Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مېيىتكە ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش

مېيىتكە ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش

مېيىتكە ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللاھقا ھەمدۇسانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت – سالاملار بولسۇن، مېيىتنى دەپنە قىلغاندا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ توپىغا دەمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىدىغان ئىش بار. بۇنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا: ﴿ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپات – جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ ئۇتقان بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 185)، ﴿ئۇنىڭ (زېمىننىڭ) ئۈستىدىكى ھەممە يوقالغۇچىدۇر ﴾(3/«راھمان»: 26) دېگەن.

مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دۇنيادا سەن گويا غېرىبتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلغىنىڭدا تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا كەچنى كۈتمىگىن. ساغلام ۋاقتىڭنى بىتاپ ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن، ھايات ۋاقتىڭنى مامات ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن».(1)

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دۇنيا ئارقىنى قىلىپ كەتتى، ئاخىرەت ئالدىنى قىلىپ كەلدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېسىلىدىغان بالىلىرى باردۇر، سىلەر ئاخىرەتنىڭ بالىلىرىدىن بولۇڭلاركى، دۇنيانىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ قالماڭلار، چۈنكى بۈگۈن ئىش بار، ھېساب يوق. ئەتە ھېساب بار، ئىش يوق» دېگەن.(2)

ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ھەربىر ئادەم بالىسى ئۆمرى ھەرقانچە ئۇزىرىغان تەقدىردىمۇ ھامان بىر كۈن ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇڭا، ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھايات چېغىدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنىڭ غېمىدە بولۇش زۆرۈر.

بىر كىشى سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا تۇرۇپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ تەلقىن قىلىپ(3) تۇرۇش ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەكراتتىكى ئادەمگە: «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى تەلقىن قىلىڭلار».(4)

جېنى چىقىپ كەتسە كۆزىنى يۇمۇپ، ئېڭىكىنى تېڭىپ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت، رەھمەت قاتارلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلىش، ئاندىن يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، تېزرەك يەرلىكىدە قويۇۋېتىش لازىم.

نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈر.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ سەلەمەنىڭ قېشىغا كىردى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغان ئىدى، يۇمدۇردى. ئاندىن كېيىن: «روھ قەبز قىلىنغاندا، كۆز ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ» دېدى، ئەبۇ سەلەمەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋارقىرىشىپ كەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزەڭلارغا ياخشى دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى پەرىشتىلەر نېمە دېسەڭلەر ئامىن دەيدۇ» دېدى. ئاندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغپىرەت قىل، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار قاتارىدا يۇقىرى قىلغىن، ئۇنىڭ قېپقالغان ئائىلىسىدىكىلەرگە كېپىللىك قىلغىن. بىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭرى ۋە نۇرلۇق قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلدى.(5)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جىنازىنى ئىتتىك ئېلىپ مېڭىڭلار. ئەگەر ئۇ سالىھ، ياخشى بەندە بولسا، ئۇنى ئۆز ماقامىغا تېزرەك ئاپارغان بولىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئۇنداق يامان بەندىنى كۆتۈرۈشتىن تېزراق قۇتۇلۇپ قالىسىلەر».(6)

مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتقا مەغپىرەت تىلەش، سوئال سورالغاندا تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەش لازىم.

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىسى بېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەيتتى ۋە: «قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىدۇ» دەيتتى.(7)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىسى بېشىدا ساھابەلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەيتتى. ساھابەلەرنىمۇ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەشكە بۇيرۇيتتى».(8)

ئاندىن ۋەسىيەت قىلغان بولسا ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇندىن كېيىن مىراسىنى شەرئى تەقسىم قىلىش زۆرۈر.

ئەمما، ئىخلاس توپىسىغا كەلسەك، مېيىتقا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىتابتا مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياكى ساھابەلىرىنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇ بىدئەت بولسا كېرەك.

شۇڭا، مېيىتقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ دۇنيادىن ئۇزۇتۇش لازىم.

ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە توپا تاشلاشتا قولى بىلەن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلاشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغان.(9)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، جىنازا بىلەن بىللە قەبر بېشىغا كەلدى ۋە (ئۇنى قەبرىسىگە قويۇپ) قەبرىسىگە باش تەرىپىدىن ئۈچ ئوچۇم توپا چاچتى».(10)

ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوسمان ئىبنى مەزئۇننى دەپنە قىلغاندا، ئۇنىڭ نامىزىنى تۆت تەكبىر بىلەن چۈشۈرۈپ، قەبرىسىنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ ئۆز قولى بىلەن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن».(11)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن قەبرگە باش تەرىپىدىن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلاش مۇستەھەب. بۇ ھەقتە ساھابە – كىراملاردىنمۇ رىۋايەتلەر كەلگەن.(12) لېكىن، بۇ توپىلارغا ئىخلاس سۈرىسىنى ياكى باشقا بىرەر ئايەتنى ئوقۇش ھەققىدە ھەدىس يوق. شۇڭا، ھەدىستە كەلگىنى بىلەن چەكلىنىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – رامازان / م. 2011، 24 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 123 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (6416).
2. «بۇخارىي»، (6416).
3. تەلقىن قىلىش (التَّلْقِينُ): بىر كىشىنىڭ ئەگىشىپ تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن ئالدىدا ئوقۇش ۋە ئاغزىغا سېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. سەكراتتىكى كىشىلەرگە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق)› دېگەن كەلىمەئى شاھادەتنى تەلقىن قىلىش مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 542 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
4. «مۇسلىم»، (916).
5. «مۇسلىم»، (920).
6. «مۇسلىم»، (944).
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (3221). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
8. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 1/522.
9. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/251. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/188.
10. «ئىبنى ماجە»، (1565). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
11. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (6521)؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/76. بەيھەقىي: «ئىسنادى زەئىف. لېكىن، بەزىبىر شاھىدلىرى بار» دېگەن.
12. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 3/20 – 21.

Please follow and like us:
Exit mobile version