Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رامازاننى كۈتۈۋېلىشىڭىز

رامازاننى كۈتۈۋېلىشىڭىز

رامازاننى كۈتۈۋېلىشىڭىز

شۈبھىسىزكى، ئىنسان بىر ئىشنى قىلغاندا ياكى بىرەر جايغا زىيارەتكە بارغاندا ۋە ياكى بىرەر كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ بۇ دەمنىڭ قايتا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىدراك ئەتسە، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان ھېسسىيات شۇ دەمكى تەكرارى يوق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل تۇيغۇنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ساھابە كىراملار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر تەبلىغنى ئاڭلىغىنىدا قەلبلىرى تىترەپ، كىرپىكلىرى نەملىنىپ، ئۇنى پۈتۈن جەھەتلىرى بىلەن چوڭقۇر ھېس قىلىشاتتى ۋە ئۇلار: «بۇ تەبلىغ بەئەينى بىر ۋىدالاشقۇچىنىڭ نەسىھەتىدەك بولدى، بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا»(1) دېيىشەتتى. ئۇلار گويا بەئەينى ۋىدالىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىشكەندە بۇنى غەنىيمەت بىلىشىپ، قايتا تەكرارلانمايدىغان بىر ۋەسىيەتكە تەقەززا بولۇشاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەجى(2)دە، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئۈممىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ نەسىھەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بەلكىم بۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن قايتا ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن»(3).

بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ۋىدالىشىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلىش كىشىگە ئادەتتىكى ئەھۋالدا تېپىلمايدىغان بىر خىل ھېس – تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ساھابەگە: «نامازغا تۇرساڭ، نامىزىڭنى خۇددى ۋىدالاشقۇچىنىڭ (ئەڭ ئاخىرىقى نامىزىنى ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ) نامىزىدەك ئادا قىلغىن»(4) دېگەن نەسىھەتىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ بولسا كېرەك.

كېلىڭلار! تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى… ئېيتايلۇق، ئىخلاسمەن بىر كىشى شۇ تاپتا ناماز ئوقۇماقتا، ئەگەر ئۇ مۇشۇ نامىزى بىلەن دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلسە، مەزكۇر نامازنىڭ خۇشۇلىرى، چىن ئىخلاسلىرى، تاماملىنىشى ۋە راستچىل دۇئالىرى قانداق بولار – ھە؟!

ھەقىقەتەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە بىزگە ــ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر ــ ئىبادەتنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىدىن قانداق قۇتۇلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان. ئۇنداقتا، بىز ھەردائىم ۋىدالىشىش گىرۋىكىدە تۇرغان تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بارلىق ئىبادەتلىرىمىزدە ۋىدالىشىش روھىنى ھازىرلىيالمايمىز؟! ئەنە، رامازان بىزگە مېھمان بولۇپ كەلمەكتە، بىز ئۇنى ھۆرمەتلىسەك ئۇمۇ بىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىزگە خىلمۇخىل بەرىكەت ۋە ياخشىلىقلارنى سېخىيلەرچە تەقدىم ئېتىدۇ. ئۇ مېھمان، شۇنداقلا ھەم ساھىبخان، بەلكىم ئىچىمىزدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۇشبۇ ساھىبخاننىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشى ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! ياكى قىسقىغىنا بۇ ھاياتتا مەزكۇر مېھمان بىزدىن باشقا كىشىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىغا ئىجابەت قىلىشى مۇمكىن… قېنى ئەمىسە مېھمىنىمىزنى كۈتۈۋالايلى! ئۇنىڭ سېخىيلىقىغا يۈزلىنەيلى!

رامازاننى غەنىيمەت بىلىپ جۇدالىق ئۇچرىشىشىدەك كۈتۈۋېلىش ئۇنى خۇشال – خۇرام قارشى ئېلىشقا زىت كەلمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسھابىلىرىغا رامازان بىلەن خۇش بېشارەت بېرەتتى، ئۇنىڭ ھەر دەقىقىسىدىكى بەرىكەت ۋە رەھمەتلىرىگە قىزىقتۇرۇپ شۇنداق دەيتتى: «رامازان ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ مۇبارەك ئايدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ روزىسىنى پەرز قىلدى، ئۇنىڭدا جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ، ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار، كىمكى ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالسا ھەقىقىي مەھرۇم قالغان بولىدۇ»(5)… چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان بۇ سۆزلەرنى قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ، مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە سېخىي بىر ئاي سىزگە يېقىنلاپ كەلسە، «بۇ ئاي كېلەر يىلى يەنە كېلىدۇغۇ» دېگەن ئوي بىلەن غەنىيمەت بىلمىسىڭىز، بۇ ئاينى ۋىدالاشقۇچىنىڭ ئىبادىتىدەك ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزمىسىڭىز، سىز مەھرۇم بولماي كىم مەھرۇم بولسۇن؟!

ئۆتكەن سەلەف – سالىھلىرىمىز بۇ ئاينى ئىشتىياق بىلەن كۈتۈشەتتى، كۈندۈز روزىسىنى ۋە كېچە ئەمەللىرىنى قوغلىشىپ، كۈن – تۈنلىرىنى تائەت – ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. شۇ جۈملىدىن، يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر(6) رەھىمەھۇللاھ دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! بىزنى رامازانغا سالامەت يەتكۈزگىن! رامازاننى بىزگە تىنچ – ئامان قىلىپ بەرگىن! ئەمەللىرىمىز قوبۇل بولغان ھالدا رامازاننى ئاخىرلاشتۇرغىن!» دېگەنىكەن. ئۇلار ــ خۇددى مۇئەللا ئىبنى ئەلفەزل(7) مىسالى ــ رامازاندىن ئىلگىرىكى ئالتە ئايدا ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرىنى رامازانغا سالامەت يەتكۈزۈشنى تىلىسە، كېيىنكى ئالتە ئايدا رامازاندىكى ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى سوراپ دۇئا قىلىشاتتى(8). بۇ ئاينى كۈتۈۋېلىش ۋە ئوبدان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان مانا مۇشۇنداق سەمىمىي تەييارلىقلار ئاللاھنىڭ بۇ ئاينى ئۇلۇغلاش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى بىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئاي توغرىسىدىكى سۈننەتلىرىنى چۈشىنىدىغان تىرىك بىر قەلبنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئىمام ئىبنى رەجەب(9) مۇنداق دەيدۇ:

رامازان ئېيىغا ئۇلىشىش ئاللاھ بېكىتكەن كىشىلەرگىلا نېسىپ بولىدىغان كاتتا نېئمەتتۇر، ئۇنىڭ دەلىلى ئۈچ كىشى ھەققىدە كەلگەن تۆۋەندىكى ھەدىستۇر: ۋاقتاكى، ئۈچ كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى شەھىد بولۇپ كېتىدۇ، ئۈچىنچىسى ئۇ ئىككىسىدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولىدۇ، باشقا بىر كىشى چۈشىدە بۇ كىشىنىڭ ھېلىقى ئىككى شەھىتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىشى ئىككىيلەندىن كېيىن نۇرغۇن نامازلارنى ئوقۇمىدىمۇ؟ رامازانغا ئۇلىشىپ روزا تۇتمىدىمۇ؟ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدىنمۇ چوڭراق پەرق باردۇر»(10).

 

بەندىلەرنىڭ ئېكىنزارى رامازان كەلـــدى،           پاساتلاردىن قەلبــــــلەرنى پاكلىماق ئىشـــى.

ھەقلىرىنى قىلغىل ئادا سۆز ۋە ئەمەلــدە،           قىيـــامەتكە ئالغىل ئوزۇق قىپ ئەمەللەرنــى.

گەر كىمكى سۇغارمىسا چېچىپ ئۇرۇقنى،           ئاھ ئۇرغايدۇر نادامەتتىن ھەر ھوسۇل كۈنى.

 

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، قېنى كېلىڭ! بىز بىرلىكتە خۇددى يەنە بىر رامازانغا يېتەلمەيدىغاندەك ھېس – تۇيغۇدا روزا تۇتۇشنى تېتىپ باقايلى. ئېھتىمال، قىممەتلىك كۈنلىرىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان پارچە – پۇرات ئىشلارنى، ئىلاھىي نېئمىتىمىز بولغان ئىمانىمىزنى كۈنسايىن ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان قۇرۇق خام – خىياللارنى تاشلىيالىشىمىز مۇمكىن، بۇ مۇبارەك ئايغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ، بەئەينى ئاداققى روزىمىزنى تۇتۇۋاتقاندەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى. قېنى ئەمىسە تۇتقان روزىمىزنىڭ بىزنى ئادەت كەيپىياتىدىن ئىبادەت روھىغا ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈن بىرلىكتە تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزەيلى:

¯ ھەر يىلى روزا تۇتىمىز، كۆپىنچىمىزنىڭ غېمى پەرزنى ئادا قىلىپ، قەرزنى تۈگىتىش… بۇ يىلقى غېمىمىز ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمىزنىڭ (ئۇ ئەلبەتتە كۆپتۇر) كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ھەدىستە كەلگەن روزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى (ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا) ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن!

¯ ھەر يىلى «قۇرئان»نى بىرقانچە قېتىم تاماملاشقىلا ئەھمىيەت بېرەتتۇق… بۇ يىل بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇنى تەپەككۇر قىلىپ، مەنىلىرىنى ئويلىنىش بىلەن، ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش نىيىتى بىلەن تاماملاپ باقايلى!

¯ ھەر يىلى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا جامائەتنى قولدىن بەرمەسلىككە ھېرىس ئىدۇق، بۇ يىل پۈتۈن بىر ئاي بويىچە جامائەت نامىزىنىڭ تۇنجى تەكبىرىگە ئۈلگۈرۈشكە ھېرىسمەن بولايلى!

¯ ھەر يىلى ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ لەززەتلىرى بىلەن ئۆز نەپسىمىز ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ قەلب راھىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ماھى رامازاننى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىپ كەلگەنىدۇق، بۇ يىل قەلب ھۇزۇرىمىز ئوقۇلىدىغان كىتاب، ئاڭلىنىدىغان ۋەز – نەسىھەت ياكى پايدىلىق ئۇچرىشىشلار بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان قىممەتلىك روھىي غىزا بىلەن تېخىمۇ كېڭەيسۇن!

¯ ھەر يىلى ئائىلىمىزگە مۇشۇ شەكىلدە خۇشاللىق بېغىشلاپ كەلگەن بولساق، بۇ يىل دائىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ روھىي كېسەللىكلەر ياكى ھىيلە – مىكىرنىڭ ئەشەددىي زەنجىر – كىشەنلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋىي توسالغۇلار ئەسىر ئېلىۋالغان باشقا ئائىلىلەرگە ھەم خۇشاللىق بېغىشلايلى!

¯ ھەر يىلى باشقا موھتاجلارغا ياردەم قىلىپ سەدىقە قىلىۋاتقان بولساق، بۇ يىل خاتالىق پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجلىق ئۆز نەپسىمىزگە ياردەم بېرىشنى ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزدىن بىرى قىلايلى! بۇ بولسا ھەربىر خاتالىق ۋە گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ.

¯ پەزىلىتى كاتتا بولغاچقا رامازاندا ھەجگە ئىنتىلگەن ھالدا ئۆمرە قىلىشقا قىزىقىمىز، بۇ يىل ئاللاھ ئىزىن بەرسە ئۆمرە ئىبادىتىمىزنى كەلگۈسى ھاياتىمىزغا ئاتايلى! بەلكىم ئاشۇ بىر تاۋاپىمىز ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈشىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

¯ بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدۇق، بۇ مەنپەئەت بۇ يىل نەسىھەت قىلىش ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ھەر تەرەپكە ئومۇملاشسۇن، بەلكىم شۇ ئىشلىرىمىز بىلەن بىز بىرەر ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشىلەرنىڭ ساۋابى بىزگىمۇ بېرىلىشى مۇمكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغۇچى شۇ ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاشتۇر»(11).

¯ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئىنساپ – تەۋپىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇ يىلقى مۇبارەك رامازان ئېيىدا بۇنداق بېخىللىقنى تاشلاڭ، چۈنكى بۇ يەردە سىزنىڭ شۇ دۇئايىڭىزغا ئېھتىياجلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان ۋە مۇسلىمە قېرىنداشلىرىڭىز بار، سىز ئۇلارغا دۇئا قىلغىنىڭىزدا، پەرىشتىلەرمۇ سىزگە: «ساڭىمۇ ئوخشىشى بولسۇن!»(12) دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.

¯ سېخىيلىق رامازاندا ماختىلىدۇ، سىز ئازدۇر – كۆپتۇر ياخشىلىقىڭىز بىلەن شۇنىڭغا لايىق ئىدىڭىز، بۇ يىلقى سېخىيلىقىڭىز سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىشىڭىز بىلەن، سىزدىن سىلە – رەھىمنى ئۈزگەن كىشىگە ئەكسىچە سىلە – رەھىم قىلىشىڭىز بىلەن، سىزگە كېلىشتىن قاچقان كىشىگە ھەم سىزنىڭ بېرىشىڭىز بىلەن يىللاردىكىدىن پەرقلەنسۇن!

¯ باشقىلار بىلەن ھەپىلىشىشتىن ساقلىنىپ ئۆزىمىزدىن ھېساب ئالايلى، بەلكىم ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كېلىپ تۇپراق قوينىغا كىرىپ كېتىشىمىز ۋە ئۆز نەپسىمىزدىن ھېساب ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ھېسابقا تارتىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

¯ روزىدارلارغا ئىپتار بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز، بۇ ئىبادەتنى باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ياكى مىننەت – مالامەتلەردىن يىراق قىلايلى! چۈنكى، رىياكارلىق بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچى ھەرقانچە بەرسىمۇ ئالالمايدۇ، سەرپ قىلسىمۇ نەتىجىسىنى كۆرەلمەيدۇ. يەنى ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بەلكى رىياسى ئۇ كىشىگە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

¯رامازاننىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى قەدر كېچىسىدە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، سىز ئۆتكەن يىللاردىكى قەدر كېچىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ قېتىم پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭ! بەلكىم بۇندىن كېيىن بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

 

ئى ئاللاھ! رامازاندا بىزگە بەرىكەت بەرگىن! رامازان ئۈچۈن قىلىنغان گۈزەل تەييارلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن! رامازاننىڭ كۈندۈز روزىسى ۋە كېچە ئىبادەتلىرىدە ياردەم بەرگىن! بىزنى تەقۋادارلاردىن، جەھەننەم ئازابىدىن خالاس بولغان ئىخلاسمەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغىن!… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنالىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 16694 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2676 – ھەدىسنىڭ بىر قىسمى. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. ھەججەتۇل ۋەدا (حَجَّةُ الْوَدَاعِ): ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن (ھ. 10 / م. 632) ئادا قىلغان، تۇنجى ۋە ئاخىرىقى ھەجى. ــ ت.
3. «سۈنەنۇددارىمىي»، 229 – ھەدىس.
[^[4]: «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22987 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 4181 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 9213 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 2106 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
6. ئەبۇ نەسر يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر سالىھ ئەتتائىي (أَبُو نَصْرٍ يَحْيَى بنُ أَبِي كَثِيْرٍ صَالِحٍ الطَّائِيُّ، ھ. ؟ – 129 / م. ؟ – 747) ــ ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. فىقھشۇناس، مۇھەددىس، پەزىلەتلىك ئالىم. ــ ت.
7. ئەبۇلھەسەن مۇئەللا ئىبنى ئەلفەزل ئەلئەزدىي ئەلبەسرىي (الْمُعَلَّى بْنُ الْفَضْلِ الأَزْدِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ. 230 / م. 845 – يىلىدىن كېيىن ۋاپات بولغان) بەسرەلىك مۇھەددىس. بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ. ــ ت.
8. ئىبنى رەجەب: «لەتائىفۇل مەئارىف»، 235 – بەت.
9. ئەللامە زەينۇددىن ئەبۇلبەرەكات ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى رەجەب ئەلباغدادىي ئەلھەنبەلىي (زينُ الدِّين عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَحْمَدَ بنِ رَجَبٍ الحَنْبَلِيّ، ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393: ــ ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە ھەنبەلىي مەزھەب فەقىھى. «فەتھۇل بارىي»، «لەتائىفۇل مەئارىف» ۋە «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 27384 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3925 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21326 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2670 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. «مۇسلىم»، 4914 – ھەدىسنىڭ بىر قىسمى.

Please follow and like us:
Exit mobile version