سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر دىيارىمىزدا ئېتىزدىكى ياكى ماشىنا، ھارۋىلاردىكى مېۋە – چېۋە، قوغۇن – تاۋۇزلارنى تارازىلىماي توپ سېتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ سودىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كەمچەنلەپ ياكى تارازىلاپ، ياكى ساناپ، ياكى ئۆلچەپ سېتىلىدىغان ھوسۇل ياكى تاۋارنى، كەمچەنلىمەستىن ياكى تارازىلىماستىن ياكى سانىماستىن توپ سېتىش كۆز مۆلچەرى بىلەن قارىسىغا سېتىش دەپ ئاتىلىدۇ.(1)

ئەسلىدە سودا – سېتىقنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن، ھوسۇل ياكى تاۋارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى مەلۇم بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. لېكىن، ھەممە جەھەتتىن مەلۇم بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. پەقەتلا تالاش – تارتىش كەلتۈرمەيدىغان نامەلۇملۇققا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئادەتتە، كۆز مۆلچەرى بىلەن قارىسىغا سېتىشتا، ھوسۇل ياكى تاۋارنىڭ كىلو ياكى سان مىقدارى مەلۇم بولمىسىمۇ، تەجرىبە ۋە ئادەت بويىچە، ئومۇم مىقدارى بىلەن سۈپىتى مۆلچەرلىنىدۇ. شۇڭا، سودا – مۇئامىلىدە قولاي بولۇش ئۈچۈن، شەرىئەت بۇنداق شەكىلدە سودا قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن ئاشلىقنى كۆز تەخمىنى بىلەن (كەمچەنلىمەي) سېتىۋېلىپ، ئۆز تۇرالغۇلىرىغا يۆتكىمەي تۇرۇپ ساتقان كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئۇرۇپ جازالانغانلىقىنى كۆرگەنمەن.(2)

يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاشلىق سېتىۋالىدىكەن، ئۇنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ساتمىسۇن» دېگەن. بىز ئاشلىقنى كارۋانلاردىن كۆز تەخمىنى بىلەن (كەمچەنلىمەي) سېتىۋالاتتۇق. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئاشلىقنى ئۆز جايىدىن يۆتكىمەي تۇرۇپ سېتىشنى چەكلىدى.(3)

يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاشلىقنى كۆز تەخمىنى بىلەن (كەمچەنلىمەي) سېتىۋېلىپ، بالىچاقىلىرىغا كۆتۈرۈپ باراتتى.(4)

ئىمام نەۋەۋىي بىلەن ئىمام ئىبنى ھەجەرلەر: «بۇ ھەدىستە ساتقۇچى مىقدارىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، بىر دۆۋە ئاشلىقنى كۆز تەخمىنى بىلەن (كەمچەنلىمەي) ساتسا جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار» دېگەن.(5)

دېمەك، ساھابە – كىراملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا كۆز تەخمىنى بىلەن (كەمچەنلىمەي) سودا قىلىشقان. ئالىملار بۇنىڭ جائىزلىقىغا ئاساسەن ئىتتىپاق. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ سەھىھرەكىدە مەكرۇھ دەپ قارىغان. ئىمام مالىك بۇ سودىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت قويغان. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق.(6)

مەسىلەن، بىر دۆۋە ئاشلىق ياكى مېۋە – چېۋىنى، تارازىلىماي ياكى سانىماي تۇرۇپلا تۇرقىغا قاراپ ساتسا بولىدۇ. بىر توپ چارۋىنى سانىمايلا، تۇرقىغا قاراپ ساتسا بولىدۇ. بىر پارچە زېمىننى كۆلىمىنى ئۆلچىمەيلا تۇرقىغا قاراپ ساتسا بولىدۇ. بىر پارچە رەختنى مېتىرلىمايلا تۇرقىغا قاراپ ساتسا بولىدۇ. بىر توپ دەرەخنى سانىمايلا تۇرقىغا قاراپ ساتسا بولىدۇ.

بۇنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ مۇھىم شەرتى، تاۋارنى كۆرۈشتۇر. كۆرمىسە جائىز بولمايدۇ. ئەگەر ساتقۇچى تاۋارنىڭ سانىنى ياكى كىلوسىنى ياكى كەمچىنىنى ئېنىق بىلىدىغان بولسا، قارىسىغا سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارغا دەپ قويغىنى تۈزۈك، بولمىسا خېرىدارنى گوللىغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 25 – شەۋۋال/ م. 2012، 9 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 81 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 9/72.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2137)؛ «مۇسلىم»، (1527).
3. «مۇسلىم»، (1526).
4. «مۇسلىم»، (1527).
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/351؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/169.
6. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/169؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/326؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/97.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago