مېيىتنى قەبرگە شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېيىتنى قەبرگە شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇ ئىشنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمەن، يا قۇرئان، يا گۇۋاھنامە، يا مەكتۇب، يا باشقا ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، مېيىتنى كېپەندىن باشقا نەرسە بىلەن بىللە كۆمۈشكە بولمايدۇ. بىللە كۆمگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ.
مېيىتكە يېتىدىغىنى پەقەتلا ئۆزى قىلغان ئەمەل – ئىبادەت، قالدۇرۇپ كەتكەن پايدىلىق ئىلىم، سەدىقە، ۋەقپە قاتارلىق سالىھ ئەمەللىرىدۇر. شۇنداقلا پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە جەننەت… تىلەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭغا ئاتاپ سەدىقە قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج – ئۆمرە قىلىپ قويۇشى، تۇتالماي قالغان روزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇتۇپ قويۇشى قاتارلىق ئىشلارمۇ مېيىتكە ئىنتايىن پايدىلىق.
ئەگەر مېيىتنىڭ قەرزى بولسا، پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى تۆلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بار. تۆلەپ قويسا، بۇ مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق سىلە – رەھىم بولىدۇ.
يۇقىرىقىدەك، مېيىتكە پايدىسى يېتىدىغان نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇقلۇق شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇشتەك بىدئەت ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 15 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 19 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 127 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…