ئوغلاق تارتىشىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئوغلاق تارتىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق؟ دىيارىمىزدا ئوغلاق تارتىشىش سەل ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە «تەنھەرىكەتنىڭ بىر تۈرى» دەپ پەتۋا بەرگۈچىلەرمۇ بولدى؛ «بۇ بىر خىل قىمار، ئوينىساڭ ھارام» دېگۈچىلەرمۇ بولدى؛ «ئوينىساڭ ئايالىڭ تالاق» دەپ پەتۋا بەرگۈچىلەرمۇ… يەنىلا سىزدىن سوراشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. (2014 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ساجىيە تورىغا كەلگەن سوئال)
يەنە بىر سوئال: بىز قىرغىزىستاندا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئات مىنىشنى ياخشى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئوغلاق تارتىشىپ ئوينايمىز. ئوغلاقنى «بىسمىللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سويۇپ باش بىلەن پۇتنى، ئىچ – قارنىنى ئېلىۋېتىپ ئوتتۇرىغا تاشلاپ تارتىشىپ ئويناپ، ئويۇن تۈگىگەندىن كىيىن پىشۇرۇپ يەيدىكەنمىز. بۇ ياقتا ياخشى ئوينىغان پالۋانغا بىرەر قوي ياكى بىرەر تاي مۇكاپات بېرىدۇ. بىزدە ئۇندا مۇكاپات يوق. شۇ كەچتە ئويۇن تۈگىگەندە ئوغلاق گۆشىنى يەپ دۇئا قىلىپ تارقىلىمىز. بۇنىڭ ھۆكمى قانداقكىن؟ (غەربىي تۈركىستان قىرغىزىستاندىن ساجىيە تورىغا كەلگەن سوئال)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئوغلاق تارتىشىش ئۇيغۇر، ئۆزبېك (ئۇلاق)، قىرغىز (كۆكبۆرۈ)، قازاق (كۆكپار) ۋە باشقۇرت (كۆكبۆرې) قاتارلىق تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ھېلىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەت ئويۇنىدۇر. بۇ ئويۇن يەنە قوشنا ھازارا، تاجىك، پەشتۇن (بوزكەشى / بُزکَشی، ئەسلى بوز كەچى/ بوز ئوغلاقتىن كەلگەن) قاتارلىق پارس تىللىق خەلقلەر تەرىپىدىنمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن مىللەتلەر ئۈستى بىر ئويۇندۇر.
بۇ ئويۇندا تارتىشىشقا ئاتاپ قويۇلغان ئوغلاق بىر كۈن بۇرۇن سويۇلۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرى ئېلىۋېتىلىپ، ئىچ – قارنى ئېلىپ تاشلىنىپ، (پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى ۋە بىرقانچە كۈندە سېسىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تۇزلۇق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئاندىن (ئىچىگە سامان تولدۇرۇلۇپ) تارتىشىشقا تاشلىنىدۇ.
ئوغلاق تارتىشىش ھەققىدە دەسلەپكى قەيتلەر 10 ~ 15 – ئەسىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن، بىرەر دىنىي ئېتىقاد تۈسىگە ئىگە بولمىغان، كۆچمەن ۋە چارۋىچى مىللەتلەردىكى ئۇرۇش، مال – چارۋا بۇلاڭ – تالاڭلىرىغا قارشى مۇجادەلە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قەيسەرلىك ۋە چەبدەسلىك تەلەپ قىلىدىغان، جەڭ تەييارلىقى مەشىقى تۈسىنى ئالغان، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىشنى نىشان قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ئويۇنىدۇر.
شۇڭا، مەزكۇر ئويۇننىڭ تارىخىي ۋە ئېتىقادىي ئارقا كۆرۈنۈشىدە شەرئىي بىر چەكلىمە يوقتۇر.
ئۇنىڭدىكى جەريانغا قارايدىغان بولساق، ئەگەر ئوغلاق شەرئىي بوغۇزلانسا (ئويۇندا قىمارغا ئوخشىغان باشقا بىر مەسىلە كۆرۈلمىسە)، ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.
بىرەر باي ياكى ئورۇن ئۇتقان چەۋەندازغا مۇكاپات بەرسە ھالالدۇر. ئەمما، تىكىشىش، پۇل ياكى چارۋا ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش قاتارلىق قىمارغا ياتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.
ئاغىنە – بۇرادەرلەر ئۆزئارا كۆڭۈل ئېچىپ، ئوغلاق ۋە باشقا چىقىملارنى نۆۋەت بويىچە ھەرقېتىمدا بىرەرسى قىلسىمۇ ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
بوغۇزلانغان ئوغلاقنى ئويۇن ئوبيېكتى قىلىش ئانچە ياخشى ئىش بولمىسىمۇ، كېيىنچە گۆشى ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى ۋە باشقا (سۈنئىي توپ قاتارلىق) ئويۇنلارغا قارىغاندا مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولمايدىغانلىقى جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ قان ئېقىتىپ ھايۋاننى قىينايدىغان بۇقا بىلەن ئېلىشىش (Tauromaquia) ئويۇنلىرىدىن مىڭ مەرتە ياخشى.
لېكىن، يۇرتىمىزدىكى بەزىبىر ئوغلاق تارتىشىش، (ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار ياكى بۇقا ئۈسۈشتۈرۈش قاتارلىق ھارام ئويۇنلاردا)، ھەتتا چېلىشىش مۇسابىقىلىرىدە قىمار ئومۇملاشقانلىقى مەلۇمدۇر. ھالبۇكى، بىر ئويۇننىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا ئويۇننىڭ ئومۇمىي پايدا – زىيىنى، جېدەل ۋە ئاداۋەتكە سەۋەب بولۇشى، ئىنسانغا ياكى ھايۋانغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى، بولۇپمۇ مۇتلەق ھارام بولغان قىمارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى قاتارلىقلار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، يۇرتىمىزدىكى ئوخشىمىغان پەتۋالار ئەمەلىيەتتە ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى ئوغلاق تارتىشىش جەريانىدا بولىدىغان قىمار ۋە شۇنىڭدەك ھارام ئىشلار ئارىلاشقان – ئارىلاشمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېرىلگەن پەتۋالاردۇر.
خۇلاسە: ئوغلاق تارتىشىش قىمار ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلار ئارىلاشمىسا، ئەنئەنە سۈپىتىدە جائىز تەنھەرىكەتتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1442، 13 – رەجەب / م. 2021، 25 – فېۋرال
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 3 – توم، 127 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…