بانكىلار ھەدىيە بېرىدىغان «ئالتۇن پۇئان» غا ئوخشىغان ماددىي مۇكاپاتلارنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! تۈركىيەدە بەزى بانكىلاردا بانكا كارتىسى (كرېدىت كارتا ئەمەس) بىلەن (پۇلتۇتارغا كارت سۈركەپ ياكى توردىن تاۋار سېتىۋېلىپ) قىلىنغان چىقىم مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە «ئالتۇن پۇئان» بېرىدىغان، يەنە بەزى بانكىلاردا بونۇس (Bonus) پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تاۋار سېتىۋالسا، بونۇس پۇئان ھېسابلاپ لىرا بېرىدىغان ئىشلار بار. مەزكۇر ھەدىيە ئالتۇن ۋە بونۇس لىرالارنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بانكىدا ھېسابات ئېچىپ پۇل ئامانەت قويغان ئەھۋالدا بانكا بىلەن ئامانەت قويغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى «قەرز بەرگۈچى» بىلەن «قەرزدار»نىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئامانەت قويغۇچى — قەرز بەرگۈچى، بانكا — قەرزداردۇر(1).
بانكا تەرىپىدىن ئۆزىدە ھېسابات ئاچقان ئامانەت قويغۇچى شەخسلەرگە بېرىلىدىغان ئالتۇن پۇئان ياكى بونۇس لىرا خاراكتېرىدىكى ماددىي مۇكاپات ۋە ياكى ھەدىيە (لەر) ماھىيەتتە قەزر ئالغۇچى (بانكا) تەرىپىدىن قەرز بەرگۈچى (ئامانەت قويغۇچى) غا مەزكۇر بانكىدا قويغان قەرز پۇل سەۋەبلىك بېرىلگەن ئۆسۈمدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەزر ئالغۇچى (بانكا) نىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگۈچى (ئامانەت قويغۇچى) گە بەرگەن ئالتۇن پۇئان/ بونۇس لىرا مۇكاپات ياكى ھەدىيەسى ھارامدۇر.
مۇبادا بۇ ئالتۇن پۇئان ياكى بونۇس لىرا مۇكاپاتلار بانكىلار تەرىپىدىن ئۆز بانكىسىدا پۇل ئامانەت قويمىغان كرېدىت كارتا ئىگىسىگە بېرىلىدىغان بولسا ئىدى، قەرز بەرگۈچى (بانكا) تەرىپىدىن قەزر ئالغۇچى كرېدىت كارتا ئىگىسىگە ھەدىيە ئورنىدا جائىز بولغان بولاتتى. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا بانكا قەرز ئالغۇچى ئەمەس، قەرز بەرگۈچىدۇر. ئەمما، بانكىدا پۇل ئامانەت قويغان كرېدىت كارتا ئىگىسىگە بېرىلىدىغان ھەدىيە بولسا ئوخشاشلا ھارامدۇر.
جازانە مۇئامىلىسى قىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئايەتلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ): «سودا – سېتىق جازانەگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانەنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275).
مەزكۇر ھەدىيەلەرنىڭ جازانەگە ياتىدىغانلىقى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە، ئەسھاب كىرام ۋە مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ بايانلىرىدا ھەتتا ھازىرقى زامان ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرىنىڭ قارارلىرىدا ئېنىق كەلگەندۇر.
ئەبۇ بۇردە سۆزلەپ بەردىكى: «مەن مەدىنەگە كېلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇچراتتىم. ئۇ: ‹كەلمەمسەن؟ سېنى تالقان، خورمىلار بىلەن مېھمان قىلاي، يەنە تېخى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرگەن كاتتا) بىر ئۆيگە كىرىسەن› دېدى. ئاندىن: ‹سەن جازانە يامراپ كەتكەن بىر يۇرتتا (ئىراقتا) تۇرىسەن، ئەگەر بىر ئادەمدە ئېلىشىڭ بولۇپ، ئۇ ساڭا بىر ئۇلاغ سامان، يا بىر ئۇلاغ ئارپا ۋەيا بىر ئۇلاغ ئوت – چۆپ ھەدىيە قىلسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلما، چۈنكى ئۇ جازانە بولىدۇ› دېدى»(2).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «بىرىڭلار بىراۋغا قەرز بېرىپ تۇرسا، ئاندىن قەرز ئالغان كىشى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە ھەدىيە قىلسا ياكى ئۇنى بىرەر ئۇلاغقا مىندۈرۈپ قويسا، ئۇ بۇ ھەدىيەنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىسۇن ۋە ئۇلاغقا مىنمىسۇن، لېكىن مۇشۇنداق سوۋغا – سالام بېرىش قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ تۇرغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ»(3).
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «قەرز بەرگەندە قارشى تەرەپكە ئۆيىنى ئىجارە بېرىشىنى ياكى ئۆزىگە بىرنەرسە سېتىپ بېرىشنى ۋەياكى قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆزىگە بىر قېتىم بولسىمۇ قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى شەرت قىلسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سودا بىلەن قەرزنى بىرلىكتە قىلىشتىن توسقان. يەنە بۇ قىلغىنى بىر توختامدا يەنە بىر توختامنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خۇددى بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە ئۆيىنى ساتقاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىنى ئۆزىگە سېتىپ بېرىشىنى شەرت قىلغىنىغا ئوخشاش. ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئۆيىنى بازار نەرخى ئىجارىدىن ئەرزانراق ئىجارە بېرىشنى شەرت قىلسا ياكى ئۆز ئۆيىنى بازار نەرخىدىن قىممەت باھادا ئىجارە ئېلىشنى، ياكى ئۆزىگە بىرەر ھەدىيە بېرىشنى ۋەياكى ساتقۇچىغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى شەرت قىلسا تېخىمۇ قاتتىق ھارامدۇر. ئۇ ئىشلارنى شەرتلەشمىگەن تەقدىردىمۇ قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قىلىپ بەرسە ھەم قوبۇل قىلسا يەنىلا جائىز بولمايدۇ. پەقەتلا قارشى تەرەپ قىلىپ بەرگەن بىرەر ئىش قارشىلىقىدا بىر ئىش قىلىپ بەرسە ياكى قەرزىگە ھېسابلىسا ئاندىن بولىدۇ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەرز بېرىشتىن بۇرۇنمۇ بولۇپ كەلگەن ئىش بولسا مەيلى»(4).
«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بانكىلارنىڭ ئوچۇق ھېسابات ئىگىلىرىگە بېرىدىغان ھەدىيەلىرىنىڭ شەرئىي ھۆكمى بايان قىلىنغان قاراردا ئىزاھلىنىشىچە: «بۇ تۈرلۈك ماددىي ھەدىيەلەرنىڭ ھۆكمى مەيلى شەرت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان بولسۇن، قەرز (يەنى ئامانەت) سەۋەبلىكلا بولىدىكەن، شۇنداقلا سوممىسى ۋە مۇددىتىگە قاراپ بولىدىكەن، بۇ قەرز ئالغۇچى قەرز ئىگىسىگە بېرىدىغان ئۆسۈم تۈرىگە كىرىدىغان بولغاچقا جائىز ئەمەستۇر»(5).
«شەرئىي ئۆلچەملەر»دىمۇ قەرزدە شەرت قىلىنمىغان مەنپەئەتكە ئالاقىدار ئەھكاملار قاتارىدا يۇقىرىقى ھۆكۈم مۇنداق تەكىتلەنگەن: «قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز مۇددىتى ئىچىدە قەرز بەرگۈچىگە بىرەر ماددىي نەرسىنى قەرز سەۋەبلىك بېرىشى، ئەگەر قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنداق ئادەتلىنىش بولمىسا، جائىز بولمايدۇ»(6).
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، مەزكۇر ھەدىيە ۋە مۇكاپاتلار، شۇنداقلا كارتا بىلەن بىرنەرسە سېتىۋالمىسىمۇ بانكا تەرىپىدىن ھېسابقا كىرگۈزۈپ قويىلىدىغان ھەدىيە ۋە مۇكاپاتلار كارتا ئىگىسىگە ھارام بولغاچقا، ئۇ قولىغا كىرىپ قالغان تەقدىردە ئۇنى ئۆزى خەجلىمەي، موھتاجلارغا ساۋاب ئۈمىد قىلماستىن بېرىۋېتىش ئارقىلىق قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 17 – سەفەر / م. 2021، 17 – سېنتەبىر
1. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي 19. 524 – بەت. 10/1 – ماددا.
2. بۇخارىي (3814).
3. ئىبنى ماجە (2432). ئىبنى تەيمىييە «ھەسەن»، ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9 – ج، 105 – بەت.
5. قرار رقم: 222 (23/6) «مجمع الفقه الإسلامي الدولي»، المنعقد في دورته الثالثة والعشرين بالمدينة المنورة، خلال الفترة من: 19 — 23 صفر ھ. 1440، الموافق: 28 أكتوبر — 1 نوفمبر م. 2018.
6. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي 19. 524 – بەت. 10/1 – ماددا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…