نومۇس ۋە شەرەپ بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنى ياكى سوت مەھكىمىسى ۋە باشقا ئورۇنلاردا «بەرگەن گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ياكى بېجىرگەن ئىشىمىزنىڭ راست ۋە توغرا ئىكەنلىكى» ھەققىدە بىزدىن تەلەپ قىلىنغان «نومۇس ۋە شەرەپ» بىلەن قەسەم قىلىش شەرىئەت چەكلىگەن قەسەم دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ كىرسە شۇنداق قەسەم بېرىپ قالغان كىشىگە قانداق كەففارەت ياكى جازا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قەسەم ئىچىشتىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ بىرنەرسىنى قىلىش – قىلماسلىق ئىرادىسىنى ياكى سۆزىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق جېكىلىگەن: «كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»(1). يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، شىرك كەلتۈرگەن (ياكى كافىر بولغان) بولىدۇ» دېگەن(2). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاتا – بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار» دېگەن(3). ئاتا – ئانىدىن باشقا تۇز، ئۆمۈر، شەرەپ… قاتارلىق ھەممە نەرسە مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ كىشىلەر نەزەرىدە مەلۇم ھۆرمىتى بولسىمۇ، ھەقىقىي ۋە مۇتلەق ئۇلۇغلۇق ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. يەنە قەسەم دېگەن ئۇلۇغلاش بولۇپ، بۇ خىل ئۇلۇغلاش بىلەن ئىبادەت قىلىش پەقەت ئاللاھقىلا بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھمۇ: «ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ھالدا، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاس ئاساسىدا، پەقەت ئاللاھ بىلەنلا قەسەم قىلىنىدۇ» دېگەن(4).

شۇڭا، قەسەمنى ئاللاھ تائالا ياكى ئۇ زاتنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن باشقا نەرسە بىلەن قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. «ئاللاھ بىلەن قەسەم، ۋەللاھى، بىللاھى، ئەزبىرايى خۇدا، خۇدا ھەققى، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم، رەببىم بىلەن قەسەم، خالىق بىلەن قەسەم، پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم…» دېگەندەك ئاللاھ تائالا ۋە ئۇ زاتنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن قىلىنغان ئەنت – قەسەملەر توغرا ۋە ئۆلچەملىك قەسەم ھېسابلىنىدۇ.

«نومۇس ۋە شەرەپ» بىلەن قەسەم قىلىش شەرىئەت چەكلىگەن قەسەم دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، كىمكى بىلمەي ياكى مەجبۇر شۇنداق قەسەم قىلىپ سالغان بولسا، كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىش بىلەن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغفار ئېيتىشى كېرەك. لېكىن، بۇ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان قەسەم ھېسابلانمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئادەتتىكى قەسەمنىڭكىدەك كەففارەت كەلمەيدۇ.

جامائەت گۇۋاھلىقى ياكى نوتەر، سوت مەھكىمىسى تەلەپ قىلىدىغان «يەمىنلىك تەرجىمان» دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر شەرت قوشقان شەكىلدىكى «قەسەم» بىلەنلا كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولسا، مەۋجۇد دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولمىسا، لېكىن شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش ۋە ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق تەرجىمانغا ئېھتىياجى بار بولسا، بۇ ئېھتىياجنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قامداشقا تۇرۇشلۇق دۆلەت تەلەپ قىلغان دىپلوم ۋە سەۋىيەگە ئىگە كىشىلەر چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلمىغان ھالدا، قەلبىدە رەت قىلىپ تۇرۇپ، ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىپ «قەسەم» قىلسا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى، ﴿مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ(﴾(2/«بەقەرە»: 225).

بۇ تۈرلۈك قەسەمگە كەففارەت كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئالىملىرىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «چۈنكى، قەسەم شېپى كەلتۈرۈلگەن شەيئىنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلۇغلاشقا پەقەت ئاللاھ تائالاغىنە لايىقتۇر. ھەقىقەتەن كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشنى شەرىئەت رەت قىلغان. ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىش دۇرۇس بولمىغانىكەن، ئۇ قەسەم ھېسابلانمايدۇ ۋە ئۇنداق قەسەم ئىچكەن كىشىگە (ئادەتتىكى) كەففارەت كەلمەيدۇ»(5).

دېمەك، بۇ تۈرلۈك ناتوغرا قەسەمنىڭ ئادەتتىكى قەسەمنىڭكىدەك كەففارەتى يوق، بەلكى ئۇنىڭ كەففارەتى مۇنۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىش بىلەن تەۋبە قىلىشتۇر: «سىلەردىن كىمكى قەسەم قىلىپ قەسىمىدە: ‹لات، ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىمەن› دەپ سالسا، ئارقىدىنلا ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق› دەۋەتسۇن، كىمكى ھەمراھىغا: ‹كېلە، سەن بىلەن قىمار ئويناي!› دەپ قالسا، سەدىقە قىلىۋەتسۇن»(6).

ئىمام نەۋەۋىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىكى نىيىتىگە قاراپ بۇ خىل قەسەمنىڭ ھۆكمىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مۇبادا ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلغۇچى ئۇ نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغ دەپ ئېتىقاد قىلسا، كافىر بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىمكى ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، كافىر بولۇپ كېتىدۇ› دېگەن ھەدىسىنىمۇ مۇشۇنداق چۈشىنىش كېرەك. چىن دىلىدىن مەقسەت قىلماستىن تىلى يۈگۈرۈپ كەتكەن بولسا، مەكرۇھ بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئىناۋەتسىز قەسەمدۇر»(7).

«پۈتۈن مۇقەددەس بىلىدىغان نەرسىلىرىم بىلەن قەسەم قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئەھۋالدا، مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس بىلىدىغان نەرسىلىرى ئېنىقلا «ئاللاھ»، «قۇرئان»، «كەئبە» قاتارلىقلاردۇر. «قۇرئان» ياكى «قۇرئاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى»، «كەئبە» ياكى «كەئبەنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى» قاتارلىق ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىر قىسىم ئۇلۇغ شەيئىلەردە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. توغرىسى، مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا بۇلار بىلەن قەسەم ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قەسەم ئىچسە ھېچقىسى يوق. ھەتتا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ يۇقىرىقىلار بىلەن ئىچىلگەن قەسەم كۈچكە ئىگە قەسەمدۇر، مۇبادا بۇ قەسەمدە تۇرمىغان ئەھۋالدا كەففارەت بېرىۋېتىش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 9 – شەئبان / م. 2022، 12 – مارت


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2679)؛ مۇسلىم (1646).
2. ئەبۇ داۋۇد (3253)؛ تىرمىزىي (1535). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3836)؛ مۇسلىم (1646).
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 6 – ج، 222 – بەت.
5. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4 – ج، 55 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 6 – ج، 221 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6107)؛ مۇسلىم (1647).
7. ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 11 – ج، 6 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago