قۇرئان بار ئۆيدە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئادەتتە دىنىي كىتابلارنى ياتاق ئۆيۈمدىكى خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»، تەفسىرلەر، ھەدىسلەر توپلىمى قاتارلىقلار بار. بۇ ياتاق ئۆي بولغاندىكىن ئايالىمىز بىلەن بىرگە بولىدىكەنمىز، بەزىدە «قۇرئان كەرىم» بار يەردە بىرگە بولغانغا كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە باشقا ئۆيگە ئەپچىقىپمۇ قويىمەن، لېكىن داۋاملىق ئۇنداق قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، قۇرئان ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى ياتاق ئۆيۈمدىن ئەپچىقىۋېتىشىم كېرەكمۇ ياكى قويۇپ قويساممۇ بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى ياتاق ئۆيدە قويسا، قويغان جاي پاكىز ھەم ئۈستۈنرەك بولسىلا ھېچ گەپ بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە بولمىغاچقا، «قۇرئان كەرىم» ۋە دىنىي كىتابلار بار بولغان، تاملىرىغا ئايەت ئېسىلغان ئۆيدە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشمۇ چەكلەنمەيدۇ.

بىر كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

ــ قۇرئاننى ئايالىم بىلەن بىللە بولىدىغان، ئېھتىلام كۆرىدىغان ۋە تەرلەيدىغان كۆرپىنىڭ ئۈستىگە قويسام بولامدۇ؟ ــ دەپ سورىغاندا ئۇ:

ــ ھەئە، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)

ئالىملارنىڭ پەتۋالىرىدا مۇنداق كەلگەن: «يۆگەلگەن قۇرئان بار ئۆيدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش جائىز».(2)

يۆگەلگەن بولۇشى ھەققىدە ئالىملار مۇنداق دېگەن: «ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بولغاچقا، قۇرئان بار ئۆيدە ئايالى بىلەن بىرگە بولسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. ‹قۇنيە› دېگەن كىتابتا ‹يۆگەلگەن› دەپ قەيت قىلغان، يۆگەلگەن دېگىنىنى ‹ئەۋزەل› دېگەن مەنىدە چۈشەنسەك زىتلىق بولمايدۇ».(3)

«قازىيخان پەتۋالىرى»دىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان: «قۇرئان بار ئۆيدە ئايالى بىلەن بىرگە بولسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى ئادەتتە، قۇرئاندىن خالىي بولمايدۇ».(4)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 5 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2012، 28 – مارت

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 106 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئابدۇرراززاق»، 1/342.
2. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/322؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/213.
3. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/423.
4. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 1/178.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago