روزىدارنىڭ روزىنىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي، رامازاننىڭ ئەھكاملىرى، دەلىللىرى ۋە روزىنى گۈزەل قىلىدىغان خۇسۇسلارنى بىلىشىمۇ مۇھىمدۇر.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ پەرزنىڭ مەقسەتلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچى بىر روھقا ئېھتىياجى بولغىنىدەك، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روزىنى توغرا ۋە مۇكەممەل ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى بىلىشكە ئېھتىياجى باردۇر.
روزىدار قېرىندىشىم! قېنى بىرلىكتە روزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆكۈملىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى كۆرۈپ چىقايلى:
بىرىنچى: رامازان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى مۇقىمداشتا بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر بېرىشى كۇپايىدۇر. بىر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىش ئىبادەتتە ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ قاتارىدىندۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز زامانىسىدا، بىر مۇسۇلمان يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر بەرسە، جىمى مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى ۋە ئۆزىمۇ روزا تۇتاتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر([1]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما([2]) مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە كىشى رامازاننىڭ يېڭى ئېيىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاسمانغا قاراشقان ئىدۇق، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىمنى خەۋەر بەرگەنىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتتى ۋە مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى»([3]).
ئاينى كۆرۈشتە بىر كىشىنىڭ خەۋىرى بىلەن كۇپايىلىنىش ئىمام شافىئىي([4])، ئىمام ئەھمەد([5])، ئىبنى ھەزم([6])، ئىبنى تەيمىييە([7]) ۋە ئىبنۇلقەييىم([8])رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەرنىڭ كۆز قارىشىدۇر.
ئىككىنچى: رامازان ئېيى ئالاھىدە بىر ئايدۇر. 29 كۈن ياكى 30 كۈن كەلسۇن، ئەجىر – مۇكاپاتى كامىل بىر ئاينىڭدۇر. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئايلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، رامازان ئېيى باشلىنىشتىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى ھېيت كۈنىگە ئوخشاش روزا تۇتۇش چەكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رامازاندىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇۋالماڭلار. پەقەتلا روزا تۇتۇۋاتقان كىشى تۇتۇۋەرسە بولىدۇ»([9]). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ رامازاننى ئىشتىياق بىلەن كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن، ھەتتا رامازان كېلىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «بارات (شەئبان) ئاي يېرىملاشقاندا روزا تۇتماڭلار!»([10]).
ئۈچىنچى: رامازاننىڭ ئەجرى بۈيۈك بولسىمۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئەقلىنى يوقاتقان ۋە بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنى كەچۈرۈۋەتكەن، كېسەللىك ياكى زىيادە قېرىلىق سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمەيدىغان كىشىلەرنى روزىغا زورلىماي، ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزۇشنى پەرز قىلغان.
قادىر بولالمايدىغانلاردىن روزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش ھەرگىزمۇ ئۇلار رامازان ئېيىنى ئۇلۇغلىمىسىمۇ، بۇ ئاينىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قىلمىسىمۇ ۋە كۈچى يەتكەن تائەت – ئىبادەتلەرنىمۇ قىلماي ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
مۇسۇلمان ئەمەسلەر، نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ئەقلى كەمتۈك كىشىلەر ۋە ھەيزدار ياكى نىفاسدار ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، تۇتقان تەقدىردىمۇ ساۋاب بېرىلمەيدۇ.
سەۋەبى: مۇسۇلمان بولمىغان ۋەيا ئەقلى كەمتۈك كىشىلەر روزىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەرتلەرنى بىلمىگەنلىكتىن ھەم ئورۇندىيالمىغانلىقتىن روزىسى قوبۇل بولمايدۇ. لېكىن، ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايال كىشىلەرنىڭ رامازان ئېيىدا ناماز ئوقۇيالمىغان ۋە روزا تۇتالمىغاندىن باشقا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك «قۇرئان كەرىم» ئاڭلاش، زىكىر – تەسبىھ، تەۋبە – ئىستىغفار ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ياخشى ئىش ۋە سەدىقە – ئېھساننى كۆپلەپ قىلىش ھەققى باردۇر.
تۆتىنچى: رامازاننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئۈمىد قىلىش بولغاچقا، تۇتۇلغان روزىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن رامازان بويىچە ھەر كېچە نىيەتنى يېڭىلاش شەرتتۇر. ھەفسە([11]) رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدىن روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلمىغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن روزا يوقتۇر»([12]). بۇ يەردە نىيەتتە ئومۇمەنلىك كۇپايىدۇر، بىر كىشى شۇ كېچىدە روزا تۇتماسلىقنى نىيەت قىلمىغانلا بولسا، ئۇ كىشى ھەر كېچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئومۇمىي نىيەت كۇپايىدۇر.
بەشىنچى: كىمكى روزىغا نىيەت قىلىپ ياتقان بولسا، تۇتقان روزىسىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ئەتىسى تاڭ سۈزۈلگەندىن تارتىپ تاكى كۈن پاتقۇچە، روزىنى بۇزغۇچى پۈتۈن ئامىللاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار﴾(بەقەرە: 187).
روزىدارنىڭ بىرلىككە كېلىنگەن ئالتە تۈرلۈك روزىنى بۇزغۇچى ئامىلدىن ساقلىنىشى ۋاجىپتۇر:
(1) قەستەن يەپ – ئىچىش؛
(2) يەپ – ئىچىشكە ياتىدىغان ئىشلار؛ مەسىلەن، بوغۇزغا يېتىپ بارغۇدەك دەرىجىدە بۇرۇنغا بىر نەرسە تېمىتىش ياكى بۇرنىغا سۇ ئېلىش ۋە ياكى ئېغىزنى چايقاش دېگەندەك ئىشلار.
بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «روزىدار ۋاقتىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇرنۇڭغا سۇ ئېلىشنى ۋايىغا يەتكۈزگىن»([13]).
ئوزۇقلاندۇرغۇچى ئاسما ياكى نورمال ئوكۇل ۋە ياكى قان سالدۇرۇش قاتارلىقلارمۇ يەپ – ئىچىشنىڭ ھۆكۈمىدىكى روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئامىللاردۇر.
كۆز ياكى قۇلاققا دورا ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى تېمىتىش، سۈرمە سۈرۈش، خۇشپۇراقلارنى پۇراش، ئوزۇقلاندۇرمايدىغان ئاسما ياكى نورمال ئوكۇللارنى ئىشلىتىش، كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل دورا ياكى جىھازلاردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار يەپ – ئىچىشنىڭ ھۆكۈمىدە بولمىغانلىقتىن روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. كۈچلۈك قاراشتا قان ئالدۇرۇشمۇ روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس([14]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇرغانىدى»([15]). بۇ ھەدىس سەۋبان([16]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «قان ئالدۇرغۇچى ۋە ئالغۇچى روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ»([17]) دېگەن ھەدىسىنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي([18]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدارنىڭ ئايالىنى سۆيۈشىگە ۋە قان ئالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى»([19]) دېگەن ھەدىسى كۈچلەندۈرىدۇ.
(3) جىما قىلىش؛ ئويغاق ھالىتىدە ئايالىنى قۇچاقلاش، ئوينىشىش بىلەن ياكى ئانانىزىم ۋە ياكى باشقا يوللار بىلەن ئېھتىلام بولۇش جىمانىڭ ھۆكمىدە بولغانلىقى ئۈچۈن روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
(5) قەستەن زورلاپ قۇسۇش؛ بۇمۇ ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئەمما، نورمال قۇسۇش روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزلۈكىدىن قۇسۇۋەتكەن كىشىگە روزىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. قەستەن قۇسقان كىشى قازاسىنى تۇتىدۇ»([20]).
(6) روزىدار ھالىتىدە ھەيز كېلىپ قېلىش ياكى نىفاسلىق بولۇپ قېلىش؛ ھەتتا ئىپتار ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا بولسىمۇ، ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئايال كىشى ھەيزدار ۋاقتىدا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟!»([21])
ئالتىنچى: كىشى ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى خاتالىشىپ روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن بىرنى قىلىپ سالسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، قازاسىمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ.
كىشى كۆپىنچە ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ ياكى ئىچىپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ ياكى ئىچىپ سالسا، روزىسىنى بۇزۇۋەتمەي تۇتۇۋەرسۇن. چۈنكى، ئۇ كىشىگە ئاللاھ يېگۈزۈپتۇ ۋە ئىچكۈزۈپتۇ»([22]) دەيدۇ.
بىر كىشى «تاڭ تېخى يورۇمىدى» دەپ ئويلاپ قېلىپ، تاڭ يورۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ سوھۇرلۇق يېيىشنى داۋام قىلغان بولسا ياكى «كۈن پېتىپ كەتتى» دەپ قېلىپ كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئېغىز ئېچىپ قويغان بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خاتالاشقۇچىنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ (يەنى روزىسى بۇزۇلمايدۇ).
كىمكى ئۆزۈرسىز، قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتسە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان چوڭ بىر گۇناھنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۇ كىشى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشى بويىچە روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كۈننىڭ مىقدارىدا قازاسىنى قىلىدۇ.
يەتتىنچى: ئايال كىشى رامازاندا ھەيز كۆرسە ياكى نىفاسدار بولۇپ قالسا، روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
مۇئازە ئەلئەدەۋىييە([23]) ئائىشە([24]) رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:
ــ ھەيزدىن پاكلانغاندا، ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
ــ ھەرۇرىييەلىكلەر([25])دىنمۇسىز؟ ــ دېدى. مۇئازە:
ــ يوقسۇ، مەن ھەرۇرىيلەردىن ئەمەسمەن. پەقەت بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىلمەكچىمەن، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى([26]) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:
ــ بىز (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چاغلاردا) ھەيزدار بولاتتۇق، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنىڭ قازاسىنى ئۆتەشكە بۇيرۇلمايتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن([27]).
سەككىزىنچى: كىمكى رامازاندا سەپەر قىلغان بولسا، سەپەردە جاپا – مۇشەققەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنى مۇباھ قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولسا، (يەنى روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾(بەقەرە: 185).
لېكىن، سەپەردە روزا تۇتماسلىقنىڭ جائىز بولۇشى روزا تۇتقۇسى بار كىشىنى چەكلىمەيدۇ.
ھەمزە ئىبنى ئەمر ئەلئەسلەمىي([28]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:
ــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەپەردە روزا تۇتۇشقا ئۆزۈمدە بىر كۈچ – قۇۋۋەتنى ھېس قىلىۋاتىمەن، روزا تۇتسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ ــ دەپ سورىغىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئۇ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىدۇر، كىمكى رۇخسەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. كىمكى روزا تۇتۇشنى ياخشى كۆرۈپ روزا تۇتقان بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ يوقتۇر، ــ دەپ جاۋاب بەردى([29]).
توققۇزىنچى: كىمكى رامازان ئېيىدا كۈندۈزى روزىدار ھالدا ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا، روزىنى بۇزغان ۋە گۇناھكار بولغان بولىدۇ. ئۇ كىشىگە روزا بۇزۇلغان كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كەففارەت بېرىش پەرزدۇر. كەففارەت «سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە([30]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە([31]) ئاساسەن، قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر كۈچى يەتمىسە، ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، ئەگەر روزا تۇتۇشقىمۇ كۈچى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇش بىلەن بولىدۇ.
ئونىنچى: كىمكى رامازان كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمەيدىغان ھالدا بولسا، روزا تۇتمىسىمۇ جائىزدۇر. ھەتتا، روزا تۇتسا ئۇ ئادەمگە زىيانلىق ئىكەنلىكى جەزملەشسە، روزا تۇتماسلىقى ۋاجىپتۇر.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتتىن مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن: ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى)﴾(ھەج: 78).
كىمكى ھالى قاتتىق خارابلىقتىن روزا تۇتالمىغان بولسا، ئەھۋالى ياخشىلانغان ۋاقىتتا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. روزا تۇتۇپ قالسا، ئۆزىدىن ياكى بالىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغان ھامىلدار ئايال ياكى بالا ئېمىتىدىغان ئانا روزا تۇتۇش زىيانلىق كىشىنىڭ ھۆكۈمىگە چۈشىدۇ. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا يولۇچىدىن روزا بىلەن نامازنىڭ يېرىمىنى، ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتكۈچىدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى»([32]) دېگەن.
ئون بىرىنچى: روزا تۇتۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان ياشانغانلار ۋە ساقايماس كېسەللەرگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ ئەمەستۇر. لېكىن، روزا تۇتالمىغان ھەربىر كۈنلۈك روزىنىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى تويغۇزۇشى ۋاجىپتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم﴾(بەقەرە: 184) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ ئايەتنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە. ياشانغانلىق سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشقا كۈچى يەتمىگەن بوۋاي – مومايلار ھەربىر كۈنلۈك روزىنىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى تويغۇزىدۇ».
بىرنەرسىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ۋە ئاغزىدىن چىققاننى بىلمەيدىغان ياشانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا ــ ئىلاھىي تەكلىپ ساقىت بولغانلىقى ئۈچۈن ــ روزا تۇتۇشمۇ، فىدىيە بېرىشمۇ ۋاجىپ ئەمەس.
ئى ئاللاھ! بىزنى دىنىمىزنى توغرا چۈشىنەلەيدىغانلاردىن قىلغىن. بىزگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويغىن. بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىنى بىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگىن. ئىلمىمىزنى زىيادە قىلىپ بەرگىن… ئامىن!
مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
([1]) ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عُمَرَ بْنِ الْخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 73 / م. 612 – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ــ فەقىھ ساھابە، راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئىككىنچىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى. «خەندەك غازىتى»دىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان زات. ــ ت.
([2]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن رازى بولغاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ دۇئا ئاتا – بالا ھەر ئىككىسى ساھابە بولغان زاتلارنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن ئېيتىلىدۇ. ــ ت.
([3]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2342 – ھەدىس. ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
([4]) ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەلئابباس ئەششافىئىي ئەلمۇتتەلىبىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بْنُ إِدْرِيسَ بن الْعَبَّاس بن عُثْمَان بن الشافع الشَّافِعِيُّ المُطَّلِبِيُّ، ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) ــ مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «شافىئىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم. «ئەلئۇم»، «ئەررىسالە»، «ئەھكامۇل قۇرئان»، «جىمائۇل ئىلىم» ۋە «ئىختىلافۇل ھەدىس» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ــ ت.
([5]) ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَنْبَلِ الشَّيْبَانِيُّ المَرْوَزِيُّ، ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) ــ باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، فەقىھ. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنبەلىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «مۇسنەدۇ ئەھمەد» (چوڭ ھەجىملىك ھەدىسلەر توپلىمى)، «ئەززۇھد»، «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد» ۋە «ئەلئىلەل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([6]) ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىي ئەلقۇرتۇبىي (الإمَامُ ابْنُ حَزْمٍ عَلِيُّ بنُ أَحْمَدَ بنِ سَعِيْدٍ بنِ حَزْمِ الأَنْدَلُسِيُّ القُرْطُبِيُّ، ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) ــ فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس، شائىر، ئەدىب ۋە مۇجتەھىد. زاھىرىي مەزھەبىنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىلى. «ئەلمۇھەللا» (زاھىرىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى 12 توم)، «ئەلئىھكام» (ئۇسۇلى فىقھ)، «تاۋقۇل ھەمامە» (مۇھەببەتنامە) ۋە «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل» (دىنلار تەتقىقاتى) قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([7]) شەيخۇل ئىسلام تەقىييۇددىن ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىم ئىبنى ئابدىسسالام ئىبنى تەيمىييە ئەننۇمەيرىي ئەلھەررانىي (تَقِيُّ الدِّينِ أَبُو الْعَبَّاسِ أَحْمَدُ بْنُ عَبْدِ الْحَلِيمِ بْنِ عَبْدِ السَّلَامِ بْنِ تَيْمِيَّةَ النُّمَيْرِيُّ الْحَرَّانِيُّ، ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) ــ قاراش ۋە تەنقىدلىرى بىلەن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا فەقىھ، سەلەفىي ئالىم، ئۇلۇغ مۇجتەھىد ۋە مۇجاھىد، ئەقىدە، تەپسىر ۋە فىقھتا «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، «مەجمۇئۇل فەتاۋا» (37 توم)، «دەرئۇ تەئارۇزىل ئەقلى ۋەننەقلى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ــ ت.
([8]) ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەييۇب ئەززۇرەئىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ أَبي بكر بنِ أيوب الزُّرَعِي الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) ــ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى، «ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە» دەپ تونۇلغان. مول ھوسۇللۇق ئىسلام ئالىمى. «زادۇل مەئاد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، «رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «ئەتتۇرۇقۇلھۇكمىييە»، «مىفتاھۇ دارىسسەئادە»، «مەدارىجۇسسالىكىن»، «تەھزىبۇسسۈنەن»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا» ۋە «ئەلجەۋابۇل كافىي» قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىملەردىكى ئەسەرلىرى يۈزگە يېتىدۇ. ــ ت.
([9]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1914 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1082 – ھەدىس.
([10]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2337 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ھەفسە بىنت ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ حَفْصَةُ بِنْتُ عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ العَدَوِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 41/ م. 605 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھا ــ مەككەدە مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان. يولدىشى خۇنەيس ئىبنى ھۇزافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ــ ت.
([12]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 35918 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 2334 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2454 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([13]) «تىرمىزىي»، 788 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 142 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 114 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([14]) ئەبۇ ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئەلھاشىمىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ عَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، ھ. بۇرۇن 3 – ھ. 68/ م. 618 – 687) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. تەفسىرشۇناس، نەسەبشۇناس ۋە فەقىھ ساھابە، «ئۈممەتنىڭ ئەللامىسى» ۋە «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دەپ نام ئالغان، كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات. ــ ت.
([15]) «بۇخارىي»، 1939 – ھەدىس.
([16]) ئەبۇ ئابدۇللاھ سەۋبان ئىبنى بۇجدۇد ئەلھاشىمىي ئەلھىميەرىي (أَبُو عَبْدِ اللهِ ثَوْبَانُ بْنُ بُجْدُدٍ الْقرشِي الْهَاشِمِي، ھ. ؟ – 54 / ؟ – م. 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئەسر ھالدا سېتىۋېلىنىپ ئازاد قىلىنغان ساھابە. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن 127 ياكى 128 ھەدىس نەقىل قىلغان. ــ ت.
([17]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15401 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 774 – ھەدىس. نەۋەۋىي، ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
([18]) ئەبۇ سەئىد سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەلخۇدرىي (أَبُو سَعِيْدٍ سَعْدُ بنُ مَالِكِ بنِ سِنَانٍ الخُدْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 74 / م. 612 – 693 ياكى 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ «ئۇھۇد غازىتى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە 13 ياش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئاتىسى «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغان. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە «خەندەك ئۇرۇشى»غا قاتناشقان ۋە كېيىن يەنە 12 غازاتقا قاتناشقان. ئۇزۇن ياشىغان ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھتىن 1170 ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھەبەنىڭ بىرىدۇر. ــ ت.
([19]) «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2 – توم، 397 – بەت. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([20]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 10085 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2380 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 720 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1676 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([21]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1951 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 779 – ھەدىس.
([22]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6669 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1155 – ھەدىس.
([23]) ئۇممۇ ساھباﺋ مۇئازە بىنت ئابدۇللاھ ئەلئەدەۋىييە (مُعَاذَةُ بِنْتُ عَبْدِ اللهِ أُمُّ الصَّهْبَاءِ العَدَوِيَّةُ): بەسرەلىك بولۇپ، ھەزرىتى ئائىشە، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىق بۈيۈك ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ھەر كۈندۈزنى «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى كۈندۈزۈم بولسا كېرەك»، ھەر كېچىنى «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى كېچەم بولسا كېرەك» دەپ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان مەشھۇر تابىئىن ئايال. ئۇنىڭ «قەبرنىڭ قاراڭغۇلىقىدا ئۇزۇن بىر ئۇيقۇ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ دۇنيادا ئۇخلىغان كۆزگە ھەيرانمەن» دېگەن سۆزى مەشھۇردۇر. تەخمىنەن ھ. 83 (م. 702) ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. ــ ت.
([24]) ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئائىشە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ عَائِشَةُ بِنْتُ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ، ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 58 / م. 615 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھا ــ «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئايالى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەپسىلىي رىۋايەت قىلغان فەقىھە، نەسەبشۇناس، تىلشۇناس زات. ــ ت.
([25]) «ھەرۇراﺋ» كۇفەگە يېقىن بىر جاي بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان بولغاچقا، ئۇلار «ھەرۇرىييەلىكلەر» دەپ ئاتالغان.
([26]) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى (أُمُّ الْمُؤْمِنِينَ): «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە ئالغان (گەرچە كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ) ۋە بىللە بولغان ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى (ئاياللىرى) گە ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتى يولىدىكى رولىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن بەرگەن (ئەھزاب: 6) نام بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ ئاياللارنى باشقا بىركىم نىكاھلاپ ئېلىشىنىڭ ھارام بولىدىغانلىقى (ئەھزاب: 53) كۆزلەنگەن. بۇ نام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئەمرىگە ئالغان 12 ئايالغا (بىر ۋاقىتتا ئەمرىدە جەملەنگىنى 9) بېرىلگەندۇر. ئۇلار تەرتىپ بويىچە: خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، سەۋدە بىنتى زەمئە، ئائىشە بىنتى ئەبۇبەكرى سىددىق، ھەفسە بىنتى ئۆمەر، زەينەب بىنتى خۇزەيمە، ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئەبۇ ئۇمەييە، زەينەب بىنتى جەھش، جۇۋەيرىييە بىنتى ئەلھارىس، ئۇممۇ ھەبىبە رەملە بىنتى ئەبۇ سۇفيان، سەفىييە بىنتى ھۇيەي ۋە مەيمۇنە بىنتى ئەلھارىس. ئۇلاردىن ئالتىسى قۇرەيشتىن، تۆتى باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىدىن، بىرى بەنى ئىسرائىلدىندۇر. ئۇلاردىن ئىككىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدا دۇنيادىن كەتكەن. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي! _ ت.
([27]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 321 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 335 – ھەدىس.
([28]) ھەمزە ئىبنى ئەمر ئەلئەسلەمىي (حَمْزَة بْن عَمْرو الْأَسْلَمِيّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ تەبۇك غازاتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان رەسۇلۇللاھنىڭ مۇئجىزىلىرىنى رىۋايەت قىلغان ساھابە. تەخمىنەن ھ. 61 (م. 683) ئەتراپىدا 70 ياشلىرىدا ۋاپات بولغان. ــ ت.
([29]) «مۇسلىم»، 1891 – ھەدىس.
([30]) ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخر ئەددەۋسىي (أَبُو هُرَيْرَةَ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ صَخْرٍ الدَّوْسِيُّ، ھ. بۇرۇن 19 – ھ. 59 / م. 603 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەردىكى ۋاقتىدا يېنىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە 3 يىل بويىچە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا مۇقىم تۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بەرىكىتىدىن ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. 5٫374 ھەدىس بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھابىنىڭ تۇنجىسى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بەھرەينگە ۋالىي بولغان. ــ ت.
([31]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6087 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1111 – ھەدىس.
([32]) «نەسائىي»، 2275 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.