قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز كىچىكىمىزدىن «قەبر ئازابى بار» دەپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىدۇق، يېقىندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىدىغان ئېقىملار پەيدا بولدى؟ ئۇلارنىڭ دەلىلى «قۇرئاندا ئېنىق ئايەت يوق» دېگەنلىك ئىكەن. راست شۇنداقمۇ ياكى «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە قەبر ئازابىنىڭ دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جىمى ئىنسانلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتى ئوتتۇرىدىكى پاسىل ھايات «بەرزەخ ھاياتى»دا تۇرىدۇ. ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 51). بۇ ھاياتقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولغان «ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش»نىڭ بىر پارچىسىدۇر.

قەبردە ياكى «بەرزەخ ھاياتى» سۈرۈلىدىغان «بەرزەخ ئالەمى»دە سوئال – سوراقنىڭ، ياخشىلار ئۈچۈن ھۇزۇر، يامانلار ئۈچۈن ئازابنىڭ بارلىقى ئايەتلەر، «سەھىھ» ھەدىسلەر، شۇنداقلا ساھابە كىراملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىبتۇر.

بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى بولمىش ئەسرى سائادەتتە ھەممە بىردەك ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئەقىدە بولۇپ، خۇددى قەدىمكى خاۋارىجلارغا ئوخشاش يېقىنقى زامان خاۋارىجلىرى بولغان «قۇرئانچىلار» تائىپىسى «قۇرئان»دا ۋە مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردە ئېنىق ئىسپاتلانغان، پۈتۈن ساھابەلەر بىردەك ئىجماﺋ قىلغان، جىمى ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى بولغان بەرزەخ ھاياتىنى جاھىللارچە ئىنكار قىلغان ۋە بۇ جاھالىتىنى مىللىتىمىزگە تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ئۇرۇنماقتا.

يەنە «ھىزبۇتتەھرىر»(1) جامائىتىمۇ: «قەبر ئازابى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ‹ئەقىدە› ئىسپاتلاشقا بولمايدۇ. بۇنداق دەلىللەرگە تايىنىپ ‹قەبر ئازابى بار› دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار گۇناھكار بولىدۇ» دەپ قارىغان(2).

ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 — 1398 / م. 1909 — 1977): «ھەدىستە كەلگەن قەبر ئازابىغا ئىشىنىش جائىز، لېكىن ئۇنى جەزملەشتۈرۈش ھارامدۇر» دېگەن. بۇ بىر خىل تەناقۇز (زىتلىق) بولۇپ، «ئۇنىڭغا ئىشەنسىمۇ، ئۇنى يالغانغا چىقارسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى كەسكىن جەزملەشتۈرۈپ ئىشىنىش ھارام» دېگەنلىكتۇر. نەتىجىدە ئۇلار قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەقىدە دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن بولىدۇ. بۇ «قەبر ئازابىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ» دەپ قارىغان قەدىمكى بەزىبىر مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا يېقىندۇر(3).

ئەمەلىيەتتە قەبردىكى سوئال – سوراق، قەبر ئازابى ۋە قەبر ھۇزۇرى قاتارلىق بەرزەخ ئالەمىدىكى ئىشلارغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ دەلىللىرى «قۇرئان»، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر، ساھابە كىرام ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىجمائسى ۋە ئەقىل جەھەتتىن جەزم قىلىشقا يېتەرلىك(4).

مەسىلەن، ئاللاھ تائالا فىرئەۋن جەمەتى ھەققىدە: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا سۇنىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «فىرئەۋن جەمەتىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(40/«غافىر»: 46) دېگەن.

بۇ ئايەتتە قەبر ئازابىغا ئۈچ تەرەپتىن دەلىل بار بولۇپ:

بىرىنچىسى، بۇ ئايەت قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ئازاب بارلىقىنى، بۇ ئازابنىڭ قەبرلەردىن تىرىلىپ قوپۇشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە ئېنىق دەلىلدۇر.

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتىكى ئازاب بوشاپ قالمايدىغان، توختاۋسىز، مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي بولاتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئىسپاتلانغان ئازاب دائىم بولماستىن، ئەتىگىنى – ئاخشىمى بولىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىكى ئازاب بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ئايەت (ئاللىبۇرۇن) ئۆلگەنلەر ھەققىدە كەلگەن.

ئۈچىنچىسى، مەزكۇر ئايەت ئىككى ئازابنى ئايرىغان ۋە قىيامەتتىكى ئازابنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى دەپ سۈپەتلىگەن. دوزاخقا ئەتىگىنى – ئاخشىمى سۇنۇلۇش بولسا ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ قىيامەتتىكى ئازاب ئەمەس، بەلكى قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ(5).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خاھلىغىنىنى قىلىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 27).

بۇ ئايەتنىڭ قەبر ئازابى، ھۇزۇرى ۋە سورىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى مۇنداق بايان قىلغان: «مۇئمىن قەبرىسىدە ئولتۇرغۇزۇلغاندا، ئۇنىڭغا (ئىككى پەرىشتە) ئەۋەتىلىدۇ، ئاندىن ئۇ: ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 27) دېگەن سۆزىدۇر». بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتى قەبر ئازابى ھەققىدە نازىل بولغان» دېگەن(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبر ئازابىنى بايان قىلغان، كۆپلىگەن ئالىملار تەرىپىدىن مەزمۇنى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن(7) نۇرغۇن «سەھىھ» ھەدىسلەر بار.

مەسىلەن، قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ:

— سەن ماۋۇ كىشى، يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن بولسا:

— مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:

— دوزاختىكى ئورنۇڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، — دەيدۇ».

قەتادە: «بىزگە ئۇنىڭغا قەبرىسى ئازادە قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان» دەپ يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«شۇنداق قىلىپ ئۇ دوزاختىكى ئورنى بىلەن جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئەمما، مۇناپىق بىلەن كافىرغا:

— سەن ماۋۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ — دېيىلگەندە، ئۇ:

— بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمە دېسە شۇنى دېگەنىدىم، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:

— يا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزۈڭ بىلىۋالمىدىڭ، يا بىلىدىغانلارغا ئەگەشمىدىڭ، — دېيىلىدۇ.

ئاندىن تۆمۈر بازغان بىلەن شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلىدۇكى، ئۇ ئىنسۇجىندىن باشقا يېقىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغۇدەك قاتتىق چىرقىراپ كېتىدۇ»(8).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! قەبر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق فىتنەلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ فىتنەسىدىن ساڭا سىغىنىمەن»(9).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدىكى: بىر يەھۇدىي ئايال بىرنەرسە تىلەپ كېلىپ، ئائىشەگە: ‹ئاللاھ سىزنى قەبر ئازابىدىن ساقلىسۇن› دېگەندە، ئائىشە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

ــ كىشىلەر قەبرلىرىدە ئازابلىنامدۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇنىڭدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن، ــ دېدى(10).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئادەمنىڭ قەبرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹ھەقىقەتەن ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، (لېكىن) چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق› دەپ بولۇپ: ‹ياق، (ھەقىقەتەن بۇ چوڭ گۇناھتۇر.) ئۇلارنىڭ بىرى سۇخەنچىلىك قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى› دېدى.

ئاندىن بىر ھۆل شاخنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ئوشتۇپ ھەربىر قەبرگە بىردىن سانجىپ قويدى، ئاندىن: ‹بۇ شاخلار قۇرۇغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن› دېدى»(11).

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان سەلەف سالىھلەرنىڭ قەبر ئازابى، قەبر ھۇزۇرى ۋە قەبر سورىقىنى ئىسپاتلاشتا بىردەك ئىجماﺋ قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئۇنى رەت قىلىدىغان باشقىچە قاراش كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ بارىدا ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي (ھ. 270 – 324 / م. 883 – 936) ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغاندۇر(12).

دېمەك، قەبر ئازابى ھەدىسلەردىكى مەزمۇن مۇتەۋاتىرلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائسى بىلەن تەۋرەنمەس ئەقىدىگە ئايلانغان. چۈنكى، ساھابە كىراملار ۋەھيى ئارقىلىق ئۇلارغا مەلۇم بولمىغان بىرنەرسىنى ھەممىسى بىردەك دىن دەپ قارىۋالمايدۇ. بۇنى ئۇلاردىن كېيىنكى مۆتىۋەر مۇجتەھىد ۋە مۇھەققىق ئالىملارنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇنكەر بىلەن نەكىرنىڭ(13) قەبردە سوراق سورىشى ھەقتۇر. قەبردە بەندىنىڭ تېنىگە روھنىڭ قايتۇرۇلۇشىمۇ ھەقتۇر. قەبرنىڭ سىقىشى ۋە ئازابى جىمى كافىرلار ۋە بەزى ئاسىي مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھەقتۇر»(14).

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111): «قەبر ئازابىنى شەرىئەتنىڭ كەسكىن دەلىللىرى ئىسپاتلىغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋە ساھابە كىراملاردىن دۇئالىرىدا ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى مۇتەۋاتىر دەرىجىدە كەلگەندۇر ھەم ئۇ مۇمكىن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇمكىنلىكى ئېنىق. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋاجىبتۇر» دېگەن(15).

سابىت داموللام ئابدۇلباقى ئوغلى (ھ. 1300 – 1360 / م. 1883 – 1941) مۇ قەبر ئازابى توغرىسىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دەلىللىرى بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«- 31 سوئال: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پەرىشتە سوئال قىلۇرمۇ؟

جاۋاب: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سوئال قىلۇر. ﴿ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قەتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قەتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى بارمۇ؟» دەيدۇ﴾(40/«غافىر»: 11) ئايەتى ئىسپاتتۇر. ئۆلۈك گۆرگە كۆمۈلگەندە، مۇنكەر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆرگە كىرەدۇرلەر. ئۆلۈكنىڭ ھەممە ئەزاسىغا ياكى يۇقارقى يارىمىغا جان كىرەدۇرلەر. ئۇنىڭغا سوئالنى چۈشەنىپ جاۋابقا قادىر بولغۇدەك دەرەجەدە ئەقىل ۋە ھىس – ئىدراك بەرىلەدۇر. ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكنى ئولتۇرغۇزۇپ، پەرۋەردىگارىڭ كىمدۇر؟ پەيغەمبەرىڭ كىمدۇر؟ ۋە دىنىڭ نەمەدۇر دەپ سوئال قىلۇرلەر. رەببىمىز، بىزلەرنى شاھادەت كەلىمەسىدە مەھكەم قىلغىن.

32 – سوئال: گۆرنىڭ ئازابى كىملەرگەدۇر؟

جاۋاب: گۆرنىڭ ئازابى كافىرلارنىڭ ھەممەسىگە ۋە ئاسىي مۇئمىنلەرنىڭ بەئزىسىگەدۇر. ﴿ئۇلارنى ئىككى قەتىم جەزالەيمىز﴾(9/«تەۋبە»: 9) ئايەتىنىڭ مەناسى كافىرلەرغە دۇنيادا ئۆلۈم بىلەن ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن، ئۆلگەندە قەبرنىڭ ئازابى بىلەن ئازاب قىلامىز دەگەن سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئازابى جەسەت بىلەن جانغەدۇر. گۆرنىڭ راھەتى ۋە نىئمەتى ۋە لەززەتى ھەم ھەق ۋە راستتۇر. ›قەبر ياكى جەننەت باغچەلەرىدىن بىر باغچە، ياكى دەۋزەخ ئازگاللارىدىن بىر ئازگالدۇر‹ ھەدىسى پاكىتتۇر. ئاققان كىشى ياكى كۆيگەن كىشى مۇئمىن بولسا راھەت، لەززەتتەدۇر. ئەگەر كافىر بولسا ياكى پاسىق بولسا ئازابتادۇر»(16).

كونا ۋە يېڭى خاۋارىجلار قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىشتا «ھايات بولمىغان جەسەتنى ئازابلاش، ئۇنى سوراق قىلىش ۋە سوراققا جاۋاب بېرىش مۇھال(17)، چۈنكى بەرزەخ ئالەمى ئۆلۈكلەر ئالەمى بولۇپ، ئۇنىڭدا قايسىبىر شەكىلدە ھاياتلىق ياكى ئىدراك ۋە ياكى تۇيغۇ يوقتۇر. يەنى بۇ ئەقىلگە زىتتۇر» دېگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە قەدىمدىن تارتىپ ئالىملىرىمىز يېتەرلىك جاۋابنى بېرىپ كەلگەندۇر.

ئىمام نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277) مۇ بۇنىڭ مۇھال ئەمەس، بەلكى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ھاياتنى جەسەتنىڭ بىر پارچىسىغا قايتۇرۇپ، ئۇنى ئازابلىشى ئەقىلدە چەكلەنمەيدۇ. ئەقىل ئۇنى چەكلىمىگەندىن كېيىن، شەرىئەت ئۇنى ئىسپاتلىغان ئىكەن، قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىبتۇر» دەيدۇ(18).

ھەقىقەتەن، ئۆلۈككە قايتا ھايات بېرىلىپ، سىرتتىكى ھايات ئىنسانلار ئۇنى كۆرمەيدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغان شەكىلدە سوراققا تارتىلسا، ئازاب ياكى ھۇزۇر ھېس قىلسا، بۇنىڭ ئەقىل جەھەتتىن مۇھاللىق تەرىپى يوق. بۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بەزى ئېغىر كېسەلگە مۇبتىلا بولغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنى كىشى ھېس قىلىۋاتقان ئەلەمنى باشقىلار كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر بەرزەخ ئالەمىدىكى ھاياتنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا بىر ھايات دەيدىكەنمىز، ئۇنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتقا قىياس قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خاتادۇر. بەرزەخ ئالەمىدىكى ھايات بولسا بىزگە غەيب بولغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولغاچقا، ئىلىم – پەن ھەرقانچە ئىلگىرىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى تەجرىبىگە بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئەقىلنىڭ ياكى تەجرىبىنىڭ ئىسپاتلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بەلكى ئۇدۇل ۋەھيىدىن ئېلىنىدىغان ئەقىدە. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ بارىدا مەزمۇنى مۇتەۋاتىر «سەھىھ» ھەدىسلەر كەلگەن ئىكەن، ئەقىلمۇ ئۇنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايدۇ.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك: «قەبر ئازابى ھەقتۇر»(19). ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەرزەخ ۋە قەبر ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگۈچى زاتتۇر. بىز ئۇنىڭدا روھقا قانچىلىك، تەنگە قانچىلىك ئازاب ياكى ھۇزۇر بولىدۇ؟! بۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيمىز. پەقەت سالىھ ئەمەللەرنى قىلىپ، شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى ۋە جىمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى بىلىمىز.

ئى ئاللاھ! گۆر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، تىرىكلىك بىلەن ئۆلۈم فىتنەلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمىز. قەبرلىرىمىزنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن قىلغىن، بىزنى دوزاختىن ساقلىغىن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 4 – جامادىيەلئاخىر / م. 2021، 17 – يانۋار

 


1. ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي (حزب التحرير الإسلامي/Hizb ut-Tahrir): سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 – 1398 / م. 1909 – 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 – يىلى قۇرۇلغان. ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايىنىپ ئىسلام خەلىفىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ. پارتىيە تارىختا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن «توغرا يولدىن چەتنىگەن» دەپ قارىلىپ تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش… قاتارلىقلار. شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار. قاراڭ: «ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﺎ. ﻗ.»، 683 – بەت؛ «پەلەستىن ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1 – ج، 564 – بەت.
2. تەقىييۇددىن نەبھانىي: «ئەددەۋسىييە»، ھىزبۇتتەھرىر ئىچكى ماتېرىيالى، 3 – 6 – بەتلەر. ھ. 1384 شەئبان / م. 1964 دېكابىر.
3. قازى ئابدۇلجاببار (ھ. 359 – 415 / م. 969 – 1025) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇئتەزىلەلەر بۇ مەسىلىدە ئىككى گۇرۇھتۇر: بىرى، ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە مۇمكىن ئىش دەپ قارايدىغانلار؛ يەنە بىرى، كېسىپ ئېتىقاد قىلىدىغانلار. بىزنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپ بولغاچقا بۇنى كېسىپ ئېتىقاد قىلىدۇ»: قاراڭ: «فضل الاعتزال وطبقات المعتزلة»، 201 – بەت.
4. تېخىمۇ كەڭ دەلىل ۋە تەپسىلىي مۇلاھىزىلەر ئۈچۈن قاراڭ: «‹قۇرئانچىلار› كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر – قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش»، «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى».
5. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئىئتىقاد»، 182 – بەت؛ ئامىدىي: «ئەبكارۇل ئەفكار»، 4 – ج، 335 – بەت، ئىبنۇلقەييىم: «ئەررۇھ»، 75 – بەت؛ ئىبنى ئەبۇلئىز ئەلھەنەفىي: «ئەقىدە تاھاۋىييە شەرھى»، 261 – بەت؛ ئىيجىي: «ئەلمەۋاقىف»، 3 – ج، 517 – بەت. تافتازانىي: «شەرھۇل مەقاسىد فى ئىلمىل كالام»، 5 – ج، 111 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1369)؛ مۇسلىم (2871).
7. جۇۋەينىي: «ئەلئىرشاد»، 374 – بەت؛ غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت؛ ئەسفەرايىينىي: «ئەتتبسيرۇ فىددىن»، 52 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئەررۇھ»، 52 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 3 – ج، 145 – بەت؛ ئىبنى ئەبۇلئىز ئەلھەنەفىي: «ئەقىدە تاھاۋىييە شەرھى»، 263 – بەت؛ ئىبنى رەجەب: «ئەھۋالۇل قۇبۇر»، 81 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 12 – ج، 465؛ شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 2 – ج، 335 – بەت؛ سۇيۇتىي: «شەرھۇسسۇدۇر»، 121 – بەت؛ ئەلكەشمىيرىي: «ئەلئەرفۇششەزىي»، 2 – ج، 450 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1374)؛ مۇسلىم (2870).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1377)؛ مۇسلىم (588).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1055)؛ مۇسلىم (903).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1378)؛ مۇسلىم (292).
12. ئىمام ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلۇددىيانە»، 14 -، 247 – بەتلەر؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 4 – ج، 262 – بەت.
13. مۇنكەر ۋە نەكىر (مُنْكَرٌ وَنَكِيرٌ): كۆرۈمسىز ئىككى مالائىكە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىستە: «مېيىت قەبرگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى مالائىكە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ»(«تىرمىزىي»، 1071) دەپ كەلگەن. قاراڭ: «ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﺎ. ﻗ.»، 1636 – بەت.
14. موللا ئەلى قارىي: «مەنھۇررەۋزۇل ئەزھەر (ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەلفىقھۇل ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ شەرھى)»، 292 – بەت.
15. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت.
16. سابىت داموللا ئابدۇلباقى ئوغلى: «ئەقائىد جەۋھەرىييە»، 18 – بەت. 31 -، 32 – سوئاللار.
17. مۇھال (المُحَالُ): «رېئاللىقتا مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش». مەسىلەن، ھەرىكەت بىلەن جىملىقنىڭ بىرنەرسىدە تەڭ جەملىشىشى. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 262 – بەت؛ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619 – بەت.
18. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9 – ج، 247 – بەت.
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1372)؛ مۇسلىم (903).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago