Categories: ماقالىلەر

داموللام، ئۇستاز، دوكتور…

دوكتور سالمان ئەۋدە

 

«نام – ئاتاقلار ئۆزىمىزنى سەمرىتىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان تابلېتكالاردۇر»

 – دوكتور ئەھمەد سەقەر.

بىر قېتىم بىر دوستۇمغا: «خۇش كەپسىز دوكتور» دېسەم، ئۇ: «مەن دوكتور ئەمەس، پالانى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۇنۋانىنىڭ ئۆزىنى يۆگەپ قويماسلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى قوشۇلمىسىز تونۇشىنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

يەنە بىر قېتىم ئۆزۈم بىلەن تەڭتۇش بىر ئەما كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ مەندىن: «سىز كىم؟» دەپ سورىدى، مەن: «مەن پالانى شەيخ» دەپ جاۋاب بەردىم. تىلىم ئىختىيارسىز يېقىنلىرىمدىن ئاڭلىغان سۆزگە كېتىپ قېلىپ بەك خىجىل بولدۇم. گەرچە سىز شۇ دەبدەبىلىك نام – ئاتاقلارغا لايىق بولمىسىڭىزمۇ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سىزنى شۇنداق چاقىرىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن ئۆز – ئۆزىڭىزنى شۇنداق ئاتىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟!

مەن ياش ۋاقتىمدا «مۇھەممەد غەززالىي بىلەن سۆھبەت» دېگەن ماۋزۇدا بىر كىتاب يازغان ئىدىم. بەزى دوستلىرىم ئۇنى بېسىپ چىقىرىپتۇ ۋە ئىسمىمنىڭ ئالدىغا يوغان قىلىپ «شەيخ» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئەينى چاغدا شەيخ مۇھەممەد غەززالىي شۇ يېشى، پەزىلىتى ۋە كاتتىلىقى بىلەنمۇ بۇ نامغا كىتاب مۇقاۋىسىدا تېخى ئېرىشمىگەن ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېنىڭ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى كىتاب بېسىلىپ بولغاندىن كېيىنلا كۆرگەنلىكىمنى بىلمەيتتى.

بەزىدە كىشىلەر خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ۋەزىر، مۇدىر، يېتەكچى دېگەندەك ئەمەل – مەنسەپ ناملىرىنى قوللىنىدۇ ۋە بۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. لېكىن، سائادەتلىك، پەزىلەتلىك، شاراپەتلىك دېگەندەك نام – ئاتاقلارنى قوللىنىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ ياكى تەكرارلىنىپ قالغىنىدا، ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگىنىدە، ياكى نالايىق كىشىگە بېرىلگىنىدە قۇلاققا ئېغىر تۇيۇلىدىغان، ۋاقىتنى كۆيدۈرىدىغان، زەۋقنى بۇزىدىغان ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بۇ رەسمىيەتنى ئادا قىلمىغانلاردىن ھېساب سوراشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن!

بەزىلەر بۇرۇنقى نام – ئاتاقلىرىنىمۇ تاشلىماستىن، بەلكى ئۇنى «سابىق» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قوشۇپ ئاتايدۇ، خۇددى ئىلگىرىكى شان – شەرىپىنى سۆزلەۋاتقاندەك، «سابىق» دېگەندەك كەلىمەلەرنى ئەگەشتۈرگەن تونۇشتۇرۇشلار گوياكى ئىگىسىنى ئۆتمۈشنىڭ تۈرمىسىگە قاماپ قويغاندەك، ئۇنىڭغا «مۇددەتسىز» ھۆكۈم قىلىۋەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەسىلەن، «پالانى تەشكىلاتنىڭ سابىق رەئىسى»، «سابىق مۇجاھىد» دېگەندەك.

ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى «زوراۋان ئاكادېمىكلار» ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ. بۇ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بەزى دوكتورلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ھاڭ ياكى سوغۇقچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

غەربتىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ۋە كاتتا ئالىملارنىڭ قەھۋەخانىلاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇشلىرى ۋە بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشلىرىنى ئاڭلاش سىزگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. تونىمايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇنداق كاتتا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. يېڭىدىن مۇدىر ياكى باشلىق بولغانلار بولسا مەغرۇرانە يۈرىشىدۇ.

كەمتەرلىك ھەقىقىي ئالىمنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپىتىدۇر.

بىلىپ يەتتىم نادانلىقىمنى

بىلگەنلىرىم كۆپەيگەنسېرى

ئىنسان سەمىمىي بولۇپ ساختىپەزلىك قىلمىغان تەقدىردە، باشقىلارنىڭ سىناپ بېقىش، ماختاپ ئۇچۇرۇش ۋە دەۋېلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالمىسىلا نام – ئاتاقلىرىنى قوللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ھەقىقىي قەدىر – قىممەت دىپلومدا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق – پەزىلەت، ئىلىم – مەرىپەت ۋە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ۋە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا بولىدۇ.

ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىدىن كېيىن ئۆزلىرىدىن ئەۋزەل بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر بولسىمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. مانا بۇ پەزىلەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر پەزىلەتتۇر.

ئىسمىڭىزنىڭ قوشۇمچىغا ھاجىتى يوق تولۇق بىر جۈملە ھالىتى نېمىدېگەن گۈزەل ھە!

مەنبە: الشيخ أ. د: سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: ھىلال.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago