قىز – ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئەتىر ئىشلىتىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قىز – ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئەتىر ئىشلىتىشىگە شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قىز – ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن گىرىم قىلىپ ۋە ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشى سەھىھ ھەدىسلەردە چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر ئايال كىشى پۇرىقىنى پۇرىتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ، بىر جامائەت ئارىسىدىن ئۆتسە، ئۇ ئايال زىنا قىلغۇچى بولىدۇ، قارىغان كۆزلەرمۇ زىنا قىلغۇچى بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە: «ھەربىر كۆز (ھارام نەرسىلەرگە قاراش بىلەن) زىنا قىلىدۇ. ئەگەر خاتۇن كىشى ئەتىر ئىشلىتىپ، ئەرلەر تۇرغان جايدىن ئۆتسە، (بۇ ھالدا) ئۇ زىنا قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن(1).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «يولدا بىر خاتۇن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. كۆڭلىكىنى يەرگە سۆرەپ توپا توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ۋۇجۇدىدىن ئەتىر پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەسجىدتىن كېلىۋاتامسىز؟ — دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:

— ھەئە، — دېدى. مەن:

— مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئەتىر ئىشلەتتىڭىزمۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ يەنە:

— ھەئە، — دېدى. مەن:

— ھۆرمەتلىك دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق نەرسە ئىشلەتكەن ئايال خۇددى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنغاندەك يۇيۇنمىغۇچە نامىزى قوبۇل بولمايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، — دېدىم»(2).

ھىرات ئالىملىرىدىن تونۇلغان ھەنەفىي فەقىھ، مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە قىرائەت ئالىمى موللا ئەلى قارىي (ئۆ: ھ. 1014 / م. 1606) مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ: «پۈتۈن بەدىنىنى خۇشبۇيلىغان بولسا خۇشپۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇشى كېرەك، ئەمما بىرەر ئەزاسىنى خۇشبۇيلىغان بولسا، شۇ يەرنىلا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. بەزى ئالىملار: «ھەدىسنىڭ زاھىرى ھەر ئىككى ئەھۋالدا يۇيۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغان(3). بۇنىڭغا ئاساسەن، كىيىملىرىگە ئەتىر چاچقان بولسا، سىرتقا چىقماقچى بولغاندا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى كېرەك.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا: «قايسىبىرىڭلار مەسجىدكە بارسا خۇشبۇي ئىشلەتمىسۇن» دېگەن(4). يەنە: «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار» دېگەن(5). بۇ ھەدىسنىڭ ئەبۇ داۋۇد رىۋايەتىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنۇلارنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان: «لېكىن، ئۇلار (مەسجىدلەرگە) خۇشبۇي ئىشلەتمىگەن ھالدا چىقسۇن»(6). كېچىسى كوچىلاردا ئادەم ئاز بولغاچقا، كېچە قاراڭغۇلۇقى تېخىمۇ يامان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە: «قانداق بىر ئايال خۇشبۇي ئىشلەتكەن بولسا بىز بىلەن بىللە خۇپتەنگە قاتناشمىسۇن» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن(7).

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارنى سىرتقا ئەتىر ئىشلىتىپ چىقىشىنى چەكلىشىدىكى ھېكمەت ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق بولۇپ، بۇ مەسجىدكە چىقىشتا بولسۇن ياكى باشقا جايلارغا چىقىشتا بولسۇن ئوخشاشلا چەكلەنگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ھەدىسلەردە سىرتقا چىقىشتا «ئەرلەر پۇرىسۇن» ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ چىققان ئايال «زىناخور» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، بۇ توغرا سۈپەتلەشتۇر. چۈنكى، ئاياللارنىڭ سىرتقا ئەتىر چېچىپ چىقىشى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، شەھۋىتىنى قوزغايدىغان قىلمىش بولۇپ، ئەتىرنى پۇرىغان ئەر ئۇ ئايالغا قارايدۇ. قاراشنى شەھۋەت بىلەن داۋاملاشتۇرسا كۆز بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. دېمەك، ئۇ ئايال ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىگە قاراتقان ۋە كۆز زىناسىغا سەۋەب بولغاندۇر. ھەتتا، پېئىلىي زىناغىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئىمام مۇناۋىي مۇنداق دەيدۇ: «(ئايال كىشى) پۇرىتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئەتىرنى راسا چېچىپ، بىر جامائەت ئارىسىدىن ئۆتسە، گەرچە بۇ قىلمىش ھەقىقىي زىنادىن پەرقلىق بولسىمۇ، گۇناھكار بولۇشتا ئۇ ئايال زىناخورغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى، زىنانىڭ سەۋەبىنى قىلغۇچى ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان زىنانى قىلغانغا ئوخشاشتۇر. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشى ھەدىسلەردە زىنانىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە مۇقەددىمەسى بولغان ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغانلىقى يۈزىسىدىن زىناغا ئوخشىتىلغان. بۇ ئاشۇرۇپ قورقۇتۇش ۋە چىڭىتىش ئۈچۈندۇر»(8).

ھەدىسلەردىكى زىناخورغا ئوخشىتىش ھۆكمى ئەتىر چېچىپ چىققان ئايالنىڭ نىيىتىگە باغلىق بولۇپ، ئەتەي ئەر زاتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۇ ئايالنىڭ ئىچىدە زىناغا مەيلى بارلىقىنى، تەلەپنى رەت قىلمايدىغان خاھىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ زىناغا قەدەم ئالغانلىقى ۋە تەييارلانغانلىق قىلمىشى زىناخور ھۆكمىنى بېرىشكە لايىق بولغان(9).

خۇشبۇي پۇراش، نازۇكەرەشمە ۋە جىلۋە قىلىش كەبى قىلىقلار بىلەن يات ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بۇزۇق ئاياللارنىڭ ئىشىدۇر. قۇرئان كەرىم بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنى ئېنىق چەكلىگەن. ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، فەرجلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن. زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30، 31)، ﴿نازلىنىپ سۆزلىمەڭلار، چۈنكى كۆڭلىدە نىفاق بار ئادەم تەمەدە بولۇپ قالىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 32) دېگەن.

بۇ ئايەتلەردىكى تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە زىنادىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر ھەدىسلەردىكى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ چىقماسلىق كۆرسەتمىسى بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ.

بۇلارنى ئاڭلىغان ھەقىقىي مۇسلىمە ئۇشبۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە باشقا گەپ يورغىلىتىشقا ھاجەت قالمايدۇ.

دېمەك، مەزكۇر قىلىقلار ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى يامان نىيەتنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوخشىتىشىمۇ بۇ قىلىقلار زىناغا تەشۋىق قىلىش بولغانلىقتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلغان ئاياللارنىڭ قامچىلىنىش ياكى تاش بوران قىلىنىش بىلەن جازالىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى بۇنىڭ ھەقىقىي زىنادىن تۆۋەن دەرىجىدىكى زىنا ئىكەنلىكىنى، زىناغا ئېلىنغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا شۇنداق يامان نىيەتتە بولماي، پاكىزلىق ۋە بەتبۇيدىن يىراق بولۇشنى كۆزلەپ ئەتىر ئىشلىتىپ سىرتقا چىقسىچۇ؟ بۇمۇ گەرچە ئۇ يامان نىيەت يوق بولسىمۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېلىپ چىقىدىغانلىقى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ. بۇنى بەزى ئالىملار يۇقىرىقىدەك چوڭ گۇناھ قاتارىدا بولمىسىمۇ ھارام قىلمىشتۇر، دېسە، بەزىلىرى: «مەكرۇھ» دەيدۇ. قاراشلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرساق، يات ئەرلەرگە ئۇچرىشى چوڭ ئېھتىمال بولغان ئەھۋالدا «ھارام» دېيىلسە، ئېھتىماللىق ئاز بولسا «مەكرۇھ» دېيىش مۇناسىپتۇر(10).

دېمەك، بۇ يەردىكى چەكلىنىش سەۋەبى يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشتۇر. ئەگەر ئاياللارلا يىغىلىدىغان سورۇن بولسا ياكى يات ئەرلەر پۇرىمايدىغان ئەھۋال بولسا چەكلەنمەيدۇ.

بۇنىڭدىن تەر ھىدى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قولتۇق ۋە باشقا جايلارغا دېئودورانت (قولتۇق ئەتىرى) ئىشلىتىپ سىرتقا چىقىشنىڭ جائىزلىقى، ھەتتا مۇستەھەبلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەلۋەتتە تەر پۇرىقىنى يوقاتقۇچى خۇشبۇينىڭ پۇرىقى ئەتىر دائىرىسىگە كىرمەيدىغان دەرىجىدە ياكى كىيىم سىرتىغا چىقمايدىغان بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىپ يۇيۇنماقچى بولغان ئاياللارنى ھەيز كەلگەن ئورۇنغا مۇشكى ئەنبەر ئىشلىتىشكە بۇيرۇغانلىقىمۇ(11) بۇنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ مۇشكى – ئەنبەر پۇرىقى كىيىم ئىچىدە قالىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە مەككەگە چىققىنىمىزدا، پېشانىلىرىمىزغا مۇشكى ئەنبەر سۈركىۋالاتتۇق. تەرلەپ كەتكىنىمىزدە، يۈزىمىزگە ساقىپ چۈشەتتى. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرەتتىيۇ، بىزنى توسمايتتى»(12). بۇمۇ ئەرلەر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمايدىغان شارائىتلاردا بولۇپ، ئاياللار كاجۋىلاردا ماڭاتتى. شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت ئىھرام باغلىغان ھالەتتە ھىجازنىڭ ئىسسىقىدا تەرلەپ تۇرىدىغان، يۇيۇنۇش ناقولاي بولغان ھالەتلەردە شۇنداق بولغان ھەم بۇ بەدەنگە ئىشلىتىلگەن خۇشبۇي بولۇپ، تەر پۇرىقىنى ۋە غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش مەقسىتىدە سۈرۈلگەچكە، كىيىمگە ئىشلەتمىگەن.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ھازا تۇتۇشى كېرەك. ئەمما، ئاتىسى، بالىسى ياكى ئاكا – ئۇكىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ ئۈچ كېچە – كۈندۈزدىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى توغرا ئەمەس. مانا بۇ ئىددەت ۋە قارىلىق جەريانىدا ياسىنىش ئۈچۈن ئەتىر ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىمى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سۇفيان بىلەن جەھشنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئەتىر ئىشلەتكەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئەتىر ئىشلەتكۈم يوق. بىراق، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ ئۆز ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقىنىدىن باشقا، ھەرقانداق مېيىتكە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم»(13).

بۇ ھەدىس ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا تۆت ئاي ئون كۈن، يېقىن تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا ئۈچ كېچە – كۈندۈز ياسىنىپ، پەردازلىنىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىقى ئەھكاملارنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

1) ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىش ھارام؛

2) ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش نىيەت بولمىسا، ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىش بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھارام، بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە مەكرۇھ؛

3) يات ئەرلەر پۇرىمايدىغان، پەقەت مەھرەملىرى ياكى ئاياللارلا پۇرايدىغان شارائىتتا ئەتىر ئىشلىتىش مۇباھ؛

4) تەر ۋە غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بەدەنگە پۇراق يوقاتقۇچى ئىشلىتىش مۇباھ بولۇپلا قالماي مۇستەھەب؛

5) ھازىدار ئاياللارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشى ھارام؛

6) ئىھرام باغلىغاندا ئەتىر ئىشلىتىش ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ھارام. ئەمما، ئىھرام باغلاشتىن بۇرۇن بەدەنگە ئەتىر سۈرتۈۋېلىش، گەرچە ئۇنىڭ تەسىرى ئىھرام باغلىغان چاغلاردا يوقاپ كەتمىسىمۇ، ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ (يات ئەرلەر بىلەن دوقۇرۇشۇش بولمىغان ئەھۋالدا) سۈننەت؛

7) ئەتىر چاچقان ھالەتتە ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىدا مەسىلە يوق. ئەمما، سىرتقا چىقىپ ئوقۇماقچى بولسا، ئەتىر پۇرىقىنى يوقىتىپ چىقىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 12 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2020، 27 – نويابىر


1. ئەھمەد (19726). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ياخشى» دېگەن. تىرمىزىي (2786). تىرمىزىي ۋە ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 84) «سەھىھ» دېگەن.
2. ئەبۇ داۋۇد (4174). ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 138 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 9 – ج، 1193 – بەت.
4. مۇسلىم (980).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (900)؛ مۇسلىم (442).
6. ئەبۇ داۋۇد (565). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. مۇسلىم (981).
8. مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىر»، 5 – ج، 35 – بەت.
9. ئەتىييە سەقر: «موسوعة الأسرة تحت رعاية الإسلام»، 2 – ج، 245 – بەت.
10. ئىبنى رۇشد: «ئەلبايان ۋەتتەھسىل»، 17 – ج، 625 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەززەۋاجىر»، 2 – ج، 329 – بەت.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (314)؛ مۇسلىم (332).
12. ئەبۇ داۋۇد (1830). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5334)؛ مۇسلىم (1486).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago