ياۋروپالىققا قوي بوغۇزلىتىش توغرىسىدا
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز ياۋروپادا قوينى ئۆزىمىز بوغۇزلىساق قويچىغا جەرىمانە كېلىدىغان بولغاچقا، ياۋروپالىق قويچى ئۆزى بوغۇزلاپ بېرىدۇ. «بىسمىللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر»نى بىز ئېيتىپ بېرىمىز. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار سويغان قوينى يېگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ماللارنى يېيىشكە، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ماللارنى يېمەسلىككە بۇيرۇپ: ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(6/«ئەنئام»: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئادەتتە مال بوغۇزلىغاندا، قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئاتايمىز.
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، «بىسمىللاھ» دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ۋاجىب بولۇپ، قەستەن دېمىسە مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر دېيىشنى ئۇنتۇپ قالسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشى ھالال بولىۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنتۇش دېگەن ئىنساندا كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شەرىئەتتە مۇشەققەت كۆتۈرۈۋېتىلگەن. ئەگەر دېيىشنى بىلمىگەنلىكتىن دېمىگەن بولسا ياكى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن دېمىگەن بولسا، گۆشى ھالال بولمايدۇ(1).
لېكىن، مەزكۇر سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بوغۇزلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە توختىلىش كېرەك. يەنى ياۋروپالىق قاسساپنىڭ دىنىي ئېتىقادى نېمە؟ مۇسۇلمانمۇ؟ ئەھلى كىتاب يەنى خرىستىيان ياكى يەھۇدىيمۇ ۋەياكى ئاتېئىست ۋە دىنسىزمۇ؟ چۈنكى، ياۋروپادىكى بىز «خرىستىيان» دەپ ئويلىغان ئاھالىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دىنسىزلىشىپ كەتكەن. ھازىر قارايدىغان بولساق، ياۋروپا نوپۇسىنىڭ ئاران 3/1 (ئۈچتىن بىر) ى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان، خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغىنى دىنسىزلار.
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئەھلى كىتابلاردىن باشقا كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «بارلىق ئالىملار بىردەك ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامىنى ئاتىمىغانلا بولسا، يېيىشكە بولىدىغانلىقىدا ئىجماﺋ قىلغان. يەنە ئاتەشپەرەست ۋە بۇتپەرەستلەر ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ بوغۇزلىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى يېيىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلغان» دېگەن(2).
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئەھلى ئىلىملەر ئاتەشپەرەستلەرنىڭ تۇتقان ئوۋلىرى ۋە بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بوغۇزلانمايدىغان بېلىق ۋە چېكەتكىگە ئوخشىغان نەرسىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئالىملار بۇنىڭ ھالاللىقىغا ئىجماﺋ قىلغان»(3).
ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ: «ئۈممەت مۇشرىكلەرنىڭ قىزلىرىنى ئېلىشنىڭ، بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلغان» دېگەن(4).
ئەھلى كىتاب بولمىغان كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىدا ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى يەنە ئىمام ئەھمەد، ئىبنۇلمۇنزىر، ئەبۇبەكرى ئەلجەسساس، قۇرتۇبىي، ئەلخازىن ۋە ئىبنۇلجەۋزىي قاتارلىق ئالىملارمۇ بايان قىلغان.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە دەيدۇكى: ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىكىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىكىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(5/«مائىدە»: 5).
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتى ئەھلى كىتابتىن باشقا كافىرلارنىڭ يېمەكلىكىنىڭ يەنى بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار كىتابى يوق كافىرلاردۇر.
دېمەك، ياۋروپالىق مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولمىغان تەقدىردە، ئۇ «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلىسىمۇ ياكى قوي ئىگىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بەرسىمۇ ئۇ گۆشنى يېگىلى بولمايدۇ.
ئەگەر بوغۇزلاپ بەرگۈچى مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي – خرىستىيان) بولسىچۇ؟
«بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر»نى بوغۇزلىغۇچىدىن باشقا كىشى دەپ بەرسە مالغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش شەرتى ئورۇندالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ نامىنى بوغۇزلىغۇچى ئۆزى ئاتىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاقتۇر.
ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى نۇجەيم مۇنداق دەيدۇ: «بوغۇزلىغۇچى پىچاق سۈرگەندە، قۇربانلىق ئىگىسى ياكى باشقىسى ‹بىسمىللاھ› دېسە ھېساب بولمايدۇ».
ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاساسلىق شەرتلەرگە كەلسەك، شەرتلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بوغۇزلىغۇچىدىن بولۇشى شەرت. شۇڭلاشقا، بوغۇزلىغۇچى بۇ شەرتنى ئۇنتۇپ قالمىغان ھالدا ئەسلەپ تۇرۇپ جىم تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى باشقىسى ئېيتسا قۇربانلىق ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالانىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ نامى ئاتالماي بوغۇزلانغان مالدىن يېمەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە، يولدىن چىقىپ كېتىشتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن سۆزى ‹ئاللاھنىڭ ئىسمىنى بوغۇزلىغۇچى ئېيتمىسا› دېگەنلىك بولۇپ، بوغۇزلىغۇچىنىڭ بوغۇزلاشتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىشى شەرت قىلىنغاندۇر».
بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى پىچاق سۈرمەكچى بولغان بوغۇزلىغۇچىنىڭ ئاتايدىغانلىقى، باشقىلار ئاتىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانلىرى يۇقىرىقىدەك ئېنىق(5).
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە دېگەنكى: ﴿ئېيتقىنكى، «سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ تەربىيەلىگەن جانىۋارلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۇتقان ئوۋلىرىدىنمۇ يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»﴾(5/«مائىدە»: 4)، ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(6/«ئەنئام»: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121)، ﴿(كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلار قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللا دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق﴾(ھەج: 36).
ئۆگىتىلگەن ئوۋ ئىتلىرىنى قويۇپ بەرگەندە ياكى ئوۋغا قارىتىپ ئوق ئاتقاندا، «بىسمىللاھ» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن) دېيىش ھەققىدىكى ۋە پىچاق تاپالمىغاندا بىسلىق نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلاش ھەققىدىكى «سەھىھ» ھەدىسلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
ساھابەلەردىن ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز بەزىدە ئوۋ ئوۋلىغىنىمىزدا، ئوۋنى بوغۇزلاشقا قىرلىق تاش ياكى قومۇشتىن باشقا نەرسە تاپالمايمىز. ئاشۇنداق نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلىساق بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، خاھلىغان نەرسە بىلەن قان ئېقىتساڭ بولىدۇ»(6) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە ئۇنىڭغا: «ئىتىڭنى قويۇپ بەرگەندە، ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىغان بولساڭ يېگىن» دېگەن(7).
يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بۇيرۇق ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، ئاتاشنى باشقا كىشى ئەمەس، بوغۇزلىغۇچى ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تاماق يېمەكچى بولغان كىشى «بىسمىللاھ» دېمەي، يېنىدىكى كىشى دېسە ھېساب بولمىغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بوغۇزلىغۇچىدىن باشقا كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى ھېساب بولمايدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمان كىشى قۇربانلىقنى بوغۇزلاشتا ئەھلى كىتابنى ۋەكىل قىلسىچۇ؟
ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھالال ئىكەنلىكى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى ئىتتىپاق مەسىلىدۇر. بۇ ئۇلار بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىكى گەپ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاتېئىست ئەمەس، خرىستىيان ياكى يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلسە، قۇربانلىق قىلغۇچى ياۋروپالىق قاسساپنى ۋەكىل قىلسىچۇ؟
قۇربانلىق قىلىش ئىبادەت بولغاچقا، ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە تاپشۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس. كۆپچىلىك ئالىملار: «ۋەكىل بولۇپ بوغۇزلىغۇچى ئەھلى كىتاب بولسا، قۇربانلىقى مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا بولىدۇ» دەپ قارىغان. چۈنكى، ئەھلى كىتابلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىمۇ بىزگە ھالال قىلىنغانلاردىندۇر. مالىكىي ئالىملار بۇ ۋەكالەتنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئەھلى كىتاب ۋەكىل بوغۇزلىسا قۇربانلىق ئادا بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن(8).
ئەگەر ياۋروپادا ياشاۋاتقانلارغا قۇربانلىقنى ئۆزى قىلىش ياكى مۇسۇلمان كىشىنى ۋەكىل قىلىش مۇمكىن بولمىسا، توغرا ئۇسۇلدا قۇربانلىق قىلغىلى بولىدىغان دۆلەتلەردىكى يېقىنلىرىغا تاپىلاپ ۋەكىل قىلسا، ۋەكىل قىلىنغۇچى قۇربانلىقنى بەجا كەلتۈرۈپ، گۆشىنى تاپىلىغان بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ قويسا بولىدۇ.
ئەمما، مۇسۇلمان كىشى «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن قوينى سويۇش، ئىچ قارنىنى چىقىرىش ۋە پارچىلاش ئىشلىرىنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي: «مۇسۇلمان كىشى قويىنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئاتەشپەرەست پارچىلىسا ھالال بولىدۇ» دېگەن(9).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 2 – زۇلھەججە / م. 2020، 23 – ئىيۇل
1. ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 3 – ج، 54 – بەت؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمهىيد»، 22 – ج، 302 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – ج، 46 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9 – ج، 293 – بەت.
2. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 15 – ج، 217 – بەت.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 11 – ج، 39 – بەت.
4. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 8 – ج، 100 – بەت.
5. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 8 – ج، 193 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – ج، 48 – بەت؛ ئەلى ئىبنى خەلەف: «كىفايەتۇتتالىبۇررەببانىي»، 1 – ج، 574 – بەت؛ ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 4 – ج، 272 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9 – ج، 293 – بەت؛ رۇھەيبانىي: «ماتالىبۇ ئۇلىننۇھا»، 6 – ج، 333 – بەت.
6. ئەھمەد (18276). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5476)؛ مۇسلىم (1929).
8. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 5 – ج، 105 – بەت.
9. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9 – ج، 100 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…