سۈرىلەرنى مەلۇم ساندا، مەلۇم مەقسەتتە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەلۇم بىر ئىشنى نىيەت قىلىپ، مەسىلەن كېسەلنىڭ شىپا تېپىش، رىزىقنىڭ مول بولۇشى ۋە ياكى ماددىي ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشى دېگەندەك ئىشلارنى نىيەت قىلىپ، 36/«ياسىن» ياكى 112/«ئىخلاس»… قاتارلىق سۈرىلەرنى كۈندە مەلۇم بىر ساندا مەلۇم كۈنگىچە داۋام قىلىپ ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش ئەڭ گۈزەل زىكىر، شۇنداقلا كاتتا تائەتلەر جۈملىسىدىندۇر. مەلۇم ئايەت ۋە سۈرىلەرنى تەكرار – تەكرار تىلاۋەت قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئويلىنىش سەلەفلىرىمىزدىن ياد ئۇدۇمدۇر.

مەلۇم تىلەك بىلەن تىلاۋەت قىلىشقا كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن تىلىسۇن، كېيىن شۇنداق بىر قەۋم كېلىدۇكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن تىلەيدۇ»(1).

دېمەك، بەندە خەتمە قۇرئان ياكى مەلۇم سۈرە، مەلۇم ئايەتلەرنى مەلۇم ساندا خاھلىغانچە تىلاۋەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىلتىجا تەرىقىسىدە رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشى، كېسەلدىن شىپا تېپىش، قەرزدىن ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش، ئايەت ۋە سۈرىنى يادلىۋېلىش كەبى دۇنيالىقى ياكى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئاللاھتىن تىلىسە بولىدۇ.

مۇبادا مەلۇم سۈرە ياكى ئايەتنى مەلۇم سان ياكى قەرەل ئىچىدە ئوقۇش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بار بولسا، بۇنى سۈننەت ۋە مۇستەھەب دەپ ئەمەل قىلىمىز. مەسىلەن، جۈمە كۈنى 18/«كەھف» سۈرىسىنى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن «ئايەتۇلكۇرسىي»نى، ئەتىگەن – ئاخشامدا 112/«ئىخلاس» سۈرىسى بىلەن كېيىنكى «مۇئەۋۋىزەتەين (ئىككى پاناھلاندۇرغۇچى) سۈرە (‹فەلەق› ۋە ‹ناس›)» نى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش قاتارلىقلار…

يەنە سۈفلەپ داۋالىنىشتىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿بىز مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 82) دېگەن ئايەتىدە كۆرسەتكىنىدەك، «قۇرئان كەرىم» دىللارغىمۇ، تەنلەرگىمۇ شەكسىز ۋە چەكسىز شىفادۇر. يەنە تېخى بەزى سۈرىلەرنىڭ داۋالاش خۇسۇسىيىتىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەندۇر. مەسىلەن، «فاتىھە»نى ئوقۇپ سۈفلەپ يىلان چېقىۋالغانلارنى داۋالىغان ساھابەگە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭ دەمىدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ توغرا قىپسىلەر» دېگەن(2).

ئەمما، كۆرسەتمە بولمىغان تەقدىردە، «پالانى سۈرە ياكى ئايەتنى مۇنچە قېتىم ياكى مۇنداق ۋاقىتتا تىلاۋەت قىلىشنىڭ مۇنداق پەزىلىتى بار» دەپ ئۆز يېنىدىن پەزىلەت بەلگىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. بۇنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش تېخىمۇ خاتا قىلمىشتۇر.

بۇ ھەقتە تۈرلۈك تاراتقۇلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى، «خەزىنەتۇل ئەسرار»(3) غا ئوخشىغان كىتابلاردىكى بايانلار، شۇنداقلا ۋائىزلارنىڭ ئاشۇرۇپ ۋە قىزىقتۇرۇپ سۆزلەشلىرى مۇشۇ تۈردىن خالىي ئەمەس.

زىكىر – دۇئالاردىمۇ ھەم شۇنداق. بەزى تەسبىھ ۋە زىكىرلەرنى 100 قېتىم ياكى 3 قېتىم ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەدىسلەردە كەلگەن. ئەمما، ھەدىستە سان ۋە پەزىلەت بېكىتىلمىگەنگە خاھلىغانچە سان ۋە پەزىلەت بەلگىلىۋېلىش خاتادۇر. چۈنكى، سان ۋە پەزىلەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئورۇندىغان تەقدىردە، نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا خىلاپ بولغان ھەرقانداق بېكىتىۋېلىش شەرىئەتتە يوق نەرسىنى پەيدا قىلغانلىق ۋە دەلىلسىز سۆزلەشتۇر.

سۆزىمىزنى ئىخچاملىساق، سان ۋە ۋاقىت ھەدىستە كەلگەن بولسا ئەمەل قىلىش، كەلمىگەن بولسا دىندا دەلىلسىز سۆزلەشتىن ۋە بىدئەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سان بېكىتىۋېلىشتىن ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 4 – رەجەب / م. 2022، 5 – فېۋرال


1. تىرمىزىي (2917). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2276)؛ مۇسلىم (2201).
3. «خەزىنەتۇل ئەسرار جەلىلەتۇل ئەزكار (خزينة الأسرار جليلة الأذكار / سىرلار خەزىنەسى، زىكىرلەرنىڭ كاتتىسى)»: شىرككە ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىق مەزمۇن ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر بىلەن تولغان، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە نەشرى كەڭ تارقالغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى سەييىد مۇھەممەد ھەققىي نازىللىلى (ئۆ. ھ. 1301 / م. 1884) بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە بەزى سۈرىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، سىرلىرى، نەفلە ئىبادەتلەر ۋە تۈرلۈك ئېتىقادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago