«قار بوۋاي» ياساشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بالىلارنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ «قار بوۋاي» شەكلىدە قاردىن ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھەيكىلىنى ياسىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇلۇغلاش ياكى چوقۇنۇش مەقسىتىدە ھەيكەل ياساش، ئۇنداق ھەيكەللەرنى سېتىش ۋە ئۆيدە ساقلاش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدىغان شىرك ئىشتۇر. بۇلارنىڭ ھارام قىلىنىشى تەۋھىد ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىش، بۇتپەرەستلەرگە ئوخشاپ قالماسلىق بولۇپ، پەقەتلا ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئەخلاقىغا زىت كەلمەيدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان.

«قار بوۋاي» ياساشمۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنلارنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇئەييەن پايدىسى بار. شۇڭا، مەيلى پۈتۈن ئەزالىرى تولۇق، ئېغىز – بۇرۇن، قاش – كۆزلىرى جايىدا، بارماقلىرىمۇ كەم قالمىغان ھالەتتە تىرىك ئىنسانغا پۈتۈنلەي ئوخشاپ قالسىمۇ، بالىلار ئويۇنچۇقى دائىرىسىگە كىرگەنلىكتىن ھۆكمى جائىزدۇر. بالىلار ئۈچۈن چوڭلار ياساپ بەرسىمۇ، بىرلىكتە ياسىسىمۇ ئوخشاشلا جائىز. بۇنىڭ جائىزلىقى سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئېنىق كۆرسەتمىلەرگە تايانغاندۇر.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن (كىچىكىمدە) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا قورچاقلارنى ئوينايتتىم، مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغان ئاداشلىرىم بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيگە كىرگەندە، مەن بىلەن بىللە ئويناۋاتقان ئاداشلىرىم مۆكۈۋالسا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى بىر – بىرلەپ تېپىپ ئەكىلەتتى، ئاندىن ئۇلار مەن بىلەن ئوينايتتى» دەيدۇ(1).

يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە، بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشەگە قورچاقلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

— ئى ئائىشە! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— قورچاق قىزلىرىم، — دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورچاقلار ئارىسىدىكى رەخت قاناتلىق ئاتنى كۆرۈپ:

— ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى، ئۇ:

— ئۇ ئات، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاتنىڭ ئۈستىدىكىلەرچۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— قاناتلار، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاتنىڭمۇ قانىتى بولامدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قاناتلىق ئاتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ — دېدى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇبارەك ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كەتتى(2).

ئىمام شەۋكانىي: «بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلارنى ھەيكەل ۋە قورچاقلارنى ئوينىغىلى قويۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بار» دەيدۇ(3). قازى ئىياز: «كىچىك قىزلارنىڭ قورچاق ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر» دېگەن(4).

شۇڭا، بالىلارنىڭ «قار بوۋاي» ياسىشى ياكى ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشىنى چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىدىن ساناش ياكى چوڭ گۇناھ دەپ كىشىلەرنى قورقۇتۇش ياكى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا ساناش ئورۇنسىزدۇر.

يەنە بالىلارغا «قار بوۋاي» ياساپ بەرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سىمالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە يات كۈلتۈرلەرنىڭ «قار بوۋاي»لىرىغا تەقلىد قىلىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش مۇناسىپ.

ئادەتتە چوڭلار ئۈچۈن ياسىلىدىغان، لېكىن ئۇلۇغلانمايدىغان، يېرىم ياكى باشسىز، ياكى مۇھىم ئەزالىرى يوق، يۈزى تۈپتۈز «قار بوۋاي» ياساشمۇ جائىز بولۇپ، بۇ قارانچۇققا ئوخشاشلا ھەيكەل ھېسابلانمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 6 – جامادىيەلئاخىر / م. 2022، 25 – يانۋار


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6130)؛ مۇسلىم (2440).
2. ئەبۇ داۋۇد (4932)؛ نەسائىي (8950). ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 129) «سەھىھ» دېگەن.
3. شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 6 – ج، 260 – بەت.
4. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14 – ج، 82 – بەت؛ بۇ ھەقتە يۈسۈف قەرەداۋىي كەڭ توختالغان. قاراڭ: يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» (ئۇيغۇرچە)، 157 – 177 – بەتلەر.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago