ھەجدىن كېيىن ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلماي يۇرتىغا قايتىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەجدىن كېيىن يۇرتقا قايتىش ئالدىدا بىرقانچە ھاجىلىرىمىز ياشىنىپ قالغانلىق تۈپەيلى ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلالمىدى. يەنە بەزىلەر قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتۇبۇسقا ساقلاپ مەككەدە بىر كۈن قونۇپ قالدى. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن هاجىلار يۇرتلىرىغا قايتماقچى ياكى سەپەر قىلماقچى بولسا، شۇنداقلا مەككەلىكلەر ياكى ھەرەملىكلەر ھەرەمدىن سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۈچۈن «ۋىدالىشىش تاۋاپى» قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان كۈچلۈك قاراش بويىچە ۋاجىب(1)بولۇپ، بۇ تاۋاپ ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تاۋاپنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا بىر قوي قان كېلىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ تاۋاپ «قايتىپ كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەككەلىك هاجىلار سەپەر قىلمايدىغان بولسا، ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمايدۇ.
ھەيزدار ۋە نىفاسلىقلار ئىفازەت تاۋاپىنى(2) قىلغان، پاكلىنىشقا قەدەر كۈتۈپ تۇرالمايدىغان بولسا، ئۇلارغا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىش ۋاجىب ئەمەس. ئۆزرە سەۋەبىدىن بۇ تاۋاپنى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ، بىر قوي قان قىلىشمۇ كېرەك بولمايدۇ. ئەمما، مەككەدىن قايتىشتىن بۇرۇن ھەيزدىن ساقىيىپ قالسا، بۇ تاۋاپنى قىلىشى ۋاجىبتۇر.
ھەيزدار ۋە نىفاسلىقلاردىن باشقا ئاغرىقچان، ھارغىن ۋە ياشانغان كىشىلەرگە بۇ رۇخسەت يوق. ئۇلار تاۋاپ قىلىشى كېرەك، ئۆزى تاۋاپ قىلالمىسا باشقىلار ئۇلارنى تاۋاپ قىلدۇرىدۇ. تاۋاپ قىلدۇرمىغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ بىر قوي قان قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ھەرەمنىڭ بېسىق بولۇپ كېتىشىمۇ ئۆزرە بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاغرىپ قالغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئۇلاغ مىنىپ، جامائەتنىڭ كەينىدە تاۋاپ قىلىڭ» دېگەن(3). ئەگەر كىشىنى باشقىلارمۇ كۆتۈرۈپ ياكى ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ تاۋاپ قىلدۇرالمايدىغان بولسا، ئاندىن ھەيزدارغا ئوخشاش بىر قوي قان قىلمىسىمۇ بولىدۇ(4).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «كىشىلەر ھەر تەرەپتىن يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم قايتمىسۇن› دېدى»(5).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە: «ھاجىلار ئەڭ ئاخىرىدا كەئبە بىلەن (ۋىدالىشىپ) قايتىشقا بۇيرۇلغان، لېكىن ئۇ بۇيرۇق ھەيزداردىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن» دېگەن(6).
يۇقىرىقى ئالدىنقى ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ قايتىشتىن توسقان، كېيىنكىسىدە ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىشقا بۇيرۇغان. ھەيزدارغا يەڭگىللىتىلگەن. مانا بۇلار مەزكۇر تاۋاپنىڭ ۋاجىبلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپتۇر، مەسىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەيزدار ئاياللاردىن باشقا ھېچكىم ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي تۇرۇپ قايتمىسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەقەت ھەيزدار ئاياللارغىلا (ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلماي تۇرۇپ قايتىشقا) رۇخسەت قىلغان» دېگەن(7).
يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: ‹ھاجىلاردىن ھېچكىم بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماستىن ھەرگىزمۇ قايتمىسۇن. چۈنكى، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش ھەجنىڭ ئاخىرقى پائالىيىتىدۇر› دېگەن»(8).
مەككەدىن قايتىش ئالدىدا ئاخىرقى ئىش تاۋاپ قىلىش بولغاچقا، سەپەر قىلماقچى بولغاندىلا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىدۇ. ئاندىن سەپەرگە چىقىدۇ. تاۋاپ قىلىپ بولۇپ مەككەدە تىجارەت ياكى باشقا بىر ئىشى ئۈچۈن تۇرۇپ قالسا، ئاخىرقى ئىشى تاۋاپ بولماي قالىدۇ. لېكىن، ناماز ئوقۇش، ھەمراھلىرىنى ساقلاش، ماشىنا ساقلاش ياكى غىزالىنىۋېلىش قاتارلىق زۆرۈر ئىشلار بۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كېتىپ قالسا يەنە بىر قېتىم تاۋاپ قىلىۋەتكىنى ياخشى.
ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي قايتقانلار ئەگەر مەككەدىن يىراقلاپ كەتمىگەنلا بولسا، مەككەگە قايتىپ بۇ تاۋاپنى قىلىشى كېرەك. ئەمما، قانچىلىك ئارىلىقتىن قايتىپ كېلىپ تاۋاپ قىلسا ھېساب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ھەنەفىي مەزھەبتە «مىيقات دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ قالمىغانلا بولسا، قايتىپ كېلىپ قىلسا بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ(9).
يەھيا ئىبنى سەئىد: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجدىن قايتىپ، زەھران ئېغىزىغا بېرىپ بولغان بىر ئادەمنى ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىپ كېلىش ئۈچۈن كەينىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى» دېگەن(10).
ئەگەر يىراقلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن مەككەگە قايتالمايدىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بىر قوي قان قىلسا ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىمكى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى قىلماي قالسا، بىر قوي قان قىلىۋەتسۇن» دېگەن(11).
بۇ قاننى چوقۇم ھەرەمدە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى يۇرتىدا قىلسىمۇ بولامدۇ؟
بەزى ئالىملار: «بۇ قاننى چوقۇم ھەرەمدە قىلىشى كېرەك» دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ چېچىنى ئۆزرە سەۋەبلىك چۈشۈرۈش كېرەك بولۇپ قالغاندا، ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى سۇقيا دېگەن جايدا بىر قوي قان قىلغان. يەنە سەلەفلەردىن كەلگەن بىرقانچە بايانلاردىمۇ نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئومۇمىي دەلىللەرگە بىرمۇبىر نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ قۇربانلىقنى نەدە قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەجدىن قايتىدىغان چاغدا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمىغانلار يۇرتىغا بارغاندا كېچىكتۈرمەستىن بىر قوي قان قىلىۋەتسىمۇ، يۇرتىغا بېرىپ بولغۇچە تېلېفۇن قىلىپ يۇرتىدا ياكى باشقا يۇرتلاردا قان قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە زۇلھەججە ئېيى چىقىپ كەتكۈچە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 19 – زۇلھەججە / م. 2019، 20 – ئاۋغۇست
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 2 – ج، 160 – بەت؛ مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 155 – بەت؛ ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 1 – ج، 265 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3ج، 403 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8 – ج، 12 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26 – ج، 204 – بەت.
2. ئىفازەت تاۋاپى (طَوَافُ الإِفَاضَةِ): بۇ تاۋاپ ھەجنىڭ ئاساسلىق رۇكنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەرقانداق ھاجى ئەرافاتتىن يېنىپ مۇزدەلىفەدە قونۇپ، ھېيت كۈنى مىناغا بېرىپ قۇربانلىقىنى قىلىپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ، چېچىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن مەككەگە كىرىپ ئىفازەت تاۋاپىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھاجى ئۇنىڭسىز ئىھرامدىن تولۇق چىققان بولمايدۇ. باشقا بىر ئىش ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. بۇ تاۋاپ ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت / قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 29 – ج، 122 – بەت.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1619)؛ مۇسلىم (1276).
4. ئىبنى ھەجەر: «بۇلۇغۇل مەرام»، 3 – ج، 391 – بەت.
5. مۇسلىم (1327).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1755)؛ مۇسلىم (1328).
7. تىرمىزىي (944). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. مالىك (829).
9. شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغۇدەك مۇساپىگە بېرىپ قالمىغانلا بولسا قايتىپ تاۋاپ قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
10. مالىك (830).
11. مالىك (905). «سەھىھ».
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…