سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ يۇرتلاردا قەبر كولىساق كەڭلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 5 – 6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4 مېتىر كولىنىپ، ئاندىن يانغا بىر تۆشۈك ئېچىلىپ شۇ يەرگە مېيىتنى قوياتتۇق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۇپراقنىڭ قۇرغاقلىشىش سەۋەبىدىنمۇ قانداق، قەبر كولاۋاتقاندا يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ كولىشىپ بېرىۋاتقانلارنى بېسىۋىلىپ ئۆلۈم ۋەقەلىرى كېلىپ چىققاچقا، كىشىلەر قەبرنى پىششىق خىشتا قوپۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىپ خام خىشتا قوپۇرۇش كېرەك دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى. چۈنكى، بەزى كىتابلاردا «ئوت يېقىنلاشقان نەرسە قەبرگە كىرمەسلىكى كېرەك» دېيىلىپتۇ، خام خىشتا ئاجىز بولۇپ قالىدىكەن، پىششىق خىشتا ئىشلەشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەگەر قەبر ئېچىلىپ قالىدىغان، ياكى سۇ بېسىپ كېتىدىغان، ياكى باشقا ئەھۋاللار بولۇپ، خام خىش ياكى ياغاچ، تاش، شۇنداقلا خۇمداندا پىشۇرۇلغان پىششىق خىش ئىشلىتىش ئېھتىياجى كۆرۈلسە، بۇنىڭدا شەرىئەتتە چەكلىمە يوق، جائىزدۇر. ئوت تەگكەن ماددىلار مېيىتكە يېقىن بولۇپ قالسا بۇنىڭدىن مېيىتكە زىيان ياكى ئازار يەتمەيدۇ، مېيىتنىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا كىرىشىگە تەسىرى بولمايدۇ، مېيىت ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە ئەمەللىرىگە قاراپ، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن يا راھەت، يا ئازاب كۆرىدۇ، يا جەننەت، يا دوزاخقا كىرىدۇ. راھەت كۆرىدىغان كىشىنىڭ قەبرىسىگە پىششىق خىش ئىشلىتىلىپ قالسا ئازاب كۆرۈپ قالىدىغان ياكى ئازاب كۆرىدىغان كىشىنىڭ قەبرىسىگە خام خىش ئىشلىتىلسە راھەت كۆرىدىغان، ئۇنداق ئىش يوق.
لېكىن، قەبرنىڭ ئۈستىگە قەبردىن كولاپ چىقىرىلغان توپىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك بىر غېرىچ ئېگىزلىكتە لاي بىلەن سۇۋاپ قويۇشتىن باشقا چىقىم قىلىپ بىر نەرسە بىنا قىلىش، ھاك ياكى گەج، ياكى سىر بىلەن ئاقارتىپ بوياش قاتارلىقلار ھەدىستە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر.
ئادەتتە، فىقھ كىتابلىرىدا ئالىملار يەر بوش ياكى نەم بولغان ئەھۋالدا قەبرگە ئوتتا كۆيگەن ياكى كۆيىدىغان نەرسىلەر ئىشلىتىلسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەر بوش ياكى نەم بولمىغان ئەھۋالدا قەبرگە ئوتتا كۆيگەن ياكى كۆيىدىغان نەرسىلەر ئىشلىتىلسە ياخشى بولمايدۇ، بۇ مەكرۇھ دېيىشىدۇ. مەكرۇھ دېگەنلەردىن بەزىلىرى، بۇ بىر خىل بىنا ياساش ۋە زىننەتلەشتۇر. مېيىت بىنا ياساش بىلەن زىننەتلەشكە مۇناسىپ ئەمەس، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسۇن دەپ ئوت تەگكەن نەرسىنى ئىشلىتىشنى يامان كۆرگەن. مەسىلەن:
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «قەبر ئازراق چىقىپ تۇرغان ئېگىزلىكىدىن ئارتۇق ئېگىز قىلىۋېتىشنى توغرا تاپمايمىز، ھاكلاش ياكى لاي بىلەن سۇۋاشنى، يېنىغا مەسجىد بىنا قىلىشنى، ياكى تۇغ تىكلەشنى، ياكى ئۈستىگە خەت يېزىشنى، پىششىق خىشتا قەبر بىنا قىلىشنى ياكى پىششىق خىشنى قەبرگە كىرگۈزۈشنى يامان كۆرىمىز، ئۈستىگە سۇ چېچىشنى مەيلى دەپ قارايمىز، بۇ ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىدۇر» دەيدۇ.(1)
ئىمام قۇرتۇبىي تەفسىرىدە: «(بىزنىڭ مالىكىي مەزھەبتە) لەھەتكە پىششىق خىش ئىشلىتىش مەكرۇھ بولىدۇ، ئىمام شافىئىي: ئۇمۇ بىر خىل تاش بولغاچقا، ھېچ گەپ بولمايدۇ، دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن شاگىرتلىرى: پىششىق خىش بىنانى مۇستەھكەم قىلىپ ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماددا. قەبر بىلەن ئۇنىڭدىكى جەسەت بولسا، چىرىپ تۈگەيدىغان نەرسە. شۇڭا، ئۇنى مۇستەھكەم قىلىپ ياساش مۇناسىپ ئەمەس دەپ، ئۇنى قەبرگە ئىشلىتىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن تاش بىلەن پىششىق خىش باراۋەر بولىدۇ. يەنە: پىششىق خىشتا ئوتنىڭ تەسىرى بار. شۇڭا، مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە پىششىق خىش مەكرۇھ بولىدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن تاش بىلەن پىششىق خىش پەرقلىق بولىدۇ» دېگەن.(2)
ئىمام ئىبنى قۇدامە: «قەبرگە پىششىق خىش، ياكى ياغاچ، ياكى ئوت تەگكەن بىر نەرسە كىرگۈزمەيدۇ، بىز يۇقىرىدا خام خىش بىلەن قومۇشنى مۇستەھەب دەپ ئۆتتۇق، ئىمام ئەھمەد ياغاچنى مەكرۇھ دېگەن… پىششىق خىش ئىسراپخور، باياشات تۇرمۇش ئىگىلىرىنىڭ بىنالىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددا بولغاچقا، مەكرۇھ بولىدۇ. يەنە مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە ئوت تەگكەن بارلىق نەرسىلەر مەكرۇھ بولىدۇ» دېگەن.(3)
دېمەك، يۇقىرىدا تۆت مەزھەب ئالىملىرىدىن ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى قەبرگە پىششىق خىش ئىشلىتىشنى ئارتۇقچە بىنا قىلىش، زىننەتلەش دەپ قاراپ يامان كۆرگەن بولسا، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كېيىنكىلىرىدىن بەزىلەر، ھەنبەلىي ۋە باشقا مەزھەب ئالىملىرى مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە مەكرۇھ، دەپ قارىغان.
مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە مەكرۇھ دەپ قارىغان ئالىملار بۇ قارىشىدا نېمىگە تايانغان؟
تابىئىنلاردىن ئىبراھىم نەخەئىي لەھەتكە پاكىز خام خىشتىن باشقا بىر نەرسە ئىشلىتىشنى يامان كۆرەتتى ۋە: «پىشىشىق خىش يامان كۆرۈلەتتى، خام خىش تېپىلمىسا، قومۇش ئىشلىتىلەتتى» دېگەن.(4)
ئىبراھىم نەخەئىي يەنە: «ئۇلار خام خىشنى ياقتۇراتتى، پىششىق خىشنى يامان كۆرۈشەتتى. قومۇشنى ياخشى كۆرۈشەتتى، ياغاچنى يامان كۆرۈشەتتى» دېگەن.(5)
يەنە زەيد ئىبنى ئەرقەمنىڭ بىر ئوغلى ۋاپات بولۇپ كەتكەندە مالىيىغا: «ئوت تەگكەن بىر نەرسىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرمىغىن» دېگەن.(6)
ھەسەن بەسرىيدىنمۇ قەبرگە پىششىق خىشنى ئىشلىتىشنى يامان كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(7)
ئىبراھىم نەخەئىي ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرىنى كۆزدە تۇتقان بولۇش ئېھتىمالى بار. ساھابەلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ساھابەلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ ھۆججەت ياكى ئەمەسلىكىدە ئۇسۇل ئۆلىمالىرى ئىچىدە قاراش بىردەك ئەمەس.
دېمەك، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر ئېنىق كۆرسەتمە سەھىھ يول بىلەن كەلمىگەن. پەقەتلا تابىئىنلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر بار.
ئۇنداقتا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قەبرنى ئارتۇقچە ياساپ كېتىش ۋە زىننەتلەش جەھەتتىن يامان كۆرۈشى ئورۇنلۇق، ئېھتىياج بولمىسا ئارتۇقچە خىش ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئېھتىياج بولسا ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇڭا، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بۇخارا ئۆلىمالىرى بۇخارا تەرەپنىڭ يېرى بوش بولغاچقا، قەبرگە پىششىق خىش ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارىغان.(8)
شۇنداقلا، پىششىق خىش ئىشلەتمەسلىكنى مېيىت ئوتقا يېقىن يولىمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە يامان كۆرۈشنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ يامان كۆرۈلۈشىدىكى ئىللەت(9) قەبرنى بەكلا مۇستەھكەم قىلىپ ياساش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.(10)
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسىلەيمىز: قەبرنى ئوغرى، ياكى ھايۋان، ياكى يامغۇر قاتارلىق ئەزىيەتلەردىن قوغداش ئېھتىياجى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، مېيىتنى ئاسراش جەھەتتىن قەبر ئىچىنى پىششىق خىشتا ئەتسە بولىدۇ. لېكىن، ئارتۇقچە ئىسراپ قىلىش، ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئەمما، قەبرنىڭ ئۈستىگە پىششىق خىش ئىشلىتىپ ياساش، گەجلەش، ھاكلاش، بوياش ۋە باشقا تۈردە قەبرنى ئالىي ياساش، ئۆزئارا كۆز – كۆز قىلىپ بەسلىشىش چەكلىنىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 1 – شەئبان / م. 2011، 2 – ئىيۇل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 126 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «كىتابۇل ئاسار»، 1/330.
2. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 10/381.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/190.
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (11725).
5. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (11769 – 11770). سەنەدى سەھىھ.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (11765). بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدىدىكى سابىت ئىبنى زەيد زەئىفتۇر.
7. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (11727).
8. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/236.
9. ئىللەت (العِلَّةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەھۋالنى ئۆزگەرتكۈچى كېسەللىك ۋە سەۋەب» مەنىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىملەر ئىستىلاھىدا پەرقلىق قوللىنىلىدۇ. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «سەھىھ كۆرۈنگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى ياكى مەتنىدىكى سەھىھلىكىنى زىدىلەيدىغان مەخپىي سەۋەب». بەزى مۇھەددىسلەر ئىللەتنى ئاشكارا سەۋەبكىمۇ ئومۇملاشتۇرىدۇ. سەنەدتىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، مۇدەللىسنىڭ ئەنئەنە بىلەن قىلغان رىۋايەتى ياكى مەۋقۇفنىڭ مەرفۇﺋ قىلىنىشى… قاتارلىقلار بولسا، مەتىندىكى ئىللەتنىڭ مىسالى، بىرەر كەلىمەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئارتۇق رىۋايەت قىلىنىشى… دېگەندەك. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «فىقھىي ھۆكۈمنى تونۇتقۇچى بەلگە». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: «ئەسل بىلەن فەرﺋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق بىر سۈپەت» بولۇپ، فەرئنىڭ ھۆكمى شۇ سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ سۈپەتكە بىنائەن، ئەسلنىڭ ھۆكمى ئەسلدىن فەرئگە ھالقىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئىللىتى مەست قىلىشتۇر. پەلسەپە ئىستىلاھىدا: «بىر نەرسىنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى، ئەمما ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتى ئاللاھ تائالادۇر، ئالەم ئىللەتلەنگۈچى (مَعْلُوْلٌ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/286؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 817 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2010؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ»، 249 – بەت، «دارۇسسالام نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021
10. ئەكمەلۇددىن بابەرتىي: «ئەلئىنايە»، 3/21.