سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، ئۇستاز! مەن ئىچكىرىدە ئۇقۇۋاتقان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئۆگەنگەنلىرىمنى پۇختىلاش ھەم ئازراق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىدە، كافىر بىر قىزغا تەبىئىي پەندىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىۋاتقان ئىدىم، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئوقۇتىدىغان پەنلەر ئەقىدىگە زىت بولمىسا، نامەھرەم بىلەن خالىي يەردە بىللە ئولتۇرۇش بولمىسا، ئۆزىنى خورلاش بولمىسا، پەرز ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا تاقاشمىسا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىڭىز ئىختىيارىڭىزدىكى مۇباھ ئىشتۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر يەھۇدىيغا ياللىنىپ ئىشلەپ، بىر چېلەك سۇنى بىر تال خورمىغا تارتىپ بەرگەن.(1)
ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇستاز بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىسلامنى يەتكۈزۈپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش نىيىتى بىلەن ئوقۇتسىڭىز، ھەم ئىقتىسادىي، ئىلمىي پايدىغا، ھەم ساۋابقا ئېرىشىسىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 1 – رامازان/ م. 2012، 20 – ئىيۇل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 83 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «تىرمىزىي»، (2473)؛ «ئىبنى ماجە»، (2446)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (11429، 11430). بۇ ھەدىسنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە زەئىفلىك بولسىمۇ ئىمام ئىبنى ھەجەر ئىمام ئەھمەد رىۋايەتىنى: «سەنەدىنى ياخشى» دېگەن. ئىبنى ماجە رىۋايەتىنى ئىبنى سەكەن: «سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 3/61.