Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنى قانداق يۇيىمىز؟

كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنى قانداق يۇيىمىز؟

كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنى قانداق يۇيىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئوت كېتىش ۋەقەسىدە پۈتۈن بەدەن تېرىسى كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم نامىزى چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن يۇيۇلامدۇ؟ يۇيۇلسا قانداق يۇيۇلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ناھەق كۆيۈپ ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئومۇمەن، شېھىد دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنى يۇيۇپ – تاراشتا ئىككىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىمىز:

1. ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشتا، جەڭدە كۆيۈپ ئۆلتۈرۈلگەن شېھىدلەر.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

ــ بەزىلەر غەنىيمەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بەزىلەر نام – شۆھرەت دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ نەقەدەر باتۇرلۇقىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. زادى قايسىسى ئاللاھ يولىدا؟ ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ كىم ئاللاھنىڭ كالامى ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇش قىلغان بولسا، شۇ ئاللاھ يولىدا، ــ دېدى.(1)

بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» ياكى «كامىل شېھىد» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، بۇلار يۇيۇپ – تارىماسلىق جەھەتتىن دۇنيادا شېھىد مۇئامىلىسى قىلىنىدىغان، ئاخىرەتتىمۇ شېھىدكە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغان شېھتىلەردۇر.(2)

«دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دېگەن بۇ تۈرگە، كافىرلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى جەسىتى جەڭ مەيدانىدىن زەخمىلەنگەن ھالەتتە تېپىلغان ياكى مۇسۇلمانلار ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە ئۆلۈمىگە تۆلەم ۋاجىب بولمىغان، ئەقلى – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەر كىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر تۆت مەزھەب ۋە ئاساسەن بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، يۇيۇلمايدۇ. ئەقلى – ھوشى جايىدا ئەمەسلەر، نارەسىدىلەر ۋە جۇنۇب ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ھەنەفىي مەزھەبتە يۇيۇلىدۇ.(3)

زۇلۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىرەر زۇلۇمغا ئۇچراپ زالىملار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن، چوقۇم شېھىد كېتىدۇ»؛(4) «كىمكى زۇلۇمدىن ئۆزىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر».(5)

بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرنىڭ يۇيۇلمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بىرسى ئاللاھ يولىدا يارىلانسىلا، – ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا يارىلانغانلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر – ئۇ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۇنىڭدىكى رەڭ قاننىڭ رەڭگى، پۇراق ئىپارنىڭ پۇرىقى بولغان ھالەتتە كېلىدۇ».(6)

يەنە بىر ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوھۇد غازىتىدا شېھىد بولغان ھەر ئىككى كىشىنى بىر رەختكە يۆگەپ، ئاندىن: «ئۇلارنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپ بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. قايسىسىغا ئىشارە قىلىنسا، شۇنى لەھەتكە بۇرۇن كىرگۈزۈپ: «مەن قىيامەت كۈنى ئاشۇلارغا گۇۋاھچى بولىمەن» دەيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قانلىرى بىلەن دەپنە قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇلار يۇيۇلمىدى ۋە نامازمۇ چۈشۈرۈلمىدى.(7)

لېكىن، بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرگە ناماز چۈشۈرۈش مەسىلىسىدە ھەدىسلەر ھەر خىل مەزمۇندا كەلگەن بولغاچقا، ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، «نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ» دەپ قارىسا، ھەنەفىي مەزھەب ۋە يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوھۇد شېھىدلىرىگە ئادەتتە، چۈشۈرىدىغان جىنازا نامىزىدەك ناماز چۈشۈرگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت بىلەن يېتىپ كەلگەن بولغاچقا(8) «نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ» دەپ قارايدۇ.(9)

ئەگەر رىيا ياكى دۇنيانى كۆزلەپ جىھادقا قاتنىشىپ، ياكى جىھادتىن قېچىۋېتىپ، ياكى غەنىيمەتتىن ئوغرىلاۋېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇلار ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار بۇنى «دۇنيا شېھىدى» دەپ ئاتايدۇ. يەنى، دۇنيادا دەپنە ئىشلىرىدا ھەقىقىي شېھىدقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ – يۇ، ئاخىرەتتە نىيىتىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

2. بىرەر ھادىسە ياكى ئوت ۋەقەسىدە كۆيۈپ ئۆلگەنلەر.

يۇقىرىقى خاس مەنىدىكى شېھىدتىن باشقا يەنە بىرقانچە تۈرلۈك شېھىدلەر بولۇپ، بۇلار «ئاخىرەت شېھىدى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، دۇنيادا دەپنە ئىشلىرىدا ئادەتتىكى كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ – يۇ، ئاخىرەتتە ھەقىقىي شېھىدلەر قاتارىدا ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇلارنى بەزى ئالىملار: يەتتە تۈرلۈك، دېسە، يەنە بەزى ئالىملار: 20 نەچچە تۈرلۈك، دېگەن. ئادەتتىكى ئوت ئاپەتلىرىدە ئۆلگەن كىشىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.

جابىر ئىبنى ئەتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ شېھىد بولغانلاردىن باشقا يەنە مۇنداق يەتتە تۈرلۈك شېھىد بار: ۋابا كېسىلىدە ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. غەرق بولغان كىشى شېھىدتۇر. كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ قالغان كىشى شېھىدتۇر. قورساق ئاغرىقىدا ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. تام بېسىپ ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. تۇغۇتىدا بالىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شېھىدتۇر».(10)

بۇ تۈرلۈك كىشىلەرگە قىيىن ئۆلۈم سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى – مەرھەمىتىنى ئاتا قىلىپ شېھىدلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. ئەلبەتتە، شېھىدلىكنىڭ بۇ مەرتىۋىسى جىھادتا شېھىد بولغان «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» بولغان كامىل شېھىد مەرتىۋىسىدىن تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇرىدۇ.

«ئاخىرەت شېھىدى»دىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرنىڭ يۇيۇپ – تارىلىپ، نامىزى چۈشۈرىلىدىغانلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوقتۇر.(11)

بۇلارنى يۇيۇش مۇمكىن بولغان تەقدىردە، ئادەتتىكى مېيىتلاردەك يۇيۇلىدۇ. يۇيۇلسا تىتىلىپ كېتىش خەۋپى بولسا، قول تەككۈزمەستىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇلىدۇ ۋە بىر نەرسە بىلەن قۇرۇتىلىدۇ. سۇ قۇيسا تىتىلىپ كېتىش خەۋپى بولسا، يۇيۇلماي، تەيەممۇم قىلدۇرغىلى بولسا تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ.

تەيەممۇم قىلدۇرۇش ئۇسۇلى: تەيەممۇم قىلدۇرغۇچى كىشى ئىككى ئالقىنى بىلەن زېمىنغا ئۇرۇپ، ئالقانلىرىدا مېيىتنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى ئالقىنىنى سىلايدۇ. ئاندىن كېپەنلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ. تەيەممۇم قىلدۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمىسا، شۇ پېتى كېپەنلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «چېچەكتە، ئوتتا، سۇدا ئۆلگەنلەر يۇيۇش مۇمكىن بولسا يۇيۇلىدۇ. يۇيۇشتىن تىتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، تۇتماستىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇلىدۇ. سۇ قۇيسا تىتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، يۇيۇلماي، سۇ زىيان قىلىدىغان ھايات ئادەمگە ئوخشاش تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ. سۇ تېپىلمىغانلىقتىن مېيىتنى يۇغىلى بولمىسىمۇ تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ. بىر قىسمىنى يۇغىلى بولماي، بىر قىسمىنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا، ھايات ئادەمگە ئوخشاشلا شۇ قىسمى يۇيۇلۇپ، قالغان يېرى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ».(12)

بەزى ئالىملار بۇ ئەھۋالدا مېيىتنى يۇيۇشنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىنى مۇنداق قەيت قىلغان: «يۇسا تېرىسى سويۇلۇپ ياكى ئېتى تىتىلىپ كېتىدىغان بولسا، يۇيۇش ھارام بولىدۇ – دە، تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ».(13)

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «يۇيۇش مۇمكىن بولمىغاندا تەيەممۇم قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بۇ مەينەتچىلىكنى تازىلاشقا مۇناسىۋەتسىز بولغان مەنىۋىي پاكلاشتىن ئىبارەت بولغاچقا، سۇ ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋالدا جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇشتىكىدەك تەيەممۇمغا يۆتكىلىش ۋاجىب بولىدۇ».(14)

دېمەك، تەيەممۇمغا يۆتكىلىشنىڭ دەلىلى ھايات ئادەمگە قىياس قىلىشتۇر. جۇنۇب ئادەم سۇ ئىشلىتەلمىسە تەيەمممۇغا يۆتكەلگەندەك، مېيىتنى يۇغىلى بولمىغاندىمۇ تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 21 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 20 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 122 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2810)؛ «مۇسلىم»، (1904).
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/252.
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/321؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/320. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/204؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/165؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/215.
4. «ئەھمەد»، (6913). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. «نەسائىي»، (4096). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
6. «بۇخارىي»، (2803).
7. «بۇخارىي»، (1343).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1344)؛ «مۇسلىم»، (2296).
9. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/175؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/219؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/204.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (3111)؛ «نەسائىي»، (1846). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
11. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/252؛ ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/184. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/219. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/207. «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 2/118.
12. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/209.
13. مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 1/482.
14. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/137.

Please follow and like us:
Exit mobile version