ھ. 1443 / م. 2021 – يىلىغا تەۋە ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئاشۇرا كۈنى، بەزى قېرىنداشلار چىقارغان مەلۇماتتا چارشەنبە ئىكەن، يەنە بەزى قېرىنداشلار پەيشەنبە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەزمۇن چىقىرىپتۇ، قايسىسى توغرىدۇر؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەلۇمكى، ئاينىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتى ۋە چىقىش ئورنى ھەرقايسى رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋە ھاۋا شارائىتىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ يىل مىسىر قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە 1442 – يىلى زۇلھەججەنىڭ 29 – كۈنى (2021 – يىلى 8 – ئاۋغۇست) يەكشەنبە ئايغا قاراش پائالىيىتىدە ئاي كۆرۈلگەنلىكتىن، مىلادىيە 2021 – يىلى 9 – ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىنى ھىجرىيە يېڭى يىل (ھ. 1443) نىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدىمۇ شۇنداق قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاشۇرا يەنى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى بولغان «ئاللاھنىڭ ئېيى مۇھەررەم»نىڭ 10 – كۈنى 2021 – يىلى 18 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىدۇر.

لېكىن، سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق بەزى ئەللەردە 1442 – يىلى زۇلھەججەنىڭ 29 – كۈنى (2021 – يىلى 8 – ئاۋغۇست) يەكشەنبە ئاي كۆرۈلمىگەنلىكتىن، زۇلھەججە ئېيىنى 30 كۈنگە تاماملاپ، مىلادىيە 2021 – يىلى 10- ئاۋغۇست كۈنى سەيشەنبەنى ھىجرىيە 1443 – يىلى 1 – ئاينىڭ يەنى مۇھەررەمنىڭ 1 – كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاشۇرا كۈنى 2021 – يىلى 19 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى بولىدۇ.

بىلىنگىنىدەك، كۈچلۈك قاراشتا ئاينىڭ كىرگەنلىكى بىر يۇرتتا ئىسپاتلانسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا شۇ بويىچە ئەمەل قىلىش ۋاجىبتۇر. ئاي چىقىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بولۇپمۇ (جۇغراپىيەلىك ئورتاق رايونغا جايلاشقان) كېچىسى ئوخشاش يۇرتلاردا ئوخشاش بولىدۇ(1).

يۇقىرىقى قاراشقا بىنائەن، ئاشۇرا كۈنى يەنى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى بولغان مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى 2021 – يىلى 18 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى بولىدۇ.

ئاشۇرا كۈنى بەزى ۋەقەلىكلەر ۋە نېئمەتلەر بولغان ئالاھىدە بىر كۈن بولغاچقا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر.

شۇڭا، ئۇشبۇ كۈندە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم ئەمەل روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. «سەھىھ» ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورىلىۋىدى: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەپ كەلگەن(2).

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ئارقىلىق يۇيۇۋېتىلىدىغان گۇناھلار كىچىك گۇناھلاردۇر. بۇ ئۆتكەن ياكى كېلىدىغان يىلنىڭ گۇناھلىرىدۇر. ناۋادا كىچىك گۇناھلىرى بولمىسا، چوڭ گۇناھلىرى يەڭگىللىتىلىدۇ، چوڭ گۇناھلىرىمۇ بولمىسا، دەرىجىسى ئۆرلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزل ۋە ئىلتىپاتىغا باغلىقتۇر. ئەمما، چوڭ گۇناھلار پەقەتلا راستچىل تەۋبە قىلىپ، گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن يۇيۇلىدۇ. تولۇق شەرتلىرى بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج بىلەنمۇ يۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، بۇ پەقەتلا شۇ ھەق ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەنلا يۇيۇلىدۇ.

ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇشى مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇپ ساھابەلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغاندا، ساھابەلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ يەھۇدىي – ناسارالار ئۇلۇغلايدىغان كۈن» دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنشائاللاھ كېلەر يىلى كەلسە، توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمىز» دېگەن. مىڭ ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېيىنكى يىل مۇھەررەم ئېيى كەلگۈچە ئالەمدىن ئۆتكەن(3).

شۇڭا، توققۇزىنچى كۈنىنى بىللە قېتىپ روزا تۇتماقچى بولغانلار 17 – ئاۋغۇست سەيشەنبىنى ئاشۇرا كۈنى بولغان 18 – كۈن چارشەنبىگە قېتىپ تۇتسا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ ئىككى كۈنگە 19 – ئاۋغۇستقا توغرا كەلگەن پەيشەنبە كۈنىنى قوشۇپ روزا تۇتۇش پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر سۈننەتنى ئىھيا قىلغانلىق بولسا، ئاشۇراغا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر كۈننى قوشۇپ 9 -، 10 – ۋە 11 – كۈنلەرنى بىللە تۇتۇش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەنمۇ ئالاھىدە پەزىلەتلىك ئەمەل بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 8 – مۇھەررەم / م. 2021، 16 – ئاۋغۇست


1. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 138 – بەت.
2. مۇسلىم (1162).
3. مۇسلىم (1134).

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago