ھايۋانلارنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھايۋانلارغا ئۇرۇق سالسا بولامدۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتا كالىغا ئۇرۇق سېلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا نەسىللەندۈرىدۇ، ئانچە – مۇنچە قويلارنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق بولىدىغاندۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
كالا ۋە قويلارنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش مۇباھ. لېكىن، ئۇرۇقلاندۇرۇش جەريانىدا ئۇرۇقلارنىڭ يورۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە، گۆشى ۋە سۈتى ئىنسانغا زىيانلىق بولۇپ قالىدىغان، ھايۋانلارنىڭ سورتىغا، نەسلىگە زىيىنى بولىدىغان بولسا، بۇ زىياننىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ھۆكۈم ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇ زىياننى مال دوختۇرلىرى ۋە بىئولوگلار مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
مال دوختۇرى بۇ ئىشقا ئىش ھەققى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھەدىستە چەكلەنگەن دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، ھەدىستە چەكلەنگىنى ئەركەك ھايۋاننى ساغلىققا چاپتۇرۇپ بەرگەنگە ھەق ئېلىشتۇر. ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەركەك ھايۋاننى چىشىغا چاپتۇرۇشتىن تاپقان پۇلنى چەكلىگەن.(1)
ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىشىنى قىلىدىغان مال دوختۇرى ئايلىق مائاشقا ئىشلەيدىغان بولسا، بۇ ئىشنى قىلىشىدا ۋە بۇ ئىشتىن ئالغان مائاشىدا مەسىلە يوق. مائاشقا ئىشلىمەيدىغان بولسا، مالنى بوغاز قىلىشقا دەپ پۈتۈشمەي، بوغاز بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ، بىر قېتىملىق ئۇرۇقلاندۇرۇش مۇنچە پۇل دەپ باھا بېكىتىشى لازىم. چۈنكى، مال بەزىدە بىر قېتىمدىلا، يەنە بەزىدە بىرنەچچە قېتىمدا بوغاز بولۇشى مۇمكىن، بىز قاچان بوغاز بولۇشىنى بىلمەيمىز. شۇڭا، بوغاز قىلىشقا دەپ پۈتۈشسە، بۇ توختام نامەلۇم ئىشقا ياللاش ياكى نامەلۇم ئىشقا ھەق بېكىتىش بولۇپ قالىدۇ.
ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى سېتىشمۇ جائىز. شۇنداقلا مال ئىگىلىرىگە ۋە دوختۇرلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، يەنە سۈت ۋە ياكى باشقا ئېھتىياج تۈپەيلى چىشى ھايۋانلارنىڭ بوغاز بولۇش ۋاقتىنى بىر ۋاقىتقا ئۇدۇللاش ئۈچۈن چارە كۆرۈشمۇ جائىز.(2)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 7 – شەئبان / م. 2015، 25 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 82- نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (2284).
2. «الفتاوى الشرعية في المسائل العصرية من فتاوى علماء البلد الحرام»، ص 1168. وفتوى الشيخ عبد المحسن العبيكان في موقعه الرسمي.
(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760) 18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…