تالاق ئىددىتىدىكى ئايالنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئىددىتى قانداق توشىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشى تالاق قىلىنىپ، ئىككى ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئىددىتى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تالاق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

بىرى تالاق قىلغان ئايالىنى نىكاھ يېڭىلىمايلا ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدىغان «رەجئىي» تالاق، يەنە بىرى ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ كېتىدىغان «بائىن» تالاقتۇر. بائىن تالاقمۇ چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

كىچىك بائىن دېگىنىمىز، بىر ياكى ئىككى رەجئىي تالاق قىلىپ، ئىددىتى توشۇپ بولغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىددەت توشۇشى بىلەن ئايال ئەردىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ، يات بىر ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. لېكىن، تالاق سانى ئۈچكە يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ خاھلىسا، يېڭىدىن تويلۇق بېرىپ نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلالايدۇ. ئايال خاھلىسا باشقا ئەرگە تېگەلايدۇ.

چوڭ بائىن دېگىنىمىز، ئۈچ قېتىم رەجئىي تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشۇپ بولغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. «بائىن» تالاقنىڭ يەنە بىرقانچە تۈرى بار.

بۇ ئەھۋالدا، ئۈچىنچى تالاق قىلىنىش بىلەن ئايال ئەردىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ يات بىر ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ ئەردىن ئىددەت تۇتىدۇ. بۇ تالاقتىن كېيىن ئىككى تەرەپ خاھلىسىمۇ قايتا يارىشالمايدۇ. ئايال بۇرۇنقى ئېرىگە ئەمەس باشقا ئەرگە تېگىدۇ.

ئەمدى سوئالدىكى ۋەقەلىككە كەلسەك، ئايال رەجئىي تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئىددەت مەزگىلىدە ئايال يەنىلا شۇ ئەرگە تەۋە بولغاچقا، بۇ ئىددەتتىن مەيلى بىر ھەيز ياكى ئىككى ھەيز كۆرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇرۇنقى ھەيز ئارقىلىق ئىددەت تۇتۇشنى بىكار قىلىپ ئۆلۈم ئىددىتىگە يۆتكىلىپ ئەر ئۆلگەن كۈندىن باشلاپ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئەردىن مىراس ئالىدۇ. ئەرگە ھازا تۇتىدۇ.

ئەگەر ئايال «بائىن» تالاق قىلىنغان بولسا، ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئىددەت مەزگىلىدە ئايال شۇ ئەرگە تەۋە بولمىغاچقا، ئىددىتىنى ئۇلاپ تولۇقلايدۇ. ئۆلۈم ئىددىتىگە يۆتكەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەردىن مىراس ئالالمايدۇ. ئەرگە ھازا تۇتمايدۇ. يۇقىرىقىلارغا قارىتا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

پەقەتلا ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئايالىنى مىراسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن «بائىن» تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بەزى ئالىملار بۇ ئەھۋالدا ئەرنىڭ يامان نىيىتىگە خىلاپ ھالدا ئايال ئەردىن مىراس ئالىدۇ دەپ قارايدۇ.(1)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 19 – رامازان / م. 2012، 7 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 328 – بەت. 58 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1 ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/88.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

3 ھەپتە ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

4 ھەپتە ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

1 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

2 ئاي ago