بىتكۇۋينغا ئوخشىغان شىفىرلاشقان پۇللارنى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىرقى بىتكوينگە مەبلەغ سېلىۋاتقانلار، مەبلەغ سېلىپ پايدا ئالغانلارمۇ، زىيان تارتقانلارمۇ باركەن. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئېلىپ – ساتساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن بىز بۇ خىل ئېلىكترونلۇق شىفىرلاشقان پۇل ھەققىدە ئومۇمىي ئىقتىسادىي چۈشەنچىگە ئىگە بولساق، بۇنىڭ ھۆكمىنى بېكىتىش قولايلىشىدۇ.
بىتكوين (Bitcoin) ۋە ئۇنىڭدەك شىفىرلىق پۇل (Cryptocurrency) لار مۇئامىلە ئىشلىرىنى بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە شىفىرلاشقان رەقەملىك پۇللار بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغىنىمىزدا، شەرئىي جەھەتتىن بىتكوينغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى نۇقتا بار. ھەر نۇقتىغا قارىتا ئايرىم – ئايرىم ھۆكۈم چىقىشى مۇمكىن:
1) ئىشلەپچىقىرىش. ئادەتتىكى قەغەز پۇللارنى بىرەر دۆلەت ئاپپاراتى بېسىپ چىقىرىدىغان بولسا، شىفىرلىق پۇللارنى ئىشلەپچىقىرىش بىرەر ھۆكۈمران ئورگان تەرىپىدىن بولمايدۇ. بەلكى توردا ھەركىم ئىقتىدارى يۇقىرى كومپيۇتېرلاردا مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ قېزىش (Mining) ئارقىلىق بۇ پۇللارنى چىقىرالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ توردىكى ھېسابىدا ساقلىيالايدۇ. مانا بۇ نېگىزلىك پەرق بولۇپ، بۇ ئېلىكتىرونلۇق پۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر دۆلەت يوقلۇقى، ئەكسىچە بۇ ئىشلارنىڭ ئېنىق بولماسلىقى بۇ ئىشنى خەتەرلىك قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇل توردىكى ھېسابتىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ياكى ئوغرىلانسا، ئۇنى بىرەر ئورۇننىڭ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇ پۇللارغا قارىتا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بۇ پۇلنى ئېلىپ – ساتقۇچىدىلا بولماي، بەلكى ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى شىفىرلىق پۇللار ئوغرىلىنىشى ياكى ساختىلىنىشىمۇ مۇمكىن. كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالى، پروگراممىسى ياكى مەخپىيەتلىكىگە سوغۇق قول تېگىشى ياكى بىرەر تور بەتنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ياكى سىستېمىلاردا بىرەر بىنورماللىق كۆرۈلۈشى سەۋەبلىك ھەم قانۇنىي، ھەم ئىقتىسادىي ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشلاردا تولۇق خاتىرجەم بولىدىغان كاپالەت يوق. ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېر، ئايپەد ياكى پۇل ساقلانغان قاتتىق دېتالىڭىز ئوغرىلانسا، كۆيۈپ كەتسە ياكى يۈتۈپ كەتسە پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
ئادەتتىكى پۇللارنى بانكا كارتىلىرىغا قاچىلىغىنىمىزدا، بۇ پەرقنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بانكا ئۇ پۇللارنىڭ ئەسلىنى تولۇق قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەتمۇ بۇنى نازارەت قىلىدۇ. ئەمما، بىتكويندەك شىفىرلىق پۇللاردا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك تېپىلمايدۇ.
بۇ پۇللارنى مەيلى پۇل دەپ ئاتايلى ياكى ئاتىمايلى، بۇ يەردە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنىمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇتۇشىمىز لازىم. قارايدىغان بولساق، بۇ تۈرلۈك پۇللار يوقتىن بار قىلىنغان. ئۇنىڭ خام ماددىسى ياكى جىسمى يوق، ئۇ پەقەت پروگرامما لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ پروگراممىلاشتۇرغان سان – سىفىردىن ياكى ئېلىكتىرونلۇق شىفىردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىشلەتكەن توك، ۋاقىت ۋە شۇ تۈرلۈك چىقىملاردىن باشقا ھەقىقىي بەدىلى يوق. بۇ تەرىقىدە ئۇلى يوق مەۋھۇم پۇللارنى پەيدا قىلىش ئاز ساندىكى ئىقتىدارلىق شەخسلەرنىڭ بايلىقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ۋە مونوپۇل قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چېكى ئېنىق، تۇتاملىق ئىش بولمىغاچقا، ھەقىقىي بىر پۇلمۇ مەۋجۇد بولمىغاچقا، ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىققا ئىشىك كەڭ ئوچۇق. شۇڭا، قىسقا ۋاقىتتا باهاسى نەچچە ئون ھەسسە ئۆرلەپ ياكى چۈشۈپ كېتىدۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىغا شەرئىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئىشلەپچىقارغان ئورۇننىڭ نامەلۇم بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا بەدەلسىزلا ئېرىشىش شەرىئەتتىكى پۇل ئۇقۇمىغا زىت كېلىدۇ. لېكىن، بىتكوين تۈزۈمى بويىچە دۇنيادىكى بىتكوين سانى 21 مىليونغا يەتكەندە، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش توختايمىش. (ئەلۋەتتە بىتكويندىن باشقا پۇللارنى ئىشلەپچىقىرىش توختامدۇ – يوق بۇنى بىلمەيمەن) ئەگەر توختىسا ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ – سېتىش مەسىلىسىگە يۆتكەلمەي بولمايدۇ. لېكىن، يەنىلا «بۇ پۇللارنى كىم چىقارغان؟ ئۇنىڭغا قانداقسىگە بەدەلسىزلا ئېرىشىدۇ؟» دېگەن سوئاللاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز(1). بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق:
بىتكوين (Bitcoin) ۋە شۇنىڭدەك شىفىرلىق پۇللاردا شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە ھەقىقىي پۇلنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇنى بىرەر دۆلەت ياكى ھاكىمىيەت چىقارمىغان، بەلكى نامەلۇم شەخسلەر توردا قېزىش (Mining) ئارقىلىق بەدەلسىزلا پەيدا قىلغان. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك پۇللارنى ئىشلەپچىقىرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، يەنە بىر قاراشتا، شىفىرلىق پۇللارنى بىر خىل ئېلىكتىرونلۇق تاۋار دەپ قارىساق، بۇ ئەھۋالدا ئېلىكتىرونلۇق بايلىق قېزىشتىن ئىبارەت بولۇپ، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن.
2) ئېلىپ – سېتىش. بۇ پۇللار ئىشلەپچىقىرىلىپ، بەزى دۆلەتلەردە بەزى دۇكانلار ۋە سودا مەركەزلىرى پۇل ئورنىدا قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا مال ساتىدىغان، ھەتتا دوللار ۋە ياۋروغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئۇ پۇل تۆلەشتە، تىجارەتتە ۋە بايلىق توپلاشتا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقىي پۇلنىڭ رولىنى ئېلىشقا باشلىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيەدە بىتكويننى باج ئېلىنمايدىغان مۈلۈك دەپ ئېتىراپ قىلغان. مالايسىيادا بىتكوين بىلەن قىلىنغان زېمىن سودىسى رەسمىيىتى بېجىرىلگەن. شىۋېتسارىيەدە باجنى بىتكوين بىلەن تۆلىسە بولىدىغان بولغان. لېكىن، يەنىلا دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ئومۇملىشىپ بولالمىدى. بىرەر دۆلەت رەسمىي پۇل دەپ تونۇمىدى. ئەگەر ھەقىقىي پۇلنىڭ رولىنى ئويناشقا باشلىسا، بۇ چاغدا بۇ پۇللار پۇللۇق سالاھىيەتنى بىرەر ھاكىمىيەتتىن ئەمەس، ئەمەلىي رېئاللىقتىن قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ پۇللار زاكات ئايرىش، باشقا پۇللار بىلەن ئايرىۋاشلاش، نەقمۇنەق قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋە قەرز بەرگەندە ئۆسۈمسىز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە شەرىئەتتىكى پۇل ئەھكاملىرىغا بويسۇندۇرۇلسا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى، باشقىلارغا پۇل ئەۋەتىش بانكىسىز ۋە نازارەتسىز ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا ھەم ئەرزان، ھەم قولاي، ھەم تېز، ھەم بىخەتەر بولىدىكەن، ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكى ئېلىپ كەلگەن مەۋھۇملۇقنىڭ ئۆزى دەل ئۇ پۇلنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.
شۇڭا، شىفىرلىق پۇللارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭىيىپ، بۇنى بىر خىل پۇل دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدا ھەر تەرەپلىمىلىك مەۋھۇملۇق سەۋەبىدىن تۆۋەندىكىدەك زىيانغا سەۋەب بولىدىغان نۇقتىلار كۆپ ۋە ئېغىر بولغاچقا، «ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېلىپ – سېتىش ھارام» دېگەن ئالىملار ۋە پەتۋا ئورگانلىرى ئىنتايىن كۆپ(2):
1) شىفىرلىق پۇلنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى نامەلۇم؛
2) ئۇنى ساتقۇچى، ئەۋەتكۈچى ۋە تاپشۇرۇپ ئالغۇچى نامەلۇم؛ بۇ سەۋەبتىن پايدىلىق تەرىپىمۇ بولغىنى بىلەن، ساختىلىققا ئۇچراپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى.
3) كاپالەت قىلغۇچى ئورۇن يوق بولغاچقا تۇيۇقسىز پارغا ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار؛
4) ئۇنى رەتكە سالىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان ئورگان يوق؛
5) باھاسىنىڭ ئېگىز – پەس بولۇشى ۋە قىممىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى؛
6) قانۇنسىز يوللارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن؛ ئاۋسترالىيەلىك بىر تەتقىقاتچى بۇ پۇللارنىڭ قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقىنى يەكۈنلىگەن(3).
7) پۇل ياكى مال – مۈلۈك بولۇش سالاھىيىتى يوق.
بۇلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلا نەرسىگە ئىخچاملاش مۇمكىن: ئېنىقسىزلىق ۋە خەتەر. بىرلا نەرسىگە ئىخچاملىساق، زىياننى ئېغىر تارتىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك دېيىش مۇمكىن. نەتىجىدە بۇ ئىش قىمارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق بولغان سودىنى قىلىشتىن توسقان(4).
بۇ شىفىرلىق پۇللار ئادەتتىكى پۇللاردا بولىدىغان قانۇنىي ۋە باشقا تەرەپتىن بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بازىرى كاساتلاشسا، ئۆتمەس بولۇپ قالسا ياكى تېخنىكىلىق خاتالىق يۈز بەرسە، بۇ ئۆزىنى ۋە مېلىنى خەتەرگە سېلىشتۇر. مال – مۈلۈكنى قوغداش بولسا شەرىئەت كۆزلىگەن نىشانلارنىڭ بىرىدۇر(5).
شۇڭا، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ھازىرقى چاغدا ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش، ئۇنى ئېلىپ – سېتىش توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغانلار دەرھال ئۇنى قولدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئەگەر كېيىنچە ئومۇملىشىپ، قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىپ، بىرەر دۆلەت ياكى رەسمىي ئورۇن بۇ پۇلغا كاپالەتلىك قىلسا، ئاندىن بۇ پۇلنىڭ شەرئىي تەرەپلىرىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.
ئالىملاردىن يەنە ئۇنى ھارام دېمىگەن، لېكىن ھازىرچە ئۇنى ئېلىپ – ساتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغانلارمۇ بار. بەلكىم كېلەچەكتە بۇ تۈرلۈك شىفىرلىق پۇللارنى دۆلەتلەر چىقارسا ياكى نامەلۇم شەخسلەر چىقارغان پۇللار دۆلەتلەرنىڭ ياكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشسە، بەلكىم ھۆكۈم ئۆزگىرىشىمۇ تۇرغانلا گەپ. يەنە بەزى ئالىملار ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شىفىرلىق پۇللارنىڭ ھۆكمىنى كوللېكتىپ چىقارغان پەتۋا بويىچە بېكىتىشىنىمۇ كۈتمەكتە.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 29 – زۇلقەئدە / م. 2019، 1 – ئاۋغۇست
1. در. ئابدۇلبارىي مىشئەل: البتكوين Bitcoin رؤية اقتصادية وشرعية، مقالة منشورة في موقع رقابة للاستشارات المالية الإسلامية http://raqaba.co.uk/?q=node.
2. مەسىلەن، تۈركىيە «دىيانەت» پەتۋاسى، مىسىر ۋە پەلەستىن «دارۇل ئىفتاﺋ» پەتۋاسى.
3. https://www.businessinsider.com.au/australian-researchers-used-the-dark-web-to-track-the-illegal-use-of-bitcoins-2017-12
4. مۇسلىم (1513).
5. در. ئابدۇسساتتار ئەبۇ غۇددە: «النقود الرقمية الرؤية الشرعية والآثار الاقتصادية»، 15 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…