سۈت ئاق ئاقسىلىنى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاقسىل، كالتىسىي تولۇقلاشقا موھتاج بولىدىكەن، ھازىر دىيارىمىزدا «‹ئورفىلەم› ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسە ئىشەنچلىك، مۇسۇلمانلار ئېتىراپ قىلغان» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ماركىدىكى ئاقسىل تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە ‹لاكتالبۇمىن› يەنى، ‹سۈت ئاق ئاقسىلى› بار ئىكەن. بۇنى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ‹ئورفىلەم› (Oriflame) شىركىتى 1967 – يىلى شىۋىتسىيىدە گىرىم بۇيۇملىرى، تېرە ئاسراش ۋە يېمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە بىۋاسىتە سېتىش ئاساسىدا تىجارەت قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇ ‹نوسكىن› (Nuskin) ‹ئامۋاي› (Amway) قاتارلىق مىڭلىغان شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «پەتۋالار مەجمۇئەسى» 1 – تومدا ‹ئامۋاي› ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شىركەتلەرنىڭ ئەزا بولۇپ پىرامىدىسىمان، ياكى شاخلىتىپ، ياكى بىۋاسىتە سېتىش سودا ئۇسۇلى ھەققىدە «ھارام» دەپ پەتۋا بېرىلگەن ئىدى. ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس فەقىھلەر، شۇنداقلا بەزى پەتۋا ئورگانلىرى بىلەن «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرى»مۇ بىۋاسىتە سېتىش، تورسىمان سېتىش، پىرامىدىسىمان سېتىش ۋە شاخلىتىپ سېتىش دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىۋاتقان بۇ خىل سودىنى «بىر خىل نامەلۇملۇق»، «باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش»، «مەۋھۇملۇق ۋە قىمار شەكىللىنىش»، «سودا – سېتىق تەبىئىتىگە، سودا – سېتىقنىڭ يولغا قويۇلۇش ھېكمىتىگە زىت كېلىش» جەھەتتىن «ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق» دەپ قارىغان ۋە «بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەرنى، كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىشنىڭ بىر تۈرى، بۇ، ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ خىلدىكى تىجارەتتە مەقسەت تاۋار سېتىۋېلىشلا ئەمەس» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(1)

شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئەزالىق سودىغا كىرمەسلىك، كىرگەنلەر دەرھال چېكىنىپ چىقىشى ۋە تەۋبە قىلىشى لازىم.

‹ئورفىلەم› (Oriflame) شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىشەنچلىكمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. لېكىن، تەركىبىدە ھارام ماددا بارلىقى ئىسپاتلانمىسا، مەھسۇلات ئۆزى ھالال.

سۈت ئاق ئاقسىلى (لاكتالبۇمىن Lactalbumin) ئادەتتە، كالا سۈتىنى پىشلاققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ئۇيۇغان سۈتتىن ئايرىۋېلىنغان سۈت شىرنىسى سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بۇ سۇيۇقلۇق ساپلىقى يۇقىرى، سۈمۈرۈلۈشى تېز ئاقسىل (Whey protein)، ئۆسۈش ۋە كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ھورمون ۋە ئېنزىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، مۇسكۇل كۈچەيتىش ۋە ياداشنى مەقسەت قىلغان تەنتەربىيەچىلەر، تاماقتىن پەرھىز تۇتقانلار ۋە دىئابېت كېسەللىرىگىلا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئومۇمەن، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ۋە تولۇقلىغۇچى داۋا سۈپىتىدە تەن سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارىلىدىكەن. بۇ جەھەتتىن كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا ھامىلىدارلارغىمۇ ئاقسىل تولۇقلاش ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش جەھەتتىن پايدىلىق بولسا كېرەك.

سۈت ئاقسىلى ئادەتتە، پاراشوك، تابلېتكا ۋە باشقا شەكىلدە ئىشلىنىپ سېتىلماقتا.

بۇ سۈت ئاقسىلى ئادەتتە، كالا سۈتىدىن ياكى قوي، ئۆچكە سۈتلىرىدىن ئايرىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ تەركىبىدە مەسىلە يوق. پەقەتلا چوشقا سۈتىدىن ئىشلەنگەن بولسا ئاندىن تەركىبى جەھەتتىن ھارام بولىدۇ. ھالال سۈتتىن ئايرىۋېلىنغان تەقدىردىمۇ «ئورفىلەم» شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە سودا قىلىش ئۇسۇلى ھارام.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 12 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 11 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 87 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بۇ ھەقتە «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم «ئامۋاي ۋە شۇنىڭدەك بىۋاسىتە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىنى قىلىش» دېگەن 150 – نومۇرلۇق پەتۋاغا قارالسۇن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ مېغىزى مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى   نەشر…

1 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

1 ئاي ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

2 ئاي ago