سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى مۇسۇلمانلار كالا، توخۇ ۋە قوي گۆشلىرى بولسىلا ئاللاھ تائالا «ئەھلى كىتابلارنىڭ يېمەكلىكى ۋە ئاياللىرى سىلەر ئۈچۈن ھالال قىلىندى» دېگەن دەپ يەۋېرىدىكەن. لېكىن، «بىسمىللاھ» بىلەن بوغۇزلانمىغان مالنى يېيىش ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرسىلىرى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانلارنى ھالال، پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال، پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 168). ئاندىن مۇئمىنلەرنى پاك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 172) دېگەن.

يەنە ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ماللارنى يېيىشكە، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ماللارنى يېمەسلىككە بۇيرۇپ: ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(6/«ئەنئام»: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن.

كافىرلاردىن پەقەت ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي – خرىستىيانلار) نىڭلا بوغۇزلىغان قوي، ئۆچكە ۋە كالا قاتارلىق چارۋا ماللارنىڭ، توخۇ، ئۆردەك، غاز، كەپتەر، توشقان قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى ۋە جاندارلارنىڭ گۆشى، شۇنداقلا ئۇلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى مۇسۇلمانلارغا ھالال قىلىنغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىرىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر﴾(5/«مائىدە»: 5) دەپ كۆرسەتكەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەزكۇر ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى»نى، «ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىدۇر» دەپ تەفسىرلىگەن(1). كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەرمۇ شۇنداق تەفسىرلىگەن(2). مەيلى بۇ تەفسىر بويىچە «ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھالال» دەيلى ياكى «ئايەتتىكى ‹يېمەكلىرى› دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ ھەممە يېمەكلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ئىبارە» دەيلى، بەرىبىر. چۈنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاشلىق، نان، مېۋە، كۆكتات ۋە سىركە قاتارلىق تۈرلۈك يېمەكلىكلەر مۇشرىكلەرنىڭ بولسىمۇ ھالال.

دېمەك، ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى مۇسۇلمانلارغا ھالال ئىكەنلىكى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى ئىتتىپاق مەسىلىدۇر(3).

بۇنىڭ سەۋەبى، گەرچە ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا كافىر سانىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇتپەرەستلەرگە ياكى ئاتېئىستلارغا قارىغاندا پەرقلىقتۇر. ئەھلى كىتاب ئەسلىدە تەۋھىد ئېتىقادىدا بولۇپ، كېيىنچە ئېتىقادى بۇلغىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلاردا تەۋھىدنىڭ بەزى ئىزنالىرى قالغان، ئۇلاردا ۋەھيىگە، پەيغەمبەرلىككە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشمۇ بار. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھتىن باشقىغا قان قىلىش ھارام. ئۇلار بوغۇزلىغان ماللىرىغا ئاللاھنىڭلا ئىسمىنى ئېيتىدۇ. شۇڭا، ئەھلى كىتابتىن باشقا كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى مۇباھ قىلىنمىغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغاندەك، مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشكىمۇ رۇخسەت قىلغان.

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار خېلى ئۇزۇندىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھالال گۆش مەسىلىسىدۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپادا نەچچە خىل دىن ۋە مەزھەب مەنسۇپلىرى ياشايدۇ. گەرچە ياۋروپادىكى بەزى شەھەرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇشخانىلىرى ياكى ھالال گۆش تېپىلسىمۇ، كۆپىنچە جايلاردا مۇسۇلمانلار ئۆز قوللىرى بىلەن سويغان ئىشەنچلىك ھالال گۆش يا بەك يىراقتا، يا بەك قىممەت، يا پەقەت يوق بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپالىقلار ئەسلىدە ئەھلى كىتاب بولغاچقا، بىز ئەھلى كىتابنىڭ قوللىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز:

1) ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى سۇ جانلىقلىرى بولغان بېلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىزگە ھالال. يەنى سۇدىلا ياشايدىغان ھايۋانلار كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھالال. ئۇنى مۇسۇلمان تۇتسۇن ياكى كافىر تۇتسۇن، تىرىك تۇتسۇن ياكى ئۆلۈك تۇتسۇن، ئوخشاش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا دېڭىز ھايۋانلىرىغا بوغۇزلاش شەرتىنى قويمىغان. ئەمما، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانلاردىن پەقەت بېلىقنىلا يېيىشكە بولىدۇ(4).

2) ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان. بۇنى ئەھلى كىتاب يەيدىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارغا ھارام. بوغۇلۇپ ئۆلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن ۋە ئۈسۈلۈپ ئۆلگەن ھايۋانلار ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يېيىلىشى ھارام قىلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭ تېرىسى، مۈڭگۈزى، سۆڭىكى ۋە يۇڭلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.

3) قان. يەنى ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا تۆكۈلگەن قانلار.

4) توڭگۇز گۆشى. بۇنى ئەھلى كىتاب يەيدىغان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام. چۈنكى، توڭگۇز گۆشى يەھۇدىيلەرگىمۇ، خرىستىيانلارغىمۇ ھارام قىلىنغان. لېكىن، يەھۇدىيلەر تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنى ھارام دەپ كەلگەن بولسىمۇ، خرىستىيانلار ئۇنى ھالال دەۋېلىپ يەۋېرىدىغان بولغان(5). ئىت، ئېشەكلەرنىڭ گۆشىمۇ ھارام. ئاللاھ تائالا 5/«مائىدە» سۈرىسىدە بۇ ھاراملارنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3).

5) ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەدلەر، يەھۇدىي – خرىستىيانلاردىن ئۆز دىنىنى تاشلاپ دىنسىز بولۇپ كەتكەنلەر، ئاتېئىستلار، كوممۇنىستلار، بۇددىستلار، بۇتپەرەستلەر، سىكھلەر، ھىندۇلار، بىراخمانلار(6)، ئاتەشپەرەتلەر ۋە مۇشرىكلەرنىڭ، شۇنداقلا بەھائىيلەر(7)، دۇرزىيلەر(8)، نۇسەيرىيلەر، قادىيانىيلەر(9) ۋە ئىسمائىلىيلەرنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھارام. بۇ تۈرلۈك كىشىلەر بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ.

6) ئەھلى كىتابقا ئۇلارنىڭ زۇلۇم ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلى جازا سۈپىتىدە ھارام قىلىنغان، لېكىن بىزگە ھالال بولغان گۆش – مايلار ئەھلى كىتاب ئۇنى يېسۇن ياكى يېمىسۇن، ھالاللىق شەرتلىرى تېپىلسىلا، ئۇ بىزگە ھالالدۇر. بۇلار مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: ﴿يەھۇدىيلەرگە توم تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرى تۈپەيلى ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز﴾(6/«ئەنئام»: 146). يەنى ئەھلى كىتاب توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى، ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلار، ئۇلار بۇنى ھالال دەپ قارىسۇن ياكى قارىمىسۇن، ئۇ بىزگە ھالال.

ئۇنداقتا يەھۇدىيلەرگە ھارام قىلىنغان تۆگە، تۆگە قۇشى قاتارلىقلارنى ئۇلار توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان بولسا ۋە ئۇلار توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان قويلارنىڭ قۇيرۇق مايلىرى قاتارلىق ئۇلارغا ھارام قىلىنغان گۆش – مايلار مۇسۇلمانلارغا ھالالدۇر. گەرچە ئىمام مالىكتىن كەلگەن بىر نەقىلدە بۇلارنى ھارام دېگەن بولسىمۇ، ئىسلامىيەتنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان(10). تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ ئۇنىڭ بىزگە ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز خەيبەر قورغىنىنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇرغاندا، بىر كىشى بىر تۇلۇم ياغنى تاشلىغان ئىدى. مەن ئۇنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن دەرھال سەكرەپ شۇنداق قارىسام، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇرۇپتىكەن، ئۇ زاتتىن بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم» دېگەن(11).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر يەھۇدىي ئايال نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلىك قوي گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يېدى. (كېيىن ئۇ ئايال تۇتۇپ كېلىنىپ ئىقرار قىلغاندا:)

— ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەمدۇق؟ — دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ياق، — دەپ ئۇنىمىدى. مەن تا ھازىرىمۇ ئاشۇ زەھەرنىڭ تەسىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك تىلىدا بار دەپ قارايمەن»(12).

يۇقىرىقى ھەدىسلەر يەھۇدىيلەرگە ھارام قىلىنغان ھالال گۆش – مايلارنىڭ ئۇلار توغرا بوغۇزلىغان تەقدىردە، بىزگە ھالال ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ.

7) ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي زەبىھ قىلغان ماللىرى بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھالالدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنى تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى ھالال قىلغان. شۇڭا، ئۇلار بوغۇزلىغان ماللاردا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى شەرت ئەمەس. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى شەرت. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي بوغۇزلىغان بولسا يېيىشكە بولمايدۇ(13). بۇ يەردە ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن ئايەت بىلەن، ﴿كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر﴾(5/«مائىدە»: 5)، ﴿ئېيتقىنكى، «ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مال ياكى تۆكۈلگەن قان، ياكى چوشقا گۆشى، — چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن نىجىستۇر — ياكى ئاللاھتىن غەيرىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھارام مالدىن باشقا ھارامنى تاپالمايمەن. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر»﴾(6/«ئەنئام»: 145) دېگەن ئايەتلەرنى ئىككى تەرەپ ئۆز قاراشلىرىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە دەلىللەر ئېھتىماللىق بولغاچقا، شەكسىز ھالال گۆشلەرنى تاپالماي قىيىنچىلىقتا قالغانلار بۇ تۈرلۈك گۆشلەرنى يېسە بولىدۇ.

8) يەنە بىر خىل گۆشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ ئەھلى كىتاب موناستىر ۋە چېركاۋلار ئۈچۈن ۋە شۈكرانە بايرىمى(14)، روژدېستۋو ۋە يېڭى يىل بايراملىرى ئۈچۈن بوغۇزلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى. بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزىلەر ھارام دەپ قارىسىمۇ، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھالال دەپ قارايدۇ(15).

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جېرجىس ئاتلىق بىر چېركاۋ ئۈچۈن بوغۇزلىنىپ، شۇ چېركاۋغا سوۋغا قىلىنغان بىر قوچقار ھەققىدە «ئۇنى يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا: «ئى ئاللاھ! ئەپۇ قىل، ئۇلار ئەھلى كىتاب، ئۇلارنىڭ يېمىكى بىزگە، بىزنىڭ يېمىكىمىز ئۇلارغا ھالال» دەپ ئۇنى يېيىشكە بۇيرۇغان(16).

ئىمام مالىكتىن ئەھلى كىتابنىڭ چېركاۋ ۋە بايراملىرى ئۈچۈن بوغۇزلىغان ھايۋانلىرى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇنى يامان كۆرىمەن، لېكىن ھارام دېمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن(17). شۇڭا، بۇنى «مەكرۇھ» دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

9) ئەھلى كىتاب بوغۇزلىغان، لېكىن قانداق بوغۇزلىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان ياكى ئېيتىلمىغانلىقى بىلىنمىگەن گۆشلەر. بۇ گۆشنى يېگەندە «بىسمىللاھ» دەپ يېسە، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان نەرسىنى يېگەن بولىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بوغۇزلىمىغانلىقى ياكى ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلىقى، ياكى بوغۇزلانماي ئۇرۇلۇپ ياكى تۇنجۇقۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق بولسا، ئەلۋەتتە يېيىشكە بولمايدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «بەزى كىشىلەر نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— بەزى كىشىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار مال بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىدىمۇ، ئاتىمىدىمۇ؟ بىلمەيمىز، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى سىلەر ئاتاپ يەۋېرىڭلار، — دېدى». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە: «ئۇلار (گۆش ئېلىپ كەلگۈچىلەر) كىشىلەر ئىدى» دېگەن(18).

مەزكۇر ھەدىس مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدىكى ئەرەبلەر مۇسۇلمان بولۇپ، بەزىلىرى تېخى «بىسمىللاھ» دېيىشنى تولۇق ئۆگىنىپ بولمىغان چاغدىكى ئەھۋالدۇر. ئۇلار ئادەتتە ھايۋاننى تىرىك بوغۇزلايتتى. ئەمما، «ھازىر ياۋروپالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى دىنسىز، ئاز قىسمى خرىستىيانلىقتا قالدى، ھايۋاننى توكتا ياكى تاپانچىدا ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئاندىن بوغۇزلايدۇ» دېسەك، ياۋروپادا بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن.

10) ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبىھ قىلغان ماللىرى ھارام. مەسىلەن، ئىيسانىڭ ياكى ئۇزەيرنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبىھ قىلسا، ئۇ گۆش مۇسۇلمانلارغا ئېنىق ھارامدۇر. زۇھرىي: «ئەرەب ناسارالىرىنىڭ زەبھى قىلغان مېلىنى يېسە ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبھى قىلغانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ئۇنى يېمىگىن، ئەگەر ئۇنى ئاڭلىمىساڭ، ئاللاھ ئۇنى ساڭا ھالال قىلىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ كافىرلىقىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ» دېگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قاراش رىۋايەت قىلىنىدۇ(19).

11) ئەھلى كىتاب توك، يىڭنە ۋە تاپانچىدەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ياكى بوغۇپ، ياكى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھارامدۇر. چۈنكى، بۇ ئۆلۈپ قالغان ھايۋان قاتارىغا كىرىدۇ.

ئەھلى كىتاب بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە كەلگەن بوغۇزلاش ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقىچە ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى بىزگە ھارام. گەرچە بۇ ئۇلارنىڭ ھازىر يەۋېرىدىغان يېمەكلىرى قاتارىدىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە مۇنۇ ئايەتتە ھارام قىلغان تۈرلەر قاتارىغا كىرىدۇ: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3). شۇڭا، بوينىنى ئۈزۈپ، بوغۇپ، تۇنجۇقتۇرۇپ، بولقا ياكى توكتا سوقۇپ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشلىرى ھارام.

بۇ مەسىلە، يەنى: ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ بىزنىڭكىدەك بولۇشى، يەنى بىسلىق نەرسە بىلەن گالدىن بوغۇزلىغان بولۇشى شەرتمۇ؟ ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى شەرت قىلىدۇ. توغرىسى، بۇ شەرت. مالىكىي مەزھەبتىكى بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ پەتۋاسىدا بۇنداق قىلىش شەرت ئەمەس(20).

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدا(21) مالىكىيلەرنىڭ بۇ قارىشىنى بايان قىلغان ۋە ياۋروپا ۋە ئەھلى كىتاب دىيارلىرىدا تۇرۇۋاتقان ۋە مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان ھالال گۆش تاپالمايدىغانلار ئۈچۈن چىقىش يولى سۈپىتىدە بۇ قاراش بويىچە پەتۋا بەرگەن. ئەمما، ھالال گۆش تاپالايدىغانلارغا ۋە مۇسۇلمانلار دىيارىدا ياشايدىغانلارغا ئۇنداق گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىشنى جائىز كۆرمىگەن. چۈنكى، ئەسلى قائىدە شۇكى، دىيانەتلىك مۇسۇلمان كىشى ھېچقانداق شۈبھە ئارىلاشمىغان ساپ ھالالنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

قازى ئىبنۇلئەرەبىي (ھ. 468 – 543 / م. 1076 – 1148) «بىزگە ئوخشاش بوغۇزلاش شەرت ئەمەس» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان مالىكىي ئۆلىمالارنىڭ بىرى ئىدى. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىيمۇ ئۇنىڭ قارىشىنى نەقىل قىلغان. لېكىن، ئۇنى تەرجىھ قىلمىغان، قازى ئىبنۇلئەرەبىي «تەفسىر»ىنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۆز قارىشىنى ئۆزى غۇلىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ‹ئۇلار بوغۇپ ۋە كاللىسىنى ئېزىپ ئۆلتۈرۈشتەك شەرئىي بوغۇزلاش ئۇسۇلىغا خىلاپ كېلىدىغان تەرىقىدە يېگەن گۆشلەرنىڭ ھۆكمىچۇ؟› دېيىلسە، جاۋابى شۇكى، بۇ ئۆلۈك ھايۋان، ئۇ ئايەتنىڭ ئېنىق ھۆكمى بىلەن ھارامدۇر. ئۇلار ئۇنى يېسىمۇ بىز توڭگۇزغا ئوخشاشلا ئۇنى يېمەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئۇنى ھالال سانايدۇ ۋە بۇ ئۇلارنىڭ يېمىكى، لېكىن ئۇ بىزگە ھارامدۇر»(22).

دېمەك، ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىماي ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشى ھارام. شۇنداقلا بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توك ياكى تاپانچىلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۆشىمۇ ھارام.

بىلىشىمچە، ياۋروپادا توخۇ ۋە باشقا قوي – كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ھەر خىل. بەزىلىرىدە توخۇ ئىككى پۇتىدىن ئېسىلىپ توك ئۇلاپ قويۇلغان سۇغا چىلىنىدۇ. بۇنىڭدا توخۇ توك بىلەن سوقۇلۇپ قىينىلىدۇ. ئاندىن بىھوش قىلىنغاندىن كېيىن بوينى كېسىلىدۇ. بەزىدە توخۇ توك سوقۇۋەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ بولىدۇ ياكى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، توخۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى توك بىلەن سۇغا چىلىنىشتىلا ئۆلۈپ بولىدىكەن. ئاندىن بوينىنى كېسىپلا تازىلىنىشى ئۈچۈن قىزىق سۇغا چىلىنىدىكەن. بۇ ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن توكتىن ساق قۇتۇلۇپ بوينى چالا كېسىلگەن ئەھۋالدا، تېخى جېنى چىقىپ بولماي تۇرۇپلا قىزىق سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. توك بىلەن سوقۇلغان ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ جىسمىدىكى قان تولۇق ئېقىپ بولالمايدۇ. نىجاسەت بىلەن تولغان قىزىق سۇغا چۆمۈرۈلگەندە، توخۇ گۆشىنىڭ مەينەت بولۇشى ئايرىم بىر مەسىلە. بۇ خىل توخۇلارنىڭ گۆشى ئىنتايىن زىيانلىق بولىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئىچىدە يۇقىرى بېسىملىق توك بىلەن قېنىنى ئاقتۇرماستىن ئۆلتۈرۈش، گاز بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈش، جۈملىدىن ئىنگلىزلەرنىڭ ئىتتىك پىچاق بىلەن ھايۋاننىڭ 4 – ۋە 5 – قوۋۇرغىسىنىڭ ئارىلىقىنى كۆكرەكتىن يېرىپ، ئۆپكىنىڭ ئىككى قانىتىغا ھاۋا پۈۋلەش ئۇسۇلىدا ھايۋاننىڭ قېنىنى ئاققۇزماي ناسۇستىن چىققان ھاۋانىڭ ئۆپكىگە كىرگەن بېسىمىدىن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بار. ھايۋاننىڭ بېشىغا تاپانچا ئېتىش ئۇسۇلىدىمۇ ھايۋان ئۆلۈپ قالىدۇ. كېيىن كاللىسى كېسىلىدۇ. بۇ گۆشلەرنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ قالىدۇ(23).

يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى» (The European Council For Fatwa and Research) ھالال گۆش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۆزلىرىنى ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ سېلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن بەلگىلىمە بويىچە بوغۇزلاش شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئادەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوغۇزلاش ئۇسۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شەرىئەتكە خىلاپ كۆپ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قوي بىلەن موزايلار ئۆلۈپ قالمىسىمۇ، توخۇ، كالىلارنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «توخۇ بىلەن كالا گۆشلىرىنى يېيىش جائىز ئەمەس. ئەمما، قوي بىلەن كىچىك موزاينى بوغۇزلاش ئۇسۇلى بەزى جايلاردا شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ» دەپ قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ يەكۈنى بويىچە، بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋاننى يىڭنىلىك تاپانچا، پالتا، بولقا ياكى ھاۋا بېسىمى بىلەن بىھوش قىلىش جائىز بولمايدۇ. توخۇلارنى توك سوقتۇرۇش ئارقىلىق بىھوش قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھوش قىلىنغان ھايۋانلار ئۆلۈپ قالمىغانلا بولسا، توغرا بوغۇزلىسا ھالال بولىدۇ. يەنە غەرب دىيارىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشى ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە خاس ئايرىم قۇشخانىلارنى بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. توك بېسىمىنى 100 ~ 400 ۋولىتتىن ئۆرلىتىۋەتمەسلىك، ئېقىمىنى قويلارغا 1.0 ئامپىردىن، كالىلارغا 2.5 ئامپىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە كاپالەت قىلىنىشى، توكتا سوقۇش 3 سېكۇنتتىن 6 سېكۇنت ئارىسىدا بولۇشى تەكىتلەنگەن(24).

بىھوش قىلىنغاندىن كېيىن شەرئىي بوغۇزلاشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولغان تەقدىردە، ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ تەكىتلىگەن(25).

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ياۋروپادىكى ھايۋانغا رەھىمدىللىك قىلىش دەۋاچىلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى، شۇنداقلا دانىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەر: «ھايۋاننى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھوش قىلىش ئۇنىڭ قىينىلىشىنى يەڭگىللىتىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشتا تىجارىي غەرەزمۇ يوق ئەمەس. بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋان بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالسا ياكى بىھوش قىلىنسا تولۇق قانسىراش بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك گۆشىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولىدۇ. پايدىنى كۆپ ئالىدىغان گەپ. بۇ مەسىلىدە «ئەنگلىيە مۇسۇلمان دوختۇرلار جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى دوكتور غۇلام مۇستافاخان بىلەن بىرمنگھام شەھىرىدىكى جامە ۋەقفىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد نەسىملەرنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق يەكۈن كەلگەن:

1) ھايۋاننى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھوش قىلىش ھايۋاندا بوشاشنى كەلتۈرۈپ، يۈرىكى تۈگۈلۈۋالغانلىق تۈپەيلى قان ئادەتتىكىدەك تولۇق چىقمايدۇ.

2) توك بىلەن سوقۇش ھەممە ئەھۋاللاردا كۆزلىگەن مەقسەتنى ئادا قىلمايدۇ. ئەگەر ھايۋاننىڭ گەۋدىسىگە قارىغاندا بېسىم يەڭگىل بولۇپ قالسا، ھېس – تۇيغۇسىنى يوقاتماستىن پالەچ ھالەتتە قالىدۇ. نەتىجىدە توك سوقۇش ئازابى بىلەن بوغۇزلاش ئازابىنى بىللە تارتىدۇ. بېسىمنى كۆتۈرەلمىگەن تەقدىردە ھايۋاننىڭ يۈرىكى توختاپ ئۆلۈككە ئايلىنىدۇ.

3) مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزلاش ئۇسۇلى ھايۋانغا ئەڭ رەھىم – شەپقەتلىك ئۇسۇلدۇر. قانداق دېگەندە، ئىتتىك پىچاق تېز سۈرۈلىدۇ. ئىسپاتلىنىشىچە، ئاغرىق ھېس قىلىش تېرە ئاستىدىكى ئاغرىققا ئالاقىدار نېرىپلاردىن كېلىدۇ. مەزكۇر تەرىقىدە بوغۇزلاشتا ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ. ھېس – تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان ھايۋاننىڭ يۈرىكى تولۇق قانسىراشقا ياردەم قىلىدۇ.

يۇقىرىدا ياۋروپادا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا ئۇچرايدىغان گۆشلەرنىڭ ھۆكمىنى بىر – بىرلەپ بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئەمدى تۆۋەندە ياۋروپادىكى ھالاللىق گۇۋاھنامىلىرى ۋە ياۋروپادىكى دىنلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن:

كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆز ئاھالىسى بولغان مۇسۇلمانلارغا ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا گۆش سېتىشتا «ھالاللىق گۇۋاھنامىسى» قوللىنىدۇ. ھالاللىق گۇۋاھنامىسى ئادەتتە پۇل تاپىدىغان يول بولغاچقا، بۇ گۇۋاھنامىلاردا ئىشەنچ ئازلاپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، بەزى شەھەرلەردە ھەقىقىي ئىسلام شەرىئىتى بويىچە بوغۇزلاپ ھالال گۆش تەييارلايدىغان ئىشەنچلىك قۇشخانا ۋە قاسساپخانىلارمۇ، ھايۋاننى قانداق ئۆلتۈرگەن جەرياندىن بىخەۋەر تۇرۇپمۇ گۇۋاھنامە بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ يوق ئەمەس.

ياۋروپادىكى ھالاللىق گۇۋاھنامىلىرى بېرىلگەن گۆشلەر بەزى دۆلەتلەردە ئادەتتە بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان تەرىقىدە قانۇن كۈچى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرقى ئۇ ماللار بوغۇزلانغاندا بىر كىشى «بىسمىللاھ» دەپ بېرىدۇ. لېكىن، يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، توخۇ ياكى كالىلار بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ بولغان بولۇشى ئېھتىماللىق.

«ئەنگلىيە ھالال يېمەكلىك كومىتېتى» (Halal Food Authority / HFA): «بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توكتا سوقۇپ بىھوش قىلىنغان توخۇ، قوي ۋە كالىلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ» دېگەن. «پادىشاھلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتى»نىڭ 2004 – يىلدىكى دوكلاتىدا كېلىشىچە، ئەنگلىيە بازىرىدىكى ھالال يېمەكلىك گۇۋاھنامىسى چاپلانغان توخۇ، قوي ۋە كالىلارنىڭ گۆشلىرىنىڭ %90 ى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توكتا سوقۇپ بىھوش قىلىنغان ئىكەن.

پارىژدىكى يېمەك – ئىچمەك سانائىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار «ھالال ئىنستىتۇتى» دىكى ئەلا جافۇرىينىڭ مۆلچەرلىشىچە، «ھالال / حلال» بەلگىسى چاپلانغان گۆش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ %80 ىگە يېقىن قىسمى ھالال ئۆلچەملىرىگە توشمايدىكەن. بېلگىيە «ھالال يېمەكلىك كومىتېتى» مەسئۇلى فەرىد مەشھۇدنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادىكى «ھالال» بەلگىسى چاپلانغان گۆش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ %60 تىگە يېقىن قىسمى ئىسلام شەرىئىتىگە چۈشمەيدىكەن. ھالال گۇۋاھنامىسىنى بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ نازارەت قىلىپ ئولتۇرمايدىكەن. ھەتتا رۇخسەت بېرىدىغان كىشىلەر مۇسۇلمانمۇ ئەمەس ئىكەن، بەزى گۇۋاھنامىلەرنى باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالىدىكەن.

بەزى دوكلاتلاردا ئاۋسترالىيەدىكى قادىيانىيلەر باشقۇرىدىغان «ھالال سادىق» شىركىتى بوغۇزلاپ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ساتىدىغان قوي، كالا ۋە قۇش گۆشلىرى ئىسلام ئۇسۇلى بويىچە بوغۇزلانمايدىغانلىقى ۋە ئۇ گۆشلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كەلگەن(26).

ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، بىھوش قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى بوغۇز تەرەپتىن ئەمەس، ئارقا تەرەپتىن پىچاق سۈرۈلىدىكەن. پەقەتلا يەھۇدىيلەر قول ئاستىدىكى قۇشخانىلاردىلا بوغۇز تەرەپتىن پىچاق سۈرۈلىدىكەن. ئومۇمەن، قۇشخانىلاردا توغرا بوغۇزلاشقا قارىتا نازارەت ئاجىز، ھەتتا «ھالال» ماركىسى چاپلانغان گۆشلەرمۇ ئادەتتە «بىسمىللاھ» دەپ بېرىدىغان بىرەر مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلاش يېرىدە بار بولۇشىغا باغلىق ئىكەن. ھەتتا مۇسۇلمان ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىپ ساتىدىغان گۆشلەرگە «ئىسلامچە ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان» دەپ يېزىپ قويۇش، ئەمەلىيەتتە ئىسلامچە بوغۇزلىنىشى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق كۆرۈنىدىكەن. 80 – يىللاردا مىسىرغا ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تون بېلىقى ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍ قۇتىسىغىمۇ «ئىسلامچە ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان» دەپ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلار كۈلۈپ كەتكەن ئىدۇق. يەنى بۇ تۈرلۈك گۆشلەرنى تەييارلايدىغانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىمۇ يوق ئىكەن. «توڭگۇز گۆش – يېغى بولمىسىلا مۇسۇلمانلار ھالال دەيدۇ» دەپ ئويلايدىغان كافىرلارمۇ كۆپ ئىكەن.

تۆۋەندە ئىسلامدا گۆشنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن ھايۋاننى بوغۇزلاش ئۇسۇلىنى بايان قىلىپ ئۆتۈش پايدىلىق بولسا كېرەك.

1) ھايۋانلار تىرىك ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ، تەكبىر ئېيتىپ، بوغۇزىغا ئىتتىك پىچاق سۈرۈلۈپ بوغۇزلىنىشى؛

2) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى ئېيتىلماسلىقى؛

3) ھايۋاننىڭ گېلى ياكى بوغۇزىدىن بوغۇزلىنىشى؛ بوينىنىڭ ئارقىسىغا پىچاق سۈرۈلسە يېگىلى بولامدۇ، بولمامدۇ؟ كۆپچىلىك ئالىملار: «يېگىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئىمام مالىك: «بولمايدۇ» دەيدۇ(27).

4) مالنىڭ كاللىسىنى دەرھال ئۈزۈۋەتمەي، ئىككى شاخ تومۇر بىلەن كاناي ۋە كېكىردەكنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇش لازىم. بۇنداق قىلمىغاندا، مال يۇقىرىقى تۆت نەرسىنى كېسىشتىن ئۆلمەي، يۇلۇن كېسىلگەنلىكتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

5) بوغۇزلاپ بولۇپلا سويۇشقا ياكى بىرەر يېرىنى كېسىشكە، ياكى سۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلماي، بەدىنى جىمىپ، سەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن سويۇش.

ياۋروپادىكى دىنلار

ياۋروپا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى مۇسۇلمان، بىر قىسمى يەھۇدىي ۋە بىر قىسمى خرىستىيان بولسىمۇ، ئېڭىمىزدا «ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى خرىستىيان» دەپ سىڭىپ قالغان. ئەمەلىيەتتىكى ستاتىستېكىلاردا ياۋروپادىكى بىز «خرىستىيان» دەپ ئويلىغان ئاھالىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دىنسىزلىشىپ كەتكەن. سىز «خرىستىيان» دەپ ئويلىغان بىرسىدىن: «سەن قايسى دىندا؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇ: «مەن دىنغا ئىشەنمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. خۇددى مۇسۇلماندىن بىرسى ئاتېئىست ياكى كوممۇنىست بولۇپ كەتسە، ئۇ مۇسۇلمان بولمىغىنىدەك، خرىستىيانلارمۇ دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۆمرىدە بىرەر قېتىم چېركاۋغا بېرىپ قويۇشى دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆرپ – ئادەتكە رىئايە قىلىش جەھەتتىن بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىرى ئەھلى كىتاب بولىدۇ. ئۇلاردىن تانىدىغانلىرى ئەھلى كىتاب دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» 2016 – يىلى ياۋروپادىكى ئاتېئىست دۆلەتلەر خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان. ئاھالىسى ئاللاھنى تونۇمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا فرانسىيە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇلاردىن ئاللاھنى تونۇيدىغانلار %27، ئاتېئىستلار %40، روھقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار %27 ئىكەن. گېرمانىيەدە ئاللاھنى تونۇيدىغانلار %44، گوللاندىيەدە %28، شىۋىتسىيەدە %18، نورۋىگىيەدە %22، ئەنگلىيە بىلەن بېلگىيەدە %37، دانىيەدە %28 ۋە فىنلاندىيەدە %33 ئىكەن. ئەلۋەتتە ئاللاھنى تونۇيدىغانلار قاتارىدا مۇسۇلمانلارمۇ بار. فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەدە 5 مىليوندىن مۇسۇلمان بار، ئومۇمەن «ياۋروپا نوپۇسىنىڭ %5 تى مۇسۇلمانلار» دەپ قارىلىدۇ. ياۋروپادىكى يەھۇدىيلەر 2 مىليونغا، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلەر 5.5 مىليونغا يېتىدۇ.

ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردە يەھۇدىي قۇشخانىلىرىدا بوغۇزلانغان قوي، كالا قاتارلىقلارنىڭ گۆشلىرىنى مۇسۇلمانلار يېسە بولىدۇ. ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار گۆش مەسىلىسىدە قىينالغاندا يەھۇدىيچە «ھالال» بولغان «كوشېر» (kosher) گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىپ ھاجىتىنى قامدىغان ئەھۋاللار بولغان. چۈنكى، يەھۇدىيلەرنىڭ دىندارلىرى ھالال گۆش مەسىلىسىدە قاتتىق تۈزۈمگە رىئايە قىلىدۇ. ئۆلۈپ قالغان ياكى توغرا بوغۇزلانمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، ئېقىتىلغان قاننى ھارام دەپ قارايدۇ. بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى تولۇق ئېقىتىۋېتىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتايدۇ. توڭگۇز گۆشىنىمۇ ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بوغۇزلاش ئۇسۇلىدا ئىسلام شەرىئىتىدىكى بوغۇزلىغۇچى، بوغۇزلاش سايمىنى ۋە بوغۇزلىنىدىغان مال قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرگە رىئايە قىلىنىدۇ. شۇڭا، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلەرنىڭ «كوشېر» يەنى ھالال گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

خۇلاسە: ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلىدىغان مۇسۇلمان قاسساپلار شەرئىي بوغۇزلايدىغان قۇشخانا ۋە دۇكانلاردىن گۆش سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلسا ياكى ئىشەنچ قىلىدىغان ئورۇننىڭ گۇۋاھلىقىغا تايىنىپ ئىستېمال قىلسا، ياكى يەھۇدىيلەرنىڭ «كوشېر» گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بازارلاردىكى ھالال ماركىلىق گۆشلەرنى، شۇنداقلا توك، تاپانچا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىھوش قىلىنىپ ناتوغرا ئۆلتۈرۈلگەن ماللارنى يېگىلى بولمايدۇ.

خرىستىيان ياكى يەھۇدىي بولمىغان ئاتېئىست، بۇتپەرەست ۋە باشقا كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېگىلى بولمايدۇ. كىملىكتە خرىستىيان دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ياكى خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلمىسا ئەھلى كىتاب بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 24 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2019، 21 – نويابىر


1. بۇخارىي «بوغۇزلانغان ماللار ۋە ئوۋلار بۆلۈمى» ۋە «يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ قولىدىكى ھايۋان مايلىرى» بابى. بۇ مۇئەللەق تەفسىرنى تەبەرىي («ئەتتەفسىر»، 11315) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
2. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 2 – ج، 158 – بەت؛ مۇھەممەد ئەبدۇھ / مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 6 – ج، 146 – بەت.
3. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1 – ج، 329 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 2 – ج، 20 – بەت.
4. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4 – ج، 69 – بەت.
5. «لاۋىيلىكلەر كىتابى»، 8: 1 – 11؛ «تەسنىيە كىتابى»، 14: 3 – 8؛ عودة مهاوش الأردني: «الكتاب المقدس تحت المجهر»، 128 – بەت.
6. براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «براﮪﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار براﮪﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «براﮪﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، براﮪﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﯩﺰﻡ م. ب. 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براﮪﻤﺎنىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: «ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﺎ. ﻗ.»، 330 – ﺑﻪﺕ.
7. بەھائىيلەر (الْبَهَائِيَّةُ): 19 – ئەسىردە ئىراندا ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن بابىييە تائىپىسىنىڭ داۋامى بولغان بىر تائىپە. پەلسەپەسى ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ ۋە ئاشقۇن سوپىلارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقتا خرىستىيانلىق تۈسىگە ئىگە، دۇنياۋىيلىككە ئىنتىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەگەشكۈچىلىرى بار. «بەھائۇللاھ» ئاتالغان قۇرغۇچىسى مىرزا ھۈسەين ئەلى نۇرىي مازەندارانىي (ھ. 1233 – 1309 / م. 1817 – 1892) غا نىسبەت بېرىلىپ «بەھائىييە» دەپ ئاتالغان.
8. دۇرزىيلەر (الدُّرُوْزُ): چېكىدىن ئاشقان شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان فاتىمىي خەلىپەسى ھاكىم بىئەمرىللاھ ئەلفاتىمىي (ھ. 375 – 411 / م. 985 – 1021) دېگەن ئازغۇننى ئۇلۇغلايدۇ. ئەقىدىسى بىرقانچە دىننىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر سۇرىيە، لۇبنان (لىۋان) دىيارلىرىدا ياشايدۇ.
9. قادىيانىيلەر (القَادْيَانِيَّة أو الأحمدية /Ahmadiyya – Qadyaniyyah): ھىندىستاندا 1908 – يىلى 26 – مايدا ئۆلگەن مىرزا غۇلام ئەھمەد قادىيانىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان، كۆرۈنۈشتە ئۆزىنى ئىسلامغا تەۋە قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە مىرزا غۇلام ئەھمەدنى پەيغەمبەر دەۋېلىش، قۇرئان ئايەتلىرىنى بۇرمىلاش، جىھادنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى كافىرغا چىقىرىش ۋە دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدە تۇرۇشتەك يامان غەرەزلىرىنى، بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى يوشۇرىدىغان، ئىنگىلىز تاجاۋۇزچىلىرى پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرگەن، ئازغۇن، كافىر تائىپەدۇر. «ئەھمەدىييە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي: «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 144 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992.
10. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 7 – ج، 126 – بەت.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5508)؛ مۇسلىم (1772).
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2617)؛ مۇسلىم (2190).
13. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2 – ج، 264 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9 – ج، 52 – 53 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – ج، 75 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 9 – ج، 428 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 13 – ج، 294 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 21 – ج، 191 – بەت؛ مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات/ بحوث فِى قضايا فقهية معاصرة»، 1 – ج، 400 -، 401 – بەت.
14. شۈكرانە بايرىمى يۇقىرىدا ئىزاھلاندى.
15. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 5 – ج، 229 – بەت؛ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 6 – ج، 177 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 10 – ج، 307 – بەت.
16. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان»، 9 – ج، 579 – بەت. ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 42) «سەھىھ» دېگەن.
17. ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – ج، 536 – بەت.
18. بۇخارىي (5507).
19. بۇخارىي «بوغۇزلانغان ماللار ۋە ئوۋلار بۆلۈمى»، «يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ قولىدىكى ھايۋان مايلىرى» بابى. زۇھرىي ﯞﻩ ھەسەننىڭ مۇئەللەق رىۋايەتلىرىنى ئابدۇرراززاق (10190، 10177، 8562) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىي ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ رىۋايەتىنىڭ زەئىفلىكىگە ئىشارە قىلغان بولۇپ، ئەكسىچە ئابدۇرراززاق (8570) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «بەنى تەغلىپ ناسارالىرىنىڭ زەبھى قىلغانلىرىنى يېمەڭلار، چۈنكى ئۇلار دىنىنىڭ ھاراق ئىچىش چەكلىمىسىدىن باشقا يېرىنى تۇتمايدۇ» دەپ سەھىھ سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
20. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 3 – ج، 82 – بەت.
21. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، (ئۇيغۇرچە)، 528 – بەت.
22. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 5 – ج، 532 – بەت.
23. مۇھەممەد ئەھمەد ئەلمۇبەييىز: «مصلحة حفظ النفس في الشريعة الإسلامية»، 251 – بەت. در. ئابدۇلھادىي ئەبۇ سەرىيئ‍: «أحكام الأطعمة والذبائح في الفقه الإسلامي»، 208 – 211 – بەتلەر.
24. ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى: «ملحق معيار الطعام الحلال والتذكية الشرعية»، 19 -، 20 – بەتلەر؛ قرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة للمجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث، كولون – ألمانيا، الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4-7 صفر 1420هـ، الموافق لـ 19-22 مايو 1999م.
25. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، جدة، سنة 1997م، 10 – سان، 1/654.
26. مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات/ بحوث فِى قضايا فقهية معاصرة»، 1 – ج، 424 – بەت.
27. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، – ج، 456 – بەت؛ قرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة للمجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث، كولون – ألمانيا، الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4 – 7 صفر 1420هـ، الموافق 19 – 22 مايو 1999م.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago