ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش مەكروھ ئەمەس.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قازاقىستاندا بىز تۇرۇۋاتقان مەھەللىدىكى مەسجىدىمىزنىڭ ئىككىنچى سەپكە ئۇدۇل كېلىدىغان يېرىدە ئىككى تۈۋرۈك بار. تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزمەسلىككە ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، جامائەت تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپتە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ، نەتىجىدە بەزىدە جامائەت مەسجىدكە سىغمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. مەسجىدتىكى تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
يالغۇز كىشى ياكى ئىمام تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا ياكى تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدىكى سەپ تۈۋرۈك ئارىلىقىنى تولدۇرمىسا، شۇنداقلا جامائەت مەسجىدكە سىغمىغان ئەھۋالدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىدا ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.
ئەگەر مەسجىد ئازادە بولۇپ، تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرمىسىمۇ جامائەت مەسجىدكە سىغىدىغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئوخشاشلا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭدا مەكرۇھلۇق ياكى ھاراملىق بولمايدۇ. بەزى سەلەف سالىھلەردىنمۇ مۇشۇ قاراش كەلگەندۇر.
ئىمام بەغەۋىي، ئىمام زەركەشىيلەرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مەكرۇھ بولمايدۇ دەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان(1).
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي ئېيتىدۇ: «مەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن:
— جۈمە نامىزى ۋە باشقا نامازلاردا جامائەت تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈپ تۇرسا، مەكرۇھ دەپ قارامدىلا؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ:
— مەكرۇھ دەپ قارىمايمەن، ھېچقىسى يوق، — دېدى»([2]).^
ئىمام سەرەخسىي ئېيتىدۇ: «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈش مەكرۇھ ئەمەس. گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئارىلىقتىكىلەر ئۈچۈن يەنىلا بىر سەپتۇر. تۈۋرۈكنىڭ سەپ ئارىلىقىدا بولۇشى خۇددى سەپ ئارىلىقىغا قويۇپ قويۇلغان بىرنەرسىگە ياكى ئىككى پۇت ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا ئوخشاشتۇر. بۇ ئىقتىدا قىلىشنىڭ توغرىلىقىغا توسالغۇ بولمايدۇ، مەكرۇھلۇقمۇ كەلتۈرمەيدۇ»(3).
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ (شافىئىيلەرنىڭ) نەزەرىمىزدە تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشتا مەكرۇھلۇق يوقتۇر. ئىمام مالىكنىڭ ئۇ ئارىلىقتا ئۆزرىسىز سەپ تۈزۈش ھۆكمىدىكى قارىشى ئوخشاش ئەمەس، ئۇ زاتنىڭ مەكرۇھ دېگەن قارىشىنىڭ ئاساسى تۈۋرۈكنىڭ سەپنى بۆلۈپ قويۇشىدۇر»(4).
ئىمام مالىكنىڭ «مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن قارىشىنى ئىبنى قۇدامە قاتارلىق مۇھەققىق ئالىملار بايان قىلغان(5). ئىمام ئەھمەدتىنمۇ «مەكرۇھ ئەمەس» دېگەن قاراش كەلگەن(6).
لېكىن، ئىمام مالىكتىن ئۆز شاگىرتلىرى رىۋايەت قىلغان قاراشتا مۇنداق دېگەن: «مەسجىد تار كەلگەندە، تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ»(7). بۇ قاراش بۇ مەسىلىدىكى ئىككىنچى قاراش ھېسابلىنىدۇ.
كۆپچىلىك ئالىملار «مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن قارىشىغا مۇنداق دەلىللەرنى كەلتۈرگەن:
1. تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى چەكلىگەن سەھىھ ھەدىس يوق. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر زەئىف.
2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇغانلىقى سەھىھ كەلگەن. ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىمامغا، يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاشلا مەكرۇھ بولمايدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ ئۇسامە ئىبنى ﺯﻩيد، ئوسماﻥ ئىبنى تەلھە ﯞﻩ بىلاللاﺭ بىلەﻥ كەئبەنىڭ ئىچىگە كىرىپ خېلى ئۇﺯﯗندىن كېيىن چىقتى. ﺭﻩسۇلۇللاھ چىقىشىغىلا كىرگەﻥ تۇنجى كىشى مەﻥ بولدﯗﻡ. بىلالدىن ﺭﻩسۇلۇللاھنىڭ قەيەﺭﺩﻩ ناماﺯ ئوقۇغانلىقىنى سوﺭىغانىدىم، ئۇ:
— ئالدىدىكى ئىككى تۈﯞﺭﯛكنىڭ ئاﺭىسىدﺍ، — ﺩېدﻯ».
يەنە بىر رىۋايەتتە:
— بىر تۈﯞﺭﯛكنى سوﻝ تەﺭىپىگە، بىر تۈﯞﺭﯛكنى ئوﯓ تەﺭىپىگە ۋە ئۈﭺ تۈﯞرۈكنى كەينىگە قىلىپ ناماﺯ ئوقۇﺩﻯ، — ﺩېدﻯ. ئەينى چاغدﺍ كەئبەنىڭ ئىچى ئالتە تۈﯞﺭﯛكلۈﻙ ئىدﻯ»(8).
3. سەلەف سالىھلەردىن «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ سەھىھ يول بىلەن كەلگەنلىكىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، ھەسەن بەسرىي «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزسە بولىدۇ» دەپ قارايتتى(9).
مۇھەممەد ئىبنى سىرىنمۇ: «ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن(10).
ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى سەپنى ئۈزۈپ قويىدىغانلىقى سەۋەبتىن مەكرۇھ دەپ قارىغان. بۇ بۇ مەسىلىدىكى ئۈچىنچى قاراش ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىللىرىگە قاراپ باقايلى:
1) ھارۇن قەتادەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇئاۋىيە ئاتىسى قۇررەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەيدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلىنەتتۇق، ئۇنداق قىلساق قوغلىۋېتىلەتتۇق»(11).
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى زەئىف(12). شۇنداقتىمۇ، مەزمۇن جەھەتتىن قارىساق، بۇ ھەدىس جامائەت نامازلىرىدا يالغۇز بىر كىشىنىڭلا تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا ئايرىم تۇرۇۋېلىشىنى كۆرسىتىشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى، ھەدىسنىڭ ئىبارىسى پۈتۈن بىر سەپنى كۆرسىتىشتىن بەكرەك، يالغۇز بىر كىشىنىڭ تۇرۇشىنى چەكلەشكە يېقىن.
يەنە بىر ئېھتىمال بولسا ئالدىدا توسۇق يوق ناماز ئوقۇغان ئەھۋالنى چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدا مۇنداق كەلگەن: ئەييۇب مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، قۇررە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر مېنىڭ ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بېشىمدىن تۇتۇپ سۈترەگە ئۇدۇللاپ تۇرغۇزۇپ قويدى ۋە: ‹مۇشۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇغىن› دېدى»(13).
بۇنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدىمۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى تۈۋرۈك ئوتتۇرىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنى بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ: ‹ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇ› دېگەن(14). ئىمام بۇخارىيمۇ بۇنى «سەھىھ»ىدە «تۈۋرۈككە قاراپ ناماز ئوقۇش» بابىدا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇنى دەل جايىدا چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، بۇ ھەدىس سەنەدى زەئىف بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭدا تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە ئالاقىدار گەپ يوق، سۈترەگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا ئالاقىدار كۆرسەتمە بار.
2) ئابدۇلھەمىد ئىبنى مەھمۇدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىز ئەمىرلەردىن بىرىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتساق، باشقىلار كېلىپ، بىزنى قىستىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز نامازنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇق. نامازنى تاماملىغاندا، ئەنەس ئىبنى مالىك: ‹بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مۇشۇنىڭدىن ساقلىناتتۇق› دېدى»(15).
بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە ئوخشاش ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنىڭ مەكرۇھلۇقىغا دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بۇ ھەدىسنى زەئىف دېگەن ئالىملارمۇ بار(16).
ئىككىنچىدىن، بۇ ھەدىس ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشكە ئالاقىدار بولماستىن، سەپنىڭ ئارقىدا ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەشكە ئالاقىدار. چۈنكى، بۇ ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان. يەنە بىر رىۋايەتتە سۇفيان: «مەن ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇدۇم» دېگەن(17). يەنە بىر ۋارىيانتىدا ئابدۇلھەمىد مۇنداق دېگەن: «بىز ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بىر سەپتە ئىدۇق. ئۇلار بىزنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۈۋرۈكلەر ئارىسىغا چىقىرىۋېتىلدۇق. بۇ سەۋەبتىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ: ‹بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مۇشۇنىڭدىن ساقلىناتتۇق› دېدى»(18).
ياكى بەزى رىۋايەتلەردە كەلگەندەك، «تۈۋرۈك تەرەپكە قىستىلىپ بېرىپ سەپتىن مەجبۇرىي ھالدا بىرئاز يا ئالدىغا، يا كەينىگە چىقىپ قالغانلىق»نى كۆرسىتىدۇ(19).
دېمەك، ساقلىنىدىغان ئىش ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇش ئەمەس، بەلكى جامائەت نامىزىدا سەپنىڭ ئارقىدا يالغۇز تۇرۇش، ياكى سەپتىن بىرئاز ئالدىغا يا كەينىگە چىقىپ قېلىش، ياكى ئىتتىرىش.
ئەمدى بۇ ھەقتە سەلەف سالىھلەردىن كەلگەنلىكى دەلىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگە قاراپ چىقايلى:
1) ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا ناماز ئوقۇشنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(20). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رىۋايەت ئالدىدا توسۇق يوق ناماز ئوقۇشنى ياكى سەپتىن ئايرىلىپ تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا يالغۇز ناماز ئوقۇشنى يامان كۆرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
2) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپ تۈزمەڭلار، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇماڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(21). يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا سەپ تۈزۈشنىڭ مەكرۇھلۇقى بىر ـ ئىككى ئادەمگە قارىتىلغان ھۆكۈمدۇر» دېگەن(22). دېمەك، بۇ رىۋايەت سەھىھ دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى چەكلىمىگەن. پەقەتلا سەپنىڭ ئارقىدا بىرەر كىشى يالغۇز تۇرۇۋېلىشنى چەكلىگەن.
3) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارىلىقىدا سەپ تۇتماستىن، ئامالنىڭ بارىچە بىرىنچى سەپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(23).
يەنە ئىبراھىم نەخەئىيدىن ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(24).
يەنە ھەسەن بەسرىيدىن ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزۈشنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى سەھىھ ئەمەس(25). سەھىھ بولغىنى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان «ھەسەن بەسرىي ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزسە بولىدۇ دەپ قارايتتى» دېگەن رىۋايەتتۇر.
مانا مۇشۇ تەرىقىدە تەكشۈرىدىغان بولساق، يۇقىرىقىلاردىن باشقا بۇ ھەقتە چەكلەش مەنىسىدە كەلگەن بارلىق رىۋايەتلەر يا سەھىھ ئەمەس، يا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان: «بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر سەھىھ ھەدىس يوق»(26).
يۇقىرىقىلاردىن، تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىدا سەپتە تۇرۇشنىڭ ھاراملىقىدىن ئىبارەت تۆتىنچى قاراشنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ئىمام شەۋكانىي ۋە شەيخ ئالبانىيلارنىڭ(27) بولسا سەلەف سالىھلەرنىڭ ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تۈرلۈك قاراشلارنىڭ سەھىھ دەلىللەر ۋە توغرا ئىجتىھاد ئۇسۇلىدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىختىلاپنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن تەپسىلىيرەك توختىلىشقا توغرا كەلدى.
يىغىپ ئېيتساق، سەپنىڭ ئارقىدا يالغۇز بىر كىشى تۇرۇپ قالمىسىلا، ئىككى تۈۋرۈك ئارىلىقىدا ئېھتىياج بولسۇن ياكى بولمىسۇن سەپ تۈزۈپ تۇرۇش جائىز. چۈنكى، بۇنىڭدا سەھىھ بىر چەكلىمە كەلمىگەن. مەسجىدلەر تۈۋرۈكلەردىن خالىي ئەمەس. تۈۋرۈكلەر بوش ئورۇن بولمىغاچقا سەپنى ئۈزۈپ قويمايدۇ. ئەگەر جامائەت كۆپ بولمىغانلىقتىن تۈۋرۈك ئارىلىقىغا ئېھتىياج بولمىسا، ئىختىلاپ يۈز بەرمەسلىك ئۈچۈن تۈۋرۈك ئارىلىقىدا سەپ تۈزمەي، باشقا يەرلەردە سەپ تۈزسىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن، جامائەتنىڭ سانى كۆپ بولۇپ سىغمايدىغان بولسا، تۈۋرۈك ئارىلىقلىرىدىكى نۇرغۇن كىشى سىغىدىغان ئورۇنلارنى بوش قويۇش توغرا ئەمەس.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 2 – جامادىيەلئاخىر / م. 2020، 27 – يانۋار
1. بەغەۋىي: «شەرھۇسسۈننە»، 2 – ج، 332 – بەت؛ زەركەشىي: «ئىئلامۇسساجىد»، 381 – بەت.
2. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «ئەلئەسل / ئەلمەبسۇت»، 1 – ج، 312 – بەت.
3. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 2 – ج، 62 – بەت.
4. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەهىهى مۇسلىم»، 2 – ج، 145 – بەت.
5. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 220 – بەت.
6. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 299 – بەت.
7. ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – ج، 102 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (504، 505)؛ مۇسلىم (1329).
9. ئىبنى ئەبى شەيبە (7585). سەنەدى «سەھىھ».
10. ئىبنى سىرىندىن ئىككى يولدىن رىۋايەت كەلگەن: بىرى، ئىبنى ئەبى شەيبە (7586). سەنەدى «سەھىھ». يەنە بىرى، ئابدۇرراززاق (2490). سەنەدى «سەھىھ».
11. ئىبنى ماجە (1002).
12. سەنەدى «زەئىف» ھەم «مۇنكەر»دۇر. گەرچە ئىبنى ھىببان، ئىبنى خۇزەيمە، ھاكىم ۋە شەيخ ئالبانىي قاتارلىق ئالىملار سەنەدى «سەھىھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرگىنىمىزدە، بۇ ھەدىس زەئىف ھەم مۇنكەردۇر. بۇنىڭدىن ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر قاتارلىق مۇھەددىسلەرنىڭ: «بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر سەھىھ ھەدىس يوق» دېگەن سۆزى توغرا چىقىدۇ. قاراڭ: «ئەلئەۋسەت فىسسۈنەنى ۋەلئىجمائى ۋەلئىىختىلاف»، 4 – ج، 183 – بەت. چۈنكى، بۇ ھەدىسنى قەتادەدىن رىۋايەت قىلغان ھارۇن دېگەن كىشىنىڭ ئىمام ئەبى ھاتىم («ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىيل»، 9 – ج، 49 – بەت) ئېيتقاندەك، كىملىكى ئېنىق ئەمەس. شەيخ ئالبانىيمۇ («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 335): «ھارۇن ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك مەستۇر كىشىدۇر» دېگەن. ئىمام بەززار: «بۇ ھەدىسنى قەتادەدىن ھارۇندىن باشقا كىشى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان، قەتادەمۇ مۇئاۋىيەدىن بۇ ھەدىستىن باشقا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ باقمىغان» دېگەن. قاراڭ: «تەھزىبۇتتەھزىب»، 11 – ج، 11 – بەت. يەنە كېلىپ، ھەدىس ئىلمىدە مەلۇم بولغىنىدەك، قەتادە مۇدەللىستۇر. ئۇنىڭ بۇ تەرىقىدە قىلغان رىۋايەتى ھەدىس مەتنىدىكى مۇنكەرلىككە قوشۇلسا، تەدلىس قىلغانلىق تەرىپى ئېغىر باسىدۇ. ھافىز ئىبنى رەجەب، ئەلى ئىبنۇلمەدىنىي، بۇسەيرىي، سەھارەنفۇرىي ۋە شۇئەيب ئەلئارنائۇتلارمۇ «سەنەدى سەھىھ ئەمەس» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى رەجەب: «فەتھۇلبارىي»، 4 – – ج، 59 – بەت؛ بۇسىيرىي: «مىسباھۇززۇجاجە»، 1 – ج، 122 – بەت؛ سەھارەنفۇرىي: «بەزلۇل مەجھۇد»، 4 – ج، 341 – بەت.
13. ئىبنى ئەبى شەيبە (7582).
14. بۇخارىي «ﻧﺎﻣﺎﺯ بۆلۈمى»، «تۈۋرۈككە قاراپ ناماز ئوقۇش» بابى. ئىمام بۇخارىي بۇنى «ئەتتارىيخۇل كەبىر» (8 – ج، 255 – بەت) دە سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
15. تىرمىزىي (229).
16. ئەبۇ ھاتىم، ئىبنۇلمۇنزىر ۋە ئابدۇلھەق ئەلئىشبىيلىيلەر بۇ ھەدىسنى زەئىف دەپ قارىغان.
17. ھەيسەمىي: «مەۋارىدۇززەمئان»، 115 – بەت.
181. نەسائىي (897).
19. ئەبۇ داۋۇد (673).
20. ئىبنى ئەبى شەيبە (7581). سەنەدى تۇتاشمىغان، چۈنكى بۇنى رىۋايەت قىلغان ھىلال ھەزرىتى ھۇزەيفە بىلەن ئۇچراشمىغان كىشىدۇر.
21. ئىبنى ئەبى شەيبە (7580). سەنەدى تۇتاشمىغان. بۇنى ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلغان مەئدىيكەرىب دېگەن كىشىنىڭ كىملىكى نامەلۇم.
22. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9296).
23. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (12004). ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد» 2513): «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ: سەنەدىدە ئىسمائىل ئىبنى مۇسلىم ئەلمەككىي ئىسىملىك زەئىف بىرى بار» دېگەن. شەيخ ئالبانىيمۇ: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2895) «زەئىف» دېگەن.
24. ئىبنى ئەبى شەيبە (7583). سەنەدى تۇتاشمىغان. بۇ ئىككى كىشىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسى ھەسەن ئىبنى سالىھتۇركى، ئۇ ئىبراھىمنىڭ زامانىغىچە ياشىمىغان كىشى بولغاچقا، بۇ سەنەد تۇتاشمىغان. يەنە بىرى، ئىبراھىم ئىبنى مۇھاجىر زەئىف راۋىيدۇر.
25. ئابدۇرراززاق (2490). سەنەدى تۇتاشمىغان. يەھيا ئىبنى سەئىد ئەلقەتتان، ئەلى ئىبنۇلمەدىنىي ۋە ئەبۇ ھاتىملار: «بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى ھىشام دېگەن كىشى مۇدەللىستۇر، ئۇ ھەسەندىن بىۋاسىتە رىۋايەت قىلمىغان» دەپ قارىغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «تاباقاتۇل مۇدەللىسىن»، (110).
26. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسەت فىسسۈنەنى ۋەلئىجمائى ۋەلئىىختىلاف»، 4 – ج، 183 – بەت.
27. شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3 – ج، 229 – بەت؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، (335).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…
ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…