سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىجارىگە ئالغان دۇكان ياكى ئاشخانىلارنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالىمىز. بۇ جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى (تۈركىيەدە ھاۋا پاراسى Hava parası دېيىلىدۇ) دېگىنىمىز: ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئورۇندىن پايدىلىنىش ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئالىدىغان ھەق(1) بولۇپ، ئىجارە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى ئورۇننى بېزەش ۋە تەييارلاشقا خەجلىگەن چىقىم ۋە دۇكانغا كۆنگەن چۆپقەت نىسبىتىمۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنىڭ بىرقانچە شەكلى بار بولۇپ، «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھەربىرىنىڭ ھۆكمىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:

1) بەزى جايلاردا بىر ئورۇننى يېڭىدىن ئىجارىگە بەرگەندە، ئورۇننىڭ ئىگىسى ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئىجارە پۇلىدىن باشقا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالىدۇ، بۇ ماھىيەتتە ئىجارىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇرۇس بولىدۇ. يېنىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بۇ پۇلغا ئىجارە ھەققى ئەھكاملىرى ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىجارە پۇل بىلەن بىللە قايتۇرۇلىدۇ.

2) ئىجارىگە بېرىلگەن ئورۇننىڭ ئىگىسى ئىجارە مۇددىتى توشماي تۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇننى بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغۇچىغا پۇل بېرىشكە كېلىشسە جائىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇ ئورۇندىن قالغان مۇددەتتە پايدىلىنىشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ئالغان تۆلەمدىن ئىبارەت.

ئەمما، ئىجارە مۇددىتى توشۇپ، بۇرۇنقى توختامدا «ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىدۇ» دەپ توختاملاشمىغان ياكى توختام يېڭىلانمىغان تەقدىردە، ئىجارىگە ئالغۇچى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئورۇننىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىگە ھەقداردۇر.

3) ئىجارىگە ئالغۇچى مۇددەت توشماستا قالغان مۇددەت ئىچىدە باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بەرگەن ۋە ئورۇننىڭ ئىگىسى بىلەن قىلغان توختامدا «باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ ئىجارىگە بېرەلەيدۇ» دېيىلگەن بولسا، كونا ئىجارىگە ئالغۇچى يېڭى ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدا يەنە شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇنلارغىمۇ رىئايە قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، بەزى قانۇنلاردا ئىگىسىنىڭ رازىلىقىسىز ئىجارىگە ئالغۇچى باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بېرەلمەيدۇ ھەم ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالالمايدۇ.

4) ئىجارىگە ئالغۇچى ئىجارە مۇددىتى توشقاندا، باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بەرگەن بولسا، ئىجارە مۇددىتى توشۇپ ئۇ ئورۇندىن پايدىلىنىش ھەققى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ ئورۇننى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىش ھەققىمۇ بولمايدۇ. ئورۇن ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئىگىسى خاھلىسا ئىجارىگە بېرىدۇ(2).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 25 – زۇلھەججە / م. 2019، 26 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 3 – توم، 91 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. در. زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 7 – ج، 5138 – بەت.
2. قرار رقم: 31 (6/4) [1] بشأن بدل الخلو. مجمع الفقه الإسلامي في دورة مؤتمره الرابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 18 – 22 جمادى الآخرة 1408هـ، الموافق 6 – 11 شباط (فبراير) 1988م.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago