنۇتتىن كېيىن بامدات ئوقۇۋالسىڭىز بولىدۇ. 2) بۇ سوئالغا ئىلگىرى جاۋاب بېرىلىپ بولغان.
290 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ھازىر تور سودىسى قىلىۋاتقانلار مۇنداق قىلىدىكەن: «زاكاز ئالىمىز» دەپ بىر نەرسىنىڭ رەسىمىنى يوللايدىكەن. «ھە بولىدۇ، مەن ماۋۇ نەرسىگە زاكاز بېرەي» دەپ زاكاز بەرسەك، ئۇ زاكاز قىلغان نەرسە كېلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز زاكاز قىلغان نەرسىنى بىزگە بەرمەي باشقىلارغا سېتىۋېتىدىكەن. «قېنى مېنىڭ زاكاز قىلغان نەرسەم» دېسەك، «يوق، تۈگەپ كەتتى» دەيدىكەن. مۇشۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئۇستاز! ياكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ گۇناھ يېزىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەگەر سىز پۇلنى ئالدىن تاپشۇرغان بولسىڭىز، زاكاز قىلغان نەرسىنى سىزگە بەرمەي باشقىلارغا سېتىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، زاكاز سودا (سەلەم) شەرىئەتتە: ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇش كېرەك بولىدىغان سودا بولغاچقا «زاكاز سودا» دەپ ئاتالغان. بۇ سودىدا پۇلنىڭ بىرقىسمىنى نېسى قىلسا بولمايدۇ. ھەممىنى ئالدىن تاپشۇرغان بولۇشى كېرەك. ئەمما، بىرقىسمىنى تاپشۇرغان بولسا، بۇ «زاكالەت سودىسى» بولىدۇ – دە، ئەگەر ساتقۇچى يانسا، ئالغان زاكالەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى قايتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، پۇلنىڭ بىرقىسمىنىمۇ تاپشۇرماي «مەن ئالىمەن» دەپ بۇيرۇتقان بولسىڭىز، بۇ قۇرۇق ۋەدە ھېسابلىنىپ، ساتقۇچى ۋەدىدە تۇرمىغانلىق جەھەتتىن گۇناھكار بولىدۇ.
291 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قايسى كۈنى «بالىياتقۇدىن كەلگەن يەل تاھارەت سۇندۇرمايدۇ» دەپ بەرگەن ئىدىلە، يەنى «ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، نىجىس ئەمەس» دېگەن. ئۇنداق بولغاندا، بالىياتقۇدىن كەلگەن نەملىكمۇ تاھارەتنى سۇندۇرمامدۇ؟ تۈركىيەدە بىرنەچچە كىشىدىن: «بالىياتقۇدىن كەلگەن ھۆللۈك تاھارەتنى بۇزمايدۇ. تۈرك غوجامدىن پەتىۋا سورىغان، بۇ توغرىسىدا ھەدىسمۇ باركەن، شۇنى مىسال قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا ناماز ئوقۇۋەرسەك بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇنى ئىككى – ئۈچ ئادەمدىن ئاڭلىدىم. لېكىن، ئىشەنچلىك ئەھلى ئىلىملەردىن سورىمىسا، ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرمەيدىكەن، شۇڭا سىلىدىن سوراپ باقاي دېگەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدى تەرەپتىن چىققان سۇيۇقلۇق سۈيدۈك يولىدىن چىقماي، بالا تۇغىدىغان جايدىن چىققان بولسا، ھەمدە قان ياكى مەنىي، ياكى ۋەدىي ۋەياكى مەزى قاتارلىق سۇيۇقلۇقلار بولمىسا، ئۇ پاكىز ھېسابلىنىدۇ؛ تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسلى قىلىش كېرەك ئەمەس، كىيىم – كېچەكنى يۇيۇشمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى، بۇنداق سۇيۇقلۇقلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى ئاياللاردىنمۇ چوقۇم چىقاتتى. بۇنىڭ مەينەتلىكىگە قارىتا بىرەر دەلىل بولغان بولسا، ئىسلام ئۇنى بايان قىلغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق سۇيۇقلۇقلار سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس، بالىياتقۇدىن كېلىدۇ. كۆپىنچە، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا جىقراق كېلىدۇ. شۇڭا، تاھارەتنى يېڭىلىۋېتىش ئەۋزەل. چۈنكى، «تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ بار.
292 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ مەقسەت «NIKE ماركىسىدىكى كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىش ھارام، كىيسە بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. كىيسەك بولامدۇ، بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بەزى ئالىملار «نايك ماركىسى قەدىمكى گرېك ئىلاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان» دەپ قاراپ، ئۇ ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىشنى ھارام دېگەن. بەزىلەر ئاياغ ياكى پايپاققا رۇخسەت قىلغان. مەن بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن، مادامىكى بۇنداق دېيىلگەن ۋە ئېتىقادقا تاقىشىدىغان ئەھۋال بار ياكى ئېھتىماللىق ئىكەن، باشقا ماركىلارنى تاللاش ئەۋزەل. «ھارام» دېگەن قاراشقا ئاساسەن، ئۇنداق كىيىملەرنى سېتىۋالغانلار ئۇنى كىيسە، ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ. يا كىيىمنى تاشلىۋېتىشى، يا ماركىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى لازىم. مۇھىمى، مۇسۇلماندا ئىسلام ئەقىدىسى ۋە غۇرۇرى بولۇشى لازىم.
293 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. سوئال: مەمەت ئۆيىنى سېتىش ئۈچۈن قاسىم بىلەن سودىلىشىپ 200 مىڭ دوللارغا پۈتۈشكەن. 50 دوللار زاكالەت بېرىپ، قالغان پۇلنى 15 كۈندىن كېيىن بېرىدىغان بولغان. قاسىم سودىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مەمەتكە بانكىدىن قەرز ئالىدىغانلىقىنى، قەرز ئېلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئون كۈندە پۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇلنى بانكىدىن ئېلىپلا سودىلاشقان سوممىنى ۋەدە قىلغان كۈندە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ قاسىم ۋەدىلەشكەن كۈندە پۇلنى بېرەلمىگەن، مۆھلەتنى بىرنەچچە قېتىم ئۇزارتقان بولسىمۇ، يەنىلا پۇلنى بېرەلمىگەن ھەم مەمەتنىڭ بۇ سودىلاشقان ئۆيىنى بىرتەرەپ قىلىش، ئالدى – ساتتى قىلىش ۋەكالىتىنى بېرىشنى ئېيتقان. قاسىم بۇ ئۆينىڭ بىرتەرەپ قىلىش ۋەكالىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆينى گۆرۈگە قويۇپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ، مەمەتكە سودىلاشقان سوممىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن مەمەت قوشۇلمىغان ۋە بانكىنىڭ قەرز ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ھەم بۇ سودىدىن يېنىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاسىم بۇ سودا بۇزۇلسا بولمايدىغانلىقىنى، بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ماڭغانلىقىنى ھەم باشقىلارغا كۆپ سوممىدا پارا بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ سودىدىن يېنىۋالماسلىقىنى ئۆتۈنگەن. بۇ ئەھۋالدا مەمەت بۇ سودىدىن يېنىۋالسا بولامدۇ؟ مەمەت ئۆينى بىرتەرەپ قىلىش ۋەكالىتىنى قاسىمغا بېرىپ، قاسىمنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا ياردەم قىلىپ بۇ سودىنى پۈتتۈرسە بولامدۇ؟ بىر قېرىندىشىمىز يۇقىرىقى مەسىلىدە گاڭگىراپ قاپتۇ. جاۋابىنى ساقلايمىز. ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن، ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن، قەلبلىرىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر سودىدا بەيئى (ئېلىم – سېتىم) قىلماي ، زاكالەت بېرىپ قويغان بولسا، زاكالىتىنى ۋە سودىنى قايتۇرۇۋېتىش ۋاجىپ. چۈنكى، بۇ جازانىگە ياردەم قىلغانلىق. بۇ سودىنى پۈتتۈرسە بولمايدۇ.
294 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن. كۆڭلۈم 262 – سوئالنىڭ جاۋابىغا تازا قانائەت تاپمىدى. ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق مىدىرلىسا نامازدىن چىقىپ كېتىدىغان تۇرسا، «بېشىنى لىڭشىتىپ ئوقۇسا مىدىرلاشقا بولمايدۇ» دېسە ئاڭلىمىسا، نەچچە قېتىم دېسەم خاتالىقىنى تۈزەتمىدى، شۇڭا ئايرىم ئوقۇغان ئىدىم. شەرىئەتتە بۇ توغرۇلۇق دەلىل بارمۇ؟ ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ئۇستاز! ئۆزۈر سورايمەن. «ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» دەپ ئوقۇغانىدىم. شۇنداق تۇرسىمۇ، يەنىلا ئېرىمگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇمدىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق مىدىرلىسا نامازدىن چىقىپ كېتىدىغان تۇرسا» دېگەن سۆزىڭىز ھۆكۈمنى بايان قىلىشتا توغرا ئىپادىلەنمىگەندەك تۇرىدۇ. چۈنكى، «مىدىرلاش» دېگەن سۆز ئەڭ تۆۋەن ھەرىكەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ ھەم «ئۈچ قېتىم» دەپ بېكىتىۋېلىشمۇ ئانچە توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. شەرىئەتتە نامازخان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەيمىنىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 1 -، 2 ). نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغاندەك ئۇ زاتتىن ئەيمىنىپ ۋە ئۇلۇغلاپ تۇرۇش كېرەك بولغاچقا، بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇش (يەنى خۇشۇﺋ) قا دەخلى قىلىدۇ. ئەگەر شۇ ئىش كۆپ بولۇپ كەتسە، نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ؛ ئاز بولسا، مەكرۇھ بولىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا بۇ ئاز بىلەن كۆپنىڭ پاسىلى قايسى، ئاز ياكى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكنى قانداق ئايرىيمىز؟ بۇ ھەقتە ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشى نامازدا تۇرۇپ مەلۇم ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولسا، قارىغان كىشى ‹بۇ كىشى نامازدا ئىكەن› دېسە، مەزكۇر نامازخاننىڭ نامازدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىش – ھەرىكەتلىرى ئازغا ھېساب. قارىغان كىشى ‹بۇ كىشى نامازدا ئەمەسكەن› دېگەننى جەزملەشتۈرەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلغان بولسا، بۇ كۆپكە ھېساب». بۇنىڭغا ئاساسەن، مىدىرلاش ياكى لىڭشىش قارىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يەڭگىل ئىش – ھەرىكەتكە كىرىدۇ. شۇڭا، ناماز بۇزۇلمايدۇ ۋە ئۇ كىشىگە ئىقتىداﺋ قىلسا بولىدۇ. ئەلبەتتە مىدىرلىماسلىق ياكى لىڭشىپ تۇرماسلىق ئەۋزەل. لېكىن، بەزى كىشىلەر بۇنى ئىختىيارسىز قىلىپ سالىدۇ.
295 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھەيزدار ئايال شىبى قەدر كېچىسىنى ئىزدەش كېچىلىرى قانداق ئىبادەتلەرنى قىلىش مۇمكىن بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سوئالىڭىزغا 158 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن.
296 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نەپسىنى تەربىيەلەش ۋە قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى ئىزدەنسەك كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تەسەۋۋۇف ھەققىدىكى ئەسەرلەر چىقىدىكەن، بەزىدە «خاتا گەپلەر، زەئىف ياكى يالغان ھەدىسلەر ئارىلىشىپ قالغانمىدۇ؟» دەپ ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، شۇڭا بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك ئاپتور ۋە كىتابلاردىن تەۋسىيە قىلغان بولسىلا. (نەپسنى تەربىيەلەش ھەققىدىكى ئانا تىلىمىزدىكى ياكى باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەردىن دېمەكچى…)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىمام ئىبنى قۇدامەنىڭ «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇلقاسىدىن (مختصر منهاج القاصدين)» دېگەن كىتابى مۇناسىپ. بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرگە تەييارلاۋاتىدۇ. باشقا تىللاردىمۇ تېپىلىدۇ.
297 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 1) ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدە تەسەۋۋۇفنىڭ ئورنى قانداق؟
2) تۈركچە مەنبەلەردە ئىبنى ئەرەبى، ھاجى بەكتاش ۋەلى، يۇنۇس ئەمرە، رۇمىي قاتارلىق نۇرغۇن تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىنىڭ كارامەتلىرى ھەققىدە ھەرخىل رىۋايەتلەر سۆزلىنىدىكەن، بۇلار ئىشىنىشكە بولىدىغان راست ۋەقەلەرمۇ ياكى كۆپتۈرۈش بارمۇ؟
3) كارامەت دېگەن بار ئىشمۇ؟ بولسا قانداق كىشىلەردە بولىدۇ؟
4) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىدىن مەلۇم بىرسىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ زىكىر ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
5) «روھنى تىنچلاندۇرىدۇ» دەپ نەي مۇزىكىسى ئاڭلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەۋر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەپسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەپسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەپسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇپلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر. 2) كۆپتۈرۈش ئېغىر. 3) كارامەت: ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بولۇپ، بۇ ئىش ساغلام ئېتىقاد ۋە سالىھ ئەمەل يار بولغان، شەرىئىتىگە بۇيرۇلغان پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى چىڭ تۇتقان، سالىھلىقى ئوچۇق – ئاشكارا بىر بەندىنىڭ قولىدا زاھىر بولىدۇ، مەيلى ئۇ بەندە (كىشىلەرگە) كارامەت بىلەن تونۇلسۇن ياكى تونۇلمىسۇن ئوخشاش. (باجۇرىي: «تحفة المريد على جوهرة التوحيد»، 321 – بەت. دار تحقيق الكتاب) 4) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى تەكرارلاپ زىكىر قىلىش جائىز. چۈنكى، بۇمۇ زىكىر دائىرىسىگە كىرىدۇ. چەكلىگەن ئەھۋال يوق. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالا: ﴿ئەتىگەن – ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن﴾ دېگەن(26/«ئىنسان»: 25). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زېمىندا ئاللاھ، ئاللاھ دېيىلمەيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(«مۇسلىم»، 146). بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇشرىكلار قىينىغاندا: «ئەھەد، ئەھەد» (بەزى رىۋايەتلەردە ئاللاھ! ئاللاھ!) دېگەنلىكى ھەدىسلەردە كەلگەن(«ئىبنى ماجە»: 150). ئىبنى ھىشامنىڭ بايان قىلىشىچە: «مۇسۇلمانلارنىڭ بەدر غازىتىدىكى شوئارى: ‹ئاللاھ! ئاللاھ!› ئىدى». ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئىمام ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»دە: «سۆيگۈچىنىڭ قەلبىدىن مەھبۇبىنىڭ ئىسمى كەتمەيدۇ. ئۇنى ئۇنتۇپ كەت دېسىمۇ ئۇنتالمايدۇ. ئۇنى تىلىڭغا ئالما دېيىلسە، چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام تاھاۋىي قاتارلىق زاتلار: «ئىسمى ئەئزەم (ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىسمى) ‹ئاللاھ›دۇر» دېگەن. شەرىئەتتە مەلۇم سان چەكلىمىسى كەلمىگەن زىكىرلەرنى باشقىلارغا «مۇشۇ ساندا زىكىر قىلىش سۈننەت» دەۋالماستىن، ئۆزىگە مەلۇم سان ۋەزىپە قىلىۋېلىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، جائىز. 5) مۇزىكا ھۆكمىدە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا، بىر قاراشتا جائىز.
298 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازنى جەملەپ ئوقۇشنىڭ شەكلى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. 1) مەسىلەن، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇماقچى بولساق، پېشىنگە ئەزان چىققان ھامان ئەسىرنىمۇ بىللە قوشۇپ ئوقۇۋالساق بولامدۇ ياكى پېشىننى ئاخىرقى ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈپ، ئەسىرنى ئەزان چىقاي دېگەندە، ئازراقلا ئالدىغا سۈرۈپ ئوقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ 2) سەپەر ئۈستىدىكى جەملەپ ئوقۇش بىلەن ئىستىھازا ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن جەملەپ ئوقۇشنىڭ پەرقى بارمۇ؟ 3) نامازنى ئۆزۈرسىز جەملەپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ 4) خىزمەت ئالدىراشلىقلىرى، ئىشقا ماڭغۇچە ياكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭغۇچە ناماز ۋاقتىنىڭ يولدا، ئاممىۋى قاتناشتا ئۆتۈپ كېتىپ قېلىشى، باشلىق ۋە خىزمەتداشلىرى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئىش ئورنىدىن كۆپ قېتىم ئايرىلىپ ئۇلارنى نارازى قىلماسلىق… قاتارلىق سەۋەبلەر نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا، جۈمە نامىزى ئوقۇماسلىققا ئۆزۈر بولالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) جەملەپ ئوقۇش رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋاللاردا قايسى قولاي بولسا، يەنى پېشىنگە ئەزان چىققان ھامان ئەسىرنىمۇ بىللە قوشۇپ ئوقۇۋالسا ياكى كۈن سارغىيىپ قالغۇچە جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. شامنى خۇپتەن بىلەن شام ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى تۈن نىسپىگىچە ياكى بامداتقىچە جەملەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ. 2) سەپەر ئۈستىدىكى جەملەشتە قەسر قىلىنىدۇ. ئىستىھازا ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن جەملەپ ئوقۇشتا قەسر قىلىنمايدۇ. 3) جائىز ئەمەس. 4) تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا، جۈمە نامىزى ئوقۇماسلىققا ئۆزۈر بولالىشى ئۆزرىنىڭ قاتتىق ياكى يوقىلاڭ بولۇشىغا باغلىق.
299 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) گۇمانغا تايىنىپ بىر ئادەمگە، بولۇپمۇ بىر ئايال كىشىگە تۆھمەت قىلىپ، ئۇنى نامەھرەم بىر ئەرنىڭ ئالدىدا شىكايەت قىلسا، ئېتىبارسىزلاشتۇرسا، بۇنىڭ دىنىي ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ 2) قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلسىچۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنىڭ ھۆكمىنى سىز ئۆزىڭىز گۇمان، تۆھمەت، مىننەت دەپ بايان قىلىپ بولۇپسىز.
300 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ ئىماننىڭ تەئرىفىدە: «ئەمەل ئىماندىن ئەمەس، ئىمان زىيادە بولمايدۇ ۋە كەم بولمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىدە سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ يول تۇتقان ئىكەن، شۇ سەۋەپلىك ئىمام بۇخارىي ۋە ئىبنى تەيمىييە ئەبۇ ھەنىفەنى «مۇرجىئەتۇل فۇقاھا» دېگەن ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن سەھىھمۇ؟ ۋە بىزمۇ ئەبۇ ھەنىفەنى سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ قىلغان دەپ قاراپ، «مۇرجىئە» دېسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «مۇرجىئە (الْمُرْجِئَةِ)» ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپتە ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىسىدا بولغان «سىففىين» جېڭىدەك بەزى ئۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرگە ئارىلاشماي، ئارىلاشقانلارغا قارىتا بىرىنى خاتا، بىرىنى توغرا دەپ ھۆكۈممۇ قىلماي بىتەرەپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى قىيامەتكە قويغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىرقىسىم بىتەرەپ ساھابە كىراملەرنى، شۇنداقلا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئۇلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلمىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئەلھەسەن ئىبنى مۇھەممەد كەبى مۇجتەھىد ئالىملارنى كۆرسىتەتتى. دېمەك، ئىمان مەسىلىسى ۋە ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ مۇناسىۋىتى سەلەفلىرىمىز دەۋرىدە كۈچلۈك تالاش – تارتىش، قاراش ئوخشىماسلىقى بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئەھلىسۈننەت بىلەن خاۋارىج ۋە مۇئتەزىلەر ئوتتۇرىدا بولغىنىدەك، ئەھلىسۈننەت ئىچىدىمۇ تالاش – تارتىش بولغان. ئەھلىسۈننەت ئىچىدىن كۆپچىلىك ئەھلى ھەدىس ۋە فۇقاھالار ئەمەلنى ئىماندىن بىر جۈزئى دەپ قارىسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە بەزى كۇفە فۇقاھالىرى ئەمەلنى ئىماندىن بىر جۈزئى ئەمەس دەپ قارىغان. نەتىجىدە بۇ بىرقىسىم ئالىملار «مۇرجىئە» ياكى «مۇرجىئەتۇلفۇقاھا» ياكى «مۇرجىئەتۇسسۈننەت» دەپ ئاتالغان. يەنە ئىماننىڭ ئاۋۇش ۋە كېمىيىش مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان. قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قاراش ئوخشاشماسلىقىنىڭ ۋە تالاش – تارتىشلارنىڭ سەۋەبلىرى تۈرلۈك. بۇنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئىبنۇ ئابدۇلبەر ئېيتقاندەك ھەسەتمۇ بار. يەنە بەزى ئالىملار «بۇ ئىككى قاراش ئوتتۇرىدا ماھىيەتتە پەرق يوق، پەرق پەقەت ئىپادىلەشتە» دەپمۇ قارىغان. دەرۋەقە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىماننى تەرىپلەشتە «ئەمەلدىن پەرقلىق» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمەلنى ئىنتايىن چوڭ بىلەتتى. «شۇنىڭغا قاراپ دۇنيادا تەقۋا ياكى پاسىق بولىدۇ. ئاخىرەتتە ساۋاب ۋە جازاغا ئېرىشىدۇ» دەپ قارايتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئەمەلنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن پۈتۈن ئۆمرىنى فقىھقا ئاتىغان ئىدى. بىلمۇقابىل ئەھلىھەدىسمۇ «ئەمەلنى تەرك قىلىش بىلەن دىندىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ قارىمايتتى. ئىمام بۇخارىيمۇ «سەھىھ»ىدە: پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ «ﺳﻪن ﺟﺎﮪﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﮪﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻼ، ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻنىڭ ﴿ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ…﴾(4/«نىساء»: 48، 116) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪتى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ» دەپ باب تېمىسى قويغان. يەنە «ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ كۇﻓﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ‹كۇﻓﯘﺭﻟﯘﻕ› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ» دەپ باب تېمىسى قويغان. ئەھلىھەدىس يەنە: «چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار تەۋبە قىلماي ئۆلسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەيمىز» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەھلىھەدىس نەزەرىدە ئەمەل ئىماننىڭ ئەسل رۇكنى بولمايدۇ. يەنى «ئەمەل بولمىسا، ئىمان بولمايدۇ» دېيىلمەيدۇ. ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھمۇ دەل مۇشۇنى دېمەكچى. لېكىن، بەزى ئەھلى ھەدىسلەر كېيىنچە «ئەمەلنى تەرك قىلغۇچىدا ئىمان يوق، لېكىن ئىسلام بار» دەپ قارىغان ۋە ئەمەلنى ئىماننىڭ رۇكنى دەپ قارىغان. يەنى «ئەمەل بولمىسا، ئىمان بولمايدۇ» دېگەن. نەتىجىدە تۇيماستىن خاۋارىج ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا بېرىپ قالغان. مانا بۇ كېيىنكىلەربىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى ھەقىقىي پەرقلىق. دېمەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شۇ چاغلاردا ئەدەپكەتكەن خاۋارىجلارغا قارىتا شۇنداق كەسكىن مەۋقەدە تۇرغان. بۇ كېيىنچە ئەھلى ھەدىس بىلەن ئۇ زات ئارىسىدىكى چوڭ پىكىر ئوخشىماسلىقى بولۇپ قالغان. شۇڭا، بىزمۇ ئىمامنى چوقۇم ئەھلى ھەدىستەك «مۇرجىئەتۇلفۇقاھا» دەپ قارىشىمىز ۋە ئاتىشىمىز كېرەك ئەمەس. ئۇنداق قارىساقمۇ ئىمامنى كەمسىتىش بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئىشلىتىلگەن. بۇلار بىدئەتچى مۇرجىئەلەر ئەمەس. لېكىن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلارنىڭ كاللىسىدا ئارىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنداق ئاتىمىغان تۈزۈك. ئىمام سەلەف ئەقىدىسىگە خىلاپ يول تۇتمىغان. چۈنكى، ئىماممۇ سەلەف قاتارىدىن. بەلكى، كۆپچىلىك قارىشىدىن كۆرۈنۈشتە ياكى ئىپادىلىنىشتە پەرقلىق، ماھىيەتتە ئوخشاش يول تۇتقان. چۈنكى، سەلەف – سالىھلەر (السَّلَفُ الصَّالِحُ): ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى پەزىلەتلىك سالىھ زاتلار دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا شاھىت بولغان ساھابەلەر، ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان تابىئىنلار ۋە تابىئىنلاردىن كېيىنكى تەبەئى تابىئىنلار قاتارلىق ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئۈچ ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئىمامنىڭ بەزىسى شۇ قاتارغا كىرسە، بەزىسى ئاشۇ يولنى تۇتقان ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىنى باسقان بولغاچقا، شۇ نامغا تەۋەدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىمام لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە شۇلار كەبى زاتلارمۇ سەلەف – سالىھلەرگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.
ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان «ئىسلامىي مەزھەپلەر تارىخى» ئاتلىق ئەسەرىدە مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «يۇقىرىقىلاردىن شۇ خۇلاسىلىنىدۇكى، مۇرجىئە ئىككى خىل تائىپىنىڭ مەزھىپى بولغان. بىرى، ساھابەلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپقا ھۆكۈم قىلماي سۈكۈت قىلغان. يەنە بىر تائىپە بولسا، ئاللاھنىڭ ئەپۇسى ھەممىنى سىغدۇرىدۇ دەپ قارايدىغان ۋە ئاللاھ كۇپۇردىن باشقا ھەممە گۇناھنى ئەپۇ قىلىدۇ، كۇپۇر بار ھالدا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالدا گۇناھنىڭ زىيىنى يوق، دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان تائىپىدۇر. بۇ تائىپە ھەققىدە زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين مۇنداق دېگەن: «پاسىقلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇسىغا تەمەگەر قىلىپ قويغان مۇرجىئەلەردىن ئادا – جۇدامەن». بۇ تائىپە مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى بەتبەشىرە كۆرسىتىۋەتكەن بولۇپ، ئالىملار ۋە تائىپىلەر شۇ ئىسىم بىلەن تىللىنىدىغان بولۇپ قالغان.
«چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دەيدىغان مۇئتەزىلىلەر مۇرجىئە دېگەن ئىسىمنى ئۆزلىرىدەك قارىماي، «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ» دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ئىشلىتەتتى، ھەتتا بىراۋ «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەلۇم مىقداردا ئازابلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن يۆگىشىمۇ مۇمكىن» دەيدىغان بولسىمۇ، شۇنىڭغىمۇ «مۇرجىئە» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا، ئۇلار فىقھ ۋە سۈننەت ئىماملىرىنىڭ كۆپىگە مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى قوللانغانىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ۋە باشقىلارغا مۇشۇ ئېتىباردا مۇرجىئە دېگەن سۈپەت قوللىنىلغان. بۇ توغرۇلۇق شەھرىستانىي مۇنداق دېگەن:
«قەسەم قىلىمەنكى، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ‹ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى› دېيىلگەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ‹ئىمان دېمەك قەلب بىلەن تەستىقلاشتۇر، ئىمان ئارتمايدۇ ۋە كېمەيمەيدۇ› دېگەنلىكى بولسا كېرەك. ئۇلار ئەبۇ ھەنىفەنى ئەمەلگە سەل قارايدۇ دەپ گۇمان قىلغان. ئەبۇ ھەنىفە ئەمەلگە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قارايدىغان ئالىم تۇرسا، قانداقمۇ ئەمەلنى تەرك ئېتىشكە پەتۋا بەرسۇن؟! بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەبۇ ھەنىفە ئەۋۋەلقى دەۋردە پەيدا بولغان قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلىلەرگە قارشى يول تۇتقان ئىدى. مۇئتەزىلىلەر قەدەر مەسىلىسىدە ئۆزلىرىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇرجىئە دەپ لەقەم قوياتتى، خاۋارىجلارمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ لەقەمنى ئەبۇ ھەنىفەگە مۇئتەزىلە ۋە خاۋارىج پىرقىلىرىنىڭ چاپلاپ قويغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس»( شەھرىستانىي: «ئەلمىلەل ۋەننىھەل (دىنلار ۋە پىرقىلەر)»، 1- توم، 139 – بەت،).
مۇشۇ يوسۇندا ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن باشقا نۇرغۇن ئىماملار مۇرجىئەلەردىن سانالغان، ئۇلار ئىچىدە ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەمر ئىبنى مۇررە، مۇھارىب ئىبنى سەئر، مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان، قەدىد ئىبنى جەئفەر قاتارلىقلار بار. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىس ئىماملىرىدىن بولۇپ، ئۇلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىلارنى كاپىرغا چىقارمىغان ھەم ئۇلارغا دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.
بەزى ئالىملار مۇرجىئەلەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. بىرىنچى قىسىم: ئەھلىسۈننەت مۇرجىئەلىرى. ئۇلار «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ئۆتكۈزگەن گۇناھى مىقدارىدا ئازابلىنىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، رەھمىتى بىلەن يۆگىشى، نەتىجىدە ئەسلا ئازابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ مەرھەمەتىدۇركى، ئاللاھ مەرھەمەتىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر» دەپ قارىغان. فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قىسىمغا كىرىدۇ. ئىككىنچى قىسىم: ئەھلى بىدئەت مۇرجىئەلىرى. كۆپىنچىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇرجىئەلىك ئىسمىغا خاس بولغانلار مۇشۇلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ يامان گېپىگە لايىق كېلىدىغانلار مۇشۇلاردۇر.
مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ ئاشۇ ئەخلاقسىزلار بىلەن بىر ئىسىمدا ئورتاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇرجىئە دېگەن سۈپەتنى يىراق قىلغان تۈزۈكتۇر. ۋەللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەئلەمۇ بىسسەۋاب» ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ سۆزى تۈگىدى.
301 – سوئال: ئۇستاز، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! مەن «ئىسلامى پايچەك» تارقالغاندىن كېيىن ئىككى قېتىم پايچەك ئويناپ قالغان ئىدىم، سىلنىڭ شۇ ۋاقتتىكى «بولمايدۇ» دېگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوينىمىدىم. ئەينى ۋاقىتتا بىرىنچى قېتىم ئالغان پايچەكتىن 800 لىرا ئەتراپىدا پايدا ئالغان ئىدىم. ئىككىنچى قېتىم ئالغان پايچەكتە 500 لىرا ئەتراپىدا زىيان تارتقان. پەتىۋانى ئوقۇپ «قايتا قىلمايمەن» دەپ ۋەدە قىلدىم. شۇندىن كېيىن قايتا قىلمىدىم. ھازىر سىلىنىڭ «پايچەكتە تاپقان پۇل ھارام» دېگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ، شۇ ئىككى قېتىملىق پايدا – زىيان ئىشىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمىدىم. سەدىقە قىلماقچى بولسام ئالغان 800 لىرانى سەدىقە قىلامدىم ياكى زىياندىن ئايرىپ 300 لىرا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 800 لىرانى سەدىقە قىلىسىز.
302 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز!
1) تاھارەت ئالغاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا بولامدۇ؟
2) تاھارەت تەرتىبى ئالمىشىپ كەتسە، قايتا ئالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) تاھارەت ئالغاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا ئەۋزەلنى ۋە مۇستەھەبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بىھۇدە گەپ – سۆز قىلمىغان تۈزۈك. گەپ – سۆز قىلسا تاھارىتى يەنىلا كۈچكە ئىگە. چۈنكى، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ – سۆز قىلىش ۋە دۇنيا خىياللىرىنى قىلىش ئەسلىدە جائىز بولسىمۇ، تۆت مەزھەب ئالىملىرى تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياج بولمىسىمۇ گەپ – سۆز قىلىشنى تاھارەتنىڭ مەكروھلىرى قاتارىدىن سانايدۇ. بۇ مەكروھلۇقنى ئىمام نەۋەۋىي ئەۋزەلنى ياكى مۇستەھەبنى تەرك قىلىش دەپ ئىزاھلىغان(«ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – توم، 165 – بەت).
بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە خىياللار كىشىنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان تۇيغۇنى ئۈزۈپ قويىدۇ. تاھارەتنى تولۇق ئالدىمۇ يوق، دېگەندەك ۋەسۋەسەگە سېلىپ قويىدۇ. تاھارەت ئۆزى ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ ناماز ۋە تاۋاپ قاتارلىق باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئىبادەتتۇر. شۇڭا، تاھارەت ئالغاندا دىققىتىنى بېرىپ، بۇ ئىبادەت بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇناجات قىلىپ، رەھمىتىنى تىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى، دۇنيا پاراڭلىرى، خىياللىرى ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى، بەلكى زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇشى مۇناسىپ. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تاھارەت سۈيى ئېلىپ كەلسەك، ئۇ زات تاھارەت ئالدى. مەن ئۇ زاتنىڭ (تاھارەت ئېلىۋېتىپ): «ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىل، ئۆيۈمنى كەڭ قىل، رىزقىمغا بەرىكەت ئاتا قىل!» دەپ دۇئا قىلغىنىنى ئاڭلىدىم(«مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 7273؛ ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن).
2) تاھارەتنى تەرتىپ بويىچە ئىلىش، شۇنىڭدەك، ئارىسىنى ئۈزۈپ قويماسلىقمۇ سۈننەتتۇر.
303 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئۇستاز! چۈشىدە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ تال قەلەم بەرگەنلىكىنى كۆرسە، بۇنىڭغا قانداق تەبىر بېرىلىدۇ؟ بۇ بىر ياخشىلىقتىن بېشارەتمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. مەن چۈش تەبىرىنى بىلمەيمەن. ئىبنى سىرىندىن كەلگەن تەبىرلەردە خىزىر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش پاراۋانلىق، موللۇق، ئىلىم، بەرىكەت ۋە ھالال رىزقتىن بېشارەت دېيىلىدىكەن.
304 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە، ئۆمرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، ئامىن.
1) بىزدەك چەتئەلدە پەرزەنتلىرى بار ئاتا – ئانىلار خىتتاينىڭ «بالاڭ چەتئەلدىكەن» دېگەن باھانسى بىلەن ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، رەسمىيەتتە ئاجرىشىپ تۇرىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن. بۇنىڭدا نىكاھتىن ئاجراپ كېتەمدۇ؟ بىلىنگىنىدەك، نىكاھقا مىراس ۋە باشقا ئەھكاملار باغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن سورىغان ئىدىم.
2) ھازىر مەيلى ۋەتەندە ۋە ياكى چەتئەلدە بولسۇن، قىسقا فىلىم ئىشلەش كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەگەر قىسقا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا يات ئىككى قىز – ئوغۇلنىڭ نىكاھلىنىپ رول ئوينىشى ئىككى شەخسنىڭ ئارىسىدا نىكاھنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا تەسىر قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئۆزىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رەسمىيەتتە ئاجرىشىپ كەتكەن كۆرۈنسە جائىز. نىكاھقا تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا تالاق نىيىتى يوق بولۇش بىلەن بىرگە مەجبۇرلىنىش بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئاجراشمىغانلىقى ھەر ئىككى تەرەپكە ئېنىق بولۇشى، مۈجمەل قالماسلىقى لازىم. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!
2) فىلىملەردىكى ئارتىسلارنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى، بۇ رول ئېلىش ۋە باشقىلارنى دوراپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپنىڭ ئىسىملىرىمۇ شۇ سىنارىيە ياكى ھېكايەدىكى ئىسىم بولىدۇ. نىكاھ نىيىتىمۇ بولمايدۇ. ئەر – خوتۇن ئىككى ئارتىسنىڭ فىلىمدىكى تالىقىمۇ چۈشمەيدۇ.
305 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ئەر – ئايال بىللە بولۇۋاتقاندا، قۇرئان – ھەدىس ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلىشسا ياكى زىكىر ئېيتسا بولامدۇ؟
2) ئۆيى مەسجىدكە قوشنا بولۇپ، تەراۋىھ ئوقۇلۇۋاتسا يەنى ئىمامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇرسا، ئەر – ئايال بىللە بولسا گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) دۇئا بىلەن زىكىرنى ئەر – ئايال بىللە بولۇش ئالدىدا قىلىدۇ. بىللە بولۇۋاتقاندا دىلىدا زىكىر قىلسا بولىدۇ. ئەمما، تىلىدا زىكىر قىلىش، ھەدىس ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلىش ئەدەبكە خىلاپ، مەكروھ بولىدۇ. بۇ ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش ھارام. شۇڭا، ئۇ ھالەتتە ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭغا قەلبىدە شۈكۈر قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ. 2) جىما قىلىۋاتقاندا مەسجىدتىن ئەزان ياكى قۇرئان ئاڭلىنىۋاتقان بولسا، توختىۋالماي داۋاملاشتۇرسا گۇناھ بولمايدۇ.
306 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئىفتارلىشىمىز دەپ شامنى كېچىكتۈرۈپ، ئەزان چىقىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆيدىلا ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ «ئىفتارلاشتۇق» دەپ نامازشام، خۇپتەنلەرگە مەسجىدكە چىقمىسا، ئۇ كۈنى تەراۋىھ نامىزىنىمۇ ئوقۇماي پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا، گۇناھ بولمامدۇ؟ ئىفتارلىشىشنىڭ ساۋابى كۆپمۇ؟ ياكى مەسجىدتىكى جامائەت نامىزىنىڭمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەراۋىھ نەپلە ئىبادەت. ئىفتارلىتىش ۋە ئىفتارلاتقان يەرگە بېرىشمۇ مۇستەھەب. شۇڭا، بۇ ئىشلارنى شارائىتقا قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شامنىڭ ۋاقتى شەپەق غايىب بولغۇچە»(«مۇسلىم»، 612) دېگەن. شۇڭا، شەفەق يوقاپ كېتىشى ھامانلا شامنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىدۇ. بىر قاراشتا شەپەق كۈن پاتقاندىكى قىزىللىقتىن كېيىن كۆرۈنىدىغان ئاقلىقتۇر. يەنە بىر قاراشتا كۈن پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىقتۇر. مەيلى قايسى رەڭدىكى شەفەق بولسۇن، شەفەق كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر سائەتكە يېقىن (بۇ قىش – ياز ياكى جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا قاراپ بەزى جايلاردا ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى مۇمكىن) ۋاقىتتا يوقايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈركىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان دۆلەتلەردە ئەزان چىققاندىن كېيىن يېرىم سائەتكىچە ئىفتار قىلىۋېلىپ شام ئوقۇسىمۇ جائىز. ئالدى بىلەن يەڭگىل ئېغىز ئېچىۋېلىپلا، نامازنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇۋېلىش ئەۋزەل. ئۆيدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا پەزىلەتتە مەسجىدتە ئوقۇغان دەرىجىدە بولمىسىمۇ جامائەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.
307 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. روزا تۇتقاندا تورغا چىقساق، بەزىدە مەينەت رەسىم ياكى فىلىملەر كۆرۈنۈپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئىشتان مەينەت بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدىكەن، مۇشۇنداق بولغاندا روزا بۇزۇلامدۇ؟ قازاسىنى قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بىھايا رەسىم ياكى فىلىملەر كۆرۈش ھارام. جىما قىلماستىن قاراش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، قاراشنى مەنىي چىقىپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرغانلىقتىن روزا سۇندۇرۇش گۇناھىمۇبولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا رامازاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزىسى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ.
308 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمەي، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلاپ، كېچىچە قويۇپ قويسا ساۋاب بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۇخلاش ئالدىدا يېتىپ قىرائەت تىڭشىسىمۇ، كېچىچە قىرائەتنى قويۇپ ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ (دىققەت! دىللار ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ)(13/«رەئد»: 28) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە پايدىسى بار. ئالىملار: «قۇرئان كەرىم زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، زىكىرگە رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. شەيتاننى قوغلايدۇ. شۇڭا، ئادەمزات يوق ئۆيدە ۋاراڭ – چۇرۇڭ يوق چاغلاردا قىرائەت قويۇپ قويسا بولىدۇ» دېگەن.
309 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالام قېرىندىشىم! خىتتاينىڭ بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان، ھەتتا خىتتايغا قارشى بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان ئادەم يەنە مۇسۇلمان بولامدۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچان بىرلىشەلەيدۇ؟ سىز بىر يول كۆرسەتسىڭىز! ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەسەت قىلىشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا يالغان خېرىدار بولۇپ، باھانى قەستەن ئۆرلىتىۋەتمەڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقا، ياردەمگە موھتاج بولغان پەيتتە ياردەم قىلماي تاشلىۋېتىشكە ۋە كەمسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن( «مۇسلىم»، 2564). بۇنىڭغا ئاساسەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا دۇئا، ماددىي ياردەم، گەپ – سۆز ۋە ئۆز ئىمكانىيىتىگە يارىشا ياردەم بەرمىگەن كىشى ۋاجىبنى تاشلىغان ئاسىي مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەربىرى نەپسىنى يەڭگەندە بىرلىشەلەيدۇ. مەنمۇ شۇ نەپسنى يېڭىشكە تىرىشىش يولىنى كۆرسىتىمەن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى نەپس بالالىرىدىن، خىتتاي زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغاي! ئامىن.
310 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! بىر ھەمشىرىمىزنىڭ ئىككى بالىسى باركەن، كىچىكى تېخى يېشىغا توشمىغان. ھازىر ئۈچىنچى پەرزەنتىگە ھامىلىدار بوپتۇ، بوۋاق 12 ھەپتىلىك ئىكەن، دوختۇرلار بوۋاقنىڭ Down syndrome يەنى كەمتۈك بوۋاق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، بۇ خىل كېسەللىكتە بوۋاقنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسىدا قىيىنچىلىق بولۇپ، تۇغۇلغاندىن باشلاپلا نەپەسلىنىشتە قىينىلىدىغان، توختىماي داۋالىتىش كېرەك بولىدىغان، يۈرىكى تۆشۈك ياكى يۈرەكتە مەسىلە بار تۇغۇلىدىغان، بۆرەك كېسەللىكى، بوۋاقنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، كۆز، قۇلاق ۋە باش قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ نورمالدىكىدىن باشقىچە پەرقلىق بولىدىغان، مەسىلەن كالپۇكى تار ياكى كىچىك، بۇرنى، بېشى بىنورمال، سۆڭەك مەسىلىلىرى ۋە يەنە باشقا خىل دېگەندەك ئەھۋاللار ۋە بالىنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەرەققىياتىنىڭ نورمال بوۋاقلارنىڭكىدىن كەينىدە بولىدىغان ئەھۋاللىرى بار ئىكەن. ھەمشىرىمىز توردىن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، بۇ خىل بوۋاقلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ياكى قورساقتىكى ۋاقىتتىلا ئۆلۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا تۇغۇلغاندىن كېيىن داۋالاتمىسا، بىرەر ئايلا ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقى، جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر ئۈچۈن توختىماي داۋالىتىش ئېلىپ بارسىمۇ بىر مەزگىللىك ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ، يەنى بوۋاق تۇغۇلسىمۇ قىسقىلا ئۆمرى بولۇش نىسبىتى يۇقىرىكەن. ناۋادا بوۋاقنىڭ نەتىجىسى ئېنىق ھالدا شۇ دەپ دىئاگنوز قويۇلسا:
1) بۇلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ پەرزەنتىنى تۇغسا، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى داۋالىتىش چىقىمى ۋە ياكى باشقا ھەر خىل سەۋەپلەردىن بوۋاق قىسقا ئۆمۈر كۆرۈپ قالسا، بۇ ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولامدۇ؟
2) ئەگەر ئۇلار يېنىدىكى ئىككى پەرزەنتى بىلەن بۇ خىل كېسەللىك بىلەن تۇغۇلىدىغان بوۋىقىنى بېقىپ ۋە داۋالىتىپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمىسە، بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە گۇناھ بولامدۇ؟
3) قانداق قىلىشى كېرەك؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر.
1) بۇ ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولمايدۇ. دوختۇرلارمۇ ئېھتىماللىق دەپتۇ. جەزملەشتۈرمەپتۇ.
2) دوختۇرلارمۇ يۇقىرىقى ئېغىر ئەھۋاللارنى ئېھتىماللىق دېمەي، جەزملەشتۈرسە 120 كۈندىن بۇرۇن ئالدۇرۇۋەتسە جائىز. ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسا، 120 كۈندىن كېيىنمۇ جائىز.( قرار المجمع الفقهي الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الثانية عشرة المنعقدة بمكة المكرمة في 15 رجب سنة 1410هـ الموافق 10/2/1990م)
3) 120 كۈنگە يېقىنلاشقۇچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، يېقىنلاشقاندا دوختۇرلار داۋن سەندرومنى جەزملەشتۈرسە ئالدۇرۇۋېتىش، جەزملەشتۈرمىسە تەۋەككۇل قىلىپ تۇغۇش كېرەك. ئاللاھ سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!
311 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەنلىكلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. سىلىنىڭ ئالدىدىكى پەتىۋالىرىدا «نارىسىدە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناشلىرى جائىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئويۇنچۇق بار ئۆيدە (بالىلارنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقى) پەرىشتىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ قالمايدۇ» دېگەنلىكلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. مەن قىزىمغا بالاغەتكە يەتمەستە 12 يېشىدا بىر قونچاق ئېيىق ئېلىپ بەرگەنىدىم، چوڭلۇقى ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ بويىچىلىك بولۇپ، كۆز، قۇلاق ۋە بۇرنى بار. قىزىم ھەر كۈنى ئۇ قونچاق ئېيىقنى قۇچاقلاپ ئۇخلايدۇ. ھازىر بالاغەتكە يەتتى. لېكىن، يەنىلا بالىلىقىنى تاشلىماي، ئۇ قونچىقىنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈپ قۇچاقلاپ ياتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، «ئۇ ئېيىقچاق ئوخشاش پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ» دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟ يەنە بىز چوڭ ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قونچاقلارنى ياخشى كۆرسەك (ئۆيدە نارىسىدە بالا يوق ئەھۋال ئاستىدا) ئۇنداق قونچاقلارنى پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسقۇن بولالمايدۇ» دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟ يەنى ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى يېپىۋەتمەستىن ناماز ئوقۇۋەرسەم دېگەندەك…
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! ئىمام ئەينىي «ئۇمدەتۇلقارىي»دا بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ قونچاق ئوينىشىنى مەكروھ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىزگە ياتلىق بولغاندا ئويۇنچۇقلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ ئاپىرىلغان(مۇسلىم: 1422) بولغاچقا، يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قاناتلىق ئات شەكلىدىكى ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرگەن ۋاقتى تەبۇك ياكى خەيبەر غازىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن(ئەبۇ داۋۇد: 4932) بولۇپ، خەيبەر يىلىدا ھەزرىتى ئائىشە 15 ياش، تەبۇك يىلىدا 16 دىن يۇقىرى بولغاچقا، ھافىز ئىبنى ھەجەر «فەتھۇل بارىي»دا تەرجىھ قىلغان بويىچە كۈچلۈك قاراشتا چوڭلارنىڭمۇ قونچاقلارنى ئوينىشىغا رۇخسەت بار.
«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپىدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «يۇقىرىقىلار قونچاق ئويناشنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەنلەرگە خاس رۇخسەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكى ئېھتىياج بولغان تەقدىردە بالاغەتتىن كېيىنكى چاغلارغىمۇ بۇ رۇخسەت ھېساب بولىدۇ. بۇ قونچاق ئويناش رۇخسىتى قىزلارغىلا خاس بولماستىن ئوغۇللارغىمۇ ئوخشاش»(«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپىدىيەسى»، 12 – توم، 121 – بەت). رۇخسەت بولغانىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇن بولالمايدۇ ھەم ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى يېپىۋېتىش كېرەك ئەمەس. نامازخاننىڭ ئالدىغا قويۇلمىسىلا بولىدۇ.
312 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن ۋە دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلسۇن. مەن بۇرۇن «بىر تىجارەتچى بىرەرنەرسىنى ساتماقچى بولۇپ، سودىدا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مالنى تېخى بەرمەي تۇرۇپ، يەنى مال سېتىۋالغۇچى پۇلنى نەقلىگىلى كېتىپ ‹ئەتە ئېلىۋالاي› دېيىشكەن بولسا، ئاندىن پۇلنى ئېلىپ كەلگۈچە ئۇ مالغا باشقا بىر بۇرۇنقىسىدىنمۇ يۇقىرىراق باھادا ئېلىشقا خېرىدار چىقىپ قالغان بولسا، بۇرۇنقىسىغا بەرگەن سۆزىدىن يېنىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى باھادا سېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى» ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى مۇشۇنىڭ ئەكسىچە بىر مال ئالغۇچى بىر سودىگەردىن مال ئالماقچى بولۇپ، يەنى توردا دېيىشتى دېسەك، باھادا كېلىشىپ بولۇپ مالنى دېيىشكەن ۋاقىتتا ئېلىۋالغۇچە باشقىلاردىن ئۇ مالنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دېيىشكىنىدىن يېنىۋېلىپ ئەرزان مالنى ئالسا، ئوخشاش ھارام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇل سودىسىدىن باشقا تاۋار سودىلىرىدا مالنى ياكى پۇلنى بەرمىگەن بولسىمۇ بەيئى قىلىشسا، يەنى ئالدىم – ساتتىم دېيىشسە سودا پۈتكەن بولىدۇ. مالنى شۇنداقلا پۇلنى كېيىن بېرىۋالسا بولىدۇ. ئەمما، بەيئى قىلماي ۋەدىلەشكەن بولسا بۇنىڭدىن ئالغۇچىنىڭمۇ، يانغۇچىنىڭمۇ يېنىشى ھارام. بۇ دېگەنلىك سېتىشتىمۇ، ئېلىشتىمۇ ئوخشاشلا ۋەدىدىن يېنىش ھارام دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىدىن يېنىش ھارام دېگەن قاراش بويىچە دېيىلگەن ھۆكۈم. ئەمما، ئۆرپ – ئادەتتە جەزمىيەت ياكى زاكالەت بىلەن باغلاش بولمىسا، ھەر ئىككى تەرەپ مەزمۇت ۋەدە دەپ قارىمايدىغان بولسا، ياكى ئۇزۇنراق مۇددەت كەلمەي يوقاپ كەتسە، بۇ چىل ۋەدىدىن يېنىش ھارام بولماي، مەكرۇھ ياكى مۇباھ بولۇشىمۇ مۇمكىن.
313 – سوئال: ئۇستاز، پەيغەمبەرلىرىمىز ئاياللىرىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قانداق ئىپادىلەيتتى؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش ئەيىبمۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۈتۈن ھاياتى سۆيگۈ بىلەن تولغان. پاك زەۋجەلىرىگە يىل بويى سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ، ئىزھار قىلىپ تۇرغان. تاماق يەۋاتقاندا، ئاياللىرى قايغۇرغاندا، چاقچاقلاشقاندا، ئويۇن – تاماشا كۆرگەندە، ئاياللىرى كۈندەشلىك قىلغاندا، سەپەردە ۋە جىمى ئەھۋاللاردا تۈرلۈك مۇناسىپ ئۇسۇللار بىلەن ئاياللىرىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان. بۇنى ئۇ زاتنىڭ پۈتۈن سىيرىتىنى، ھەدىس شەرىفلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆزىتىش مۇمكىن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگۈ ئىپادىلەش ئۆرپ – ئادەتكە ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا باغلىق.
314 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) نەپلە نامازنىڭ ۋاقتى بارمۇ ياكى بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن قايسىسىغا ئۇدۇللاپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ 2) چاشگاھ نامىزىنىڭ ئەڭ كېچىككەن ۋاقتى قاچانغىچە؟ 3) كېچىلىك قىيامدا تۇرۇشتا بىر رەكئەتتە 10 ئايەت ياكى ئىككى رەكئەتتە 10 ئايەت ئوقۇپ تۇرسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا ناماز ئوقۇشقا، ھېيت نامازلىرىدىن بۇرۇن، بامدات ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن چىققانغا قەدەر، ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر، كۈن تىكلەشكەندە، پەرز نامازغا تەكبىر چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا ۋە جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلۇۋاتقاندا نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.
2) چاشگاھ نامىزى قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدۇ.
3) ئىختىيار. ئاز دېگەندە بىر رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن ئۈچ ئايەت ئوقۇلسا بولىدۇ.
315 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات چۈشمەيدىغانلار زاكاتنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالماي تۇرۇپ، زاكات چۈشىدىغان بىرەرسىگە ياكى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە بەرسە بولامدۇ ياكى قەتئىي ئالماسلىق كېرەكمۇ؟ زاكاتنى ئېلىپ ئېھتىياج ئىگىسىگە بېرىپ، ئاندىن «ماڭا يېرىمىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىڭ» دېسە بولامدۇ، بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالماسلىق كېرەك ياكى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىجازەت سوراپ ئېلىشى كېرەك ئېھتىياج ئىگىسىگە بېرىپ، ئاندىن «ماڭا يېرىمىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىڭ» دېسە بولمايدۇ.
316 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! جىلباب ئۈچۈن يوپكا ئۈستىگە كاسىسىنى ياپقۇدەك كوپتىلارنى كىيىشكە بولامدۇ ياكى قەتئىي بولمامدۇ؟ جىلبابلارنىڭ رەڭگى قايسى رەڭدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا بولىدۇ؟ قارا رەڭدىن باشقا رەڭلەرگە رۇخسەت بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يوپكا ئۈستىگە كاسىسىنى ياپقۇدەك كەڭرى كوپتىلارنى كىيسە جىلباب ئورنىدا بولىدۇ. بىرەر رەڭدە كىيىش دەيدىغان شەرت يوق. كەڭرى، ئالاھىدە دىققەتنى تارتمايدىغاننى كىيسە بولىدۇ.
317 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن ئالىمجان، ئامېرىكادا تۇرۇۋاتىمەن، مۇشۇ زاكات ۋە پايچەك توغرىسىدا بىر – ئىككى سوئالىم بار ئىدى، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، ئېغىر كۆرمەي، بىلگىنىڭىزچە جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
1) مەسىلەن، مەن ئۆتكەن يىلى 10 مىڭ دوللار تاپتىم ۋە زاكىتىنى بەردىم. بۇ يىل يەنە 20 مىڭ دوللار تاپتىم، بانكىدىكى پۇلۇم 30 مىڭ دوللار بولدى، دەيلى. ئەمدى مەن ئۆتكەن يىلى زاكىتىنى بېرىپ بولغان 10 مىڭ دوللاردىن سىرت بۇ يىل تاپقان 20 مىڭ دوللارغىلا زاكات بېرەمدىم ياكى بانكا ھېسابىمدىكى 30 مىڭ دوللارنىڭ ھەممىسىگىمۇ؟
2) پايچەك بازىرىدىن خەۋىرىڭىز بار، پايچەك باھاسى بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە چۈشۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مەن يىل بېشىدا 10 مىڭ دوللار بىلەن پايچەك بازىرىغا كىرگەن بولسام، يىل ئوتتۇرىغا كەلگەندە 50 – 60 مىڭ دوللارغا چىقتى. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە يەنە چۈشۈپ، 10 – 12 مىڭ دوللار ئەتراپىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا مەن قانچىلىكنى يەنى قايسىنى ھېسابلاپ تۇرۇپ زاكات بېرىمەن؟ مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!
1) 30 مىڭ دوللارنىڭ ھەممىسىگە زاكات ئايرىيسىز. چۈنكى زاكات ھەر ھىجرىيە يىلى بېرىلىدۇ. 2) بۇ ئەھۋالدا يىلنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرىنى ھېساب قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5680
318 – سوئال: ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. زاكات توغرا كېلىشنىڭ شەرتىدە «شۇ مال بىر يىل ساقلانغان بولۇشى كېرەك» دېيىلىپتۇ… مەن توي قىلغىلى ئارانلا تۆت ئاي بولدى، ئۇنداقتا:
1) ئاياللارنىڭ ئالتۇنىمۇ شۇنىڭغا كىرەمدۇ؟
2) مەن بۇ رامازاندا ئالتۇنلىرىمغا زاكات بېرەمدىمەن ياكى كېلەر يىلقى رامازاندىمۇ؟
3) زاكاتنى رامازان ئېيىدىلا بېرىش شەرتمۇ؟
4) باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغان ئاياللار تويلۇق ئالغان ئالتۇنلىرىنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىشى كېرەك؟ (تۈركىيە، ئامىنە تۇرسۇن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىرىدۇ. 2) رامازانغا باغلانماي ئالتۇن قولغا كىرىپ بىر ھىجرىيە يىل بولغاندا زاكىتىنى بېرىسىز. 3) شەرت ئەمەس. 4) كىرىم مەنبەسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئالتۇن 85 گرامدىن ئاشقان بولسا جىمى ئالتۇنغا قىرىقتىن بىرنى زاكات ئايرىشى ۋاجىپ.
319 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالتە ئايلىق ھامىلە ئانا قورسىقىدا ۋاپات بولدى، ھامىلىنى دەپنە قىلغۇچە ۋە دەپنە قىلغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالتە ئايلىق ھامىلە ۋاپات بولسا، يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىمىز. ئالىملاردىن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇپ، ئەقىقە قىلىۋېتىمىز دەيدىغانلارمۇ بار.
320 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەدىقە قانداق ئادەمگە توغرا بۇلىدۇ؟ رامازاندا قىلغان نەرسە سەدىقە بۇلىدىغۇ ھە؟ بەزى چاغلاردا تۇركلەر رامازان پاكىتى دەپ يەشىكلەرنى ئەكىلدىكەن، ئالمىساق ئۇنىماي «سەن دېگەن بۇ يەرگە مۇساپىر» دەيدۇ. بىز ئاللاھقا شۇكرى نۇرمال كېتىپ بارىمىز. بۇ پۇل ۋە پاكىتلەرنى قانداق قىلساق بولىدۇ؟ شۇڭا، سەدىقىنىڭ تېگىشلىك ئادەملىرى بىلەن زاكاتنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش بۇلامدۇ؟ ئاللاھ رازى بۇلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پېقىر، مىسكىن، قەرزدار ۋە كىرىمى ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلارغا سەدىقە دۇرۇس كېلىدۇ. سەدىقە دۇرۇس كەلگەنلەر زاكات ئالسا بولىدىغانلاردۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ ياردەملەرگە مۇھتاج بولسا ئالسا بولىدۇ. مۇھتاج بولمىغانلىقتىن ئالماي دەپ رەت قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇنى باشقا مۇھتاجلارغا بېرىۋەتسە بولىدۇ.
321 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ خەلقىمىز، دىنىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدىن ئىككىلا دۇنيا كاتتا ئەجىر بەرسۇن، ئىلىملىرىنى ۋە ۋاقىتلىرىنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىين! 190 – سۇئالنىڭ جاۋابىدا: «قەرزدارلار قەرزىنى تۆلەپ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە زاكات قوبۇل قىلسا بولىدۇ. باشقىلارمۇ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ. دېيىلىپتۇ. سۇئال: ئۇستاز يۇقىرىدىكى جاۋابتا «قولىدا 5000 دوللار پۇل ئاشقۇچە زاكاتنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ» دەپلا، ئۇنداقتا، مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلىپ، ئالغان مائاشى ئايدىن ئايغا ئاران يېتىدىغان ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان يەرنىڭ پۇل بىرلىكى بويىچە 100-200 (دوللار، لىرا، جۈنەي، دەرھەم) ئاشىدىغان، قولىدا 5000 دوللاردىن ئاز پۇلى بار كىشى زاكات ئالسا بولامدۇ؟ سالامەت بولسىلا!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! قولىدا 5000 دوللاردىن ئاز پۇلى بار كىشى زاكات ئالسا بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشى بويىچە بېرىلگەن جاۋابتۇر. چۈنكى، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا «فەقىر» نىسابقا يەتمىگەن ئىقتىسادقا ئىگە كىشىدۇر. «ئەلئىختىيار» كىتابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «زاكاتنى قولىدىكى پۇل – مېلى (باي دەيدىغان) ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىشىگە گەرچە بۇ كىشى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كەمبەغەلدۇر». دېمەك، ھەنەفىي مەزھەپ دۇرۇس دېيىشتە، ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پىقىر – مىسكىن» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن شۇنداق دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار كىرىمى چىقىمىغا يەتمىگەن كىشى زاكات ئالسا بولىدۇ. يەتكەنلەر ئالمايدۇ، زاكاتنى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرگە بەرسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
322 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاللاھتىن «ئوغۇل بەرگىن» ياكى «قىز پەرزەنت بەرگىن» دەپ تىلىسە توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھامىلدارلىقنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت تىلىسە بولىدۇ. تىلىگەندە ئوغۇل پەرزەنت دەپلا تىلىمەي، پەيغەمبەرلەر تىلىگەندەك، سالىھ ئوغۇل پەرزەنت تىلەش لازىم. چۈنكى، پەرزەنت دېگەن ئاتا – ئانىغا نېئمەت ياكى بالايى – ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. قىز پەرزەنتلەر پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك ئاتا – ئانىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەدىستە: «كىمكى ئىككى قىزنى بېقىپ چوڭ قىلسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە مۇشۇنداق كىرىمىز» دەپ ئىككى بارمىقىنى كۆرسەتكەن.(«تىرمىزىي»: 1914)
323 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قارىي بولمىغان جامائەت سەجدە ئايىتى ئوقۇلغىنىنى بىلەلمەي، ئىمام تىلاۋەت سەجدىسىگە «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارسا، كۆپ سانلىق جامائەت رۇكۇغا ئېگىلىپ تۇرسا ۋە ئىمام سەجدىدىن تۇرۇپ «ئاللاھۇئەكبەر» دېسە، يەنە خېلى كۆپ كىشىلەر «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ»نى ئاڭلىماي قالغان ئوخشايمەن، دەپ سەجدىگە كەتسە، بۇ ئەھۋالدا جامائەتنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىمام تىلاۋەت سەجدىسىگە بارغىنىدا ئاۋاز ئېنىق ئاڭلانمىغانلىقتىن ئىقتىدا قىلغۇچىلار ئىمامنى رۇكۇغا باردى دەپ ئويلاپ رۇكۇغا بارسا ۋە خاتا قىلغانلىقىنى ئىمام سەجدىدىن تۇرغاندا ئاندىن بىلسە، دەرھال تىك تۇرۇپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ ۋە ئىمامى بىلەن قايتا رۇكۇغا بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تىلاۋەت سەجدىسىنى ئىقتىدا قىلغۇچىلار نامازدىن پارىغ بولغاندا ئۆز ئالدىغا قىلىۋەتسە بولىدۇ.
ئەگەر ئۇلار رۇكۇغا بارغىنىدا ئىمامنىڭ سەجدىگە كەتكەنلىكىنى بىلسە، دەرھال سەجدىگە بېرىپ ئىمامغا ئەگىشىشى ۋاجىب بولىدۇ.
324 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر كىشى پېشىن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىپ «ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇيمەن» دەپ نىيەت قىلىپ، ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىن ئورنىدىن قوپۇپ كېتىپ تۆت رەكئەت ئوقۇپ قالسا، سۈننەتكە ھېساب قىلسا بولامدۇ؟ ئەگەر بولمىسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەكمۇ؟ كېيىن «لزم النفل بالشروع» بولۇپ قازاسىنى قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەھىييەتۇلمەسجىد نەپلە نامازلار قاتارىدىن بولۇپ، ئەگەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرماي ئۈچىنچى رەكئەتكە قوپۇپ كەتكەن بولسا، ئۈچىنچى رەكئەتىنىڭ سەجدىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغانلىقى ئېسىگە كەلگەن بولسا قايتىپلا ئولتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭدا سەھۋەنلىك بولغاچقا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ نامازنى تاماملايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد تامام بولىدۇ. ئەمما، ئۈچىنچى رەكئەت سەجدىسىگە بارغان بولسا، تۆتىنچى رەكئەتنىمۇ قوشۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئاخىرقى ئىككى رەكئەت ئايرىم نەپلە بولىدۇ. بۇ تۆت رەكئەتنى پەرز نامازنىڭ سۈننىتىگە ھېساب قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇنى باشتىن سۈننەت دەپ نىيەت قىلمىغان ھەم ئىككى رەكئىتى تەھىييەتۇلمەسجىدكە نىيەت قىلىنىپ ئادا قىلىنغان. كېيىن قازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى تەھىييەتۇلمەسجىدمۇ، كېيىنكى نەپلىمۇ ئادا قىلىنغان.
325 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن زاكات توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسىلەرنى سوراي دېگەنتىم. مېنىڭ بىر قورساق قېرىندىشىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، 3 بالا بىلەن يالغۇز، ھەپتىدە 80 ياۋرو ئالىدۇ، شۇڭا مەن زاكاتنى قېرىندىشىمغا بەرسەم بولامدۇ؟ لېكىن، مېنىڭ ئۇ قېرىندىشىم ئىقتىساد جەھەتتە بەتخەجرەك، پۇلنى سەل بۇزۇپ چاچىدۇ. شۇڭا، زاكاتنى قولىغا بەرسەم ياخشى بولامدۇ ياكى ئېھتىياجى بار نەرسىنى ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قېرىندىشىڭىزنىڭ تۇرمۇشنى قامداش ئېھتىياجى بولسا زاكاتنى ئۇنىڭغا بەرسىڭىز بولىدۇ. بەتخەج بولسا بىر قىسمىغا ئاساسلىق ئېھتىياجىنى ئۇدۇللۇق ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسمىنى قولىغا تۇتقۇزسىڭىز مۇناسىپ.
326 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئۇستاز. جەمئىيىتىمىزدە بەزى خانىملار قاش – كۆزىنى چەكتۈرىدۇ. قاپاقنى كەستۈرۈپ قوش قاپاق چىقىرىدۇ. كۆزنىڭ ئاستىدىكى ياغ خالتىسى (خىتايچە يەندەي) نىمۇ كەستۈرۈپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ گۇناھى بارمۇ؟ مەن ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ چىرايغا شۈكۈر قىلىمەن، يۈزمىڭ شۈكۈر!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كېسەللىك ياكى ئۆزرە بولماستىن پەقەت تېخىمۇ گۈزەل ھۆسن ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ئايەت – ھەدىسلەردە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان، لەنەت قىلىنغان قىلمىشلاردۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ پەتۋا بار: https://sajiya.biz/?p=6362
327 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سېتىش مەقسىتىدە ئۆي، بىنا سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان كىشى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر قىسمى پۈتكەن، بىر قىسمى يېرىملاشقان ۋە بىرقىسمى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولسا، بۇ پۈتكەن ۋە پۈتمىگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرۇلۇشلار تىجارەت مەقسىتىدە بولۇپ، بىر قىسمى پۈتكەن، بىر قىسمى تېخى پۈتمىگەن بولسۇن، ياكى ھەممىسى پۈتمىگەن بولسۇن، ئۇلارنى ھازىر سېتىشقا چىقارمىغان، ھەممىسى پۈتكەندە ساتىدىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرقى بازار باھاسىدا بوداپ، قىممىتى بويىچە ھېسابلاپ زاكات ئايرىيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2813
328 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. «ئوبۇلقاسىم» دېگەن ئىسىمنى پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەنمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ ئىسمىمنى قويۇڭلار، كۇنيىتىمنى قوللانماڭلار»(«سەھىھەين»: «بۇخارىي»، 6188؛ «مۇسلىم»، 2131) دېگەن بولۇپ، ئالىملار بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا شۇنداق ئىسىم ۋە كۇنيەت قويۇشنى چەكلىگەن. ئۇندىن كېيىن چەكلەنمەيدۇ دەپ خۇلاسىلەيدۇ. دېمەك، ھازىر ئوبۇلقاسىم دەپ ئىسىم قويسا بولىدۇ.
329 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ زاكات ۋە سەدىقە فىتىرنى ئامېرىكىدىكى راكتىن داۋالىنىۋاتقان قېرىندىشىمىزغا بەرسەك بولامدۇ ياكى دۇرۇس كەلمەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. راك بىمارى مۇسۇلمان پېقىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى داۋالىنىش چىقىمىنى قامداشقا يەتمىسە ياكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلار داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرمەيدىغان بولسا، داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن پېقىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا زاكات بېرىلسە بولىدۇ. سەدىقە فىتىرمۇ ئۇنىڭغا بېرىلسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىمۇ پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.
330 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر كىشىنىڭ 50 مىڭ لىرا نەق پۇلى 50 گرام ئالتۇنى باركەن زاكات كېلەمدۇ؟ زاكات كەلسە قايسى شەكىلدە ھېسابلىنىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يىل 85 گىرام ئالتۇن باھاسى 5100 دوللەرگە يېقىن كېلىدىغان بولغاچقا، قولىدىكى ئالتۇن بىلەن لىرانى قوشۇپ ھەممىگە زاكات ئايرىيدۇ. ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ ياكى ئايرىم – ئايرىم بەرسىمۇ ھەممىگە %2.5 (قىرىقتىن بىرى) نى بېرىدۇ.
331 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پالان ئىشنى قىلدىم» دېيىش توغرىمۇ؟ مەسلەن «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ كىتابنى ئوقۇدۇم» دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
332 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. فىتىر ھەققىنى چوقۇم زاكات بەرگەن ئادەمگە ياكى ئورۇنغا بېرىش كېرەكمۇ ياكى باشقا يەرگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. فىتىرنى چوقۇم زاكات بەرگەن ئادەمگە بېرىش كېرەك ئەمەس، باشقا شەخسكە بەرسىمۇ بولىدۇ. فىتىرنى يوقسۇللارغا بېرىدۇ. ئەگەر يوقسۇللارغا يەتكۈزىدىغان ئورۇن بولسا مەيلى. ئەمما، ئۆز ئىشىغا ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا بەرسە كۈچلۈك قاراشتا بولمايدۇ. فىتىرنى زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار.
333 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىلەك، پۇت ۋە پاقالچاقتىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ كالپۇك ئۈستىدىكى تۈك (ئىنچىكە بۇرۇت) نى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمىچۇ؟ (يولدىشىمىزنىڭ چاقچىقىغا ياكى مازاق قىلىشىغا قالىدىغان ئەھۋاللار بار، يەنە بەزى تۈرك ئايال قېرىنداشلار ئۇ تۈكلەرنى مەينەت قاتارىغا چىقىرىدىكەن. چۈشۈرمىسە ئەيىب سانايدىغانلارمۇ كۆپ)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بىلەك، پۇت ۋە پاقالچاقتىكى تۈكلەرنى، شۇنداقلا يۈزدىكى قاشتىن باشقا تۈك ۋە بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈش جائىز. ئۇ تۈكلەرنى چۈشۈرمەسلىكمۇ تەلەپ قىلىنمىغان. تېخى ئېرىگە ياسىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈش مۇستەھەب بولىدۇ. ئەر ئايالىنى ئۇ تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ ياسىنىشقا بۇيرۇغان ئەھۋالدا چۈشۈرۈۋېتىشى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ بولمىغان ھەم ئەرنىڭ ھەققى چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئەرگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ. لازىر بىلەن چۈشۈرۈش (چىقماس قىلىۋېتىشمۇ) ئەگەر زىيانلىق بولمىغان ئەھۋالدا جائىز. ئەۋرەت تۈكلىرىنىمۇ لازىر بىلەن چۈشۈرۈش (چىقماس قىلىۋېتىشمۇ) زىيانلىق بولمىغاندا جائىز. لېكىن، ئەۋرەتكە لازىر ئىشلەتكەندە باشقىلار (يات ئەر ياكى ئاياللار) ئەۋرەتكە قارىسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6362
334 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! 1) «ئايالنىڭ فىزىئولوگىيىلىك سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، پەرزەنتلىك بولۇشتا ئارىلىق قالدۇرسا بولىدۇ» دەپ ئوقۇغان ئىدىم، لېكىن روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولمىسىچۇ؟ يەنىلا سۈپەتتىن سان مۇھىممۇ؟ 2) چەتئەلدە ھېچقانداق ياردەم ئالماي ئۆزى يالغۇز بالا بېقىۋاتقان ئانىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن چارچاش ياكى بالىلىقىدىن كەلگەن زەخمىسى ياكى بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بالىنى توختىماي ئۇرىدىغان ۋە تىللايدىغان ئەھۋاللار كۆپكەن، ئىسلام دىنى باقالىغۇدەك كۆپ بالا تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلامدۇ ياكى سۆيگۈ – مېھرىگە قاندۇرۇپ چوڭ قىلالىغۇدەك دەرىجىدە بالا تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئىسلام دىنى نەسلنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە تۇغۇلغان بالا ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ئوخشاشلا قارشى ئالغان، لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى زۆرۈر ئەھۋاللاردا تۇغۇتنى رەتكە سېلىشقا رۇخسەت قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پەرزەنتنى ئازايتىش ئۈچۈن كىشىلەر قوللانغان ئەڭ مەشھۇر ئۇسۇل ئەزل قىلىش (مەنىنى سىرتقا تۆكۈۋېتىش) ئىدى. ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا ساھابەلەر شۇنداق قىلاتتى. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە «قۇرئان» نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا بىز ئەزل قىلاتتۇق»(«بۇخارىي»، 5209؛ «مۇسلىم»، 1440). دېمەك، بۇ ئەسلىدە مۇباھ ئىش. تۇغۇت ياكى ھامىلىدارلىق تۈپەيلىدىن ئانىنىڭ ھاياتىغا ياكى تەن سالامەتلىكىگە خەۋپ يېتىش تۇغۇتنى رەتكە سېلىشنى جائىز قىلىدىغان زۆرۈر ئەھۋاللار قاتارىدىن بولۇپ، ئانىنىڭ روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولمىسا بالىنى بېقىپ تەربىيەلەشتە بالىغىمۇ زىيان كېلىشى ئېنىق. 2) ئەلبەتتە سانمۇ، سۈپەتمۇ مۇھىم. بالىلارنى ئۇرۇش ۋە تىللاش بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە مەلۇم جەھەتتىن چېتىلسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي بېسىمدا ئاز بالىلىقلار كۆپ بالىلىقلاردىن ئانچە پەرقلەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بىر بالىسى بارلارمۇ ئۇرۇپ سېلىشى مۇمكىن. بەش بالىسى بارلار ئۇرماسلىقىمۇ مۇمكىن. سۈپەتنى ساننىڭ ئازلىقىغا باغلىۋېلىشمۇ پۈتۈنلەي توغرا چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن. توختىماي ئارقا – ئاقىدىن تۇغۇپ بالىلىرى بىلەن كارى بولماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك. ياخشى بېقىپ كېتەلىسە گۈزەل ئىش. ئومۇمەن ھەركىم تاقىتىنىڭ يېتىشىچە سۈپەتلىك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى زۆرۈر.
335 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. ئالدىدىكى پەتىۋالىرىدا «نايك» ماركىسىدىكى كىيىمنى كىيىشنىڭ ھۆكمى ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. بۇ ماركىدىكى كىيىملەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بەك قىممەت ئىكەن. لېكىن، بازارلاردا يەنى كىچىك تىككۈچىلەر پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇ ماركىنى قوللىنىپ ئەرزان ساتىدىغان ئىشلار بار. دېمەكچى بولغىنىم: شۇنىڭغا ئوخشىغان ماللارمۇ ئەسلى ئۇ «نايك» شىركىتىنىڭ مېلى بولمىغان ھەم سۈپىتى ئوخشاشمىغان شۇ ئەرزان پۇللۇق پەقەت ماركىسى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋېلىپ سېتىلغان ماللارنى كىيىشمۇ ئوخشاش ھارام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. مەن نايك (بەزى قېرىنداشلار نىيكى دەپ ئوقۇيدىكەن) ماركىلىق كىيىم – كېچەك ۋە تەنتەربىيە ئۈسكىنىلىرىنى ھارام دەپ قارايدىغان ئالىملار بارلىقىنى بايان قىلدىم. ئۇ قاراش بويىچە ئەرزىنى ياكى ساختىسىمۇ ئوخشاش. چۈنكى بۇ ماركا شىرك ئېتىقادنى ئىپادىلەيدىكەن. مەن كېسىپ ھارام دېيەلمىسەممۇ، باشقا نۇرغۇن ماركا ۋە كىيىملەر كەڭ – تاشا بار بولغاندىن كېيىن، ساختىسى بولسىمۇ كىيمەسلىك لازىم دەپ قارايمەن.
336 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قەدر كېچىسىدە قىلىنغان ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى ئەمەلنىڭ تۈرلىرىدىن بولغان سەدىقىنىمۇ مۇشۇ كېچىدە بېرىشنى ئويلاشقان بولساق، ئەمما ئۇ سەدىقەنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى باشقا دۆلەتتە بولۇپ، بىۋاسىتە كارتىسىغا ئۇرۇش ياكى قولدىن بېرىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، (چوقۇم باشقا ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەتكۈزۈشتىن باشقا ئامال يوق) بىز شۇ كېچىدە مەلۇم سومما پۇلنى ئۆزىمىز كۆڭلىمىزدىن ئاتاپ بىر يەرگە قوپقويۇپ، كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىش ئىمكانى تېپىپ يەتكۈزۈپ بەرسەكمۇ، قەدر كېچىسىدە سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولارمۇ ياكى شۇ كىشى قولىغا ئالغان كۈنى قايسى كۈن بولسا ئەجىر شۇ كۈنگە قارىتا ھېسابلىنارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. رامازاندا قىلىنغان سەدىقە ۋە تۈرلۈك ئەمەللەر باشقا چاغدىكىدىن ئەۋزەل، قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە بولغاچقا، بۇ پەزىلەتلىك كېچە – كۈندۈزلەردە تېخىمۇ ئەۋزەل. لېكىن، قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچىلىكىنى بىز بىلمەيمىز. شۇڭا رامازان ئىچىدە ياكى بولمىسا ئاخىرقى ئون كۈندە ئالغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسەك ئەۋزەل.
337 – سوئال: ئايالى ئەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياكى ئېرى تۈگەپ كېتىپ، ياكى ئېرىدىن بەكرەك ئىقتىساد تېپىش ھۈنىرى بولۇپ، ياكى ئېرى مېيىپ ۋەياكى كېسەل بولغانلىقتىن ئائىلىگە يەتكۈدەك پۇل تېپىشقا ئامالى بولمىسا ياكى ئىمكانى يەتمىسە، شۇ تۈپەيلى ئايالى مۇۋاپىق خىزمەت قىلىپ ئۆينىڭ يۈكىنى ئاساسلىق كۆتۈرسە، ئەمما ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن كۆپ نەفلە ئىبادەت قىلالمىسا، بۇ ئايالغا يەنىلا ئەجىر بېرىلەمدۇ؟
جاۋاب: ئەلبەتتە. ھالال پۇل تېپىپ ئائىلىنى قامداش ۋە بالىلارنى بېقىش ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەت ۋە ئەمەللەر قاتارىدىندۇر. ھالال پۇل تېپىش نەپلە ئىبادەتتىن ئۈستۈن. چۈنكى، ھالال پۇل تېپىش بەزى ئەھۋاللاردا ۋاجىب دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن.
338 – سوئال: «ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى سۆزلەپ بېرىش نېئمەتكە شۈكرى قىلغانلىققا كىرىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم. (ئەگەر بۇ توغرا بولسا) ئەمما، سۆزلەپ بەرسە بەكرەك كۆز تېگىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ياكى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەسىلەن، ئاللاھنىڭ بەرگەن ئاسانلىق، رەھمەت، بەخت ۋە ئىلىم دېگەندەك نېئمەتلىرىنى شۈكۈر قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا «پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېئمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن» دەپ بۇيرۇغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش شۈكۈردۇر، تىلغا ئالماسلىق كۇفۇرلۇقتۇر» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18472). لېكىن، ئالىملىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، نېئمەتنى سۆزلەپ بېرىش نېئمەت ئاتا قىلغان زاتنى ئۇلۇغلاش، تەسەننا ئوقۇش، شۈكۈر قىلىش ۋە شۇنىڭدىنلا تىلەش كۆزلەنگىنىدە ناھايىتى توغرا ئەمەل بولىدۇ. ئەمما، ئۇ نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولسا بۇ توغرا ئەمەس. يەنە نېئمەتنى تىلغا ئېلىش باشقىلارنىڭ كۆز تېگىشى ياكى ھەسەت قىلىشى ياكى كۆرەلمەي دۈشمەنلىك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان خاس نېئمەتنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا خالايىققا ئاتا قىلىنغان ئومۇم نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خاس نېئمەتنى يوشۇرۇن تۇتۇش ئەۋزەل. بۇنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاش كېرەك. ئۇنداق ئەنسىرەش بولمىغان ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئويلاپ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ نېئمەتنى تىلغا ئالسا بولىۋېرىدۇ. بۇ بارىدا مۇھىم بولغىنى يەنە تۈرلۈك دۇئا ۋە زىكىرلەرنى قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق يامان كۆزلەردىن، ھەسەتتىن ۋە سۈيقەستلەردىن پاناھلىنىش. بۇنىڭ بىلەن كۆز تېگىشتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا تەۋەككۈل قىلىش بولمىغانلىقتىن ئەقىدە لىڭشىپ قالىدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقاندەك، كۆزدىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى تەۋھىدنى ساغلام ۋە ساپ تۇتۇش، ئوي – پىكرىنى جىمى سەۋەبلەرنىڭ ئىگىسى بولمىش ئەزىز ۋە ھەكىم زات ئاللاھ تائالاغا قارىتىش، «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، پايدا – زىيان پەقەت ئاللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن بولىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش. بەندە تەۋھىدنى ساپلاشتۇرغىنىدا، قەلبىدىن «ئاللاھتىن باشقىدىن قورقۇش» چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھتىنلا قورقىدۇ. («بەدائىئۇل فەۋائىد»، 2 – توم، 463 – 469 – بەت)
339 – سوئال: بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە سەپەر قىلىپ، ئون نەچچە كۈن شۇ شەھەردە تۇرغان كىشى شۇ شەھەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا چوقۇم روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ ياكى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەڭ ئاز دېگەندە 85 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىققا سەپەر قىلغان كىشى سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. بۇ ئارىلىقنى ئايروپىلان، پاراخوت ياكى پويىزدەك هەرقانداق قاتناش قورالى بىلەن قىسقا ۋاقىتتا بېسىپ بولسىمۇ مەيلى. سەپەر قىلىپ بىر جايدا 15 كۈنگىچە تۇرماقچى بولسا، سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمى داۋاملىشىدۇ. 15 كۈندىن كۆپ تۇرماقچى بولسا سەپەردىكى كىشى ھېسابلانمايدۇ. سەپەردىكى كىشى رامازاندا پەرز روزىنى تۇتماي، كېيىن بىر يەردە مۇقىم تۇرغاندا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. فىدىيە ياكى كەفارەت كەلمەيدۇ.
340 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن ھامىلىدار بولۇپ، ھامىلىدارلىق ئېلىپ كېلىدىغان قوشۇمچە مەلۇم بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپتۇ. مۇسۇلمان دوختۇر «روزا تۇتسىڭىز بولمايدۇ» دېگەن بولسا، ئەمما ئۇ ئايال «خۇدانىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ» دەپ روزا تۇتۇپ، كېيىن ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى بايقالغان بولسا ياكى بىنورمال يېتىلگەن بولسا، بۇ ھالدا ئۇ ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھكار بولىدۇ.
341 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جاۋابىنى مۇنۇ يازمىلاردىن ئوقۇۋالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6509 https://sajiya.biz/?p=7019
342 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى تاق كېچىلىرىدىن مۇقىم بىر كېچىمۇ؟ ياكى ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟ مەسىلەن، بۇ يىل 23 – كېچىدە بولسا، كېلەر يىلى 27 – كېچىسى دېگەندەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قەدر كېچىسىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. 27 – كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. بەزىدە 27 – كېچىسى، يەنە بەزىدە 21 – كېچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، پۈتۈن رامازان ئېيىدا، خۇسۇسەن، ئاخىرقى ئون كۈنىدە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش، ئىبادەت ۋە دۇئادا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈردۇر.
343 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاننىڭ تاق كېچىلىرى جۈمە كېچسىگە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ قەدىر كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس قايسى؟ سەھىھمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنداق ھەدىس يوق. قەدر كېچىسىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. تاق كېچىدە دەپمۇ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاخىرقى ئون كۈننى كېچىسى بىلەن تائەتتە ئۆتكۈزسەك، قەدر كېچىسىنى قولدىن بەرمەسلىكنى كەسكىن كاپالەتكە ئېگە قىلغان بولىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىر كېچىسى بولمىغان كېچىلەردىكى تائەت – ئىبادەت سەۋەبىدىن دوزاختىن قۇتۇلىشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا، قەدىر كېچىسىنى بىلىشكە ئۇنچە كۈچەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. بىلمەسلىكىمىز بىز ئۈچۈن خەيرلىكتۇر.
344 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەممىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، جىلباب مەسىلىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا. چۈنكى، بۇ قۇرئاندا ئايەت نازىل بولغان پەرز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىسلام مۇسلىمەلەرنىڭ يۆگىنىش مەسىلىسىدە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاياللارغا ئىچىدىكى بەدىنىنى كۆرسىتىدىغان، خۇسۇسەن بەل، مەيدە ۋە ساغرىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش ئورۇنلىرىنى ھەجىم ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم قىلىدىغان دەرىجىدە نېپىز، تار كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشنى ھارام قىلدى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا سىرتقا چىقىدىغان چاغدا كەڭ ۋە ھەممە يەرنى تولۇق يۆگەيدىغان كىيىم بىلەن چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئاشۇنداق ئېسىل كىيىم بىلەنلا كافىر ۋە باشقا بۇزۇق ئاياللاردىن پەرقلىنەلەيدۇ. بۇ ھەقتە جانابىي ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بۇ ئىلاھىي ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئۈممىتىگە ئېلان قىلىشنى بۇيرۇغان: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن! بۇنداق قىلغاندا ئۇلار (نىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكى) ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 59). بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە (جىلباب)» ئايال كىشى يۆگىنىدىغان چوڭ كىيىمدۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بەزى ئاياللار ئۆيىدىن تالاغا چىققان چاغدا كۆكرەك، چاچ ۋە بويۇن قاتارلىق بەزى گۈزەللىكلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق پاسىقلارنى ۋە يامان يولدىكى كىشىلەرنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈۋالاتتى. شۇڭا، بۇ ئۇلۇغ ئايەت مۇئمىنە ئايالنى بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرى ئېچىلىپ قالماسلىقى، ئىپپەتلىك مۇئمىنە ئىكەنلىكى كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشى ۋە ھېچقانداق بۇزۇق ئادەم ۋەياكى مۇناپىقنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلماسلىقى ئۈچۈن، كىيىمى بىلەن ئۈستىنى تولۇق يېپىشقا بۇيرۇدى. ئايەتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ بۇيرۇق بەزىلەر دېگەندەك، ئاياللاردىن قورققانلىقتىن ياكى ئۇلارغا ئىشەنمىگەنلىكتىن بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا پاسىق ۋە بۇزۇق كىشىلەرنىڭ ئازار بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتۇر. چۈنكى، زىبۇزىننىتىنى ئېچىۋەتكەن، ماڭغاندا نايناقشىپ ماڭىدىغان، گەپ قىلغاندا نازلىنىپ گەپ قىلىدىغان ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە يامان يولدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدە تەمە پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا قىلغان بۇيرۇقىنىڭ كۆرسەتكەن ئۆلچىمىدۇر: ﴿نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار! چۈنكى دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 32). قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام».
345 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ زاكات كېلىدىغان پۇلىمىز باشقا دۆلەتتە يەنى باشقا تونۇشىمىزنىڭ نامىدا بانكىدا تۇرغىلى نەچچە يىل بولدى. تونۇشىمىزمۇ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇ دۆلەتكە بارالمايۋاتىدۇ، بۇ يىللاردا بىز يېنىمىزدا بارنى زاكاتقا بېرىپ كەلدۇق، ئەمما ھازىر «زاكاتقا بېرەيلى» دېسەك، يېنىمىزدا پەقەتلا پۇل يوق بولۇپ قالدى. شۇڭا، بىز يېقىنلىرىمىزدىن قەرز ئېلىپ زاكات بەرسەك جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قەرز ئېلىپ زاكات بەرسە جائىز. بۇ ئەڭ ئەۋزىلى. يەنە بانكىدىكى پۇلنى ھازىر قولىغا ئېلىپ پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا، قولىغا ئالغاندا ئاندىن ئۆتكەن يىللارنىڭكىنى بىراقلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك پۇلنى بىرنەچچە يىل قولىغا ئالالماي قالسا، قولىغا ئالغاندا ئاخىرقى بىر يىلنىڭ زاكىتىنىلا بېرىدۇ دېگەن قاراشمۇ بار.
346 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىنسان راستتىنلا تىلىنىڭ يامانلىقى سەۋەبلىك گەرچە ئۇ ناھايىتى تەقۋا، ئىبادەتكە بەك كۈچەيدىغان بىرسى بولسىمۇ دوزاخقا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىسى (ئاغزى) ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسى (چاترىقى) نى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىلمەن»(«بۇخارىي»، 6474).
يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ قەلبى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قەلبى تىلى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ»(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 13071).
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
– بۇ تىلىڭنى يىغقىن! – دېگەنىدى، مەن:
– ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇق؟ – دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
– ئىست ساڭا، كىشىلەرنىڭ دوزاخقا دۈم تاشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغىنى ئۇلارنىڭ تىللىرى بولماي نېمە؟ – دېدى(«تىرمىزىي»، 2616).
347 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇشۇ ئەھلى ئىلىم دېگەن نامغا زادى قانداق كىشىلەر لايىق؟ شۇنىڭ ئۆلچىمىنى دەپ بەرگەن بولسىلا؟ بىر ئۇستازىمىز ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلەش، بويسۇنۇش، قوغداش ۋە قوللاشقا بۇيرۇلغانلىقىمىزنى تەكىتلىگەنىدى، شۇڭا سورىشىم. يەنە بىرسى دىندا ياكى پەندە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئەمما زالىم خىتتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق بولمىغان، كىشىلەرگە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئالىم، ئۆلىما، ئەھلى ئىلىم دېيىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»﴾(39/«زۇمەر»: 9). ئەھلى ئىلىم دېگەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، دۇنياغا قىزىقمايدىغان، ئاخىرەتكە قىزىقىدىغان، دىنىدىن خەۋەردار، پەرۋەردىگارىغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان پەرھىزكار، مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىغا چېقىلمايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىدىغان كىشىدۇر. بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، قوللاش، قوغداش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش لازىم. دىندا ياكى پەندە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئەمما زالىم خىتتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق بولمىغان كىشى ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشنى بىلمىگەن، مۇھەببەت – نەپرەت، تەۋەللا – تەبەررانى ئۆزلەشتۈرمىگەن كىشى بولۇپ، ئۇنى ئەھلى ئىلىم (ياكى زىيالىي) دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، كىشىلەرگە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئالىم، ئۆلىما، ئەھلى ئىلىم دېيىش مەلۇم جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئارلاشماسلىق سەۋەبىگە، ئارىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئارىلىشىشنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولۇشىنى قانداق چۈشىنىشىگە باغلىق.
348 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىنىمىزنىڭ روھىنى تولۇق مۇكەممەل چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ (دىننى كەسىپ قىلىپ ئوقۇپ بولالمىغانلار)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توغرا ۋە ساغلام كىتابلارنى، رەببانىي ئۇستازلارنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىسلامنى ھەقىقىي ئەمەلىي ياشاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
349 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇھاجىرەتتە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسى بەك بۇزۇلۇپ كەتكەنمۇ – قانداق، بەكلا گۇمانخورلىشىپ كەتكەندەك. خەۋەرنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق تەكشۈرمەي، پەرىزىگە ئاساسلىنىپلا ئادەمدىن گۇمانلىنىدىغان، تۆھمەت قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارغا ئاز – تولا شاھىت بولۇپ قالدىم. ئىشنىڭ يامان يېرى، «يامان گۇمانلىنىپتىمەن، كەچۈرۈڭ» دەيدىغان ئىشمۇ يوق. مەن مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسىگە ئۇچرىدىم. قارشى تەرەپ گۇمانىغا ئاساسلىنىپ باشتىن – ئاخىر تۆھمىتىدە چىڭ تۇردى. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىمنى تۆكتى. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇلۇغ رامازاندىمۇ ئۇنى قەتئىي ئەپۇ قىلالمىدىم. سوئالىم: گۇمانخورلۇق، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە تۆھمەتخورلۇقنىڭ جازاسى نېمە؟ بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇماننىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى بولمايدۇ. ھەممىسى يامان قىلمىشتۇر. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى گۇماندىن ۋە تىللىرىنى غەيۋەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىشمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرىدىندۇر. ئىنسان ئۆزى گۇمانغا قالماسلىقى ئۈچۈن، تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. گۇمانخورلۇق، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە تۆھمەتخورلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، بۇ دۇنيادا باشقىلار تەرىپىدىن شۇ تۈردىكى قىلمىشلارغا دۇچار قىلىنىش بىلەن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بىلەن جازالىنىشى مۇمكىن.
350 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تۈنۈگۈن سورالغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ «12 ھەپتىلىك ھامىلىسىنى Down syndrome بولۇش ئېھتىماللىقى بار ھەم بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەرخىل كېسەل بولۇشى مۇمكىن جىق ياشىيالمايدىكەن، دېگەندەك ئېھتىماللىقلارنى دەپ بالىنى ئالدۇرۇۋېتىش توغرىمۇ» دەپ سوراپتىكەن. دوكتور: «ئەگەر ئېنىق شۇنداق بولسا، ئالدۇرۇۋەتسە بولىدۇ» دەپتۇ.
مېنىڭ 10 ئايلىق بولغان بوۋىقىممۇ شۇنداق بولۇپ، يۈرەكتىن مەسىلە چىقىپ ئۈچ ئايلىقتا ئوپىراتىسيە بولدى، باشقا يەرلىرىدىن چاتاق چىقمىدى ساق، ئىنشائاللاھ. چوقۇم ھەر ئايدا بالىلار دوختۇرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىمىز ھەم گېنېتىك بۆلۈمىدىمۇ تەكشۈرتىمىز، سالامەتلىكى ياخشى ھازىر. شۇڭا، ئۇ قېرىندىشىمىز دېگەندەك، سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىدىغان ئېھتىماللىق بالا تۇغۇلۇپ ئىش باشقا كەلگەندە چىقىدۇ، دوختۇرلار پەقەت ئېھتىماللىقنى دەيدۇ.
ھەم تۈركىيەنىڭ يىلدىرىم سالىھە ئەردىم، نۇرەددىن يىلدىز دېگەندەك دەۋەتچىلىرىمۇ: «بالا قانچىلىك ئەنگەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئانىنىڭ جېنىغا خەتەر يەتمىسىلا بالىنى ئالدۇرۇۋېتىش ھارام» دەيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بالىلار بار بولۇپ، تۈركلەرمۇ تۇغۇپ باقىدۇ. مەن ئېنىستىگرامدا ھەم شۇنداقلارغا ئەگىشىپ چىقارغان نەرسىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
ئاندىن ئەگەر ۋەتەنداش بولسا، داۋالىتىش چىقىم ئىشلىرى ھەممىسى ھەقسىز. شۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن.
مەن بۇ ھەقتە بەك جىق ئىزدىنىپ كەتتىم، «دوختۇرلار 100% شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دەپ ساق تۇغۇلغان بالىلار بار، «ساق» دەپ شۇنداق كېسەللىكتە تۇغۇلغان بالىلار ھەم بار، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىمۇ ئىنسان ياسىغاندىكىن خاتالىق بولۇپ قالىدۇ.
ھەم مېنىڭ بوۋىقىم ھازىر نورمال ئۆمىلەشكە ئاز قالدى، بۇ بالىلار ۋەتەنداش بولسىلا، دۆلەتتىن راپور بېرىدۇ، شۇنى ئېلىپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ھەم فىزىك ۋە «ئۇنىۋېرسال ئېگىتىم» دەپ دەرسى بار، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى نورمال بالىلارغا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن شۇ يەرگە ئاپىرىمىز.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن «ئالدىراپلا بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە بولمايدۇ» دەپ بىلىمەن. ھەم بۇ ئىشەنچىسىز دوختۇرلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلار شۇ ئېلىۋېتەيلى دەپ ئارانلا تۇرىدۇ. ھەم بالىنىڭ ئۇنداق بولۇشىنى antibiosentez دەيدۇ تۈركلەر، بالا 12 ھەپتىلىك بولغاندا، ئانىنىڭ قورسىقىغا يىڭنە سانجىپ ھامىلىنىڭ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۇنداق گېنېتىك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئاز دېگەندە تۆت ھەپتىدە ئاران چىقىدۇ، ئۇنىڭغىچە ھامىلە 16 – 17 ھەپتىلىك بولۇپ پۈتۈن يېتىلىپ بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، «ئۇ بالىنى ئېلىۋېتىش دېگەنلىك بىر جاننى ئۆلتۈرۈش» دېگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ رازى بولسۇن! ئانىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغاندەك ئېغىر ئەھۋاللاردا بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە بىر جاننى ئۆلتۈرۈش بولمايدۇ. بەلكى ساق بىر جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ساق بولۇشى ئېھتىماللىق بىر تۆرەلمىنى يوقىتىش بولىدۇ. چۈنكى ئالىملارنىڭ بەزىلىرى جان 120 كۈن (17 ھەپتە ئەتراپىدا) دىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىنى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە تەجرىبىسى بارلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ ئىستىخارە سېلىپ، بىر قارارغا كېلىش مۇناسىپ. چۈنكى، بەزىدە دوختۇرلار ئاشۇرۇپ قورقۇتىدىغان ئەھۋاللارمۇ، راستىنلا خەۋپلىك ئەھۋاللارمۇ بار.
351 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ 139 گرام ئالتۇنى بار. ئەمما، ئۇ ئۆي ئايالى يەنى ھېچقانداق كىرىمى يوق. 1) بۇنىڭغا زاكاتنى قانداق شەكىلدە قانچىلىك بېرىدۇ؟ 2) ئالتۇننىڭ زاكىتىنى ئايالىم ئۆزى بېرەمدۇ؟ ياكى مەن بەرسەممۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) كىرىمى بولسۇن – بولمىسۇن (ئۇ ئالتۇننى قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بولسا قوشۇپ) ھەر يىلى %2.5 (قىرىقتىن بىرى) نى زاكات بېرىدۇ. 1) ئايالىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئالتۇنىدىن ئايرىپ ياكى پۇل ھېسابلاپ ئۆزى بېرىدۇ. زاكات ئايرىشنى ھېس قىلىش ۋە پۇلنى يانچۇقتىن چىقىرىشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا پۇل ھەدىيە قىلسىڭىز ئۇنى ئالتۇنىنىڭ زاكىتى قاتارىدا بەرسە ئىختىيارى.
352 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن.مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى:
1) ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرۇشىغا قارىتا شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بار؟ يەنى قوبۇل بولىدىغان ئۆزۈرلەر قايسىلار؟ مەسىلەن، مېنىڭ ئىككى ياشلىق ۋە بەش ئايلىق ئىككى بالام بار. مەن ئۆزۈمنى ۋە بالىلىرىمنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرسام بولامدۇ؟
2) ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا بالا يىغلاپ كەتسە، نامازنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى بالىنى بىردەم بېقىۋېتىپ كېيىنرەك ئوقۇش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن.
1) ئۈزۈك ۋە ياكى باشقا چارىلەر بىلەن قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جائىز. تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2839
2) ھەر ئىككىسى جائىز. ئەھۋالغا قاراپ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.
353 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سەپەردە ئېغىزى توشقۇدەك قۇسسا، روزىسى سۇنامدۇ؟ روزىنى داۋام قىلامدۇ ياكى ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ، كېيىن تۇتۇۋالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىختىيارسىز قۇسۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ ھەم سەپەردە بولغانلىقتىن ئېغىز ئېچىۋېتىشىگە رۇخسەت بار.
354 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!
1) تەراۋىھ نامىزىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇساق، ھەدىستە كەلگەن 25 / 27 ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشەمدۇق ياكى ھەدىستە كەلگەن ساۋاب – ئەجىر پەرز نامازغىلا خاسمۇ؟
2) تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئۆزى يالغۇز خۇشۇﺋ بىلەن قۇرئانغا قاراپ تامام قىلىپ ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ ياكى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ؟ مەسجىدتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تازا خۇشۇﺋ بىلەن قەلبتىن چىقىرىپ دۇئالارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئەھۋالدا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ياكى ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە ئوقۇسا پەزىلەتتە قايسىسى ئارتۇق بولىدۇ؟
3) ئېتىكاپقا ئۆيدە كىرسەكمۇ بولامدۇ ياكى چوقۇم مەسجىدتە بولۇشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
1) تەراۋىھ نامىزىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇش سۈننەت. رىيا ئارىلىشىدىغان بولسا ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇغان ياخشى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەرزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆيىدە ئوقۇغىنىدۇر» دېگەن(«بۇخارىي»، 6113). «جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق»(«بۇخارى»، 645؛ «مۇسلىم»، 650) دېگەن ھەدىستە كەلگەن ساۋاب – ئەجىر پەرز نامازغىلا خاس بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك.
2) قايسىنى خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇسا، شۇ ئەۋزەل.
3) ئېتىكاپ چوقۇم مەسجىدتە بولۇشى كېرەك.
355 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «Trandyol (تىرەنديول)» شىركىتىنىڭ پېيىنى خىتتاينىڭ سېتىۋالغانلىقى مەلۇم، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ شىركەتتە ئىشلەش جائىز بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ شىركەتنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئەمما، خىتتايغا ئىشلەش جائىز بولمايدۇ.
356 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كېچە دېگەندە شامغا ئەزان چىققاندىن باشلاپ بامداتقا ئەزان چىققۇچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق.
357 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئەتىدە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ تېزلا تۇرۇپ كەتكەن كىشى فاتىھەنى باشلاشتىن بۇرۇن تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەرھال ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد ئوقۇسا بولامدۇ؟ 2) ئەگەر ئىككىنچى رەكئەتتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى رەكئەتتىمۇ تۇيمايلا يەنە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) دەرھال ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد ئوقۇشى كېرەك. 2) ناماز ئاخىرىدا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك.
358 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھامىلىدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال روزا تۇتمىغان بولسا، بىر يەردە «فىديە بېرىپ قازاسىنى تۇتمايدۇ» دەپتۇ، يەنە بىر يەردە «فىديە بەرمەي كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ» دەپتۇ. قايسىسىنىلا قىلساق توغرا بولىۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ كۆرسە ياكى شۇ كىشىگە قايسى قاراش قولاي بولسا شۇنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاياللار كېيىن قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالايدۇ، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزسىلا بولىدۇ. نامرات كىشىلەر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، قىيىنلىقنى خاھلىمايدۇ.
359 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن تاپقان كىرىمىنىڭ بىر پرسەنتىنى مەخسۇس ئاللاھ يولىدا ئاتايدىكەن، ئەمما كەففارەت بېرىشكە توغرا كېلىپ قېلىپ، ئۇ كەففارەت سوممىسىنى يىغىپ توشقۇزۇپ بولغۇچە (بىراقلا بېرىشكە پۇلى يوقكەن، شۇڭا ئاز – ئازدىن يىغىپ توشقۇزۇشى كېرەككەن) ئايلىق ئاجراتقان بىر پرسەنتلىك ھېلىقى «ئاللاھ يولىدا موھتاجلارغا بېرىمەن» دەپ يىغىدىغان پۇلنى ئۆزىنىڭ كەففارىتىگە ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىشلىتىپ تۇرۇپ، كېيىن پۇل تاپقاندا، ئورنىنى تولدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
360 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزىلەر تۇرمۇشى نورمال بولسىمۇ ئېشىنىپ موھتاج قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئەمما، ياردەم قىلىنغۇچى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ شۇنداق يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بەزىدە ئۇلار سېتىۋالغان قىممەت نەرسىلەرنى ياردەم قىلىۋاتقانلار چېغىدا سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايدۇ. ھەم بۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ئىززىتىگە باغلىق ئىش بولغاچقا، ياردەم قىلغۇچىمۇ تەپسىلىي سوراشتىن ئامالسىز قالىدۇ. «قىيىنچىلىق بار» دېگەن بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن يەكۈنلىنىدۇ. ھەتتاكى بالىسىغا بىرەر يېڭى مايكا ئېلىپ بېرىشكە قورسىقى ئاغرىسىمۇ، باشقا «قىيىنچىلىقى بار» دېگەن قېرىنداشلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىۋاتقانلارنى بىلىمەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: كىچىكىدىن يېتىلگەن قىممەت قاراش ياكى تۇرمۇش سەۋىيە ئادىتىگە ئاساسەن ئېسىلراق ياشاپ، نەرسىنىڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ياردەم ئېلىپ ياشاۋاتقان ھالىتىدە يەنە شۇنداق تۇرمۇش ئادىتى بويىچە ئىش تۇتۇشى توغرىمۇ؟ ياكى بىز «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن» دەپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قانداق خەجلەۋاتقىنىغا قارىماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر. ياردەم ئېلىۋاتقانلار ئەڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم – كېچەكنى ئالىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ياردەم ئېلىۋاتقانلار تېجەپ خەجلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى قول ئىلكىدە بار چاغلاردىكى يۇقىرى سەۋىيەدە خەجلىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىر قول ئىلكىدە يوق، ياردەم ئېلىۋاتىدۇ. ياردەم قىلىدىغانلارمۇ ياردەمنى تېجەپ خەجلەيدىغانلارغا بېرىشى لازىم.
361 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ باشقىلاردا يەنى باشقا مۇسۇلمانلاردا قانداق ھەققىمىز بار؟ ھەر دائىم تولا ئاڭلايدىغىنىمىز كىشىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش ياكى ساقلىنىش تېمىلىرى بولىدىكەن. بەزىدە: «بىزنىڭ شەخس سۈپىتىمىزدە ئۆز ئالدىمىزغا ھەق – ھوقۇقلىرىمىز يوقمىدۇ» دەپ ئويلاپ قالىمەن. خەقنىڭ ھەققى قالمىسۇن دەپ، بەزىدە خەق يولسىزلىق قىلسىمۇ، بىھۇدە ئاغرىنىپ باتنىسىمۇ، يەنە گۇناھكار بولۇشتىن قورقۇپ، ئۇلارغا: «ۋاي كەچۈرۈڭ! ۋاي رازى بولۇپ كېتىڭ!» دەپ كېتىدىكەنمىز. ئەمما، بۇنداق بولغانچە بەزى كىشىلەر ھەددىدىن ئېشىپ، ھە دېسىلا ئادەمنى ئۆزىگە قەرزداردەك مۇئامىلە قىلىدىكەن. مەسىلەن، مەن بىر ھەدىستە «ئىشىكنى ئۈچ قېتىم چېكىش، ئېچىلمىسا قايتىش، ئەگەر ئۆي ئىگىسى: ‹ئىشىك ئاچالمايمەن› دېسە قايتىش» دېگەندەك مەزمۇننى ئوقۇغانتىم. بۈگۈنكى كۈندە ئەگەر ئىشىك ئالدىمىزغا كەلگەن ئادەمگە ئىشىك ئاچماسلىق تۈگۈل تاماقنى ئىككى – ئۈچ خىل ئەتمىسەي قالساقمۇ، كېتىپ «مېنى ياخشى كۈتمىدى» دەپ ئاغرىنىپ يەنە ئادەمدىن رەنجىپ، بىزنى گۇناھكار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. يەنە «ۋاي! سەت بولدى، خاپا بولماي رازى بولۇپ كېتىڭ» دەپ كەچۈرۈم سورايدىكەنمىز. مۇشۇنداق كىشىلەر ئادەمنى بەك چارچىتىدىكەن. شۇڭىمۇ كىشى باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. سوئالىم: بىزنىڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەم، ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا قارىتا ئارىلىشىشنى كەسكىن رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بارمۇ – يوق؟ تونۇش بىلىشلەر بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ھەق – ھوقۇقىمىز قايسىلار؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دىنىمىز كۆرسەتكەننى باشقىلارنى رەنجىتمەيدىغان، چىرايلىق ئۇسۇلدا قىلىش؛ ئارتۇقچە رەنجىسە، بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىك؛ دۇرۇسلۇق بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلاردىن باشقا چارە بولمىسا كېرەك.
362 – سوئال: مەن يولدىشىم بىلەن ئۆي ۋە سىرتنىڭ ئىشلىرىدا بۆلۈشۈپ شۇنداق ياخشى ئۆتىمىز. يولدىشىممۇ ئۆي ئىشى دېمەي ياخشى ياردەملىشىدۇ، بالىلارنى بېقىشىپ بېرىدۇ، ھالال – ھارامغا دىققەت قىلىدۇ، بىزگىمۇ مېھرىبان. بۇ تەرەپلىرىدىن مەن بەكمۇ رازى. ئەمما، يولدىشىم بەش ۋاقىت ناماز ۋە روزىدىن باشقا ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلمايدۇ. يىل بويى قۇرئانمۇ ئوقۇمايدۇ، ئەرەپچە ساۋادىمۇ يوق، ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئوقۇمايدۇ، نەفلە روزىمۇ تۇتمايدۇ، پەرز روزىنىمۇ ئاران چىداپ تۇتىدۇ. ئادەتتە ئاخشىمى بىكار بولسا، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تارىخىي كىنولىرىنى كۆرىدۇ. بەزىدە ئۇنى ئىبادەتكە ئاكتىپ ئەمەس دەپ ئەيىبلىگىم، ھەتتا بەزىدە تۆۋەن كۆرگۈم كېلىدۇ. ئەمما، گۇناھكار بولۇشۇمنى بىلىپ يۈزتۇرانە ئۇنداق قىلمايمەن. مەن ئىچىمدىكى بۇ نارازىلىقنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىدىم. ئۇنىڭ بۇنداق قىلماي، بولسا كۆپرەك ئىبادەتگۇي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ كۆپرەك ئىبادەتلەرنى قىلىشى ئۈچۈن مەن قانداق قىلسام بولار؟ (سوئالىم بەلكىم سەل غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەن ئۇنىڭغا قارىغاندا ئىبادەت جەھەتتىن بىرئاز ئاكتىپراق. يا مەن ئۇنىڭغا زىيادە تەلەپ قويدۇممۇ بىلمەيمەن. ئىچىمدە بىر سىقىلىش بار. بۇنى يېشىۋەتمىسەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولدىشىمنى تۆۋەن كۆرۈپ گۇناھكار بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. شۇڭا، ئامالسىز مۇشۇنداق سوراشقا مەجبۇر بولدۇم)
جاۋاب: ھەرقېتىملىق دۇئادا جانابىي ئاللاھتىن ئەھۋاللىرىمىزنىڭ ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلەش لازىم.
363 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئەر ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئايالىغا: «مەندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن توي قىلماڭ» دەپ بۇيرىغان بولسا، بۇ ئايال ئۇ ئېرىدىن كېيىن باشقا ئادەمگە ياتلىق بولسا گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «مەندىن كېيىن ھېچكىمگە توي قىلماڭ» دەپ ئايالىغا ۋەسىيەت قىلىشى ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇ ۋەسىيەتكە ئايالى خاھلىسا ئەمەل قىلىدۇ. ئەمەل قىلمىسىمۇ ئىختىيارى.
364 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېرىدىن ئازار يېگەن ياكى ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئايال باشقا دوستىغا بولغان كۆڭۈلسىزلىكنى سۆزلەپ بەرسە، ئېرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا ياكى دەردىنى تۆكۈپ مەسلىھەتىنى ئالىدىغان بولسا مەيلى.
365 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ يىلقى فىتر زاكىتى قانچە لىرا بولغاندۇ؟ بۇنىڭغا پۇل بەرسەك بولامدۇ ياكى يېمەك – ئىچمەك ئېلىپ بېرەمدۇق؟ بەزىلەر: «پۇل بەرسەك ئادا بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكىلەرنىڭمۇ فىترىنى قوشۇپ مۇشۇ يەردىكىگە (تۈركىيەدىكىگە) تەدبىقلاپ بەرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىلقى فىتر زاكىتى تۈركىيەدە 40 تېلى پۇل بەرسەك بولىدۇ. ۋەتەندىكىلەرنىڭكىنىمۇ قوشۇپ بېرىۋەتسەك بولىدۇ.
366 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! مەندە ھەيز بەك قالايمىقان كېلىدىغان ئەھۋال بار ھەم بەك ئاز. (مەسىلەن ئەتىگەندە ئازراق قىزغۇچ نەرسە كېلىپ، ئاندىن كەچكىچە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ) بۇنداق ئەھۋالدا روزىنى قانداق قىلىمەن؟ نامازنىچۇ؟ (زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئايال ئۇستاز بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىلىدىغان ئايال ئۇستازنى مەن تونۇمىغانلىقىمدىن سىلىدىن سوراپ سالدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايلا) ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەر ئايدا كۆرىدىغان ئادەت بويىچە ئىش تۇتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلە ئادەت ئالتە كۈن بولسا ئالتە كۈندىن كېيىن قان توختىسا، يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز. كېيىن كەلگىنى ئىستىھازە. ئۇ ناماز بىلەن روزىنى توسمايدۇ.
367 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئۇستاز! ئاللاھ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن، ئامىن.
قەدر كېچىسىنىـــــڭ دۇئاسى ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر قايسى كېچىنىڭ قەدر كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم، ئۇنىڭدا نېمە دەيدىغانلىقىمنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹الّلَهُمَّ إنّكَ عَفُوٌّ كَرِيْمٌ تُحِبُّ الْعَفْوَ فَاعْفُ عَنِّيْ (ئاللاھىم! سەن ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، كەرەملىكتۇرسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن مېنى ئەپۇ قىلغىن)› دەڭ» دېدى(تىرمىزىي ۋە ئالبانىي رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىس باركەن.
ئۇستاز! يۇقىرىدىكى ھەدىستە قەدر كېچىسىنى تاپقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا كەلتۈرۈلۈپتۇ. بىز «كېچە بۇرۇن كىرىدۇ، كۈندۈز كېيىن بولىدۇ» دەپ بىلىدىكەنمىز. ھەم شۇ بويىچە «قەدر كېچىسىنى تاڭ ئاتقاندىكى ئالامەتلەرگە ئاساسەن بىلىمىز» دەپ چۈشىنىپ كەپتىكەنمىز. ئۇنداقتا «بۇ كېچىنى تاپسام» دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قەدر كېچىسىنى تاڭ ئاتقاندىكى ئالامەتلەر بىلەنلا ئەمەس، كېچىدىكى ئالامەتلەر بىلەنمۇ بايقاش مۇمكىن. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ۋە ئۇنىڭ كۈندۈزىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ»(«سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، 2192). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنىڭ ئالامىتى شۇكى، كېچە خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇنئاي باردىكىدەك سۈپسۈزۈك، ئايدىڭ، جىمجىت بولىدۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ، ئىسسىقمۇ بولمايدۇ. تاكى تاڭ ئاتقۇچە شەيتانلارنى كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارمۇ ئېتىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يەنە بىرسى شۇكى، ئەتىسى سەھەردە قۇياش خۇددى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇنئايدەك ئاق ۋە نۇرسىز چىقىدۇ(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22817).
368 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن. ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن. ئازراق پۇلنى دەپ خىتتاي شىركىتىدە ئىشلەشنىڭ ھۆكمى نىمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خىتتاي شىركىتىدە ئىشلەش جائىز ئەمەس.
369 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى يېزىپ، ئاخىرىغا «بانكا ھېسابىمغا ئۇرۇپ بېرىڭلار» دەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇغان كىشى گۇمانلانماي تۇرالمايدۇ، بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تونۇمىغاندىن كېيىن پەرۋا قىلمايمىز. تونۇيدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ ھەقىقىي ئېھتىياجى بولسا بەرسەك بولىدۇ.
370 – سوئال: بەزى دەرنەكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى سېتىپ نەچچە خىل تىلدا ئېلان يېزىپ پۇل توپلاۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنىڭ بېشىنى سىلاڭ، تۇل خوتۇنلارغا ياردەم قىلىڭ…» دېگەندەك ئېلانلار كۆپىيىپ قالدى. ئەمما ئۇلار پۇل تارقاتقاندا بىرقىسىم كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ھەتتا خەۋەر قىلىپ: «بىز مۇنچە ئائىلىگە، مۇنچە تۇل خوتۇن، يېتىمگە مۇنچە پۇل قىممىتىدە ياردەم قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىن بىر لىرا چىقماسلىقى مۇمكىن، ھەممىسى يىغىلغان پۇللار، ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ پۇللار ئامانەت. ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزگەن – يەتكۈزمىگەنلىكىنى ئامانەتنى تۇتقان شەخس ياكى ئورۇن پەقەت ئاللاھقىلا جاۋاب بېرىدۇ. يەنە پۇل بەرگەن شەخسلەر بەرگەن پۇلىنىڭ ھېسابىنى ئالسا بولىدۇ. باشقىلار قىلىدىغان ئىش يوق. ھەم ئۇ ئورۇنلاردىكى ئىچكى ئەمەلىي ئىشلارنى سىرتتىكىلەر تولۇق بىلىپ كېتىشىمۇ ناتايىن. شۇڭا، ئېنىق پاكىت بولسا ئوتتۇرىغا قويۇش، بولمىسا گۇمان بىلەن گەپ قىلمىغان تۈزۈك.
371 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سۈرە مەريەمنىڭ ئالدىنقى ئون ئايىتىدە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىر پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا يەھيا ئەلەيھىسسالام بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەنلىكى سۆزلىنىدىكەن.
مېنىڭ سوئالىم: زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاللاھتىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىر پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا بىر ئوغۇل پەرزەنت بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن چاغدا نېمە ئۈچۈن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغان چاغدا بايان قىلغان ئىنسانىي ئاجىزلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ بۇ خۇشخەۋەرگە ھەيران قالىدۇ؟ ئەجەبا بۇ يەردە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا ئايالىنىڭ بالا تۇغۇشىنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى ياكى جەمەتىنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىرىنى مەقسەت قىلغانمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدا پەرزەنت تىلىگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى، «زۇررىيەت» دېگەن كەلىمە شۇنى كۆرسىتىدۇ. مەريەم سۈرىسىدىمۇ ئۇنىڭغا ۋارىس بولىدىغان بىرىنى تىلىگەن. بۇ سوئالدىكى ھەيران قېلىش مۇفەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇنداق بىرقانچە خىل تەھلىل قىلىنغان:
1) بۇ سوئالنىڭ مەنىسى «قايسى تەرىقىدە؟ قايسى يولدىن؟ ياكى ياشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىقمۇ؟» بۇلارنى سوراشتىن ئىبارەت. ھەيران قېلىش ئەمەس.
2) ۋۇجۇدقا چىقىشى يىراق دەپ قارىغان بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى كۆرگىنىدە ھەيران قېلىشى تەبىئىي.
3) يەھيا بىلەن بېشارەت بېرىلگىنىدە، ئۇ ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇشى بىلەن ئاتا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە شۇنداق سورىغان.
4) ئىلاھىي نېئمەتتىن خۇشال بولۇپ، خۇش خەۋەرنى قايتا ئاڭلاش ئۈچۈن سورىغان. يەنە بۇنىڭدىن باشقا تەھلىللەرمۇ بار. تەفسىرۇل كەبىرگە قارالسۇن.
372 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن قارىي بولۇپ، ھازىرغىچە توردا ھەقسىز دەرس بېرىۋاتىمەن، نەرسە – كېرەكلەرنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن كېيىن دەرسنى ھەقلىق ئۆتۈشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەگەردە دەرسنى ھەقلىق قىلسام ياكى بىر مەدرەسەگە بېرىپ ھەقلىق ئىشلىسەم، ئوقۇشۇمنى ساتقان بولامدىم؟ مەن ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىلىمىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلسام، ساۋابىم كېمىيىپ كېتەمدۇ؟ بىز ۋەتەندە پۇل تۆلەپ ئوقۇمايتتۇق ھەم پۇل ئېلىپ ئوقۇتمايتتۇق، بۇ تۈركىيەدە ھەرقانداق تىل بولسۇن ۋەياكى دىنىي ئوقۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھەقلىق ئىكەن. بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمىساق بولمايدىغان ئىلىملەرنى ھەقلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئوقۇيالماي، ھەم بالىلىرىمىزنى ئوقۇتالماي قېلىۋاتىمىز، مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى ھەسسىلەپ بەرسۇن ئۇستاز!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پۈتۈن ۋاقتىنى قۇرئان ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتاپ، باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانمىغانلار قىلغان بۇ خىزمىتىگە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن مائاش ئالسا بولىدۇ. تولۇق ۋاقىت چىقىرىدىغان خىزمەت بويىچە ئوقۇتماي، ئىقتىسادى يېتەرلىك تۇرۇپ، بىرەرسىگە قۇرئان ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق ئالسا ئاندىن دۇرۇس بولمايدۇ.
373 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! مەن نورۋېگىيەگە يېڭى كەلدىم، ھازىر بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىلى يەتتە ئاي بولدى، مېنىڭ بۇ يەردە ھازىر ئىشلەش ئىمكانىيىتىم يوق. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئىقامىتىنى تېخى ئېلىپ بولالمىدىم، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ماڭا ئوخشاش يېڭى كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش، بىزگە ھازىر بۇ يەردە ئايلىقى 2600 كرون پۇل بېرىدۇ، بۇ پۇل بىزنىڭ تاماق پۇلى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىشىمىز ئۈچۈن بەرگەن پۇل.
نورۋېگىيەدە سەدىقە فىترنىڭ بۇ يىللىق ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 100 كروندىن توغرا كېلىدىكەن، بىزدەك ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق، قوبۇل بولغانلىق رەسمىيىتى تېخى چىقىپ بولالمىغان كىشىلەرنىڭ سەدىقە فىتر بېرىش ئۆلچىمى بىلەن ئايلىقى ئەڭ تۆۋەن 20 مىڭ كروندىن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ سەدىقە فىتر بېرىش ئۆلچىمى ئوخشاش ھېسابلىنامدۇ؟ بىزمۇ ئوخشاش 100 كروندىن بېرەمدۇق ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بەرسەكمۇ بولامدۇ؟
يەنە بىر مەسىلە بۇ يەردە ئائىلىسى ۋەتەندە ۋە تۈركىيەدە قېلىپ قالغانلارمۇ خېلى كۆپ، شەخسەن مېنىڭمۇ ئائىلە – بالىلىرىم تۈركىيەدە، بىزنىڭ ئائىلە – بالىلىرىمىزنىڭ سەدىقە فىترىنى شۇلار تۇرۇۋاتقان – مەيلى تۈركىيە ياكى ۋەتەن بولسۇن – جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاپ بەرسەك ئادا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سەدىقە فىترنى باي ياكى نورمال ئىقتىسادلىق ھەممە كىشى ئوخشاش مىقداردا بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەربىر جانغا پەرز بولغان سەدىقە. سىلەر فىترنى تۈركىيەدە بەرسەڭلەرمۇ بولىدۇ. لېكىن، تۈركىيەدە 40 لىرادىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
بۇ سەدىقە ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبىدە: «بۇ سەدىقىنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ» دېيىلىدۇ.
باشقا مەزھەبلەر: «سەدىقە فىتر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا، بۇ سەدىقىنى بېرىشى ۋاجىب» دەپ قارىغان.
بۇ قاراشقا ئاساسەن، نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە فىترنى بېرىدۇ ھەم باشقىلاردىن ئالىدۇ. يەنى نامرات كىشى سەدىقە فىترنى ئېلىپ، قولىدا سەدىقە فىتر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ۋە باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ فىتر سەدىقە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.
«سەدىقە ئېلىپ، ئارقىدىنلا يەنە بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: گەرچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولۇشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنۈشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەربىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقىدۇر. شۇڭا، ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بۇ سەدىقىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ.
سەدىقە فىتر، تۈرلۈك كەففارەتلەر، فىديە، نەزىر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ قايسى جايدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى ئەۋزەل. ئەۋەتىلگەن جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرسىمۇ جائىز.
374 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىلىرىنى زىيادە قىلسۇن.
1) ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ كەففارەتى قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كەففارەتىگە ئوخشاش بېرىلەمدۇ؟ ئوخشىمىسا، كېسەلگە ۋەلىي بولغان كىشى بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن قانداق كەففارەت بېرىش كېرەك؟
2) 60 مىسكىننى تويغۇزۇش دېگەنلىكنى 60 مىسكىننىڭ بىر ۋاق تامىقى دەپ چۈشىنىمىزمۇ ياكى بىر كۈنلۈك تامىقى بولۇپ، ئۈچ ۋاق تامىقى دەپ چۈشىنىمىزمۇ؟
3) مەجبۇرلىنىپ روزىسى بۇزۇلغان ئادەمگە كەففارەت كېلەمدۇ ياكى بىر كۈن قازاسىنى قىلسىلا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشنىڭ تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بېرىدىغىنى فىديە دەپ ئاتىلىدۇ. كەففارەت ئەمەس. بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن فىديە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 60 تېلى. 2) مىسكىننى تويغۇزۇش دېگەنلىكنى بەزى ئالىملار بىر ۋاق، يەنە بەزىلەر 2 ۋاق دەپ چۈشەنگەن. 3) مەجبۇرلىنىش ئېغىر تەھدىت ياكى قاتتىق بېسىم بىلەن بولسا روزىسى سۇنمايدۇ. روزىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يوقىلاڭ مەجبۇرلاشلار بىلەن ئېغىز ئاچسا، بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ.
375 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
1) بىرقانچە يېقىن ئۆتىدىغان ئائىلىلىكلەر ئەر – ئايال بولۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش توغرا بولامدۇ؟ ياكى ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟
2) ناماز بامداتنىڭ ۋاقتى ئاز قالغانلىقىنى كۆرگەندە ئاۋۋال پەرزنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن يەنە كۈن چىقىشقا ئازراق ۋاقىت بارلىقىنى بىلسە، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇۋالسا بولامدۇ؟ ياكى بامداتنىڭ پەرزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ بولغۇچە باشقا ناماز ئوقۇلسا بولمايدىغان بولغاچقا، كۈن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر.
1) ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇش كېرەك.
2) بامداتنىڭ ۋاقتى ئاز قالغانلىقىنى كۆرگەندە ياكى جامائەت نامازغا تۇرغاندا مەسجىدكە كىرگەن بولسا، ئاۋۋال پەرزنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن يەنە كۈن چىقىشقا ئازراق ۋاقىت بارلىقىنى بىلسە، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇۋالىدۇ. كۈن چىقىشقا باشلىغان بولسا كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قازاسىنى ئوقۇيدۇ.
376 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! بىرەيلەن 100 دوللارنىڭ باھاسى 600 لىرا بولىدىغان ۋاقىتتا قەرز سوراپ كەپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن كېلىشىپ، 500 دوللار بولىدىكەن دەپ، 3000 مىڭ لىرا بەرگەنىدىم. ئەمما، ئۇ پۇلنى ئېلىۋېلىپلا «مەن سىزدىن لىرا ئالدىم، شۇڭا لىرا بېرىمەن» دەپ تۇرۇۋالدى. ھازىر دوللار باھاسى ئىككى قاتلاپ كەتتى. ئۇ پۇلنى ئۇ كىشى تېخى «ئۈچ – تۆت ئاي ئىچىدە بېرىمەن» دېگەن، ھازىر ئىككى يىل بولدى بەرمەيۋاتىدۇ، ئالالمىدىم ھەم تېخى ئاڭلىسام باشقا بىر يەرگە كېتىپتىمىش، باشقىلارغىمۇ قەرزداركەن. مەن ئۇ پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ قويسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قەرزنى قايتۇرسا قايتۇرالايدىغان، ئەمما بەرمەي سۆرىگەن كىشىدىكى قەرزنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. ئۇ كىشى قايتىپ كەلگەندە سۈلھىلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا بىر مەبلەغگە پۈتۈشسە بولىدۇ.
377 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەن قۇرئان ھەققىدە كۆپ ھاللاردا ئىنگلىزچە كىتابلاردىن پايدىلىنىمەن ھەم باشقا شەيخ، ئۇستازلارنىڭ كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇيمەن. بەزىدە كىتابلار ئارىسىدا ئۇچرىغان ئايەت، ھەدىسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىگە قارايمەن. شۇنداق چاغلاردا ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئاستىغا رەڭلىك قەلەملەردە بەلگە قىلىمەن ۋە ئايرىشىمغا ياكى قولۇمغا ئېلىپلا تېپىشىمغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن رەڭلىك كىچىك پلاستىك چاپلاقلارنى چاپلاپ قويىمەن. بۈگۈن قارىسام، تەرجىمە قۇرئانىم ۋە باشقا بىرنەچچە پارچە سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىم خېلىلا بويىلىپتۇ، بەت ئارىلىرىغا ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە قىسقا قىستۇرمىلارنى يېزىپ قويغان يەرلىرىممۇ بار ئىكەن. ئويلاپ قالدىم، بۇنداق قىلىشىم خاتامىدۇ؟ شۇڭا، سىلىدىن سوراپ ئېنىق بىلىۋالاي دېگەنىدىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلاش ۋە ئايەتلەرگە ئىنسان سۆزلىرى قېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋاراقلىرىغا، ئايەتنىڭ قۇر ئارىلىقلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىرىنى، مۇلاھىزىلىرىنى يېزىشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا رەڭلىك قەلەملەردە بوياپ بەلگە قىلىشمۇ قۇرئاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق دائىرىسىگە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كۆپ بوياپ جىجىلىغاندا، قۇرئان كەرىم ئادەتتىكى دەرسلىك كىتابلاردەكلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىنمۇ ساقلانغان تۈزۈك. ئەمما، تەفسىر، ھەدىس قاتارلىق دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى لازىم بولغاندا مەلۇم مەزمۇنغا قايتىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خاھلىغانچە بوياپ جىجىلىسا بولىدۇ.
378 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالدىنقى كۈنى بىر پەتۋادا «ئايال كىشىنىڭ نىكاھنى بىكار قىلىۋېتىش ھوقۇقى بار» دەپتىكەنلا، شۇ ھەقتە تەپسىلىيراق چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. قانداق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ؟ شەرتلىرى بارمۇ… دېگەندەك.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نىكاھ ئوقۇلغاندا ئايال «ئۈستىمگە خوتۇن ئالمايسىز» دەپ شەرت قىلسا ۋە ئەر بۇ شەرتكە رازى بولۇپ، نىكاھتىكى «ئالدىم – تەگدىم» ئىپادىلىرى مۇشۇ شەرت ئاساسىدا بولغان بولسا، كېيىن ئەر بۇ شەرتكە ئەمەل قىلمىغىنىدا، ئايالنىڭ بۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال «مەن نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇردۇم» دەپلا قالدۇرالمايدۇ. ئەر بۇنىڭغا ماقۇل كەلسە ئەمەلدىن قالىدۇ. ماقۇل بولمىسا، چوقۇم قازى ياكى ھۆكۈم قىلىش سورۇنىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
379 – سوئال: تەراۋىھ نامىزىغا كېچىكىپ قالساق، تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان بولسا، خۇپتەنگە نىيەت قىلىپ ئىككى رەكئەت تۈگىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تاماملىساق، ئىمامنىڭ تەراۋىھ نامىزى بىزنىڭ خۇپتەن بولامدۇ؟
جاۋاب: خۇپتەننى تېخى ئوقۇمىغان كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە جامائەت تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇ كىشى مەسجىدنىڭ ھويلىسىدا ياكى بىر بۇلۇڭىدا خۇپتەننى يالغۇز ئوقۇۋېلىپ ئاندىن تەراۋىھكە قاتنىشىدۇ. چۈنكى، ھەنەفىي مەزھەب ۋە مالىكىي مەزھەبتە پەرز ئوقۇغۇچى نەفلە ئوقۇغۇچىغا ئىقتىداﺋ قىلسا نامىزى توغرا بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا مەكروھلۇق بىلەن توغرا بولىدۇ. بۇنىڭدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇشنىڭ يولى خۇپتەننى ئايرىم ئوقۇۋېلىش.
380 – سوئال: جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايسى تىلدا گەپلىشىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ مەزمۇندىكى ھەدىس سەھىھ ئەمەس. جەننەت ئەھلىنىڭ قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى ياكى پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ سۆزىنى قايسى تىلدا ئاڭلايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى ئاللاھ تائالا ياكى رەسۇلى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئەمەس. بىزنىڭ بۇنى بىلىشىمىزمۇ زۆرۈر ئەمەس. پەقەتلا بەزى ئالىملار شۇنداق دەپ باققان.
381 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! مەن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام. ئۆزۈم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى. مەن بۇ يىل رامازان ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەندە بىز كىچىكىمىزدە رامازان ئېيتقاندەك رامازان قوشىقى ئېيتىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا بىز كىچىكىمىزدە ئېيتقان ۋە سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىدا بېرىلگەن رامازان ئېيتىش ھەققىدىكى بىر يازمىغا قىستۇرۇلغان رامىزان قوشاقلىرىنى ئۆگەتكەن ئىدىم. بۈگۈن بىر ئانىنىڭ «بىز مەسلىھەت سورىغان ئۇستازلار ›بۇ ئىش دىنىمىزدا توغرا ئەمەس‹ دەپ مەسلىھەت بەردى. شۇڭا، بالىلار رامازان قوشىقى ئېيتىشقا قېتىلمايدىغان بولدى» دەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دىنىمىزدىكى رامازان قوشىقى ئېيتىشقا بەرگەن ھۆكۈمىنى بىلىۋالاي دەپ ئويلىدىم. مۇشۇ ھەقتە بىزگە دىنىمىزنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن بولسىڭىز كۆپ مىننەتدار بولاتتۇق. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن گۈلنار ئىمام.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جانابىي ئاللاھ ئانا تىل ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى مىللىتىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغاي! بالىلارنىڭ رامازان ئېيى ئىفتار ۋاقتىدا پۈتۈن مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى قېقىپ، رامازان قوشىقى ئېيتىش ياكى رامازان قوشىقى توۋلاش ۋە پۈتۈن ئۆيلەردىن توپلانغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ئادىتى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىدىلا بار ئادەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بالىلار قىلىپ كېلىۋاتقان تەربىيەۋى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي رولى ئىنتايىن چوڭ، گۈزەل ئىسلامىي ئادەتتۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمەتى ۋە ئىنئاملىرىغا سۆيۈنىدۇ، خۇشال بولىدۇ. مۇئمىنلەر بولسا باشقا دۇنيا ئەھلىدىن پەرقلىق ھالدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان، بىر ئاي بويىچە روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇلىدىغان، زاكات ۋە خەير – ئېھسانلار كۆپ قىلىنىدىغان، گۇناھلار مەغفىرەت قىلىنىدىغان، سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، يەتتە دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدىغان، شەيتانلار باغلىنىدىغان، ئاخىرقى ئونىدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىدەك ئۇلۇغ بىر كېچە بار بۇ ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك ئاينىڭ كېلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ. رامازان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەرىدە ئالاھىدە روھىي مەنىۋىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن جىمى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ ئاينىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ، بۇ ئايدا قولغا كەلتۈرىدىغان ئىمانىي دەرسلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە بۇ ئايدىكى خەيرنىڭ تەسىرى تەنلەرگە، قەلبلەرگە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە زور ھەم ئىجابىي بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دېيەلەيمىزكى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، بىر ئاي ئىچىدە رامازان توۋلاش پائالىيەتلىرىنى قىلىشىنىڭ ھۆكمى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بىز بىلىدىغان رامازان قوشاقلىرى ئىمان – ئىسلامنى ۋە بۇ ئۇلۇغ ئاينى ئۇلۇغلاشنى ئاساس قىلىدۇ. سېخىيلىكنى ماختاش، بېخىللىقنى ئەيىبلەش، ئۆي ئىگىلىرىگە دۇئا قىلىش، تاپقاننى تەڭ يېيىش، قېرىنداشلىق روھىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئېسىل ئىمانىي، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭلا كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ قالماستىن، ئۆي ئىگىلىرى، چوڭلارنىمۇ شادلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى چەكلەيدىغان ھېچبىر سەۋەب يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىزنىڭ ئىسلامىيەت روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان مىللىي ئەنئەنىمىزدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!)
382 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئۆيدە ئازراق زاكات بەرگۈدەك پۇل بولسا، يولدىشى «بەرمەيمەن» دېسە، ئايالى يولدىشىغا ئۇقتۇرماي بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بېخىللىق قىلىپ ياكى سەل قاراپ زاكات بەرمەسلىك چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە تانغانلار كاپىر بولىدۇ. قەستەن زاكات بەرمىگەنلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولىدۇ. مۇبادا ئەر زاكات بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئايالى ئەرنىڭ ئورنىدا يېنىدىن ياكى ئەرنىڭ پۇلىدىن زاكات بەرسە ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، نىيەت زاكاتنىڭ ئادا بولۇشى ئۈچۈن شەرت. شۇڭا ئەرنىڭ تاپىلىشى ياكى ۋەكىل قىلىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئورنىدا زاكىتىنى بېرىپ قويغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال ئېرىگە نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
383 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مۇبارەك رامازانلىرىغا مۇبارەك بۇلسۇن، ئاللاھ شۇ ئۇلۇغ قەدر كېچىسىگە نېسىپ قىلسۇن، ئىنشائاللاھ! مەقسەت مېنىڭ 25 مىڭ دوللار قەرزىم بار، يېنىمدا نەق پۇلدىن يەنى قىلىۋاتقان تىجارىتىمدە 60 مىڭ لىرا ئەتراپىدا پۇلۇم ۋە 110 گرام ئەتراپىدا ئالتۇنۇم بار، مەن مۇشۇ قولۇمدا بار پۇل ۋە ئالتۇنلارغا زاكات بېرەمدىم؟ قەرزلىرىمنى تۆلەش ئۈچۈن ماڭا زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ؟ ئەگەر كەلمىسە، قولۇمدا بار پۇل ۋە ئالتۇنلار ئۈچۈن قانچە پۇل زاكات ئايرىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرگە بولسۇن! بۇ ئەھۋالدا سىز قولىڭىزدىكى ئىقتىساد ۋە ئالتۇنغا زاكات بەرمەيسىز، چۈنكى ئۇ ئىقتىساد قەرزنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىز قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات ئالسىڭىز بولىدۇ.
384 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالدى بىلەن ئاللاھ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن. ئەجرىنى مول قىلىپ بەرسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، بىر قانچە سوئالىم بار ئىدى:
1) ئۆزى ياۋروپادا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىم بىلەن سەدىقە فىتر توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ «مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياۋروپا ھۆكمىدە 10 ياۋرو، تۈركىيەدە كېلىشىنى ساقلاۋاتقان ئائىلەم ئۈچۈن لىرا ھېسابىدا (40 لىرا) بېرىمەن» دەيدۇ. ئىقتىسادى تامامەن يار بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟
2) بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيى مەن تۇرۇۋاتقان يەرگە 80 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئۆيگە بارماقچى بولۇپ ئۆيىدىن چىقىپ، ئالدى بىلەن كېلىپ مېنى ئالدى، ئارقىدىن شۇ يەرگە باردۇق. «بۇنداق ھېسابلىغاندا مەن قەسىر ھالىتىگە تامامەن چۈشىمەن» دەپ نامازنى قەسر ھەم جەملەپ ئوقۇدى. بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) توغرا. 2) خاتا.
385 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىگىمىز سىلىنى ئىككىلا دۇنيادا سالامەت قىلسۇن. سوئالىم:
1) ئىسلامدا سوپىلىق، سوپىزملىق دېگەن نېمە؟
2) بەزى كىشىلەر «زىكىر قىلدۇق» دەپ، داپ ۋە مۇزىكا ئارىلاش بىر نەرسىلەرنى قويۇۋېلىپ سەكرىشىپ يۈرىدىكەن. بۇ ئىشلار ئىبادەت قاتارىدا سانىلىپ ئەجىر بېرىلەمدۇ؟ شەرىئەتتە ئاساسى بارمۇ؟ ياكى بىدئەت ھېسابلىنىپ گۇناھكار بولامدۇ؟
3) مۇرىد بولۇش، پىر تۇتۇش دېگەن ئىشلارنىڭ ھۆكمىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) سوپىزملىق، تەسەۋۋۇف: بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، بۇ يەردە ئاپتورنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەۋر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەپسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەپس – خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەپسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇپلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر.
سوپىلار بىر نەچچە قىسىم بولىدۇ: 1. قىياپىتى، گەپ – سۆزى ۋە ھالىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ راستچىل سوپىلارغا تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئوخشىۋالىدىغان ساختا سوپىلار. 2. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ئىلمىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەقنى كۆرىدىغانلىقىنى، ماقام – مەۋقە، نام – شۆھرەتكە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا يەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت ئىسىمىنىلا بىلىدىغان ساختا سوپىلار. 3. نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىدىغان ھەقىقىي سوپىلار.
2) سوپىلار «زىكىر قىلدۇق» دەپ، داپ ۋە مۇزىكا ئارىلاش بىرنەرسىلەرنى قويۇۋېلىپ سەكرەپ، ئۇنى «ئىبادەت» دەپ جۆيلىشىدۇ ۋە ئەقىللەرنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدىكى بىئاراملىقنى «ۋەجد (ئۆزىدىن كېتىش)» دەپ ئاتايدۇ. بەزىدە ناخشا ھاياجىنى كىيىم – كېچەكلەرنى يىرتىش ۋە قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشقا ئوخشاش ھالال بولمىغان قىلىقلارنى قىلدۇرۇۋېتىدۇ. روشەنكى، بۇلارنىڭ تامامى سەلەف – سالىهلەرنىڭ يولىدىن يىراقلىشىش ۋە توغرا يولدىن ئادىشىشتۇر.
3) مۇرىد: تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر. نەپسنى پاكلاش ئۈچۈن ۋە ئىلىم ئۆگىنىپ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن پىر (ئۇستاز) تۇتسا ئەسلىدە جائىز، ھەتتا مۇستەھەب ئىش. ئەمما، ھازىرقى سوپىلارنىڭكىدەك باشقىچە شەكىلگە كىرىپ قالغىنى چەكلىنىدۇ. (بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرگە تەييارلاۋاتقان «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» ناملىق كىتابتا مەلۇماتلار بار)
386 – سوئال: تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى ھالالمۇ؟
جاۋاب: ھالال.
387 – سوئال: «تۈركىيەدە ‹مەھمۇدچى، سۇلايمانچى› دېگەندەك بىرەر جامائەتكە تاﺑﯩﺌ (ئەزا بولۇپ) ياشاش كېرەك» دەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ ئىكەن، تۈرك قوشنىلار بۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بىر كۆرسەتمە بەرسىلە بوپتىكەن ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرى ئاساسىدىكى جامائەتلەر بولۇپ، بۇ جامائەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى مەن ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەقىقىي تەسەۋۋۇف بىلەن ساختا تەسەۋۋۇفنى ئايرىش تەس. شۇڭا، مەن ئۇ جامائەتلەرگە ئەزا بولۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.
388 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە «ئەتتەھىيياتۇ»دا ئولتۇرغان چاغدا قاتتىق يۆتىلىپ كېتىش سەۋەبلىك نامازدىن قوپۇپ چىقىپ كەتسە، نامازنى قايتىدىن ئوقۇمدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! تەشەھھۇد ئوقۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئولتۇرغان بولسا، نامىزى تامام بولىدۇ.
389 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ بىر تۈرك تونۇشۇم بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنى ئىفتارغا چاقىرىپتۇ. بۇلار ئاساسىي جەھەتتىن خرىستىيان ياكى دىنسىز بولۇپ، مەقسىتى قوشنىلارغا ياخشى بولۇش ۋە مۇسۇلماننىڭ تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىش ئىكەن. ئاندىن بۇلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىدىمۇ سوۋغاتلارنى ھەدىيە قىلىپتۇ. بۇمۇ ئوخشاش مەقسەتتىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسلام دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بۇ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئۇدۇللىماي، ئىسلامنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۇلارغا سوۋغات ۋە تاماق ياكى ئىفتارلىق بەرسە بولىدۇ.
390 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن.
بىز گوللاندىيەدە ياشايمىز، بالىمىز يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تۇغۇلغان كۈنى بولدى، ئوقۇتقۇچىسى «بالىمىز ئۈچۈن يەسلىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز» دەپ، بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى نەچچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلدى. بىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئىشەنچلىك بىلگەن يەردىن تورت (شاملىرى بىلەن)، ئىچىملىك، شار ۋە يەسلىدىكى باشقا بالىلارغا ھەدىيە ئۈچۈن ئۇششاق ئويۇنچۇقلارنى ئالدۇق (چۈنكى بالىمىزمۇ باشقا بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆيگە شۇنداق ھەدىيە كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى). بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرمەيلى دېسەك، بالىمىزنىڭ بوينى قىسىلىپ قېلىشىنى خاھلىمىدۇق، چۈنكى ساۋاقداشلىرى تەبرىكلەنگەندىكىن، ئۇمۇ ئوخشاشلا باشقىلار تەرىپىدىن تەبرىكلىنىشنى خاھلايدىكەن، بۇنى بالىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلىشكە ھەپتە قالغاندىن تارتىپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىشقا باشلىغىنىدىن ھېس قىلدۇق. بىز خالىي بولالمىغاندەك نۇرغۇن قېرىنداشلارمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. سوئالىم:
1) بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز جائىزمۇ؟
2) شەكىل جەھەتتىن ھازىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇغۇلغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تورت ئېلىپ، شام يېقىپ، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇشۇنداق قىلساق گۇناھكار بولامدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز ئەسلىدە خاتا. بۇ ھەقتە ئاتا – ئانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە يېزىلغان مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6419
391 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مېنىڭ بىر سوئالىم بار: ئۇيغۇرلارنى قانداق كۈچلەندۈرىمىز؟ ۋەتەننى قانداق ئازاد قىلىمىز؟ ئوچۇقراق قىلىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش دەپ قارايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن سۆزدىن «ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئازاد ۋە مۇستەقىل بولۇش» دېگەن تۈزۈكرەك. چۈنكى، ئۇلارنى چوقۇم بىرسى ياكى چەتئەلدىكىلەر قۇتۇلدۇرىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدىكىلەرمۇ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نەپس بالاسىدىن قۇتقۇزۇپ قويىدىغانلارغا موھتاج بولماقتا. مېنىڭچە، ۋەتەندىكىلەر ئازاد بولۇپ، چەتئەلدىكى بۇ بىچارە، سەرسان، بىر – بىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ھارمىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى قۇتقۇزىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى سەمىمىيەت ۋە خالىس نىيەتتە بولۇشقا كۆندۈرۈپ، ئۆزىمىزنى نەپسىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئازاد قىلساق، بەلكىم ئاندىن غېمىنى يەيدىغان بولۇرمىز. بولمىسا بارچە دەبدەبىلىك گەپلەرنىڭ ھەممىسى مەنىسىزدۇر.
392 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشى «ئائىلىنىڭ چىقىملىرىغا ئىشلىتىڭ» دەپ بەرگەن پۇلنىڭ ئاز بىرقىسمىنى يولدىشىدىن رۇخسەت سورىماي، باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم رۇخسەت سوراپ بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر ئالاھىدە چەكلىمىگەن ياكى ئادەتتە رازى بولىدىغان بولسا ئاز بىرقىسمىنى يولدىشىدىن رۇخسەت سورىماي، باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ. ئەجرى ئىككىيلەنگە بولىدۇ. ئاز – كۆپلۈكنى ئادەت بەلگىلەيدۇ.
393 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. پەرز روزا بىلەن نەفلە روزىنى بىراقلا نىيەت قىلسا بولامدۇ؟ مەسىلەن، زۇلھەججە ئېيى ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، پەرز روزىنىڭ قازاسىنى بىراقلا نىيەت قىلسا دېمەكچى. (تۈركىيەدىن)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر بۇرۇنقى رامازاندىن قازا روزىسى بارلار بولسا، ئالدى بىلەن قازا روزىسىنى تۇتۇۋېلىپ ئاندىن كېيىن ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇش لازىم. ئەگەر رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، پەرزنى تاشلاپ قويۇپ مۇستەھەبنى قىلغان بولىدۇ، يەنە كېلىپ بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىستە: «رامازاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن» دېگەن بولغاچقا، رامازاننى تولۇق تۇتقاندىن كېيىن ئارقىدىن بۇ ئالتە كۈن روزىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ھەدىستىكى پەزىلەتكە ئېرىشەلەيدۇ. رامازاننى تولۇق تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، بۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە چۈشمەيدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. لېكىن، شۇنداقتىمۇ نەفلە روزا تۇتقان ساۋابى بولىدۇ.
ئەمما، قازا روزىسى بارلار ھېيتتىن كېيىن قازا روزىسىنى تۇتقاندا شەۋۋالغا تەۋە ئالتە كۈننى ھەم نىيەت قىلىپ 6 كۈن قازا روزا تۇتسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر نىيەت بىلەن ھەر ئىككى روزا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدۇ. خۇددى مەسجىدكە كىرىپ، پەرزگە ئۈلگۈرگەن كىشىگە نىسبەتەن پەرز ناماز تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىغىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈننىڭ روزىسى قازاسىنى قىلىدىغان روزىسىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، رامازان قازاسىنى تۇتماقچى بولغان ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىنىمۇ نىيەت قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قازا روزىلارنى تۇتۇۋاتقاندا شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقان بولىدۇ. شەۋۋال ئېيى چىقىپ كېتىشكە ۋاقىت قىستالغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق قىلسا بولىدۇ.
ئىككىنىڭ بىرىنى نىيەت قىلاي دېسە، قازا روزا ئەلبەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، رامازان قازاسىنى قىلىش پەرز، شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسى بولسا نەفلە.
394 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.
1) كىچىك بالىلار «جەننەتتە خاھلىغان نەرسىمىز بولىدىكەن، ئۇنداقتا شاكىلات ئاقىدىغان دەريامۇ بارمۇ؟ مەن ئاللاھتىن سورىسام، يېنىمغا ئۆمۈچۈك ئادەممۇ كېلەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ، ئۇلارنى جەننەتكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، خاھلىغان نەرسىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى دېسەك قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئۇزۇندىن بېرى سورىماقچى ئىدىم.
2) دادا بولغان ئادەم نامازغا قېرىقلىق قىلسا، بالىنى نامازغا ھېرىسمەن تەربىيەلەشكە كۈچەۋاتقان بىر ئانا بالىسىنىڭ «نېمىشقا دادام ئەزان چىقسىمۇ ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەندەك سوئالىغا «دادىڭىز ئاغرىپ قاپتۇ، شۇڭا نامىزىنى ھېلى تۇرۇپ ئوقۇيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش يالغان گەپ بىلەن چۈشەندۈرسە گۇناھ بولامدۇ؟
3) رامازاننىڭ ئاخىرقى كېچىلىرى ئۆزرىلىك بولۇپ قالغان ئايال قۇرئان ۋە ناماز ئوقۇيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاسان ئۇخلاپ قالىدىكەنمىز، مۇشۇ ۋاقىتلارنى ئەڭ گۈزەل ئىبادەتلەر بىلەن روھلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق ئىبادەتلەرنى تەۋسىيە قىلىلا؟ مەنچە بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان باشقا ھەمشىرىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغايلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) خاھلىغان نەرسىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى دېسەك بولىدۇ. 2) كېسەل دەپ چۈشەندۈرسە بولا. چۈنكى، ئەزان چىقسىمۇ نامازغا ئالدىرىماسلىق دىلدىكى كېسەللىككە چۈشىدۇ. 3) قۇرئاننى ئاڭلاش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغىمۇ جائىزدۇر. شۇڭا، ئىبادەتنى بىر تۈرگە قارىتىۋالماي، تۈرلۈك قىلىشى پايدىلىق.
395 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ۋاقىتلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن.
1) دىننى ياخشى چۈشىنىپ ھىجابلىنىشتىن خىجىل بولۇۋاتقان ھەمشىرىلىرىمىزگە قانداق ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىسەك ياخشى؟
2) پۇتى ئوچۇق ئاياغلارنى كىيىۋاتقان، ئوشۇقلىرىنى چىقىرىپ قويۇپ قىسقا پايپاق كىيىدىغان ھەمشىرىلىرىمىز بار، پۇت ۋە ئوشۇق ئەۋرەتكە ھېسابلىنامدۇ؟
3) باشقا ھىجاب كىيگەندە، چېچىنى قەستەن ياكى بىلمەي ئالدىدىن ئازراق چىقىرىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
4) «ئاياللار ھىجاب بىلەن باش ۋە كۆكرەكلىرىنى يېپىپ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلىمەن، شارپا تاقىغاندا، بوينىنى ئېچىپ قويسا ياكى ئالدىدىن چەگسىمۇ كۆكرەكنى ياپماي بويۇندىنلا كەينىگە تاشلىۋېلىش توغرىمۇ؟
5) تار ئىشتان ياكى كەڭ ئىشتان بىلەن تىزىنى ياپىدىغان، ئەمما ئوشۇققا بارمايدىغان مايكا – كۆڭلەكلەرنى كىيىش توغرىمۇ؟
6) قىز – ئاياللار كۆڭلەك ياكى چاپان كىيگەندە بەلۋاغلىرىنى چىگىۋېلىش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! 1) ئەقىدە – ئېتىقادنى تىكلەش ۋە ئاللاھنىڭ پەرزى دېگەن نېمە بۇنى ئۇقتۇرۇش لازىم. 2) بۇ پەتۋاغا قاراڭ:
https://sajiya.biz/?p=3483
3) ھارام. 4) بويۇنمۇ ئەۋرەت. 5) تار، كالتا ئىشتان ئۈستىگە ئوشۇقنى ياپىدىغان مايكا – كۆڭلەكلەرنى كىيسە بولىدۇ. 6) توغرا ئەمەس.
396 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئەگەر ئانىسىدىن مىراس قالغان زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى قولىدا بولمىسا يەنى باشقا بىر شەھەردە بولسا، بۇنىڭ زاكات ئىشى قانداق بولىدۇ؟ زاكات بېرىلەمدۇ ياكى قولىغا ئالغاندا بېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. باشقا شەھەرلەردە بولسىمۇ ئۆزى خاھلىغانچە بىرتەرەپ قىلالايدىغان، خەجلىيەلەيدىغان بولسا زاكات كېلىدۇ.
397 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن.
ئۇستاز! بەدەننىڭ شەكلى كۆرۈنمەيدىغان شەكىلدە تىزغا كەلگۈچە كوپتا ۋە كەڭرى ئىشتان (تۈرك ئاياللىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كىيگىنىگە ئوخشاش) كىيسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنىڭ ئۆلچىمى بەدەن مەلۇم بولۇپ قالماسلىق.
398 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا باشقىلارنىڭ رەسىملىرىنى بىلىپ، بىلمەي كۆرۈپ قالىدىكەنمىز، سوئالىم:
1) بىر ئايال كىشىنىڭ كامىراغا يېقىن تۇرۇپ (كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرغاندەك) سۆزلىگەن ۋىدىئوسىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
2) يات ئاياللارنىڭ مەيلى ھىجابلىق بولسۇن، بولمىسۇن، تورلاردا تارقالغان ۋىدىئوسىنى نامەھرەم ئاياللارغا قارىسا بولمايدىغانلىقىنى، يات ئايالنىڭ رەسىمىنى كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خاھلىماستىن كۆرۈپ قالسا گۇناھى كۆرگۈچىگە بولامدۇ ياكى تارقاتقۇچىغىمۇ؟
3) ۋاتىسئاپتا ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ھەمبەھرلەپ تۇرالايدىكەنمىز، بۇنى نومۇرىمىزنى ساقلىۋالغان كىشى كۆرەلەيدىكەن. بەزىدە بىرەر ئايال كىشىنىڭكىنى (بەلكى ئۇ تىجارەتچى بولسا، نومۇرىنى ساقلىۋالغان بولۇشىمىز مۇمكىن) كۆرۈپ قالىدىكەنمىز، بىزنىڭكىنىمۇ كۆرەلەيدىكەن، مۇشۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولامدۇق؟
4) ۋاتىسئاپتا «ئۇيغۇرنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى» دەيدىغان توپلار بار ئىكەن، مەخسۇس ۋەتەندىكى سەنئەتچىلەرنىڭ ۋىدىئولىرىنى يوللىشىدىكەن، بۇ توپلاردا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ، قۇرغۇچىسىمۇ ياكى شۇ ناخشا – ئۇسسۇلنى ئەۋەتكەن كىشىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئادەتتە ۋىدىئو چىقارغان ئاياللار تولۇق ياسانغان ۋە پەرداز قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ توغرا بولمايدۇ. 2) گۇناھى تارقاتقۇچىغا. 3) ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە گۇناھكار بولىدۇ. كۆزگە چېلىقىپ قالسا گۇناھ بولماس. قاراۋەرسە گۇناھ بولا. ئاياللارمۇ رەسىملىرىنى چىقارماسلىقى لازىم. بۇلارنىڭ خاتا بولۇش -بولماسلىقىنى ھەربىر كىشى قەلبىدە ھېس قىلىدۇ. 4) ھەممىسى ئۆز لايىقىدا گۇناھكار بولىدۇ.
399 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىتىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا كۈچىمەيدىكەن. مەن بەزى بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن تۈركچىلا پاراڭلىشالايدىغانلىقىنى كۆردۈم. سوئالىم:
1) ئانا تىلنى ئۆگەتمەسلىك جىنايەت دەپ بىلەتتىم. شەرىئەتتە بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
2) ئىبادىتىمىزنى جايىدا قىلالىشىمىز ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش پەرزمۇ؟ ياكى تەرجىمە ماتېرىياللاردىنلا پايدىلىنىپ، سىلىدەك ئۇستازلىرىمىزغا ئەگىشىپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ جەننەتكە كىرەلەمدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئانا تىلنى ئۆگىنىش زۆرۈر. ئۆگەنمەسلىكنى جىنايەت دەپ كەتكىلى بولماس. ھۆكۈم جەھەتتىن كىشىنىڭ ۋە ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، «ۋاجىب» بىلەن «مۇستەھەب بولىدۇ» دەپ قارايمەن. 2) نامازدا ئوقۇيدىغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى ئەرەبچە ئۆگىنىش پەرز. باشقىسىدا ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش مۇستەھەب.
400 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىلىملىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەت بەرسۇن .
1) ئۇستاز ئۇيغۇر مەسجىدكە ئالتە -يەتتە ياشلىق بالىلىرىمىز بىلەن كىرىپ پەرز نامازنىڭ ئاخىرىغا يېتىشىپ، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن نامازنى داۋام قىلىۋاتقاندا بەزى قېرىنداشلىرىمىز، ھەتتا بەزى ئەھلى ئىلىم دەپ بىلىدىغان، قارىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋېرىدۇ. نورمالدا بۇ بالىلىرىمىز نامازنىڭ ئەركانلىرىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئىمامدىن كېيىن نامازنى ئوقۇيدۇ. بالىلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە پەرز نامازغا تۇرغان ۋاقىتتا بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، بالىلىرىمىزنى قولىدىن تارتىپ ئېلىۋېتىپ :«سىلەر كەينىدە ئوقۇڭلار، ئارقىدا تۇرۇڭلار» دەپ نامىزىنى بۇزىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بالىلىرىمىز يەتتە ياشقا كىرگەندە پەرزەنتلىرىمىزنى نامازغا بۇيرىشىمىزنى ئېيتقان. بۇنداق قىلسا بالىلارنىڭ مەسجىدتىن رايى سوۋۇپ كېتىدىكەن ھەم «مەسجىدكە چىقسام مېنى ئارقىغا تارتتى…» دەپ كۆڭلىگە كېلىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن. بىز بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا: «بۇنداق قىلماڭ!» دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟
2) ئۆيدە بىز مەھرەم بولغان ئايال – قىزلىرىمىز بىلەن تەراۋىھ ياكى پەرز نامازلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئايال – قىزلىرىمىزنىڭ «ئامىن!» نى ئۈنلۈك دېيىشى جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان بالىلار يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، چوڭلارغا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. سەجدىگاھىنىڭ نېرىسىدىن ئۆتسە بولىدۇ. ئىمامنىڭ ئارقىدا ئىلىم ئەھلى تۇرۇشى كېرەك. ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە باشقىلار تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، كېچىكىپ كەلگەنلەر باشقىلارنى سۈرۈۋېتىپ ئالدى سەپكە چىقىۋالسا بولمايدۇ. كىچىك بالىلار چوڭلاردىن بۇرۇن مەسجىدكە كېلىپ ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇلارنى ئارقا سەپلەرگە يۆتكىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇرۇن كەلگەن. ئەمما، ھەممە كىشى بىراقلا كەلگەن ئەھۋالدا بالىلار چوڭلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرگەندە بالا ئۆزى ياكى ئاتىسى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا: «بۇنداق قىلماڭ» دېيىشكە ۋە بالىسىنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا بەرمەي چىڭ تۇرۇشقا ھەقلىق. ئاندىن بۇنى ئەھلى ئىلىملەر جامائەتكە چۈشەندۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى. 2) ئايال – قىزلىرىمىز مەھرەملىرى بىلەن ياكى ئاياللار بىلەن تەراۋىھ ياكى پەرز نامازلارنى ئوقۇغىنىدا، «ئامىن!»نى ئۈنلۈك دېيىشى جائىز.
401 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!
1) مەن مۇشۇ ۋىتر نامىزىنى سەھەردە ئوقۇيمەن دەپ سەھەرلەردە ئۇخلاپ قېلىش سەۋەبلىك ياكى بالىلىرىم ئۇششاق ۋىتر ئوقۇغىلى تۇرغىنىمدا، بالىلارنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىش سەۋەبى بىلەن بامدات ۋاقتى كىرىپ قېلىپ ئوقۇيالماي قېپقالغان ۋاقىتلار بەك كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىترنىڭ قازاسى كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ؟
2) قۇرئان ئوقۇپ سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغان چاغدا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سەجدە قىلىۋېتىش زۆرۈرمۇ؟ ئەگەر قىلمىسا گۇناھكار بولامدۇ؟ بەزىدە «كېيىن قىلىمەن» دەپ ئېسىدىن چىقىپ قالىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ.
1) ۋىترنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، ۋىترنىڭمۇ قازاسىنى قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇخلاپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ۋىتر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالسا، ئېسىگە كەلگەندە ياكى ئويغانغاندا ئوقۇسۇن»(«ئەبۇ داۋۇد»، 1431). يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۇخلاپ قېلىپ، ۋىتر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالسا، تاڭ ئاتقاندا ئوقۇسۇن»دېگەن.(«تىرمىزىي»، 466) بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى (ۋىترنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ ۋە يەنە) ۋىترنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2) جاۋابىنى مۇنۇ پەتىۋادىن كۆرۈۋالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2602
402 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
1) ئۇستازنىڭ بىتكۇۋين توغرىسىدا پەتىۋاسى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار. بولمىسا، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
2) ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىسىنى سېتىۋەتسە، ئۇنىڭ پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) https://sajiya.biz/?p=4787
2) ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىسىنى سېتىۋەتسە، ئۇنىڭ پۇلىغا بىر يىل ئۆتكەندە زاكات كېلىدۇ.
403 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان ئىچىدە سەدىقە فىترنى بېرىپ بولغان كىشى (ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بېرىش كېرەكلىكىنى بىلمەي) قايتا بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قايتا بېرىشى كېرەك ئەمەس.
404 – سوئال: مەن بىر ھەدىس ئاڭلىغانىدىم: «پېقىرچىلىقتا قالدىم، ئى رەسۇلۇللاھ!» دېگەنىدى، «ئۇنداق بولسا، ئۆيلەن» دېدى. ئۇ ساھابە تەكرار كېلىپ: «ئۆيلەندىم، يەنە پېقىرچىلىقتا قالدىم» دېگەنىدى: «يەنە ئۆيلەنگىن» دېدى. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟
جاۋاب: مەزكۇر ھەدىس سەھىھ ئەمەس. لېكىن، نىكاھنىڭ رىزىق ۋە بايلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بار.
405 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار ۋە قېرىنداشلار! سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر؟ بىر ئايال رامازاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن يېڭى بالا تۇغۇپتىكەنتۇق، قىرىقى توشمىغاچقا روزا تۇتالماپتۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت بارمۇ؟ بۇنىڭغا كەففارەت كېلەمدۇ؟ ياكى قىرىقى توشقاندىن كېيىن قازاسىنى قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! نىپاس دېگەن تۇغۇتتىن كېيىن يا بالا چۈشۈپ كەتكەن ياكى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ھەيز كېلىدىغان جايدىن كېلىدىغان قاندۇر. بىر ئايالنىڭ نىپاس مۇددىتى يەنە بىرسىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئەڭ قىسقا نىپاس بىردەملىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۇغۇتتىن كېيىنلا قان توختىسا ياكى قانسىز تۇغۇش بولغان بولسا، نىپاس تۈگىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، غۇسلى قىلىۋېتىپلا ناماز ئوقۇيدۇ ۋە باشقا نىپاس سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە نىپاس مۇددىتى ئەڭ ئاز بولسا 11 ياكى 26 كۈن بولىدۇ. ئەمما، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان نىپاس بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىرىق كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ساقايغاندىن كېيىن روزا تۇتمىغان بولسا، قازاسىنى قىلىشى ۋە تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ. ئاياللار بالا ئەمگۈزگەچكە قازاسىنى تولۇق تۇتۇپ بولالمىسا، كېيىنچە قازاسىنى تۇتالايدىغان بولسا قازاسىنىلا تۇتسا بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغانلار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولسا، قازاسىنى تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىديە بېرىدۇ.
406 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز!
1) زاكات ئالسا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلىرى ئېنىق، ئەمما بەزىلەر «شۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ بەكرەك ھالى ناچارلارنى تېپىپ بېرىمەن» دەپ قارايدۇ ھەم بۇ سەۋەبلىك شۇنداق ئادەمنى تاپقۇچە، بېرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
2) باشقىلار تونۇشتۇرغان زاكات ئالسا توغرا كېلىدىغان كىشىلەرگە كۆڭلى ئەمىن بولماي، ئۆزى تاپالماي كېچىكتۈرۈش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ.
1) زاكات نىسابىغا يېتىپ زاكات ئايرىش ۋاقتى كەلگەندە، بەكرەك ھالى ناچارلارنى تاپسا تاپتى، تاپالمىسا ئېھتىياجلىققا بېرىۋېتىدۇ. نىسابقا يەتكەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەيدۇ. 2) باشقىلار تاپقانغا ئىشىنەلمەي ھەم ئۆزى تاپالماي قالغاندا، ئىشەنچلىك بىر كىشىگە تۇتقۇزۇپ جايىغا بېرىۋېتىشنى تاپىلىشى لازىم. ئۆزى ساقلىسا بولمايدۇ.
407 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سىزنى ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن! تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن! ئۆيدە مۈشۈك باققانلار مۈشۈكىنى تۇغماسلىق (قىسر) ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنى قىلمسا، مۈشۈك سىرتلارغا چىقىپ كېتىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىردىن ئارتۇق مۈشۈك باققانلار بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرسا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆيدە مۈشۈك باققانلار مۈشۈكلەرنىڭ قاتتىق مىياڭلاشلىرىدىن بىئارام بولسا ياكى سىرتقا چىقىپ ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر تۇتۇملۇق سەۋەب بولسا، مۈشۈكىنى تۇغماسلىق (قىسىر) ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋەتسە بولىدۇ. بولمىسا چەكلىنىدۇ.
408 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم. فىتر زاكاتلارنى ۋاسىتىلىك بەرمەكچى بولساق، يەنى بىرەرسىنىڭ دوستى «مەن بېرىپ قويىمەن» دەپ يىغىپ، بىز رامازان ئىچىدە بەرگەن بولساقمۇ، ئوتتۇرىدىكى يىغىپ يەتكۈزگۈچى رامازان ئىچىدە ئەۋەتەلمىگەن بولسىمۇ مەسئۇلىيەت بىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەدىقە فىتىرنى بەرگۈچى ۋاقتىدا بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈگەيدۇ. سەدىقە ئادا بولىدۇ. كېچىكتۈرگەننىڭ گۇناھى ۋەكىلگە بولىدۇ.
409 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! تۇغۇتتىن ساقلىنىشقا دىنىمىزدا كۆرسەتمە باركەن، يەنە بەزى ۋاقىتتا «ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ» دەيدىكەنمىز. مۇشۇنى ئېنىق چۈشىنىش مەن ئۈچۈن تەس كەلدى. سوئالىم: 1) بىز پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساقمۇ، يەنىلا تەقدىردە بالا كۆرۈش يېزىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېمەكچىمۇ؟ 2) تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قىلمايلا، ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدىغان بولغاچقا، «شۇ تەقدىرىمىزدىكى بولىدۇ» دەپ، تەقدىرىمىزنى كۈتسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. 1) شۇنداق. چۈنكى، ئۈزۈك ۋە باشقا چارە – تەدبىرلەرنى ئالغان تەقدىردىمۇ يەنە قورساق كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بولىدۇ.
2) ئېلىنغان چارە – تەدبىرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خاھلىغىنىدىن ۋە تەقدىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە سەۋەب قىلىپ باقىدۇ. سەۋەبى بويىچە ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرزەنت بەرمەسلىكنى خاھلىسا بەرمەيدۇ. بېرىشنى خاھلىسا، ئىنسان سەۋەب قىلسىمۇ پەرزەنتى بولىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساھابەلەر ئەزل قىلىش (يەنى مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىش) ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ‹قۇرئان› نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا بىز ئەزل قىلاتتۇق»(«بۇخارىي»، 5209؛ «مۇسلىم»، 1440). دېمەك، بۇ مۇباھ بولۇپلا قالماي، «شۇ تەقدىرىمىزدىكى بولىدۇ» دەپ تەقدىرىمىزنى كۈتۈش بىلەن زىت كەلمەيدىغان ئىش.
410 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ بىر يېقىنىم تۈنۈگۈن يولدىشى بىلەن بىللە تۈنەشكە دېيىشىپتىكەن، يولدىشىمۇ ماقۇل بوپتۇ. كېيىن يولدىشى ئۇخلاپ قاپتۇ، يېقىنىم يولدىشىنى ئويغىتىپ «ناماز ئوقۇيمىز، تەھەججۇد ئوقۇيمىز، قوپۇڭ!» دەپ كۆزىگە كىرىۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى «يوقال! بۇ ئۆيدىن چىق! يوقال دېدىم!» دەپ قايتا – قايتا دەپتۇ. «باشقا ئەرگە تېگىپ يوقال!» دەپمۇ گەپ قىپتۇ. ئۇيقۇچىلىقتا دېدىمىكى دېسەم، ئويغىنىپ دەپتۇ. بۇ تالاققا چۈشەمدۇ؟ بىر جاۋابىنى بەرسىڭىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ كىنايە بولغاچقا تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسا، تالاق چۈشىدۇ. مەقسەت قىلمىغان بولسا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ پۈتۈن جەرياننى ۋە ئۇندىن ئىلگىرىكى تالاق تارىخىنى تولۇق بايان قىلىپ پەتۋا ئالمىسا، بۇ يەردە مۇنداقلا سوراش بىلەن توغرا ھەل قىلىنمايدۇ.
411 – سوئال: ئەسساﻻمۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ساﻻمەت تۇردىلىمۇ؟ 1) ئايال كىشى ھەيزدار ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە كىتابنى قولىغا ئېلىپ، زىكىر – تەسبىھ ئوقۇسا بوﻻمدۇ؟
2) يەنە ئۇستاز! ئايال ھەمشىرىلىرىمىز خىتتايدىن قازاقىستان ئارقىلىق مال ئەكىلىپ سېتىۋاتىدۇ. يەنە شۇ ئستانبۇلدا ئاياللار خىتتاي ئۈچۈن سودا قىلىۋاتىدۇ. شۇلارنى ئالىملار بىر توسقان بولسا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. 1) 175 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ. 2) 103 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
412 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ھەممىمىزنى رامازاندىن ئۇتۇق قازىنىپ چىققۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىن. بەش – ئالتە ياشلاردىكى قىزلارنىڭ ۋېلىسپىت مىنىشى ئۇيغۇن بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامىن! زىيان كېلىپ چىقمايدىغانلا بولسا، دىنىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.
413 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كۈيئوغۇلنىڭ قېيىن ئاتا – ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ كۈيئوغۇل پۇلىنىڭ زاكىتىنى قېيىن ئاتا – ئانىسىغا بەرسە توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈيئوغۇلنىڭ قېيىن ئاتا – ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار كېسەللىكتىن ياكى پېقىرلىقتىن، ياكى ئۇلارنى باقالايدىغان قىز ۋە ئوغۇل بالىلىرى يوق بولغانلىقتىن زاكاتقا موھتاج بولسا، كۈيئوغلى ئۇلارغا زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ.
414 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) مەن ھەيزدار ھالەتتە قېپقالغان پارەمنى كومپيۇتېرغا قاراپ ئوقۇپ تۈگەتسەم، تامام قىلغان بولامدىم؟ 2) ھەيزدار ھالەتتە قولۇمغا پەلەي كىيىپ، قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن قارىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەيزدارلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. 2) پەلەي تۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەلەي بىلەن تۇتسا بولىدۇ. ئەمما ئوقۇشنىڭ ھۆكمى يۇقىرىقىدەك.
415 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بىر قەرزدارنىڭ قەرزىنى قايتۇرغىدەك شارائىتى يوق ئەھۋالدا، باشقىلار بۇ قەرزدارغا ئېھتىياجى بارلارغا بۆلۈپ تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان پۇلدىن بىر ئۈلۈشنى ئۆزى ئۈچۈن ئالسا دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. كۈچلۈك قاراشتا زاكاتنى بەرگۈچى مەلۇم ۋە مۇئەييەن شەخسلەرنى بېكىتمەي، قەرزدارلارغا (ياكى پېقىرلەرگە) تارقىتىپ بېرىشنى تاپىلىغان بولسا، ۋەكالەتەن باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان كىشى ئەگەر شۇ سۈپەت ۋە ئۆلچەمگە چۈشىدىغان بولسا، باشقىلارغا تارقاتقان مىقداردا ئۆزىگىمۇ بىر كىشىلىك ئالسا بولىدۇ. باشقىلارغا تارقاتماي ھەممىنى ئۆزىلا ئېلىۋالسا ياكى باشقىلارغا تارقاتقاندىن ئارتۇق ئېلىۋالسا دۇرۇس بولمايدۇ. ئۆزى ئالماي باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىشى مۇستەھەب. شۇنداقلا ئۆزى ئالغان تەقدىردە زاكات بەرگۈچىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇستەھەب. ۋاجىب ئەمەس(قاراڭ: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3 – توم، 338 – بەت).
416 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىرسىدىن مەلۇم مۇددەتلىك قەرز ئالغان بولسا، ئەمما ۋاقتى كەلگىنىدە قەرز قايتۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالى بەكلا قىينچىلىقتا بولسا ۋە يەنە مەلۇم مۇددەتكىچە قەرزنى قايتۇرغۇدەك ئەھۋالى بولمىغاندا، قەرز بەرگۈچى بۇ قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىپ قەرزنى بىكار قىلىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 16 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
417 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بەك ئېغىر باش ئاغرىقى كېسىلى بار ئىكەنتۇق، روزا تۇتقاندا تۇيۇقسىز باش ئاغرىقى قوزغىلىپ قالسا، دورا ئىچمىسە، بەك ئېغىرلاپ كېتىدىكەن ھەم دورا ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا روزىنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. باش ئاغرىش بىرەر كۈن بولسا دورا ئىچىپ داۋالىنىپ، ھېيتتىن كېيىن بىرەر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. بىرقانچە يىلدا تېز ساقايماس كېسەل بولسا، روزا تۇتماي ھەربىر كۈنگە بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ (تۈركىيەدە بۇ يىل 60 لىرا، ياۋروپا ئەللىرىدە 15 ياۋرو ئەتراپىدا).
418 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! «ئەبجەد ھېسابى» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا مەلۇمات ئالاي دېگەن ئىدىم. مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ئىلتىجايىمغا مەرھەمەت قىلغان بولسىلا، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئەبجەد ھېسابى» بىر خىل ھەرپلەر بىلەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدىكى 28 ھەرپنىڭ ھەربىرى بىرلىك ياكى ئونلۇق، ياكى يۈزلۈك مەلۇم ساننى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا 28 ھەرپ مۇنداق تەرتىپ بىلەن تىزىلىدۇ:
أبْجَدْ، هوز، حطِّي، كَلَمُنْ، سَعْفَص، قَرَشَتْ، ثَخَذْ، ضَظَغٌ
بۇلاردىن توققۇز ھەرپ بىرلىك سانلارغا، يەنە توققۇزى ئونلۇق سانلارغا، يەنە توققۇزى يۈزلۈك سانلارغا، بىرى مىڭگە بېكىتىلگەن بولىدۇ. باشقا تىللاردىكى يېزىق ھەرپلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە خاھلىغانچە بېكىتىپ ئىشلىتىدۇ.
مەسىلەن، أ = 1، ب = 2، ج = 3، د = 4… ي = 10، ك = 20… ق = 100، ر = 200… غ = 1000.
بۇ ئۇسۇل بىلەن بەزى تارىخلارنى ئىپادىلەشتە تارىخنى سان سىفىر بىلەن يازماي، بەزى كەلىمىلەرنى، جۈملىلەرنى ياكى بېىيتلارنى يازىدۇ. بۇ جۈملىلەردىكى ھەربىر ھەرپنى ئۇ ئىپادىلەيدىغان سانغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا، دېمەكچى بولغان تارىخ ياكى سان چىقىدۇ. بۇنى شائىرلار، يازغۇچىلار كۆپ ئىشلىتىدۇ.
مەسىلەن، «ئەتتۇھفە» ناملىق نەزمىي ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى ئەسەرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنۇ بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
أَبْيَاتُهُ نَدٌّ بَدَا لِذِي النُّهَى ** تَارِيخُهَا بُشْرَى لِمَنْ يُتْقِنُهَا
يەنى: بۇ ئەسەرنىڭ بېيىتلىرى ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى. تارىخى ئۇنى پۇختا ئىگىلىگەنلەرگە خۇش بېشارەت بولدى.
بۇ بېيىتتىكى «أَبْيَاتُهُ»دىن كېيىنكى («نَدٌّ بَدَا»دىكى) ھەرپلەرنى ئەبجەد ھېسابى بىلەن ھېسابلايدىغان بولساق، ن = 50، د = 4، ب = 2….. مەزكۇر نەزمنىڭ بېيىت سانى جەمئىي 61 بېيىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
» بُشْرَى = 712، لِمَنْ = 120، يُتْقِنُهَا = 566″ دېگەن ئىبارىنىڭ ھەرپلىرىنى ھېسابلىساق، ئۇ ئەسەرنى يازغان تارىخ ھىجرىيە 1398 – يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
بۇ مۇشۇ تەرىقىدە ھېسابلاشتا ۋە شىفىرلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۆز ئالدىغا مېتودى بار بىر ئىلىم ئەمەس. بۇ ئۇسۇل بىزنىڭ دىنىمىزغا، شەرىئەتكە ھېچقانداق ئالاقىسىز. لېكىن، تارىختىن بۇيان بۇنى سېھرىگەرلەر، تەسەۋۋۇف ئەھلى، شىيئەلەر، باتىنىيلار ۋە يەھۇدىي – خرىستىيانلار پال ئېچىش، سېھىر، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىش ۋە ئاجايىب – غارايىب ئىشلارنى ھەقىقەتتەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ياكى بەزىبىر بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئىشلەتكەن. مەسىلەن، يەھۇدىيلار ۋە بەزىلەر سۈرە بېشىدىكى ھەرپلەرنى بىر خىل ھېسابلاپ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتمەكچى بولغان. يەنە بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئېتىقادىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي – خرىستىيانلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا، پەيلاسۇپ ۋە مۇنەججىملەردىن چىققان سابىئىيلەر ۋە مۇشرىكلەرنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا بار بولغان بۇ تۈرلۈك ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر. يەنى دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر. شۇڭا، ھەربىر كۈچ ئىگىسى ئىلىم، تىل، قەلەم ۋە كۈچ بىلەن ئۇنى تەنقىد قىلىشى، ئۇنى چەكلىشى كېرەك. مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەڭ كاتتا ئەمرىمەرۇپ – نەھيىمۇنكەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇنداق قىلمىشلارنى قىلغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى، مىللەتلەرنىڭ ماڭقۇرۇتلىرىدۇر»(قاراڭ: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 35 – توم، 190 – بەت).
شۇڭلاشقا، قۇرئان تەفسىرى ياكى كېلەچەكنى بىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش، بۇنى ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئىلىم دەپ قارىۋېلىش كۇپۇر ۋە ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب. (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!)
419 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن توپ مال ساتىدىغان دۇكاندا ئىشلەيمەن. دۇكاننىڭ نەچچە يىللىق كونا خېرىدارلىرى بار، ئۇلار نېسىگە مال ئالىدۇ. پۇلىنى قاچان بېرىدىغانلىقىنى بەزىدە دەيدۇ، بەزىدە دېمەيدۇ. بىزمۇ قەرەللىك قەرز سۈيلەپ تۇرىمىز، ئۇلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە بۆلۈپ بېرىدۇ. بەزىدە «قاچان، قانچە پۇل بېرىسەن؟» دەپ ئېنىق سورىغىلى بولمايدۇ.
1) بۇ سودىدىكى مەۋھۇملۇق دائىرىسىگە كىرىپ سودا دۇرۇس بولمامدۇ؟
2) بەزىدە ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزىنىڭ ماللىرىنى بىزگە ئەكىلىدۇ، «پۇلىنى ساتقاندا بەرسىڭىزمۇ ياكى سېتىلىشىغا قارىتا بەرسىڭىزمۇ مەيلى» دەيدۇ، بىزمۇ «تامام» دەپ ئېلىپ قالىمىز. بۇمۇ سودا دۇرۇس بولمايدىغان نامەلۇملۇق دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟
3) تىجارەتتە سۆزىدە تۇرالماسلىق مەسىلىسى جىق يۈز بېرىدىغان بولۇپ، خام ماددا بېرىدىغان ئادەمنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن ۋەدە بەرگەن ئىشلەپچىقارغۇچى، توپ ساتقۇچى، پارچە ساتقۇچى دېگەندەك زەنجىرسىمان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقىغا سەۋەپ بولسا، ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ ياكى باشتىكى كىشىلا گۇناھكار بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر.
1) ئالىملار تاۋارنىڭ پۇلىنى تۆلەش ۋاقتىنى ھەقىقەتەن ياكى ھۆكمەن ئېنىق بولمىغان ۋاقىتقا بېكىتىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى، نامەلۇملۇق تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۇ ۋاقىتلارنى بىلىدىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ئادەتتە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەر ئايدا سېتىۋالىدىغان ماللارنى دەپتەرگە يېزىپ، قولىغا چۈشكەن پۇللارنى ئۇدۇللۇق تۆلەپ ماڭىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆرپى جەھەتتىن تۆلەيدىغان ۋاقىت ئۇلارغا مەلۇم دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەر بىر خىل تاۋار تىجارىتىدە ئادەتلەنگەن بىر ۋاقىت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېچىكىپ كەتسە بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدا تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان نائېنىقلىق يوق بولغاچقا، جائىز دېيىشكە بولىدۇ. يەنى تۆلەش ۋاقتى ھۆكمەن مەلۇم دېگىلى بولىدۇ.
2) ئەگەر بۇ سۆزنى دېگەن چاغدا بەيئىي (ئالدىم – ساتتىم) قىلىپ دېگەن بولسا، بۇ شەرت ۋاقىتنى نامەلۇم قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، مالنى قاچان ساتالىشى نامەلۇم. ساتالماسلىقىمۇ ياكى بەكلا ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ساتالىشىمۇ مۇمكىن. نەتىجىدە ۋاقىت ئېنىق ئەمەس بولىدۇ. ئەمما، سېتىش ئۈچۈن ئامانەت قويۇپ قويسا، بۇ بەيئى بولمايدۇ ۋە سېتىلسا پۇلىنى بېرىدۇ. سېتىلمىسا مالنى قايتۇرىدۇ.
3) ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلارنىڭ ئاقسىتىپ قويۇشى سەۋەبلىك ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمەسلىك ئېھتىمالى بار تۇرۇپ كېسىپ ۋەدە قىلىشى خاتا.
420 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! سالامەت قوپتىلىمۇ؟ ئاللاھ سىلىنى مەڭگۈ سالامەت قىلسۇن. جاۋابىنى بېرىپ بولغان سوئاللارنى قايتا كۆرمەكچى بولساق، سوئالنى ۋە جاۋابنى قانداق قىلىپ تاپىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. توربەتتىكى سوئال – جاۋابلارنى سەھىپە بويىچە ئۆرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تاپىمىز. بىر بەتتە 50 سوئال – جاۋاب كۆرۈنىدۇ. باش بەتتىكى ئىزدەش كۆزنىكىگە (لوپا ئەينەكنى چەكسىڭىز، رامكا ئېچىلىدۇ) سورىماقچى بولغان مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزىنى يېزىش ئارقىلىق ئالاقىدار پەتۋا ياكى تەتقىقات تېمىسىنى تاپقىلىمۇ بولىدۇ.
421 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇقنى يەپ بولۇپ، دۇئا قىلىپ، ئەزان چىققاندىن كېيىن، بامداتقا تاھارەت ئالغۇچە يېگەن نەرسىنىڭ ھەممىنى قۇسۇۋەتسە، روزىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىختىيارسىز قۇسۇۋەتسە روزا سۇنمايدۇ. سۇنمىغاچقا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
422 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندە قالغان خوتۇن – بالىلارنىڭ فىتر سەدىقىسىنى بۇ يەردە بەرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ.
423 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز روزا تۇتسا، ئەمما ھەر كۈنلۈكى دېگۈدەك مەجبۇرىي نەرسە يېگۈزۈلسە ياكى يېيىشكە زورلانسا روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز قاتتىق ئۇرۇش، تۈرمىگە سولاپ قويۇش، ئاتا – ئانا ۋە ئايالىدەك يېقىنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئىقتىسادىنى مۇسادىرە قىلىش، باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشقا ئوخشاش كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش بىلەن تەھدىت سېلىنسا، مەجبۇرلانغان كىشىنىڭ بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىۋېتىشتىن باشقا چارە تاپالمىغان بولسا، تەھدىتتىن قۇتۇلغۇدەك مىقداردا يەپ – ئىچسە روزىسى سۇنمايدۇ، ئۇنىڭغا گۇناھمۇ بولمايدۇ.
424 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تۇتقان روزاڭلاردىن رازى بولسۇن! «تەسبىھ نامىزى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. (تەپسىلىي پەتۋا يېزىلدى)
425 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) نىكاھتىن بۇرۇن كېلىشكەن مېھر ھەققىنى 10 يىلدىمۇ ئادا قىلالمىسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ 2) تولىمۇ دىيانەتلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان يىگىت «مېھر ھەققى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ پارە قۇرئاننى لوقما يېمەي يادلاپ بېرىش»كە قوشۇلۇپتۇ، ئەمما توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىنمۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماپتۇ، بۇنىڭ بىرەر چارىسى بارمۇ؟ 3) مېھر ھەققىنى ئۇزۇن مۇددەت كېچىكتۈرۈش گۇناھمۇ؟ 4) ئەگەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، قەرزدار ھالەتتە ئۆلگەن ھېسابلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلمەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) گەدىنىدە قەرز بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆلسە مىراسى تەقسىم قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئايالىنىڭ مەھرى بېرىلىدۇ. 2) شۇ قىزنىڭ تەڭتۇشلىرىغا بېرىلگەن مىقداردا مەھرى بەرسە بولىدۇ. 3) قولىدا بار تۇرۇپ سۆرىسە زۇلۇم بولىدۇ. 4) نامىزىنى مۆتىۋەر ئالىملار چۈشۈرمەي، ئاۋاملار چۈشۈرىدۇ.
426 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قەدر كېچىسىدە ئۇخلاپ قېلىپ، كېچىنىڭ يېرىمى ياكى ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئويغانغان ئادەمنىڭ بۇ قەدر كېچىسىدە ئالىدىغان ساۋابى كەملەپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ئەگەر ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە ئۇخلىغان بولسا، ئەلبەتتە تولۇق ئەجىر ئالالمايدۇ.
427 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاۋازسىز نامازنى ئاۋازلىق ئوقۇپ قالغان كىشى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر نامازخان ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان بولسا (ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان نامازدا) قىرائەتنى خاھلىسا ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇ، ھېسابتا ئۆزىگە ئۆزى ئىمام بولغان؛ خاھلىسا پىچىرلاپ ئوقۇيدۇ. ئىمام قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان جايدا ئۈنلۈك ئوقۇپ سالسا ياكى قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان جايدا ئىچىدە ئوقۇپ قالسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ۋاجىب. چۈنكى، ئۈنلۈك ئوقۇش بىلەن ئىچىدە ئوقۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئورنىدا ئىمامغا نىسبەتەن ۋاجىب.
428 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! بىر ئايال رامازاندا روزا تۇتالمايدىغان، فىدىيە بېرىشى كېرەك ئەھۋالدا بولسا، ئەمما بۇ ئايالنىڭ ھېچقانداق ئۆز ئالدىغا كىرىمى بولمىسا، ئېرى بۇ ئايال ئۈچۈن ئۇ فىديەگە كېتىدىغان خىراجەتنى بېرىشنى خاھلىمىسا، 1) بۇ ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟ 2) كېسەل بولۇپ روزا تۇتسا زىيان قىلىدىغان ئەھۋالى بولسا، بەلكىم فىديەگە ئامال قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟ 3) شېكەر كېسەللەر، مەسىلەن ئۆمۈر بويى روزا زىيان قىلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىچۇ؟ 4) ئېرىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان ئايالنىڭ فىديە بېرىدىغان پۇلى بولمىسا، ئەمما ئېرى پاسىق ئادەم بولغاچقا فىديە چىقىمىنى قىلىپ بېرىشنى رەت قىلسا، سەدىقە ئېلىپ فىديە بەرسە توغرىمۇ؟ ئېرى گۇناھكار بولامدۇ؟ ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) كىرىمى بولمىسىمۇ قول ئىلكىدە بولسا، فىديەسىنى ئۆزى بېرىشى كېرەك. قول ئىلكىدە بولمىسا، تاپقاندا بېرىدۇ. بۇ نەپىقە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولغاچقا، ئېرىنىڭ فىديەنى تۆلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. 2) بەرمىگۈچە گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. 3) فىديە بېرىشى كېرەك. 4) سەدىقە ئېلىپ فىديە بەرسە بولىدۇ.
429 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازدا سەجدە ئايىتى تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم سەجدە قىلىنامدۇ ياكى ئىككى قېتىم قىلىنامدۇ؟ ئىمام ئىككى قېتىم قىلسا، جامائەتنىڭ بەزىسى ئەگىشىپ تەڭ قىلسا، بەزىسى تېڭىرقاپ بىرسىدە رۇكۇغا، بىرسىدە سەجدىگە كەتسە ھەم بۇ ناماز جائىز بولامدۇ؟ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىلاۋەت سەجدىسى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئىمام سەجدىنى ئىككى قېتىم قىلسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جامائەت ئىمام بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
430 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن، خاتىرجەملىك ئىچىدە قىلسۇن! بىر ئەرنىڭ ۋەتەندە ئايال – بالىلىرى بولۇپ، ئۆزى تۈركىيەدە تۇرىدىكەن. ئايالى ۋەتەندىن چىقالماي ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۇ ئەر تۈركىيەدىن ئىككىنچىلىككە يەنە توي قىلىپتۇ. ئەر گەرچە ۋەتەندىكى ئايالىغا باشقا ياردەم قىلالمىسىمۇ، ئىقتىسادىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. لېكىن، باشقا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئازابلىنىپ يۈرىدىكەن. تۈركىيەدىكى ئايالىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى ياخشىراق قىلىپ بېرەي دېسە ۋەتەندىكىسىگە قىلىپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، «ئادىل بولمىسام، قىيامەتتە يېرىمىم يوق قوپۇپ قالىمەن» دەپ، گەرچە قۇربىتى يېتىدىغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئايالىنىڭ بەزى ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قىلىپ بېرىشنى خاھلىمايدىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ بىر ئايالى قىلىشنى خاھلىمىغان ئىشقا يەنە بىر ئايالى «ئېھتىياجىم بار، مەن قىلىشنى خاھلايمەن» دېسىمۇ، «ئۇ قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىلىپ بېرەلمىگەندىن كېيىن، سەنمۇ قىلمايسەن» دەپ چەكلەش توغرىمۇ؟ ۋەتەندىكى ئايالىغا بەزى ئېھتىياجىنى قىلىپ بېرەلمەيدىغان بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى ئايالىغا قىلىپ بەرسە راستتىنلا ئادىل بولمىغان ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا يېنىدىكى ئايالنىڭ ھەققىگە كىرگەنلىك بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ھەر ئىككىسى يېنىدا بولۇپ تەڭ مۇئامىلە قىلمىسا، ئاندىن جازاغا دۇچار بولاتتى. ھالبۇكى بىرسى يېنىدا ئەمەس.
431 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بالىنى ئانىسىدىن بەكرەك دادا بىر تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟ ئانىسى باشقا دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ كەتسە، بالىنى بەرمەيدىغان ئىشلارغا دىنىمىزدا قانداق تەلىماتلار بار؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بالىنى ئانىسىدىن بەكرەك دادا بىر تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار. دادا بولمىغاندىن كېيىن دادىنىڭ دادىسى، ئۇمۇ بولمىسا دادىنىڭ ۋەسىيەت قىلغان كىشىسى ياكى ۋەكىلى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا بالىنىڭ ئاكىسى ۋە تاغىسى، ئۇلارمۇ بولمىسا ئانىسى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارمۇ بولمىسا قازى (ياكى سوت) بىرسىگە تاپشۇرىدۇ. بالىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇش ياكى ئانىسى باشقا دۆلەتكە ئېلىپ كېتىش ئەھۋاللىرىدا يۇقىرىقى ئەرلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
432 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرسەك بولامدۇ؟ تۈركىيەدە ئاساسلىقى كۆپ سانلىق ئادەم ئۆتكۈزگەچكە بىزنىڭ بالىلار قىزىقىپ قالىدىكەن، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز ئەسلىدە خاتا. بۇ ھەقتە ئاتا – ئانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6419
433 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى ئادەملەر «كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ» دەپ كۆز دۇئاسى يېزىپ بوينىغا ياكى ماشىنا – موتسىكلىتلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغاندۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. دۇئانىڭ مەنىسى چۈشىنىكسىز ياكى خاتا بولسا، تۇمار ئېسىش كۇپۇر ۋە شىرككە ياتىدۇ. چۈنكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تۇمار ئېسىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى پۈتتۈرمىگەي! كىمكى كۆزمونچاق ئېسىۋالسا، ئاللاھ ئۇنى قورققىنىدىن خاتىرجەم قىلمىغاي!» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17404). ئەگەر قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان بولسا، ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭلا خاھلىغىنى بولىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ تۇمار قىلىپ ئېسىش جائىز. سەلەفلەردىن شۇنداق قىلغانلار بار.
434 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. ئۇستاز! قەدر كېچىسىنى مەسجىدلەردە توپلىشىپ تۈنەپ ئۆتكۈزۈشكە قارىتا شەرىئەت نېمە دەيدۇ؟ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا «قەدر كېچىسى» دەپ توپلىشىپ تۈنەش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. مۇشۇ ئادەتلەر قۇرئان – سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ قەدر كېچىسنى قانداق ئۆتكۈزسەك قۇرئان – سۈننەتكە ئەڭ مۇۋاپىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز؟ ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. ئاللاھىم بارچىمىزنى بىدئەت – خۇراپاتلاردىن يىراق قىلىپ ئۆزىنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرگە توغرا ئەگىشىشنى نېسىپ قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! مەلۇم كېچىنى قەدر كېچىسى دەپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ. 27 – كۈنى كۈچلۈك قەدر كېچىسى بولۇشى ئېھتىماللىق بار. بۇنى قەدر كېچىسى دەپ كېسىپ بېكىتىۋالماي، مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. قەدر كېچىسىنى تۈرلۈك تائەتلەر بىلەن ئۆتكۈزسەك بولىدۇ.
435 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىلىملىرى زىيادە بولسۇن. «ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا- ئانا، بالىلىرىنىڭ رەسىمىنى تارتىپ ساقلىسا جائىز» دەپ پەتىۋا بېرىلىپتۇ، بۇ رەسىمگە چۈشسە بولىدۇ دېگەن گەپمۇ؟ «بولىدۇ» دېيىلسە، جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. رەسىمگە چۈشسە بولىدۇ. جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: «فوتو ئاپپارات ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش مەلۇم ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سايىنى قاتۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدا ئۇلۇغلاش نىيىتى ياكى ئەقىدىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى يوق. ئاللاھ ياراتقان بىرەر جانلىققا ئوخشىتىشمۇ يوق. رەسىم سىزىش ئىلگىرى بولمىغان بىر سۈرەتنى پەيدا قىلىش ۋە ياساش ھەمدە ئاللاھ ياراتقان بىر جانلىققا ئوخشىتىشتۇر».
436 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى، ئەجىر – مۇكاپاتلىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن. سوئالىم: چىشنىڭ ئارىلىقى كەڭرى بولسا شۇنى يېپىش ئۈچۈن چىش قاپلىتىش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! چىشلار بىر – بىرىدىن يىراق بولۇپ، سەت كۆرۈنۈپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان، مەنىۋىي ياكى روھىي ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئەيىب بولسا، چىش قاپلىتىش ئارقىلىق بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تۈزەتسە جائىز. ئەمما، سەت كۆرۈنۈش ياكى ئەيىب يوق بولۇپ، نورمال كۆرۈنسە، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش ۋە تېخىمۇ ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ.
437 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ روزىدار ھالەتتە قول بىلەن مەنىي چىقىرىپ سالسا، ئۇنىڭغا قازا كېلەمدۇ ياكى كەففارەتمۇ؟ كەففارەت بىلەن قازانىڭ پەرقى نېمە؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! روزىدار ھالەتتە قول بىلەن مەنىي چىقىرىپ سالسا، ئۇنىڭغا قازا كېلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇنىڭغا كەففارەتمۇ كېلىدۇ» دەيدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «قازاسىنىلا قىلىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ. قازا ئاتالغۇسى فۇقاھالارنىڭ ئىستىلاھىدا: «بىر ئىبادەتنى شەرىئەت بەلگىلىگەن ۋاقتىنىڭ سىرتىدا ئادا قىلىش»تۇر. يۇقىرىقى روزىسىنى سۇندۇرۇۋەتكەن كىشى رامازاندىن كېيىن بۇزۇۋەتكەن بىر كۈن ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتسا، قازاسىنى قىلغان بولىدۇ. كەففارەت دېگىنىمىز: «شەرىئەتتە مەلۇم بىر نۇقسانلىق ياكى سەھۋەنلىك ۋەياكى گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادا قىلىشى بەلگىلەنگەن جازا» بولۇپ، سەدىقە بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن بولىدۇ.
438 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن! ئالتە ھەپتىلىك بولغان ھامىلە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن كەلگەن خۇن نىفاس ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە روزىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ (توي قىلغىلى ئەمدىلا نەچچە ئاي بولغان، يېشى كىچىكرەك سىڭلىم بار ئىدى، رامازاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن كېلىشمەسلىك بولۇپ، ئالتە ھەپتىلىك ھامىلىسى چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە خۇن كېلىۋېتىپتۇ. بىر قارىيە خېنىمدىن بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە روزا ھەققىدە سورىسا: «ھامىلە ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن روھ كىرىدۇ، شۇڭا ئۈچ ئايلىق بولماي تۇرۇپ يەنى روھ كىرمەي تۇرۇپ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىدىن كەلگەن خۇن سەۋەبلىك ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلسا بولمايدۇ» دەپتىكەن. شۇڭا، ھازىرغىچە روزىسىنى تۇتۇپ، نامىزىنى ئوقۇۋېتىپتۇ. بۇ قاراش توغرىمۇ؟ بۇ خانىم – قىزلار ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، توغرىسىنى يەتكۈزۈپ قوياي دەپ يېزىشىم ئىدى) ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە 81 كۈندە كىرىدۇ. ئالتە ھەپتىلىك ھامىلە ئادەمزات شەكلىگە كىرىشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەگەر بۇ قان ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلگەن بولسا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسا، بۇ نىفاس قېنى بولماستىن، تومۇردىن چىققان قاندۇر. بۇ ئەھۋالدا ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئىستىھازە مەزگىلىدىكى ئايال پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ؛ روزا تۇتىدۇ؛ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇيدۇ؛ قۇرئاننى تۇتىدۇ ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلالايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.
439 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مەن ئىجارە بېرىدىغانغا ئۆزۈمنىڭ پۇلى يېتىشمەي باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ بىر ماشىنا ئالغان ئىدىم. ماشىنىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سەل ياخشى چىقماي قالدى. سېتىپ باشقا ماشىنىغا ئالماشتۇرىدىغان مەقسىتىم بار. ئۆزلىرى قايسى كۈنى «ئىجارە بېرىدىغان ماشىنىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىيمىز» دېگەنتىلە. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئۇقالماي قالدىم.
مەسىلەن، ئىجارىگە بېرىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ ماشىنا بولسىمۇ ماشىنىنىڭ پۇلىغا ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىمدۇق ياكى ماشىنىنىڭ پۇلىنىمۇ ھېسابلايمىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئىجارىگە بېرىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ ماشىنا بولسىمۇ ماشىنىنىڭ پۇلىغا ئەمەس، ئىجارىدىن كىرگەن پۇلغا زاكات ئايرىيمىز.
440 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. «ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى سېتىۋەتسە، بىر يىل ئۆرۈلگەندە زاكات كېلىدۇ» دېگەنتىلە. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرسى «ساتقاندىلا زاكات كېلىدۇ» دېگەچكە، ئۇنىڭ پۇلى بىلەن قولىدىكى پۇلنى قوشۇپ ھېسابلاپ زاكات بېرىپتۇ. بۇ قىلغىنى توغرىمۇ؟ ئەگەر ماشىنىنىڭ پۇلىغا زاكات كەلـمىسە، بېرىپ بولغان زاكاتنى كېلەركى يىلىغا ھېسابلىۋەتسە بولامدۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى سېتىۋەتسە، بىر يىل ئۆرۈلگەندە زاكات كېلىدۇ. شۇڭا، ھەيدەۋاتقان ماشىنىنى ساتقان ھامان زاكات ئايرىشى خاتا. زاكاتنى ھېسابلاشتا خاتا ھېسابلاپ ئۆزىگە پەرز بولغان مىقداردىن ئارتۇق بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، ئارتۇق بەرگىنى ساۋابلىق نەفلە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. جانابىي ئاللاھ: (كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر)(2/«بەقەرە»: 158) دېگەن.
بۇ ئەھۋالدا زاكات بەرگۈچى (يەنى سەدىقە قىلغۇچى) زاكاتنى ئېلىپ بولغان كىشىدىن ئۇنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زاكات باشقىلارنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زاكات پەرزگە ھېساب بولمىغىنىدا، ئىختىيارىي نەفلىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. خۇددى بىرسى ئۆزىدىن يىراق بىر جايدىكى مال – مۈلكىنى ئىگىلىكىدە بار دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا زاكات بېرىپ بولغاندا، ئۇ مالنىڭ زايە بولۇپ كەتكىنى ئېنىقلانسا، ئۇنىڭ بەرگىنى ئىختىيارىي نەفلە سەدىقىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ»(«ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – توم، 150 – بەت).
بېرىپ بولغان ئۇ زاكاتنى كېلەركى يىلىغا ھېسابلىۋەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، زاكات بەرگۈچى ئۇ زاكاتنى ئۆتكەن يىلغا نىيەت قىلىپ بەرگەن. بەرگەندە «كېلەر يىل ئۈچۈن ئالدىن بېرىلگەن زاكات» دەپ نىيەت قىلمىغان.
441 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زاكات توغرىسىدا پەتىۋا سوراي دېگەن. ئايال كىشىنىڭ تويلۇق ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىغا كېلىدىغان زاكات توغرىسىدا بىلمەكچى ئىدىم.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايال كىشىنىڭ تويلۇق ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى قولىدىكى ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە ۋە پۇللىرىغا قوشقاندا 85 گرامدىن ياكى 5000 دوللار قىممىتىدىن ئاشسا، قولىدىكى ئالتۇن ۋە پۇللارنىڭ ھەممىگە ھەر يىلى %2.5 زاكات ئايرىشى كېرەك.
442 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇسۇلمان بىر ئەرنىڭ شىئە بىر ئايال بىلەن توي قىلىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! شىئەلەرنىڭ بەزى تائىپىلىرى بارلىق ئەھلى سۈننەت ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كافىر بولغاچقا، يەنە بەزى تائىپىلىرىنى بەزى ئالىملار كافىر دېسىمۇ، ئالدىراپ كافىر دەۋەتكىلى بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇلارنى مۇسۇلمانمۇ ياكى ئازغۇن پاسىقمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان. ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھىبىدىكى راپىزە – شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. مۇبادا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايال شىئەلەرنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، شىئەلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان بولسا، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىسىم ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىدىلا شىئە بولۇپ، شىئەلىكىدە چىڭ تۇرمايدىغان بولسا، نىكاھلاپ ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «شىئەنى ئالسا بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بەرگەن(«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 32 – توم، 61 – بەت).
443 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. مۇنداق بىر ئىشتا ئىككىلىنىپ قالغان بىر ئەھۋال بولدى. بىرەيلەن بىر توپ جامائەتنى بىر ئاشخانىغا ئىفتارغا چاقىردى. ئۇ ئاشخانىدا ھاراقمۇ سېتىلىدۇ. يەنى ئۇ ئاشخانىدىكى ئىستاكان قاتارلىق نەرسىلەر مەيلى ئىشلىتىشتە بولسۇن، مەيلى يۇيۇشتا بولسۇن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە قىلغان ئىفتاردا شۈبھىلىنىپ قالسا قانداق بولۇر؟ بارماي دېسە تېخى بولمىغان.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇسۇلمان كىشى ھاراق ئولتۇرۇشلىرىغا قاتناشماسلىققا ۋە ھاراق ئىچكۈچىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىققا بۇيرۇلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ھاراق ئىچىلىدىغان سورۇندا ئولتۇرمىسۇن‹! دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 14651).
بۇ ئىفتار سورۇنى مۇسۇلمان دىيارلىرىدا بولسا، ئۇنىڭغا بارماي ئۆزۈر ئېيتىشى ۋە بۇ تۈرلۈك يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىشى ۋە كۈچى يەتمىگەن تەقدىردە سورۇنغا بارماي بېسىم قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ياۋروپادەك ھاراق ساتمايدىغان ئاشخانىلار كەم تېپىلىدىغان كافىرلارنىڭ دىيارلىرىدا بولسا ھەم ئۆزۈر ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ. ئۆزۈر ئېيتسا كۆڭۈل ئاغرىقى يۈز بېرىدىغان بولسا، بېرىپ ھاراق يوق شىرەدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ كەلسە بولىدۇ. چۈنكى، ھاراق ئىچىلگەن سورۇنلاردا ئولتۇرماسلىق چەكلىمىسى ھاراقنىڭ ئۆزىنى چەكلىگەنگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھارامغا ۋەسىلە بولىدىغان مۇھىتنى چەكلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھاراق ئىچىلگەن ئىستاكانلار يۇيۇلسا پاكىزلىنىدۇ.
444 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ پايدىلىق ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. قۇرئاندا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسى ئورنىدىكى ئايال ئۇنىڭغا ئازىدىكەن ھەم «سىلەر ئاياللارنىڭ ھىيلەڭلار بەكمۇ چوڭ» دېگەن مەزمۇندا گەپ بار ئىكەن. ئۇنداقتا:
1) ئاياللارنىڭ شەيتىنى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك، ھىيلىسى كۆپ بولامدۇ؟
2) ھەدىستىمۇ بىر گۈزەل مەنسىپى بار ئايال ئۆزىگە چاقىرسا «ياق» دېيەلىگەن كىشىگە كاتتا مۇكاپات بارلىقى سۆزلىنىدىكەن، ئەمما ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنى ئازدۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ياكى ھەدىس ئۇچراتمىدىم، بىزگە قالدۇرۇلغان ئەڭ چوڭ پىتنىمۇ بايلىق ئەمەس، ئايال كىشى ئىكەن. ئەجەبا ئەرلەر ئاياللارنى ئازدۇرمامدۇ؟ بۇ پىتنىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
1) مىسىر ئەزىزىنىڭ خوتۇنى خىزمەتچىسى ۋە قۇلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا كۆيۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان مىسىر ئەزىزى خوتۇنىغا: «سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار بەكمۇ چوڭ» دېگەن. دېمەك، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، مىسىر ئەزىزىنىڭ سۆزى. بۇ گەپ پۈتۈن ئاياللار جىنسىغا قارىتىلغان بولۇشىمۇ، شۇ قەسىردىكى ئاياللار توپىغا قارىتىلغان بولۇشىمۇ، شۇ يۇرت ياكى مىللەتكە قارىتىلغان بولۇشىمۇ ئېھتىماللىق. ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا بۇ سۆزنى توغرا ياكى خاتا دېمىگەن. يەنە قۇرئاندا ئەرلەرنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىنىڭ يامانلىقى ھەققىدىمۇ ئايەتلەر بار. مەسىلەن: (ئۇلار ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك بولسىمۇ، (ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ))(14/ئىبراھىم: 46) دېمەك، ھىيلە ۋە چۇتۇر ئاياللار جىنسىغا خاس نەرسە ئەمەس، بەلكى ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق سۈپەتتۇر. ھىيلە ئىنسان تەبىئىتىدە بار نەرسە. ئەرلەرنىڭ ھىيلىسى ئىنتايىن يامان. لېكىن، ئاياللارنىڭ ھىيلىسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى ئاياللار بۇ بارىدا ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللار ئومۇمەن كۈچ جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا، مەقسەتكە كۈچ بىلەن يېتەلمەيدىغانلىقتىن، ھىيلە بىلەن يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاياللار ئومۇم جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، سۆيگۈ، ئىشقى – مۇھەببەت بارىسىدا ھىيلە – مىكىر قىلىشتا ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن. خۇلاسە، ئاياللارنىڭ ھىيلىسى، شەيتىنى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك ئەمەس.
2) ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بار. مەسىلەن، سارە ئەلەيھەسسالام بىلەن زومىگەر پادىشاھنىڭ ۋەقەلىكى ھەققىدىكى ھەدىس. يەنە غارغا سولىنىپ قالغان ئۈچ كىشىنىڭ ۋەقەلىكى… بۇ پىتنىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.
445 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدە ئەتىمۇ روزا تۇتىدىكەنمىز، بۇ ئاخشام سەئۇدى ئاي كۆرسە يەنىلا تۇتىۋېرەمدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەئۇدى شەنبە كەچ ئاي كۆرسە، يەكشەنبە روزا تۇتمايدۇ.
446 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ رامازاندا ئەپلىشىپ قالمىسا، تۇتقان روزىسى ۋە نامىزى قوبۇل بولمامدۇ؟ بىرسىدىن قاتتىق كۆڭلى ئاغرىغان بولسىمۇ، ئارىدا ئۆچ – ئاداۋىتى بولسىمۇ، چوقۇم ئەپلىشىپ قېلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. «رامازاندا ئەپلىشىپ قالمىسا، تۇتقان روزىسى ۋە نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. ئادەتتىكى كۆڭۈل ئاغرىشلاردا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاش ھەر ۋاقىت گۇناھ ئىش. رامازاندا ئۆچ – ئاداۋەتنى تۈگىتىش ياخشى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلار ئۆزۈر ئېيتىشى ۋە ھەقنى قايتۇرۇپ رازىلىق ئېلىشى كېرەك. ئاندىن ھەق ئىگىسى كەچۈرسە بولىدۇ. بولمىسا «ھەقنى قايتۇرمىسىمۇ چوقۇم كەچۈرۈشۈڭ كېرەك» دېگەن گەپ يوق.
447 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 438 – سوئالنىڭ «تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە 81 كۈندە كىرىدۇ. ئالتە ھەپتىلىك ھامىلە ئادەمزات شەكلىگە كىرىشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەگەر بۇ قان ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلگەن بولسا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسا، بۇ نىفاس قېنى بولماستىن، تومۇردىن چىققان قاندۇر. بۇ ئەھۋالدا ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئىستىھازە مەزگىلىدىكى ئايال پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ؛ روزا تۇتىدۇ؛ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇيدۇ؛ قۇرئاننى تۇتىدۇ ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلالايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن» دېگەن جاۋابىنى بۇرۇن بىلمەي، شۇنداق ئەھۋالدا ناماز ئوقۇمىغان ئايال كىشى بۇنىڭ ھۆكمىنى (يىللاردىن كېيىن) ئەمدى بىلگەن بولسا، شۇ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نامازلارنىڭ سانى بويىچە بىراقلا ياكى بۆلۈپ ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. مەسىلەن، ھەربىر پەرز ناماز ۋاقتىدا بىرەر ياكى بىرقانچە پەرزنى ئوقۇپ قازاسىنى قىلىپ بولدۇم دېگەندە ئاندىن توختىتىدۇ. سانىنى ئېنىق بىلەلمىسە ئوقۇپ بولغاندىمەن دېگۈچە ئوقۇيدۇ.
448 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! نەۋرىلەرگە ئۆزئارا نىكاھ چۈشەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چۈشىدۇ.
449 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! بالامنىڭ دادىسى بەش يىل بۇرۇن ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ كەتكەن. ئايرودۇرۇمدا تۇتۇلۇپ قالغانچە خەۋىرى يوق. ماڭغاندا يېڭى تۇغۇلغان بالىمىز ئۈچ ئايلىق بولغانتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۈچ كىشىگە ھېسابلاپ فىتر بېرىۋاتىمەن.
ئاتا ـ ئانام تۈگەپ كەتكەن، ئاتا – ئانام ئۈچۈنمۇ بېرەمدىم؟ ۋەتەندە قالغان تۇغقانلار ئاچا – سىڭلىمىز، ئاكا – ئىنىمىز ئۈچۈنمۇ بېرەمدىم؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۈچ كىشىگە ھېسابلاپ فىتر بەرسىڭىز بولىدۇ. فىتىر پەقەت ھاياتلار ئۈچۈن بېرىلىدۇ. ۋەتەندە قالغان ئاچا – سىڭلىمىز، ئاكا – ئىنىمىز قاتارلىق تۇغقانلار ئۈچۈن بەرمەيمىز. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىراجىتى بىزگە ۋاجىب ئەمەس ھەم ئۇلار «بىزگە بېرىپ قويۇڭلار» دەپ تاپىلىمىغان.
450 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! تىرناق لاكى (سىر خېنە) دە تاھارەت بولامدۇ؟ «تىرناق سۇ تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن تىرناق لاكى سۈرۈۋالغان ھالەتتە تاھارەت ئالسا بولىدۇ» دەيدىغان قاراش باركەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىر خېنە سۈرتكەندىن كېيىنكى تاھارەت ۋە ئۇ تاھارەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، ئىشلىتىلگەن بوياق تاھارەت ئالغاندا، سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا، تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. كەم بولغانىكەن، نامازغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سىر خېنە سۈرتۈشتىن ئىلگىرى ئالغان تاھارەت توغرا بولغاندىن كېيىن، تىرناققا سىر خېنە سۈرتسە ئۇ تاھارەت سۇنغانغا قەدەر تاھارىتى ھېساب. ئەمما، تەبىئىي خېنە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تىرناقنىڭ سۇ تۇتۇپ تۇرۇشى شەرت ئەمەس، تىرناققا سۇ تېگىشى شەرت. سىر خېنە سۇنى تىرناققا تەگكۈزمەيدۇ.
451 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قىيىنچىلىقى بار قېرىندىشىم ئۈچۈن تونۇشلاردىن ئاز تولا پۇل يىغىپ توپلىغان، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەۋەتىپ بېرىش نېسىپ بولماي يېنىمدا قالغان بولدى. يېقىندا يەنە بىر قېرىندىشىمنىڭ تۆت بالىسى بىلەن قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇشۇ يېنىمدا قالغان ئامانەتنى بېرىشنى ئويلىغانتىم، بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى باشتا كىمگە نىيەت قىلىپ يىغقان بولسام، چوقۇم شۇنىڭغا يەتكۈزۈشۈم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزىڭىزگە تەۋە ئاتىغان پۇل موھتاجنىڭ قولىغا تەگمىگەندىن كېيىن ئۇنى خاھلىغان بىرىگە بېرەلەيسىز. ئەمما، باشقىلار مەلۇم بىر كىشىگە دەپ بەرگەن پۇلنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتى بولمىسا، باشقا بىرىگە بېرەلمەيسىز.
452 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ 1) كەم قالغان روزىنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسەك، ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ مەسىلەن، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ياتاقداشلىرىم ئىچىدە روزا تۇتىدىغانلارنىڭ بولماسلىقى ھەم مەكتەپ سىياسىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك كۆپ روزا تۇتالمىغان چاغلىرىم بولغان. ئۆيگە قايتقان كۈنلەردە تۇتقىنىم ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا روزىنى كېيىن تولۇقلاپ تۇتۇش لازىملىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى ئەسلەپ رامازاندىن كېيىن شۇ كۈنلەرنىڭ كەم روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتاي دېگەنىدىم.
2) ئوقۇش ھاياتىمدا ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرلاپ روزىمىزنى سۇندۇرۇۋاتقان ئىشلار بولغان. مەن ئۇ چاغدا مەجبۇرلانغاندا بىر نەرسە يەپ، كېيىن داۋاملاشتۇرۇپ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلمەي، «بەرىبىر روزام بۇزۇلدى» دەپ چۈشلۈك تاماق يەپ قويغان ئىش بولغان. ئەمدى شۇ كۈنلەردىكى روزىنى تولۇقلىماقچى بولسام، 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەى روزا تۇتۇشۇم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن!
1) كەم قالغان روزىنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسەك، تەخمىن بىلەن ھېسابلاپ تۇتىمىز. مەسىلەن 4 يىلدا بىر قىسمىنى تۇتالمىغان بولساق، 120 كۈندىن 20 ياكى 30 كۈننى تۇتقانغا چىقىرىۋېتىپ، قالغىنىنى تۇتىمىز. ھەر دۈشەنبە، پەيشەنبە ياكى خاھلىغان كۈنلەردە تۇتۇپ مېڭىپ تۇتالمىغان كۈنلەرنى تۇتۇپ بولدۇم دەپ قانائەت قىلغاندا، قازاسىنى قىلىپ بولغان بولىمىز.
2) پەقەت شۇ كۈننىڭ قازاسىنىلا تۇتسىڭىز بولىدۇ، 60 كۈن تۇتۇش كېرەك ئەمەس.
453 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زاكات ئېلىۋېرىپ زاكات بەرگۈدەك پۇل (نىساب) يىغقانلار قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ئالىدىغان پېقىر – مىسكىنلەر زاكات ئېلىۋېرىپ، قولىدىكى ئىقتىساد نىساب ئۆلچىمى (85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى) گە يەتسە يەتكەن چاغدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن قولىدىكى پۇللارغا قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات ئايرىشى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشى زاكات بېرىدىغان بايلار قاتارىغا ئۆتكەن بولىدۇ.
454 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىسپىرتتىن خالىي (ئەمەلىيەتتە پەقەت يوق ئەمەس، ئەمما بەك تۆۋەن) ياكى تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىلار كەڭ كۆلەمدە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىلىرىدىمۇ سېتىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىغا قويغان ئۆلچىمى پەرقلىق ئىكەن. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم _ گەرچە بىز ئۇنى ئىچمىسەكمۇ _ تۆۋەن ئىسپىرتلىق پىۋىنىڭ فىقھىدىكى ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ ئىچىملىكنى قانچىلىك كۆپ ئىچسىمۇ مەس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپىرت ئىنتايىن تۆۋەن بولسا، بۇنى ئىچىش ۋە ئۇنى سېتىش ھارام بولمايدۇ. ئادەتتە پىۋىلاردا 10% ئىسپىرت بولىدۇ. بۇنى ئىچىش ۋە سېتىش ھارام. بۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ مەس قىلىدىغان ئىچىملىك قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ھەدىستىمۇ: «كۆپ ئىچسە مەس قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېيىلگەن. پىۋىلارنى كۆپ ئىچسە مەس قىلىدۇ. ئەمما، ئەڭ تۆۋەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردە 0.5% ياكى 1% ياكى 2% ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇلارنى كۆپ ئىچسىمۇ مەس قىلمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئىچسە ھارام بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلار بۇلاردىن نېرى تۇرۇپ، شۈبھىسىز، ھالال ئىچىملىكلەرنى ئىچكىنى ئەۋزەل. دېمەك، چەكلەنگىنى ئىسپىرت بولۇشى ئەمەس، ئاز يا كۆپ ئىچسە مەس قىلىدىغان بولۇشى. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
455 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن سىلەردىن پۇتبول ئويناش توغرىسىدا بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم. پۇتبول ئويناش زادى ھەقىقەتەن دۇرۇسمۇ؟ مەن چوڭلاردىن «پۇتبول ئوينىسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب: پۇتبولنىڭ خاۋارىجلارنىڭ ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كاللىسىنى كېسىپ، توپ قىلىپ ئوينىغانغا ئوخشىتىپ پۇتبول ئويناشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا بۇ كۆزقاراش توغرىمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇتبولنى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئوينىسا جائىز. سىز دېگەن قاراش خاتا.
456 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن تاكسىت (ئايمۇئاي بۆلۈپ تۆلەش) قىلىپ ئالساق بولامدۇ؟ ئىسلامدا ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى شەرت قىلىنمىسا، جائىز بولىدۇ.
457 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇھاجىرەتتە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر ئائىلىدە ئېرى بار بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى يوق (ياكى ئاز) بولسىمۇ زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئېرى ئۇ ئايالنى بېقىشى كېرەك. ئەر باقمىسا، ئاندىن ئۇ ئايال موھتاجلىقتىن زاكات ئالسا دۇرۇس بولىدۇ.
458 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئادەم توي قىلىدىغان جۈپتىنى ئۆزى تاللىغان بولامدۇ ياكى بۇ خۇددى تۇغۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان ۋاقتىنى ياكى ئاتا – ئانىسىنى ئۆزى تاللىيالمىغانغا ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىۋېتىلگەنمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا ئەزەلدە سىزنىڭ جۈپتىڭىزنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. بولغان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پۈتۈشى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، بۇ «ئىنساننىڭ دۇنيادا تاللاش ئىختىيارلىقى يوق… بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشقا بىرەر سەۋەب بېكىتكەن. شۇڭا، پەرزەنتلىك بولۇشنى نىيەت قىلغان كىشى توي قىلمىسا بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا پۈتۈۋەتكەن ئىلمى غەيبنى بىزگە بىلدۈرمىگەن بولغاچقا، ھەربىر كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە توغرىنى ۋە پايدىلىق بولغاننى تاللاشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتىنى تاللاشقا تىرىشماي «ماڭا پۈتۈلگىنى كېلىدۇ…» دەپ ئولتۇرۇش توغرا ئەمەس.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارنى قىزلارنىڭ دىيانەتلىكلىرىدىن ئېلىشقا بۇيرۇغان. بۇمۇ بىر خىل تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. كۆرۈپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئاندىن باشقىلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاخىرىدا ئىستىخارە سېلىپ تاللايدۇ. دۇئاسىدا ئاللاھ تائالادىن خەيرلىك قىلىشىنى ۋە ئەڭ توغرىسىغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيدۇ.
459 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ مەن دوپپا تىكىۋاتىمەن، «دۆلەت گىربى»نى «بىسمىللاھ» بىلەن نەقىش قىلىپ تىكىپ بېرىڭ دەيدۇ. شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كىيىم – كېچەكلەرگە كەشتە قىلىپ تىكىش مەكروھ. دۆلەت گىربىنى تىكىش جائىز. لېكىن، بۇنداق خاھلىغانچە نەرسىلەرنى تىكىپ مىللىي پاسوندىكى دوپپىمىزنىڭ شەكلى ۋە گۈللىرىنى بۇزۇۋېتىش ياخشى ئەمەس.
460 -سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مېنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى، ماڭا كىرىسمەس سوۋغىتى بەردى، خاتىرە دەپتەر ۋە قەلەمكەن. مەن يۈزىدە رەت قىلالمايمەن، قوبۇل قىلدىم، ئەمما تېخى ئىشلەتمىدىم. شۇڭا، مېنىڭ قوبۇل قىلغىنىم گۇناھ بولامدۇ، بۇ دەپتەر – قەلەمنى ئىشلىتىشىم دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ «مۇشرىكلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش بابى»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە كافىرلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ، بىر پادىشاھ — ياكى بىر زالىم — بار بىر شەھەرگە كىردى. كېيىن پادىشاھ: ‹ئۇنىڭغا (سارەگە) ھاجەرنى بېرىڭلار› دەپ بۇيرۇدى». يەنە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلەنگەن بىر قوي گۆشى سوۋغا قىلىنغان». يەنە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «ئەيلەنىڭ پادىشاھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەردى». قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «دۇمەنىڭ پادىشاھى ئۇكەيدىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەدىيە بەرگەن»(2615 – 2618 – ھەدىسلەرگە قارالسۇن).
يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، نورۇز، روژدېستۋو ۋە مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك كافىر مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدا ئۇلارغا ھەدىيە بېرىش جائىز بولمىسىمۇ، كافىرلارنىڭ چوشقا گۆشى، شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى، ياكى ھاراق – شاراب ۋەياكى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس شام، قارغايغا ئوخشىغان نەرسە – كېرەكلەر ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق». قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2/51 – 52. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
461 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بىر ئالىمنىڭ «ئېرى ئايالىنىڭ كۆكسىنى سۆيسە ياكى ئەمسە ئانىسى بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ گەپنىڭ شەرىئەتتە ئورنى بارمۇ – يوقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۇ گەپنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق.
462 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېمىۋاتقان، تېخى تاماق يېمىگەن قىز – ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكى تەگكەن كىيىم – كېچەكتە ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاماق يېگەن ياكى يېمىگەن قىز – ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكىمۇ ئېغىر دەرىجىلىك نىجاسەتتۇر. شۇڭا، تاماق يېمىگەن بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكى تەگكەن كىيىمنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش كېرەك. يۇيۇش بىئەپ بولسا، ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
463 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چوڭلاردىن ئاڭلىسام، قىز پەرزەنتنىڭ كىيىمىنى ئوغۇل پەرزەنتكە كىيگۈزسە ياخشى ئەمەسكەن. بۇ گەپنىڭ ئىسلامدا ئاساسى بارمۇ ياكى خۇراپىي گەپلەرمۇ؟ (كۆزدە تۇتقىنىم ئاياغ ياكى سىرتقى چاپان دېگەندەك قىز – ئوغۇللارغا پەرقى يوق كىيىملەر) ئاللا سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قىزلارغا خاس كىيىمنى ئوغۇللارغا كىيگۈزسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلەنگەن. ئەمما، ھەرئىككى جىنسقا مۇناسىپ ئاياغ ياكى سىرتقى چاپان دېگەندەك قىز – ئوغۇللارغا پەرقى يوق ھەرئىككى جىنسقا مۇناسىپ كىيىملەر بولسا كىيگۈزسە بولىدۇ.
464 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. مەن مەلۇم بىر كىشىدىن ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، ماڭا 50 مىڭ لىرا قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جەمئىي 36 مىڭ لىرا قەرز ئالغان ئىدىم (36 مىڭ لىرا بولغاندا، ئۇ كىشى ئۆتكەن يىلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالدى)، ئەسلىدە 50 مىڭ لىرا بولغاندا، 2022 – يىلى 12 – ئايدا قايتۇرۇپ بېرىشنى دېيىشكەن ئىدۇق، ئۇ كىشىنىڭ بىر بالىسى بولۇپ، مەن شۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن چاغدا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قىلغان ئىشىمدىن زىيان چىقىپ، قايتۇرۇشقا قۇربىم يەتمەي قايتۇرالمىدىم، بۇ قەرز ھازىرغىچە مەندە بار، ئۇ كىشىنىڭ مەندىن ئالىدىغان قەرزى بارلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ، ھازىرغىچە شۇ قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىمەن، جاپالىق ئىشلىۋاتىمەن.
1) مەن قەرزنى شۇ كىشىنىڭ بالىسىغا مىراس ئايرىيدىغان چاغدا قايتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن گۇناھكار بولامدىم؟ (ھايات ۋاقتىدا دېيىشكەن قەرىز قايتۇرۇش مۆھلىتى تېخى كەلمىدى)
2) ئۇ پۇلنىڭ مىراسى قانداق ئايرىلىدۇ؟ (ئۆزىنىڭ 5 ياشلىق بىر قىزى بار، يولدىشى ۋەتەندە، چەتئەلدە ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتا ئۈگەي قىزى بار، 5 ياشلىق قىزىنى چەتئەلدىكى ئۈگەي قىزى بىقىشنى ئۈستىگە ئالدى)
3) بۇ پۇلنى ئۈگەي قىزىغا قايتۇرۇپ بىرەمدىم ياكى ئۆزۈم ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇپ، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ قىزىغا سەرپ قىلىپ بەرسەممۇ بولامدۇ؟
4) مەن بۇ پۇلدىن مەلۇم بىرقىسىمىنى شۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا سەدىقە ئىھسان قىلىپ قويسام بولامدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولسا قانچىلىكىنى قىلسام بولىدۇ؟ ئاللاھ ھەممىلىرىدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندا مىراسخورلىرىغا بۇ قەرزنى خەۋەر قىلمىغانلىق ئۈچۈن گۇناھكار بولىسىز. ئەمما، قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا دەرھال قايتۇرالماسلىق ئايرىم مەسىلە. قايتۇرۇش مۆھلىتى ۋاپات بولۇش بىلەن ئەمەلدىن قالىدۇ. 2) ئۇ پۇلنىڭ مىراس ئىشىغا سىز باش قاتۇرمايسىز. ئوغلىغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز بولدى. 3، 4) ئوغلىغا قايتۇرۇپ بېرىسىز، ساقلىمايسىز. ئۆگەي قىزىغىمۇ بەرمەيسىز، ۋەكالەتەن سەدىقىمۇ قىلمايسىز. چۈنكى بۇ مىراسخورلارنىڭ ھەققى.
465 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەڭنى ئالدۇرۇشنىڭ ۋە مەڭ چېكىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەڭنى ئالدۇرۇشنىڭ ھۆكمى جائىز. مەڭ چېكىش ھارام.
466 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەيكەل ياساش ۋە رەسىم سىزىش ھاراممۇ؟ ئەگەر ھارام بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن زىمىنلاردىكى ھەيكەللەر چېقىۋىتىلمىگەن؟ مەسىلەن مىسىر، ئىراق، سۈرىيە، ئوردۇن قاتارلىق جايلاردىكى (نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىلگەن ھەيكەللەر، مىسىردىكى پىرامىت ئىچىدىكى، «شىر باشلىق ھەيكەل» دېگەندەك) ياكى بۇ ھەيكەللەر بۇرۇن بايقالماي يېقىنقى زامانلاردا بايقالغانمۇ؟ ۋاقتىڭىز چىققاندا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەيكەل ۋە رەسىم سىزىش مەسىلىسىدە يېقىندا «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسەرىگە مۇراجىئەت قىلغايسىز. ئادەتتە ئۇلۇغلىنىدىغان ياكى چوقۇنىلىدىغان ھەيكەللەر ئېنىق ھارام. چوقۇنۇشقا ياكى ئۇلۇغلاشقا ياتىدىغان ھەيكەللەرمۇ شۇنداق. ئۇلۇغلانمايدىغان بولسا ھارام ئەمەس. مەسىلەن بالىلار قورچاقلىرى، پالاس، گىلەم ياكى ياستۇقلاردىكى سۈرەتلەر دېگەندەك.
يەنە «ھەيكەل ياساش بىلەن ياسالغان ھەيكەلنى ئۆيىدە ساقلاشنىڭ ھۆكمى پەرقلىق» دەپ قارىغان ئالىملارمۇ كۆپ. يەنى «ھەيكەلنى ياكى سۈرەتنى چەكلەنگەن نىيەتتە ياساش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. ئەمما، ئۇنى ساقلاش چوڭ گۇناھ ئەمەس» دېيىشىدۇ. دېمەك، ھەيكەل ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇت بولسا چېقىۋېتىلگەن. ئىبادەت قىلىنمايدىغان بولسا ياكى ئۇلۇغلانمايدىغان بولسا قالدۇرۇلغان. قارايدىغان بولساق، ساھابە كىراملەر فەتھ قىلغان مىسىر، ئىراق، شام قاتارلىق دىيارلاردىكى چوقۇنۇلمايدىغان ھەيكەل ۋە رەسىملەر چېقىۋېتىلمىگەن. مەسىلەن، ئىراق فاتىھى ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىرسانىڭ قەسرى جايلاشقان مەدائىننى فەتھ قىلغاندا ئۇنىڭدىكى ھەيكەل ۋە سۈرەتلەرگە چېقىلمىغان. بۇنى ساھابە كىراملەر ئەيىبلىمىگەن. ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى تۈزلىۋېتىشكىمۇ كۈچىمىگەن. بۇنى ساھابە كىراملار تەرىپىدىن «ئىجماﺋ» دېگىلى بولىدۇ. ئۇ سۈرەت ۋە ھەيكەللەر بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. دېمەك، ساھابە كىراملەر چوقۇنۇلمايدىغان ھەيكەللەرگە ۋە سۈرەتلەرگە تەگمىگەن. مىسىردىمۇ شۇنداق. «ئەبۇل ھەۋل» دەپ ئاتالغان بېشى ئادەم، تېنى شىر شەكلىدىكى ھەيكەل ۋە پىرامىدلاردىكى، ئەين شەمس قاتارلىق جايلاردىكى باشقا ھەيكەللەر ساھابە كىراملاردىن 300 زات مىسىرغا بارغاندا بار ئىدى. ئەمما ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىكى ھەيكەللەر ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇتلار بولغاچقا، ئۇلار چېقىۋېتىلگەن.
467 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز شېكەر ۋە قىيامدىن ئەدرەك/ پەۋادە ۋە ناۋات ئىشلەپ چىقىرىمىز. بىز ئۆتكەندە بىر تېۋىبنىڭ تەلىپى بويىچە ئەدرەكنى پىننە قېتىپ پىننە تەملىك قىلىپ ئىشلىگەن. بۇ تەلەپكە لايىق ياخشى ئىشلەنگەندىن كېيىن ئەمدى تېۋىپنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى تېۋىبلارنىڭ بىر خىل دورىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەندىر ماددىسى قاتىدىكەن. تۈركلەردىك چېچىلاڭغۇلۇق، كەيپىيات بۇزۇلۇش، تېز ئاچچىقلىنىش (سىترەس) دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن كىشىلەر ئۈچۈن تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بۇ دورىنى كەندىر قېتىلغان ئەدرەك سۈپىتىدە ئىشلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سورايدىغىنىم: بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنى داۋالاشقا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئېنىق ھۆكمىنى بىلىپ ئاندىن ئىشلەپ چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق توغرىسىدا قارار ئالماقچى ئىدۇق. جاۋاب قالدۇرغايلا.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىجلىق. كەندىر مەس قىلغۇچى ماددا بولغاچقا، تېببىي داۋالاشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر مەلۇم دورىنىڭ تەركىبىگە كەندىر قېتىلىدىغان بولسا، باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان كەندىر ئىنتايىن ئاز مىقداردا بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغۇچى ئۇ دورىنى كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ مەس بولمايدىغان بولسا، كېسەلگە باشقا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلمايدىغان بولسا، ئۇ دورىنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بەلگىلىگەن مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي، پەقەت كېسەلدىن داۋالىنىش ئۈچۈنلا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يەنە بۇنى بىر مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن خۇمار بولۇپ قالمايدىغان بولۇشىمۇ شەرت.
468 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ مەن ياشاۋاتقان يەردە تۇرمۇش لاۋازىمەتلىرىنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ھەممىسىدە ھاراق ساتىدۇ. گۆش تۈرىدىكى نەرسىلەردىن باشقا، سەي – كۆكتاتلارنى، ماي، نان، تۇزدىن شىكەرگىچە ھەممىسىنى چوڭ دۇكانلاردىن سېتىۋالىمىز. ھاراق ساتقان دۇكاندىن بىرنەرسە سېتىۋېلىش بىلەن ھاراق ساتىدىغان رېستۇراندا تاماق يېيىشنىڭ ھۆكمى ئوخشامدۇ؟ مەسىلەن مەن پىۋا تىزىپ قويغان تۈرۈك رېستۇرانلىرىغا بارماسلىقنى تەشەببۇس قىلغىنىمدا، باشقا ئۇيغۇرلار: «ھاراق ساتىدىغان ھەممە يەردىن سودا قىلىپ سېتىۋالىسىزغۇ؟» دەپ، كۆپ سورىدى. مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. مەن ئاۋىستىريەدە ياشايمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. تۇرمۇش لاۋازىمەتلىرى ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ ھەممىدە ھاراقمۇ ساتىدىغان بولسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئۇ دۇكانلاردىن ھالال لاۋازىمەتنى سېتىۋېلىش جائىز. زۆرۈرىيەت بولمىسا، يەنى ھاراق ساتمايدىغان باشقا دۇكانلار بار بولسا، ئۇ دۇكانلاردىن سېتىۋالمايمىز. ھاراق ساتىدىغان رېستورانلارغا كەلسەك، ئۆيدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بار بولسا ياكى باشقا ھاراقسىز رېستورانلار بار بولسا، زۆرۈرىيەت بولمىغاندىن كېيىن، ھاراقلىق رېستوراندا تاماق يېيىشكە بولمايدۇ. بىرەرسى ھاراقسىز رېستوران پەقەتلا يوق بىر جايدا ئاچ قالىدىغان بولسا، ئاندىن ھاراق بار رېستوراندا تاماق يېسە جائىز.
469 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر تىجارەتچى بىر مالنىڭ باھاسىغا ئۇ مالنىڭ ئەسلى باھاسىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قانچە ھەسسە باھا قوشسا بولىدىغاندۇ؟ ئاندىن ئوتتۇرىدا بىر تونۇشتۇرغۇچى بولسا ئۇنىمۇ رازى قىلىش توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا قانچىلىك پاي بەرسە بولىدىغاندۇ؟ دىنىمىزدىكى يولنى بىر كۆرسىتىپ بەرسىلىرى. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىجارەتتە مونوپۇللۇق ياكى ئالداش بولمىسا پايدا ئېلىشنىڭ چېكى يوق. 100% پايدا ئالسىمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرىدىكى تونۇشتۇرغۇچىغىمۇ بېرىدىغان شېرىنكانە ياكى تاپان ھەققىنىڭ چېكى يوق. ئۆرپ – ئادەت بويىچە ياكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە بەرسە بولىدۇ.
470 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزدىن مال سېتىۋالماقچى بولغان كىشى پۇلنى بىراقلا تۆلىيەلمىگەنىلكتىن كىردىت شىركەتلىرى بىلەن دىيىشىپ سېتىۋالىدۇ. يەنى ئۆسۈملۈك قەرز ئالىدۇ. قەرز بەرگۈچى بىزدەك مال ساتقۇچى شىركەتلەرگە بۇ مال باھاسىنىڭ 1% ياكى 2% ىنى بەرسە بۇ پۇل بىزگە ھالال بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى بىزدىن باشقا ئىككىلى تەرەپ كاپىردۇر. مۇسۇلمان بولسا، ئۇنداق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ پۇل بىزگە ھالال بولمىسا، بۇ شېرنكانىنى ئىشقا ئېھتىياجى بار بىرەرسىنى ئىشقا ئېلىپ مۇئاش قاتارىدا بەرسەك بولامدۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ باجلىرى بەك ئېغىر تاپاۋەتنىڭ 30% نى ئالىدۇ. شۇ قاتارلىق باج تۆلەشكە ئىشلەتسەكچۇ راۋا بولۇرمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆسۈملۈك قەرزگە مال ساتقانلىق سەۋەبىدىن قەرز بەرگۈچى تەرىپىدىن بېرىلگەن شېرىنكانە ھارام. چۈنكى، بۇ شىرىنكانىنى بانكا قەرزدىن كەلگەن ئۆسۈمنىڭ بىر قىسمىدىن بېرىدۇ. بۇ يەنە ئۆسۈمگە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. ئىككىلى تەرەپ كافىر بولسىمۇ ئوخشاش.
مۇسۇلماننىڭ جازانىلىك كىرىمدىن ھەرقانداق بىر شەكىلدە پايدىلىنىشى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆسۈمگە ئالاقىدار كىرىمنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىش جازانە يېيىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا، ئۇ كىرىمنى توك، سۇ گاز قاتارلىقلارنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە ياكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تۆلەشكە ياكى باج تۆلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغانلىق ئۇ كىرىمگە ئىگە بولغانلىق ئاندىن خەجلىگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىدىن پۇلنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە خەجلىگەنلىكى ھەققىدە ھېساب ئالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مۇشۇ كىرىمنى مائاشقا ۋە باجغا تۆلىمىگەن تەقدىردە، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھالال پۇلىدىن تۆلىگەن بولاتتى. دېمەك، بۇ ئۆسۈمدىن پايدىلانغانلىق يەنى جازانە يېيىش دېگەنلىكتۇر.
471 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ھەزرىتى» كەلىمىسىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى توغرىمۇ؟ بۇ سوئالىنى سورىشىمدىكى سەۋەب مەن بۈگۈن بىر سۆھبەتكە قېتىلغان. ئۇ يەردىكى ئۇستازلار «ھەزرىتى ئاللاھ» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ سۆزلىدى. مەن بۇ گەپنى تۇنچى قېتىم ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن: «نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار: «ھەزرىتى دېگەن بۈيۈك دېگەن گەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنى ئاتىغاندا بۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ» دېدى. بۇ توغرىمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ھەزرەت» دېگەن كەلىمە ئەرەب تىلىدا ئۇلۇغلاشنى ۋە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، «جانابى ئاللاھ، بۈيۈك ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى» دېگەندەك مەنىلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى تەسەۋۋۇف ئەھلىلا ئەمەس، تارىختىن بۇيان تۈرلۈك يۆنىلىشتىكى جىمى ئالىملار ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ كەلىمەنى ئاللاھ تائالاغا ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ.
472 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش توغرىسىدا ئىككى سوئالىم بار ئىدى.
1. نېمە ئۈچۈن دىنىمىزدا كۆپ بالىلىق بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟ كۆپ بالىلىق بولۇشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟
2. سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىلىق بولۇشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئايالىم ئىككىمىز ياۋروپادا ئوقۇۋاتىمىز، ئايلىق كىرىمىمىز ئىككىمىزگە يېتىدۇ، لېكىن بالىلىق بولساق ھازىرچە ئىقتىساددىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىمىز تېخى بۇ يەرنىڭ پۇقراسى ئەمەس، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ نوپۇسى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، بىز بالىلىق بولۇشنى بىرقانچە يىل كېچىكتۈرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ، ئائىلىلىرىنىمۇ سالامەت ۋە خاتىرجەم قىلسۇن! 1) نىكاھلىنىش دىنىمىزدا تەرغىب قىلىنغان ۋە پەزىلەتلىرى كۆپ بىر ئىش. نىكاھلىنىشتىن ئاساسلىق مەقسەت نەسىلنىڭ داۋام ئېتىشىدۇر. نىكاھلىنىش ئارقىلىق ئىنسان ئۇرۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىلىدۇ ھەمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇ زاتنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ياخشى پەرزەتنىڭ دۇئاسى بىلەن شاپائىتىگە ئېرىشىش ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشتەك يارىتىشتىن كۆزلەنگەن ھېكمەتلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ ئاساسلىق نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشىغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. لېكىن، ئۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئامىلى ئەمەس. بەلكى، ئىلغار مائارىپ، توغرا تەربىيە، ئادالەت ۋە ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىز نىكاھلىنىشنى تەرغىب قىلغاندەك، تۇغۇمچان ئايالنى ئېلىشنىمۇ، پەرزەنتلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنىمۇ تەرغىب قىلغان.
2) سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بالىلىق بولۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى جائىز. لېكىن، «ئايلىق كىرىمىمىز ئىككىمىزگە يېتىدۇ، بالىلىق بولساق ھازىرچە ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالىدىكەنمىز» دېيىش خاتا. چۈنكى، رىزىقنى ئاللاھ خاھلىغانچە بېرىدۇ ۋە بېكىتىدۇ. ھەربىر جانلىق ئۆزىنىڭ رىزقى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئەكسىچە، كېلىدىغان پەرزەنت سىزگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
473 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشىنىڭ ئىستانبول – كونيا ئارىسىدا ئىككى بالىسى بىلەن پويىزدا سەپەر قىلىشى توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەپەردە 15 ياشتىن چوڭ ئوغۇل بالىسى بىللە بولسا ئاندىن بولىدۇ.
474 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىر تۈركىيەدە ياز كۈنلىرى ناماز خۇپتەننى سائەت 10 دىن ئاشقاندا ئوقۇيدىكەن. كېچە بەك قىسقا، ئىشقا مېڭىش ئىشلىرىمىز ۋە ئۇيقۇنى بەك ئاز ئۇخلاپ، ئارام ئېلىش ئىشلىرى قالايمىقان، بالىلارمۇ كېچىكىپ ئۇخلىسا ئەتتىگىنى قوپالمايدىكەن. شۇڭا، خۇپتەننى سەل بالدۇر ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامال بار ئەزان چىققاندىن كېيىن ئوقۇڭ! ياز كۈنلىرى بالدۇر ئارام ئېلىش ئېھتىياجى بولغان كۈنلىرى ئەزان چىقىشتىن 20 – 25 مىنۇت ئەتراپىدا بۇرۇن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتا خۇپتەن ۋاقتى كىرىدۇ.
475 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆينىڭ ئىجارىسىنى لايىق رەۋىشتە ئەمەس، بەكراق ئۆستۈرىۋالسا جازانىغا كىرەمدۇ؟ مەسىلەن 750 لىرالىق ئۆينى 1200 گە ئۆستۈرىۋالسا جازانىغا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆينىڭ ئىجارىسى بازار ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. جازانە بىلەن ئالاقىسى يوق.
476 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ھاياسىز كىيىنىشى مەۋجۇت بولغان چېنىقىش ۋە سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرىغا ئاياللارنىڭ ۋە قىز – ئوغۇل كىچىك بالىلارنىڭ كىرىشى توغرا بولامدۇ؟ ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھايا چېگراسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ (تۈركىيە)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار نامەھرەم ئەرلەرگىلا ئەمەس بەلكى ئاياللارغا قارىتامۇ ئەۋرەتلىرىنى يۆگىشى لازىم. ئاياللار ئاياللارغا بەدىنىدىن _ مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشاش _ بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئاچسا بولىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئاچسا ياكى باشقىلارنىڭكىگە قارىسا بولمايدۇ. 4 – 5 ياشتىن يۇقىرى ئوغۇل – قىزلارنىڭمۇ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقان ئاياللارنى كۆرۈشى ھايا ۋە ئەدەب جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ كۆرگىنىنى چوڭلارغا سۈپەتلەپ بېرىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ زېھنىدە كۆرگىنىنىڭ سەلبىي تەسىرى قالىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىمىزنىمۇ ئەۋرەتكە قارىماسلىققا كۆندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەۋرەتلەر يۆگەلمەيدىغان جايلارغا بېرىش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا، ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يۆگەش، باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قارىماسلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
477 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىز ئېغىر رېماتىزم ئىدى، يېقىندا بۇ كېسەلنى داۋالاش رېتسىپىنى تاپتۇق. ئاددىي ھەم قولاى ئۇسۇلكەن، ئەمما داۋالاش رېتسىپى بولسا: ئاق ھاراققا سوقۇلغان قارامۇچنى قوشۇپ، مەلھەم قىلىپ بەدەننىڭ سىرتىغا سۈركەش ئىكەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ساقايغان ئېغىر كېسەللەر بار ئىكەن. مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېسەل داۋالىساق، شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. ئەگەر ھاراقنى باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەدەن سىرتىدىن ئىشلەتسە مەلۇم كېسەلگە شىپا قىلىدىغانلىقى ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇر تەرىپىدىن تەكىتلەنسە ۋە بۇ كېسەلگە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلمىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ھاراقنى سىرتتىن ئىشلەتسە جائىز بولىدۇ، ئەمما ئىچىشكە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
478 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەگەر بىرسى قىز پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ، گېنېتىكىلىق ئۇسۇلدا ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇمىغا ئەر تەرەپنىڭ ئېكىس خروموسوملۇق ئۇرۇقلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ بالىياتقۇغا يەرلەشتۈرىدىكەن. ئومۇمىي جەريان پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېخنىكا ۋە كۈچ تەلەپ قىلغاچقا، ھازىر پەقەت بايلارلا بۇنداق قىلالايدىكەن. ئەگەر بىر مۇسۇلمان كىشى قىز پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ، ئاللاھتىنمۇ تىلەپ بۇ ئۇسۇلنىمۇ قوللانسا، بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىپ، پەرزەنتىنىڭ جىنسىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئۈچۈن تېببىي چارە قوللانسا بولىدۇ. چۈنكى، شۇ خىل چارە – تەدبىرلەردىن كېيىن تۆرەلگەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دائىرىسىدە بولۇپ، بۇ ئىش ئايەتلەرگە ۋە ھەدىسلەرگە زىت ئەمەس. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان جىنستىكى پەرزەنت ئاللاھ ئىرادە قىلسا، ئاندىن ئاپىرىدە بولىدۇ. ئىرادە قىلمىسا، ساق ئۇرۇقنى ساق تۇخۇمچىغا ئۇچراشتۇرغان تەقدىردىمۇ پۈتۈلگىنىدىن باشقىسى بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
479 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئاياللار ئۆمرەدىن كېيىن چاچنى بىرتال قولغا يۆگىگۈدەك ھەممىسنىڭ ئۇچىدىن كېسەمدۇ ياكى ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئازراق كەسسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللار چېچىنىڭ ئۇچىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بارماقنىڭ ئۇچىدىكى بوغۇمچىلىك كېسىشى كېرەك.
480 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ۋەتەندە قالغان ئاتا – ئانا ۋە بالىلىرىغا ئۆمرە قىلسا بولامدۇ؟ بەزىلەر «بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر «تىرىك ئادەمگە ئۆمرە قىلىنمايدۇ» دەيدۇ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھايات كىشى ئۆمرە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ياكى ئاغرىقچان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار خالىس ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما، ھەق ئېلىپ ۋەكالەتەن ئۆمرە قىلىشقا بولمايدۇ.
481 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. توردا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئېلان شىركىتى باركەن ipg دەپ. ئالدى بىلەن بۇ شىركەتكە ئەزا بولىدىكەن . 1 – دەرىجىدىن 9 – دەرىجىگىچە دەرىجىسىگە قارىتا ئەزا بولۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەيدىكەن. ئاندىن ھەركۈنى شۇ شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىدىكەن. مەسىلەن: 1- دەرىجىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 700 لىرا تۆلەپ، كۈندە 7 تال ۋەزىپە ئالىدىكەن. ھەربىر ۋەزىپىگە 4 لىرادىن كۈندە 28 لىرا، ئايدا 840 لىرا ئىش ھەققى ئالىدىكەن. بۇ شىركەت يۇتۇبىدىكى قاناللار بىلەن توختاملاشقان شىركەتكەن. قىلىدىغان ئىش شۇ شىركەتنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن قاناللىرىغا ئەزا بولۇپ، ئاندىن قوللاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەزا بولۇپ قوللىغان جاينى رەسىمگە تارتىپ يوللايدىكەن. ۋەزىپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شىركەتكە سۇنسا تەكشۈرۈپ، توغرا بولسا، ئاندىن ئىش ھەققىنى بېرىدىكەن. شۇ بويىچە قايتا پۇل تۆلىمەستىن شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىپ بىر يىل ئىشلىگىلى بولىدىكەن. ئەگەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولسا، ئىككىنچى دەرىجە ئۈچۈن 1450 لىرا تۆلەپ، كۈندە 15 ۋەزىپە ئېلىپ، ھەر بىرى ئۈچۈن يەنە 4 لىرادىن 60 لىرا، ئايدا 1800 لىرا تاپىدىكەن. يەنە بۇنىمۇ بىر يىل پۇل تۆلىمەستىن شىركەتنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قىلىپ بىر يىل ئىشلىگىلى بولىدىكەن. بۇ شەرىئەتتە جائىز بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ شۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئىش ئىككى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ: بىرى، ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ياللىنىپ تۇرۇپ ئەزالىققا پۇل تۆلەش توغرا ئەمەس. يەنە بىرى، يۇتۇبتىكى كۆرۈرمەن ياكى بارماق بەرگەنلەر سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشلەش ساختىلىق قىلغانلىقتۇر.
482 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئۆي ئىجارە توختامى مۇددىتى توشۇشقا 4 ئاي قالغاندا، ئۆي ئىگىسى «ئۆينى بىكارلاپ بەر» دەپ تۇرۇۋالغان. ئىجارىگە ئالغۇچى «توختام مۇددىتى توشقۇچە بىكارلاپ بەرمەيمەن» دەپتۇ. ساقچىغا بارسا 6 ئاي بىكارغا ئولتۇرىسەن دەيدىكەن. قانداق قىلغۇلۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. توختام مۇددىتى توشقۇچە «بىكارلاپ بەر» دېيىش ئەھدىگە ۋە توختامغا ۋاپا قىلمىغانلىق ۋە بۇزۇشتىن ئىبارەت گۇناھتۇر. ئۇنداق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، رەت قىلسا بولىدۇ ۋە توختامنى كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىغا بارسا بولىدۇ. ئەمما، بىكارغا ئولتۇرماي ئىجارە بېرىشى كېرەك. مۇددەت توشقاندا ئۆينى بىكارلاپ بېرىشى ياكى ئىككى تەرەپ يېڭى باھاغا دېيىشىپ يېڭىدىن توختام تۈزۈشى كېرەك.
483 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن ياۋروپادا ياشايمەن، بەزەن سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى ھەپتىدە بىرەر كۈن بىر – ئىككى سائەت پەقەت ئاياللارغىلا ئاچىدۇ ۋە ئاياللارلا كىرىپ سۇ ئۈزىدۇ. قارىساق كۆپۈنچە مۇسۇلمان ئاياللار كىرىدىكەن، لېكىن كاپىر ئاياللارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىز ئوچۇق، ئەمما ھايالىق سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى كىيىپ سۇ ئۈزسەك بولامدۇ ياكى كاپىرلارنىڭ ئالدىدا چوقۇم بېشىمىزنى يۆگىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز ئۇ كاپىرلارنى تونۇمايمىز، شۇڭا بىرسىگە تەسۋىرلەش نىسبىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇسۇلمان ئاياللار كاپىر ئاياللار ئالدىدا بەدىنىدىن — مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشاش — بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى تىزغىچە ئاچسا بولىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئاچسا ياكى باشقىلارنىڭكىگە قارىسا بولمايدۇ.
484 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن ئىستانبۇلدا ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرىنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مەن دۇچ كەلگەن مەسىلە: ئىش ئىگىسى ماڭا «ماتېرىيال ئېلىپ ئوڭشاپ بەر» دەپ بەزىدە قولۇمغا پۇل بېرىدۇ ياكى كېيىن بېرىدۇ. ماتېرىيال ئەكىلىپ ئوڭشاپ بېرىمەن. ماتېرىيال ساتقۇچى نورمال ئادەم بارسا 1500 لىراغا ساتىدىغان ماتېرىيالنى ماڭا 1000 لىراغا بېرىدۇ. ئوتتۇرىدا يۈزدە ئەللىك باھا پەرقى بولۇپ، مەن ئالغان باھانى دېسەم، ئىش ھەققىمگە ئازلا پۇل قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەسلى ئالغان باھاسىنى دېمىسەم، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولامدىمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەسلى ئالغان باھاسىنى دېمىگەن تەقدىردە، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولىسىز. شۇڭا، ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى ئايرىم دېيىشىپ ئەسل باھاسىنى ئېيتىش كېرەك ياكى ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى ئايرىم دېيىشمەي، يېڭى ماتېرىيالنىڭ سىز سېتىۋالىدىغان باھاسى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ھەممىنى قوشۇپ بىرلا باھا قويۇش لازىم.
485 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ۋاتساپ ئىشلىتىۋاتقان كۆپىنچە كىشىلەر، بولۇپمۇ ئۆلىمالىرىمىزمۇ بىراۋنىڭ ۋاتسىپىغا يوللىغان ئۇچۇرىنىڭ كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولىدىغان (يەنى ئۇچۇر كۆك رەڭگە ئايلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدىغان) ئالاھىدىلىكىنى تاقاپ قويۇپ ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر يوللىغان كىشى يوللىغان ئۇچۇرىنىڭ ئوقۇلغان – ئوقۇلمىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. تاكى شۇ كىشى ئۇچۇرغا جاۋاب بەرمىگۈچە ئوقۇغان بولسىمۇ ئوقۇمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىسلامدا بۇ ساختىپەزلىك ھېسابلىنامدۇ؟ بەزىلىرىمىزنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قېچىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسىلىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەپ دېتالىغا شۇ ئىقتىدارنى قوشقۇچىلارنىڭ شۇخىل ئىقتىدارنى ئەسلىدە نېمە ئۈچۈن ئىجاد قىلغانلىقىغا بىر قارىۋېتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇخىل ئىقتىدارنىڭ ئىككى خىل رولى بارلىقى مەلۇم.
بىرى، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىسا، رەنجىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. بۇنداق قىلغاندا، ئۇچۇر قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنى «ۋاتساپقا ۋاقتى چىققاندا قاراپ، ئالدىرىماي جاۋاب قايتۇرىدىغان قىلىپ تەڭشىۋاپتۇ» دەپ چۈشىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ خۇددى باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلىرىنى باش سۈرەت بار كۆزنەك ئاستى ياكى يېنىغا تەڭشەپ قويۇپ بەلگە بېرىپ قويغانغا ئوخشاش ئىش. ياكى بولمىسا مېھمانخانىلاردا ئىشىك تۇتقۇچىغا «ئاۋارە قىلماڭ» بەلگىسىنى ۋاقتىنچە ئېسىپ قويغانغا ئوخشاش، ئىشلەتكۈچىمۇ ۋە قارشى تەرەپمۇ ئۆزلىرى بىلىشىپ توغرا چۈشىنىشىدىغان بىرخىل بەلگە -ئىشارەتلىك مۇئامىلە شەكلى. بۇخىل مۇئامىلە شەكلى ۋاتساپنىڭ مەزكۇر ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ چۈشىنىشىدىغان ۋە ئەپنىڭ ئۆزىدە شۇخىل ئالاقە شەكلى بار بولغان، ھەمدە ئەپ دېتالىنى ئىشلەتكۈچى ھەر ئىككى تەرەپ شۇنى قوبۇل قىلىپ تېلېفونغا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، قارشى تەرەپ كەلگەن ئۇچۇرغا كېچىكىپ جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، بۇ جائىزدۇر. چۈنكى، ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ جاۋابنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋاقتىدا قاراپ بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان قەرىنە بار بولدى. «ئوقۇلدى» بەلگىسىنى كۆرۈنمەس قىلىشى بىر قەرىنە. شۇڭا، قارشى تەرەپ ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرمىغاندا، بۇ تەرىپىنى چۈشىنىپ جاۋاب كۈتۈش ئەقەللىي ئىش بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ قارشى تەرەپ ئۇ ئۇچۇرنى تېخى كۆرمىگەن بولۇشىمۇ، كۆرگەن بولسىمۇ تېخى جاۋابىنى تەييارلىيالمىغان بولۇشىمۇ ياكى ئالدىراشچىلىقتا جاۋاب بېرەلمىگەن بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن.
مۇنۇ سەھىھ ھەدىسمۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقنى قارشى تەرەپكە ئېنىق ئىپادىلىمەسلىكنىڭ ياكى قولايسىزلىق سەۋەبىدىن جاۋابنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ۋە ياكى باشتا ئاڭلىماي قېلىپ كېيىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كېچىكسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ:
ــ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﻩﺭﺩﻯ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ‹ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ – ﻳﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ› ﺩﯦﺴﻪ، يەنە ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ: ‹ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﻯ› ﺩېيىشتى. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:
ــ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ توغرۇلۇق ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﭼﻰ ﻗﯧﻨﻰ؟ ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ:
ــ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ، ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺗﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ــ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﻪﺋﺮﺍﺑﯩﻲ:
ــ ئامانەتنى ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ــ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
ــ بىر ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜتكىن، ــ ﺩﯦﺪﻯ»(«سەھىھۇلبۇخارىي»: 59).
يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئۇ كىشىگە بىلدۈرمىگەن. ھەتتا ئۇ كىشىگە مەن سوئالىڭنى ئاڭلىدىم، سەل تۇرۇپ جاۋابىنى بېرەيمۇ دېمىگەن. ئەمما سورىغان ۋاقىتتىن كېچىكىپ بولسىمۇ بەرگەن. بۇنى ياندىكىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن ئۇقۇپ ئاندىن سوئال سورىغۇچىنى چاقىرىپ جاۋاب بەرگەنمۇ، ياكى دەسلەپ جاۋاب قايتۇرماي، سۆزلەۋاتقان تېما بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئاڭلىسىمۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ گېپىنى تۈگىتىپ ئاندىن سوئال سورىغۇچىنى چاقىرغانمۇ نامەلۇم. ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جاۋابنى كېچىكىپ بولسىمۇ بەرگەن.
يۇقىرىقى ئىقتىدارنى قوشۇشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى تونۇشمايدىغانلارنىڭ ياكى تولا ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرىغا خالىسا جاۋاب قايتۇرماستىن قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى قارشى تەرەپكە ھېس قىلدۇرۇش: ئەگەر سىز تونۇشمايدىغان، بىلىشمەيدىغان بىرى بولۇپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرغا جاۋاب كەلمىگەن، ئۈستىلەپ ئۇچۇرنىڭ ئوقۇلغانلىق بەلگىسى كۆرۈنمەسكە تەڭشەلگەن بولسا، بۇ ۋاتساپنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ ئىشلىتىۋاتقان كىشىنىڭ تونۇشمايدىغانلارغا ئالدىراپ جاۋاب قايتۇرماسلىقنى تاللىغانلىقىنى ئوپئوچۇق ئەكىس ئەتتۈرگىنىنىڭ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن ئۇچۇرلاشقىسى يوقلىقىنىڭ، ئۆزىنى تارتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. بۇمۇ يوللۇق ئىش بولۇپ، خۇددى نا تونۇش كىشى بىرىنىڭ ئىشىكنى قاقسا ئىچىدىن سادا كەلمىسە ۋە بۇنىڭغا ئۆزىچىلا يامانلاپ كەتسە بولمىغاندەكلا بىر ئىش. دېمەك، بۇ جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرماسلىقىمۇ جائىز بىر ئىش.
نەتىجىدە ھەر ئىككى ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقان ياكى سۆزلىشىش پۇرسىتى بولغاندا نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇچۇر قىلغۇچىنىڭ سوراش ھەققى بار. خۇددى ئىشىك قاققۇچىغا ياكى تېلېفون قىلغاندا قوبۇل قىلمىغان كىشىگە قارشى تەرەپنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سوراش ھەققى بولغىنىغا ئوخشاش. سەۋەب يوللۇق بولسا، شۇ بويىچە؛ يولسىز بولسا، باشقىچە، ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. لېكىن، تېلفۇننى قوبۇل قىلمىغانغا، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ ناتونۇش نومۇرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا قاراپلا ئېنىق دەلىللىمەيلا دەرھال گۇمان قىلىشقا، قارشى تەرەپنى قەستەن ئالمىغانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا، دەلىللىمەي تۇرۇپلا ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلەشكە بولمىغاندەك، سىزىق كۆرۈنمىگەن تۇرۇقلۇق قارشى تەرەپنىڭ كۆرۈشكەندىكى سەۋەب كۆرسىتىشىنى نەزەرگە ئالماسلىققا، تاكى ئىش ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغۇچە ئىناۋەتكە ئالماسلىققا، ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىش مەۋھۇم ۋە ئەپنى ئىشلەتكۈچى ئالدىن ئۈسكىنىسىنى كەلگەن ئۇچۇرلار رەڭلەنمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئىشارە بېرىپ قويغان. شۇڭا، يۈزتۇرانە سوراپ بىلمەي تۇرۇپ ئەيىپلەشمۇ، قارشى تەرەپنىڭ باھانىسىنى ئېنىق دەلىلسىزلا يالغانغا چىقىرىپ ئاغرىنىشمۇ ئورۇنسىز ئىش بولىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلارنى ئوقۇلغان قىلىپ كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇشى ئەسلىدىلا ئۇنىڭ ئەركىنلىكى. ھەم شەرئەن مۇباھ. چۈنكى، ئەكسىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل يوق. شۇڭا، ئۇچۇر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئەپنىڭ شۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى، ھەم شۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئىشلەتكۈچى ئىستېمالچىلار بولغانلىقى جەھەتتىن ئۇلارنىڭمۇ توغرا چۈشىنىشى، بىھۇدە گۇمان بىلەن قارشى تەرەپنى ھەرخىل سەلبىي ئەيىبلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئېنىق پاكىتسىز ھالدا رەنجىشى، ھەمدە بىھۇدە كۆڭۈلسىزلىك چىقىرىشقا زورۇقۇشى توغرا ئەمەس. ھەر تۈرلۈك ئەھۋالدا مۇمكىنقەدەر ياخشى ئويلاش، ئېنىق پاكىت ياكى روشەن قەرىنە بولمىغان ئەھۋالدا ئەيىبلەشكە ئالدىرىماسلىق گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت جۈملىسىدىندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم!
486 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىتكۇۋين ئېلىپ سېتىش ئۈچۈن BİNANCE ھېسابى ئاچقانتىم. شۇڭا، بۇ ئىشقا كىرىشتىن بۇرۇن، «بۇنىڭ شەرىئەتتە جائىز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالايلى» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلشىمتى.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. بۇنى ھارام دېگەنلەرمۇ، شۈبھىلىك دېگەنلەرمۇ بولغاچقا يەنە كېلىپ خەتىرىمۇ چوڭ بولغاچقا، «جائىز ئەمەس» دېيىلىۋاتىدۇ.
487 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تەمەتتۇ ھەجى قىلىش ئۈچۈن مەدىنەدىن ئېھرام باغلاپ كېلىپ تاۋاپ قىلدىم، ئاندىن سەفا – مەرۋەنى يەتتە قېتىم سەئيى قىلىپ بولۇپ چاچ ئالدۇرغىلى ماڭغۇچە ئارىلىقتا، ئېھرامدىن چىقىش نىيىتى بىلەن ئۆسمىگەن تىرناقلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىپتىمەن. «تىرناق ئالساممۇ ئېھرامدىن چىققان بولىمەن» دەپ ھېسابلاپتىمەن، كەينىدىن چاچنى ئالدۇردۇم. چاچ ئالدۇرماي تۇرۇپ تىرناق ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىرناقلىرىمنى ئېلىپ بولۇپ كەينىدىنلا بىلدىم. بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن قانداق جازا كېلىدۇ؟ جازانى قانداق ئۇسۇلدا ئادا قىلسام بولىدۇ؟ قوي قان قىلغۇدەك شارائىت بار ھالەتتە قوي قان قىلماي روزا تۇتسا ياكى مىسكىنگە تاماق بەرسىمۇ ئوخشاش ئادا تاپامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننى تويغۇزۇش، ياكى بىر قوي قان قىلىش كېرەك. بۇلاردىن قايسىبىرىنى تاللىسا ئىختىيارى. خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىننى تويغۇزىدۇ (1 – 2 ۋاق تاماق ياكى تاماقنىڭ پۇلىنى بەرسىمۇ بولىدۇ)؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿…ھەدىيە قىلىنغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن روزا تۇتسۇن ياكى سەدىقە بەرسۇن، ياكى قۇربانلىق قىلسۇن…﴾( 2/«بەقەرە»، 196) دېگەن.
488 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كىچىك بالىلارنىڭ سول قولىدا خەت يېزىپ ئادەتلىنىپ قالغان بالىنى چوقۇم ئوڭ قولىدا يېزىشقا ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ لېكىن، تاماقنى ئوڭ قولىدا يەيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئوڭ ياكى سول قولنى ئىشلىتىش مېڭىگە، ھەتتا ئىرسىيەتكە ئالاقىدار بولۇپ، سولخەي بالىلارنى چوقۇم ئوڭ قولدا يېزىشقا مەجبۇرلاش كېرەك ئەمەس ھەم مەجبۇرلاش زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. يېزىش قاتارلىق ئىشلارنى ئوڭ قولىدا قىلىش مۇستەھەب بولۇپ، ئوڭ قولىدا يازالمايدىغانلار سول قولىدا يازسا بولىدۇ. ئەمما، پاكىزلىققا ۋە سالامەتلىككە تەسىرى بولماسلىق ئۈچۈن ئوڭ قولدا يەپ – ئىچىشكە كۆندۈرۈش زۆرۈر. تىرىشىپ بېقىپ ئوڭ قولىدا يەپ – ئىچەلمىسە، ھېچ گەپ بولمايدۇ.
489 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھازىر كومپۇتېر ياكى يانفۇن سىستېمىلىرىدا ياش بالىلارنى ساقال – بۇرۇتلۇق بوۋايلارغا ئايلاندۇرىدىكەن. فوتو سۈرەتلەرنى شۇنداق تەھرىرلەش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. فوتو سۈرەتنى ساختىلىق ياكى ئالدامچىلىقتەك يامان غەرەزدە ئشىلەتمەيدىغان بولۇپ، ئۆزى ياكى كىچىك بالىلار ئويناش ئۈچۈن رەسىمنىڭ چىرايىنى ساقال – بۇرۇتلۇق ياكى ياش – قېرى كۆرسىتىپ تەھرىرلەش جائىز.
490 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. مەن تۈنۈگۈن مەككەگە كەلگەن ئۆمۈر ھەم پەرز ھەج نىيىتى بىلەن يولدا توساقلار چىڭ بولغانلىقى سەۋەب ئېھرام باغلاپ كىرىش مۇمكىن بولمىدى. كىرىپ بولغاندا بەزى قېرىنداشلار: «سىلەر ئۆزرىلىك، شۇڭا ئېھرام باغلاش مۇمكىن بولغان ھامان ئېھرام باغلاپ كەففارەتىگە قوي قان قىلىش ياكى 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ بىرىنى قىلساڭلار بولدى» دېيىشتى. بەزىلەر: «ياق، سىلەر بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ. ھازىر مەككەنىڭ ئىچىدە بولغاندىكىن ‹مەسجىدى ئائىشە›گە چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىپ، ئۆمرە قىلىسىلەر ھەم مىيقاتتىن ئېھرام باغلىمىغاننىڭ كەففارەتىگە قوي قان قىلىسىلەر» دېگەچكە، ئىككى خىل گەپ بولۇپ قالدى. شۇنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا .باشقىلار ھەم كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارغىمۇ جاۋاب بولۇپ قالسا. ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ھەج ياكى ئۆمرەگە ماڭغاندا، ئەگەر قەستەن ياكى بىلمەي، ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ئېھرام باغلاش بەلگىلەنگەن ئورۇن (مىيقات) دىن ئېھرامسىز (ئېھرامنى نىيەت قىلمايستىن) ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، تېخى تاۋاپ قىلمىغان بولسا، قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كەلسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق جازا ياكى كەففارەت كەلمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.
ئەمما، مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئاندىن ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىپ، تاۋاپنى باشلاپ ياكى ھەج – ئۆمرە پائالىيەتلىرىدىن بىرەرسىنى قىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ مىيقاتقا قايتىشىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بەرىبىر قان كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ھەج ياكى ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغان كىشى كەمتۈك ئېھرام باغلىغان ھالدا ئىبادەتكە تۇتۇش قىلىپ بولغان بولىدۇ. نەتىجىدە مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قوي قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن كىشى ئۈچۈن بۇنى باشقا بىر ئىش بىلەن ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. قان ئورنىغا روزا تۇتسا ياكى تاماق بەرسە بولمايدۇ.
مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھراملىقى يېنىدا بار تۇرۇپ، ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئېھرامنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىنگە ئاشلىق ياكى بىر – ئىككى ۋاق تاماق بېرىش ۋەياكى بىر قوي قان قىلىش بىلەن بولىدۇ. جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلغان:
〖سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولغانلىقتىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسە، روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە قىلىش، ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن〗(2/«بەقەرە»: 196).
(ئۆتۈپ كەتكەن مىيقاتقا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر مىيقاتقا قايتسۇن، ئوخشاش)
بۇ ئەھۋالدا، ئۆتۈپ كەتكەن مىيقاتقا قايتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنراق ياكى يىراقراق بىر مىيقاتقا قايتسۇن، ئوخشاش. چۈنكى ئۇ مىيقاتلارنىڭ ھەممىسى ئېھرام باغلىغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش.
ئەمما، بىرەر مىيقاتقا قايتمايلا، تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلىغان تەقدىردە، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، بۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرەدىكى بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ ئۆتۈش. بۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ، بۇ كىشى مىيقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.
«مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئېھرام باغلىسا ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ مىيقاتى ئەمەس، مەككەدە ياشايدىغانلارنىڭ مىيقاتى. شۇڭا، بۇرۇنقى سىرتتىن كەلگەن چاغدىكى ئۆمرە ئۈچۈن ئەمەس، مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئۆمرە قىلماقچى بولسا ئاندىن «مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرسە بولىدۇ.
491 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ۋەتەندا قالغان ئاتا – ئانىمىز ھەققىدە ئۈمرە ۋە ھەجنى قانداق قىلىمىز؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكرى. كىشى ئۆزىگە پەرز ھەج ۋە ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاپات بولغان ياكى ھازىر ھاياتتا بولسىمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەرەمگە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ئۈچۈن ھەج – ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ.
492 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ ھەج توغرۇلۇق بىرنەچچە سوئالىم بار ئىدى، سىلىدىن پەتۋا ئالايمىكىن دېگەن.
1. مەن بۇ يىل ھەج قىلىش ئارزۇسى بىلەن كەلگەن، لېكىن «سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى ئەرەفاتتىكى تەكشۈرۈشلىرى بەك قاتتىق بولىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا بىرەر ئۆمەككە قېتىلىپ قىلالمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ئىھرامىنى ئورنىمىزدىن باغلاپ ئاندىن ئەرەفاتقا چىقىشىمىز سەل قىيىن بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز ئۆيدىن ئىھرامنىڭ نىيىتىنى قىلىپ يۇيۇنۇپ، ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ، ئىھرامنى كىيمەي نورمال كىيىم بىلەن ئەرەفاتقا چىقىۋېلىپ ئاندىن كىيسەك، ھەجنى تاپقان بولامدۇق؟
2. ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى ھەجدە ھەجنىڭ ھەممە ۋاجىباتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ تۇرۇپ ھەج قىلالىشى تەس بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا ھەربىر قىلىنماي قالغان ۋاجىباتقا بىردىن قوي قۇربانلىق توغرا كېلەمدۇ ياكى بىرنى قىلسىلا ئادا تاپامدۇ؟
3. ئادا قىلىنماي قالغان ۋاجىباتلار ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىق ھاجىلارغا ۋاكالىتەن يۇرتىدىكى يېقىنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ قويسا، شۇلار ئۇ ئادەمگە ۋاكالىتەن قىلىپ قويسىمۇ ئادا تاپامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكرى.
1. مەككەدە ئۆيدىن چىقىشتا يۇيۇنۇپ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ ئىھرامنى كىيمەي نورمال كىيىم بىلەن ئىھرامنىڭ نىيىتىنى قىلىپ «تەلبىيە» ئېيتىپ، ئەرەفاتقا چىقىۋېلىپ ئاندىن ئەرەفاتتا كىيسە، ھەجنى تاپقان بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇنىڭ بىلەن ئىھرام بىلەن ئەرافاتتا تۇرۇشتىن ئىبارەت ھەجنىڭ ئاساسلىق ئىككى رۇكنى ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ (كېيىن ئىفازەت تاۋاپى بىلەن سەفا – مەرۋىدە سەئيى قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى رۇكنى قالىدۇ). چۈنكى، ئىھرام باغلاش ئىھراملىق كىيىمىنى كىيىش بولماستىن، بەلكى ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت. نىيەتنىڭ ئورنى بولسا دىلدۇر. ئىھراملىق كىيەلمىگەن بولسىمۇ «ئىھرام باغلىدىم» دەپ نىيەت قىلىشى ۋاجىب. نىيەت قىلغان بولسا، گەرچە ئىھراملىق كىيمىسىمۇ ئۇ كىشى ئىھرامغا كىرگەن، ئەمما كىيىم – كېچەك كىيىۋېلىش ئارقىلىق ئىھرامدا چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. بۇ نىيەتنى «لەببەيكە» دەپ ئېيتىپ تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. تەلبىيە ئېيتىش دېگەن «لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إِنَّ الْحَمْدَ، وَالنِّعْمَةَ، لَكَ وَالْمُلْكَ، لاَ شَرِيكَ لَكَ (ھازىر بولدۇم ئى ئاللاھ! ھازىر بولدۇم. ھازىر بولدۇم، سېنىڭ شېرىكىڭ يوق، ھازىر بولدۇم. شۈبھىسىزكى، جىمى ھەمدۇسانا، مەرھەمەت ۋە پادىشاھلىق ساڭا خاستۇر، سېنىڭ شېرىكىڭ يوقتۇر)» دېگەن كەلىمىلەرنى ئاۋازلىق ھالەتتە ئېيتىشنى كۆرسىتىدۇ. ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئىھرامنى نىيەت قىلغانلىقتىن، ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىنگە ئاشلىق ياكى بىر – ئىككى ۋاق تاماق بېرىش ۋەياكى بىر قوي قان قىلىش بىلەن بولىدۇ.
2. ھەربىر قىلىنماي قالغان ۋاجىباتقا بىردىن قوي قۇربانلىق توغرا كېلىدۇ. بەزىبىر خاتالىق سەۋەبلىك فىديە بېرىش توغرا كەلسە، يۇقىرىقىدەك تاللاش ئارقىلىق ئاشلىق ياكى سەدىقە فىديە بەرسىمۇ ۋەياكى قان قىلسىمۇ بولىدۇ.
3. ھەجنىڭ قۇربانلىقى چوقۇم مىنادا ياكى مەككەدە قىلىنىشى كېرەك. ئەمما، بىرەر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقتىن ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكتىن ۋاجىب بولغان قاننى يۇرتىدا قىلسىمۇ بولىدۇ. گەرچە بۇ مەسىلىدە مەزھەبلەرئارا قاراش يۇقىرىقى ھەدىيە قۇربانلىققا ئوخشاش بولسىمۇ، سەلەفلەردىن كەلگەن بىرقانچە بايانلاردىمۇ بۇ خىل قۇربانلىقنى نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئومۇمىي دەلىللەرگە بىرمۇبىر نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ خىل قۇربانلىقنى نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بۇ قۇربانلىقنىڭ ئۆزى يېمەيدۇ، يۇرتىدىكى پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.
493 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. روزا ھېيتتا بىر كۈن نەپلە روزا تۇتۇش چەكلەنگىنىدەك، قۇربان ھېيتتا تەكبىر ئېيتىش تۆتىنچى كۈنى توختىتىلىدىغان بولغاچقا، 4 كۈن روزا تۇتۇلمامدۇ؟ بىز فرانسىيەدە تۇرىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەر مالىكىي مەزھەبتە. ئۇلارنىڭ مەزھىبىدە قانداق قارايدۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىككى ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى (نەفلە ياكى كەففارەت، ياكى نەزىر روزا) روزا تۇتۇش ھارامدۇر. تەشرىق كۈنلىرى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ (يەنى ھىجرىيە 12 – ئاينىڭ) 11 -، 12 – ۋە 13 – كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كۈنلىرىدۇر. چۈنكى، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن. روزا ھېيت كۈنى بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان بىلەن باشقا ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان. بەزى كىتابلاردا ئىككى ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرى «روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بەش كۈن» دەپمۇ كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىدىغان ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان كۈنلەردۇر» دېگەن(«مۇسلىم»: 1141). روزا ھېيت كۈنى ئېغىز ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلغان كۈن بولۇپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ ھەمدە ئىسمىغىمۇ زىت كېلىدۇ. چۈنكى، «روزا ھېيت كۈنى» دېيىلىدىغان «يَوْم الْفِطْرِ»نىڭ سۆز تەرجىمىسى «ئېغىز ئېچىش كۈنى» بولۇپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇۋالغانلىق «ئېغىز ئېچىش كۈنىدە ئېغىزىنى ئېتىۋالغان»لىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا «ئىجماﺋ» بار. يەنى مالىكىي مەزھەبمۇ ھەنەفىي مەزھەبكە ئوخشاش بۇ 5 كۈندە روزا تۇتۇشنى ھارام دەيدۇ. لېكىن، تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلار روزا تۇتسا بولىدۇ.
494 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن غايىبانە دۇئا قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بۇنى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇقتۇرۇپ قويغىنىمىز ياخشىمۇ ياكى رىيا بولۇپ قالامدۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قېرىندىشىغا غايىبانە يەنى قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماي دۇئا قىلىش باشقىلارغا دۇئا قىلغانلىق ئەجرىگە شۇنداقلا پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇئا قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سىر ئىخلاس قىلىشتا ۋە دۇنياۋى مەنپەئەت كۈتمىگەنلىكتەدۇر. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىم (مۇسۇلمان) قېرىندىشىغا غايىبانە دۇئا قىلسا، ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە: ”ئامىن! ساڭىمۇ شۇنىڭ ئوخشىشى بولسۇن! “ دەيدۇ». («مۇسلىم»: 2732)
دېمەك، قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماسلىق بۇ دۇئانىڭ شەرتى ۋە ئالاھىدىلىكى. ئەمما، قېرىندىشىغا ئۇقتۇرماسلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ دۇئا قىلىپ، كېيىنچە ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ ئۇقتۇرسا، ئىخلاسنى زىدىلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەل ئىخلاس بىلەن قىلىنىپ بولغان.
495 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىز ياۋروپادا ياشايمىز، بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمىزنىڭ 2009 – يىلدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلىقى، ئەمما ھازىر خرىستىيان ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ھەققە دەۋەت قىلغان بولساقمۇ ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزى ياخشى، ئاق كۆڭۈل كىشى بولغاچ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ نورمال ئالاقىسى بار. ئەمدى بىز مۇشۇ خىل ھالەتتە ئۇ كىشى بىلەن قانداق مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولساق بولىدۇ؟ دەۋەتنىڭ كېيىنكى قەدىمىنى قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي سىزگە ئۇچۇر قىلىشىم، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئالدى بىلەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن ھىدايەت سورايمىز! دىنىمىزدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولۇپ كەتكەن كىشى «مۇرتەد» دەپ ئاتىلىدۇ. «مۇرتەد» ئىسلام دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى، شۇنداقلا مەنسۇبىيىتىنى، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كىملىكىنى ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكنىڭ پارچىلىنىشىغا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى دىنىمىزدا ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلامدا مۇرتەدنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مىراسلاشماسلىق، نىكاھلانماسلىق ۋە نامىزىنى چۈشۈرمەسلىك، بوغۇزلىغان مېلىنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك قاتارلىق ئايرىم ئەھكاملىرى بار. جۈملىدىن: ئۇنداق كىشىلەر نەسىھەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ مۇرتەدلىكىدە چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ياخشى كۆرۈش ﯞﻩ ئاللاھ ئۈچۈن ﻧﻪﭘﺮﻩتلىنىشمۇ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ»(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18547) دېگەن ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن ئىمان ۋە ئاللاھ يولىدا مۇھەببەت – نەپرەت پوزىتسىيەسىنى ئېنىق قىلىش كېرەك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولماسلىق، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىق ۋە سالام – سەھەت قىلماي تاشلىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغانلار ئۇنى يوقلاپ، دەۋەت قىلىپ تۇرسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى تۇغقاندارچىلىق سىلە – رەھىم ئاساسىدا بېرىش – كېلىش قىلسا بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 217).
﴿ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر. شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر. شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 86 — 91).
﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 54).
﴿كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا – كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ﴾(16/«نەھل»: 106). ۋەللاھۇ ئەئلەم!
496 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «زەمزەمنى ياپون ئالىملىرى تەتقىق قىپتۇ. باشقا سۇغا 1% زەمزەم ئارىلاشتۇرسىمۇ ئۇ سۇغا زەمزەملىك خۇسۇسىيىتىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى تەجرىبە قىلىنىپتۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستمۇ؟ ئۇنداق بولسا، ئەكەلگەن زەمزەمگە سۇ قېتىپ مېھمانغا قۇيساق ياكى ساقلاپ ئىچسەك بولامدىغاندۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالىملارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدىن خەۋىرىم يوق. ئىشەنچلىك خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن. زەمزەمنى باشقا سۇلارغا ئارىلاشتۇرسىمۇ، ئۇ سۇلار زەمزەمنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىكى پىرسەنتىگە قاراپ زەمزەم نىسبىتى بولىدۇ. زەمزەم سۈيى ئۇلۇغ دىياردىن ۋە ئۇلۇغ بۇلاقتىن كەلتۈرۈلگەن شىفالىق مۇبارەك سۇ بولغاچقا، ئۇنى ئارىلاشتۇرماي، ساپ ھالەتتە سۇنۇش مۇناسىپ. ئەگەر ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، مېھمانلارغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.
497 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كۆپىنچىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى بانكىلارنىڭ كرېدى كارتلىرى ئارقىلىق ئېنتېرنېتتىن مال سېتىۋالغاندا، ساتقۇچى مالنىڭ پۇلىنى كارتىدىن تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، بانكا ئازراق پۇل ئېلىش بەدىلىگە ئۇ پۇلنى تاكسىت قىلىش (يەنى بىر قانچە ئايغا بۆلۈپ تاپشۇرۇش) مۇلازىمىتى بار ئىكەن. 1) مال ساتقۇچى تاكسىت قىلمايدىغان ماللارنى بىز كارتىدىكى پۇلغا سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، بانكىغا تۆلەشتە بۆلۈپ تۆلەش ۋە بىرئاز بۆلۈپ تۆلەش ھەققى بېرىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟ 2) ئەگەر بانكىغا ھېچقانداق پۇل بەرمەستىن، يەنى پەقەت شۇ سېتىۋالغان مالنىڭ پۇلىنى بۆلۈپ تاپشۇرساقچۇ؟
مەسىلەن: بىر مالنى 1000 لىراغا سېتىۋالدۇق دېسەك، مال ساتقۇچى كارتىدىن پۇلنىڭ ھەممىنى تۇتىدۇ، ئاندىن بانكا بىزگە «بۇ 1000 لىرانى 3 ئايغا بۆلۈپ تاپشۇرسىڭىز، ئايدا 350 لىرادىن تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇنداق قىلساق، مالنىڭ پۇلىدىن كۆپ تۆلەيمىز (يەنى 1050لىرا)، ئەمما بۆلۈپ تۆلەيمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، بىر قېتىمدىلا 1000 لىرا تۆلەيمىز.
بانكا بەزىدە پائالىيەت قىلىپ بۆلۈپ تۆلىسەكمۇ، بىر قېتىمدىلا تۆلىسەكمۇ ئارتۇق پۇل ئالماي مالنىڭ ئەسلى پۇلىنى تۆلەشكە ماقۇل بولىدىكەن. يەنى ئۇ چاغدا ئۈچكە بۆلسەكمۇ، بۆلمىسەكمۇ يەنىلا 1000 لىرا تۆلەيدىغان گەپ، بۇ چاغدا بۆلۈپ تۆلىسەك بولامدۇ؟ ۋاقىتلىرى چىققاندا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كرېدى كارتلىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭا، قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا كرېدى كارت ئىشلىتىش ھارام. تاۋار سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن پۇل بولسا بانكا كارت ئىگىسىگە بېرىپ تۇرغان قەرز بولۇپ، ئۇنى كېچىكىپ ياكى قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەش ئۈچۈن ئانا قەرزگە قوشۇلغان پۇلمۇ جازانەدىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ خىل ئىشتا جازانە توختام بىلەن قەرز ئېلىش ۋە جازانە يېگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى قات جازانە بار.
498 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر مۇنداق بىر ئەھۋال بار، كىتاب – ماتېرىياللار تۈركىيەدىكىلەرگە بىرخىل باھادا، ياۋروپا – ئامېرىكىدىكىلەرگە بىرخىل باھادا سېتىلىۋاتىدۇ، يەنە باشقا ھەرخىل تور دەرسخانىلىرىدىمۇ ئوخشاش دەرس ئوخشىمىغان دۆلەتتىكىلەرگە ئىككى خىل باھا (دوللار باھاسى، لىرا باھاسى) بويىچە ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. بۇخىل پەرقلىك باھا ئۇسۇلى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىشىلەر سودا – سېتىق، ئېلىم – بېرىملىرىدا ۋە ئۆز مال – مۈلكلىرىدە شەرىئەت ئەھكاملىرى دائىرىسىدە ئەركىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار! پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29). بۇنىڭغا ئاساسەن، ئالداش، يالغانچىلىق، ساختىلىق، مونوپوللۇق ۋە قايمۇقتۇرۇش بولمىسىلا، تاۋار ۋە خىزمەتنى ئىككى تەرەپ رازىلاشقان باھادا سېتىش – سېتىۋېلىش جائىزدۇر. كىتاب ساتقۇچىنىڭمۇ، دەرس ئۆتكۈچىنىڭمۇ ئوخشىمىغان دۆلەتتىكىلەرگە ياكى ئوخشىمىغان توپلارغا پەرقلىق باھا قويۇشى يۇقىرىقى دائىرىدە بولسا جائىزدۇر.
499 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلەمدۇ؟ نامىزىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ ئائىلىسىدىكىلەر قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىسلام ھارام قىلغان ئېغىر جىنايەت ۋە چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29،) دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئېيتقانكى: «ئۆزىنى بوغۇپ ئۆلۈۋالغان ئادەم دوزاختىمۇ ئۆزىنى ئۆزى بوغۇپ جازالىنىدۇ، ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆلۈۋالغان ئادەم دوزاختىمۇ ئۆزىگە ئۆزى تىغ تىقىپ جازالىنىدۇ»(«بۇخارىي»: 1365). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسىتىش ۋە كىشىلەرنى بۇ ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، ساھابە كىراملەرنىڭ چۈشۈرۈشىگە يول قويغان. چۈنكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇپۇر ئەمەس. ئەھلىسۈننە – ۋەلجامائە ئېتىقادىدا مۇسۇلماننى شىرك ۋە كۇپۇردىن باشقا بىرەر گۇناھ سەۋەبلىك كاپىر دېيىش يوق. شۇڭا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە نامىزىغا قاتنىشىش پەرز كىفايەدۇر. ئۇنداق بولىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلسا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، دۇئا قىلىپ قويسا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بەرسە ھېچقىسى يوق.
500 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دېڭىزغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇش گۇناھمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم: «ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯘﻏﺎ سىيمىسۇن، كېيىن ﺋﯘ ﺳﯘﺩﺍ ﻏﯘسۇل قىلىپ قالىدۇ» ﺩﯦﮕﻪن(«بۇخارىي»: 239)، يەنە: «لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىڭلار، ئۇلار بولسا: سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋە كىشىلەر سايىدايدىغان ئورۇنلارغا چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشتۇر»(«ئەبۇ داۋۇد»، 26) دېگەن. بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئالىملار كۆلچەكلەر، ئېقىن سۇلار ۋە دېڭىزدەك كىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان ياكى ئىچىدىغان سۇلارغا چوڭ ۋە كىچىك تەرەت قىلىشنى سۇنى مەينەت قىلغانلىق، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىك ۋە كېسەل تارقىلىشقا سەۋەب بولۇش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ «ھارام»، «مەكروھ» ۋە «ئادەمىي ئەخلاققا زىت» دەپ قارايدۇ.
501 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن كىرىش قەۋەتتىكى ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغىلى ئىككى ئاي بولۇپ قالدى، ئۇ ئادەممۇ باشقىلادىن يىللىق بىرلا ئىجارە ئېلىۋېلىپ بىزگە ئىجارىگە بېرەتتى. بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ئاغزاكى ھالەتتە بۇ يىل رامازاندىن كېلەر يىلى رامازان تۈگىگۈچە 2000 لىرادىن ئولتۇرىدىغانغا دېيىشكەنتۇق، بۈگۈن «بىنانىڭ يىللىق ئىجارىسى ئۆستۈرۈلدى» دەپ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى 3000 لىراغا ئۆستۈرۈپ، «مۇشۇ بويىچە بولسۇن، بولمىسا باشقا ئەرزانراق ئۆيگە كۆچۈۋالامسىز، قانداق قىلىسىز؟» دەپ ئۇچۇر كەلدى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئاغزاكى توختامنى خاھلىغانچە بۇزۇپ، ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر يىل دېگەندەك مەلۇم مۇددەتتە توشىدىغانغا ئىجارە توختامى قىلىنغان بولسا، ئىككى تەرەپ رازىلىقى بولمىسا ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىجارەنى ئۆستۈرۈش ھەققى بولمايدۇ. مەيلى يېزىقچە ياكى ئاغزاكى بولسۇن، توختامغا ئەمەل قىلىش پەرز. ئاللاھ تائالا ﴿ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 1) دەپ بۇيرۇغان. دېمەك، كېلىشكەن مۇددەت توشقۇچە توختامنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ رازىلىقىسىز خاھلىغانچە بۇزالمايدۇ ھەم ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. ئۇنداق قىلىمەن دېسە، رەت قىلساڭلار بولىدۇ.
502 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەۋرەتنى ياپقۇدەك ئۇزۇن كۇسار (كالتا ئىشتان) بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نامازدىن ئىلگىرى ئورۇندايدىغان ئىشلار قاتارىدا ئەۋرەت يۆگەلگەن بولۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر مەسجىدتە زىننەتلىنىڭلار﴾(7/«ئەئراف»: 31). مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «زىننەتلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى «ئەۋرەتنى يۆگەڭلار» دەپ تەپسىرلىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئايەت «ئەۋرەتنى يۆگەش» دېگەن مەنىدىن سىرت «ياسىنىش» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. يەنى پەقەت ئەۋرەتنى يۆگەشلا ئەمەس، بەلكى ئەۋرەتنى يۆگىگەننىڭ سىرتىدا چىرايلىق كىيىنىش، ياسىنىش دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەۋرەتنى يۆگەش پەرز، چىرايلىق كىيىنىش سۈننەت. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان يېرى كىندىكىنىڭ ئاستىدىن باشلاپ ئىككى تىزىنىڭ ئاستىغىچە. كىندىكنىڭ ئۆزى ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمما، تىز ئەۋرەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر كىشى تىزنى تولۇق يۆگەيدىغان كۇسار بىلەن ناماز ئوقۇسا، ئەۋرەتنى يۆگەشتىن ئىبارەت پەرز ئادا بولىدۇ.
503 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىكى بەزىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن، بەزىسى تېخى ھايات كىشىلەرگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئامانەت ۋە قەرزلەر بولسا، بۇنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندىكى ئامانەت ۋە قەرز ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ مىراسخورلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولسا، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىش كېرەك. ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى پەرزەنتلىرى ياكى ئاتا – ئانىسىغا تاپشۇرۇش مۇناسىپ. ئۇلارمۇ بولمىسا، ئامانەت سۈپىتىدە قولىدا ساقلاپ قويسا بولىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
504 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسى، ئاتۆليە يەنى تىككۈچىلىك ئورۇنلىرىدا، دۇكانلىرىدا ئىشلىگەنلەرگە بۇنىڭ ئىشقا ئېھتىياجى بار، ئىشلىمىسە جېنىنى باقالمايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇلارنى ئەرزان باھادا ئىشلىتىدىغانلار ياكى مائاشىنى بەرسەم چىقىپ كېتىدۇ دەپ كېچىكىپ بېرىدىغان، ئاز مائاش بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغانلارنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. مۇشۇ ئەھۋالدا رازى بولماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ ئىش ئىگىلىرىدە ماددى ھەققى قالغان بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىش ھەققىگە كېلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. پۈتۈشكەن ئىش ھەققىگە رازى بولغان كىشى ئىشلەيدۇ. رازى بولمىسا ئىشلىمىسە بولىدۇ. نەق ئىش ھەققىگە كېلىشكەن بولسا كېچىكتۈرسە بولمايدۇ. ئەمما، ئاز مائاشقا رازى بولماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان كىشىنىڭ ئىش ئىگىلىرىدە ماددى ھەققى قالغان بولمايدۇ.
505 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىز 10 — 15 ئاغىنەلەر يېقىن ئۆتۈپ ئىزدىشىپ، ئىمانلىشىپ، ئارىمىزنى ياخشىلاپ، ئارىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن بىخەۋەر قالماسلىق ئۈچۈن ئايدا ئىككى – ئۈچ قېتىم ئولتۇرۇش قىلىپ تاماق يەپ، ۋەز – نەسھەت قىلىپ تارقىلىپ كېتەتتۇق. بەزەن بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشى بولماسلىق، قەستەن كەلمەسلىك سەۋەبلىك جىددىي ئەھۋال بولمىسىمۇ ۋاق قالسا ياكى قەستەن كەلمىسە، سورۇنغا ئىشلىتىدىغانغا 50 – 60 دوللار ئەتراپىدا جەرىمانە بېكىتىپ قويدۇق. شۇ جەرىمانە پۇل شەرىئەت ھۆكمى بويىچە توغرىمۇ؟ ۋاقىتنى 10 كۈن ياكى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بېكىتىپ قويىمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. گەرچە بارلىق ئەزالار بۇ جەرىمانىگە كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە جەرىمانە تۆلىگەندە نارازى بولۇپ قالسا بۇ جەرىمانە سورۇندىكىلەرگە شۈبھىلىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ماددىي جازا ئورنىغا باشقا تۈرلۈك جازا بېكىتىش ياكى جەرىمانەدىن يىغىلغان پۇلنى سورۇنغا ئىشلەتمەي موھتاجلارغا ياردەم سۈپىتىدە بېرىش مۇناسىپ.
506 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قېپىغا ئالتۇن يالىتىلغان قەلەمنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆپچىلىك ئالىملار «ئالتۇن يالىتىلغان قەلەمنى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشى جائىز» دەپ قارايدۇ.
507 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەبرىستانلىققا گۈل ئېلىپ چىقىش، گۈل ياكى ئۆسۈملۈك تىكىش قاتارلىقلار ھاراممۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئادەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: «ئۇلار ئازابلىنىۋاتىدۇ، چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ بىرى سۈيدۈكتىن ساقلانمايتتى، يەنە بىرى بولسا سۇخەنچىلىك قىلاتتى» دېدى. ئاندىن خورما دەرىخىنىڭ بىر ھۆل شېخىنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى يېرىپ ھەربىر قەبرىگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابەلەر:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
ــ بۇ شاخلار قۇرۇغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى(بۇخارىي: 1361). بۇرەيدە ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە خورمىنىڭ ئىككى شېخىنى قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇنداق قىلىشتىكى ھېكمەت بۇ جىرىم ۋە گىياھلار قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتچە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ تەسبىھلەر مېيىتكە ئۇنس – ئۈلپەت بولىدىغانلىق جەھەتتىن ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت يېغىشقا سەۋەب بولىدىغانلىق جەھەتتىن پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، غەربلىكلەرنى دوراپ ئەمەس، يۇقىرىقى ھەدىسكە ۋە ساھابەنىڭ ئىش -ئىزلىرىغا ئەگىشىش نۇقتىسىدىن قەبرىگە جىرىم ۋە گۈل – گىياھ تىكىش مۇستەھەب. بۇنىڭغا ئاساسەن قەبرىلەردە ئۆسكەن گۈل – گىياھلارنى يۇلۇۋېتىشمۇ مەكروھ.
508 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئىسلامغا زىت ناخشا – مۇزىكا قوشمىغان، ئاياللارنى چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بىلىملەرنى تارقىتىش ئارقىلىق يۇتۇب (YOUTUBE) دا پۇل تېپىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ يۇتۇبدا قانال ئاچقاندىن كېيىن يۇتۇب شىركىتى بىزدىن ئېلان چىقىش ئىقتىدارىنى ئېچىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. ئېلان ئاچقاندىن كېيىن بىزنىڭ فىلىمنى باشقىلار كۆرسە، فىلىمنىڭ بېشى، ئوتتۇرىلىرىدا ۋە ئاخىرلىرىدا ئېلان چىقىدۇ. بۇ ئېلان شۇ فىلىمنى كۆرگەن ئادەمنىڭ توردىن بۇرۇنقى ئىزدىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىتا پەرقلىق چىقىدۇ. مەسىلەن، بىرسى بۇرۇن توردىن ماشىنا ئىزدىگەن بولسا، بىزنىڭ قانالدىكى فىلىمگە چىققان ئېلاندىن ماشىنىنى ماختىغان ئېلان چىقىدۇ. باشقىلار كىيىم – كېچەك ئىزدىگەن بولسا، ئۇ ئادەمگە كىيىم – كېچەكنىڭ ئېلانى چىقىدۇ. شۇڭا، كىمگە قانداق ئېلان چىقىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەزىلەرگە ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرىنى ماختاپ چىقىشى مۇمكىن، بەزىلىرىگە يېمەك – ئىچمەكنى ماختاپ چىقىشى مۇمكىن. شۇ بىزنىڭ فىلىمنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېلاننى تارقىتىش ئارقىلىق، يۇتۇب شىركىتى بىزگە پۇل بېرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلامغا زىت مەزمۇن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بىلىملەرنى تارقىتىش ئارقىلىق يۇتۇب (YOUTUBE) دا پۇل تېپىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى جائىز ۋە مۇستەھەب. ئېلان ئارقىلىق كىرىم قىلىشقا كەلسەك، ئەسلىدە يۇتۇبدىكى ئېلانلار مۇباھ تاۋارلارنىڭلا ئېلانلىرى بولغان بولسا كىرىم چەكلەنمەيتتى. بىراق، ئەمەلىيەت شۇكى، ئادەتتە قانال ئىگىسى يۇتۇب ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق چەك قويالمايدۇ. ھاراق، قىمار، ئۆسۈم، دىنسىزلىق، يالىڭاچلىق ۋە خرىستىيان تەشۋىقاتى، … دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلانلارنى قىسمەن سۈزۈپ چەكلىگىلى بولسىمۇ، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە ھەتتا يانفۇن ئېلانلىرىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ھارام مەزمۇنلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئېلانلارنى كۆرگۈچى ئاتلاپمۇ كېتەلمەيدۇ. ئېلان چوقۇم ئاخىرىغىچە قويۇلۇشى كېرەك. ئەھۋال بۇ ئىكەن، يۇتۇب ئېلانلىرىدىن قىلغان كىرىم ھارام ياكى ھارام ئارىلاشقان، ياكى ئەقەللىي تەقدىردە شۈبھىلىك كىرىم بولىدۇ. شۇڭا، بۇ شەكىلدە پۇل تېپىش خىيالىدىن ۋاز كېچىش لازىم. ئەگەر بۇرۇن بىلمەستىن مۇشۇنداق قىلىپ كىرىم قىلغان بولسا، ئۇنى موھتاجلارغا بېرىۋېتىشى كېرەك.
509 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. ياۋروپادا بالىلىرىمىزنى خەتنە قىلدۇرماقچى بولغىنىمىزدا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا مۇسۇلمان دوختۇر تېپىلمايدىغان بولغاچقا، يىراقلارغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، خەتنىنى كافىر دوختۇرلار قىلسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دىنىمىزدا خەتنە قىلغۇچى مۇسۇلمان بولۇشى شەرت دەيدىغان بىر كۆرسەتمە يوق. بۇ داۋالىنىش دائىرىسىدىكى ئىش بولغاچقا، گەرچە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇر ئەۋزەل بولسىمۇ، مۇسۇلمان دوختۇر تېپىلمايدىغان جايلاردا ئىشەنچلىك كافىر دوختۇر قىلسىمۇ بولىدۇ.
510 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. بىر شىركەت باشقا شىركەتلەرنىڭ يانفون ئەپلىرىنى ۋە تۈرلۈك تاۋارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئېلان – تەشۋىقات، مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغانلار بۇ مۇلازىمەتنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ توردا ئېلىپ بارىدۇ. خېرىدارلارنىڭ بۇ تونۇشتۇرۇشنىڭ ھەقىقىي شەخس تەرىپىدىن سۇنۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشى ئۈچۈن بۇ ئورۇندا ئىشلىگۈچى باش سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈچلۈك قاراشتا ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن قولى (بېغىشقىچە) ئەۋرەت ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېلىم – سېتىم ۋە تاۋار تونۇشتۇرۇشتا كىملىكنى ئىسپاتلاش ۋە خېرىدارنى قويۇلۇپ كەتمەسلىك جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، گىرىم قىلمىغان ۋە ياغلىق ئارتقان ھالدىكى باش سۈرىتىنى تورغا چىقارسا، ئېھتىياج سەۋەبلىك جائىز بولىدۇ ۋە ئايال كىشىنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما، خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا نامەھرەملەر بىلەن سۆزلىشىشتە نازكەرەشمە قىلىشتىن ۋە شەيتانغا يول ئاچىدىغان ھەرقانداق سۆھبەتتىن قەتئىي ساقلىنىشى زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
511 – سوئال:سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ پوسما كىيىپ ناماز ئوقۇغاندا پېشانىمىزنىڭ جاينامازغا تولۇق تېگىشى ئۈچۈن پېشانىمىزنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى ئاچماي ئوقۇۋەرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەلبەتتە، ئۆزۈر بولمىسا پېشانە يەرگە ياكى يەردىكى جاينامازغا تەگكىنى ئەۋزەل. قاتتىق سوغۇق، پىژغىرىم ئىسسىق ياكى كېسەللىك تۈپەيلى ئېھتىياج تېپىلغاندا، دوپپا، تۇماق ياكى پوسما كىيگەن ھالدا ۋەياكى قولىغا پەلەي كىيگەن ھالدا سەجدە قىلسا، پېشانە ياكى ئالىقانلىرى بىۋاسىتە يەرگە ياكى جاينامازغا تەگمىسىمۇ، سەجدە ۋە ناماز توغرا ئادا بولىدۇ. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ «ئىسسىقتا ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ» بابىدا ھەسەن (بەسرىي) ئېيتتىكى: «ﺳﺎﮪﺎبەلەﺭ (ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﯩﯔ ياكى سوغۇقنىڭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ) قوللىرىنى ﻳﻪﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺩوﭘﭙﯩﻐﺎ ﺳﻪﺟﺪﻩ قىلىۋېرەتتى». بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبى شەيبەمۇ «مۇسەننەف» (2754) تە «سەھىھ» سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
512 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا توي كۈنى توي زىياپىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىگىت ۋە كېلىنچەك بىرقانچە دوستلىرى بىلەن دېڭىز بويلىرىغا ياكى گۈزەل مەنزىرىلىك يەرلەرگە بېرىپ رەسىملەرگە چۈشۈپ، چۆرگىلەشنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا زىت بولغان تەرىپى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز ئۆلچەملىك كىيىنىپ ۋە زىبۇ – زىننەتلىرىنى يۆگەپ شەھەر ئايلانسا، رەسىمگە چۈشسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي، ئۇلار بىر – بىرىگە ھالال ئەر – ئايال بولغانلىقتىن، بۇ دىنىمىزدا چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، كېلىنچەكنىڭ شۇنداقلا قىز قولداشلىرىنىڭ ئالاھىدە گىرىم قىلغان ھالدا يۈزى ئوچۇق ۋە ھەتتا تار كۆينەك بىلەن نامەھرەم يىگىتلەر ئالدىدا تۇرۇشى ھەرقانداق چاغدا توغرا بولمىغىنىدەك، توي كۈنىمۇ توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ كېلىنچەكنىڭ نامەھرەملەر ئالدىدا ياكى باشقا قىز – ئاياللارنىڭمۇ يىگىت قاتارلىق نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ۋە كوچا كويلاردا شۇنداق ھالەتتە يورغىلاپ يۈرۈشى، قويۇق ئارىلىشىپ كۈلكە – چاقچاق، ئۇسسۇل – تاماشا قىلىشى، ئارىلاش رەسىملەرگە چۈشۈشى … قاتارلىق نالايىق ئىشلارنى قىلىشىپ ئايلىنىشى دىنىمىزنىڭ ئەخلاقىي كۆرسەتمىلىرىگە زىت كېلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
513 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تېزەر / يۇ ئىس دى تى (Tether/(USDT نې پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىپ ئەمەس، پۇل يۆتكەشكە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىيزر ياكى تىتەر ياكى يو ئىس دى تى ئىسمى بىلەن تونۇلغان شىفىرلىك پۇل بلوكچىين زەنجىرىغا تەۋە بولۇپ، بۇ تۈرلۈك شىفىرلىك پۇللارنى پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىش ھازىرغا قەدەر ئالىملار تەرىپىدىن جائىز ئەمەس دەپ قارالماقتا.
مەزكۇر شىفىرلىك پۇلنىڭ قىممىتى بىر قەدەر مۇقىم (Stabile coin) بولغاچقا، مۇبادا بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە پۇل يۆتكەش ئىشلىرىدا بانكا ياكى باشقا ۋىسىتە ياكى يۇقىرى چىقىم ياكى ۋاقىتنى تېجەش شۇنداقلا نازارەت قىلىنماسلىقتەك ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ پۇل يۆتكەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دوللەرنى تىتەرگە ياكى باشقا قەغەز ۋە شىفىرلىك پۇللارغا ئايلاندۇرۇپ ۋاقىتلىق تېز ئىشلىتىۋالسا، 1. پۇلنىڭ قىممىتىنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشەنچلىك ئورۇن بولۇش شەرتى بىلەن، 2. ئېھتىياج بولغىنىدا، پۇلنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي، پۇل يۆتكەش زۆرۈرىيىتى بولسا. جائىز بولىدۇ. دېمەك، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن يۇقىرىقى 2 شەرت بىلەن بۇ پۇلنى ئېلىپ – سېتىش جائىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
514 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز، مۈشۈك قاتارلىق پاكىزە بولغان ئەرمەك ھايۋانلارنى سېتىش – سېتىۋېلىشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمىدۇر؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۈشۈكنى ئۆيلەردە بېقىش ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا جائىز. ئۇنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشمۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرمىسىلا تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا جائىزدۇر. ئۇنى ساتقان پۇلمۇ ھالالدۇر.
515 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز، تىرناققا خېنە قويۇپ سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقساق بولامدۇ – بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىرناققا قويغان خېنە ياكى سىر خېنە دىققەتنى تارتىدىغان شەكىلدە قېنىق ياكى شوخ رەڭ بولسا سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقىشقا بولمايدۇ. يەڭگىل ۋە دىققەت تارتمايدىغان بولسا سىرتقا پەلەي كىيمەي چىقىشقا بولىدۇ.