ئۆگەي قىزىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولامدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئۆگەي قىزىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولامدۇ؟ (ئۆگەي قىز ۋە كۈيئوغۇل باشقا شەھەردە پەقەت ئوقۇش بىلەن بولۇپ، مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق).
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۆگەي قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بولمىسا، ئېرى ياكى ئاتىسى تەرىپىدىن يېتەرلىك نەپىقە سەرپ قىلىنمايدىغان بولسا، ئۆگەي ئاتىسى زاكىتىنى ئۇ قىزغا بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ قىز ئۆگەي دادىنىڭ ئۆز قىزى ئەمەس.
پېقىر، مىسكىنلەرگە زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن ئاشۇ پېقىر، مىسكىنلەرنىڭ نەپىقىسى زاكات بەرگۈچىگە ۋاجىب بولمىغان بولۇشى شەرت. بۇ ئىجماﺋ بار بولغان مەسىلىدۇر.(1)
ئۆلىمالار ئومۇم بىر قائىدە تىكلەپ: «كىشى نەپىقىسىنى قىلىپ قويۇشى ۋاجىب بولغان يېقىنلىرىغا زاكىتىنى بەرسە بولمايدۇ» دەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر – خوتۇنلۇق ياكى ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى سەۋەبىدىن زاكات بەرگۈچى نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىشى ۋاجىب بولغان ئۆز ئاتا – ئانا، ئۆز بوۋا – موما ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىگە، نەۋرىلىرىگە، ئايالىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما، ئۆگەي پەرزەنتىگە زاكات بېرىشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئۆگەي پەرزەنتنىڭ نەپىقىسى ئۆگەي ئاتىغا ۋاجىب ئەمەس. ئەگەر ئۆگەي ئاتا قىزغا نەپىقە بېرىپ خەۋەر ئالسا، بۇ ئېھسان ۋە ياخشىلىق قىلىش بولىدۇ.
باشقا بىر ئائىلىدە ئەرنىڭ قولىدا ياشايدىغان ئۆگەي قىزغا زاكات تېخىمۇ دۇرۇس كېلىدۇ.
بەلكى تېخى ئۆگەي دادا ئۇ قىزغا مەھرەم بولغانلىق سەۋەبىدىن زاكىتىنى ياتقا بەرگەندىن كۆرە ئۆگەي قىزغا بەرسە سىلە – رەھىم جەھەتتىن ساۋاب بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئەگەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ قولىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇ قىز ئەسلى ئاتىسىدىن نەپىقە تەلەپ قىلىشى لازىم. تەلەپ قىلمايدىغان، ياكى ئۆز ئاتىسى نەپىقە بەرمەيدىغان، ياكى بېرەلمەيدىغان بولسا، ئۇ قىزغا زاكات بېرىشى دۇرۇس، ئەلبەتتە.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1437، 24 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 4 – يانۋار
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 36 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئىجماﺋ»، 46 – بەت؛ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 1/301؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 3/254؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/269؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 8/127.
قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…
(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760) 18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…