Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى: كىبىر

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى كىبىر

كىبىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى كېسەللىك

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر كۆڭۈل بۆلگەن قەلبنىڭ قىلمىشلىرىغا قارايدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنى قەلبنىڭ ساغلاملىقىغا باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام رەببىگە ئۆزى «مۇھىم» دەپ قارىغان بىرقانچە دۇئالار بىلەن دۇئا قىلغانىدى. شۇنىڭ قاتارىدىن: ﴿ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن. ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمدىن باشقىسىغا ھېچقانداق مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 87 – 89). بۇ ئايەتتە مەقسەت قىلىنغان مەنە، قەلبنىڭ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتىن، نىپاقتىن، ئازغۇن بىدئەتلەردىن ھەمدە ئىماننى بۇزۇۋېتىدىغان ۋە بەزىدە ۋەيران قىلىۋېتىدىغان قەلب ئاپەتلىرىدىن ساغلام بولۇشىدۇر.

«سەھىھەين»دە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھالال – ھارام ۋە شۈبھىلەر توغرۇلۇق سۆزلىگەن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ؛ ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»(1).

بۇ ھارام قىلمىشلارغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ بېشى ۋە ئەڭ خەتەرلىكىنىڭ كىبىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز. كىبىر بولسا ئىنسانغا تېگىدىغان بىر خىل روھىي ئاپەت بولۇپ، ئىنسان ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ ۋە باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىگە تەمەننا تۇيغۇسى بىلەن قاراپ، باشقىلارغا مەنسىتمەسلىك ۋە ھاقارەت نەزەرى بىلەن قارايدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە بۇ خىل نەزەردە قارىشى ئىجتىمائىي ھاياتقا ئاپەت بولىدىغان خەتەرنىڭ بېشىدۇر.

ئىسلام دىنى بولسا ئىنسانلارنى قېرىنداش قىلدى ھەمدە ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ئۇلارنى باراۋەر قىلدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13).

ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىرق، رەڭ، رايون، نەسەب ۋە تەبىقە قاتارلىق پەرقلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەت تەقۋالىق بىلەنلا پەرقلىنىدۇ. بۇ تەقۋالىقنىڭ ئورنى بولسا قەلب بولۇپ، بۇ ئورۇننى ئاللاھلا كۆرۈپ تۇرىدۇ. قەلبنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى ئايرىيدىغان كۈن ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنى بولۇپ، ئىنسانلار دۇنيادا ئۆگەنگەن ئىلمى، قىلغان ئەمەللىرى ۋە خەيرلىك ئىشلارغا ئالدىرىغانلىقى بىلەنلا بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟﴾(39/«زۇمەر»: 9) ﴿ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم (يەنى مۇئمىن بىلەن كافىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر﴾(40/«غافىر»: 58)؛ ﴿مۇئمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس﴾(32/«سەجدە»: 18).

شۇڭا، ئىنسانلار ھاياتلىق قاينىمىغا كىرگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى زېرەكلىك، پىكىر ئۆتكۈرلۈكى، ئىلىم – مەرىپەت ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن خىزمەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە جەمئىيەتكە قىلغان خىزمىتىدىن باشقا جەھەتلەردە تەڭ – باراۋەر ھالەتتە كىرىدۇ.

مانا بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا ناھەق ئۈستۈنلۈك قىلىشىنى، ئۇلارغا يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت بىلەن يوغانچىلىق قىلىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان پەزل – مەرھەمىتىنىڭ سەۋەبى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا پەخىرلىنىپ يۈرۈشىنى چەكلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە رازى بولمايدىغان قىلمىشلاردۇر.

كىمكى «قۇرئان»نى ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلسا، «قۇرئان»نىڭ كىبىرنى، تەكەببۇرلۇقنى ۋە چوڭچىلىق قىلىشنى قاتتىق سۆككەنلىكىنى ۋە بەندە ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالغان بۇ ئىللەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىلا ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولۇپ، بۇ سۈپەتتە ئاللاھقا باشقا بىرى شېرىك ئەمەستۇر. ئاللاھنىڭ «ئەلجەببار»، «ئەلمۇتەكەببىر» دېگەن ئىسىملىرى بىلەن باشقىلارنىڭ ئاتىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان بولۇپ، مەنىسى «قەھر قىلغۇچى» ۋە «ئۇلۇغلۇق ئىگىسى» دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر﴾(59/«ھەشر»: 23). بۇ سەۋەبتىن، «قۇرئان كەرىم» تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن سۆككەن:

مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ﴾(16/«نەھل»: 23). ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرەت دەلىللىرىنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ دەلىللەر بىلەن توغرا يول تاپالمايدۇ ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ نۇرىدىن قوبۇل قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى قۇدرەت دەلىللىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ. گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ قۇدرەت دەلىللىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى﴾(7/«ئەئراف»: 146).

بەزى مۇفەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿قۇدرەت دەلىللىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن﴾ دېگەن سۆزىنى: «ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى ‹قۇرئان›نىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇۋېتىمەن» دەپ تەفسىر قىلغان(2). دېمەك، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى كىشى پەرۋەردىگارىدىن كەلگەن ھېچنەرسىنى ياخشى چۈشىنەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ناسارالارنىڭ ئىچىدىكى پوپلارنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿يەھۇدىيلەر ۋە مۇشرىكلەرنىڭ مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، «بىز ناسارا» دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇ ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر. ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان «قۇرئان»نى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن»﴾(5/«مائىدە»: 82 – 83).

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ۋە جازاسىغا ئۇچرىغان كۆپلىگەن قەۋملەرنى ۋە ئۈممەتلەرنى سۆكتى. چۈنكى، كىبىر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويغاچقا، ئۇلار بۇ نېئمەتلەرنى ئەقىل كۆزلىرى بىلەن كۆرەلمىدى، يالغانغا چىقاردى، تەكەببۇرلۇق قىلدى ۋە زېمىندا ناھەق چوڭچىلىق قىلدى.

بۇ، كۇفۇر مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە يەتكەن ئومۇمىي بىر كېسەللىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى يولباشچىسى ئىبلىستۇر. بۇ ئىبلىس بولسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئاللاھقا ئىسيان قىلغان تۇنجى مەخلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار!» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى﴾(2/«بەقەرە»: 34)، ﴿نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە – كۈندۈز دەۋەت قىلدىم. مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى. مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، قاچانكى دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفۇردا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى﴾(71/«نۇھ»: 5 – 7).

ئاللاھ تائالا يەنە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇ (پىرئەۋن) ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا ناھەق چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (قايتا تىرىلىش يوق) دەپ گۇمان قىلدى﴾(28/«قەسەس»: 39)، ﴿ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار قېچىپ كېتەلمىدى﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 39).

ئاللاھ تائالا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿شۇئەيب قەۋمىنىڭ چوڭچىلىق قىلغانلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق» دېدى﴾(7/«ئەئراف»: 88)، ﴿(ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار! مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 72).

ئاللاھ تائالا بىزگە قىيامەت كۈنى توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿كافىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» (دېيىلىدۇ)﴾(46/«ئەھقاف»: 20).

 

تەكەببۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئۇنى قۇترىتىدىغان ئامىللار

روھىيىتىمىزدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مۇتەخەسسىسلەشكەن ئۇستازلىرىمىزغا ۋە ئىماملىرىمىزغا مۇراجىئەت قىلىشىمىز ۋاجىپتۇر. چۈنكى، ئۇلار بۇ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى توغرا تونۇپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇناسىپ شىپا بەخش دورىلارنى تېپىپ چىققاندۇر.

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي بۇ ساھەدىكى يېتىشكەن ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلىم بۇلىقىدىن پايدىلىنىشىمىز زۆرۈردۇر.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىلگىنكى، كىبىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئىپادىلەنگەن ناچار ئەخلاق ۋە سەلبىي ئىش – ھەرىكەتلەر دەل كىبىرنىڭ ئالامىتى ۋە نەتىجىسىدۇر. بۇنى ‹تەكەببۇرلۇق› دەپ ئاتىساق ئەڭ لايىق بولىدۇ.

كىبىر دېگەن بۇ ئىسىم ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا خاس بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى چوڭ بىلىشى ۋە ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ئۆزگىلەرنىڭ قەدىر – قىممىتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشىدۇر. ئىنساننىڭ بۇ ئىچكى ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشىدۇر. ئىنسان ئۆزىدىن، ئىلمىدىن، ئەمەللىرىدىن ياكى ئەمەللىرىنىڭ مەلۇم بىرەر سەۋەبىدىن كۆرەڭلەپ، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويسا، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.

ئەمما، ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان زاھىرىي كىبىرگە كەلسەك، ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار ئۈچتۇر: تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب، تەكەببۇرلۇق قىلىنماقچى بولغان ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب ۋە بۇ ئىككى ئىنساندىن باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب قاتارلىقلار.

تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب بولسا ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر؛ تەكەببۇرلۇق قىلىنماقچى بولغان ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب بولسا ھىقد (ئۆچمەنلىك) بىلەن ھەسەتتۇر؛ بۇ ئىككى ئىنساندىن باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەۋەب بولسا رىيا قىلىشتۇر. نەتىجىدە سەۋەبلەر بۇ جەھەتتىن جەمئىي تۆت بولىدۇ: ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، ھىقد، ھەسەت ۋە رىيا قىلىش.

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا كەلسەك، بۇ باشتا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، باتىنىي (ئىچكى) كىبىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاندىن بۇ كىبىر گەپ – سۆزلەر، ئىش – ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان زاھىرىي تەكەببۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھىقد (ئۆچمەنلىك قىلىش) قا كەلسەك، بۇ ئەھۋال ئىنساننى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا ئېلىپ بارمىسىمۇ، يەنىلا تەكەببۇرلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىن ئۈستۈن بىرسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تەكەببۇرلۇق قىلغان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. لېكىن، بۇ ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغانلىقىدىن غەزەپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ غەزەپلىنىش ئۇ ئادەمگە قارىتا ئۆچمەنلىك قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ ئۆچمەنلىك ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كىشىنىڭ نەپسى ئۆچمەنلىك ياكى غەزەپكە تولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىن چوڭ ھېچكىمگە كەمتەر بولۇشىغا يول قويمايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ئەھۋال كىشىنى ھەق قارشى تەرەپتە بولسىمۇ، ھەقنى رەت قىلىشقا، ئۇنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىققا؛ ئۆزىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ، لايىق زاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشكە ئۇرۇنۇشقا؛ بىراۋغا زۇلۇم قىلسىمۇ، ئۇنىڭدىن رازىلىق سورىماسلىققا؛ بىرەر جىنايەت سادىر قىلغان بولسىمۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن كەچۈرۈم سورىماسلىققا ۋە بىلمىگەن نەرسىلىرىنى باشقىلاردىن سورىماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

ھەسەت قىلىشقا كەلسەك، بۇمۇ ھەسەت قىلىنغۇچىدىن ئازار بېرىش، غەزەپلىنىش ياكى ئۆچلۈك قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان سەۋەب سادىر بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە ھەسەت ئىنساننى ھەقنى ئىنكار قىلىشقا چاقىرىدۇ. ھەتتاكى، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئىلىم ئۆگىنىشتىن باش تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. نۇرغۇن ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزغىنلىقى بار جاھىل ئادەملەر باركى، ئۇلار جاھىللىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا قېپقالدى. چۈنكى، جاھىل ئىنسان ھەسەت سەۋەبلىك، يۇرتىدىكى ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ئالىمدىن ئىلىم ئۆگىنىشتىن باش تارتىدۇ. بۇ ئىنسان ئۇ ئالىمنىڭ (ئىلمىنىڭ پەزىلىتى بىلەن) ئالدىدا كەمتەر بولۇشقا لايىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ جاھىل ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۇ ئالىمدىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى كۆڭلىدە بىلىپ تۇرسىمۇ، قەلبىدىكى ھەسەت ئۇنى ئالىمغا مۇتەكەببىر ئىنسانلارنىڭ خۇلقى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

رىيا قىلىشقا كەلسەك، بۇمۇ ئىنساننى تەكەببۇرلۇق قىلىشقا چاقىرىدىغان رەزىل ئەخلاقتۇر. ھەتتاكى، رىياكار ئۆزئارا ھېچقانداق باردى – كەلدى، ھەسەت – قىزغىنىش ۋە ئۆچ – ئاداۋەت بولمىسىمۇ، ئۆزىدىن ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان يەنە بىر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ. رىياكار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ‹پالانى ئالىمدىن ئۈستۈن ئەمەسكەن› دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئالىمنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەمتەر بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئادەمنى تەكەببۇرلۇق قىلىشقا ئېلىپ بارغان بىردىنبىر سەۋەب رىيا قىلىشتۇر. ئەگەر رىياكار ئۇ ئالىم بىلەن ئايرىم بىر يەردە بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا تەكەببۇرلۇق قىلمىغان بولاتتى.

ئەمدى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ياكى بىراۋغا ھەسەت قىلىش ۋەياكى ئۆچمەنلىك تۈپەيلى تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان كىشىگە كەلسەك، بۇ كىشى بىراۋ بىلەن ئايرىم بىر يەردە بولسىلا، يېنىدا ئۈچىنچى بىر ئادەم بولمىسىمۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بەزىدە بۇ كىشى يالغاندىن ئۆزىنى ئېسىل بىر نەسەبكە تەۋە قىلىۋالىدۇ. ئاندىن بۇنىڭ بىلەن سورۇنلاردا ئاشۇ نەسەبكە تەۋە بولمىغان كىشىگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ. يولدا ماڭغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ ۋە كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ھۆرمەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن باراۋەر بولۇپ قېلىشىغا رازى بولمايدۇ. بۇ كىشى يالغاندىن ئۆزىنى ئېسىل نەسەبكە تەۋە قىلىۋالغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلىدە كىبىر يوق بولسىمۇ، رىيادىن ئىبارەت بۇ رەزىل خۇلق ئۇ كىشىنى مۇتەكەببىر ئىنسانلارنىڭ قىلىقلىرىنى قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. ‹مۇتەكەببىر› دېگەن بۇ ئىسىم، كۆپىنچە، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە باشقىلارغا ھاقارەت كۆزى بىلەن قاراش تۈپەيلى كېلىپ چىققان كىبىر سەۋەبىدىن بۇ ئىشلارنى قىلغان ئادەمگە قوللىنىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ‹مۇتەكەببىر› دەپ ئاتىلىشى، بۇ خىل كىبىرگە تەۋە قىلىقلاردەك قىلىقلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالادىن گۈزەل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سورايمىز. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر»(3).

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 52 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1599 – ھەدىس.
2. ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم: «تەفسىرۇ ئىبنى ئەبى ھاتىم»، 5 – توم، 1567 – بەت. 8982 – 8984 – نومۇرلار.
3. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 353 -، 354 – بەتلەر.

Please follow and like us:
Exit mobile version