Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

شېھىد كەتكەن ئايال

موسكۋا ئاسمىنىدا قۇياش تېخى كۆتۈرۈلمىگەن مەزگىل ئىدى. ئۇ يۈرىكى سىقىلغان ھالدا ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ئۇ يۈرىكىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق سىقىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. ئۇ زېھنىنى شۇنچە يىغىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ بىراق…

ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇخانا تەرەپكە ماڭدى…

ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ياتاقلىرىغا تارقىلىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇ قايتمىغان ئىدى. چۈنكى، بۈگۈن ئۇنىڭ تاماق ئېتىش نۆۋىتى بولغاچ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى…

ئۇ پىچاقنى قولىغا ئېلىپ كۆكتاتلارنى ئاقلاشقا باشلىدى. يۈرەك ھېلىھەم سىقىلىشنى داۋام ئەتمەكتە ئىدى…

توساتتىنلا يىراقتىن سانت پاسىل چېركاۋىنىڭ داڭلىرى ئۇرۇلۇشقا باشلىدى… ئۇنىڭ كاللىسىغا سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ سۈرىتى كېچىشكە باشلىدى…

ئۇ ھەر كۈن سەھەر ۋاقتى بىلەن ئىستانبۇل ئاسمىنىدا جاراڭلاپ تۇرىدىغان مۇڭلۇق ئەزاننى ئېسىگە ئالدى… ئۇنىڭ يادىغا سارىجا ھاپىز مۇئەززىننىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەزان ئاۋازى كەلدى… كىشىلەرنىڭ مانا بۇ ئىلاھىي چاقىرىققا بويسۇنۇپ، توپ – توپ بولۇشقان ھالدا مەسجىدلەرگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى…

بىردىنلا ئۇنىڭ سىقىلىۋاتقان يۈرىكىنى ئوتلۇق سېغىنىشلار قاپلاپ ئالدى…

ئۇنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن كېلىۋاتقان: ئاھ سۆيۈملۈك ۋەتەن، سەن نەقەدەر گۈزەل ھە! سېنىڭدە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ مىنۇتلار نەقەدەر گۈزەل! دېگەن ئۇھسىنىشلار ئورىماقتا ئىدى…

تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېسىگە، تۈنۈگۈن ئۇ يول ئۈستىدە ياردەم قىلغان «ئىلىننا» ئىسىملىك موماي كەچتى…

چۈنكى، ئۇ، موماي بىلەن ئۇچراشقان دەسلەپكى مىنۇتلاردا موماي ناھايىتى بىچارە ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، موماينىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندا، موماي بۇ ھاياتتىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسانغا ئايلانغان ئىدى.

شۇنداقتىمۇ موماي ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايسى ئەھۋالدىدۇ؟…

ئۇ، مومايغا بولغان بۇ ئەنسىرەشلىرىنى تۈگۈتۈۋىتىش ئۈچۈن موماينى يوقلاپ كېلىش قارارىغا كەلدى…

ئۇ قىلىۋاتقان خىياللىرىنى توختىتىپ، ناشتىلىق ئۈچۈن داستىخان ھازىرلىدى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ئويغاتتى…

ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا كەتكىنىدىن كېيىن، ئۇ دوستى ئەھمەدكە قاراپ پەس ئاۋازدا: تۈنۈگۈن مەن ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن روس موماينى بىرگە يوقلاپ كەلسەك دەپ ئويلىغانتىم، قانداق دەيسەن؟ دېدى…

… … … … … … … … … …

شەھەر ئىچى شاۋقۇن – سۈرەن، ۋاراڭ – چۇرۇڭلار، ئاپتۇبۇسلارنىڭ گۈركىرەشلىرى ۋە تىرامۋايلارنىڭ سىگنال ئاۋازلىرى بىلەن تەڭ، ھەممە يەر قىستاڭچىلىققا تولغان ئىدى. بۇ شەھەردە بىراۋ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغان يەنە بىراۋنىڭ ئەھۋالىغا قاراپمۇ قويمايدىغان دەرىجىدە بولۇپ، ھەركىم ئۆزىگە تەۋە دۇنياسى بىلەن مەشغۇل ئىدى…

مانا مۇشۇنداق پاراكەندىچىلىك، غەلۋە – غۇلۋالار ئارىسىدا بىر قولىدا ھاسىسىغا تايىنىۋالغان، يەنە بىر قولىدا كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەر توشقۇزۇلغان خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بىر موماي كېتىۋاتاتتى…

موماي يىقىلىپ چۈشۈشكە ئاز قالغان بولۇپ ئارانلا ماڭاتتى، ئۇ ئۆزىگە ياردەملىشىپ بېرىدىغان بىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك بىردە ئۇياققا، بىردە بۇياققا قارىسا، ھىلى ئوڭ تەرىپىگە، ھىلى سول تەرىپىگە قارايتتى…

شۇ ئارىدا چىرايىدىن نۇر ۋە ئىللىقلىق يىغىپ تۇرىدىغان، كېلىشكەن بىر يىگىت پەيدا بولۇپ موماينى يۆلەپ ئۈلگۈردى…

يىگىت مومايغا يېقىن كەلگەندە، موماي يىگىتكە قاراپ: ئوغلۇم، ماڭا ياردەم قىلىۋاتامسەن؟ دەپ سورىدى. يىگىت چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ قويغىنىچە موماينىڭ قولىدىكى خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالدى ۋە موماينى ئاستا – ئاستا پىيادىلەر يولىغا ئېلىپ چىقتى…

كىچىكرەك بىر باغچىنىڭ ئالدىغا يىتىپ كەلگەندە موماي يىگىتكە ئۆزىنىڭ ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھارغىن تېنىنى باغچا ئورۇندۇقلىرىنىڭ بىرىگە تاشلىدى…

يىگىت بولسا موماينىڭ سولغۇن، ياداڭغۇ كەلگەن چىرايىغا سىزىلغان دەرد – ئەلەم ئالامەتلىرىگە ۋە قەلبىگە سىغماي كەتكەن قايغۇ – ئەلەملىرىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان بىر جۈپ نەملەشكەن كۆزلىرىگە يۇشۇرۇن قاراپ چىقتى… بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن:

– ئوغلۇم، ئىسمىڭ نېمە، قەيەردىن بولىسەن؟

– ئىسمىم مۇستاپا، تۈركىيىلىك بولىمەن.

– تۈركىيىدىن؟ بۇ يەرگە نېمە سەۋەب بىلەن كېلىپ قالدىڭ؟

– ئوقۇشۇمنى مۇشۇ يەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە تاماملاي دەپ.

– بۇ ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭ ئۈچۈن باشقا جاي تېپىلمىدىمۇ بالام ساڭا؟

– تەقدىر ھامما، تەقدىر…

ئارقىدىن يىگىت موماينىڭ سۆزىنى تارتىۋېلىپ سوراشقا باشلىدى: سىزچۇ ھامما؟…

بۇ سوئال گويا موماينىڭ قەلب يارىسىنى تاتىلىغاندەك قىلاتتى. موماي سۆزلەشكە باشلىدى، موماينىڭ ئېيتىپ بېرىۋاتقان ناخۇش سۆزلىرىدىن ھەسرەت – ئەلەملەر تۆكۈلمەكتە ئىدى:

– ئوغلۇم، مەن… ئىسمىم ئىلىننا، كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك ھاياتنىڭ ھەرخىل قىسمەتلىرى ۋە جاپا – مۇشەققەتلىرىگە يولۇقۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ئاجىزە بولىمەن.

موماي بىر ئاز سۈكۈتكە چۆمگىنىدىن كېيىن يىگىتكە ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرىنى بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى…

موماينىڭ ئەسلىدە بىر ئوغلى بار بولۇپ، كېلىنى بىلەن ئوغلى ئىككىسى مومايغا زۇلۇم قىلاتتى ۋە دائىم دېگۈدەك مومايغا: ئەگەر ئۆيلەرنى تازىلىمىسا، كىيىملەرنى يۇيۇپ، قاچا – قۇچىلارنى پارقىراتمىسا، مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارنى ۋە ئۇندىن باشقا نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا بارمىسا موماينى تاشلاپ كېتىدىغانلىقلىرى بىلەن تەھدىت سالاتتى…

بۇلارنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ قەلبى ئاچچىققا تولدى ۋە ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتكەن ھالدا: ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ھامما! – دېدى، مۇستاپا شۇنداق دىيەلىدىيۇ ئارقىدىن تەسەللى بېرىشكە ئەرزىگۈدەك باشقا سۆز تاپالماي جىمىپ قالدى…

مۇستاپا بىشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدى… ئۇ، يەرگە قارىۋېتىپ تۇيۇقسىز تاشلىۋېتىلگەن بىر پارچە نانغا كۆزى چۈشۈپ قالدى، مۇستاپا قولىنى ئۇزارتىپ يەردىكى ناننى قولىغا ئالغىنىدىن كېيىن، ناننى سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن ئېگىزرەك بىر جايغا ئېلىپ قويۇپ قويدى…

ئىلىننا موماي كۆرۈۋاتقانلىرىنىڭ مەنىسىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ يىگىتنىڭ بۇ غەلىتە ئىشلىرىنى كۆزىتىپ جىم ئولتۇرغان ئىدى…

موماي يىگىتكە قارىدى ۋە ئۆزىنىڭ قايغۇ – ئەلەملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سوراشقا باشلىدى: يىگىت! سېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، شۇنداقتىمۇ، سەندىن سوراي: نېمە سەۋەبتىن يەردىكى تاشلىۋېتىلگەن پارچە ناننى قولۇڭغا ئېلىپ ئاندىن ئۇنى سۆيۈپ قويغىنىڭدىن كېيىن ئېگىزرەك جايغا ئېلىپ قويىسەن؟ نېمە سەۋەبتىن تونۇشمايدىغان ۋە ئالدىن ھىچ ئۇچرىتىپ باقمىغان بىر ئاجىز مومايغا ياردەم قىلىپ قالدىڭ؟… بىزنىڭ بالىلىرىمىز بولسا نان تۈگۈل ئۆز ئاتا – ئانىسىنىمۇ قىلچە رەھىم قىلماستىن كوچىلارغا تاشلىۋېتىدۇ…

مۇستاپا سوغۇق كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە موماينىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن شۇنداق دېدى:

– ھامما، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە يېتىش مۇقەددەس ئىش ھېسابلىنىدۇ… باشقىلارغا ياردەم قىلىشىمغا كەلسەك، ئۇ ھەر بىر ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىييىتى ھامما… بىزنىڭ توغرا دىنىمىزمۇ بىزنى شۇنداق قىلىشىمىزغا بۇيرۇغان…

– توغرا دىن؟ سىلەرنىڭ توغرا دىنىڭلار قايسى دىن ئۇ؟

– ئۇ ئىسلام دىنى ھامما، بۇ دىن بىزنى ئادەملەرنى سۆيۈشكە، پاكلىققا، مېھىر – شەپقەتكە ۋە ئۆزگىلەرگە كەڭ قورساق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ…

ئاندىن مۇستاپا ئاجىز مومايغا ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدا بىلىدىغان مەلۇماتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى… موماي بولسا ئىسلام دىنى ھەققىدە مۇستاپانىڭ سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىرىنىڭ ھىچ قايسىبىرىنى بۇندىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى…

موماي ئىسلامنىڭ يوليورۇق – كۆرسەتمىلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ سورىدى:

– سىلەرنىڭ دىنىڭلار ياشانغان كىشىلىرىڭلار ۋە ئاتا – ئانىلىرىڭلار ھەققىدە قانداق كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ؟

– يولباشچىمىز، تەربىيىچىمىز بىزگە…

– يولباشچى تەربىيىچىڭلارمۇ؟

– شۇنداق ھامما، ئۇ زات بۇندىن بۇرۇنقى مۇسا، ئىيسا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئالدىن بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولىدۇ… ئۇ زات شۇنداق ئېيتقان: ئەگەردە ئاراڭلاردا تىزى پۈكۈلگەن قىرىلار، ئىمىتىلىۋاتقان بوۋاقلار، ئوتلايدىغان چارۋىلار بولمىغىنىدا ئىدى، ئۈستۈڭلارغا چوقۇم بالايىئاپەتلەر ياغقان بولاتتى…

ئۇ زات بىزنى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلار بىلەن تەنبىھ بېرىپلا قالماي، بىزنى يەنە ئۆزىمىزدىن يېشى چوڭلار ۋە ياشىنىپ قالغانلارغا بويسۇنۇشقا، ئۇلارغا ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە، ئۆزىمىزدىن كىچىكلەرگە بولسا مېھىر – شەپقەت كۆرسىتىشكە، ئۇلارغا يۇمشاق قول بولۇشقا ۋە ئۇلارغا ئىللىقلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان…

ئىلىننا موماي مۇستاپانىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىنتايىن دىققەت بىلەن قۇلاق سالماقتا ئىدى ۋە ئۇنىڭ دەۋاتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇناتتى…

مۇستاپا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

– يەنە مۇقەددەس كىتابىمىزدا رەببىمىز بىزنى ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، ھەتتا ئۇلارغا «ئوھۇي» دەپ ئالايماسلىققا، ئۇلارنى دۆشكەلىمەسلىككە، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سىلىق گەپلەرنى قىلىشقا، ئۇلارغا ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ۋە ھەردائىم ئۇلار ئۈچۈن: ئى رەببىم، ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنى كەبى، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن – دەپ دۇئا قىلىپ تۇرۇشقا ئەمىر قىلغان… بىز مانا مۇشۇنداق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئاتا – ئانىنىڭ، بولۇپمۇ، قەدەملىرىنىڭ ئاستى جەننەت قىلىنغان ئانىلارنىڭ رازى بولۇشىغا قاراشلىق قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ تەربىيسىنى ئېلىپ چوڭ بولغانمىز ھامما…

جەننەت!؟. . بۇ ئىلىننا موماي چۈشىنەلمىگەن يەنە بىر سۆز ئىدى…

– جەننەت دېگەن نېمە ئۇ؟

– جەننەت ئۇ، ئاللاھ ئۆزىگە ئىشىنىپ ئىمان ئېيتقان بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان باغۇ – بوستانلىق گۈزەل ماكان… جەننەت باغلىرىدا ئۈزۈم، زەيتۇن، ئانار ۋە كۆڭۈللەر ئىشتىھا قىلىدىغانلىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بار… جەننەت ئۇ مەڭگۈلۈك ۋە شەرەپلىك ماكان، ئۇ يەردە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان ئەبەدى تۈگىمەس نازۇ – نېمەتلەر بار…

بىردىنلا مۇستاپانىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈردى… ئۇ ئالدىرىماي ئۆزىنى توختىتىۋالغىنىدىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى:

– شۇنداق ھامما، جەننەت… ھەر قاراڭغۇ – زۇلمەتنىڭ بىر نۇرى، ھەر كېچىنىڭ بىر ساباھى بولغىنى كەبى، ھەر سىقىلىش ۋە كۆڭۈلسىزلىك ئارقىسىدىن باياشاتلىق ۋە شاد – خۇراملىق بىرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، بۇدۇنيا ھاياتىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ھامان بىركۈنى ئۇنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرى، غەم – غۇسسىلىرى تۈگەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك، شاد – خۇراملىق ۋە ئەبەدىيلىك ئىگىلەيدۇ…

موماينىڭ يۈرىكى ئەنسىز بىر خىل سېلىشقا باشلىدى، موماي ئاجايىپ بىرخىل شىرىن تۇيغۇنى ھېس ئەتمەكتە ئىدى… گويا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىك، ئازاب – ئوقۇبەتكە تولغان مۇشەققەتلىك كۈنلىرى ئازادىلىك، خاتىرجەملىككە ئايلىنىۋاتقاندەك…

– ئېيتقىنا ئوغلۇم! قانداق قىلغاندا بۇ دىنغا كىرگەن بولىمەن؟

– سىز پەقەت چىن يۈرىكىڭىزدىن: يېگانە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق ئېيتىمەن – دېسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

مۇستاپا شاھادەت كەلىمىسىنى تەكرار ئوقۇشقا باشلىدى، مومايمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇماقتا ئىدى… موماي مۇستافاغا، شاھادەت كەلىمىسىنى يادلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇنى بىر ۋاراقچىغا روسچە قىلىپ يېزىپ بېرىشىنى ئېيتتى…

موماي ئېغىزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى: يېگانە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق ئېيتىمەن…

تۇيۇقسىز موماي، قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە ئىمان نۇرى ۋە ئىمان لەززىتىنى ھېس ئېتىشكە، چىرايلىرىدا بولسا خۇشاللىق ئىپادىلىرى جىلۋە قىلىشقا باشلىدى…

سوغۇق ياشلار ئىختىيارسىز ھالدا موماينىڭ مەڭزىلىرىگە تۆكۈلدى… مانا بۇلار موماي كېچە – كۈندۈز ئىزدەپ يۈرۈۋاتقان بەخت ئىدى…

موماي ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۈكۈتكە چۆمگىنىدىن كېيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ خالتىلىرىنى كۆتۈرگەچ مېڭىشقا تەمشەلدى…

– ئوغلۇم! ساڭا بولغان مىننەتدارلىقىم ۋە رەھمىتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيۋاتىمەن… مەن ساڭا قەرزدارمەن… سەن ماڭا ئۇزۇن زامان يوقىتىپ قويغان ھاياتنىڭ ھالاۋىتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەردىڭ… خۇددى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندەك ھېسسىياتتا بولۇۋاتىمەن ئوغلۇم… سەن قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى قىلدىڭ… ماڭا يېتەرلىكچە ياردەم قىلدىڭ، كۆپ رەھمەت ساڭا!… ئەمدى بارغىن، ئۇنىۋېرسىتېتىڭغا كېچىكىپ قالما يەنە… ئۆيۈم مۇشۇ بىنانىڭ ئارقىسىدا، چوقۇم مېنى يوقلاپ كەلگىن!… مېنى ئەسلا ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويما – بولامدۇ!؟… خەير – خوش.

… … … … … … … … … … …

مانا تىزلا مۇستاپا، دوستى ئەھمەد بىلەن تۈنۈگۈنكى ماڭغان يولىدا جىمجىت يۈرمەكتە ئىدى… ئەمما، بۇ قېتىم ئۇنى غەلىتە سېزىم ئورۇۋالغان بولۇپ، سەھەر ئويغانغان چېغىدىكى بىئاراملىق ئۇنىڭدا بارغانسېرى ئۇلغايماقتا ئىدى…

ئۇ بۇ سىقىلىشنى پەسەيتىدىغان بىرەر ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز خىياللىرىنى بىرئاز چالغىتىپ تۇرماقچى بولدىدە، گۈل دۇكىنىغا كىردى ۋە ئىلىننا ھاممىسىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىر دەستە گۈل سېتىۋالدى… ئۇ، يېنىدىكى ھەمراھى بىلەن موماينىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ تۇردى ۋە بىنانىڭ ئەتراپىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاچ، ئىلىننا موماي بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ قىسقا مىنۇتلارنى قايتا ئەسلەپ چىقتى… ئۇ مىنۇتلار مۇستاپا ئۈچۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەردىن قىممەتلىك بولغان مىنۇتلار ئىدى… ئۇ، يېتەكچى ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: سەن سەۋەبلىك بىرىنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشى، سەن ئۈچۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر – دېگەن ھەدىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى…

… … … … … … … … … … … …

مۇستاپا ھېلىقى بىردەستە گۈلنى قەبرە ئۈستىگە قويۇپ، قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرگەن ھالدا موماينىڭ روھىغا ئاتاپ فاتىھە ئوقۇماقتا ئىدى، ئۇنىڭ يېنىدا بۇرادىرى ئەھمەد بىلەن ئىلىننا موماينىڭ نەۋرىسى ئوۋلىيكمۇ بار ئىدى…

مۇستاپا دۇئا قىلىۋاتقاندا ئوۋلىيك بۇقۇلداپ يىغلىغان ھالدا ئىلىننا مومىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ماشىنا ھادىسىسى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى:

– مومام مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاچىلانغان خالتىلارنى كۆتۈرۈپ كوچىنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا، بىر ماشىنىنىڭ كەلگەن پېتى مومامنى سوقۇپ كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىنى، ئاندىن تىزلا بىرىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم…

دوختۇرخانىدا پۈتۈن كېچە مومامنىڭ يېنىدا بولۇپ چىقتىم، ئۇ توختىماي: مۇستاپا، مۇستاپا! دەپ سېنىڭ ئىسمىڭنى قايتىلاپ چىقتى ۋە بۇرۇن مەن ئاڭلاپ باقمىغان، مەنىسىنىمۇ ئۇقمايدىغان بىر نەرسىلەرنى تەكرارلايتتى… تاڭ ئېتىشقا يېقىن…

ئوۋلىيك سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى… مۇستاپامۇ ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالدى، ئاندىن ئۇ، ئىلىننا ھامما بىلەن خوشلاشقان چاغدىكى ئۇنىڭ: «خۇددى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندەك ھېسسىياتتا بولۇۋاتىمەن ئوغلۇم!» دېگەن سۆزلىرىنى يادىغا ئالدى ۋە ھېچكىمگە ئاڭلانمىغىدەك پەس ئاۋازدا:

– ئىلىننا ھامما! ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ياتقان يېرىڭىزدە سىزنى خاتىرجەم قىلسۇن! توغرا ئېيتىسىز ھامما! سىز ھەقىقەتەن يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئىدىڭىز، سىزگە خۇش مۇبارەك بولسۇن – دېدى…

ئەمما، مۇستاپا شۇنداق دەپ بولۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى ۋە قەبرىستان تۇپراقلىرىنى ھۆل قىلىش ئۈچۈن ئېتىلىپ چىقاي دەپ قالغان ياشلىرىنى قويۇۋەتتى…

شۇ ئارىدا ئوۋلىيك:

– بۇ ۋاراقچىنى مومامنىڭ قولىدىن تېپىۋالدىم، مومام ئۇنى چىڭ سىقىمدىۋالغان ئىكەن – دېگىنىچە بىر پارچە ۋاراقچىنى مۇستافاغا ئۇزاتتى…

ئۇ دەل مۇستاپا ئىلىننا مومايغا يېزىپ بەرگەن: «يېگانە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق ئېيتىمەن» – دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ۋاراقچە ئىدى.

 

(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە روسىيەدە يۈز بەرگەن ھەقىقى ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ماقالىنىڭ مۇئەللىپى: تۈركىيىلىك ئەدىب رامازان چاقىر.)

ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: باھادىر.

Please follow and like us:
Exit mobile version