ئاياللارنىڭ قارا كىيىنىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھىجابنىڭ شەرىئەتتىكى ئۆلچىمى قانداق؟ مەقسىتىچۇ؟ چوقۇم قارا رەڭلىك كىيىم بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئاياللىرىمىز قاپقارا كىيىم كىيىپ سىرتقا چىقسا ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن، ئاياللارنىڭ كىيىمىنىڭ بىر شەرتى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق بولغاندىكىن بەك ئوچۇق رەڭلىك كىيىم كىيمەي سەل ئوچۇقراق، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان رەڭلەردىكى كىيىملەرنى كىيسە بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا كىيىم – كېچەكلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى لىباسنى ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر!﴾(7/«ئەئراف»: 26)

ئاللاھ تائالا كىيىمنىڭ زىننەتلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا زىننەتلىنىڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 31) مۇفەسسىرلەر ئايەتتىكى «زىننەت» دېگەن سۆزنى «بەدەننىڭ يۆگىلىشى كېرەك بولغان قىسمىنى يۆگەيدىغان نەرسە» دەپ تەفسىرلىگەن. چۈنكى، ئۇنى يۆگەش ئىنسان ئۈچۈن زىننەتتۇر.

يەنە بۇنىڭ بىر نېئمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان – زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېئمەتلەرنى بېرىدۇ﴾(16/«نەھل»: 81).

دېمەك، كىيىنىشتىن مەقسەت ئەۋرەتنى يۆگەش ئارقىلىق زىننەتلىنىش ۋە ئىسسىق – سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشتۇر.

مۇسلىمەلەرنىڭ كىيىمى شەرىئەتتىكى ھىجابىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. شەرئىي ئۆلچەم بولسا بەدەننىڭ يۆگىلىشى كېرەك بولغان قىسمىنى يۆگەيدىغان بولۇشى، تار ياكى نېپىز بولماسلىقى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولماسلىقى ۋە ئەرەنچە ياكى كافىرلارغا خاس كىيىم بولماسلىقىدۇر.

ھىجابنىڭ مەقسىتى ۋە ھېكمىتى بولسا پەقەت قىز – ئاياللارنى قوغداشلا بولۇپ قالماي، ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەمئىيەتنى قوغداشتۇر. يەنى ھىجاب ئارقىلىق زىنا – پاھىشە ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. چۈنكى، ھىجاب بەدەننى يۆگەش ئارقىلىق زىنا – پاھىشەگە ئېلىپ بارىدىغان يالىڭاچلىشىشنى ۋە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىن كېلىپ چىقىدىغان پىتنەنى توسىدۇ. قىز – ئاياللارنى ئۇلارغا يامان غەرەزدە ناشايان چاقچاق، پوخۇرلۇق، ھەتتا ئەمەلىي زىيانكەشلىك قىلىدىغانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدايدۇ. شەرم – ھايا ۋە ئىپپەت – نومۇسلۇق تاشقى قىياپەت بىلەن ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئەينى دەمدە ئەرلەرنىمۇ قاراش ھارام بولغان مەھرەم ئەزالارغا خاھلاپ ياكى خاھلىماي قاراش، ۋەسۋەسە، شەھۋەتنى قوزغاش، بېرىپ – بېرىپ زىنا – پاھىشەگە چۈشۈپ قېلىشلاردىن قوغدايدۇ. دەرھەقىقەت ئىمام غەززالىي ئېيتقاندەك، كۆز — زىنانىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. شۇڭا، پۈتۈن بالايى – ئاپەتلەر نامەھرەمگە قاراشتىن پەيدا بولىدۇ(1). ھالبۇكى، ھىجاب ئەرلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بولمىغۇر ئوي – خىياللاردىن خاتىرجەم قىلغاندەك، قىز – ئاياللارنىڭ كۆڭۈللىرىنىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇنداقلا قىز – ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا كىيىنىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا ئوخشاپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ، ئايال زاتىنىڭ ھايا ئاساسىغا قۇرۇلغان فىترىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جەمئىيەتنىمۇ تۈرلۈك ناشايان مۇناسىۋەتلەر، ھاياسىزلىق، توي قىلمىغان ياشلارنىلا ئەمەس، ئۆي – ئوچاقلىق كىشىلەرنىمۇ تاپتىن چىقىشقا ئۈندىگۈچى پاراكەندىچىلىكلەردىن قوغداپ، پىكىر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە كۈچ چىقىرىشقا يۈزلەندۈرىدۇ. دېمەك، ئاخىر ھېسابتا ھىجاب خۇددى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى چارە – تەدبىر بولۇپلا قالماي، دىننى قوغداش، ئىپپەت – نومۇس، ئەقىل – پىكىر، ئىنسان ۋە ئومۇمىي جەمئىيەتنى قوغداشتەك شەرىئەتنىڭ ئاساسىي مەقسەت – نىشانلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھەقىقەتەن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بەلگىلەشتىكى مەقسەت ئىمام شاتىبىي ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندەك: «ئاللاھنىڭ بىئىختىيار بەندىسى بولغان ئىنساننىڭ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىختىيارىي ھالدا ئاللاھقا بەندە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى نەپس – خاھىشىنىڭ رىغبەتلىرىدىن خالاس قىلىشتىن ئىبارەت»تۇر(2). ھىجاب مەسىلىسىدىمۇ ئاياللار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، نەپس – خاھىشىدىكى «ياسىنىپ جەزبىدار كۆرۈنۈش ۋە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش» ھەۋىسىنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھقا بەندە بولۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ھىجابقا بۇيرۇشتىكى ھېكمەت ۋە مەقسەتلىرى يۇقىرىقىدەك بولغاچقا، دىنىمىز ھىجابقا ئومۇمىي ئۆلچەمنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەلۇم بىر رەڭدە ياكى مۇقىم پاسوندا بولۇشىنى بېكىتىۋەتمىگەن. ئۆلچەمگە چۈشكەن ھەرقانداق كىينىشنىڭ ئورتاق ئىسمى ھىجابتۇر. چۈنكى، ئىسلام دۇنياۋى ئەبەدىي دىندۇر. ئۇنىڭ شەرىئىتى تاكى قىيامەتكە قەدەر ھەر خىل جەمئىيەت ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەردە تەتبىقلىنىدۇ. شەرىئەت بېكىتكەن ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنسىلا، ئاياللار خاھلىغان رەڭ ۋە تەرزدە كىيىنسە بولىدۇ. بۇ نۇقتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەزۋاج مۇتاھھەرەلىرى ۋە قىزلىرى، مۇھاجىر ۋە ئەنسار ئەسھاب كىرامنىڭ قىز – ئاياللىرى تەرىپىدىن ئەمەلىي تەتبىقلاشلىرىدا ئىنتايىن ئايدىڭ بولۇپ كەتكەن مەسىلىدۇر. يەنى ھىجابنىڭ قارا ياكى مەلۇم بىر رەڭدە بولۇشى شەرت ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئايال زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر. بۇ خۇسۇستا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

ئەكسىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىم – كېچەك ھەققىدە ئەرلەرگە، شۇنداقلا ئاياللارغىمۇ ئاق رەڭنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىلىرى بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاق كىيىملەرنى كىيىڭلار. چۈنكى، ئۇ كىيىملىرىڭلارنىڭ ياخشىراقلىرىدىندۇر. ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئاقتا كېپەنلەڭلار»(3) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: «ئاق كىيىملەرنى كىيىڭلار! چۈنكى ئۇ بەك پاكىز ھەم تازىدۇر. ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئۇنىڭدا كېپەنلەڭلار»(4) دېگەن.

بۇ ھەدىستىكى خىتاب ئەر، ئايال ھەممىگە ئومۇم بولۇپ، ئاق كىيىم ھەرقانداق رەڭدە بويالمىغانلىقى بىلەن بۇلغانمىغان فىترەتكە، كىر قونسا دەرھال مەلۇم بولىدىغانلىقى بىلەن پاكلىققا ئەڭ يېقىن بولغان، ھەر يەر ۋە ھەر دەۋردە ئاسان تېپىلىدىغان كىيىمدۇر. شۇڭا، ھاياتلارغىمۇ، مېيىتلەرگىمۇ مۇستەھەبتۇر.

قارا رەڭمۇ باشقا رەڭلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدە جائىزدۇر. بەزى دىيانەتلىك ئاچا – سىڭىللىرىمىز: «سىرتقا چىققاندا قارا رەڭدە كىيىش كېرەك» دەپ قارىشى، باشقا رەڭدە كىيىنگەن دوستلىرىنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە قارا رەڭ ۋاجىب ياكى شەرئىي نۇقتىدىن قارا رەڭ باشقا رەڭلەردىن مۇتلەق ئەۋزەل دەيدىغانغا پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك بىرەر شەرئىي دەلىل يوق. رەڭ جەھەتتە ئازادىچىلىك بار. شۇڭا، بۇنىڭغا كىرىشىۋېلىش ھاجەتسىز. كۆپ قىسىم ھەمشىرىلىرىمىز قارا رەڭنى ۋاجىب دەپ قارىمىسىمۇ، ياسىنىشتىن ئەڭ يىراق دېگەن قاراش بىلەن قارا رەڭنى تاللىشى مۇمكىن، ساھابە ئاياللارنىڭ قارا كىيگەنلىكى ھەققىدە بەزى بايانلار كەلگەن:

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاچىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ: «﴿پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن﴾(33/«ئەھزاب»: 59) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرى باشلىرىنى يۆگىگەن لېچەكلىرى بىلەن خۇددى بېشىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك ھالەتتە چىققان ئىدى» دېگەن(5).

بىر كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرنەچچە ئايال بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ پەزل ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى تىلغا ئېلىندى. ھەزرىتى ئائىشە بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «توغرا، قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارلىقىدا گەپ يوق. لېكىن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرىدىنمۇ ئەۋزەلرەك، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئىشىنىشتە ئۇلاردىنمۇ بەكرەك سەمىمىي ئاياللارنى كۆرمىدىم. ›نۇر‹ سۈرىسىدىكى ﴿لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾ دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئەرلەر ئاياللىرىغا ›نۇر‹ سۈرىسىدە ئاياللار ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەرگەن. ھەربىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى، ئاچا – سىڭىللىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇلاردىن بىرمۇ ئايال قېپقالماي، بىردەك ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئان ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان ھالدا دەرھال گۈللۈك كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا ئارتىۋالغان. ئەتىسىدىن تارتىپلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا باشلىرىنى يۆگىگەن ھالدا خۇددى بېشىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك ھالەتتە تۇرىدىغان بولغان ئىدى»(6).

بۇ ھەدىسلەردىن ئۇلار ئورىنىۋالغان پۈركەنجىلەرنىڭ ۋە بېشىغا ئارتىۋالغان روماللارنىڭ قارا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما، بۇ قارىدىن باشقىسى جائىز ئەمەس دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا كىيىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكى جەھەتتىن قارا رەڭنى كىيسە جائىزلىقىنى، باشقا رەڭنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىكى مۇھاجىرە ۋە ئەنسارەلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر بىر مۇسلىمە ئايال قارا رەڭنى تاللىسا، بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ۋە بۇ تاللىشى ھۆرمەت قىلىنىشى، ئەيىبلەنمەسلىكى ۋە ئۇنى باشقا رەڭگە ئۆزگەرتىشكە زورلانماسلىقى لازىم.

لېكىن، مەلۇم جەمئىيەت ياكى دۆلەتلەردە قارا ياكى قىزىل، ياكى يېشىل رەڭ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان، ياكى يامان تەسىر بېرىدىغان ۋە ياكى ناچار مۇئامىلىگە يولۇقتۇرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا رەڭلەر ئەۋزەل بولۇشى ئېنىق.

شۇڭا، «ئاياللارنىڭ كىيىمى ئالاھىدە دىققەت قوزغىمايدىغان بولۇشى كېرەك» دېگەن شەرتكە رىئايە قىلغان ئاساستا، رەڭ تاللاشتا ھەربىر شەھەر ياكى يۇرتنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە رىئايە قىلىش ئاقىلانە ئىشتۇر. قارا كىيمەيدىغان يۇرتتا قارا كىيىش ياكى ئاق كىيمەيدىغان يۇرتتا ئاق كىيىش دىققەت تارتىشى مۇمكىن. شۇڭا، زىيانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئىسلام ئازادە قويۇۋەتكەن دائىرىنى تارايتىۋالماسلىق بىلەن بىللە، رۇخسەت قىلىنغان قارا رەڭگە ئېتىراز بىلدۈرۈشمۇ توغرا ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل قارا كىيىش بۇنى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ۋاجىب ياكى سۈننەتتەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

يۇقىرىدا ئاق كىيىمنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا ئەۋزەل ئىكەنلىكى، باشقا رەڭلەرنىڭ جائىز ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. ئەمدى باشقا رەڭلەرنىڭ جائىزلىقىنى تەكىتلەيدىغان ھەدىس ۋە ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

ئاق كىيىم ھەققىدە يۇقىرىدا بىر ھەدىس كەلتۈرگەن ئىدۇق، بۇ ھەقتە ساھەبەلەردىن ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا دىھيە ئەلكەلبىي ھەدىيە قىلغان قېلىن ئاق مىسىر رەختىدىن بىر پارچە بەرگەنىدى، مەن ئۇنى ئايالىمغا كىيىم قىلىپ بەردىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەندىن:

— مىسىر رەختىنى نېمىشقا كىيمىدىڭ؟ — دەپ سورىۋىدى، مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ مەن ئۇنى ئايالىمغا كىيىم قىلىپ بەردىم، — دېسەم، ئۇ زات:

— ئۇنى ئىچىگە ئىچ كۆڭلەك كىيىۋېلىشقا بۇيرۇغىن، ئۇستىخانلىرىنى مەلۇم قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، — دېدى»(7).

قىزىل كىيىم ھەققىدە تابىئىن ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ (ھ. 39 ياكى 47 – 96 / م. 659 ياكى 667 – 715) ئەلقەمە ۋە ئەسۋەدلەر بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەنلىرىدە ئۇلارنى قىزىل يېپىنچىلاردا كۆرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئەبى مۇلەيكە: «مەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۇچىسىدا زەچىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان كۆينەك بىلەن يېپىنچا كۆرگەنمەن» دېگەن. ئائىشە ئانىمىزنىڭ جىيەنى قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىھراملىق ھالىتىدە زەچىۋەدە بويالغان كىيىملەرنى كىيەتتى. فاتىمە بىنتى مۇنزىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىھراملىق ھالىتىدە زەچىۋەدە بويالغان كىيىملەرنى كىيەتتى. سەئىد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ زەچىۋەدە بويالغان كىيىمدە كەئبەنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن(8).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن زەچىۋەدە بويالغان قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى سورالغاندا: «ئاياللار كىيسە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(9).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئىھراملىق ئايال ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەت، قارا ۋە قىزىل كىيىم – كېچەك، شۇنداقلا ئۆتۈك كىيسە بولىۋېرىدۇ» دەپ قارىغان(10).

ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەيمەن دەيدۇ: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرگەنىدىم، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا قاتاردا ئىشلەنگەن، بەش تەڭگىگە يارىغۇدەك ئاددىي بىر قىزغۇچ پاختا كۆينەك بار ئىكەن. ئۇ ماڭا: ‹بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ماۋۇ كېنىزىكىمگە قارا! ئۇ تېخى بۇنى ئۆي ئىچىدە كىيىشتىنمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بىر كۆينىكىم بار ئىدى، مەدىنەدە بىرەر كېلىن تويىغا ياساندۇرۇلىدىغان بولسىلا، ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ كۆينەكنى ئارىيەتكە ئالاتتى› دېدى»(11).

ئالىملاردا ئاياللارنىڭ زەچىۋەدە بويالغاﻥ ۋە قىپقىزىل، ئال بويالغان كىيىمنى كىيىشىنىڭ جائىزلىقىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى يوق(12).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنى ئىھرام باغلىغاندا پەلەي كىيىش، نىقاپ ئارتىش، زەپىران ۋە باشقا خۇشپۇراقلار چېچىلغان كىيىملەرنى كىيىشتىن توستى. زەچىۋەدە (قىزغۇچ سېرىق) بويالغان، يىپەكتىن ئىشلەنگەن، زىننەتلەنگەن ھەر خىل كىيىملەردىن خاھلىغىنىنى كىيىشكە، شۇنداقلا تامبال، كۆينەك ۋە ئۆتۈك قاتارلىقلارنى كىيىشكە رۇخسەت قىلدى»(13).

يېشىل كىيىم ھەققىدە ئىمام بۇخارىينىڭ بىر ھەدىسىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رىفائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى يېشىل رومال ئارتىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى» دېگەن(14).

ئىمام ئىبنى بەتتال مۇنداق دەيدۇ: «يېشىل كىيىم جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمىدۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ﴾(18/«كەھف»: 31). مانا بۇ يېشىل كىيىم كىيىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىشتا ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىشتا يېتەرلىكتۇر»(15).

يوللۇق قارا كىيىم ھەققىدە ئىمام بۇخارىي خالىد ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ۋاقىئەنى نەقىل قىلىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىرنەچچە كىيىم كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ۋە يول – يول قارا بىر كىيىم بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ: ‹بۇنى كىمگە كىيدۈرسەك بولار؟› دەيدۇ، سورۇندىكىلەر جىم تۇرۇشىدۇ، رەسۇلۇللاھ: ‹ماڭا خالىدنىڭ قىزىنى ئېلىپ كېلىڭلار› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ خالىد رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن ھېلىقى يول – يول كىيىمنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويۇپ: ‹بۇ كىيىمنى كونىرىتىپ باشقىنى كىيگەيسىز!› دەيدۇ. ئۇ كىيىمدە يېشىل – ياكى سېرىق – سىزىق بار ئىكەنتۇق، رەسۇلۇللاھ (ھەبەشچىدە): ‹ئى خالىدنىڭ قىزى! بۇ سەناھ!› دەيدۇ. ‹سەناھ› ھەبەشچىدە: ‹چىرايلىق› دېگەن مەنىدىدۇر»(16).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىھرامدىن چىقىپ، رەڭلىك كىيىم كىيگەن ۋە سۈرمە تارتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى ئەلىگە ئۆزىنى ئاتىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتقان(17).

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئېرى ئۆلگەن ئايال تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن تاشقىرى، باشقا ئادەمگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق، سۈرمە تارتىش، خۇش پۇراق ئىشلىتىش ۋە يەمەن رەختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەردىن باشقا رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق…»(18).

دېمەك، بۇ ھەدىسلەرمۇ ئاياللارنىڭ قارا، رەڭدار ۋە سىزىقلىق كىيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خۇلاسە: ئاياللارنىڭ قاپقارا كىيىنىشى شەرت ياكى ۋاجىب ئەمەس، خاھلىسا قارا رەڭدە ياكى دىققەت تارتمايدىغان باشقا رەڭلەردە كىيىنسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 1 – شەئبان / م. 2021، 14 – مارت


1. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – ج، 102 – بەت.
2. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 2 – ج، 168 – بەت.
3. ئەبۇ داۋۇد (3878). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3556) «سەھىھ» دېگەن.
4. تىرمىزىي (2810). تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
5. ئەبۇ داۋۇد (4101). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 9 – ﺟ، 101 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئىبنى ئەبى ھاتىم «ئەتتەفسىر»، (14406). ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 8 – ج، 490 – بەت. ئالبانىي بۇ خىل جەرياننى: («غايەتۇل مەرام»، 483) «زەئىف» دېگەن.
7. ئەھمەد (21834). ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 131 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
8. ئىبنى ئەبى شەيبە (25233 – 25240). يۇقىرىقى رىۋايەتلەرنى ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 121 -، 123 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
9. ئىبنى ھەزم: ««ئەلمۇھەللا»، 2 – ج، 389 – بەت.
10. بۇخارىي «ھەج بۆلۈمى»، «ئىھرام باغلىغۇچى كىيەلەيدىغان كىيىم – كېچەك، رىدا ۋە ئىزارلار» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنىڭ بىر قىسمىنى بەيھەقىي («ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 9346) زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. قىزىل كىيىم – كېچەككە ئالاقىدار قىسمىنى ئىمام بۇخارىي «ھەج بۆلۈمى» (1618) دە، ئۆتۈككە ئالاقىدار قىسمىنى ئىبنى ئەبى شەيبە (14542) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
11. بۇخارىي (2628).
12. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 16 – ج، 123 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «شەرھۇل ئۇمدە»، 4 – ج، 370 – بەت.
13. ئەبۇ داۋۇد (1827). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 1603) «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5825)؛ مۇسلىم (1433).
15. ئىبنى بەتتال: «شەرھۇ سەھىھۇلبۇخارىي»، 9 – ج، 102 – بەت.
16. بۇخارىي (5823).
17. مۇسلىم (1218).
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5341)؛ مۇسلىم (938).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago