قاش تېرىش ۋە يۈزدىكى مويلارنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار توغرىسىدا سورايدىغان ئىككى سوئالىم بار ئىدى.

1) ئاياللار ياۋا قاشلىرىمىزنى تېرىۋەتسەك، قاشقا خېنە قاتارلىق ئۇزاقراق تۇرىدىغان (چەكتۈرۈش ئەمەس) نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ گۈزەللەشتۈرسەك بولامدۇ؟

2) يۈز ۋە بەدەندىكى مويلارنى پاكىزلىق تەرەپتىن ئېلىۋەتسەك بولامدۇ؟ باشقا ئەللەردىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلىرىمنىڭ قاشلىرىنى تېرىپ ياسىنىۋاتقىنىنى كۆردۈم، شۇڭا دىنىمىزدا بۇ ئىشنى قىلىش دۇرۇسمىدۇ؟ دەپ تېڭىرقاپ سىلىدىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرغۇم كەلدى. كۆپ رەھمەت سىلىگە! ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنسانلارنى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ فىترىتىگە ۋە تۇغما تەبىئىتىگە گۈزەللىكنى سۆيۈشنى سىڭدۈرۈۋەتكەن. مۇئمىن بەندىلىرىگە بولسا تەقى – تۇرقىدا، كىيىنىشىدە ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىشنى شەرىئەت چەك – چېگراسى دائىرىسىدە مۇباھ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەرقېتىم ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا زىننەتلىنىڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 31) دەپ بۇيرۇغان. ھالال زىننەتلىنىشنى ھارام قىلىۋەتكەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلەپ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇزىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»!﴾(7/«ئەئراف»: 32) دېگەن. يەنە بەزى مەخلۇقاتلارنى ئىنسانلارغا زىننەت ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(1). مانا بۇ دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي كۆرسەتمىسىدۇر.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىبىر ياسىنىش ۋە پەردازلىنىش ئۇسۇللىرى شەرىئەت بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك جەھەتتىن چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە بىزگە كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغاچقا، قاش ۋە بەدەندىكى مويلارنى تازىلاش ئارقىلىق ياسىنىش ۋە پەرداز قىلىشتىكى چەكلەنگەن ۋە چەكلەنمىگەن تۈرلەرنى تۆۋەندە بىر – بىرلەپ بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1) قاش تېرىشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە قاش تەرگەن ۋە تەرگۈزگەنلەرگە لەنەت قىلىنغان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى، قاشلىرىنى تەرگۈچى ۋە تەرگۈزگۈچى، بىرەر كېسەللىك بولمىسىمۇ (ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن) گۈل چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى ئايالغا لەنەت قىلىنغان»([2]).^

ئەلقەمە رىۋايەت قىلدىكى: «ئابدۇللاھ (ئىبنى مەسئۇد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— يىڭنە سانجىپ گۈل چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى ئاياللارغا، قېشىنى تەردۈرگۈچى ئاياللارغا، چىشىنى ئېكەكلىگەن ئاياللارغا، ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتكۈچى ئاشۇنداق ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن، — دېگەنىدى، بۇ گەپنى ئەسەد جەمەتىدىن ئۇممۇ ياقۇب دېگەن بىر ئايال ئاڭلاپ كېلىپ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

— سىلىنىڭ مۇنداق، مۇنداق ئاياللارغا لەنەت ئوقۇغانلىقلىرىنى ئاڭلايمەنغۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم لەنەت قىلغان، ئاللاھنىڭ كىتابىدىمۇ لەنەت قىلىنغان كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن لەنەت ئوقۇمايدىكەنمەن؟ — دېدى. ھېلىقى ئايال:

— مەن قۇرئاننى باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بولغان، شۇنداقتىمۇ سىلى دېگەن ئايەتنى كۆرمىدىمغۇ؟ — دېۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنى ئوقۇغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇ ئايەتنى كۆرەتتىڭىز، سىز ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، سىلەرنى نېمىدىن توسقان بولسا، ئۇنىڭدىن چەكلىنىڭلار﴾(59/«ھەشر»: 7) دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ھېلىقى ئايال:

— ياق، ئوقۇدۇم، — دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنداق بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن توسقاندۇر، — دېۋىدى. ھېلىقى ئايال:

— ئۇنداق بولسا، مەن سىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەۋاتىمەنغۇ؟ — دېگەنىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنداق بولسا، بېرىپ قاراپ بېقىڭ؟ — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال بېرىپ قاراپ باققاندىن كېيىن ئۆزى ئويلىغىنىدەك بىرەر ئىشنى كۆرمىگەندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ناۋادا ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا، بىز بىلەن بىللە تۇرمىغان بولاتتى، — دېدى»(3).

يۇقىرىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرگە ئاساسەن، قاشلارنى ئىنچىكىلىتىش ئۈچۈن (يىپ، مۇچىن ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن) يۇلۇش ئىسلام چەكلىگەن ياسىنىش بولۇپ، بارلىق ئالىملار: «ئىككى قاشنىڭ تۈكىنى يۇلۇش لەنەت قىلىنغان ۋە چەكلەنگەن ئىش» دەپ قارىغان(4).

«لەنەت/ اللعنة» سۆزى — ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ(5)، كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ئەيىبى، قەبىھ ھەرىكىتى، ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن بىلدۈرۈلگەن قاتتىق قارغاشتۇر(6). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ لەنەت قىلىشى ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشى ئۈچۈن قارغاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مانا شۇ دەرىجىدىكى ئېغىر سۆز بولغاچقا، ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بىرەر قىلمىشقا لەنەت قىلىنغان بولسا، بۇ شۇ قىلمىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

گۈزەل ھۆسن ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ئايەتلەردىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنى «شەيتانغا ئەگەشكەنلىك» دەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى مۇشرىكلەر) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن. شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق، دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم (بۇتلارغا نەزر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) چارۋىلارنىڭ قۇلاقلىرىنى پۇچۇقلاشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ چېكىشكە ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ. شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ﴾(4/ «نىساﺋ»: 117 – 121).

ئىمام تەبەرىي (ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923)، ئىمام زەججاج (ھ. 241 – 311 / م. 855 – 923) ۋە ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي (ھ. 238 – 333 / م. 852 – 944) قاتارلىق كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەر يۇقىرىقى ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنى»نى «ئاللاھنىڭ دىنى» دەپ تەفسىرلەشنى تەرجىھ قىلىپ: «بۇنىڭ ئىچىگە ئاللاھ چەكلىگەن گۈل چېكىش ۋە قاش تېرىش قاتارلىق ھەممە مەئسىيەتلەر كىرىدۇ، بىرنەرسىنى يارىتىلغىنىغا ئىشلەتمەي، باشقا ئىشقا ئىشلىتىش ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىش جۈملىسىدىندۇر» دەپ قارىغان(7).

ئىمام فەخرۇررازىي ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنى ئىماندىن كۇفۇرغا ئۆتۈش ۋە فىترەتنى بۇزۇشتىن ئىبارەت ئېتىقاد ۋە تەبىئەت جەھەتتىن ئۆزگەرتىش، ھالال – ھارامنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش، يەنە گۈل چېكىش ۋە قاش تېرىشتەك سىرتقى كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتىش، دەپ ئايرىپ، بۇلارنى ھەممىسىنى شەيتاننىڭ ئىنسان كۆڭلىگە سالغان خام خىياللار بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغان(8).

ئىمام ئەبۇ مەنسۇر سەئالىبىي (ھ. 350 – 429 / م. 961 – 1038)، ئىمام ئىبنى ئەتىييە (ھ. 481 – 542 / م. 1088 – 1148) قاتارلىق بىر قىسىم مۇفەسسىرلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەفسىرلىرىنى خۇلاسىلەپ : «مۇفەسسىرلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەننىڭ مەنىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىنىڭ خۇلاسىسى، زىيانلىق ئۆزگەرتىشلا بولىدىكەن، بۇ ئايەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. پايدىلىق ھەرقانداق ئۆزگەرتىش مۇباھتۇر» دەيدۇ(9).

ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزامۇ مۇفەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «يىغىپ ئېيتقاندا، تەنقىدكە سازاۋەر شەكىل ئۆزگەرتىش شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ گۈزەل سۈرەتنى بۇزۇۋېتىشتۇر. بولمىسا خەتنە قىلىش، چاچ – ساقالنى بوياش ۋە تىرناق ئېلىشلارمۇ سۈننەت قاتارىدىن بولماس ئىدى»(10).

مانا بۇ مۇفەسسىرلەرنىڭ ئايەتلەرنى ئىزاھلىشى بولۇپ، ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش»نىڭ مەنىسى ھەققىدىمۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر تۈرلۈك مەنىلەرنى كۆرسىتىپ باققان. يەنە بەزىلەر تېڭىرقىغان.

ئىمام شىھابۇددىن ئەلقەرافىي (ھ. 626 – 684 / م. 1229 – 1285): «مەن ھەدىستىكى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى، خەتنە قىلىش، چاچ – تىرناق ئېلىش، خېنە يېقىش ۋە چاچ بوياش قاتارلىقلارغا ئوخشاش گۈزەللىك ئۈچۈن ئۆزگەرتىش شەرىئەتتە ئەيىبلەنمەيدۇ» دەيدۇ(11).

ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ: «بۇ ھەدىسلەردىن ھەرقانداق ئەھۋالدا چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد شۇنداق ئومۇميۈزلۈك چۈشەنگەن. بۇلارنى يەنە ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بىلەن چۈشىنىشمۇ مۇمكىن: بىرى، بۇ ئىشلار ئەخلاقسىز ئاياللارنىڭ قىلىقى بولغاچقا، قىلىش چەكلەنگەن. يەنە بىرى، ئەرگە تەگمەكچى بولغان ئاياللاردىكى كۆز بوياش بولۇپ، بۇمۇ جائىز ئەمەس. يەنە بىرى، قولنى ئاغرىتىدىغان گۈل چېكىش قىلمىشلىرىدەك ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشتۇر»(12).

فۇقەھائنىڭ بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمۇ ئۇنىڭ يا كۆز بوياشتەك يامان نىيەت، يا جاھىلىيەتنىڭ كۇفۇر ئادەتلىرى ۋەيا ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىش، يا بولمىسا زىيانلىق بولۇشى قاتارلىق بىرەر تاشقى سەۋەبى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چەكلىنىشكە سەۋەب ئىزدەپ يۈرمىگەن ئالىملار بولسا ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقىش، دەپ قاراپ، بۇ قىلمىشقا ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بولغاچقا، «ھارام پېتى قالىدۇ» دەپ قارىغان ۋە شەرىئەتتىكى زىيانلىق بولۇش، سۈرەتنى ۋاقىتلىق ياكى دائىملىق بۇزۇش قاتارلىق ئومۇمىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغان.

ئەمدى بۇنىڭ ھۆكمىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا كەلسەك، مالىكىي ئالىملاردىن بۇ چەكلىمىنى ئېرىگە ھازىدار تۇل ئاياللارغا خاس، دەپ قارايدىغانلىرىمۇ بار(13). يەنە ئىمام ماۋەردىي (ھ. 364 – 450 / م. 974 – 1058) ۋە ئىمام ئىبنۇلجەۋزىيدەك بەزى ئالىملار: «قاش تېرىش ئېرى يوق ئاياللارنىڭ ياتلارغا ياراش ئۈچۈن ياسىنىشتا قېشىنى تۈزۈشى ياكى پاھىشە ئاياللارنىڭ قىلىقى بولغانلىقتىن چەكلىنىدۇ، ئەمما ئېرىگە ياسىنىشتا چەكلەنمەيدۇ» دەپمۇ قارىغان(14). لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار: «ھەدىس ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن بولغاچقا، مەيلى كىمگە ياكى نېمە مەقسەتتە بولسۇن ئوخشاشلا ھارام ئىش ۋە چوڭ گۇناھ» دەپ قارىغان.

توغرىسى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، ھەدىستە كەلگەن لەنەت ئېرى بار ياكى يوق، ھازىدار ياكى ئەمەس، ھەممىگە ئومۇميۈزلۈك كەلگەندۇر. بۇنى مەلۇم بىر تۈرگە خاس، دەيدىغان دەلىل يوق، يۇقىرىقى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. مادامىكى، بۇ ئىش گۇناھ ئىكەن، ئەرنىڭ رۇخسىتى ئۇنى مۇباھ قىلالمايدۇ.

ئەينى دەۋردە بۇ خىل قاشنى ئىنچىكىلىتىپ پەردازلىنىشنى ئاياللارلا قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ بارىدا كەلگەن ھەدىسلەردە ئاياللارلا تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر بۈگۈنكىدەك ئەرلەرمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا پەردازلىنىدىغان بولۇپ قالسا، لەنەت دائىرىسىگە ئەرلەرمۇ كىرىدۇ.

كېلەچەكتە ئىنچىكىلىتىش ئورنىغا قاشنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاش مودا بولۇپ قالسا، بۇمۇ ئەلۋەتتە لەنەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

بۇنىڭدىن پەقەتلا كۆزنى بىئارام قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە توم ۋە بىنورمال بولغان قاشلار مۇستەسنادۇر. بۇ ئەھۋالدا داۋالىنىش ياكى دىققەتتىن قېچىش ئۈچۈن (يۇلماستىن) قىرقىپ ياكى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ ئادەتتىكى قاشلارغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگۈچە نورماللاشتۇرسا بولىدۇ(15).

قاشنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىنى تېرىۋېتىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولغاچقا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا بۇ خىل خىزمەتنى سۇنۇشمۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ھەدىستە قاشنى تەرگۈچىگىمۇ، تەرگۈزگۈچىگىمۇ لەنەت قىلىنغان.

2) ئۇزىراپ كەتكەن قاشنى قىرقىشنىڭ ھۆكمى

ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى ئەر ياكى ئاياللارنىڭ قېشى بەكلا ئۇزىراپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇنى قايچىغا ئوخشاش كەسكۈچى ئەسۋابلار بىلەن قىرقىپ سەل قىسقارتىشىنى جائىز دەپ قارايدۇ. ئالىملار ئىمام ئەھمەدنىڭمۇ قېشىنى قىسقارتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما، مالىكىي ۋە شافىئىي ئالىملار بولسا قاشنى قىرقىپ قىسقارتىشنى مەكرۇھ، دەپ قارىغان(16).

ئەلۋەتتە قاشنى تېرىش ياكى ئىنچىكىلىتىش بولمىغاندىن كېيىن، «ئۇزىراپ كۆزىگە چۈشۈۋالغان ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە توم ياكى ئۇزۇن كۆرۈنگەن تەقدىردە، قىسقارتىش جائىز» دېگەن قاراش ئورۇنلۇقتۇر.

3) قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە تېرىش (يۇلۇش) تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، ئۇستىرا بىلەن قاشنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ياكى قايچا قاتارلىق ئەسۋابلار بىلەن تۈۋىدىن قىرقىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك ئالىملار: «قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش يۇلۇشقا ئوخشاشلا ھارامدۇر» دەپ قارىغان بولسا، ھەنبەلىي ئالىملار: «ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش جائىز، چەكلەنگىنى يۇلۇشتۇر» دەپ قارايدۇ(17).

بۇ يەردىكى ھۆكۈمنى بېكىتىشتىكى پەرق قاشنى تېرىشنىڭ ھارام قىلىنىشتىكى سەۋەبىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، شەرىئەتتە ھۆكۈم سەۋەبىگە باغلىنىشلىقتۇر. بۇ سەۋەبنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى (يۇقىرىدا ئۆتكىنىدەك) ئوخشاش ئەمەس.

ئەگەر چەكلىنىش سەۋەبى بەزى ئالىملار دېگەندەك، پەردازلىنىش ئۈچۈن قاشنى ئىنچىكىلىتىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەيىبسىز ياراتقىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رۇخسەتسىز ئۆزگەرتىش بولسا، ئۇستىرا بىلەن ئىنچىكىلىتىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. لېكىن، ئاللاھ ئەيىبلىك ياراتقاننى ئۆزگەرتىشكە، يەنە پاكىزلىق ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن زۆرۈر ۋە پايدىلىق بولسا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، خەتنە قىلىش، قۇلاق تېشىش، قولتۇق ۋە ئەۋرەت تۈكلىرىنى تازىلاش ۋە چاچ – تىرناق ئېلىش قاتارلىقلار چەكلەنمەيدۇ. ئېغىر زىيانلىق ياكى شەيتانغا ئەگىشىش ھېسابلىنىدىغان ئىشلار پەردازلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، لەنەت قىلىنغان دائىرىگە كىرىدۇ.

بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى ئىخچاملىساق، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش يۇلۇشقا ئوخشاشلا ھارامدۇر» دېگەن قارىشى ئېغىر باسىدۇ.

يۇلۇش بىلەن چۈشۈرۈش/ چۈشۈرتۈشنىڭ مەقسەت جەھەتتىن پەرقى بولمىسىمۇ، يۇلۇش كېيىنچە زىيانلىق ئىكەنلىكى، قاشنى كۆپ يۇلۇش قاپاق ساڭگىلاپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى، قاپاق ساڭگىلاشنى ئوپىراتسىيە بىلەن داۋالىمىسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، باش ئاغرىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، يۇلۇنغان قاشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ توم ۋە جانلىق قاش چىقىپ يۇلۇش داۋاملاشسا قاش ئۈنمەي ئاللاھ ياراتقان گۈزەللىككە نۇقسان يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن قاش چەكتۈرۈش، قاش كۆچۈرۈش ياكى چاپلاشقا ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقى ئىلمىي ئىسپاتلانغان(18).

4) قوشما قاشنى ئايرىۋېتىشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە قاشنى تېرىش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قاشنى تەرىپلىسەك، بۇ ۋە باشقا ئەھكاملار ئايان بولىدۇ. قاشنىڭ چېكىنى بېكىتىۋېلىش، شەرئىي ھۆكۈمگە ئالاقىدار بولغانلىقتىن، زۆرۈردۇر.

ئۇنداقتا قاش دېگەن نېمە؟ قاش: كۆز قاپىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈكلەردىن تەشكىل تاپقان يايسىمان سىزىق(19) بولۇپ، ماڭلاي سۆڭىكى باشلانغان ئىككى دوقا سۆڭەكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ئىككى قاش كۆزنى قۇياش نۇرىدىن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە قاشنىڭ توم ۋە قويۇقلىرى «قارا قاش»، ئىنچىكىلىرى «قەلەم قاش» ۋە تۇتىشىپ كەتكەنلىرى «قوشما قاش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئېستېتىك زەۋقىگە ۋە دەۋرنىڭ مودىسىغا قاراپ بەزىسى قوشما قاشنى، بەزىسى ئايرىم قاشنى ياقتۇرۇشى مۇمكىن، قەدىمكى ئەرەبلەر قوشما قاشنى ياقتۇرمايتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى قاتارىدا رەسۇلۇللاھنىڭ قوشما قاش ئەمەسلىكىمۇ بايان قىلىنغان. قەدىمكى رىملىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار قوشما قاشنى گۈزەللىك، زېرەكلىك ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولى، دەپمۇ قارايتتى. ۋەتىنىمىزدە بايقالغان قەدىمىي تام رەسىملەردىكى قوشما قاش ئايال رەسىملىرى ۋە ھازىرغىچە ئەل ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن ئوسما بىلەن قاشنى ئۇلاش ئادىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

قوشما قاشنىڭ ئوتتۇرىنى يۇلۇپ ئايرىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. ئىمام تەبەرىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: «ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىسى قاشقا تەۋە (ياكى تەۋە ئەمەس دېگەن تەقدىردىمۇ يۈزدىكى تۈكنى تېرىشمۇ قاشنى تېرىشكە ئوخشاش)، دەپ قاراپ ھەدىستە چەكلەنگەن قاش تېرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە بىنورمال بولغان قوشما قاشلارنى نورماللاشتۇرسا بولىدۇ» دەپ قارىغانلارمۇ بار(20).

يەنە بەزىلەر: «قوشما قاشنىڭ ئوتتۇرىسى قاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا ئوتتۇرىنى يۇلۇپ ياكى چۈشۈرۈپ ئايرىۋەتسە، جائىز» دەپ قارايدۇ(21). كېيىنكى مۇشۇ قاراش ئورۇنلۇقتۇر. چۈنكى، قاش ئىككى كۆزنىڭ قاپاقلىرى ئۈستىدىكى ماڭلاي سۆڭىكى باشلانغان ئىككى دوقا سۆڭەك ئۈستىدىكى تېرىگە ئۈنگەن تۈكلەردىن ئىبارەت. ئىككى قاشنىڭ ئارىلىقىدا ئىككى قاشنىڭ ئاستىدىكىدەك دوقا سۆڭەكمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، «ئۇ جاي قاشقا ئەمەس، يۈزگە تەۋە» دېيىشكە ياكى ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىدىكى بارلىق ئۇششاق تۈكلەرنى «ياۋا قاش» دېيىشكە بولىدۇ.

قاش ئەتراپىدىكى ياۋا تۈكلەرنى ئېلىشنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقى تەرىپ بىلەن ھەل بولىدۇ. يەنى قاشنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، قاشنىڭ ئاستى – ئۈستىدىكى ياكى ئوتتۇرىدىكى بىرەر تال ياۋا تۈكلەرنى ئېلىۋېتىش جائىز. چۈنكى، بۇ دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىش ئەمەس. چەكلىمە كەلگىنى قاشنىڭ ئۆزىنى يۇلۇش بولۇپ، ئەتراپى قاشقا تەۋە ئەمەستۇر.

5) قاشنى پۈتۈنلەي تېرىۋېتىپ ئورنىغا ئىنچىكە قاش چېكىشنىڭ ھۆكمى

قاشنى پۈتۈنلەي تېرىۋېتىپ ياكى چۈشۈرۈۋېتىپ ئورنىغا ئىنچىكە قاش چېكىش ياكى سىزىشمۇ ئوخشاشلا چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىدۇ. ئەسلىدىلا پەردازلىنىش ئۈچۈن قاشنى تېرىش لەنەت قىلىنغان ئىش بولغاچقا، ئەگەر ئۇنىڭغا گۈل چېكىشتىن ئىبارەت يەنە بىر ھارام قوشۇلسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. گۈل چېكىلمەي قاش سىزىش بولسىمۇ، بۇ يەنىلا بار قاشنى تېرىش ۋە تۈزەشتۇر.

6) قاشنىڭ ئەتراپىنى تەن رەڭگىدە بوياپ ئىنچىكە كۆرسىتىشنىڭ ھۆكمى

ھازىرقى قاش تۈزەشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن بىرى قاشنىڭ ئىنچىكىلىتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى پېشانە رەڭگىدە بوياپ، قاشنى ئىنچىكە كۆرسىتىش ياكى قاشنى پۈتۈنلەي تەن رەڭگىدە بويىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە قاش سىزىشتۇر. بۇنىڭدا قاشنى يۇلۇش ياكى چۈشۈرۈش بولمىسا ۋەياكى يىڭنە بىلەن گۈل چېكىلمەي سىزىش ياكى بوياشلا بولسا، بۇنى جائىز، دېگۈچىلەرمۇ، جائىز ئەمەس، دەپ قارىغانلارمۇ بار(22).

ئەلۋەتتە بۇ قاش تېرىشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىشكە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىز يۇقىرىدا بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. قاشنى ئىنچىكە كۆرسىتىش جەھەتتىن بۇنى قاشنى تېرىش ئارقىلىق ئىنچىكىلىتىشكە، پەرداز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە قىياس قىلغىلى بولغىنىدەك، بىر قاراشقا بۇنى قاشنى بوياشقا ئالاقىدار دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئەينەن بار، ئۆزگەرتىش يوق، يىراقتىن كۆزگە چېلىقمىسىمۇ يېقىن كېلىپ قارىغاندا كۆرۈنىدۇ. پەقەتلا رەڭگى ئۆزگەرتىلگەن. شۇڭا، بۇنى قاشنى تېرىش قاتارىدا قىياس قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇ خىل تەرىقىدە قاشنى بوياپ ئىنچىكىلەتكەن قىز – ئاياللارغا توي قىلىش نىيىتىدە قارىغان يىگىتلەر كۆز بويامچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلارغا قارىغان ئاياللار ئۇلارنى قېشىنى يۇلۇپ ئىنچىكىلىتىپتۇ، دەپ چوڭ گۇناھ قىلغانلار قاتارىدا ئويلاپمۇ قالىدۇ. ئاندىن بوياشنىڭ ئۆزى ھارام ئىش بولمىسىمۇ، قاشنى تېرىپ ئىنچىكىلىتىشتەك مەقسەتتە قىلىنغان بولغاچقا، چەكلىنىش تەرىپى ئېغىر بېسىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ كۆنسە قاش تېخىمۇ قويۇق چىقىپ توملىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنى يۇلۇپ ئىنچىكىلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشمۇ قۇۋۋەتلىك ئېھتىمال. يەنە ئىشلىتىلگەن بوياقلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دوختۇرلار بار.

«ئەگەر ئېرىگە ياكى ياتلار كۆرمەيدىغانلار ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق پەردازلانسا جائىز» دېيىلسە، ئىشلىتىلگەن بوياق تاھارەت ئالغاندا سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. شۇنداقلا توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ياكى ياتلارغا پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

7) قاشنى بوياشنىڭ ھۆكمى

كۆزگە، قاش – كىرپىككە سۈرمە تارتىش جائىز بولۇپلا قالماي، ئېرى بار ئاياللارغا مۇستەھەبتۇر. سۈرمىنىڭ پەردازلىنىشتىن باشقا شىپابەخش ئالاھىدىلىكىمۇ بار بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ كۆزىگە سۈرمە ئىشلىتىشىمۇ جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر(23).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۈرمە سۈرۈڭلار، سىلەر سۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۈرمىدۇر. چۈنكى، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ« دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر سۈرمە قۇتىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھەر كېچىسى ئوڭ كۆزىگە ئۈچ قېتىم، سول كۆزىگە ئۈچ قېتىم سۈرمە سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان(24).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىھرامدىن چىقىپ، رەڭلىك كىيىم كىيگەن ۋە سۈرمە تارتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى ئەلىگە ئۆزىنى ئاتىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتقان(25).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم مۇنداق دەيدۇ: «سۈرمە كۆزنى ئاسرايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە روشەنلەشتۈرىدۇ. زىيانلىق ماددىلارنى يۇمشىتىپ تازىلايدۇ. بەزى تۈرلىرى پەرداز قىلىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈرتسە كۆز زىيانلىق بولغان ھەرىكەتتىن توختىغانلىقتىن، ھەقىقىي پايدىسىنى كۆرسىتىدۇ«(26).

ئاياللارنىڭ ئوسما، خېنە ياكى قاش قەلىمى بىلەن كۆز، قاش – كىرپىكلەرنى بويىشىمۇ ئۆزى، ئېرى ياكى ئاياللار ئۈچۈن جائىز. لېكىن، يات ئەرلەرگە پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

يەنە ھازىدار ئاياللارنىڭ پەردازلىنىشى چەكلەنگەنلىكتىن، ھازىدارلىق، قارىلىق مەزگىلىدە سۈرمە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بوياقلار بىلەن پەرداز قىلىشى چەكلىنىدۇ. كۆزىنى داۋالاش ئۈچۈنلا سۈرمە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئېرى ئۆلگەن ئايال تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن تاشقىرى، باشقا ئادەمگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق، سۈرمە تارتىش، خۇش پۇراق ئىشلىتىش ۋە يەمەن رەختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەردىن باشقا رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق…»(27).

بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— يا رەسۇلەللاھ! قىزىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ يىغلاپ كۆزى ئاغرىپ قالدى. قىزىم سۈرمە سۈرسە بولامدۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم:

— ياق، — دەپ بولۇپ، ئاندىن:

— ئىددەت ئاران تۆت ئاي ئون كۈندۇر، جاھىلىيەتتە ئىددەت تۇتىدىغىنىڭلار يىل بېشىدا تېزەكنى ئاتاتتىڭلار، — دېدى(28).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېرىگە قارىلىق تۇتۇۋېتىپ كۆزى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بىر ئايالغا: «كۆزۈڭگە كېچىسى سۈرمە تارتقىن (سۈرمە كۆزۈڭنى روشەنلەشتۈرىدۇ)، ئەمما كۈندۈزى سۈرتۈۋەتكىن! «دېگەن(29).

8) يۈزدىكى تۈكلەرنى تازىلاشنىڭ ھۆكمى

قاشنى مۇستەسنا قىلىۋەتسەك، ئاياللار يۈز قىسمىدىكى چېكە، پېشانە، مەڭز، جەغ، بۇرۇت يېرى، ماقال ۋە ئېڭەك قاتارلىق جايلارنىڭ تۈكلىرىنى تېرىپ ياكى چۈشۈرۈپ ۋەياكى لازىردا ئېلىۋەتسە بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم ئالىملار بۇنى قاش تېرىشنىڭ قاتارىدىن، دەپ ھېسابلاپ ئوخشاشلا «ھارام» دېگەن. بەزىلەر: «يۇلماي باشقا ئۇسۇلدا ئېلىۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ئېرى بار ئاياللار ئېرىگە پەردازلىنىش ئۈچۈن تېرىۋەتسە، چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ساقال – بۇرۇت چىقىپ قالسا يۇلۇۋەتسە، شۇنداقلا يۈزدىكى تۈكلەرنى ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇلۇۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. ھەتتا بەزىلەر: «ئاياللارغا ساقال – بۇرۇت چىقىپ قالسا، تېرىۋېتىشى مۇستەھەب ھەتتا ۋاجىب» دېگەن(30).

بىز يۇقىرىدا كەلتۈرگەن قاشنىڭ تەرىپىدىن مەلۇمكى، قاشتىن باشقا جايلارنىڭ تۈكى ھەققىدە ئايرىم چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يۈزدىكى تۈكلەرنى يۇلۇش چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. باشقا ئۇسۇلدا ئېلىۋەتسە ھەم بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ داۋۇد (ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) «ئەسسۈنەن» ئاتلىق كىتابىدا ھەدىستە كەلگەن چەكلىمىنى: «قاش تېرىش قاشنى ئىنچىكىلىتىش ئۈچۈندۇر»(31) دەپ ئىزاھلايدۇ. دېمەك، يۈزىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇش ھەدىستە لەنەت قىلىنغان دائىرىگە كىرمەيدۇ.

بۇنى مۇنۇ رىۋايەتمۇ تەستىقلايدۇ: ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ئايالىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ياش ۋە ياسىنىشقا بەك ئامراق ئايال ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: «ئايال كىشى پېشانىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇپ، ئېرى ئۈچۈن ياسانسا بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭغا: «ئازار بېرىدىغان تۈكلەرنى مۇمكىنقەدەر ئېلىۋەتكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن(32).

ھەنبەلىي مەزھەبىدىكى بەزى ئالىملار : «ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈشى، پەرداز قىلىش نىيىتىدە يۈزىنى قىزىل بويىشى، سىزىشى ۋە بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغا خېنە قويۇشى جائىزدۇر. بۇنى ئېرى رۇخسەت قىلغان تەقدىردە، ئېرى ئۈچۈن قىلسا بولىدۇ، بولمىسا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پەردازلىنىشتۇر» دەيدۇ(33).

ئەرلەرنىڭمۇ قاش، ساقاللىرىدىن باشقا يۈزىدىكى ياۋا تۈكلەرنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدىمۇ «بولىدۇ»، «بولمايدۇ» دېگەن قاراشلار مەۋجۇد(34) توغرىسى، ئاياللارچە ياسىنىش نىيىتى بولمىسا مۇباھ.

9) بەدەندىكى تۈكلەرنى تازىلاشنىڭ ھۆكمى

قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش (ياكى چۈشۈرۈش) ۋە ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇش، تىرناقلارنى ئېلىش ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق سۈننەتتۇر. بۇرۇتنى قىسقارتىشمۇ ئەرلەرگە سۈننەتتۇر. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر: خەتنە قىلىش، ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش، قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش، بۇرۇتنى قىرقىش ۋە تىرناقلارنى ئېلىش» دېگەن(35).

شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ مەيدە ۋە پاچاق قاتارلىق ئەزالىرىدىكى تۈكلەرنى ئېلىشىمۇ مۇباھ بولۇپ، ئاياللارغىمۇ پۇت ۋە قوللىرىدىكى تۈكلەرنى ئېلىش ئەلۋەتتە مۇباھ، بەزى ئالىملار «ۋاجىب» دەپمۇ قارايدۇ(36).

10) سۈنئىي كىرپىك تاقاشنىڭ ھۆكمى

سۈنئىي كىرپىك تاقاشنى بەزى ئالىملار چاچ ئۇلاشقا قىياسەن، شۇنداقلا زىيانلىق ياكى كۆز بويامچىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش، دەپ قاراپ «ھارام» دېگەن(37).

بەزىلەر: «بۇ چاچنى ئۇلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. كۆزگە ياكى باشقا يەرگە زىيانلىق بولمىسىلا ئېرىگە پەردازلىنىش ئۈچۈن تاقىسا خۇددى يۈزگە ئۇپا – ئەڭلىك سۈرتكەنگە ئوخشاش جائىز» دەپ قارىغان.

دوكتور سالمان ئەلئەۋدە: «لەنەت قىلىنغىنى چاچنى ئۇلاش بولۇپ، كىرپىكلەر بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. ئەگەر كىرپىكى ئاز بولۇپ جامالىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، سۈنئىي كىرپىك تاقىسا بولىدۇ، بولمىسا تاقىمىغىنى تۈزۈك» دەيدۇ.

ئەلۋەتتە، تاقما كىرپىكمۇ تاھارەت ئالغاندا، سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. يەنە توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ياكى ياتلارغا پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

11) قورۇقلارنى بوتوكس ئارقىلىق يوقىتىشنىڭ ھۆكمى

تۈرلۈك تۇرمۇش بېسىملىرى ۋە ھايات رىتىمىنىڭ تېزلىكى سەۋەبلىك بىمەزگىل يەتكەن قورۇقلار ياكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نورمال قېرىش سەۋەبلىك چۈشكەن، تەڭ دېمەتلىكلىرى ئۈچۈن نورمال بولغان قورۇقلارنى ئوپېراتسىيە، لازىرلىق داۋالاش ياكى بوتوكس (Botox) ماددىسى بىلەن يوقىتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا تەن بەرمەسلىك، شۇنداقلا ھۆسن قوغلىشىش ۋە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەگەر توي قىلىش ئالدىدىكىلەر شۇنى قىلسا گۇناھى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

ئەمما، كېسەللىك ياكى بىرەر ھادىسە سەۋەبتىن ياشلارغا چۈشكەن قورۇق بولسا، كۆزگە چېلىقىدىغان ياكى دىققەت تارتىدىغان دەرىجىدە بولسا، ئۇنى يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يوقىتىپ نورمال ھالەتكە قايتۇرۇشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ داۋالىنىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەلۋەتتە دورا ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلى زىيانلىق بولماسلىقى شەرت.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەلىرى توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «قورۇقلارنى ئوپېراتسىيە ياكى ئوكۇل بىلەن يوقىتىۋېتىش جائىز ئەمەس. كېسەللىك ھالىتىدىلا زىيانسىز بولۇش شەرتى بىلەن جائىزدۇر»(38).

ئەمەلىيەتتە ئىنساننى ئىچكى دۇنياسىغا ماس ياشتا كۆرسىتىدىغان، ئۆز پەيتىدە چۈشكەن قورۇقنى ئىنسانغا يارىشىدىغان بىر خىل تەبىئىي گۈزەللىك دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، ھازىر كىشىلەر ماددىي گۈزەللىك تەشۋىقاتلىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىپ كېتىۋاتقاچقا، مەنىۋىيەتتىن يىراقلاپ، تېخىمۇ ياش كۆرۈنۈش غېمىدە، ئىنسانغا ئۆمرىنىڭ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەجىلىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ قورۇقلاردىكى ئىلاھىي ھېكمەتكە دىققەت ئېتىبارى بىلەن قاراشتىن غەپلەتتە قالماقتا.

بۇ مەسىلىدە شۇنىمۇ ئېيتماي بولمايدۇكى، بۇ تۈر قورۇقلارنىڭ ھازىرچە كۈچكە ئىگە «شىپاسى» بولغان تۈرلۈك ئوپېراتسىيە ياكى لازىرلىق داۋالاشلار، شۇنداقلا ھەر ئالتە ئايدا ياكى يىلدا بىر قېتىم ئۇرۇلىدىغان بوتوكس ماددىسى قاتارلىقلار ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي بېسىمدىن سىرت، ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزدە تۇتقاندا ساغلاملىققا بولىدىغان زىيىنى ئېغىر بېسىشىمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ ئالاقىدار تېببىي ساھە كىشىلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بوتوكس ماددىسى مۇسكۇلغا ئۇرۇلغاندا ۋاقىتلىق پارالىچ شەكىللىنىپ، نېرۋا مۇسكۇلغا قورۇلۇش / ئۆزلەشتۈرۈش بۇيرۇقىنى بېرەلمەيدۇ. نەتىجىدە مۇسكۇل 6 ئايغا (ياكى 1 يىلغا) قەدەر ئۆزىنى قويۇۋەتكەن ھالەتتە تۇرىدۇ. ئاندىن يەنە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا قورۇق مەلۇم مەزگىل يوقالغان بولىدۇ.

ياش كۆرۈنۈش ئارزۇسىدا يەڭگىل تۇيۇلىدىغان يىڭنە ئاغرىقلىرىغىغۇ چىداپ كەتتى دەيلى، ئەمما بوتوكس ئاساسلىقى زەھەرلىك بوتۇلىنۇم توكسىن (Botulinum toxin) دىن ئىبارەت بولۇپ، ئىتالىيەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا، تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ كالپۇكلىرىدىكى قورۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇلغان بوتوكس ماددىسى ئۈچ كۈندىن كېيىنلا چوڭ مېڭە ۋە كۆز، ئەستە تۇتۇشقا مەسئۇل مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە، شۇنداقلا نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھالقىلىق نۇقتىلارغا يېتىپ بارغانلىقى كۆرۈلگەن. دېمەك باكتېرىيەدىن ئىبارەت بولغان بوتوكسنىڭ زىيانلىق تەرىپىنىمۇ ئويلاپ قويماي بولمايدۇ.

ئىسپانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بوتوكس ئۇرۇلغان مۇسكۇل 6 ئاي ياكى بىر يىلدىن كېيىن ئوكۇل تەسىرى قالمىغاندا، ھەرگىزمۇ تولۇق ئەسلىگە كەلمەيدىكەن. ياشانغانلار ۋە ئىممونىتېت كۈچى ئاجىزلارغا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يانداشما زىيىنى ئېغىر بولىدىكەن. قايتا – قايتا ئۇرۇلسا يامان ئاقىۋەت ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرىلايدىكەن. مەسىلەن، بوتوكس ئۇرۇلغاندا:

1) كىشىنىڭ تەبەسسۇم ياكى غەزەپ ئىپادىسى، ھەتتا كۆز يېشى قىلىش قاتارلىق ئىنسانىي تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش قابىلىيەتلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

2) ئۇرۇلغان زەھەرنىڭ بەدەننىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تارقىلىش يوشۇرۇن خەۋپى بار بولۇپ، بۇ خەۋپ تۈپەيلى زەھەر ئۇرۇلغاندىن كېيىن بىر مۇددەت ئېگىلمەي، سەجدە قىلماي ۋە ئالدىغا ئېڭىشمەي تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

3) بوتوكس قىلدۇرغان كىشىلەرنىڭ %55 ىدە قىزىتما، لاغىلداپ تىترەش، زۇكام، گال ئاغرىقى ۋە يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ، يۈرەك ۋە باشقا رەئىس ئەزالارغا زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئىسپاتلانمىغان.

دېمەك، قاراپ تۇرۇپ بىر زەھەرنى ئۆزىگە ئۇرۇش ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت دۈشمىنى بولغان شەيتانغا ئەگىشىشتىن باشقا ئىش بولمىسا كېرەك.

﴿شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن. شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق، دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم (بۇتلارغا نەزر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) چارۋىلارنىڭ قۇلاقلىرىنى پۇچۇقلاشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ چېكىشكە ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 118، 119).

﴿ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 72).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 20 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2020، 6 – نويابىر


1. مۇسلىم (91).
2. ئەبۇ داۋۇد (4170)؛ ئىبنى ھىببان (5504). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن؛ ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 95) «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4886)؛ مۇسلىم (2125).
4. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4 – ج، 174 – بەت؛ ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇلقۇرئان»، 1 – ج، 501 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – ج، 140 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1 – ج، 94 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 4 – ج، 18 – بەت.
5. قاسىم ئەلقۇنەۋىي: «ئەنىيسۇل فۇقاھاﺋ»، 162 – بەت.
6. ئابلىز ياقۇب قاتارلىقلار: «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (ق – ل)، 919 – بەت.
7. تەبەرىي: «جامىئۇل»، 9 – ج، 222 – بەت.
8. فەخرۇررازىي: «مەفاتىيھۇل غەيب»، 11 – ج، 39 -، 40- بەت.
9. سەئالىبىي: «ئەلجەۋاھىرۇل ھىسان»، 1 – ج، 356 – بەت؛ ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 2 – ج، 198 – بەت.
10. مۇھەممەد ئەبدۇھ / مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 5 – ج، 250 – بەت.
11. قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 13 – ج، 315 – بەت.
12. سەففارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 1 – ج، 273 – بەت.
13. نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2 – ج، 314 – بەت؛ غەرناتىي: «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 5 – ج، 493 – بەت.
14. ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 2 – ج، 494 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 11 – ج، 99 – بەت؛ ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1 – ج، 407 – بەت.
15. غەرناتىي: «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 5 – ج، 493 – بەت؛ ئىبنى ئۇسەيمىن: «مجموع فتاوى ورسائل ابن عثيمين»، 11 – ج، 113 – بەت.
16. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 372 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 1 – ج، 130 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – ج، 290 – بەت.
17. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 14 – ج، 18 – بەت.
18. در. مەنال جالال ئابدۇلۋاھھاب: «قاش يۇلۇش، گۈل چېكىش ۋە چىش ئىنچىكىلىتىشنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ئىلمىي ھېكمەت (الحكمة العلمية في تحريم النمص والوشم والتفلج)»، 13 – 15 – بەت. بحث منشور بمجلة الإعجاز العلمي، 33 – سان. ھ. 1430 – يىل.
19. ئابلىز ياقۇب قاتارلىقلار: «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ق — ل»، 102 – بەت.
20. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/377؛ ئەبىر بىنتى ئەلمۇدەيفىر، «ئەھكامۇززىينە»، 1 – ج، 424 – بەت.
21. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 5 – ج، 197 – بەت. 8701 – پەتۋا.
22. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 24 – ج، 103 – بەت. 21778 – پەتۋا؛ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتۋاسى، «مجلة الدعوة»، 1741 – سان. 1430 – يىل. 7 – زۇلھەججە.
23. ئىبنۇلھۇمام، «فەتھۇلقەدىر (ئەلھىدايەنىڭ شەرھى)»، 2 – ج، 347 – بەت؛ نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتالىبىن»، 2 – ج، 502 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 1 – ج، 129 – بەت؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 4 – ج، 230 – بەت.
24. تىرمىزىي (1757). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
25. مۇسلىم (1218).
26. «زادۇلمەئاد»، 4 – ج، 257 – بەت.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5341)؛ مۇسلىم (938).
28. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5336)؛ مۇسلىم (1488).
29. مالىك (1249).
30. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 377 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 5 – ج، 392 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 1 – ج، 130 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 32 – ج، 104 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – ج، 290 – بەت.
31. ئەبۇ داۋۇد (4170).
32. ئابدۇرراززاق (5104)؛ «مۇسنەدۇ ئىبنىل جەئد»، (451). بۇنى ئىبنى بەتتال («شەرھۇ سەھىھىل بۇخارىي»، 9 – ج، 169 – بەت)، ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 378 – بەت) لەرمۇ بايان قىلغان. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 96) «زەئىف» دېگەن. «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەنلەرمۇ بار.
33. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 378 – بەت؛ يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» (ئۇيغۇرچە)، 99 – بەت.
34. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 1 – ج، 136 – بەت؛ ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 3 – ج، 682 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 3 – ج، 372 – بەت.
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5889)؛ مۇسلىم (257).
36. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 407 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 3 – ج، 131 – بەت؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2 – ج، 314 – بەت.
37. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 17 – ج، 133 – 137 – بەتلەر، 20840 – پەتۋا؛ «فتاوى علماء البلد الحرام»، 1209 – بەت.
38. قرار رقم 173 (11/18) بشأن الجراحة التجميلية وأحكامها الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة المؤتمر الإسلامي المنعقد في دورته الثامنة عشرة في بوتراجايا (ماليزيا) 24 – 29 جمادى الآخرة 1428هـ، الموافق 9 – 14 تموز (يوليو) 2007م.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago