دوكتور سالمان ئەۋدە
ئۇنىڭدىن قىلىۋاتقىلى يىگىرمە يىلدەك بولۇپ قالغان خىزمىتى توغرۇلۇق سورۇدۇم…
ئۇنداقتا ئۇ بىر تەجرىبە ئىگىسى بولۇپ قالدى!
ئۇ جاۋاب بەردى:
– ياق، بۇ يىگىرمە يىل يىگىرمە قېتىم تەكرارلانغان بىر يىلدۇر!
– ئىشخانىدا ئۆزۈڭنى قانداق ھېس قىلىسەن؟
– ئۆزۈمنى روھىم يوقتەك ھېس قىلىمەن. گوياكى مەن بىر ماشىنا ئادەمدەكلا. خىزمەت مۇھىتىغا چۆكەلمەيمەن، پەقەتلا شەكىلگىلا قىلىپ قويىمەن خالاس!
– قانداقسىگە؟ – ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
– خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىم ئالاھىدە بولغانىدى. خىزمەتكە باشقىچە بىر قىزغىنلىق بىلەن كېلەتتىم، ئەڭ بالدۇر كېلىپ، ئەڭ كېيىن قايتاتتىم. بەزى ماتېرىياللارنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىپ شۇ يەردە بىر تەرەپ قىلاتتىم. ئاخىرىدا ئايالىم بۇنىڭدىن زېرىكىپ مەندىن ئادىللىق قىلىشىمنى سورىدى!
مەن ھەر قېتىم ۋەزىپىلىرىمنى ئورۇنداپ خىزمىتىمنى تۈگەتكىنىمدە، ئۆزۈمنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىد قىلاتتىم. ھاجەتمەنلەرنىڭ خۇش بېشارەتتىن خۇشاللانغان يۈزلىرىنى كۆرگىنىمدە ۋە چىن كۆڭلىدىن ماڭا قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمدە بىر خىل خۇشاللىقنى سېزەتتىم.
بىر خىزمەتدېشىم ماڭا بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى بىلەن قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى. خۇددى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى مېنىڭ نەزىرىمنى ئىدارىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە قارىتىشتەك، خىزمەتداشلار ئارا شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك روھىنى تارقىتىشتەك قىلاتتى.
ئۇ ئاخىرى ئۇتۇق قازاندى. بۇ ئۇتۇق ئۇنىڭ قايىل قىلغۇدەك بىرەر قابىلىيىتى بىلەن قولغا كەلمىگەن، بەلكى خىزمەت مۇھىتى ئۇنىڭغا بولۇشۇپ بەرگەن ئىدى.
ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكە ئەڭ ئاۋۋال كېلىدىغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغانلىقىمنى، ھېچقانداق بىر نازارەتچى ۋە رىقابەتنىڭ يوقلىقىنى، بىرەرسىنىڭ مېنى سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنە كېلىپ مەن ئىدارە مەسئۇلى ئەمەس، مەن پەقەتلا ئەمەلىي خىزمەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان، كوللېكتىۋىزملىق روھىنى ھېس قىلىشقا، باشلىقىمنىڭ خىزمەتلىرىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ خاتالىقلىرىمنى توغرىلاپ تىرىشچانلىقىمغا ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوشۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئاددىي بىر خىزمەتچىمەن.
بۇ خىزمەت ماڭا بىر چېنىقىش پۇرسىتى بەرمىدى، قابىلىيىتىمنى جارى قىلدۇرۇشۇم، شەخسىيىتىم ۋە يولۇمنى مۇستەھكەملەيدىغان تەجرىبىلەرنى، يەكۈنلەرنى توپلۇشۇم ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمىدى.
مەن ئۆزۈمدە مەقسەتسىزلا، تەكرار سادىر بولۇپ تۇرىدىغان خاتالىقلارنى بايقىدىم. بەزىدە ھاجەتمەنلەرگە زىيان سېلىپ قويىمەن ياكى ئۇلارنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىمەن ۋە ياكى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىپ قويىمەن… ماڭا «نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟» دەيدىغان ئادەم يوق، ھېساب ئالىدىغان، نازارەت قىلىدىغان بىرەرسىمۇ يوق. خۇددى مەن ئۆزۈم خىزمەتچى ۋە ئۆزۈم قانۇندەكلا.
مۇدىر بولسا كىشىلەردىن ئايرىلغان ئايرىم ئىشخانىسىدا ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر مەخپىي شىفىر بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شىفىرنىڭ يېشىلمىسى بولسا «مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، مەنمۇ سىلەرگە دىققەت قىلماي» دېگەنلىك ئىكەن. مەن ئۇنى ئۇ خۇددى خىزمەت مۇھىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلماستىن بەلكى يالغانچىلىق، قورقۇنچاقلىق ئۈستىگە ۋە سۈكۈت قىلىش، قولدىن بېرىپ قويۇش روھى ئۈستىگە قۇرۇلغان دەپ قارايدىغاندەك بايقىدىم.
مەن ھورۇنلۇقتا، ئىشنى كەينىگە سۈرۈشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر خىزمەتدېشىمغا قارىدىم. ئۇ خىزمەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ بىر خەلق چۆچەكچىسى ۋە قىزىقچى. مۇناسىۋەتكە ئۇستا. باشقىلارغا شۇ مۇناسىۋەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان، ئىزچىللىق ۋە تەرەققىياتنىڭ سىرتىدىكى بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پەسكەشلىك دەپ قارىلىدۇ.
مەن يەنە بىر خىزمەتدېشىمغا قارىدىم، ئۇ «ياق» سۆزىنى باشقىلارغا دېيىشتىن بەك ھايا قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەمەس ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، نەتىجىدە، ئىدارىدىكى كۆپىنچە خىزمەت ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالغان. ئەمما، بۇ خىزمەتدېشىم تولۇق بىر ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى، ھەممىمىزنىڭ ئەيىبىنى ياپقان ئۆزگىچە تىرىشچانلىقى تەقدىرلەنمىدى… ئاخىرى ئۇ ئۆستۈرۈلۈشكە مۇيەسسەر بولدى. لېكىن، بۇ ئۆستۈرۈلۈش ئۇنىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەن، ھېلى ھەم كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، يېتەرلىكمۇ ئەمەس. بىز ھەممىمىز بۇ خىزمەتدېشىمىزنى «ئەلكەرىف» دەپ ئاتايمىز.
مەن «ئەلكەرىف» بولۇشقا تىرىشىپ باقتىم، لېكىن خىزمەت مۇھىتىدىكى ئالغا سىلجىتىش روھىنىڭ يوق بولۇشى ئاخىرى مېنى «پەسكەشلەر»نىڭ جامائەت سېپىدە قويۇپ قويدى. خىزمەتداشلىرىم «ئەلكەرىف»كە ھېسداشلىق نەزىرىدە قارايدۇ. بەزىدە «ۋاي بىچارە»، «ئۆمرىنى زايە قىلىۋەتتى» دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن.
مەن خىزمەتكە سەل قاراپ، ۋەزىپىلەرنى كېچىكتۈرۈپ باقتىم، ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بايقىمىدىم. خىزمەتتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ باقتىم، ھېچ بىر مۈشكۈلگە يولۇقمۇدۇم. ئاخىرى ئىچىمدىكى روھ ئۆلدى. پەقەتلا قەلبىمدە ئىش ھەققىمنىڭ ھارامدىن بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنى، سەبى بالىلىرىمنى تائاملاندۇرۇپ قېلىشىمدىن قورقۇشتىن ئىبارەت كىچىككىنە بىر ئىمانىم قالدى. مانا مۇشۇلا مېنى بەزى بىر زۆرۈر ۋەزىپىلەرنى ھېچ قانداق بىر قىزغىنلىقسىز ۋە تۈرتكىسىز ئورۇنداشقا ئېلىپ باراتتى.
مەن كۆپىنچە مەندىن چوڭراق مەسئۇللارغا قاراش بىلەن ئۆزۈمگە ئۆزرە ئىزدەيمەن. ئۇلار خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خىزمەتكە ۋاقتىدا كەلمەيدۇ. تۈزۈملەرگە رىئايە قىلمايدۇ. مۇراجىئەت قىلىپ كەلگۈچىلەرنى ماتېرىياللارنى ۋە يېڭى رەسمىيەتلەرنى تولۇق قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ.
كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلاردا باش مۇدىر بىلەن ئىشخانا مۇدىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگە – جېدەل مېنى بەكلا ئوڭايسىزلاندۇراتتى. ئۇلار كۆپىنچە شەخسىي كۆزقاراشقا ياكى ئالاقىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئاساسلىنىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئومۇمغا ئورتاق يۈرگۈزۈلىدىغان تۈزۈملەرگە ئاساسلانمايتتى.
باش مۇدىر بولسا ئەپۇچان، ياخشى كىشى. ئۇ ئادەتتە، ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىش ۋە ئىش يۈرۈشتۈرۈشكە مايىل.
ئىشخانا مۇدىرى بولسا خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇ خۇددى ئىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن بىر يوللۇق سەۋەب ئىزدەۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش ھەققىمىز ھەممىمىزگە ئوخشاش تارقىتىلىدۇ.
ئاخىرىدا مەن ئۆزۈمنى سىزنىڭ ھېس قىلغىنىڭىزدەك ئىدارىنىڭ شان – شەرىپىگە ۋە كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھېس قىلدىم. ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئوي – پىكرىم، رەھىمدىللىكىم، روھىم ئاجىزلاشتى. مەن ئۆزۈمنى بۇ خىزمەتكە مەنسۇپ ئەمەستەك، ئۇ كىشىلەرنى بولسا مېنىڭ خەلقىم، ئەھلىم ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.
مېنى ئەڭ كۆپ بىئارام قىلىدىغىنى ھارام پۇللاردىن قورقۇش. شۇ سەۋەبلىك ئىش ھەققىمنىڭ بەزىسىنى سەدىقە قىلىمەن، ئۆمرە ھەج قىلىمەن، چاشگاھ نامىزىغا ئوخشاش نەپلە نامازلارنى ئوقۇيمەن. ئەمما، كۆپلىگەن ئىش بېجىرگۈچىلەر بولسا يېپىقلىق ئىشىكىمىز ئالدىدا سەپ – سەپ بولۇپ تۇرۇشىدۇ.
(ئاللاھ ھەممىمىزنى چۈشكۈنلىكتىن ساقلىسۇن!)
مەنبە: موظف محبط – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net
تەرجىمىدە: كۆكلەم.