زاكات پۇلنى ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇلۇغ رامازاندا زاكات ئايرىش بولۇۋاتىدۇ. زاكات كۇرد كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا ئەسىر چۈشۈپ قالغان ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

زاكاتمۇ نامازغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دىكى نامازغا بۇيرۇغان ئايەتلەر زاكاتقىمۇ بىللە بۇيرۇغان. زاكات ئۆز جايىغا بېرىلسە ئاندىن بۇنىڭدىن كۆزلەنگەن مەقسەت ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. زاكات پەقەت پېقىر – مىسكىنلەرگىلا بېرىلىدىغان بولماستىن، بەلكى سەككىز تۈرلۈك كىشىگە سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق قىلىپ بەلگىلىۋەتكەن:

﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(9/«تەۋبە»: 60).

مەزكۇر ئايەتتىكى زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ بەشىنچىسى بولغان: «قۇللارنى ئازاد قىلىش» دېگەن تۈر ئومۇمەن، قۇللارنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خوجايىنلىرى بىلەن توختاملاشقان قۇللارنىڭ ئازاد بولۇشىغا ياردەم قىلىش، شۇنداقلا كافىرلارنىڭ قولىدىكى ئەسىر مۇسۇلمانلارنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدا كۇرد كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا ئاسارەتتە خورلىنىۋاتقان، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھەمشىرىلەرنى، بالىچاقىلارنى قۇتقۇزۇشمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان «ئىبنى سەبىللەر» دەپ ئاتالغان سەككىزىنچى تۈرگىمۇ كىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، «پېقىرلار»، «مىسكىنلەر»دىن ئىبارەت بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈرگىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن كىرىدۇ. دېمەك، زاكاتنى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ.

مۇسۇلماننىڭ قولىدىكى مۇسۇلمان قۇلنى زاكاتتىن ئازاد قىلىش ئىبادەت تۇرسا، مۇسۇلماننى كافىرنىڭ قۇللۇقىدىن ۋە خورلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئەلۋەتتە ئىبادەت بولىدۇ(1).

زاكاتتىن بىر ئۈلۈشنى قۇللارنى، ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىشقا بەلگىلەشمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ قۇللۇقنى تۈگىتىش ۋە ئازاد قىلىش، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا قەسەمنى بۇزۇۋېتىش، سەھۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، رامازاندىكى روزىنى بۇزۇۋېتىش… قاتارلىق قىلمىشلار ئۈچۈن قۇل ئازاد قىلىشنى كەففارەت قىلىپ بېكىتكەن.

«قۇرئان كەرىم» يەنە قۇل ئازاد قىلىشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ كاتتا تائەت -ئىبادەت دەپ قارىغان ۋە ئۇنى«داۋان ئېشىش» دەپ سۈپەتلىگەن: ﴿ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ ئۇ داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ قۇل ئازاد قىلماقتۇر ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەدبەختلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا قامىلىدۇ﴾(90/«بەلەد»: 8 — 20).

ھەقتائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، پەرزىنى ئادا قىلىشىمىز، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر يەتكۈزۈشىمىز، بىز ياخشى كۆرىدىغان مال – مۈلۈكنى – گەرچە بىزگە ئېغىر كەلسىمۇ – قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا سەرپ قىلىشىمىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغانلىقىمىز، مېھىر يەتكۈزگەنلىكىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنى قىلغاندىلا سائادەتمەنلەردىن بولۇش مۇمكىن. بولمىسا ئۇ داۋاننى ئاشقىلى بولمايدۇ. داۋاندىن ئاشاي دېگەنلەرگە بۈگۈنكى ئاشۇ بىچارىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش چوڭ بىر پۇرسەت.

مەيلى پەرز قىلىنغان زاكات بولسۇن، مەيلى ئۇلۇغ رامازاندىكى سەدىقە فىتىر بولسۇن، مەيلى دۇنيالىق ئۈچۈن ساقلاپ ياتقان زاپاس بايلىقلىرىمىز بولسۇن، بۇ ئىشقا سەرپ قىلىنسا تولىمۇ جايىدا خەجلەنگەن بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەرنى بېرىدۇ.

ئىختىيارىي ئەھۋالدا قۇل ئازاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتا. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداقلا بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ قۇلنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ» دېگەن. سەئىد ئىبنى مەرجانە دېدىكى: «مەن دەرھال بۇ ھەدىسنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئېلىپ بارسام، ئەلى ئىبنى ھۈسەين بۇرۇن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئون مىڭ تەڭگە – ياكى مىڭ تىللا – قىلغان بىر قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇنى شۇ ھامان ئازاد قىلىۋەتتى»(2).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە دېدىكى: «قانداق بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەربىر ئەزاسى قۇلنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ. قانداق بىر مۇسۇلمان ئىككى مۇسۇلمان ئايالنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ. قانداق بىر مۇسۇلمان ئايال يەنە بىر مۇسۇلمان قۇل ئايالنى ئازاد قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئۇ قۇل ئايالنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ»(3).

ۋەدە قىلىنغان بۇ كاتتا ساۋاب، مۇسۇلماننىڭ قولىدا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان قۇللارنى ئازاد قىلىشتىن كېلىدىغان بولسا، كافىرلارنىڭ قولىدا خورلىنىۋاتقان ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىشنىڭ ساۋابى قانداق بولماقچى؟!

بىزنىڭ ھازىر گېپىنى قىلىۋاتقىنىمىز، قانداقتۇر پەزىلەتلىك بىر ئىختىيارىي ئىش بولماستىن، بەلكى ئاجىز ئاياللارنى، ئۇششاق بالىلارنى ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشتۇر. ئۇلارنى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ – زاكات بولمىغان تەقدىردىمۇ – كۈچ ۋە پۇل – مال چىقىرىپ قۇتۇلدۇرۇشى زىممىسىگە يۈكلەنگەن پەرزدۇر. مۇبادا قۇتۇلدۇرۇش يولى تېپىلىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلماي قالسا، ئىقتىسادى بارلار ياكى يولى بارلارلا ئەمەس، پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكىلەر گۇناھكار بولىدۇ. يەنى بۇ «پەرز كۇپايە» دېگەن گەپ. بۇنىڭغا كۈچ چىقارمىغانلارنىڭ «مۇسۇلمان» دېگەن سۈپىتى خۇنۈكتۇر. چۈنكى، «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى قوغدىماي ھالاكەتكە تاشلىۋەتمەيدۇ»(4). يەنى «مۇسۇلماننى ئۇنى بوزەك قىلغان، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تارتىۋالغان كىشىگە تاشلاپ قويمايدۇ» دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقا، ياردەمگە موھتاج بولغان پەيتتە ياردەم قىلماي تاشلىۋېتىشكە ۋە كەمسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن(5).

ئىمام قۇرتۇبىي مۇنداق دېگەن: «ئەسىرلەرنى يا ئۇرۇش قىلىپ، يا پۇل خەجلەپ قۇتۇلدۇرۇش مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ۋاجىبتۇر. پۇل خەجلەپ قۇتۇلدۇرۇش جان قۇربان بېرىش بولمىغاچقا، تېخىمۇ قاتتىق ۋاجىب. ئىمام مالىك: ‹مۇسۇلمانلارغا پۈتۈن ماللىرىنى خەجلەپ بولسىمۇ ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ۋاجىبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ”ئەسىرنى قۇتقۇزۇڭلار، ئاچقا تائام بېرىڭلار، كېسەلنى يوقلاڭلار“(6) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوقتۇر› دېگەن»(7).

ئىمام نەۋەۋىي: «پۇل بىلەن ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرالايدىغان بولساق، قۇتۇلدۇرۇش ۋاجىب» دېگەن(8). ئىمام ئىبنى بەتتالمۇ: «ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋاجىب كىفايە» دېگەن(9).

ئىمام سەرەخسىي ئېيتىدۇ: «دۈشمەننىڭ قولىغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان مۇئمىننى دۈشمەنلەر ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسا، ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ھەربىر مۇسۇلمانغا قول ئىلكىدىكى پۇل – مېلىنى تۆلەپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى پەرز بولىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا، قىلالايدىغانلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن بىر قىسىم كىشىلەر چىقسا، مەقسەت ئادا بولغانلىقتىن باشقىلاردىن گۇناھ ساقىت بولىدۇ»(10).

ئىلگىرىكى زامانلاردا بىرەر ئايالنىڭ «ۋاي مۇئتەسىم!» دېگەندەك چاقىرىقى چوڭ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش قوزغايدىغان ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەسىرگە چۈشۈپ خورلىنىۋاتقان ھەمشىرىلەرنىڭ، سەبىي بالىلارنىڭ نىدا – چاقىرىقلىرى، يىغا – زارلىرى ئاز بىر قىسىم ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىۋاتقانلارنى، يا ئۇيغۇرلۇقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلارنى كۆرۈنەرلىك بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلىگىنى يوق. ئەپسۇس. ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ قوللىرى ئاخىرەتتە ياقىلىرىمىزدا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 7 – رامازان / م. 2020، 30 – ئاپرېل


1. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2 – ج، 532 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2517)؛ مۇسلىم (1509).
3. تىرمىزىي (1547). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2442)؛ مۇسلىم (2580).
5. مۇسلىم (2564).
6. بۇخارىي (3046).
7. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 5 – ج، 279 – بەت.
8. نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 10 – ج، 216 – بەت.
9. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6 – ج، 193 – بەت.
10. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 30 – ج، 271 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago