بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 63 ياشقا كىرگەن تۇل ئ‍ايال بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا قوشنىسى ئ‍ۇ ئ‍ايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئ‍ېلىپ، ئ‍اش – تاماق بېرىپ باققان ۋە ئۇ ئ‍ايال ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئ‍ۆي – زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولۇپ كېلىشىم تۈزۈشكەن. ھازىر ئ‍ۇ ئ‍ايال ئ‍ۆلۈپ كەتتى. ئ‍ۇ ئ‍ايالنىڭ توي قىلغان بىر ئ‍ۆگەي قىزى، بىر ئ‍اچىسى ۋە بىر ئ‍اكىسى بار. بۇ مىراسقا كىم ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەگەر ئەھۋال سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولۇپ، بىر ئاكا، بىر ئاچىدىن باشقا يا پەرزەنت، يا ئاتا – ئانا، ياكى چوڭ دادا، ياكى چوڭ ئانا قاتارلىق مىراسخورلار تېپىلمىغان تەقدىردە، مىراس تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئۆگەي قىزىغا مىراس تەگمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ مىراسخورلاردىن ئەمەس.

قوشنىسىغىمۇ مىراس تەگمەيدۇ. چۈنكى، قوشنىغا مىراس قالدۇرۇش كېلىشىمى شەرىئەتكە خىلاپ. چۈنكى، شەرىئەتتە قوشنىغا مىراس تەگمەيدۇ. مىراسنى خىزمىتىنى قىلىپ بېقىش ئىش ھەققى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا بېقىش مۇددىتى نامەلۇم.

مىراس توختامىنى پەقەتلا ۋەسىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، شەرىئەتتە مېيىتنىڭ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر مىقداردا ۋەسىيەت قىلىش ھوقۇقى بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن توختامنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان قىسمىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يەنى قوشنىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەسىيەت سۈپىتىدە تېگىدۇ. قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئاچىسى بىلەن ئاكىسى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىز نېسىۋىسى بويىچە ئالىدۇ. يەنى ۋەسىيەتتىن ئاشقان قىسمىنى ئۈچكە بۆلۈپ، ئىككى قىسمىنى ئاكىسى، بىر قىسمىنى ئاچىسى ئالىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿سەندىن پەتۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق مۇنداق پەتۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ. ئەگەر ھەمشىرىسىنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئەر كىشىنىڭ ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارغا تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»﴾(4/«نىساﺋ»: 176)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 29 – مۇھەررەم / م. 2014، 22 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 67– نومۇرلۇق پەتۋا.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago