ازىر تۈركىيەدىكى ئويغۇر قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى پاي چېكى ئېلىپ – سېتىپ كىرىم قىلىۋېتىپتۇ ھەم بۇنى «ئىسلامىي پاي چېكى» دەيدىكەن.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھازىر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى پاي چېكى ئېلىپ – سېتىپ كىرىم قىلىۋېتىپتۇ ھەم بۇنى «ئىسلامىي پاي چېكى» دەيدىكەن. بۇ راستمۇ؟ بۇ پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن ماڭا پايدا ئايرىپ قالسا، ئۇ پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولىدۇ؟ يول كۆرسىتىشلىرىنى سورايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇرۇن پاي چېكى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ئومۇمىي ئەھكام ۋە شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» دېگەن ماۋزۇدا پەتۋا ئېلان قىلغان ئىدىم. لېكىن، ھازىر تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە مەسلىھەتچىلىك ۋە ۋاسىتىچىلىك خىزمىتىنى سۇنۇۋاتقان «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر شىركىتى» (BMD) پەسىللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان «شىركەتلەرنىڭ شېرىكلىشىش كۆرسەتكۈچى ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇنلۇق ھالىتى ۋە ساپلىق نىسبىتى» (Şirketlerin Katilim Endeksi Kriterlerine Uygunluk Durumu & Arindirma Oranlari) تىزىملىكىدىكى ھالال دېيىلگەن 77 شىركەتنىڭ ياكى «شېرىكلىشىش 50 كۆرسەتكۈچى» (KATILIM 50 ENDEKSİ) تىزىملىكىدىكى ھالال دېيىلگەن 50 شىركەتنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللار كۆپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ ھەقتە بىرقەدەر تەپسىلىي جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلدى.
ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، «ئىسلامىي پاي چېكى» دەپ بىرنەرسە يوق. ھالال ياكى ھارام، يا شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەس، يا ھالال – ھارام ئارىلاش ۋەياكى شۈبھىلىك پاي چەكلىرى بار.
بۇ مەسىلىگە كىرىشتىن ئەۋۋەل شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، يۇقىرىقى تىزىملىك ئالدىنقى يىللاردا قىرىق نەچچە شىركەتنى تاللىغان بولۇپ، مەن بۇ تىزىملىكنى كۆرگەن چاغدىلا ئۇ شىركەتلەردىن بانكىلارنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىگەن ئىدىم. يەنە مەندىن سورىغانلارنىڭ بەزىسىگە «بانكىلاردىن باشقا شىركەتنىڭكىنى ئېلىپ – ساتسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. مەزكۇر جاۋابىممۇ شۇ شىركەتلەرنى ھالال دەپ تاللاشتا قويۇلغان ئۆلچەم مەلۇم فىقھىي قاراش بويىچە ساغلام دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋاب ئىدى. يېقىندا سەكسەن شىركەتنىڭ تىزىملىكىنى ۋە بۇ تىزىملىكنىڭ ئۈچ ئايرىم پىرسەنت كاتىكى ئاساسىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن مەندىن سورىغانلارغا: «ئەگەر شۈبھىسىز باشقا تىجارەت بولسا شۇنى قىلىش لازىم. پاي چېكى ئىشىنى قىلاي دېسىڭىز ئاشۇ پېيى ھالال دېيىلگەن تىزىملىكتىكى شىركەتلەر ئىچىدىن بانكىنىڭ پېيىنى ئالماي، يەنە مەھسۇلاتى ئىچىدە ھارام مەھسۇلاتى نۆل بولغىنىنى، مۇئامىلىسى جازانەدىن مۇتلەق خالىي بولغىنىنى ۋە جەدۋەلدە پىرسەنت كۆرسىتىلگەن 3 نۇقتىدىكى پىرسەنت نۆل (%0) بولغىنىنى قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئاشۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ھالال پاي چېكى دەپ تاللىغان ئورۇن ۋە ئۇ ئورۇننىڭ شىركەتلەرنى تاللاشتا ئىشلەتكەن ئۆلچىمى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشىنىش مەسىلىسىگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ بەزىسىنىڭ پېيى شۈبھىلىكلا ئەمەس، ئۇنىڭدا ئېنىق ھارام مەھسۇلات ۋە جازانە مەۋجۇد. يەنە بەزىسىنىڭ پېيى بولسا شۈبھىلىك. ئەگەر سىزگە ئۇنىڭدىن پايدا ئايرىپ قالسا، تەقۋادارلىق قىلاي دېسىڭىز باشقىلارغا ياردەم قىلىپ بېرىۋېتىڭ ھەم بۇ ئىشنى قىلماڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن بولدۇم.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ئاشۇ پەسىللىك ئېلان قىلىنىدىغان تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش لازىم.
مەزكۇر «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر شىركىتى» (BMD) نىڭ 2020 – يىلى 1- ئىيۇلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكىدىكى پاي چېكى ھالال دەپ كۆرسىتىلگەن شىركەتلەردىن بانكىلارنىڭ پاي چېكىنى بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، تىزىملىكتىكى 8 – نومۇرلۇق «ئالباراكا تۈرك» (ALBRK- Albaraka Türk) بانكىسىنىڭكىنى بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. سەۋەب: بانكىلارنىڭ مال – مۈلكى ئاساسەن نەق ۋە نېسى پۇل. ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى پاي ھېسابى بويىچە بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىش نەق پۇل ۋە نېسى قەرزنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ ھالاللىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل «قاتىلىم بانكىلىرى» ياكى «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ ئاتالغان بانكىلارنىڭ ھالال دەپ قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇرابەھە (پايدىسىغا نېسى ئېلىپ بېرىش) سودىسى، تەۋەررۇق سودىسى(1)، «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى (عَقْدُ التَّأجِيْرِ التَّمْوِيْلِيِّ/Financial Leasing)» ۋە ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار (اَلصُّكُوْكُ الْاِسْلَامِيَّةُ/Islamic instrument or Islamic bonds or Islamic Sukuk) قاتارلىق تەپمە ھالال تۈرىدىكى، يەنى ئەسلىدە ھۆكمى ھارام ئىشنى ھالال قىلىپ كۆرسىتىش تىپىدىكى ئىشلار بولغاچقا، قىلىۋاتقان ئىشلىرى جازانەگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ھەيران قالارلىقى، بۇ تىزىملىكنى تەييارلىغان شىركەت، بۇ بانكىنىڭ جازانەگە ئالاقىدار 2 كاتەكچىدىكى جازانە نىسبىتىنى نۆل (%0) دەپ كۆرسەتكەن. بۇمۇ بۇ شىركەتنىڭ ئۆلچىمىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۇ تىزىملىكتىكى — ئەگەر بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلغان شىركەتكە ئىشەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى ساغلام دەپ قارىغان تەقدىردە — تۆۋەندىكى شىركەتلەرنى ھارام تىجارەت ۋە جازانەگە چېتىلىش ئېھتىمالى ئەڭ تۆۋەن دېيىش مۇمكىن:
12 – نومۇردىكى (İhlas Ev Aletleri) IHEVA
27 – نومۇردىكى FONET Fonet Bilgi Teknolojiler
42 – نومۇردىكى MIPAZ Milpa
49 – نومۇردىكى NIBAS Niğbaş Niğde Beton
61 – نومۇردىكى AGYO Atakule GMYO
76 – نومۇردىكى SONME Sönmez Filament
يۇقىرىقىلارنى ھارام ئىش ۋە جازانەدە ئەڭ تۆۋەن دېيىشتىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، شۇ شىركەتكە ۋە شىركەت باھالاشتا ئاساس قىلىنغان ئۆلچەملەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ جازانەگە ئالاقىدار مۇئامىلە پىرسەنتى ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پائالىيەتلەردىن قىلغان كىرىمى %1 كە يەتمەيدۇ. لېكىن، تەقۋادارلىقنى، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنى خاھلىغانلار بۇنىڭدىنمۇ يىراق تۇرغىنى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا 2 تۈرلۈك مەسىلە بار:
1. ئاز بولسىمۇ مەلۇم پىرسەنتتە جازانە ياكى ھارام ئىشلار مەۋجۇد. گەرچە بۇ خىل جازانە ۋە ھارام ئىشلار %1 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىشنى ھارام دەپ قارايدۇ(2).
2. بۇ تىزىملىكنى ئاشۇ شەكىلدە تەييارلىغان شىركەتنىڭ ساغلام ئۆلچەم ئاساسىدا تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىغا ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى «ئالباراكا تۈرك» بانكىسىنى پاك – پاكىز دەپ كۆرسىتىشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبىنى، شىركەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغىنى بويىچە، مەزكۇر تىزىملىكنى تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ چىقىملىرىنى «ئالباراكا تۈرك» قاتارلىق قاتىلىم بانكىلىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، بۇ تىزىملىكتە نېمە ئۈچۈن «ئالباراكا تۈرك» قاتىلىم بانكىسىنىڭ پاي چېكىنى ساپ ھالال دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايمىز. يەنى بۇ تىزىملىكنى تەييارلاشقا قاتىلىم بانكىلىرى پۇل خەجلەيدۇ ۋە بۇ تىزىملىك بىر ئېھتىمال قاتىلىم بانكىچىلىق پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەملەر بويىچە تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ ھەقتە «قاتىلىم ئىندېكس» سەھىپىسىدە ئېنىق چۈشەنچە بار. ئەمەلىيەتتە بولسا، قاتىلىم بانكىلىرىنىڭ شېرىكچىلىك، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېلىم – سېتىمغا ئالاقىدار %95 ئىشلىرى تەپمە ھالال قىلىنغان جازانەلىك سودىلاردۇر. دېمەك، بۇ تىزىملىككە ھالال دەپ كىرگۈزۈش ئۆلچىمى شۈبھىدىن مۇتلەق خالىي ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر شىركەت باھالاش ئىشىدا ھەربىر شىركەتنىڭ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىغا قاراپ باھالايدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق بىلىپ كېتىشىمۇ گۇمانلىق. بىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتىلىم بانكىلىرىدىن مۇرابەھە سودىسى قاتارلىق تەپمە ھالال شەكلىدىكى جازانەلىك سودىلار ئارقىلىق قەرز ئالغان بولسا ياكى زىيان تارتماسلىققا كاپالەت قىلىنغان شېرىكچىلىكتەك جازانە شېرىكچىلىكىگە مەبلەغ سالغان بولسا، بۇ ئۇ تىزىملىكنى تەييارلىغان شىركەت نەزەرىدە ساپ ھالال دەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭكىنىمۇ ئېلىپ – سېتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.
ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دەپ يۇقىرىقى 6 شىركەت پاي چېكىگە مەبلەغ سالغانلار بولسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ پايلىرىنى ئېلىپ – سېتىشتىن ياكى شىركەت پايغا ئايرىغان پايدىدىن كەلگەن كىرىمنىڭ ئاشۇ پىرسەنتتە بىر قىسمىنى ئايرىپ چىقىشى ۋە ئۇنى ئۆزى خەجلىمەي ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا بېرىۋېتىشى كېرەك. ئۇنى ئۆزى خەجلىسە ھالال بولمايدۇ. چوقۇم ئومۇم مۇسۇلمانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بېرىۋېتىشى كېرەك. ھارام ئارىلاشقان كىرىم ياكى پايدىنى تازىلاش ھەققىدە تۆۋەندە يەنە ئايرىم توختىلىمەن. چۈنكى، بۇ پاي چېكى قىلىۋاتقانلار دىققەت قىلمىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش لازىم: بىر شىركەتنى جازانە مۇئامىلىسى ياكى ھارام پائالىيەت قىلمايدۇ دېگەندە، ئۆتكەن يىلقى مالىيە دوكلاتىغا قاراپ، كېلەچەك بىر پەسىل ياكى كېلەركى بىر يىل ئىچىدە شۇنداق بولىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ دوكلاتتىن كېيىن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ياكى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىش ۋەيا باشقا ھارام ئىشلارنى قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقىتالمايدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2020 – يىلى 1 – ئاپرېلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكىدىكى 1 – نومۇردىكى بىم (BIMAS Bim Mağazalar) شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سالغان مەبلىغى %0 دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. لېكىن، 2020 – يىلى 1- ئىيۇلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكتە بولسا، ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سالغان مەبلىغى %3,7 دەپ كۆرسىتىلگەن.
تىزىملىكتىكى 77 شىركەتتىن يۇقىرىقى 6 شىركەتنى ھارام تەرىپى ئەڭ ئاز دەپ قارىغىنىمىزدا، قالغان 71 شىركەتنىڭكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلاردىكى جازانە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلار پىرسەنت جەھەتتىن يۇقىرىسى %30 غىچە تەشكىل قىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن جازانە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلار پىرسەنتى يۇقىرى بولغان شىركەتلەرنىڭكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ؟ چۈنكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغۇچى پايچېكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، گەرچە ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ.
مەزكۇر تىزىملىكتىكى 1 – كاتەكچىدە شىركەتنىڭ سەرمايىسىنى تەشكىل قىلغان جازانەلىك قەرز پىرسەنتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر مەلۇم بىر شىركەت %30 ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان بولسا، سىز ئۇ شىركەتنىڭ 100 دوللارلىق پېيىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغىنىڭىزدا، 30 دوللار ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلغان بولىسىز. 2 – كاتەكچىدە شىركەتنىڭ قولىدىكى نەق پۇللارنىڭ %30 ى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىلگەن بولسا، سىزنىڭ 100 دوللىرىڭىزنىڭ 30 دوللىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىلگەن بولىدۇ. 3 – كاتەكچىدىكى %5 ھارام پائالىيەتمۇ شۇنداق. يەنى سىز تىجارەتتە جازانەدىن باشقا يەنە %5 ھارام پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولىسىز.
كەمىنە گەرچە كەسپىي ئىقتىسادشۇناس بولمىساممۇ، ئاددىي خەلق قاتارىدا قارا ھېساب بويىچە ئېيتقاندىمۇ، پايچېكقا مەبلەغ سالغانلار 6 لىرا 7 لىرا بولدى دېگەن بىلەن ئۇ 7 لىرانىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بۇرۇنقى 6 لىرانىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە يەتمەيدۇ. جۈملىدىن، دوللار تېگىشىپ پاي چېكىگە مەبلەغ سالغانلارمۇ شۇنداق. 1 دوللار 6 لىرا چاغدا بىر پاي ئالسا، كېيىن پاينىڭ باھاسى 7 لىراغا ئۆرلىگەن بولسا، لېكىن دوللار 7.5 لىرا بولسا، ئۇ چاغدا 7 لىراغا بىر دوللار سېتىۋالالمايدۇ. يەنى زىيان دېگەن گەپ. بۇنىڭغا ھارام كىرىمنى تازىلاش قوشۇلسا، پايدا ئېلىشمۇ باشقا خىل تىجارەتتىن ئاسان توختىمايدۇ.
بۇ پەتۋانىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى يۇقىرىقى تىزىملىك بولغان ئىكەن، مەزكۇر تىزىملىكنى ئېلان قىلغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكتە ئۆلچەم قىلغان %30 ۋە %5 لەرنى ۋە ئۇ ئۆلچەملەر ھەققىدىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتەيلى:
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا سودا – سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانەنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275)، ﴿پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا﴾(2/«بەقەرە»: 282)، ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).
بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئالىملار: «قىلىۋاتقان ئىشى ھالال بولغان ۋە جازانەلىك قەرز بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى مۇناسىۋەتلىك شەرتلىرى تېپىلغان تەقدىردە ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئەكسىچە، سۇغۇرتا ۋە بانكىچىلىققا ئوخشىغان ناتوغرا توختاملارنى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر قىلغان ئىشى ئارىلاش بولسىچۇ؟ بۇ ھەقتە بۇرۇنقى «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» نامىدىكى پەتۋانىڭ 2 – شەرتىدە بايان قىلغىنىمدەك، پاي چېكى ئېلىپ – سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە – ئۆسۈم بىلەن ياكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتەك، قىماردەك ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ناتوغرا توختاملار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ – ساتماسلىق كېرەك. يەنى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادىمىيەلىرى»نىڭ قارارى بويىچە، يۇقىرىقى تىزىملىكتىكى شىركەتلەردە مەلۇم نىسبەتتە جازانە ۋە ناتوغرا توختاملار، شۇنداقلا قىسمەن ھارام پائالىيەت مەۋجۇد بولغاچقا، ئۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىش ھارامدۇر.
1992 – يىلى 5 – ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:
1. مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.
2. ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.
3. ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ، بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر(3).
بۇندىن باشقا، 1995 – يىلى رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 14 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:
1. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.
2. بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم(4).
تۈركىيەدىكى مەزكۇر تىزىملىك «جازانە مىقدارى %30 كە يەتمىسە ۋە بۇ جازانە شىركەتنىڭ ئاساسلىق نىزامنامىسىدا ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولسا بولىدۇ» دەپ قارىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىغا تايانغان بولۇپ، بۇ %30 نى ئۆلچەم قىلىشنى «ئايوفىي (AAOIFI)»([5]) ئۆلچەم قىلغان(6).
بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە، ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ، بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ئەسلىدە ھارامدۇر. بۇ ھۆكۈمدىن پاي قېتىش ۋە پاينى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش تۆۋەندىكى شەرتلەر ئاساسىدا مۇستەسنا قىلىنىدۇ:
«شىركەتنىڭ ئاساسلىق نىزامنامىسىدا ئاز پىرسەنتتە بولسىمۇ جازانەلىك قەرز ئېلىشنى ۋە جازانەلىك قەرز بېرىشنى ياكى چوشقا گۆشى قاتارلىق ھارام ماددىلار بىلەن تىجارەت قىلىشنى نىشان قىلمىغان بولسا، پېيىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. ئۇنى نىشان قىلماستىن، ئېھتىياج تۈپەيلى قەرز ئالغان ياكى قەرز بەرگەن بولسا، بۇ %30 تىن ئاشمىسا بولىۋېرىدۇ» دەپ قارىلىدۇ(7).
خوش، %30 نېمىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر دەلىل بولمىسىمۇ، ئاز بىلەن كۆپنى ئايرىشتا ۋەسىيەت ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قىياس قىلىپ بىر پاسىل سۈپىتىدە بېكىتكەن. «%25» ياكى «%33» دېگۈچىلەرمۇ بولغان ۋە بۇ ئاز دېيىلگەن جازانەنى ئېھتىياج تۈپەيلى جائىز دەۋەتكەن. ئەسلىدە بۇلار جازانەلىك قەرزدىمۇ %30 نى ئەمەس، %5 نى ئاساس قىلغان بولسا، ئاز – كۆپلۈك پاسىلى بىر خىل بولغان بولاتتى. بۇ 2 نۇقتىدا پاسىل ئوخشاش بولمىغان.
لېكىن، ھەيران قالارلىقى، بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە «جازانەلىك قەرز ئېلىش ۋە قەرز بېرىش %30 تىن ئاشمىسا بولىۋېرىدۇ» دېگەن بىلەن، بۇلار كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن بىردەك قاراشتا «بۇ شىركەتنى باشقۇرۇپ بۇ تۈرلۈك %30 جازانەنى ئالغان ۋە بەرگەنلەر گۇناھكار» دەپ قارايدۇ. يەنى بۇ قاراشتىكىلەرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاشلا «مىقدارى مەيلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە قەرز ئېلىش ھارام» دەپ قارايدۇ(8).
بۇلارنىڭ قارىشىدىكى زەئىفلىك مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يەنى بۇ يەردە زىتلىق ئېنىق ھەم «%30 غىچە جائىز بولىدۇ» دېيىش بىلەن بىللە «ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشتا شىركەتنى باشقۇرغۇچىلار گۇناھكار بولىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە پاي چېكى، ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندىمۇ %30 جازانەلىك مۇئامىلە قىلغان شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىلا ئەمەس، پاي چېكىنى سېتىۋالغان شېرىكلەرمۇ ئوخشاشلا جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھكار بولۇشى كېرەكتۇر. شۇڭا، بۇ قاراش بويىچە چىقىرىلغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئەمدى مەزكۇر تىزىملىكتىكى 3 – كاتەكچىدىكى ئومۇم كىرىمنىڭ %5 ى دېگەن ئۆلچەمگە قارايلى: بىر قىسىم ئالىملار: «شىركەتنىڭ ھارام ئىشلاردىن قىلغان كىرىمى %5 تىن ئاشمىسا ئۇنىڭ پېيىنى – ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ» دەپ قاراپ مۇنداق دېگەن: «ھارام ئىشتىن قىلغان كىرىم شىركەتنىڭ پۈتۈن كىرىمىنىڭ %5 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرت. بۇ كىرىم ھارام پائالىيەت قىلىشتىن كەلگەن بولسۇن ياكى ھارامغا ئىگە بولغانلىقتىن كەلگەن بولسۇن ئوخشاش. ئەگەر شىركەت بەزى كىرىملىرىنى ئېنىق دېمىگەن تەقدىردە، بىلىشكە تىرىشىش ۋە ھېچبولمىسا ئېھتىياتەن بېكىتىش كېرەك. بۇ نىسبەتنى بېكىتىشتە ئاخىرقى مالىيە دوكلاتىغا قارىلىدۇ»(9).
بۇ %5 نى بېكىتىشتە بىرەر شەرئىي ئاساسقا تايىنىلمىغان. بەلكى، بوغالتىرلىق ۋە ھېسابات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاز ياكى يوقىلاڭ دەپ قاراش ئادىتىگە ئاساسلىنىپ بېكىتكەن.
بۇ يەردىكى ئومۇمىي كىرىم نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شىركەتنىڭ يانچۇقىغا كىرگەن كىرىملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە، قالغىنى پايدا ھېسابلىنىدۇ.
بۇ %5 ئۆلچەمنى قويغان بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقىدەك ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئالغانلارنىڭ ھارام كىرىمنى قولىدىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى پاكلاشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە، شىركەتنىڭ ئالغان پايدىسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكىچە قۇتۇلۇش ۋاجىبتۇر:
1) ھارام كىرىم مەيلى ھارام پائالىيەتتىن ياكى ھارامغا ئىگە بولغانلىقتىن ۋەياكى ئۆسۈمدىن كىرگەن بولسۇن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش پاي چېكىگە ئىگە بولغۇچىغا ۋاجىبتۇر. پاي ئىگىسى يىل ئاخىرىغىچە مەبلەغ سالغۇچى بولسۇن ياكى ئېلىپ – ساتقۇچى بولسۇن، پەسىل ياكى يىل ئاخىرىدىكى مالىيە دوكلاتى چىققاندا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ۋاجىب بولىدۇ. مالىيە دوكلاتى چىقىپ بولغۇچە پاي چېكىنى سېتىۋەتكەنلەرگە ۋاجىب بولمايدۇ(10).
جۈملىدىن، 12- ئاينىڭ 31 – كۈنى شىركەتنىڭ مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندا، پاي چېكى قولىدا بولغان كىشى شىركەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن، ئۆزىنىڭ پېيىغا تەۋە بولغان كىرىمدىن شۇ پىرسەنتتە ھارام كىرىمنى ئايرىپ قولىدىن چىقىرىۋېتىشى، ئۇنى يېمەسلىكى كېرەك. دېمەك، بۇ ھارام كىرىمنى ئاشۇ تىزىملىك ئاساس قىلغان ئۆلچەمنىڭ ئۆزىمۇ ھارام دەپ قارايدۇ.
شىركەت زىيان تارتقان بولسىچۇ؟ ئوخشاشلا ھارامدىن قىلغان كىرىمنىڭ پىرسەنتىنى قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. چۈنكى، ھارام كىرىم كىرمىگەن بولسا ئىدى، زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولغان بولاتتى. شۇڭا، زىيان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھارام كىرىمنى قولىدىن چىقىرىۋېتىپ قۇتۇلۇشى كېرەك. يەنى مەزكۇر ھارام كىرىم پاي ئىگىسىگە ھالال بولمايدۇ.
2) قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان ھارام كىرىمنى بېكىتىشنىڭ فورمۇلاسى: شىركەتنىڭ پۈتۈن ھارام كىرىمىنى شىركەت پاي سانىغا چاچقاندا ھەربىر پايغا تەۋە ھارام كىرىم مەلۇم بولىدۇ. بۇنى قولىدا قانچە پاي بولسا كۆپەيتسە قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك بولغان مەبلەغ مەلۇم بولىدۇ(11).
بۇلارنىڭ ھارام كىرىمنى تازىلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئەھۋال يوق. مەسىلەن، 2020 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى تىزىملىكتىكى بىم (BIMAS Bim Mağazalar) شىركىتىنىڭ پېيىنى ئالغان كىشى ئۆزىنىڭ پېيىغا تەۋە بولغان ئۆسۈملۈك قەرزگە ئالاقىدار %3.7 بىلەن، 3 – كاتەكچىدىكى ھارام ئىش ۋە مەھسۇلات نىسبىتى بولغان %0.2 نى جەملەپ، ئۆزىگە تەۋە پايلارغا ئائىت ئومۇم كىرىمنىڭ %3.9 ىنى قولىدىن چىقىرىۋېتىشى ۋاجىب بولامدۇ ياكى بەزىلەر دېگەندەك يېرىمى ئۆسۈملۈك قەرزگە، يېرىمى ھالال ئەمگەككە تەۋە دېگەن ئاساستا %3.7 نىڭ يېرىمى بىلەن، ھارام ئىش ۋە مەھسۇلات نىسبىتى بولغان %0.2 نى جەملەپ (%2.05 نى) قولىدىن چىقىرىۋېتىشى ۋاجىب بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇدەك بىرەر ئۆلچەم يوق. ئەلۋەتتە بۇ شىركەت پايدا ئالغاندىمۇ، زىيان تارتقاندىمۇ ئوخشاش ۋاجىب بولىدۇ.
ئەمما، تىزىملىكتىكى لوگو يازىلىم (Logo Yazılım) شىركىتىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، «ئالغان ئۆسۈملۈك قەرزى %10.1، ئۆسۈملۈك بەرگەن قەرزى %5.9. ھارام پائالىيەت %1.7» دەپ يېزىلغان. بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى ئالغان كىشى ئۆسۈملۈك ئالغان قەرزى %10.1 نىڭ يېرىمى (يېرىمى ئۆسۈملۈك قەرزگە، يېرىمى ھالال ئەمگەككە تەۋە دېگەن ئاساستا) بولغان %5.05 + ئۆسۈملۈك بەرگەن قەرزى %5.9 + ھارام پائالىيەت %1.7 = %12.65 نى شىركەتنىڭ پايدىسىدىن ئەمەس، ئومۇمىي كىرىمىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.
ئۇنداقتا، شىركەت يىلدا 10 مىليون دوللار ئومۇمىي كىرىم قىلغان بولسا، مەيلى پايدا چىقسۇن ياكى زىيان بولسۇن، 10 مىليوندىن %12.65 بولغان هارام كىرىم 1 مىليون 265 مىڭ دوللار دېسەك، ئۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي پېيىغا چاچىمىز. 100,000 پېيى بار دەپ قارىساق، ھەربىر پايغا 12.65 دوللاردىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ شىركەتنىڭ بىر پېيىغا ئىگە بولغان كىشى يىل ئاخىرىدا بىر پايغا تەۋە 12.65 دوللاردىن قۇتۇلۇشى كېرەك. ئەگەر مىڭ پاي ئالغان بولسا، 1265 دوللاردىن قۇتۇلۇشى كېرەك.
بۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تازىلاش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق چۈشىنىپ بولۇش تەس ھەم بەزى يېتەرسىزلىكلەر ۋە ھەل قىلىنمىغان نۇقتىلار بار.
مەسىلەن، يۇقىرىقى تازىلاش ئۇسۇلىدىكى ئېغىر مەسىلە، «يىل ئاخىرىدا مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن پاي ئېلىپ – ساتقان كىشى، شۇنداقلا پايدا ئايرىپ بولغاندىن كېيىن تاكى يىل ئاخىرى مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن پاينى سېتىپ چىقىرۋەتكەن كىشى تازىلىمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ.
3) قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان بۇ ھارام كىرىمدىن ھېچقانداق تۈردە پايدىلىنىشقا ياكى باجنى تۆلەشكە ئىشلىتىشتەك تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ھىيلە ئىشلىتىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولمايدۇ(12).
قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان ھارام كىرىمنى ئۇ شىركەتكە پايدىلىق بولغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئىشلىتىش جائىز بولمايدۇ. مەسىلەن، بەزى شىركەتلەر شەكىللەنگەن ھارام كىرىمنى يىغىپ مەكتەپ سېلىپ، «پالانى شىركەت ياكى پالانى قاتىلىم بانكىسى سېلىپ بەرگەن مەكتەپ» دەپ ئۆزىگە تەشۋىقات قىلىشتا پايدىلىنىشىمۇ توغرا ئەمەس. مەزكۇر ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىش مەسئۇلىيىتى ئۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىغا، ئۇندىن قالسا پاي ئىگىسىگە كېلىدۇ.
پاي ئىگىسىمۇ ئۇ كىرىمنى ئۆزى ھېچقانداق پايدىلانماستىن قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئۇنى زاكىتىغا ھېسابلاشقىمۇ بولمايدۇ. سەدىقە دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن باج ياكى جەرىمانىلەرنى تۆلىسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ھارام كىرىمدىن پايدىلىنىش مۇتلەق ھارامدۇر.
بۇلار ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە يۇقىرىقى تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – ساتقانلارنىڭ قولىغا كىرگەن ھارام كىرىمنى قانداق تازىلاشقا ئالاقىدار گەپلەر بولۇپ، مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئالماقچى بولغانلار دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بىر شىركەتنىڭ پېيى «ھالال» دەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولسا، بۇ ئەھۋال 3 ئايدىن كېيىن ئۆزگىرىپ مۇشۇ ئۆلچەمگىمۇ چۈشمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، يۇقىرىدا بىم شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. بەزى شىركەتلەر ئېھتىياج تۈپەيلى %30 تىن ئاشۇرۇپ قەرز ئېلىشى ياكى قەرز بېرىشى مۇمكىن. بۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە مۇنداق كەلگەن: «مۇشۇ ئۆلچەملەرگە پاي قوشۇش ۋە مۇئامىلە قىلىش مۇددىتى جەريانىدا رىئايە قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ تۈرلۈك مەبلەغ سېلىشتىن دەرھال چېكىنىش ۋاجىبتۇر»(13).
چىقىپ كېتىشتىمۇ قانداق چىقىپ كېتىشى مۈجمەل. دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ ياكى سېتىۋالغان باھاغا چىقىشىنى كۈتەمدۇ؟ زىيىنىغا ساتسا تازىلىشى كېرەكمۇ؟ لېكىن، ئېنىق بولغىنى يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە زىيان تارتسىمۇ تازىلىشى كېرەك.
يىغىپ ئېيتساق، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ تۈرلۈك جازانە ۋە ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشنى %30 ياكى %5 تىن ئاز بولسىمۇ چەكلەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. مەنمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە جازانەنىڭ ئازغىنسىىدىنمۇ يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن. شۈبھىسىزكى، بۇ تىزىملىكنى تۇرغۇزغان شىركەتنىڭ بېكىتىلگەن ئۆلچەملەرگە مۇتلەق رىئايە قىلىشىغا ئىشىنىشمۇ تەس. بۇ ساھەدە مۇستەقىل ۋە لىللا تۇرۇپ باھالاپ بېرەلەيدىغان ئىشەنچلىك ئورۇن يوق. تۈركىيەدە تىزىملىك ئېلان قىلغان «قاتىلىم ئېندىكسى» ۋە «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر» (BMD) شىركەتلىرىنىڭ ئۆز تور بەتلىرىدىكى ئىقرارلىرى بويىچە جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى، تىزىملىك تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ خىراجىتىنى قاتىلىم بانكىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە ھارام نىسبىتىنى بىلىش پەقەت شۇ شىركەتلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بايانىدىنلا مەلۇم بولىدۇ. يوشۇرغىنى ياكى مەلۇم قىلمىغىنى بىلىنمەيدۇ.
ئەگەر ئۇ شىركەتلەرنىڭ باھالىشىغا شۇنداقلا ئاشۇ ئۆلچەمنى توغرا تاپقان ئالىملارغا ئىشىنىپ تۈركىيەدە ئىناۋەتلىك تىزىملىكتىكى «ھالال» دەپ قارالغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىشنى تاللىغانلار بولسا، بۇمۇ بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تاللىشىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. بۇ قاراشنى تۇتقان تەقدىردىمۇ ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىشى ئاشۇ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ۋاجىبتۇر. شۇنداقلا ئۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىلار ۋە پېيىنى ئالغۇچىلارمۇ گۇناھكاردۇر. چۈنكى، پاي سېتىۋالغۇچى شىركەتكە ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئۆز چامىسىدا شېرىكتۇر.
باشقا دۆلەتلەردە ئېلان قىلىنغان تىزىملىكلەرگىمۇ مۇشۇ شەرتلەر بويىچە قارىساق بولىدۇ.
بۇ يەردە «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە كەلگەن تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش پايدىلىق دەپ قارايمەن:
1) پاي چېكىنى مارجىن تىجارىتى (Margin Trading) ئارقىلىق ۋاسىتىچىدىن ياكى بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. قەرز ئۈچۈن سېتىۋالغان پاي چەكلەرنى ۋاسىتىچىگە رەنىگە قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.
بۇ تىجارەتنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: سودىگەر تىجارەتكە دەسمايە سالماقچى بولغان پۇلىنى ۋاسىتىچى (broker) غا بېرىپ، ئۇنىڭدىن نەچچە ئون ھەسسە پۇلنى ۋاسىتىچىدىن قەرز ئېلىپ ۋاسىتىچى ئارقىلىق چوڭ تىجارەت قىلىدۇ. باھا ئۆسكەندە ساتىدۇ. ھەر ئايدا ۋاسىتىچىگە ھەق تۆلەيدۇ. ۋاسىتىچىدىن ئالغان قەرز ئۈچۈن سېتىۋالغان پۇللارنى ۋاسىتىچىگە رەنىگە قويىدۇ. بەزىدە پايچەك ياكى سەنەد (قەرز ھۆججىتى)، ياكى مەدەن تىجارىتى قىلىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك بۇ سودا قەرز، رەنە، ۋاسىتىچىلىك، يوق سەرمايىدە تىجارەت قىلىش ۋە پۇللارنى نېسى ئېلىپ – سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2) ساتقۇچى ئىگە بولمىغان پاي چېكىنى ئۆتنە قىلىپ (قىسقا مۇددەتلىك) سېتىش (SHORT SALE)(14) قا بولمايدۇ. ۋاسىتىچى تاپشۇرۇش ۋاقتىدا پاي چېكىنى قەرز بېرىپ تۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلسىمۇ ئۇ سودا ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ.
3) شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى قەرز بېرىپ تۇرۇش، رەنىگە قويۇش، پاي چېكىدا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇپ كېيىن پاي چېكىنى تاپشۇرىدىغان «سەلەم سودىسى» قىلىش، پاي چېكىدا كېلەچەكتە قىلىشقا پۈتۈشكەن سودىلار (Futures contracts) نى ۋە ئىختىيارلىقلار بىلەن تولغان ئوپشىن توختاملىرى (Option contracts) نى قىلىش، پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى ئوبيېكت قىلغان ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇش توختاملىرى (Swaps)(15) قىلىش جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا مەيلى نېمە مەقسەتتە بولسۇن، پاي چېكىنى ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ. ئارىيەتكە بېرىشكە بولىدۇ.
4) قول ئىلكىدىكى مال – مۈلكى پەقەت نەق پۇل بولغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى دەسلەپتە بېكىتىلگەن قىممىتى بويىچە قولمۇقول تاپشۇرۇپ ئېلىش ئارقىلىقلا ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. بازار باھاسى بويىچە ياكى نېسى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ.
يەنى بىر شىركەتنىڭ مەبلىغى توپلىنىپ، ئۇ پۇللار تېخى مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ياكى مەنىۋى ھەقلەرگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن پاي ئىگىلىرى پايلىرىنى سېتىشتا شەرىئەتتىكى پۇل ئالماشتۇرۇش يەنى «سەرف سودىسى» شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستىلا ساتسا بولىدۇ. يەنى 1 لىرالىق بىر پاينى پەقەتلا بىر لىراغا ساتالايدۇ. ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياكى ئارتۇق ساتسا جازانە شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، سېتىلغان نەرسە پۇل.
كېيىنچە سەرمايە پۇلنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ياكى مەنىۋى ھەقلەرگە ئايلانسا، نەق بار پۇل ياكى قەرزلەر ئايرىم ياكى بىرلىكتە %50 دىن ئاشمىسا، ئاندىن پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىكى نەق پۇل ۋە قەرزلەر مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە مەنىۋى ھەقلەرگە تەۋە بولغان بولىدۇ.
شۇنداقلا شىركەت مال – مۈلكى ۋە باشقا ھەقلىرى پۈتۈنلەي ياكى كۆپ قىسمى نېسى سېتىش ۋە مۇرابەھە سودىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق نەق ۋە نېسى پۇلغا ئايلانغان شىركەتنى بوغۇشتىن بۇرۇنقى ۋە بوغۇش باسقۇچلىرىدىمۇ سەرمايىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىدا ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. پۈتۈنلەي نەق ۋە نېسىگە ئايلانغان تەقدىردە يەنىلا يۇقىرىقىدەك پۇل سودىسى ئەھكاملىرى بويىچە ئېلىپ – سېتىلىدۇ.
5) شۇنداقلا پۈتۈن بارلىقى قەرزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، قەرز ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىنمىسا ئېلىپ – سېتىش جائىز بولمايدۇ(16).
باشقا شەرتلەر ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بۇرۇنقى «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» ماۋزۇلۇق پەتۋادا بايان قىلىنغان(17).
ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، بىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانەدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەدىسلەردە جازانە يېگۈچى ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان. جازانە بۇ قەدەر ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھ بولغاندىن كېيىن، جازانەدىن، يوق نەرسىنى ئېلىپ – سېتىشتىن ۋە شۈبھىلىك مۇئامىلىلەردىن جېنىنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇش تەقۋادارلىققا ئىنتىلىدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا لايىق ئىشتۇر.
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم – سېتىم جازانەگە ئوخشاش» دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.
ھالال كەسپ دائىرىسى ئىنتايىن ئېنىق ۋە كەڭرى. بەندە بىر ئىشنى ئاللاھتىن قورقۇپ تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىراق ئىشنى ئۇدۇللاپ بېرىدۇ. ھەربىر بەندە پۈتۈلگەن رىزقىدىن ئارتۇق ياكى كەم يېيەلمەيدۇ. شۇڭا، توغرا يولدىن پۇل تېپىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ھەربىر بەندە پۇلنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نېمىگە خەجلىگەنلىكى توغرىسىدا جەزمەن سوراققا تارتىلىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 22 – زۇلھەججە/ م. 2020، 12 – ئاۋغۇست
1. پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق (التَّوَرُّقُ الْمَصْرَفِيُّ/Monetization/ Tawarruq): بۇ بولسا نەق پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بانكىدىن بىرەر تاۋارنى مۇرابەھە ياكى نورمال سودا كېلىشىمى بىلەن نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇ تاۋارنى باشقا بىرىگە نەق سېتىشتا بانكىنى ۋەكىل قىلىپ نەق پۇلغا ئېرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل تەۋەررۇقنىڭ ماھىيىتى ھىيلە قىلىنغان جازانەلىك سودا شەكلىنى پەيدا قىلىپ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ ئىينە سودىسىغا يېقىن، ھەتتا ئىينە سودىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋارىيانتى ياكى ئارىغا ئۈچىنچى بىر شەخس كىرگۈزۈلگەن شەكلىدۇر. شۇڭا، ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار بۇ خىل تەۋەررۇق سودىسىنى ھارام دەپ كېسىۋەتكەن. چۈنكى، بۇمۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. قاراڭ: ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 30 – شەرئىي ئۆلچەم. 767 – بەت؛ در. ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىيدىي: «التورق كما تجريه المصارف في الوقت الحاضر»، 2 – ج، 522 – بەت: أعمال وبحوث الدورة السابعة عشرة للمجمع الفقهي، رابطة العالم الإسلامي – مكة المكرمة، في الفترة من 19-23/10/1424هـ الموافقة لـ 13-17/12/2003م؛ در. ئەلى سالۇس: «العينة والتورق والتورق المصرفي»، 2 – ج، 488 – بەت.
2. قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7 – 12 ذي القعدة 1412هـ، الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).
3. قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7 – 12 ذي القعدة 1412هـ، الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. («مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).
4. قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلام في دورته الرابعة عشرة سنة 1415هـ، الموافق 1995.
5. ئايوفىي (هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية/AAOIFI): ھ. 1411 / م. 1991 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلام مالىيەسى ئاستىقۇرۇلمىسىنى ھازىرلايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى. باش ئىشخانىسى بەھرەيندە. بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام مالىيەسى، ھېسابات، تەپتىش، ئىش ئەخلاقى ۋە ھەكەملىك قاتارلىق ئىسلام مالىيەسىگە ئالاقىدار تەسىرى كۈچلۈك بولغان 100 شەرئىي ئۆلچەم بېكىتىپ چىققان. ئۇنىڭغا 50 كە يېقىن دۆلەتتىكى مەركىزىي ۋە باشقا بانكىلار شۇنداقلا مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەزا بولغان ۋە مەزكۇر شەرئىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ كەلمەكتە. قاراڭ: ئايوفىي تور بېتى: https://aaoifi.com/about-aaoifi/?lang=en
6. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 563 – 573 – بەتلەر.
7. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 568 – بەت. 3/4/1 – 3/4/2 – ماددىلار.
8. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 568 – 569 – بەتلەر. 3/4/2 – 3/4/3 – ماددىلار.
9. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 569 – بەت. 3/4/4 – 3/4/5 – ماددىلار.
10. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 569 – بەت. 3/4/4 – 3/4/6/ – 3/4/6/ 1 – ماددىلار.
11. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 570 – بەت. 3/4/6/4 – ماددا.
12. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 570 – بەت. 3/4/6/5 – ماددا.
13. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 571 – بەت. 3/4/8 – ماددا.
14. ئۆتنە قىلىپ (قىسقا مۇددەتلىك) سېتىش (البيع على المكشوف / SHORT SALE): ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىشنىڭ ئورنىغا، باھانىڭ چۈشۈشىنى كۈتكەندە، پاي چېكىنى ئۆتنە ئېلىپ قىممەت سېتىپ ئەرزان سېتىۋېلىپ پاي چېكىنى ئىگىسىگە (شۇ كۈنى، نيۇيورك بازىرىدا 4 كۈندە) قايتۇرۇپ بېرىپ ئىككى باھا ئوتتۇرىدىكى پەرقنى پايدا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم شىركەتنىڭ 100 لىرالىق پاي چېكىنى سېتىۋالغان كىشى باھا ئۆرلىسە 150 لىراغا، باھا چۈشۈپ كەتسە، 50 لىراغا ئاران ساتالايتتى. لېكىن كۈتكىنىدەك باھا چۈشۈپ كەتسە 100 لىرالىق پاي چېكىنى ۋاسىتىچىدىن ئۆتنە ئېلىپ بازار ئېچىلغاندا 75 لىراغا سېتىپ، كەچتە بازار تاقىلىشتىن بۇرۇن 50 لىراغا سېتىۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆتنە ئېلىنغان پاي چېكى قەرز بەرگۈچىنىڭ قولىدا تۇرىدۇ ۋە سېتىشنىمۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆزى قىلىدۇ. بۇ پاي چېكىلەر قەرز بەرگۈچىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ رەنىسى ياكى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىنغان بولىدۇ. قەرز بېرىپ تۇرغۇچى ۋاسىتىچى پاي چېكىنى ساتقان پۇلدىن قايتۇرغانغا قەدەر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ پايدىلىنىۋالىدۇ. قاراڭ: در. ئەھمەد ئىبراھىم غول: «التكييف الفقهي للبيع على المكشوف»، 338 – 340 – بەت.
15. «ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇش توختاملىرى (Swaps)»: ئىككى ياكى كۆپ تەرەپ ئوتتۇرىدىكى توختاملار بولۇپ، ئا تەرەپ ب تەرەپكە كېلەچەكتە 5 يىلغىچە ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇشقا، ب تەرەپمۇ ج تەرەپكە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇشقا توختاملىشىدۇ. بۇ توختاملاردىن ھەممە تەرەپ يېنىۋالالمايدۇ.
16. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 571 – 573 – بەتلەر. 3/5 – 3/19 – ماددىلار.
17. در. ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – ج، 539 – 543 – بەتلەر. 145 – پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…