ئوقۇش ۋە خىزمەت تارىخىغا يالغاندىن خىزمەت تەجرىبىسى يېزىشقا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز شەخسلەر ئاچقان بىر كۇرستا ئوقۇغان بولۇپ، ئالتە ئاي ھەپتىسگە ئون سائەت دەرس بار، ئىككى ئاي پروجەكت بار. يەنە بەزى كۇرسلاردا ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ سائەتتىن ھەپتىدە يەتتە كۈن، سەككىز ئاي داۋاملىشىدۇ. پروجەكتلىرى بىلەن توپلام بىر يىل. بۇ كۇرستىكى مۇئەللىم ئېنىق قىلىپ: «بۇ ئوقۇش ۋە پروجەكت بىلەن يازغان كود ۋە ئىشلىگەن پروجەكتىڭلار نورمال شىركەتنىڭ 3 يىللىق تەجرىبىسگە باراۋەر» دەيدىكەن ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، پروجەكت ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ نامىدا «ئىككى – ئۈچ يىللىق تەجرىبىسى بار» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇ ئوقۇشتا تەربىيەلەنگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئىككى – ئۈچ ئاي پروجەكت ئىشلەيدىغان بولۇپ، سەۋىيە جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئىككى – ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىدەك بولىدىكەن. «نۇرغۇنلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تاپتى» دېگەن ئۇچۇرلارغا قىزىقىپ بۇ كۇرستا ئوقۇغانلار بەكلا كۆپ.

تور دۇنياسىدىكى بۇ ساھەگە ئالاقىدار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا كۆپىنچە «ئەڭ ئاز 3 يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىزمەت تەجرىبىسى بولۇش» شەرت قىلىنىدىكەن. شۇڭا، بىزلەر بۇ كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئىزدەش باسقۇچىدا تەلەپ قىلىنىدىغان تەرجىمىھال (.C.V) غا بىز كۇرسىدا ئوقۇغان ئورۇننىڭ: «سىلەر مۇنچىلىك پروجەكت ئىشلىدىڭلار، مۇنچىلىك خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولدۇڭلار» دېگىنىگە ئاساسەن «ئىككى ياكى ئۈچ يىللىق تەجرىبەم بار» دېگەننى يازىدىكەنمىز ۋە بىزلەر ئورتاقلاشقان تەرجىمىھاللارنى ئالاقىدار شىركەتلەر كومپيۇتېردا تاللاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شەرتلىرىگە مۇۋاپىق دەپ قارىسا، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىدىكەن، ئىمتاھاندىن ئۆتسە، ئاندىن رەسمىي تېخنىكىلىق ئىمتىھانغا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن تېخنىكىسى بار، ئاشۇ ئىشلارنى قىلالايدىكەن دەپ قارىغانلاردىن «بۇرۇن ئىشلىگەن يېرىڭدە قانچىلىك مائاش ئالغانتىڭ، بىزدىن قانچىلىك تەلەپ قىلىسەن؟» دەپ سورايدىكەن. ئاندىن خىزمەت توختامى ۋە مائاشنى دېيىشىپ قوبۇل قىلىدىكەن. ئۇ سوئاللارغا مەجبۇرەن «مۇنچىلىك مائاش ئېلىپ ئىشلىگەن» دېگەندەك يالغان جاۋاب بېرىدىغان ئىش چىقىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا يالغانچىلىق ئارىلىشىپ، تاپقان مائاش ھالال بولامدۇ؟ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خىزمەت تېپىپ بولغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سىز ئېيتقان كۇرسلار ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى بازارلىق، ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسايىن ئېشىۋاتقان، ئىستىقبالى پارلاق بىر كەسپتە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەۋاتقاندۇر. ھەقىقەتەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياشلىرىمىزنىڭ بۇ كۇرسلارغا بەس – بەستە قاتنىشىۋاتقانلىقى، يەنە نۇرغۇن ياشلارنىڭ مىللەتسۆيەر بەزى ئۇستازلارنىڭ بېسىپ ئوقۇتۇش نەتىجىسىدە بىرەر يىل ئوقۇپلا ياخشى مائاش بىلەن ئىشلارغا ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدە ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. كۇرسلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مەسىلىگە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىپ، ھالال كىرىم، ھالال رىزق ئىزدەشكە تىرىشقانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

گېپىمىزگە كەلسەك، يۇقىرىقى سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچكە بۆلۈپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:

بىرى، بۇ كۇرسلاردىكى مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، پروجەكت ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېنىق قىلىپ: «بۇ ئوقۇش ۋە پروجەكت بىلەن يازغان كود ۋە ئىشلىگەن پروجەكتىڭلار نورمال شىركەتنىڭ 3 يىللىق ئىش تەجرىبىىسگە باراۋەر» دېيىشى پەقەتلا شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز كۇرسلىرىغا بولغان ئىشەنچ ۋە تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ چىقارغان مۆلچەرىي باھاسىدۇر، ئۇلار بۇنىڭدا تامامەن ئەركىن. ئەمما، ھەقىقەتتە ئىككى – ئۈچ ئاي پروجەكت ئىشلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا شەخسىي قانائەتلىرىگە تايىنىپلا ئۆز شىركىتى نامىدىن «ئىككى / ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار» دەپ يېزىشىغا رۇخسەت قىلىشى، ھەتتا ئۆگىتىشى، گېزى كەلگەندە گۇۋاھلىق بېرىشى (ئەگەر شۇنداق قىلىدىغانلار بولسا) ئوپئوچۇق يالغانچىلىق، ئالدامچىلىققا تەشۋىق قىلىش ۋە ساختا گۇۋاھلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدا كۇرسنىڭ ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەۋالغىنى ھېساب بولمايدۇ، بەلكى شۇ ساھەدىكى سالاھىيەتلىك ئورگان، شىركەت ياكى كومىتېت تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىدە «بۇ ئوقۇش پالانى سەۋىيە / مۇنچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە تەڭ» دېسە توغرا بولىدۇ. ئەگەر ھەرقانداق مەكتەپ ياكى كۇرس، ھەتتا شەخس «بىز ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى تولۇق كۇرس سەۋىيىسىدە» ياكى «مۇنچە يىل خىزمەت تەجرىبىسى ئىگىلىگەن بىلەن تەڭ» دەۋەرسە، جەمىئيەتتە «ئىختىساسلىقلار پاخاللىقى» كېلىپ چىقىپ، ھەقىقىي ئىختىساسلىقلار ئىشسىز قېلىپ، ئىختىساسلىق قىياپىتىگە كىرىۋالغانلار خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋالىدىغان ناھەقچىلىكلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇنىسى روشەنكى، قانداقلا ساھە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلەيدىغان تەجرىبىلەردە ئەمەلىي خىزمەت جەريانى بىلەن ۋاقىت ئامىلىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر.

مۇئەللىم ياكى كۇرس يېتەكچىلىرىنىڭ «نۇرغۇنلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تاپتى» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالدىن ئاشۇرۇۋېتىلسە، كۆپتۈرۈپ قىزىقتۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ – دە، توغرا بولمايدۇ.

ئىككىنچى، مەزكۇر كۇرسلارنى پۈتتۈرگەنلەر خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا تەرجىمىھال (.C.V) ىغا: «ئىككى – ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار» ياكى قاتناشمىغان تۈرلەرگە «قاتناشتىم» دەپ يېزىشى ۋە ئەگەر يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا سورىلىپ قالسا، «مۇنچىلىك مائاش ئېلىپ ئىشلىگەن» دېگەندەك يالغان جاۋاب بېرىشى يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. شەنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ قىلمىشنى كۇفۇر ۋە نىفاقنىڭ ئالامىتى دەپ جاكارلاپ، بۇنىڭدىن قاتتىق توسقان.

جۈملىدىن، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار!﴾(22/«ھەج»: 30)، ﴿پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا يالغان چاپلايدۇ، ئەنە ئاشۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىلاردۇر﴾(16/«نەھل»: 105).

«سەھىھەين»دە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، راستچىللىق ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ياخشى ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ياخشى ئىشلار بولسا جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ، ھەقىقەتەن بىر كىشى راستچىل بولۇۋەرسە، ئاخىرى (ئاللاھنىڭ نەزەرىدە) ئىنتايىن راستچىل بولىدۇ، ھەقىقەتەن، يالغانچىلىق فىسقى فۇجۇرغا، گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ، گۇناھ – مەئسىيەتلەر بولسا دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەقىقەتەن بىر كىشى يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە كاززاپ دەپ يېزىلىپ كېتىدۇ»(1) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يالغان سۆزلەشنى چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرگۈزگەن ۋە: «مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ ساختا سۆز قىلىش – ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش –» دېگەن(2).

بىرلىككە كېلىنگەن بىر ھەدىستىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتىن قالسا چوڭ گۇناھ قاتارىدا سانىغان. «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش – دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى – ياكى ساختا سۆز قىلىش› دېدى، رەسۇلۇللاھ ئاشۇ سۆزنى بىز ‹كاشكى رەسۇلۇللاھ توختاپ قالسىكەن› دەپ كەتكۈچە قايتا – قايتا تەكرارلاۋەردى»(3).

يالغان سۆزلەش يەنە ئەمەللەردىكى مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئالامىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا تۇرمايدۇ، ئامانەت تاپشۇرۇلسا خىيانەت قىلىدۇ»(4) دېگەن.

يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەردىن دىنىمىزنىڭ يالغانچىلىقتىن نەقەدەر نەپرەتلىنىدىغانلىقى، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بولسۇن، بەندىنىڭ ئۆزىنى ۋە كېلەچەك ئەۋلادلارنى ئۇنىڭدىن پاك تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقى مەلۇم بولىدۇ. يەنە كېلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماسلىق ۋە نىفاق ئەھلىگە ئوخشاپ قېلىش جەھەتتىن ئېغىر قىلمىشلىقى ھەممىگە ئاياندۇر.

شۇڭا، خۇسۇسەن تەرجىمىھالغا يالغاننى ياكى ئورۇنسىز كۆپتۈرمە، مۇبالىغە مەزمۇنلارنى قوشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتەك يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكنىڭ بىر قېتىملىقىمۇ ھەقىقىي ئوقۇغان، خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە كىشىنىڭ خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يالغانچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قولايلاشسا، بۇنى كۆرگەن باشقىلارمۇ ئوخشاش يولنى تاللايدۇ – دە، بۇ خاھىش بارا – بارا جەمئىيەتتە كەڭ يېيىلىپ كېتىپ، بۇنىڭ زىيىنى پۈتۈن خەلققە كېلىدۇ. ھالبۇكى، بىر كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز مۇسىبەت ۋە گۇناھتۇر.

دېمەك، شەخسىي تەرجىمىھالغا ھەقىقەتتىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىنى يېزىش رەسۇلۇللاھ ئاگاھلاندۇرغان يالغانچىلىقتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھتىن بىرنى سادىر قىلغانلىق بولۇپ، ئىمان ئېيتقان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىق، قىلىپ سالغان بولسا پۇشايمان قىلىش ۋە قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش ئارقىلىق تەۋبە قىلىش زۆرۈر.

تەرجىمىھالدا ھەقىقىي ئوقۇش تارىخىنى ۋە ئەمەلىي تەجرىبە مۇددەتنى ئېنىق بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ قانائىتىدە ئۆزىنى ئىككى يىل خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغانلار بىلەن تەڭ سەۋىيەدە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەلىل سۈپىتىدە شۇ ساھەدىكى ئۇستازلاردىن تونۇشتۇرۇش ۋە تەۋسىيە (Reference) خېتى ئېلىپ بۇ قانائىتىنى كۈچلەندۈرسە، شىركەتنى ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلىقىغا قايىل قىلىشقا تىرىشسا توغرا قىلغان بولىدۇ ياكى مائاشى تۆۋەنرەك بولسىمۇ تەجرىبىسىز، يېڭى باشلىغۇچىلارغا پۇرسەت بېرىدىغان شىركەتلەرنى تاللاش، 2 – 3 يىل تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىدىكى ئىشقا كىرىشكە تىرىشىش كېرەك.

ئۈچىنچىسى، «بۇ خىل ئەھۋالدا تاپقان كىرىم ھالال بولامدۇ؟ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خىزمەت تېپىپ بولغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىدا يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەپسىلىي توختىلىش كېرەك بولىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقىدەك تەرجىمىھال بىلەن ئىشقا كىرگەن بولسا ۋە ئوقۇش سەۋىيەسى، قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىسى ئورۇنلاشقان خىزمەت ئۈچۈن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسا، ئەڭ توغرىسى دادىللىق بىلەن مۇدىر ياكى خوجايىنغا راستىنى ئېيتىشى كېرەك. ئەگەر شىركەت خاھلىسا خىزمەتتىن بوشىتىدۇ، خاھلىسا بەرگەن مائاشىغا رازى بولۇپ، خىزمەتكە ئېلىپ قالىدۇ. لېكىن، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشەنچى بولمىسا ۋە بېرىلگەن ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئەڭ توغرىسى ئىستىپا بېرىشى، ئالغان مائاشىنى شىركەتكە قايتۇرۇشى كېرەك. ئەكسىچە، ئالغان مائاشى ھارامدۇر.

ئەگەر قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىسى ئورۇنلاشقان خىزمەت ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇپ، ھەقىقىي تەجرىبە ئىگىسىدەك ئورۇندىيالىسا، ساختا تەرجىمىھالىغا ۋە بار بولسا يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا قىلىپ سالغان يالغانچىلىقىغا تەۋبە قىلىشى، باشقا ھەقىقىي تەجرىبىسى بارلارنىڭ ئورنىغا ئورۇنلىشىۋېلىشتىن ئىبارەت قىلمىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىيالىسا كەچۈرۈم سورىشى كېرەك. ئالغان مائاشقا كەلسەك، شەخس قىلغان ئەمگىكى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن مائاشى ئۇنىڭ ھەققى ۋە ھالالدۇر.

دېمەك، يالغانچىلىقى ۋە ساختىپەزلىكى (خاھلاپ ياكى مەجبۇرىيەتتىن بولسۇن) ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، ئالغان مائاشى يالغاندىن يېزىۋالغان خىزمەت تەجرىبىسىگە قارىتا ئەمەس، ۋەزىپىنى لاياقەتلىك ھالدا ئورۇندىغانلىقىغا، تەر ئاققۇزۇپ قىلغان ئەمگىكىگە قارىتا بېرىلگەن. شۇڭا، كىرىمى ھالال بولىدۇ. خىزمىتىنى لايىقىدا ئورۇنداپ ماڭالىغان تەقدىردە، ئۇ يالغانچىلىقىغا تەۋبە قىلىپ، ئوقۇپ تولۇقلىۋالىدىغان تەرىپى بولسا تولۇقلىۋېلىشقا تىرىشىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇدىرلىرىغا راستىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئەڭ توغرىسىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 24 – مۇھەررەم / م. 2021، 1 – سېنتەبىر


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6094)؛ مۇسلىم (2607).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5977)؛ مۇسلىم (88).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6919)؛ مۇسلىم (87).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6095)؛ مۇسلىم (59).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago