بوغۇزلانغان ئۆچكىنى سويماي تۇرۇپ ئىچ قارنى بىلەن سېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆچكىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە بوغۇزلاپ، قېنىنى ئاققۇزۇپ بولۇپلا، ئىچ قارنىنى تازىلىماي، قايناق سۇغا بېسىپ، تۈكلىرىنى يۇڭدىۋېتىپ، پۈتۈن ھالەتتىلا ساتىدىغان بىر ئىش چىقىپ قالدى. ئۆچكىنى مۇشۇنداق ھالەتتە ساتساق بولامدۇ؟ ئۇنىڭ گۆشىچۇ، ھالال بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى تارمىقى بار:

1. شەرئى بوغۇزلىنىپ بولۇپ، تېخى سويۇلمىغان ھايۋاننى سېتىش مەسىلىسى.

2. سويۇلمىغان ھايۋاننى قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭداپ سېتىش مەسىلىسى.

بىرىنچى مەسىلىمۇ بىرنەچچە ئەھۋالغا ئايرىلىدۇ. گۆشىنىلا سېتىش، تېرىسىنىلا سېتىش ياكى گۆشى بىلەن تېرىسىنى بىللە سېتىش.

بۇ، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا شەرئىي بوغۇزلىنىپ بولۇپ، تېخى سويۇلمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىلا ساتسا جائىز بولمايدۇ. لېكىن، سېتىۋالغۇچى مالنى سويۇپ تېرىسىنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىۋەتسە، بۇ سودا توغرا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، شەرئىي بوغۇزلىنىپ بولۇپ، تېخى سويۇلمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىلا سېتىۋەتسە جائىز بولۇشى كېرەك.(1)

مالىكىي مەزھەب قارىشىدا سويماي تۇرۇپ تېرىسى بىلەن تۇرقىنى ساتسا، جائىز بولىدۇ. ئەمما، تارازىلاپ گۆشىنىلا سودىلىشىپ ساتسا جائىز بولمايدۇ.(2)

شافىئىي مەزھەب قارىشىدا بوغۇزلانغان ھايۋاننى سويۇشتىن بۇرۇن سېتىش جائىز بولمايدۇ. تېرىسىنىلا ساتسۇن، ياكى گۆشىنىلا ساتسۇن، ياكى ھەر ئىككىسىنى ساتسۇن ئوخشاشلا جائىز ئەمەس.(3)

ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا بوغۇزلانغان ھايۋاننى سويمايلا گۆشىنىلا سېتىش، تېرىسى بىلەن سېتىش، شۇنداقلا يالغۇز تېرىسىنىلا سېتىشمۇ جائىز بولىدۇ.(4)

زاھىرىي مەزھەب قارىشىدىمۇ سويماي تۇرۇپ گۆشىنىلا سېتىشقا بولمايدۇ. تېرىسى بىلەن بىللە ساتسا بولىدۇ.(5)

بۇ مەسىلىدە جائىز بولمايدۇ دەپ قارىغانلار ئاساسەن گۆشنىڭ مىقدارى نامەلۇم دەپ تۇرىۋالىدۇ. لېكىن، تىرىك قوينى تۇرقى بىلەن ياكى تارازىلاپ ساتقان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا بۇنچىلىك نامەلۇملۇق بار. شۇڭا، قىياس جەھەتتىن جائىز دېگەن قاراش جانلىقراق.

شەرئىي بوغۇزلىنىپ بولۇپ، تېخى سويۇلمىغان ھايۋاننى قايناق سۇغا بېسىپ، يۇڭداپ سېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، قايناق سۇغا باسقان ئەھۋالدا، مالنىڭ ئىچىدىكى ۋە تېرىسىدىكى نىجاسەت گۆشكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. گەرچە سودا جائىز بولسىمۇ، گۆش مەينەتلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى جەھەتتىن گۆشنى مەكرۇھ قىلىۋېتىشى، نەتىجىدە سودىنىمۇ مەكرۇھ قىلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا، قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭداپ سېتىشقا بولمايدۇ دېگەن قاراشقا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1434، 1 – زۇلھەججە / م. 2013، 6 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 80 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 5/330.
2. ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 4/279.
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/283.
4. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 4/308.
5. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 8/394.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

5 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago