مېيىتنىڭ يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يالغان چىش سالدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇقىم قىلىپ سېلىۋەتكەن يالغان چىشنى ئېلىۋېتىش كېرەك ئەمەس. بەلكى تېخى ئېلىۋەتسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر خىل ئۇستىخان سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانغا چېقىلغانلىق بولىدۇ. شەرىئىتىمىزدە مەلۇمكى، مۇسۇلماننىڭ مېيىت ھالىتىدىكى ھۆرمىتى ھايات ۋاقتىدىكى ھۆرمىتىگە ئوخشاشتۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئۇستىخىنىنى بىر ئۇستىخان بىلەن تېڭىپ، تېڭىق تۇتقان بولسا، كېيىن ئۆلۈپ كەتسە بۇ ئۇستىخان ئېلىۋېتىلمەيدۇ».(1)
ئەگەر ئالتۇندىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىممەتلىك نەرسىلەردىن چىش سالدۇرغان بولسا، مال – دۇنيانى زايە قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن باشقا چىشلىرى بىللە قومۇرۇلۇپ كەتمەيدىغان بولسا ئېلىۋەتسە بولىدۇ، بولمىسا قويۇپ قويۇش كېرەك.
ئىمام ئەھمەد چىشلىرى ئالتۇن بىلەن چېتىلغان مېيىت ھەققىدە: «چىشلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەستىن ئالتۇننى ئالالىسا بولىدۇ، چىشلىرى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە تەگمەي قويىدۇ» دېگەن.(2)
ئاسانلا ئېلىپ سالىدىغان چىش بولسا ئېلىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا مېيىتكە ئازار بېرىش ياكى شەكلىنى بۇزۇۋېتىش بولمايدۇ.
ئەگەر ئاسانلا ئېلىپ سالىدىغان چىش بىلەن دەپنە قىلىپ بولغان بولسا، قەبرنى ئېچىپ چىشنى ئېلىۋېتىش كېرەك ئەمەس.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 8 – شەۋۋال / م. 2011، 6 – سېنتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 124 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/34.
2. يۇقىرىقى مەنبە.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…