بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىرەيلەن تۈگەپ كېتىپ كەينىدە ئايالى بىلەن ئىككى قىزى قالغان. يەنە (ئاتا – ئانا بىر) بىر سىڭلىسى بىلەن ئاتا بىر، ئانا باشقا بىر ئىنىسى بار. يەنە ئانا تەرەپتىن بىر ھاممىسى بار. ھازىر ھاياتتىمۇ ئېنىق مەلۇم ئەمەس. يەنە ئاتىسى بېقىۋالغان بىر ئۆگەي ئاكىسى بار. شەرىئەتتە بۇلارغا مىراس قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ قەرزلىرى ئادا قىلىنىپ، ۋەسىيەتلىرى بولسا پۈتۈن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمىغان مىقداردا ئورۇندىلىدۇ. مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەش ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن قالغىنى مىراس بولىدۇ.

باشقا مىراسخور يوقلۇقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

1) ئىككى قىزى. نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك تۈپەيلى، باشقا ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغاچقا، ئۇلارغا پۈتۈن مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ئۈلۈشى تېگىدۇ.. ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇل بالىغا ئىككى قىزنىڭ نېسىۋىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ئوغۇللىرى بولماي) ئىككىدىن كۆپ قىزى بولسا، ئۇلارغا ئاتىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 11).

2) ئايالى. نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك تۈپەيلى، ئۇنىڭغا پۈتۈن مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئەگەر بالىلىرىڭلار بولسا، ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر ئۈلۈشى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 12).

3) مېيىتنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى. پۈتۈن مىراسنىڭ يۇقىرىقىلاردىن ئاشقان قىسمىنى ئالىدۇ. چۈنكى، مېيىتنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى مېيىتنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئاسىبقا ئايلىنىپ، مېيىتنىڭ قىزلىرى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللاردا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئېشىپ قالغىنى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغان(1).

4) دادا بىر، ئانا باشقا بىر قېرىندىشى. ئۇنىڭغا مىراس تەگمەيدۇ. چۈنكى، بىر تۇغقان ھەمشىرىسى مېيىتنىڭ قىزى بىلەن ئاسىب بولغاندا، بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، دادا بىر، ئانا باشقا قېرىندىشىنى مىراس ئېلشتىن توسۇپ قويىدۇ.

تەقسىمات قولاي بولۇشى ئۈچۈن پۈتۈن مىراس 24 ئۈلۈشكە بۆلۈنسە:

ئايالى: 3 ئۈلۈش ئالىدۇ.

ئىككى قىزى: ھەربىرى 8 ئۈلۈشتىن 16 ئۈلۈش ئالىدۇ.

ھەمشىرىسى: قالغان 5 ئۈلۈشنى ئالىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۆگەي ئاكىسى مېيىتنىڭ مىراسخورلىرى قاتارىدىن بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا مىراس تەگمەيدۇ. يەنە مېيىتنىڭ ئانا تەرەپ ھاممىسى (خالە) ھايات بولسۇن ياكى بولمىسۇن بەرىبىر. چۈنكى، يۇقىرىقى پەرز ئىگىلىرى ۋە ئەسەبە بولمىش مىراسخورلار بار ئەھۋالدا «زەۋىلئەرھام» قاتارىدىن سانىلىدىغان ئانا تەرەپ ھاممىسىغا مىراس تەگمەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 25 – مۇھەررەم / م. 2020، 13 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 3 – توم، 80 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بۇخارىي (6736).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago