تەقۋالىققا ئېرىشىش روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت پەرز ئىبادەتنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنڭ ئىچكى تەسىرى بولسا، گۈزەل ئەدەب – ئەخلاق ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدۇر. بىر شەخسنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ياخشى بولۇشى تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭلاشقا روزىدار ئەيمىنىش ۋە ئىتائەتنىڭ نۇرلىرى پارلاپ تۇرىدىغان ئېغىر – بېسىق، سالماق ۋە قەلبى ساپ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ ياكى شۇنداق كۆرۈنۈشى كېرەك.
گۈزەل ئەخلاقنىڭ شۇنداق بىر ماھىيىتى باركى، ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەنگەنلەرنى ۋە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىنغانلارنى كۆرگەن كىشى دەرھال تونۇۋالالايدۇ.
ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «گۈزەل ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك ۋە تەبەسسۇم قىلىشتۇر».
قازى ئىياز([1]) مۇنداق دەيدۇ: «گۈزەل ئەخلاق دېگىنىمىز، كىشىلەر بىلەن خۇشخۇي ھالدا ئارىلىشىپ ياشاش، ئۇلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىش، كۆيۈنۈش، ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش، ئەپۇ قىلىۋېتىش، ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلسا سەبر قىلىش، كىبىر ۋە مەنمەنچىلىكنى تاشلاش، غەزەپلىنىش، كايىش ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر»([2]).
كۆرگىنىڭىزدەك، گۈزەل ئەخلاق شەرىئەتتە تەلەپ قىلىنغان، قىلىشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ كۈچى يېتىدىغان، باشقىلارغا پايدىسى تېگىشتىن ئىلگىرى شەخسنىڭ ئۆزىگە پايدىسى تېگىدىغان ئىشلاردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇغان ۋە ئەبۇ زەر([3]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ، ئاللاھتىن قورققىن، بىر خاتالىقنى قىلىپ سالساڭ، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، گۈزەل ئىشتىن بىرنى قىل ۋە ئىنسانلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىل»([4]). ئىنسانلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولسا ئۇلار بىلەن گۈزەل ئەخلاقنىڭ تەلەپ – تەقەززالىرى بويىچە ئارىلىشىپ ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارغا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىدىغان مۇئمىننىڭ ئەجرى ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلالمايدىغان مۇئمىننىڭكىدىن بۈيۈكتۇر»([5]).
قىسمەن كىشىلەرنىڭ رامازاندىكى ئەدەب – ئەخلاقى دەل ئەكىسچە بولۇپ قالىدۇ. روزىنى باھانە قىلىپ ناھايىتى قوپاللىشىپ كېتىدۇ، باشقىلارغا يول قويمايدۇ، رەھىم – شەپقەت قىلمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئۈلپەتلەشمەيدۇ، باشقىلارمۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۈلپەتلىشەلمەيدۇ. ھەرقانداق كىشى بەزىدە مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن سىنىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا سەبر قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىۋېتىش ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «گۈزەل ئەخلاق ئىنسانلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىۋېتىشتۇر»([6]).
رامازان ئېيىنى مەيلى شەخسىي ياكى ئىجتىمائىي سەۋىيەدە بولسۇن، يۈرۈش – تۇرۇش، نەپس ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بىر پروگراممىغا ئايلاندۇرىشىمىز تامامەن مۇمكىن.
ئۇشبۇ ئايدا لەنىتى شەيتان زەنجىرلىنىپ، روزا تۇتقۇچىلارغا خاتىرجەملىك قونىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روزىدارلارغا يېڭىدىن يېڭى گۈزەل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاچۇرۇپ بولماس پۇرسەتلەر تۇغۇلىدۇ. بۇنى يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرالىشىمىز مۇمكىن، ئەلبەتتە. ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن رامازاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنىڭ قاتارىغا گۈزەل ئەخلاقنى ھەم قوشۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر. گۈزەل ئەخلاق ئېزگۈ ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئەلاسى، ھەتتا ياخشىلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. دەرۋەقە، بىر كىشى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياخشىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر» دەپ جاۋاب بەردى([7]).
بىز «قۇرئان كەرىم»دىكى ياخشىلىقنى، يەنى گۈزەل ئەخلاقنى ئۈستۈن قىلغان ئىما – ئىشارەلەرنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى. «قۇرئان كەرىم» ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى شەكىل ۋە كۆرۈنۈش بىلەن چەكلەپ قويماستىن، ئىچكى دۇنيا ۋە ماھىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت توغرا تەرەپكە يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش – ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە (يەنى پۇل – مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل – مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇللۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر﴾(بەقەرە: 177).
ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش نەپسلەردە داۋاملىق ياخشىلىق قىلىش، گۈزەل ئەخلاق، سىلە – رەھىمنى ئۇلاش، ۋاپادار ۋە سەبرچان بولۇش قاتارلىقلارغا ئۈندەيدىغان بىر روھنى ئېلىپ كېلىدۇ.
كۆرگىنىڭىزدەك، بۇ ئەخلاقلار تەقۋالىقنىڭ سۈپەتلىرىدۇر ۋە رامازان دەل مۇشۇ تەقۋالىق ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان. ئى روزىدار قېرىندىشىم! تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىگە دىققەت قىلىڭ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇ ئىككى خىسلەتنى ئاتا قىلدى. ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن مەن بەكرەك قورقىمەن ۋە سىلەردىن بەكرەك تەقۋادارمەن»([8]) دەپ ئېيتقىنىدەك، ئول زات ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تەقۋادارى بولۇپلا قالماي، ھەقتائالانىڭ: ﴿(ئى مۇھەممەد)، سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(قەلەم: 4) دېگىنىدەك ئەڭ ئەخلاقلىقى ھەم ئىدى.
تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى روشەنرەك قىلىپ ئېيتقاندا، تەقۋالىق قۇل بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتۇر؛ ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق بولسا بەندىنىڭ ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىدۇر. بەندە ئۆزى بىلەن رەببىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان بولسا تەقۋادار بولىدۇ. ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان بولسا ياخشىلىق قىلغۇچى بولىدۇ. رامازان بولسا ھەر ئىككى ئىشنى قىلىشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئى مۇئمىنلەر، (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183) دېيىلگەن.
ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا، سەت گەپ قىلمىسۇن، ۋارقىراپ – جارقىرىمىسۇن»([9]). بىر بەندىدە تەقۋالىق ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىرلىكتە تېپىلىشى شۇ بەندىنى ئاللاھقا يېقىن قىلىنغان ئەۋلىيالارنىڭ سېپىگە ئۇلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىككى سۈپەتنىڭ بىرىنى ياكى ھەر ئىككىسىنى يوقىتىپ قويۇش كىشىنى جىنايەتچىلەرنىڭ يولىغا باشلايدۇ. گۈزەل ئەخلاق ياخشىلار بىلەن فاجىرلارنىڭ يولىنى ئايرىيدىغان بىر پاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا گۈزەل ئەخلاقنى ھەمدە گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئېسىل ئەخلاق ـ پەزىلەتلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»([10]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشىدىن ئىلگىرى بۇ ئەخلاقلارنى چاڭ – توزاڭ ۋە قاراڭغۇلۇقلار بېسىۋالغان بولۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە گۈزەللەشتۈرۈشكە موھتاج ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى گۈزەل ۋە كامىل ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئېسىل سۈپەتلەرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.
رامازان ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئايدۇركى، خۇددى ئۇشبۇ ئايدا چۈشۈرۈلگەن، چۈشۈرگۈچىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ «قۇرئان»دۇر﴾(ۋاقىئە: 77) دەپ سۈپەتلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇلۇغدۇر؛ تېخىمۇ مۇھىمى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنى: ﴿ئى ئىنسان سېنى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟﴾(ئىنفىتار: 6) دەپ سۈپەتلىگىنىدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەم بۇ «قۇرئان»نى ئېلىپ چۈشكەن پەرىشتە ــ جىبرىل ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دە ﴿«قۇرئان» ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك بىر ئەلچىسى (ئارقىلىق نازىل) قىلىنغان سۆزىدۇر. ئۇ ئەلچى كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر﴾(تەكۋىر: 19 – 20) دەپ سۈپەتلەنگەندەك ئۇلۇغدۇر؛ شۇنداقلا بۇ «قۇرئان كەرىم» چۈشۈرۈلگەن زاتمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر، ئۇنداق ئىكەن «قۇرئان كەرىم»نى ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىلىرىگە ئۈندىگۈچى دەپ قارىساق، قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەندە، ئەڭ ئەۋۋەل ئۆزى «قۇرئان كەرىم» ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقلىرىدىن تويۇنۇش ئارقىلىق ئۇ ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەندى ۋە «قۇرئان»نىڭ ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن ئۇزاق قىلىندى. دەرھەقىقەت، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەخلاقلىرى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى ‹قۇرئان› ئىدى»([11]) دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.
پەيغەمبەرلەر، تەقۋادارلار ۋە سالىھلەرگە تارقالغان پۈتۈن گۈزەل ئەخلاقلار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى ۋە تۈگەنچىسى بولمىش پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەخسىيىتىدە توپلانغان ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخلاقىدا تارقالغان گۈزەل خۇلقلارنى توپلاپ بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەخلاقلانغان «قۇرئان كەرىم»، چۈشكەن ۋاقتىدىكىدىن تا بۈگۈنگىچە قىلچە كونىراپ قالغىنى يوق. ئۇنىڭ بىلەن ئەخلاقلانغان پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى زېھىنلەردە جانلىق ۋە روھلۇق ھالەتتە ياشىماقتا.
ئى روزىدار قېرىندىشىم! پەخىرلىنىڭ! سېخىيلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئېيىدا تۇرۇپسىز، ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا گۈزەل ئەخلاقتىن مول نېسىۋىگە ئېرىشىپ ئىمانىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە رەببىڭىزنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرەلىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى بۈيۈك غايىنىڭ ئالدىغا قويۇشىڭىز ۋاجىپتۇر. شۈبھىسىزكى، «مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىدىن كامىلراقلىرى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر»([12]) ۋە ھەقىقەتەن ھەم «بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكلىرى ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرىدۇر»([13]).
روزىڭىزنى گۈزەل ئەخلاق ۋە تەقۋالىق بىلەن زىننەتلىيەلىسىڭىز رەببىڭىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيسىز ۋە جەننەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشنىسى بولالايسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقانكى: «سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئورۇن جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىڭلاردۇر. ماڭا ئەڭ نەپرەتلىك بولغىنىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئورۇن جەھەتتە مەندىن ئەڭ يىراق تۇرىدىغىنىڭلار ۋالاقتەككۈرلەر، ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغانلار ۋە كىبرلىكلىرىڭلاردۇر»([14]).
ئى ئاللاھ! بىزنى ئەمەللەرنىڭ ۋە ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ گۈزەللىرىگە يېتەكلەپ قويغىن! سەندىن ئۆزگە ھېچكىم ئەڭ ياخشىسىغا ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئى ئاللاھ! بىزنى يامان ئەخلاق ۋە يامان ئەمەللەردىن ئۇزاق قىلغىن. سەندىن باشقا ھېچكىم يامانلىقلاردىن ئۇزاقلاشتۇرالمايدۇ… ئامىن!
مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
([1]) قازى ئەبۇلفەزل ئىياز ئىبنى مۇسا ئەليەھسۇبىي (القَاضِي عِيَاضٌ بنُ مُوْسَى اليَحْصُبِيُّ، ھ. 476 – 544 / م. 1083 – 1149) ــ ماراكەشتە ئۆتكەن ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس. قازى، مالىكىي فەقىھ ۋە تىلشۇناس. «ئىكمالۇل مۇئلىم»، «ئەششىفاﺋ» ۋە «مەشارىقۇل ئەنۋار» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([2]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 457 – بەت.
([3]) ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ئەلغىفارىي (أبُو ذَرٍّ جُنْدُبُ بنُ جُنَادَةَ الغِفَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 32 / م. ؟ – 653) ــ تۇنجى مۇسۇلمان بولغان بەش ساھابىنىڭ بىرى. مەككەدە مۇسۇلمانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان، ھەقنى سۆزلەشتە شىجائەتلىك، دۇنياغا بېرىلمەي، غورىگىل ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان زاھىد زات. ــ ت.
([4]) تىرمىزىي: («ئەسسۈنەن»، 1987 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([5]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 5002 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2507 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 4032 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 457 – بەت.
([7]) «مۇسلىم»، 2553 – ھەدىس.
([8]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5063- ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1110 – ھەدىس.
([9]) «بۇخارىي»، 1904 – ھەدىس.
([10]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8729 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) «مۇسلىم»، 1233 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 24774 – ھەدىس.
([12]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23684 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2612 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([13]) تىرمىزىي: («تىرمىزىي»، 1082- ھەدىس) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([14]) تىرمىزىي: («تىرمىزىي»، 2018 – ھەدىس) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.