بىرەر نەرسىنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ روھىغا ئاتاش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىرەر نەرسىنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ روھىغا ئاتاش توغرىمۇ؟ مەسىلەن، بىرەر كىتاب يېزىپ بۇنى مەرھۇم ئانامنىڭ روھىغا بېغىشلايمەن دېگەندەك، يەنە، بەزى ۋاقىتلاردا قازانغا ياغ قۇيغان ۋاقىتتا دۇئا قىلىپ ئەرۋاھ روھىغا ئاتاش دېگەندەك.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

پالانچىنىڭ روھىغا دېگەن سۆزدىن پالانچىنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنىدۇ. روھى مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ روھى ئۆلۈم بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ.

كىتاب ياكى باشقا نەرسىلەرنى ھايات ۋە ئۆلۈكلەرگە بېغىشلاشتىن مەقسەت، ئاشۇ ئىشنىڭ ساۋابىنى، ئەجرىنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلىش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغان ئەھۋالدا بۇ، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئوخشىمىغان يەكۈنلەر چىقىرىلغان مەسىلە بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا مۇسۇلمان كىشى قىلغان سالىھ ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى مۇسۇلمان كىشىگە ھەدىيە قىلسا، جائىز بولىدۇ، ئىككىنچى كىشىگە ساۋابى يېتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن كىتاب يازغان، تەرجىمە قىلغان كىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ساۋابنى مېيىتكە ياكى ھايات شەخسكە ھەدىيە قىلسا بولىدۇ.

لېكىن، بېغىشلىما يازغانلارنىڭ ھەممىسى بۇنى مەقسەت قىلماسلىقىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، بەزىلەرنىڭ بېغىشلىما يېزىشتىن مەقسىتى ساۋاب ھەدىيە قىلىش بولماستىن، بەلكى ئاتا – ئانىسى، ياكى ئۇستازى، ياكى ئۇندىن باشقا بىرەر شەخس ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى، ساداقىتىنى، تەشەككۈرىنى، مەمنۇنلىقىنى، سۆيگۈسىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس.

ئەمدى قازانغا ياغ قۇيۇش، ياغ پۇرۇتۇش دېگەندەك ئىشلار باشقا بىر دىن پائالىيەتلىرىنىڭ قالدۇقى بولسا كېرەك. چۈنكى، دىنىمىزدا ئۆلۈك بىلەن ياغ پۇرۇتۇشنىڭ ھېچ مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ياغ پۇرۇتۇش سالىھ ئەمەل دەپ قارالمايدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنىڭغا ساۋابمۇ يوق، ساۋاب بولمىغاندىن كېيىن، يوق ساۋابنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشمۇ يوق.

ئەگەر ياغدا قۇيماققا ئوخشاش بىرەر تاماق تەييارلاپ ياكى ياغسىز قىلىپ يېمەك تەييارلاپ، ئۇنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىلەرگە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىدۇ. بۇنداق سەدىقىنى مەلۇم ئايدا قىلىشنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى بولماستىن، يىلبويى قىلسىمۇ مەيلى، بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – رەجەب / م. 2011، 11 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 115 – نومۇرلۇق پەتۋا.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago