سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ مەسىلىگە پەتۋا بەرسەڭلار. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قىزى بار (ئېمىتكۈچى تەرەپ). يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بار. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ بىرىنچى قىزى ئېمىلداش. شۇ بىرىنچى قىزىغا (ئېمىلداش بولغان) ئىككىنچى ئوغۇلنىڭ ئاكىسىنى ئۆيلەپ قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىككىنچى ئوغۇل يات بىر ئايالنىڭ سۈتىنى ئەمگەن بولسا، بۇ ئوغۇل شۇ ئايالنىڭ ئېمىتىش جەھەتتىن ئوغلى بولىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ بارلىق قىزلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ ئېمىلداش ھەمشىرىلىرى بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئوغۇل ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنەلمەيدۇ. چۈنكى، نەسەب جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار، ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولغاچقا، ئۇ قىزلار بۇ ئوغۇلغا ئاچا – سىڭىل بولىدۇ. «سەھىھەين»دىكى ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۇغۇش ھارام قىلغان كىشىلەرنى، ئېمىشمۇ ھارام قىلىۋېتىدۇ» دېگەن.(1)

ئەمما، ئۇ ئوغۇلنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى بولسا ئۇ ئايالنى ئەممىگەنلا بولسا ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنەلەيدۇ. چۈنكى، ئېمىش جەھەتتىن ھارام بولۇش ئەمگۈچى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.

ئىمام سەرەخسىي ئېيتىدۇ: «ناۋادا ئىككى ئايال بولۇپ، بىرىنىڭ ئوغۇللىرى، يەنە بىرىنىڭ قىزلىرى بولسا، قىزلىرى بار ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى ئېمىتىپ قويغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى ئۇ ئايال ئېمىتىپ قويغان ئاشۇ بىر ئوغۇلغىلا ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئوغۇل قىزلارغا ئېمىلداش بىر تۇغقان بولۇپ كەتكەن. ئۇ قىزلاردىن ھېچقايسىسى يەنە بىر ئايالنىڭ باشقا ئوغۇللىرىغا ھارام بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بىر ئەمچەكتىن ئەممىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېمىلداشلىق قېرىنداشلىقى بولمىغان».(2)

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇ ئايالنى ئەمگەن يات بالىنىڭ ئاكا – ئۇكا ياكى ئاچا – سىڭىللىرى بىلەن نىكاھ قىلسا بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد: ‹ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئېمىلداش سىڭلىسىنىڭ ئاچا – سىڭلىسىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئېمىلداشلىق ياكى نەسەب يوق. ئېمىلداشلىق پەقەتلا ئىككى قىز ئوتتۇرىدا› دېگەن».(3)

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېمىلداش يىگىتنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى، ئېمىتكەن ئايالنىڭ قايسىبىر قىزىغا ئۆيلەنسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 26 – زۇلقەئدە / م. 2016، 29 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 315 – بەت. 51 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5099)؛ «مۇسلىم»، (1444).
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 30/301.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/142.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago