Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كېتىش

مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كېتىش

مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ يىل ھەجگە ماڭغىنىمىزدا ئېھرام باغلايدىغان جايدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېھرام باغلىيالمايلا ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ھەجگە تەسىرى بولامدۇ؟ قان قىلىش ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يىراق دىيارلاردىن ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغاندا، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئورۇنلار بار بولۇپ، بۇ «مىيقات»(1) دەپ ئاتىلىدۇ. ھەج ياكى ئۆمرەگە ماڭغانلار بۇ ئورۇنلاردىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ. بەلگىلەنگەن بۇ ئورۇنلار تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە كەلگەن:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەلىكلەرگە ‹زۇلھۇلەيفە›نى، شاملىقلارغا ‹جۇھفە›نى، نەجدىلىكلەرگە ‹قەرنۇلمەنازىل›نى، يەمەنلىكلەرگە ‹يەلەملەم›نى تەلبىيە توۋلايدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ بەردى. يۇقىرىقى ئورۇنلار شۇ جايلاردا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ، شۇنداقلا ھەج ۋە ئۆمرەنى ئىرادە قىلىپ باشقا جايلاردىن كېلىپ، ئاشۇ ئورۇنلاردىن ئۆتكىچىلەرنىڭ تەلبىيە توۋلايدىغان جايىدۇر، كىمكى تەلبىيە توۋلاشقا بەلگىلەنگەن ئورۇنلار بىلەن مەككەنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، مەككەگە قاراپ قوزغالغان جايىدىن تەلبىيە توۋلاۋېرىدۇ. مەككە ئاھالىسى بولسا مەككەنىڭ ئۆزىدىنلا تەلبىيە توۋلايدۇ».(2)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىراق ئاھالىسى ئۈچۈن زاتۇئىرقنى ئېھرام باغلاش ئورنى قىلىپ بېكىتىپ بەردى.(3) جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: «ئىراق ئاھالىسى ئېھرام باغلايدىغان جاي زاتۇئىرقتۇر» دەپ كەلگەن.(4)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «مۇشۇ ئىككى شەھەر (بەسرە بىلەن كۇفە جايلاشقان زېمىن) فەتھى قىلىنغاندا، ئىككى شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئاھالە ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجد ئاھالىسىگە ‹قەرنە›نى تەلبىيە توۋلايدىغان جاي قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن، ئۇ يەر بىزنىڭ يولىمىزغا ئۇدۇل كەلمەيدۇ. بىز ‹قەرنە›گە بارماقچى بولساق، بىزگە جاپا بولۇپ قالىدىكەن، — دېيىشكەن ئىدى، ئۆمەر:

— يولۇڭلاردا ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا قاراڭلار (يەنى ئۇدۇلىدىن توۋلاڭلار)! — دەپ، ئۇلارغا زاتۇ ئىرقنى (تەلبىيە توۋلايدىغان جاي قىلىپ) بەلگىلەپ بەردى».(5)

يۇقىرىقى جايلارنىڭ مىيقاتلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. قارايدىغان بولساق، بۇ مىيقاتلار ھەرەمنى چەمبەرسىمان دائىرە ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ مىيقاتلارنى ئۆزىنىڭ بەيتىنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بېكىتكەن. بۇ يەردىكى ھۆرمەت، ھەرەم مەسجىدنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى، ھەرەم دائىرىسىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ۋە مىيقاتنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىدىن ئىبارەت.

ئېھرام باغلاشمۇ بۇ ئىلاھىي ھەققى – ھۆرمەتلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا بەل باغلاش ۋە ئۇنى جاكالاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەج قىلغۇچى ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئېھرام باغلىغىنىدا ئىلگىرى ئۇنىڭغا مۇباھ بولغان جىما قىلىش، خۇشبۇي ئىشلىتىش، كىيىم – كېچەك كىيىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلار ھارام بولىدۇ. ئېھرام باغلاش ئېھراملىق كىيىمىنى كىيىش بولماستىن، بەلكى ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت. نىيەتنىڭ ئورنى بولسا دىلدۇر. بۇ نىيەتنى «لەببەيكە» دەپ توۋلاپ تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.(6)

ئېھرام باغلىغۇچىغا جىما قىلىش، خۇشبۇي ئىشلىتىش، كىيىم – كېچەك كىيىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلارنى مەنئى قىلىشتىكى ھېكمەتنى ئالىملار: راھەت – پاراغەتتىن يىراق تۇرۇپ، خۇشۇ سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىنىش، كىيىملىرىنى سېلىۋېتىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشىنى ئەسلەش ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ كۆزىتىپ تۇردىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ ئىزاھلىغان.(7)

مەككە ئاھالىسى بىلەن مەككەدە تۇرۇۋاتقانلار بولسا ھەج ئۈچۈن ئۆز ئۆيلىرىدىن ئېھرام باغلايدۇ. بۇ يۇقىرىقى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىسىدىمۇ بايان قىلىنغان.

ئەمما، ئۆمرە ئۈچۈن بولسا مەككە ئاھالىسى بىلەن مەككەدە تۇرۇۋاتقانلار چوقۇم ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىشى كېرەك. بۇلار «تەنئىم» ياكى «جىئرانە» ياكى «ھۇدەيبىيە»نىڭ نېرىسى (ھۇدەيبىيەنىڭ بىر قىسمى ھەرەم سىرتى ھېسابلىنىدۇ)، ياكى جىددەدىن، ياكى قايسىبىر تەرەپتىن بولمىسۇن ئىشقىلىپ ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرسە بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن مەككەلىكلەر ۋە مەككەدە تۇرۇۋاتقانلار ھەجگە ئۆيلىرىدىن، ئۆمرەگە ھەرەم سىرتىدىن ئېھرام باغلايدۇ. ھەرەم بىلەن مىيقات ئارىلىقىدىكىلەر ھەجگىمۇ، ئۆمرەگىمۇ ئۆيلىرىدىن ئېھرام باغلايدۇ. مىيقات سىرتىدىن كېلىدىغانلار ھەج بىلەن ئۆمرەگە ئۇلاغ ياكى ماشىنىغا ئوخشاش قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن ماڭغانلار ئاشۇ بەلگىلەنگەن جايلارنىڭ بىرىدىن ياكى ئۇدۇلىدىن ئۆتكىنىدە ئېھرام باغلىشى، ئايروپىلان ياكى پاراخوت بىلەن ماڭغانلار شۇ جايلارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ياكى ئۇنداق قىلىش قولايسىز بولسا ئايروپىلان ياكى پاراخوتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئېھرام باغلىشى ۋاجىب.

مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھرام باغلاشقا چېتىشلىق يەنە بىرقانچە مەسىلە بار:

1. بالاغەتكە يەتمىگەن سەبىي بالا مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن بولسا ياكى كافىر مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ بولۇپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، بۇلار ھەج ياكى ئۆمرەگە ئېھرام باغلىماقچى بولسا، تۇرغان جايىدىنلا ئېھرام باغلايدۇ. كۈچلۈك قاراشتا ئۇلارغا بۇ سەۋەبلىك قان كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇلار ئېھرام باغلاش ۋاجىب بولغان جايدىن ئېھرام باغلىغان بولغاچقا، خۇددى مەككەلىكلەرگە، مىيقات ئىچىدە ياشايدىغانلارغا، شۇنداقلا ھەرەمگە باشقا بىر ئىش ئۈچۈن كىرىپ بولۇپ، ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغان كىشىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن شۇلارغا ئوخشاش تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلايدۇ. مىيقاتقا قايتىشى كېرەك بولمايدۇ.(8)

2. ھەج تەمەتتۇﺋ ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ بولغان كىشى مەدىنە، ياكى رىياد، ياكى باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىپ ھەج ئۈچۈن مەككەگە قايتسا، ھەج تەمەتتۇﺋ نىيىتىدە تۇرغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن قايتىشىدا مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھرام باغلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

3. مەككە ئاھالىسىدىن بىرەر كىشى سەپەرگە چىقىپ مەككەگە قايتقىنىدا ئۆمرە ياكى ھەج قىلماقچى بولسا، مىيقاتتا ئېھرام باغلىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.(9)

4. مەككە ئەتراپىغا ئىش ياكى تۇغقان زىيارىتى ئۈچۈن بارىدىغان كىشى مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەم دائىرىسى باشلانمىغان ئارىلىقتا تۇرۇپ ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى قارار قىلىپ قالسا، ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلغان جايدىن ئېھرام باغلىسا بولىدۇ. قايتىپ مىيقاتتىن ئېھرام باغلىشى كېرەك ئەمەس. قان قىلىشمۇ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ مىيقاتتىن ئۆتكىنىدە ھەج ياكى ئۆمرەنى نىيەت قىلمىغان.(10)

5. مەككەدە ياكى ھەرەم بىلەن مىيقات ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئېھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنلار ئۇلار ئۈچۈن مىيقات ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئورۇنلاردىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كەتسە ياكى ھەرەم ئىچىدە ئېھرام باغلىشى كېرەك بولغان ئەھۋالدا، ھەرەم سىرتىدىن ئېھرام باغلاپ قالسا، ياكى ھەرەم سىرتىدا ئېھرام باغلىشى كېرەك بولغان ئەھۋالدا، ھەرەم ئىچىدىن ئېھرام باغلاپ قالسا، بۇمۇ ئوخشاشلا مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماسلىق بولىدۇ. خىلاپلىق قىلسا قان كېلىدۇ.(11)

مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈشنىڭ ھۆكمى ۋە نەتىجىسىگە كەلسەك، مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈش ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1. مىيقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلماي ئۆتۈپ كېتىش

ئەگەر قەستەن، ياكى بىلمەي، ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ئېھرام باغلاش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، تېخى تاۋاپ قىلمىغان بولسا قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كەلسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق جازا ياكى تۆلەم كەلمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.

ئەمما، مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىپ تاۋاپنى باشلاپ ياكى ھەج – ئۆمرە پائالىەتلىرىدىن بىرەرسىنى قىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ مىيقاتقا قايتىشىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بەرىبىر قان كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ھەج ياكى ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغان كىشى كەمتۈك ئېھرام باغلىغان ھالدا ئىبادەتكە تۇتۇش قىلىپ بولغان بولىدۇ. نەتىجىدە، مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قوي قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.(12)

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مىيقاتنى بىلىپ ئۆتسۇن ياكى بىلمەي ئۆتسۇن، ئېھرامسىز ئۆتۈشنىڭ ھاراملىقىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مىيقاتقا قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كېلىشى كېرەك، قايتىپ شۇ جايدىن ئېھرام باغلاپ كەلسە ئۇنىڭغا باشقا بىر ئىش قىلىشى ۋاجىب بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش بارلىقىنى بىلمەيمىز».(13)

بۇ ئەھۋالدا، ئۆتۈپ كەتكەن مىيقاتقا قايتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنراق ياكى يىراقراق بىر مىيقاتقا قايتسۇن، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا ئوخشاش. چۈنكى، ئۇ مىيقاتلارنىڭ ھەممىسى ئېھرام باغلىغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش.(14)

ئەمما، بىرەر مىيقاتقا قايتمايلا، تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلىغان تەقدىردە، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرەدىكى بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ ئۆتۈش. بۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ، بۇ كىشى مىيقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

ئەلبەتتە، ھۆكمىنى بىلمىگەن ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشى قەستەنلىك بولمىغاچقا، مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكىگە گۇناھكار بولمىغىنى بىلەن، مىيقاتقا ئۆزرىسىز قايتمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

مىيقاتقا قايتالماسلىق ھەجگە قىستالغانلىقتىن ياكى ھەمراھ تاپالمىغانلىقتىن، ياكى كېسەللىكتىن، ياكى دۈشمەندىن، ياكى ساقچىدىن، ياكى ئوغرىدىن قورققانلىقتىن بولسۇن ياكى يول بىلمىگەنلىكتىن بولسۇن، ئوخشاشلا تۇرغان جايىدىن ئېھرام باغلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا مىيقاتقا قايتمىغانلىق جەھەتتىن گۇناھكار بولمىغىنى بىلەن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

لېكىن، ھەج ياكى ئۆمرەگە ھەرەمگە ماڭغان كىشى مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي، كېيىن قايتىپمۇ بارماي، تۇرغان جايىدىلا ئېھرام باغلىغان بولسا، قان قىلىشى ۋاجىب بولامدۇ؟ تۆت مەزھەب ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار ئۇ كىشىگە قان قىلىش ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلار ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ سۆزىگە تايانغان: «كىمكى ھەج – ئۆمرە ئىبادىتىدىن بىرەر ۋاجىبنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى تەرك ئەتسە، قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ».(15)

شەيخ شىنقىيتىي ئېيتىدۇ: «بىلگىنكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى فۇقاھائلار ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن قۇربانلىقلاردىن باشقا بارلىق ۋاجىب قۇربانلىقلارغا ئىككى جەھەتتىن دەلىل قىلغان. بىرى، بۇ ئىش ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) نى بىلگىلى بولمايدىغان ئىبادەت قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ سۆز ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. يەنە بىرى، ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئالمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىر كاتتا ساھابەنىڭ سۆزى، ساھابەلەردىن بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىچە سۆز قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس».(16)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ مىنادىن قايتىش كۈنىدە كۈن تىكلىشىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن كىشى توغرىسىدا: «كۈن تىكلىشىشتىن بۇرۇن تاش ئېتىۋەتسە تىكلەشكەندىن كېيىن قايتا ئاتىدۇ. كۈن تىكلىشىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن بولسا، قان قىلىدۇ» دەپ ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق ۋاجىب قىلغان.(17)

مىيقاتتىن ئېھرام باغلىمىغان كىشىمۇ، خۇددى ھەج تەمەتتۇئدا ھەجگە مىيقاتتىن ئېھرام باغلىمىغانلىقتىن ئىبارەت بىر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق ۋاجىب بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاجىبنى تەرك قىلغان ئەھۋالنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

تابىئىنلاردىن بەزىلىرى: ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتىدىكى كىشى مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلىرى: مىيقاتقا قايتماي ھەج قىلسا، ھەجى ھېساب ئەمەس، دېگەن. يەنە بەزىلىرى: مىيقاتقا قايتماي ھەج قىلسا، ھەجدىن كېيىن مىيقاتقا قايتىپ ئېھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىدۇ، دېگەن. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قان كېلىدۇ دېگەن قارىشى كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان قاراش بولۇپ، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر يۇقىرىقى بەزى تابىئىنلارنىڭ قارىشىنى «بۇ ئۈچ خىل قاراش نەقلىي دەلىلى يوق بولۇش بىلەن بىرگە، ئەقلىي تەھلىلدىمۇ توغرا چىقمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىقلىم فۇقاھائلىرى نەزەرىدە قىيىن ھەم يوچۇن (شاز) قاراشلاردۇر» دېگەن.(18)

دېمەك، ھەج ياكى ئۆمرەگە ماڭغاندا مىيقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلماي ئۆتۈپ كېتىش ھەجنىڭ ۋاجىبلىرىدىن بىرىنى تەرك ئەتكەنلىك بولغاچقا، بۇ ئەھۋالدا كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، بىر قوي قان قىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن كىشى ئۈچۈن بۇنى باشقا بىر ئىش بىلەن ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. قان ئورنىغا روزا تۇتسا ياكى تاماق بەرسە بولمايدۇ.

ئەلبەتتە، بۇ قۇربانلىقنى ھەج تەمەتتۇﺋ قۇربانلىقىغا ئوخشاشلا مەككەدە ياكى مىنادا قىلىشى لازىم. بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن بىر قىسمىنى ئۆزى يېسە بولامدۇ ياكى ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟

بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ، ۋاجىب ياكى نەفلە ھەدىيە قۇربانلىقىدىن(19) بىر قىسمىنى يەپ، بىر قىسمىنى موھتاج ۋە سائىللارغا بەرسە بولىدۇ دېگەن بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈكتۇر.(20)

چۈنكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ھەدىيە تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچانغىمۇ، سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار!﴾ دېگەن﴾(22/«ھەج»: 36).

ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى تەمەتتۇﺋ ياكى قىران ئۈچۈندۇر. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئومۇم مەزمۇنىمۇ ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يېسە جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەرەمدە ئوۋ ئوۋلىغانلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان، نەزر قىلغان(21) مالنىڭ گۆشىدىن يېمەيدۇ، ئۇندىن باشقىسىنى يەيدۇ» دېگەن. ئەتاﺋ: «ھەج تەمەتتۇدا قىلغان قۇربانلىقتىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىدۇ» دېگەن.(22)

ئەتاﺋ يەنە: «خاھلىسا ھەدىيە قۇربانلىق بىلەن ئادەتتىكى قۇربانلىقتىن يەيدۇ، خاھلىسا يېمەيدۇ» دېگەن.(23)

ئىقتىسادى يەتمەي بىر قوي قان قىلالمىغان تەقدىردە، ئورنىغا ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ھەج تەمەتتۇئنىڭ قۇربانلىقىغا قىياس قىلىپ دېيىلگەن ھۆكۈمدۇر.

ئىمام قەرافىي ئېيتىدۇ: «ئىمكانىيىتى بولمىسا، مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىلى ئۈچۈن كېلىدىغان قان ئورنىغا روزا تۇتسا بولىدۇ، ئورنىغا تاماق بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مىنادا قونماسلىقتەك، ھەج بىلەن ئۆمرەنى بىراقلا جۈپلەپ قىلىشتەك ھەج ئىشلىرىدىن بىرىنى تەرك ئەتكەنگە كەلگەن قان. شۇڭا، بۇ قان تەمەتتۇﺋ قېنىغا ئوخشاش تەرتىپ بىلەن بولىدۇ. ئەمما، ئېھراملىق ھالىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا كېلىدىغان قان ئورنىغا روزا ياكى تاماق بېرىشنى تاللاش بولسا ئىختىيارى بولىدۇ».(24)

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىۋالغان بولسا، ھەدىيە قۇربانلىقىدىن نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قىلسۇن. كىمكى قۇربانلىق تاپالمسا، ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن، قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن، جەمئىي ئون كۈن روزا تۇتسۇن. ئۇنداق قىلىش ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە ئولتۇرمايدىغانلار ئۈچۈندۇر ﴾(2/«بەقەرە»: 196).

بەزىلەر بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتۇش يوق، چۈنكى ھەج تەمەتتۇﺋ قۇربانلىقى شۈكرانە قۇربانلىقى، ئېھرامسىز مىيقاتتىن ئۆتۈش قۇربانلىقى بولسا تولۇقلاش قۇربانلىقى. شۇڭا، بۇ قىياس پەرقلىق دەپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھەج تەمەتتۇدا، ئەسلىدە ئۆمرەگە كەلگەن كىشى ئۆمرەنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەج ئايلىرى كىرگەن بولسا، يۇرتىغا قايتىپ مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ كېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇ مىيقاتتىن ھەج بىلەن ئۆمرەگە نىيەت قىلىپ ئۆتكەن. ھەجگە مەككەدىن ئېھرام باغلىغاندىن كېيىن، ھەجگە ئايرىم سەپەر قىلىشتىن قۇتۇلغان بولدى ۋە بۇ بىر قېتىملىق سەپەرنىڭ كەملىكىنى قۇربانلىق بىلەن تولۇقلىغان بولدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، تەمەتتۇﺋ قۇربانلىقىمۇ تولۇقلاش قۇربانلىقىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، مەككەلىك ھەج قىلغۇچى ئۆمرە بىلەن ھەج ئارىلىقىدا تەمەتتۇﺋ قىلغىنىدا، ئاللاھ ئۇنىڭ بوينىدىن قۇربانلىقنى ساقىت قىلغان. بۇمۇ ئۇنىڭ تولۇقلاش قۇربانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە يۇرتىغا قايتىش سىرتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن لازىم. مەككەلىك ھەجگە ئېھرام باغلىغاندا، ھەرەم سىرتىدىكى مىيقاتقا قايتمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىشتا ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە ئولتۇرمايدىغانلارنى مەككەلىكلەر ۋە مەككەلىكلەرنىڭ ھۆكمىدىكىلەردىن ئايرىپ قارىغاندىن كېيىن، بۇ ئايرىش، بۇ قۇربانلىقنىڭ تولۇقلاش قۇربانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، تولۇقلاش ئۈچۈن ۋاجىب بولغان ھەرقانداق قۇربانلىق مۇشۇ قۇربانلىققا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى بولغان روزىغا يۆتكىلىدۇ. مانا بۇ قىياسنىڭ ئاساسىدۇر. لېكىن، بۇنىڭ تەمەتتۇﺋ روزىسىدىن پەرقى شۇكى، بۇ ئون كۈنلۈك روزىنى قەيەردە تۇتۇۋالسا بولىدۇ.(25)

قۇربانلىق قىلالمىسا ئورنىغا ئون كۈن روزا تۇتىدۇ دېسەك، بۇ ئون كۈننىڭ ئۈچ كۈنىنى ھېيت كۈنىگىچە تۇتۇۋالىدۇ. ھەجگە زۇلھەججەنىڭ 6 – كۈنى يەنى مىناغا مېڭىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېھرام باغلاپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا، 6 – ، 7 – ، 8 – كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇۋالسا بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەرەفاتتا روزا تۇتماي تۇرغان بولغاچقا، 9 – كۈنى يەنى ئەرەفات كۈنى روزا تۇتمىغان ئەۋزەل بولىدۇ. ياكى ئەرەفات كۈنى بىلەن 3 كۈن تۇتسىمۇ مەيلى. ئۇ كۈنلەردە تۇتالمىغان تەقدىردە، زۇلھەججەنىڭ 11 – ، 12 – ، 13 – كۈنلىرى يەنى ھېيتنىڭ 2 – ، 3 – ، 4 – كۈنلىرى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. بۇ 3 كۈن «تەشرىق كۈنلىرى» بولۇپ، ئادەتتە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. پەقەتلا تەمەتتۇﺋ قۇربانلىقى قىلالمىغان كىشى تۇتىدىغان 3 كۈن روزىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن تۇتالمىغان بولسا، تەشرىق كۈنلىرىدە 3 كۈن روزا تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «قۇربانلىق تاپالمىغانلاردىن باشقىلارغا تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان». يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىۋالغان كىشى تۇتىدىغان (ئۈچ كۈنلۈك) روزا ئەرەفات كۈنىگىچە بولىدۇ. ئەگەر قۇربانلىق تاپالمىسا، روزىمۇ تۇتمىغان بولسا، مىنا كۈنلىرى روزا تۇتىدۇ» دېگەن.(26)

«تەشرىق كۈنلىرى»دىمۇ تۇتالمىسا، بەزى قاراشلارغا ئاساسەن «تەشرىق كۈنلىرى»دىن كېيىن تۇتۇۋالىدۇ. ھەرەمدىكى چاغلاردا ئاغرىپ قېلىپ ياكى ھەيز، ياكى نىپاس سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى سەۋەبسىز بولسۇن، 3 كۈن تۇتالماي يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن تەقدىردە، قازاسىنى يۇرتىدا تۇتۇۋالىدۇ. قايتقىچە تۇتمىغانلىق سەۋەبىدىن قان كەلمەيدۇ.

قالغان 7 كۈننى يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇۋالىدۇ. روزا تۇتۇشتا بۇ كۈنلەرنى ئارقىمۇ – ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس.(27)

2. مىيقاتتىن ئېھرامنى نىيەت قىلىپ، لېكىن ئېھراملىق كىيمەي، كىيىم – كېچەك كىيىپ ئۆتۈپ كېتىش

مىيقاتتىن ئۆتكەندە يېنىدا ئېھراملىق بولمىغانلىقتىن ياكى ئېھراملىقىنى يۈك – تاق بىلەن ماڭدۇرۇۋەتكەنلىكتىن، ئېھراملىق كېيەلمىگەن بولسىمۇ ئېھرام باغلىدىم دەپ نىيەت قىلىشى ۋاجىب، نىيەت قىلغان بولسا گەرچە ئېھراملىق كىيمىسىمۇ ئۇ كىشى ئېھرامغا كىرگەن، ئەمما كىيىم – كېچەك كىيىۋېلىش ئارقىلىق ئېھرامدا چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇچىسىدىكى كىيىم بىلەن ئېھرام نىيەت قىلغان كىشى بېشىغا بىرنەرسە كىيىۋالماي ئوچۇق تۇتۇشى، پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، كۆڭلەك ياكى مايكىسىنى سېلىپ، رىدا شەكلىدە ئۇچىسىغا ئارتىۋېلىشى، ئىشتىنى بىلەن ئېھرامغا كىرىشى لازىم. چۈنكى، ئىزار (بەلنىڭ ئاستىنى ئورىغۇدەك رەخت) تاپالمىغان ئادەم ئىشتان كىيىۋېلىپ ئىشتاندا ئېھرامغا كىرىدۇ. بۇ كىشى ئېھراملىقنى تاپقان چېغىدا ئېھراملىقنى كىيىۋالىدۇ. بۇ كىشىگە فىديە كەلمەيدۇ.

جابىر ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىزارى بولمىغان كىشى ئىشتان كىيسۇن، قونجىسىز كەش تاپالمىغان ئادەم، قونجىلىق كەشنى (قونجىسىنى ئۇشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ) كىيسۇن» دېگەن.(28)

ئەمما، مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھراملىقى يېنىدا بار تۇرۇپ ساقچىدىن قورققانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كىيىمى بىلەن ئېھرامنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە فىديە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. فىديە 3 كۈن روزا تۇتۇش ياكى ھەربىر مىسكىنگە يېرىم ﺳﺎﺋ(29) مىقدارىدا 6 مىسكىنگە ئاشلىق (ياكى ئۇلارغا 2 ۋاقىتتىن ياكى بىر ۋاقىتتىن تاماق) بېرىش ياكى بىر قوي قان قىلىشتىن ئىبارەت.(30)

جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلغان: ﴿سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولسا، چېچىنى چۈشۈرىۋەتسە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە قىلىش ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن ﴾(2/«بەقەرە»: 196).

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «ھۇدەيبىيە يىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە بېشىمدىن پىتلار تۈكۈلۈپ تۇراتتى، رەسۇلۇللاھ:

— پىتلىرىڭ ساڭا ئازار بېرىۋاتامدۇ؟ — دېۋىدى، مەن:

— ھەئە، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت، — دېدى.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولسا، چېچىنى چۈشۈرىۋەتسە روزا تۇتۇش، ياكى سەدىقە قىلىش، ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن ئايەتى ئاخىرىغا قەدەر مېنىڭ ھەققىمدە نازىل بولغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

— ئۈچ كۈن روزا تۇت ياكى بىر فەرەق(31) ئاشلىقنى ئالتە مىسكىنگە سەدىقە قىل، ياكى ساڭا قولاي بولغىنىنى قۇربانلىق قىل، — دېدى». دېدى.(32)

بۇ 2 – تۈردە فىديە بەرمەكچى بولغان كىشى يۇقىرىقى 3 ئىشتىن بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتماقچى بولسا بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بويىچە روزىنى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

ئەگەر قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا، بۇ تۆلەم ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ. ھەنەفىي ۋە شافىئىي ئالىملار ئۇنى پەقەتلا مەككەدە سويۇپ، گۆشىنىڭ ھەممىنى ھەرەم پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن ئۇنى مەككەدە سويۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سويسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزى ئۇنىڭدىن يېمەي ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇنى ھەدىيە دەپ ئاتىماي، قۇربانلىق دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ ھەرەم سىرتىدا قىلىنغان خىلاپلىق فىديىسى ھەرەم سىرتىدا بوغۇزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ياكى ساڭا ئاسان كەلگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىل» دېگەن ۋە ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىشنى شەرت قىلمىغان. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۇقيا دېگەن جايدا چاچ چۈشۈرگەن فىديىسى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ سىرتىدا قۇربانلىق قىلغانلىقى كەلگەن. مۇجاھىد: «فىديە سەن خاھلىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «فىديە سەدىقىسى، روزىسى ۋە قۇربانلىقى خاھلىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن.(33)

خۇلاسە: مىيقاتتىن ئۆتكەندە ئېھرام كىيىمى كېيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئېھرامنى نىيەت قىلغان – قىلمىغىنىغا قاراپ كەففارىتى پەرقلىق بولىدۇ: نىيەت قىلمىسا قان كېلىدۇ. بۇنى ھەرەمدە سويۇپ، باي ۋە كەمبەغەللەرگە تارقاتسا، بىر قىسمىنى ئۆزى يېسە بولىدۇ. قان قىلالمىسا، ئون كۈن روزا تۇتىدۇ. روزىنىمۇ تۇتالمىسا، باشقا ئىش قىلىشى كېرەك ئەمەس. ئەمما، ئېھرام كىيىمى كېيەلمەي، ئېھرامنى نىيەت قىلىپ ئۆتكەن بولسا، يا قان قىلىدۇ، يا ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ، ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چوقۇم قان قىلىشى كېرەك ئەمەس. بۇ ئۈچتىن بىرىنى ئىختىيارىي تاللايدۇ. بۇ ئىشلارنى ھەرەمدە قىلىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەرەم سىرتىدا، يۇرتىدا قىلسىمۇ بولىدۇ. قان قىلىشنى تاللىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ. گۆشىنىڭ ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 5 – مۇھەررەم / م. 2015، 18 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 45 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. مىيقات (الْمِيقَاتُ، ج الْمَوَاقِيتُ): ئەرەب تىلىدا «ۋاقىت بېكىتىش»تىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت، چەك – چېگرا مەنىسىدە. كېيىنچە ماكانغىمۇ قوللىنىلغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغان كىشى ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس زامان ۋە ماكاندىن ئىبارەت. ھەجگە ئىھرام باغلاشقا بېكىتىلگەن زامان «زامانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر. بۇ «ھەجگە مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاتلىنىشقا ۋە تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋاقىتلارنىڭ بەزىسى ئىھرام باغلاشقا باشلايدىغان ۋاقىت بولسا، بەزىسى ئىھرامدىن چىقىش ۋاقىتىدۇر. ئەمما، ئۆمرە ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، يىلنىڭ ھەممە ئايلىرى ئۆمرەنىڭ زامانىي مىيقاتىدۇر. شۇڭا، يىل بويى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشقا ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا بولىدۇ. ئىبادەتلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىتلارنى بىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئايرىم ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىم «مىيقات ئىلمى (عِلْمُ الْمِيْقَاتِ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىمغا «مىيقاتىي (مِيْقَاتِيٌّ)» دېيىلىدۇ. ھەج – ئۆمرەگە مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ ئىھرامسىز ئۆتۈشىگە بولمايدىغان جايلار «ماكانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار بەش بولۇپ، زۇلھۇلەيفە، جۇھفە، قەرن، يەلەملەم ۋە زاتۇئىرقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/141 – 147؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1368 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1649 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1524)؛ «مۇسلىم»، (1181).
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (1739). ئىمام نەۋەۋىي «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسلىم»، (1739). راۋىي جەزم قىلماي رىۋايەت قىلغان.
5. «بۇخارىي»، (1531).
6. زەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 31/454؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 3/397.
7. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/404.
8. قۇدۇرىي: «ئەتتەجرىد»، 4/2026؛ قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 3/211؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/117؛ بەھۇتىي: «شەرھۇ مۇنتەھەل ئىرادات»، 1/526.
9. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 4/170.
10. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 2/373؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 4/478؛ بەھۇتىي: «شەرھۇ مۇنتەھەل ئىرادات»، 1/526.
11. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/343.
12. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/443.
13. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/116؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/165.
14. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/580.
15. «مالىك»، (940)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (8707). ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىبنۇل مۇلەققىن ۋە ئىبنى كەسىرلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
16. شىنقىيتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 4/473.
17. ئىمام ئەھمەد بۇ رىۋايەتنى ئالغان. قاراڭ: ئەبۇلفەزل سالىھ: «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد»، 3/182.
18. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 4/41؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/577؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/118؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/387؛ ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 5/6.
19. «ھەدىيە قۇربانلىق»: ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئالاھىدە بوداپ مەككەگە ھەدىيە ئېلىپ بارىدىغان قۇربانلىق تۆگە – كالىلار.
20. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 2/89.
21. «نەزر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىرەر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 10 كۈن روزا تۇتىمەن، قىزىم ساقىيىپ قالسا، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن پۈتۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىمەن، دېگەندەك.
22. «بۇخارىي»، «ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلەردىن نېمىلەرنىڭ يېيىلىدىغانلىقى ۋە سەدىقە قىلىنىدىغانلىقى» دېگەن باب.
23. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/558.
24. قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 3/209.
25. شىتقىىيتىي: «دۇرۇسۇ ئۇمدەتىلفىقھ»، 47 – دەرس.
26. «بۇخارىي»، (1997 – 1999).
27. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/248.
28. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1843)؛ «مۇسلىم»، (1178).
29. ﺳﺎﺋ (الصَّاعُ): قەدىمكى زامانلاردىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان 4 ﻣﯘﺩ (ئوچۇم) مىقدار سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار: «ھىجاز سائىغا ئىراق رىتلى بويىچە بەش پۈتۈن ئۈچتىن بىر (5) رىتل (5.33×382.5=2039 gr) سىغىدۇ» دەپ قارىسا، ھەنەفىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: «سەككىز ئىراق رىتلى (8×406.25=3250 gr) سىغىدۇ» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/296؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 35/317 – 319، ئىستانبۇل، م. 2008؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 37 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
30. قرار «المجمع الفقھي التابع لرابطە العالم الإسلامي»، «مجلة البحوث الإسلامية»، 32/332.
31. بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر.
32. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1815)؛ «مۇسلىم»، (1201).
33. «مالىك»، 1/388. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 2/240؛ جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/352؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 2/385؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/213؛ قازاى ئابدۇلۋەھھاب: «ئەتتەلقىين»، 1/217؛ ھەجاۋىي: «زادۇلمۇستەقنى»، 1/88.

Please follow and like us:
Exit mobile version