فورېكس تىجارىتىنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىرقى «فورېكس» دەپ ئاتالغان، بىر مىقدار پۇلنى ۋاسىتىچىگە بېرىپ، نەچچە ھەسسە پۇلدا چەتئەل پۇللىرىنى توردا ئېلىپ – سېتىش تىجارىتىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن شەكلىمۇ بار دەيدۇ. بۇ خىل سودىلار شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇ فورېكس (تاشقى پىرۋوت سودىسى/ (Foreign Exchange Market) FOREX نىڭ بىر تۈرى بولغان مارجىن تىجارىتى (Margin Trading) بولۇپ، ئەرەبچە «تجارة الهامش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ تىجارەتنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: سودىگەر تىجارەتكە سەرمايە سالماقچى بولغان پۇلىنى ۋاسىتىچى (broker) غا بېرىپ، ئۇنىڭدىن نەچچە ئون ھەسسە پۇلنى قەرز ئېلىپ ۋاسىتىچى ئارقىلىق چوڭ تىجارەت قىلىدۇ. باھا ئۆسكەندە ساتىدۇ. ھەر ئايدا ۋاسىتىچىگە ھەق تۆلەيدۇ. ۋاسىتىچىدىن ئالغان قەرز ئۈچۈن سېتىۋالغان پۇللارنى ۋاسىتىچىگە رەنىگە قويىدۇ. بەزىدە پايچەك ياكى سەنەد (قەرز ھۆججىتى)، ياكى مەدەن تىجارىتى قىلىشىمۇ مۇمكىن.
ۋاسىتىچىگە بېرىلگەن پۇلنى زىيان چىقسا ۋاسىتىچىگە تۆلەش ئۈچۈن بېرىلگەن كاپالەت پۇلى دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز.
بۇ ئىشتا مەبلەغ سالغۇچى ۋاسىتىچى بىلەن مۇنداق توختاملىشىدۇ: زىيان مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتسە، مەسىلەن مەبلەغ سالغۇچىنىڭ پۇلىدا %75 تىن ئېشىپ زىيان چىقسا، ۋاسىتىچىنىڭ بارلىق نەرسىنى سېتىۋېتىش ھەققى بولىدۇ. بۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچى ئېتىراز قىلالمايدۇ.
ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ تېلېفون ياكى باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىسى بىلەن بەرگەن بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ – ساتىدۇ. مەبلەغنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى ۋاسىتىچى ئۆزى قەرز بېرىپ تۇرىدۇ ياكى قەرز بېرىدىغان بانكىنى تاپىدۇ ۋە كېپىل بولىدۇ. ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىنى بازار ئەھۋالى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئىش ھەققى ئالىدۇ.
ۋاسىتىچى يەنە سېتىۋېلىشتا بازاردىكى قىممەت باھادا سېتىۋالىدۇ. سېتىشتا ئۆزى بېكىتكەن باھادا ساتىدۇ. نەتىجىدە ئۆزى بېكىتكەن باھا بىلەن بازار باھاسى ئوتتۇرىدىكى پەرقتىن پايدا ئالىدۇ.
دېمەك بۇ سودا قەرز، رەنە، ۋاسىتىچىلىك، يوق سەرمايىدە تىجارەت قىلىش ۋە پۇللارنى نېسى ئېلىپ – سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خىل سودا تۈرىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1) ۋاسىتىچى بانكا بولسۇن ياكى باشقا ۋاسىتىچى بولسۇن، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قولىغا نەق پۇل بېرىپ تۇرمايدۇ. ئۇ پەقەتلا ھېسابىغا «مۇنچە پۇلى بار» دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ۋاسىتىچى بۇ پۇلغىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ دەپتەردىكى ھېسابقا يېزىلغان سان – سىفىر خالاس. چۈنكى، بانكىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى قولىدا پۇل بولمىسىمۇ يوقتىن پۇل پەيدا قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىپ شۇنچىلىك پۇلنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
2) سەرمايىگە سېتىۋېلىنغان پۇللار قەرزنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىنىڭ قولىغا رەنە قويۇلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ نامىدا ئەمەس، ۋاسىتىچىنىڭ نامىدا ئەنگە ئېلىنىدۇ. لېكىن، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئۇ پۇللارنى ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققى بولىدۇ. ۋاسىتىچىنىڭ ھەققىنى بېرىپ تولۇق رازى قىلمىغۇچە ئۇ پۇللارنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ.
3) مەبلەغ سالغۇچى ۋاسىتىچىگە بېرىپ مەبلەغ سالغان پۇل ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىغا بېرىپ تۇرغان قەرزنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ پۇل ئەمەلىيەتتە ۋاسىتىچىنىڭ زىيان تارتماسلىقى ۋە سەرمايىسىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قوشۇمچە رەنىدىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئاساسەن، سېتىۋالغان پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىدىن ئۇ پۇلنى سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ساتماي قولدىكى پۇلنىڭ باھاسى چۈشۈۋەرسە، چۈشۈش پىرسەنتى سالغان مەبلەغ قىممىتىگە يېقىنلىشىپ قالسا، ۋاسىتىچى ئۇنى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئۆزى سېتىۋېتەلەيدۇ. چۈنكى، پۇل ئۇنىڭ نامىدا ئەنگە ئېلىنغان. نەتىجىدە ۋاسىتىچى قەرز بەرگەن پۇلىنىڭ ھەممىنى قولىغا قايتۇرۇۋالالايدۇ. كېمىيىش بولسا مەبلەغ سالغۇچى بەرگەن پۇلدىن كېمىيىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ۋاسىتىچى زىيان تارتماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. چۈنكى، ئۇ قاچانكى قولىدىكى پۇلنىڭ باھاسى چۈشۈپ سەرمايىسىگە زىيان خەۋپى ھېس قىلغان ھامان ئۇ پۇللارنى سېتىپ سەرمايىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن بۇ خىل پۇل تىجارىتىنى قىلىشنىڭ ھارام ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا شەرىئەت چەكلىگەن كۆپلىگەن چاتاق ئىشلار بار. بۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالساق كۇپايە:
1) بۇ خىل تىجارەتتە سودىلار ھەقىقىي بولماستىن شەكلىي بولىدۇ. چۈنكى، ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىغا بېرىپ تۇرغان پۇلغا ئىگە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە پۇل يوق. قەرز بېرىلگەن پۇللار پەقەتلا ۋاسىتىچى «مەن بېرىپ تۇرىمەن» دەپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان پۇل. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ۋاسىتىچى ئۇ پۇللىرىنى مۇشۇ ئىشتىن باشقىغا ئىشلىتەلمەيدۇ. قايتۇرۇپ ئېلىپ خەجلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: ۋاسىتىچى پۇل ئېلىپ سېتىشتا ئاكسىيە بازىرىدا ئۆزى مۇئامىلە قىلىدىغان بارلىق چۆپقەتلەرنىڭ مەقسىتى پۇل ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇ پۇللارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا كىرمەيدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلار پەقەت دەپتەردىكى تىزىملىك بويىچە ئۆزئارا پۇل سودىسى قىلىشقان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقتىن پايدا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ياكى تاپشۇرۇپ بېرىش دېگەن نەرسە مەۋجۇد ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ۋاسىتىچى ئۆزىگە بېرىلگەن سەرمايىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە ئىگە بولۇپ بېرەلەيدۇ. دېمەك، بۇ توختامنىڭ ماھىيىتى: ۋاسىتىچى ئۆزىدە يوق پۇلنى مەبلەغ سالغۇچىغا قەرز بەرگەن. مەبلەغ سالغۇچىمۇ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتقان.
2) شەرىئەتتە پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسىدا قولمۇقۇل تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى بار، لېكىن بۇ خىل سودىلاردا دەپتەرگە يېزىپ قويۇش بولىدۇ، شۇڭا شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. چۈنكى، بۇ يېزىپ قويۇشلار ئارقىلىق قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى مۇئامىلە تۈگەللەنمەيدۇ. ئەگەر تۈگەللىمەكچى بولغان تەقدىردىمۇ نەق ئاكسىيە بازىرىدا سودىنى قىلىپ دەپتەرگە يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئىش كۈنى ئۆتكەندە ئاندىن بوغۇش مۇمكىن. پۇل سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭدىن بۇرۇن سېتىۋالغان پۇلنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.
3) ۋاسىتىچى ھەقىقىي پۇل قەرز بېرىپ تۇردى دېگەن تەقدىردىمۇ، ۋاسىتىچى بۇ قەرز بېرىشتىن ئىككى تەرەپلىمە پايدا ئالىدۇ ۋە بۇ جازانە بولىدۇ: بىرى، ئۇ مەبلەغ سالغۇچىغا: «بۇ پۇلدا مەنلا ئېلىپ – ساتىمەن» دەپ شەرت قويىدۇ ۋە بۇ ئېلىم – سېتىمدىن پايدا ئالىدۇ. دېمەك، بۇ قەرز ئىشى بىر ۋاقىتتا تاپان ھەققى ئېلىپ ۋاسىتىچىلىك قىلىش توختىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەرز بىلەن بىللە سودا توختىمى قىلىشنى چەكلىگەنلىكىگە ھەم تاقىشىدۇ. يەنە بىرى، ۋاسىتىچى پۇلنى مەبلەغ سالغۇچىغا بىر باھادا ساتسا، ئۇنىڭدىن سېتىۋالغاندا تۆۋەنرەك باھادا سېتىۋالىدۇ. نەتىجىدە ئېلىپ – سېتىش باھالىرىنىڭ پەرقىدىن پايدا ئالىدۇ.
4) بۇ تۈرلۈك سودا قىلىش ئۇسۇلى شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت ۋە نىشانلارغا زىت كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك سودىدا پۇلنى تاۋار قىلىۋېلىشتەك، ئومۇم خەلقكە زىيانلىق ۋە شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارغا زىت ئىش بار.
5) ۋاسىتىچى بېرىپ تۇرغان پۇللار ئۆسۈملۈك قەرز بولغاچقا، قەرز بېرىپ تۇرغۇچى ۋاسىتىچى بولسۇن ياكى بانكا بولسۇن، مەبلەغ سالغۇچىغا بۇنى قايتۇرۇشى بىر كېچىدىن ئۇزىراپ كەتسە، يەنى ھېسابنى بوغۇپ ئاياغلاشتۇرمىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈم ئېلىشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ئېنىق جازانە. «بىر كېچىدە ئاياغلاشتۇرۇپ بوغىۋېتىمەن» دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق شەرتلىك توختامغا قوشۇلۇشنىڭ ئۆزى ھارام. ئەگەر بۇ ئۆسۈمنى شەرت قىلمىغان تەقدىردە، بۇ شەرت ۋاسىتىچى بىلەن قەرز بېرىپ تۇرغان بانكا ئوتتۇرىسىدا يەنىلا مەۋجۇد. بۇنداق شەرت يوق دېگەن ئەھۋالدىمۇ باشقا بىرنەچچە نۇقتىدىن بۇ خىل سودا يەنىلا ھارام بولۇپ كېتىدۇ(1).
ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرىمۇ كوللېكتىپ چىقارغان قارارلاردا بۇنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن كەسكىن ھارام دېگەن:
1) قەرز ئۈچۈن «قوندۇرۇۋېلىش رەسمىيىتى (رسوم التبييت / Swap)» نامىدا تۆلىنىدىغان پۇل ئېنىق جازانە بولغانلىقى ئۈچۈن، 2/«بەقەرە»: 278 – 279 – ئايەتلەرگە ئاساسەن ھارام.
2) بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «قەرز بىلەن بىللە سودا توختىمى قىلىش هالال بولمايدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسىگە(2) زىت. بۇنىڭ بىلەن ۋاسىتىچى بەرگەن قەرزىدىن پايدىلانغان بولدى ۋە بۇ جازانە بولىدۇ.
3) بۇ تۈرلۈك سودا شەرىئەتتە چەكلەنگەن قەرز ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ – سېتىش، هالال – هارام ئايرىماستىن پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش، پۇل ئېلىپ – سېتىشتا شەرىئەت بويىچە قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماسلىق، كېلەچەكتە قىلىشقا پۈتۈشكەن (Futures contracts) توختاملىرى ۋە ئىختىيارلىقلار بىلەن تولغان ئوپشىن توختاملىرى (Option contracts)(3)، لايبور (LIBOR) كۆرسەتكۈچى بويىچە سودىلىشىش ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى سېتىش قاتارلىق بىرمۇنچە ھارام ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4) بۇ خىل سودا تۈرى ھەر ئىككى تەرەپكە بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىغا، ئومۇمەن پۈتۈن جەمئىيەتكە زىيانلىق. چۈنكى، بۇ سودا قەرزگە چۆكۈپ كىرىش، قاراملىق، ئازدۇرۇش ۋە ساختىلىققا ياتىدىغان ئىشلار بىلەن تولغان. بۇ نوقتىدىن بۇ باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگىمۇ كىرىدۇ(4).
خۇلاسىلىسەك: ھازىرقى «فورېكس» دەپ ئاتالغان، قولىدا يوق پۇلدا تاشقى پىرۋوت سودىسى (Margin Trading) قىلىشتا تۆۋەندىكى چاتاقلار بولغاچقا ھارام بولىدۇ:
1) مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ئىگە بولمىغان پۇلدا تىجارەت قىلىدۇ؛
2) ئۆزى ئىگە بولمىغاننى ساتىدۇ؛
3) نېسى پۇل سودىسى قىلىدۇ؛
4) ئۇستا پۇل سودىگەرلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىش جەھەتتىن قىمارغا ئوخشايدۇ؛
5) قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋە قەرز بىلەن بىللە قەرز بەرگۈچىنى ۋاسىتىچى قىلىپ ئىشلىتىش ۋە ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ئىش ھەققىدىن ئارتۇق ھەق بېرىشنى قەرزگە شەرت قىلىش جەھەتتىن جازانە بولىدۇ؛
6) ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىغا سادىق بولمايدۇ. مەبلەغ سالغۇچى بېكىتكەن باھادىن يۇقىرى سېتىپ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى يانچۇقىغا سالىدۇ. بۇ ئامانەتكە خىلاپ.
«فورېكس» تىجارىتىنىڭ ئىسلامچە دەۋالغان شەكلى
بەزىلەر يۇقىرىقى ھارام فورېكس تىجارىتىنى ھالال شەكىلگە كىرگۈزۈپ تەپمە ھالال قىلىش ئۈچۈن «ئىسلامچە فورېكس / Islamic FOREX» دەپ بىرنەرسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ خىل سودا يۇقىرىدا «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» بايان قىلغان 4 چاتاقنىڭ پەقەت بىرىدىن، يەنى «قوندۇرۇۋېلىش رەسمىيىتى»دىنلا ساقلانغاندەك كۆرۈنىدۇ – يۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى، «ئىسلامچە فورېكس» تىجارىتىدە ئادەتتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋاسىتىچى بولماستىن، بانكا ياكى باشقا ئۆسۈم ئالغۇچى ئورۇنلاردۇر. ۋاسىتىچى ئۇلارغا ئۆسۈم تۆلەيدۇ. نەتىجىدە ۋاسىتىچى «تاپان ھەققىگە ئالدىم» دېگەن ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە تۆلىنىدۇ. «ئۇنداق ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ» دېگەن تەقدىردىمۇ، ۋاسىتىچى ئۆسۈمسىز بېرىپ تۇرغان قەرزنىڭ پايدىسىنى تاپان ھەققى ئارقىلىق ئالىدۇ. بۇمۇ «مەنپەئەت ئەكەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانەدۇر» دېگەن قائىدە بويىچە جازانە بولىدۇ. چۈنكى، ۋاسىتىچى مەيلى ئۆزى ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرسۇن ياكى باشقىلاردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ بەرسۇن، بەرىبىر تاپان ھەققى ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭدا ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان پۇلدا تىجارەت قىلىش، نېسى پۇل سودىسى قىلىش، ئۇستا پۇل سودىگەرلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىش، قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋە قەزر بىلەن بىللە قەرز بەرگۈچىنى ۋاسىتىچى قىلىپ ئىشلىتىش ۋە ئادەتتىكى ۋاسىتىچى ئىش ھەققىدىن ئارتۇق ھەق بېرىشنى قەرزگە شەرت قىلىش، ۋاسىتىچى مەبلەغ سالغۇچىغا سادىق بولماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك چاتاقلار يەنىلا مەۋجۇد. شۇڭا، بۇمۇ ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ(5).
بۇ ئىشقا ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقانلار ئەسلىدە ھارام فورېكسكە ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزىدۇر. لېكىن، بۇلار بىر چاتاقنى تازىلىغاندەك پەرداز قىلىش ئارقىلىق ھالال تىجارەت ئىزدەۋاتقانلارغا بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلىنى ھالال كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان، خالاس. شۇڭا، «ئىسلامچە» دېگەن سۆزنى ساددا مۇسۇلمانلارنى گوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىۋالغان بۇ تۈرلۈك ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدە ئويغاق ۋە سەگەك بولۇشىمىز كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 27 – زۇلقەئدە / م. 2019، 30 – ئىيۇل
1. در. يۈسۈف ئابدۇللاھ ئەششۇبەيلىي: «المتاجرة بالعملات (البورصة)»، http://saaid.net/fatwa/sahm/63.htm
2. ئەبۇ داۋۇد (3504). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
3. ئوپشىن توختاملىرى (عقود الخيارات/Option contracts): بۇ بىر توختام بولۇپ، بۇ توختام بويىچە كىشى مەلۇم تاۋار ياكى پايچىكلارنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە مەلۇم باھادا سېتىۋېلىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقنى سېتىۋالغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. ئەگەر خاھلىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە شۇ باھادا سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسا تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىدۇ. بۇ شەرىئەتتە ناتوغرا بولغان توختاملاردىن بىرىدۇر.
4. قرار مجلس المجمع الفقهـي الإسلامـي، برابطـة العالم الإسلامي، في دورته الثامنة عشرة المنعقـدة بمكـة المكرمة، فـي الفترة من 10 – 14 ربيع الأول 1427هـ، الموافق 8 – 12 إبريل 2006م. قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لمنظمة المؤتمر الإسلامي بجدة قرارا في دورته السابعة في عام 1412هـ.
5. «المتاجرة بالهامش والأحكام المتعلقة بها في الفقه الإسلامي»، د. محمد عثمان شبير. 52 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…