Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى

يۈسۈف قەرەداۋىي

 

تەرەققىيات ئىسلاملىشامدۇ ياكى ئىسلام تەرەققىي قىلامدۇ؟

بۇ زېمىندا ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق. بۇ تەرەققىيات بەزى ساھەلەردە كەڭ بولسا يەنە بەزى ساھەلەردە تار بولىدۇ.

تەرەققىياتنىڭ كەڭرى ساھەسى يېمەكلىك، كىيىم – كېچەك، قاتناش، تۇرالغۇ، قۇرال – سايمان ۋە شۇنىڭدەك ئىنسان پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

قاتناش – ترانسىپورت ۋاسىتىلىرى بىلەن روشەن مىسال كەلتۈرەلەيمىز.

ئىنسان مەقسىتىگە ئىككى قەدىمى بىلەن ماڭاتتى، ئاندىن مىنىش ۋە يۈك ئارتىش ئۈچۈن تۆگە، ئات – ئېشەككە ئوخشاش بىر قىسىم ھايۋانلارنى كۆندۈردى، ئاندىن دېڭىزدا شاماللار ماڭدۇرىدىغان كېمە ياساشقا، قۇرۇقلۇقتا ئۇلاغ سۆرەيدىغان ھارۋا ياساشقا يۈزلەندى، بىر قانچە مىڭ يىللار ئۆتۈپ، پار ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋاسىتىلەر بىلەن ئايلىنىدىغان ماشىنا سانائىتىگە يۈزلەندى، ئاندىن ئالەمنى خۇددى بىر كەنتتەك ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئايروپىلان سانائىتىگە، ئاخىرىدا راكىتا ۋە ئايغا چىققىلى بولىدىغان ئالەم كېمىسى سانائىتىگە يۈزلەندى.

قۇرئان كەرىم «ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى، مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ»([1]) دېگەن ئايەتتە بۇ ۋاسىتىلەرگە قىسقىغىنە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئايەتتە يۇقىرىقى ۋاسىتىلەرگە دالالەت ۋە بېشارەت بار.

تەرەققىياتنىڭ مۇشۇ تۈرى بىلەن بىللە، پىكىر – چۈشەنچە ساھەسىدە، ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە قائىدە يوسۇنلاردا، ئۈلگە ۋە ئەخلاقلاردا، يەنە بىر خىل تەرەققىيات تېپىلىدۇ، بۇ ساھەدىكى تەرەققىيات بەزىدە ماختاشقا سازاۋەر بولسا يەنە بەزىدە سۆكۈلىدۇ، چۈنكى ئۇ دائىملا ئىنسانغا پايدا قىلىۋەرمەيدۇ، بەزىدە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پەرىشتىلەرنىڭ ماقامىغا يېقىنلاشتۇرسا، يەنە بەزىدە ھايۋانلاردىنمۇ پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

بۇ يەردە بىر سوئال كېلىدۇ: ئىسلامنىڭ تەرەققىياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق؟ ئۇ تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالامدۇ ياكى رەت قىلىپ قارشى تۇرامدۇ؟

بۇ ھەقتىكى ئىسلام پوزىتسىيەسىنىڭ بىزگە روشەن بولۇشى ئۈچۈن بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.

كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى

مۇتلەق رەت قىلىش پوزىتسىيەسى:

بىرىنچى: ئىلمىي ياكى ئەمەلىي بولسۇن، ماددىي ياكى مەنىۋى بولسۇن – ھاياتنىڭ ھەرقانداق تەرىپىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىش ياكى يېڭىلىقنى مۇتلەق رەت قىلىش ۋە قەدىمكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ھالىتىدە قالدۇرۇش، قانداق مەنبەدىن قانداق شەكىلدە كەلگەن بولسۇن، بارلىق يېڭىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە رەت قىلىش پۇزۇتسىيەسى.

بۇ بولسا ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەرپ خىرىستىيان چېركاۋىنىڭ پوزىتسىيەسى بولۇپ، ئۇ جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەت، بىئولوگىيە ۋە باشقا ئىلىملەردە پىكىر ۋە نەزەرىيەلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى دىننىڭ بىر بۆلۈكى قىلىۋېتىدىغان مۇقەددەس تۈس بەردى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان پىكىرلەر ۋە قائىدە – يوسۇنلارنى دىننىڭ بويىقى بىلەن بوياپ ھېچبىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا ياكى ئەركىن تەتقىقاتنىڭ ئۇ كىشىنى ئۇلارنىڭ قارشىسىغا ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىدى. ئۇنىڭغا قارشى چىقماقچى بولغان كىشىنى پالاكەت باسقىنى شۇ!

ئۇستاز ئىمام مۇھەممەد ئابدۇ ئۆزىنىڭ «ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىلىم ۋە تەرەققىياتقا بولغان قارىشى» ناملىق كىتابىدا چېركاۋ ۋە پوپلارنىڭ ئاجايىپ، ھەيران قالارلىق ئىشلىرىنى بايان قىلغان.

دى. رومىنىس: ھەقىقەتەن ھەسەن – ھۈسەن خالىغان چاغدا بەندىلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدىغان ئاللاھنىڭ قولىدىكى ھەربىي قورال بولماستىن، بەلكى سۇ تامچىلىرىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىدۇر دېگەندە، رۇمغا پالىنىپ ئۆلگەنگە قەدەر نەزەربەند قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتى ۋە كىتابلىرى سوتقا تارتىلىپ ھۆكۈم قىلىنىپ، ئوتقا تاشلانغان.

بىلاج: ئۆلۈم ئادەم ئاتىدىن ئىلگىرى بار ئىدى، يەنى، ئادەم ئاتا خاتالىشىپ بۇغداي دەرىخىدىن يېيىشتىن ئىلگىرى ھايۋانلار ئۆلۈپ تۇراتتى، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا چوقان – سۈرەن، غەلۋە – غەۋغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بۇ جەڭگە – جېدەل ئىمپېراتورنىڭ شۇ خىل ئېتىقادتىكى ھەربىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش دېگەن بۇيرۇقنى چىقىرىشىغا بېرىپ يەتتى.

يەر شارى يۇمىلاق دېگەن سۆز خىرىستىيان دۇنياسىدا قاتتىق ئىزتىراپ پەيدا قىلدى، مۇسۇلمانلار بولسا بۇ پىكىرنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدىلا بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تال مويىمۇ تەۋرەپ قالمىدى، بەلكى ئۇنى تەپسىر، تەۋھىد ۋە باشقا كىتابلاردا چەكلىمىسىز تىلغا ئالغان ئىدى.

بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلار ئايال كىشى تۇغۇتىدا تولغاق ئازابىنى تارتماسلىق ئۈچۈن، ئۇنى ناركوز قىلىشىنى كەشىپ قىلىشى بىلەن، چېركاۋ كاھىنلىرىنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرىدى، چۈنكى ئۇنداق قىلىش تەۋراتتنىڭ ئۈچىنچى بابىدا پەرۋەردىگار ئايال كىشىگە: «تۇغۇتنىڭ كۆپ جاپاسىنى چېكىسىەن، بالىلارنى ئاغرىق بىلەن تۇغىسەن» دېگىنىدەك، ئايالغا پۈتۈلگەن مەڭگۈلۈك لەنەت ۋە جازادىن ئۇنى قۇتقۇزغانلىق بولاتتى.

ئاستانىدە (ئىستانبول) مۇسۇلمانلار تېرىنىڭ ئاستىغا ئوكۇل سېلىش ئۈچۈن تىببىي ئۇسۇل كەشىپ قىلدى. ئاندىن مىلادىيە 1721 – يىلى مارىي موناجو ئىسىملىك ئايال بۇ ئۇسۇلنى ياۋروپاغا ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار قوزغىلىپ ئۇنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى ۋە چېچەككە قارشى ئەملەش ئۇسۇلى كەشىپ قىلىنغاندىمۇ شۇ قاتتىق قارشىلىق تەكرارلاندى.

ئىبنى رۇشدنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ياۋروپادا، بولۇپمۇ، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ جەبۇنىدا ئىلىم – پەن ۋە ئەركىن پىكىرنىڭ نامايان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىنغان چاغدا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىندى، ئۇنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان كىشى راھىب تۇركەماندا ئىدى. غەربنىڭ بۇ مەھكىمىسى مىلادىيە 1481 – يىلىدىن 1499 – يىلىغىچە بولغان 18 يىلدا ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ 16220 شەخس تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنىپ، كۆيدۈرۋېتىلدى. 61860 شەخس سازايى قىلىنغاندىن كېيىن دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىندى. 97023 شەخس ھەر خىل جازالار بىلەن ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىندى، ئاندىن ئىبرانىي تىلىكىدىكى تەۋراتنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۋېتىلدى.

مانا بۇ چېركاۋنىڭ پوزىتسىيەسى ئىدى، لېكىن تەرەققىيات ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ئىدى. شەرقتىكى مۇسۇلمانلاردىن غەربتىكى خىرىستىيانلاغا يۆتكەلگەن ئۇچقۇن ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ۋە زورىيىپ، ئالدىنى ھېچ نەرسە توسالمايدىغان چوڭ ئوتقا ئايلاندى. نادانلىق بىلەن ئىلىم – پەننىڭ قارشىسىدا، خۇراپات بىلەن پىكىرنىڭ قارشىسىدا، پادىشاھلار ۋە ئېسىلزادىلەر بىلەن خەلقنىڭ قارشىسىدا تۇرغان چېركاۋغا قارشى غەزەپلەنگەن خەلقنىڭ قوزغىلىپ، كاھىنلارنىڭ ئاخىرقىسىنىڭ ئۈچەيلىرى بىلەن پادىشاھنىڭ ئاخىرقىسىنى دارغا ئېسىڭلار دېيىشلىرى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

تەرەققىياتقا مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسى

ئىككىنچى پوزىتسىيە يۇقىرىقى پوزىتسىيەنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى: كېيىنكىسى ئىلگىركىسىدىن ياخشى ھەرقانداق يېڭىلىق كونىلىقتىن ياخشى، بۈگۈنكى بوۋاق تۈنۈگۈنكى بوۋاقتىن ياخشى بولغان غەربنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، دۇرۇس بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننىڭ، لايىق بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرمەستىن ھەرقانداق ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىق بىلەن قارىغۇلارچە بىللە مېڭىش ۋە مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسىدۇر. شۇنداقلا يەنە ئۇلار تەرەققىيات بىلەن ماسلىشىپ مېڭىشقا قانائەت قىلماستىن، بەلكى قىممەت – قاراشلار، ئەخلاقلار، ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدۇ.

بۇ پوزىتسىيە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەردىن ئىككى خىل ئېقىمنى شەكىللەندۈرىدۇ.

1. غەربلىكلەرنىڭ ئۆزلىرى پىكىرلىرىدىن يېنىپ مەدەنىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ۋە كۆپ ئىشلاردىكى چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان چاغدا، غەرب ئېلىپ كەلگەن ھەممە نەرسىنى ماختاپ ئۇنىڭغا قىزىققان، غەربنىڭ مەدەنىيىتى ئەقىل – ھوشىنى ئالغان، گەرچە يالىڭاچلىق، چۈشكۈنلۈك، دىنسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق بولسىمۇ تەرەققىييات نامى بىلەن ئۇنىڭغا چاقىرغان غەربنى دورىغۇچى چاكىنىلار ئېقىمى. ئەنە شۇلار ئەرەب ۋە ئىسلام ئەدىبى مەرھۇم مۇستاپا سادىق رافىئىي: ئۇلار دىننى، تىلنى قۇياش ۋە ئاينى يېڭىلىماقچى بولغانلار، دەپ مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر.

2. ئۇلار چوقۇم تەرەققىي قىلىشى كېرەك دەيدىغان ۋە تەرەققىييات ئېلىپ كەلگەن نەرسە جەزمەن ئىلگىركىسىدىن ياخشى دەپ توۋلايدىغان ماركىسىزىمچىلاردۇر.

ئۇلار دائىم ئىنسان ھاياتىنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان تەرەپلىرىدە سۆزلەپ، ئۇنىڭدىكى تۇرغۇن تەرەپلەرگە سەل قارايدۇ.

شەكسىزكى، ئىنسان ھاياتى نۇرغۇن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيياتلارغا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن بۇ تەرەققىيات ئىنساننىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن كۆپرەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

مەڭگۈلۈك باقىۋەندىلىكنى ياخشى كۆرۈش خاراكتېرى بىلەن شەيتان تەدرىجىي ھالدا بۇغداي دەرىخىنى يېيىشكە ئېلىپ بارغان ئادەم ئاتا، دائىم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىمۇ نامايان بولۇپ، شۇ خاراكتېرنىڭ ئۆزى ئۇلارغا باشقا ئاسىيلىقلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ. ئادەم بالىسى قېرىندىشىغا ھەسەت قىلىپ تاش ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى، ئاندىن ئۇنى يوقىتىشتا تېڭىرقاپ قېلىۋىدى، قاغا ئۇنىڭغا زېمىندا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى بىلدۈردى. گەرچە ئۆلتۈرۈش ۋاسىتىلىرى ھەر تۈرلۈك تەرەققىي قىلىپ كەتكەن ۋە بىر قىسىم كىسلاتا ۋە خىمىيىلىك ئېرىتكۈچى دورىلار بىلەن جەسەتنى ئېرىتىپ يوقىتىۋېتىشكە قادىر بولغان بولسىمۇ، ھەسەت قىلىش ۋە قاتىللىق قىلىشنىڭ ئۆزى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئەخلاقىي مىزان، ئادەم خاتالاشقاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىشىغا ۋە «پەرۋەردىگارىمىز! بىزئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تاتقۇچىلاردىن بولىمىز»([2]) دەپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان نەرسىدۇر. ئۇ بولسا ئادەم بالىسى قېرىندىشىغا «ئەگەرسەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھدىن قورقىمەن»([3]) دېگەن چاغدا ئادەم بالىلىرىنىڭ ياخشىسىدا روشەن نامايان بولغان مىزاندۇر. قېرىندىشىنى كۆمۈپ بولغاندىن كېيىن قاتىلنىڭ پۇشايماندىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ! گەرچە ئىنسانلارنىڭ قەدىمى ئاي شارىغا دەسسىگەن بولسىمۇ، بۇ مىزان پەرقلىق ھالدا ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە داۋاملاشماقتا.

گەرچە ئىنساندىكى تەبىئىي ئىنكاسلارنىڭ تويۇنۇش ۋاسىتىلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ شۇ ئىنكاسلارنىڭ ئۆزىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.

ئىنسان ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارغا ئوخشاش تاماقنى خام يەيتتى، ئاندىن ئوتۇن – كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئۇنى ئوتتا پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، ئاندىن مايلىق ۋە توكلۇق ئوچاقنى كەشىپ قىلدى، لېكىن ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان يەيدۇ، ئىچىدۇ، قورسىقى ئاچىدۇ ۋە تويىدۇ، ئۇسسايدۇ ۋە قانىدۇ. قورسىقى ئاچسا ۋە ئۇسسىسا جىددىيلىشىدۇ ۋە ھاياجانلىنىدۇ. قورسىقى تويۇپ، ئۇسسۇزلۇقى قانسا راھەتلىنىدۇ ۋە لەززەتلىنىدۇ، باشقا كۈن چۈشكەندە ۋە خاتالىققا پۇشايمان قىلغاندا ئاللاھقا موھتاجلىقىنى ھېس قىلىشتىن ۋە راستچىللىقنى، ئامانەتنى، پەزىلەتنى ياخشى كۆرۈشتىن ۋە رەزىللىكنى يالغانچىلىقنى، خىيانەتنى يامان كۆرۈشتىن بولغان دىنىي قىممەت قاراش گەرچە بەزى كىشىلەردە كۆمۈلۈپ قالغان ياكى دات بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىنساننىڭ ھايات يوللىرىدا ئۇنىڭ ۋەزنى ۋە قىممىتى داۋاملىشىدۇ. ئىنسان يەتكەن تەرەققىييات ھەققىدە كۆپ سۆزلىمەيمىز. ھەقىقەتەن ئۇ ئىنساننىڭ جەۋھىرىدىكى ئەمەس، زاھىرىدىكى تەرەققىيياتتۇر. ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىكى ئەمەس ئىنسان ئىشلىتىدىغان نەرسىلەردىكى تەرەققىيياتتۇر.

ئىنساننىڭ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىكى تونۇشىنىڭ ئۆزگەركەنلىكى ۋە كېڭەيگەنلىكى راست، لېكىن بۇ ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.

ئوتتۇراھال پوزىتسىيە، ئۇ ئىسلام پوزىتسىيەسى

ئۈچىنچى پوزىتسىيە: ئۇ ئوتتۇراھال پوزىتسىيەدۇر. ھاياتنى قاتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋاتقان مۇتەئەسسىپلەر بىلەن، ھاياتنى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلار ھۆكۈم سۈرمەيدىغان، قانۇن ۋە ئەخلاقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، تەرتىپسىز ھايات ھالىتىگە كەلتۈرمەكچى بولغان ئاكتىپلارنى ئايرىيدىغان ئوتتۇراھال پوزىتسىيە. ئۇ تەرەققىيياتقا دانالىق بىلەن يۈزلىنىدىغان بەلكى پايدىلىق تەرەققىيياتقا ئۈندەيدىغان، ئۇنى يارىتىدىغان ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان پوزىتسىيە.

ئۇ ھەقىقىي ئىسلامنىڭ پوزىتسىيەسىكى ھۆكۈملىرىدە، تەلىماتلىرىدا تۇرغۇنلۇق بىلەن ئېلاستىكىلىقنى بىرلەشتۈرگەن.

نىشان – غايىلەردە تۇرغۇن، ۋاسىتە – سايمانلىرىدا ئەركىن

پىرىنسىپال ۋە ئومۇمىي مەسىلىلەردە تۇرغۇن، تارماق، جۈزئىي مەسىلىلەردە ئەركىن.

ئەخلاقىي، دىنىي مەسىلىلەردە تۇرغۇن، ماددىي، دۇنياۋى مەسىلىلەردە ئەركىن.

بۇ تۇرغۇنلۇقنى يېتەكچى ئەقىدىلەردە، ئاساسىي پەرزلەردە، ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يىلتىزلىرىدا، ھارام ئىشلارنىڭ پىرىنسىپلىرىدا، شەرىئەتنىڭ ئومۇمىيىتىدە ۋە ۋاقىتنىڭ، شارائىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەردە تاپالايمىز. شۇنداقلا ئېلاستىكىلىقنى كۆپ ئويلىنىپ كۆپ ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق كېڭىيىدىغان تارماق، جۈزئىي ھۆكۈملەردە ۋە ئاللاھ بەندىلەرگە كەڭرى قىلىپ بەرگەن ئىجتىھاد قىلىپ توغرىنى تاپقان كىشى ئۈچۈن ئىككى ئەجىر، ئىجتىھاد قىلىپ خاتالاشقان كىشى ئۈچۈن بىر ئەجىر بېرىلىدىغان ھۆكۈملەر ساھەسىدە تاپالايمىز. ئۇ بولسا ئالىملىرىمىز: زامان – ماكان ۋە ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇلاردىكى پەتىۋا ئۆزگىرەيدۇ دېگەن ھۆكۈملەردۇر. بۇ ئېلاستىكىلىقنى كۆپىنچە دۇنيا ئىشلىرىدا، يەنى، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارغا مۇناسىۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىشلىرىدا تاپالايمىز. مانا بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە «سىلەر دۇنيا ئىشلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىشلاردۇر.

مۇسۇلمانلار بۇ ئىشلارنى پۇختا قىلىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى لازىم. ناۋادا ئۇلاردا بولمىسا باشقىلاردىن ئالسىمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە خورما كۆتىكىدە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، مۇسۇلمانلار كۆپىيىپ كېتىۋىدى. رىملىق ياغاچچى چاقىرىپ كېلىنگەن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۈچ بالداقلىق مۇنبەر ياساپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىملىق ياسىغان بۇ نەرسىنى ئىشلەتمەيمەن دېمىگەن.

ئەھزاب غازىتىدا سالمان فارىسىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاش تەكلىپىنى بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قىزىقىپ ئىجرا قىلغان ۋە بۇ مەجۇسىيلارنىڭ ئۇسۇللىرى، بۇنى قوللانمايمىز دېمىگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇنىڭ ساھابىلىرى دىۋان تەسىس قىلىش، شەھەر بىنا قىلىش، قۇرئاننى جەملەش ۋە رايونلارغا تارقىتىش، بىر بۆلۈك كىشىلەرنى قازىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش، پوچتا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە شۇنىڭدىن باشقا پايدىلىق، تەسىرى ياخشى، دىن كەڭرى قويۇۋەتكەن ئىشلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بولمىغان ئىشلارنى ۋە تۈزۈملەرنى يولغا قويغان. ئۇ ئىشلارنى سۈننەتلىرى بۇ دىننىڭ بىر بۆلۈكى سانىلىدىغان، چىڭ ئېسىلىشقا بۇيرۇلغان، توغرا يول تاپقان ۋە ھىدايەت قىلىنغان كىشىلەر يولغا قويغان.

ئىنسانىيەت ۋايىغا يېتىپ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئومۇمىي رىسالەتنى چۈشۈرۈشكە لايىق بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاخىرقى كەلىمىلىرىنى مۇشۇ دىننىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى خالىدى. ئۇنىڭدا تەرەققىيياتقا ماسلىشالايدىغان، ھەممە شارائىتقا، ھەممە ئۈممەتكە ۋە ھەممە دەۋرگە ماسلىشالايدىغان كەڭرىچىلىك، ئاسانلىق ۋە ئېلاستىكىلىقلارنى قويۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭدا تەرەققىيياتقا، ھەرىكەتكە ۋە يۇقىرى ئۆرلەشكە تۈرتكە بولىدىغان دىن ۋە دۇنيا، ئىمان ۋە ئىلىم، ئەخلاق ۋە شەھەرلىشىش بىرلەشكەن ئىنسانىي، رەببانىي مەدەنىيەت يارىتىشقا يېتەرلىك بولغان قىممەت قاراش، پىكىرلەر ۋە ئەخلاقىي، قانۇنىي، پىكرىي پىرىنسىپلارنى قويدى.

ھەربىر تەرەققىيات ئۆز قوينىدا ئىلىم ۋە ھېكمەتنى، ھەقىقەت ۋە ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلگەنلا بولسا ئۇ رەت قىلمايدۇ. ھەربىر تەرەققىيات، ئۆز ئېقىنىدا پاساتچىلىق، ئازغۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكنى ئېلىپ كەلگەنلا بولسا ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ.

ھەقىقەتەن، ھەربىر ئىش ئاللاھ ھەق ۋە مىزان بىلەن چۈشۈرگەن قۇرئانغا قايتۇرۇلىدۇ، چۈنكى، ئاللاھ مەخلوقاتلىرىنى پەرۋاسىز تاشلاپ قويماستىن، ئۇلارغا ھاياتتىكى ھەممە نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى بەرگەن.

ئىسلام قاتماللىقنى رەت قىلىدۇ، توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، لېكىن ھەرىكەتنىڭ قارىغۇلارچە، بۇزغۇنچى ھەرىكەت بولۇشىنى ئەمەس، ئاقىلانە، تىپتىنچ ھەرىكەت بولۇشىنى خالايدۇ. ئېقىنسىز، چەك – چېگراسىز، بىھۇدە يۈرۈپ كەتكەن كەلكۈننىڭ ھەرىكىتىدەك ئەمەس، ئېقىنىدا خاتىرجەملىك ئەكىس ئەتكەن دەريانىڭ ھەرىكىتىدەك بولۇشىنى خالايدۇ. ھەقىقەتەن دەريا ۋە كەلكۈننىڭ ھەر ئىككىلىسى تاتلىق سۇنى ئېلىپ ماڭىدۇ، لېكىن، دەريا قەيەرگە ئاقسا ھاياتلىقنى، يېشىللىقنى ۋە بەرىكەتنى يايىدۇ، كەلكۈن كەيەرگە ماڭسا ۋەيران قىلىدۇ، خاراب قىلىدۇ ۋە زىرائەت، چارۋىلارنى ھالاك قىلىدۇ.

شېھىد سەييىد قۇتۇپ ھەقىقىي رەۋىشتە: ھەرىكەت مۇستەھكەم رامكىنىڭ ئىچىدە، مۇستەھكەم ئوقنىڭ ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، دېگىنىدەك، ئىسلام ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ، ئاللاھ ئەزىز قىلغان ئىنسانىيىتىگە لايىق نىشانى بولۇش، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ گۇمران بولۇشىدىن خاتىرجەم بولغان ئىشەنچنىڭ دائىرىسىدە بولۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ ھەرىكەت ۋە خىزمەت قىلىشىنى خالايدۇ.

ھەقىقەتەن ئىسلام، ھەقىقىي قىممەت قاراشلار، ياخشىلىقلار ۋە ئەخلاق – پەزىلەتلەر يېتەكچىلىك قىلغان، ئاللاھ كىتابىنى چۈشۈرگەن ۋە پەيغەمبىرىنى ئەۋەتكەن ئادالەت تارازىلىرى تىزگىنلەپ تۇرغان مەنپەئەتلىك، ئاقىلانە تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما، قارام زومىگەر جانسىز دۆت – كالۋا بىلەن ئوخشاشتۇر. ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ھەرئىككىلىسى رەت قىلىنىدۇ.

 

مەنبە: مواقف الناس من التطور – دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «من أجل صحوة راشدة تجدد الدين وتنهض بالدنيا» ناملىق كىتابى.دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «من أجل صحوة راشدة تجدد الدين وتنهض بالدنيا» ناملىق كىتابى.

ئەنسارىي تەرجىمىسى


([1]) «نەھل» سۈرىسى، 8 – ئايەت.
([2]) «ئەئراف» سۈرىسى، 23 – ئايەت.
([3]) «مائىدە» سۈرىسى، 28 – ئايەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version