ئەگەر زاكاتنى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى قەبىھ كۆرسىتىدىغان، دىننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇلغايدىغان ياكى ئەخلاقىدىن ياتلاشتۇرىدىغان، ياكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ پىلانىغا خىزمەت قىلىدىغان كىتاب ياكى تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىشقا، بېسىشقا ۋە تارقىتىشقا ئىشلەتكەن تەقدىردە، بىرىنچىدىن، زاكات ئادا تاپمايدۇ. زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى قايتا بېرىشى لازىم، بولمىسا گەدىنىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زاكاتنى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى سەت كۆرسىتىدىغان ماتېرىيال كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىشقا بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى ئاللاھ تائالا تەۋبە سۈرىسى 60 – ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇنى شۇ سەككىز ئورۇننىڭ بىرىگە ياكى بىرقانچىسىگە، ياكى ھەممىسىگە بەرسە ئاندىن ئادا تاپىدۇ. بۇ ئورۇنلارغا قارايدىغان بولساق، زاكاتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، جىھاد ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەگەر زاكاتنى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى قەبىھ كۆرسىتىدىغان، دىننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇلغايدىغان ياكى ئەخلاقىدىن ياتلاشتۇرىدىغان، ياكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ پىلانىغا خىزمەت قىلىدىغان كىتاب ياكى تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىشقا، بېسىشقا ۋە تارقىتىشقا ئىشلەتكەن تەقدىردە، بىرىنچىدىن، زاكات ئادا تاپمايدۇ. زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى قايتا بېرىشى لازىم، بولمىسا گەدىنىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ.
ئىككىنچىدىن، زاكات مالنى ياكى بىراۋنىڭ قىلغان ئىختىيارىي ئىئانە، ساخاۋىتىنى يۇقىرىقى تۈردىكىلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا سەرپ قىلىش، يىغىپ توپلاش ياكى بولمىسا يۇقىرىقىدەك زەھەرلىك تەشۋىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاللاھقا، رەسۇلىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلغانلىق، كافىرلارنىڭ سېپىنى تۇتقانلىق ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرۇشتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەتتۇر. شۇڭا، ئەگەر بۇنى بىلىپ قىلغان تەقدىردە، بۇنداق زەھەرخەندىلىكنىڭ مۇسۇلمان دېگەنلەرنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولۇشى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئاسىيلىق، مۇسۇلمانلارغا خىيانەتتۇر. ئەگەر قەلبىدە بۇنداق بىر خىيانەتنى پىلانلاپ قىلغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ زىندىقلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر. ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلمەي ياردەملىشىپ قالغان ياكى بۇنداق ئىشلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ ياردەم بېرىپ قالغان بولسا، دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتى چۈشكەن دائىرىدە قولىدىن كېلىشىچە، زىياننى تولدۇرۇشى ياكى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىشى پەرزدۇر.
شۇنداقلا بىلمەي ياردەم بېرىپ سالغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ راست بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىنى كۆتۈرىدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەدىقە – ئېھسان قىلىۋېتىشى ھەمدە ئاشۇنداق مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە زىيانلىق قىلمىشلارنى ئىجرا قىلىۋاتقانلاردىن ئادا – جۇدا بولۇپ، بېرىش – كېلىش قىلماسلىقى قاتارلىقلار مەزكۇر كىشىنىڭ تەۋبىسىدە راستچىل بولغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 6 – شەۋۋال / م. 2020، 29 – ماي
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…