سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز ئىستانبۇلدىكى ئالتۇن بازىرى «قاپالى چارشى»دا ئالتۇن سودىسى قىلىمىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا پۇلنى ياكى ئالتۇننى يېرىم سائەت ياكى بىرەر سائەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغانغا كېلىشىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمدىن يېنىۋېلىش ھەققى بولمايدۇ. بۇ خىل سودا شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«ئىككى تەرەپ پۇل ئالماشتۇرۇشقا، ئالتۇن سودىسى قىلىشقا ۋەدىلەشسە، بۇ ۋەدىدىن يېنىشقا بولمايدۇ» دېگەن شەرت ئاغزاكى ياكى يازما قىلىنمىسا، بازاردىكى ئۆرپ – ئادەتمۇ يېنىشنى چەكلىمىسە، بۇ ۋەدىلىشىش سودا بولماي ۋەدە بولىدۇ. بۇنىڭدا مەسىلە يوق. كېيىن نەقمۇنەق ئالماشتۇرۇشسا ئالماشتۇرغان چاغدا سودا توغرا بولغان بولىدۇ.

ئەمما ھازىر «قاپالى چارشى»دا ئالتۇن سودىسى قىلىشقا ۋەدىلىشىپ، دېيىشكەن ۋاقىت كەلگەندە يېڭىدىن سودا قىلماي، بۇرۇنقى كېلىشىمگە ئاساسەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇنىڭدا سودا بۇرۇن بولغان، پۇل ياكى ئالتۇننى، ياكى ھەر ئىككىلىسىنى ئالماشتۇرۇش سودا قىلغان چاغدىن كېچىككەن بولىدۇ.

فىقھىي ئاكادېمىيەلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئىككى ھالەتكە ئايرىغان:

بىرىنچى ھالىتى: ئىككىلا تەرەپ پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باش تارتالماسلىق. ئىككىلا تەرەپ پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باش تارتالمايدىغان بولسا، مەسىلەن ساتقۇچىمۇ كېلەچەكتە پۇلنى چوقۇم سېتىپ بەرمىسە بولمايدۇ. ئالماقچى بولغان خېرىدارمۇ چوقۇم ئۇنى كېلەچەكتە سېتىۋالمىسا بولمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە يېڭىدىن توختام تۈزۈپ يۈرمەيلا بۇرۇنقى ۋەدىلىشىشكە ئاساسەن پۇل ئېلىپ – سېتىلىدۇ. بۇنداق سودا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىدىن باش تارتماسلىققا ۋەدە بېرىپ پۈتۈشۈشى كېچىكتۈرۈلگەن پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودا تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەب بىلەن ناتوغرا بولىدۇ:

بىرىنچىدىن: پۇل ئالماشتۇرۇش (سەرف) سودىسىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئايرىلىشتىن بۇرۇن پۇلىنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىردەك قاراشتا. چۈنكى، بۇ شەرت ھەدىسلەردە ئېنىق كەلگەن. مىسالغا ئالساق:

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇقول نەقمۇنەق تېگىشىش لازىم. مۇبادا بۇ تۈرلەر پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولغان تەقدىردە، خاھلىغان بويىچە سېتىڭلار» دېگەن(1).

ئىمام سەرەخسىيمۇ يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئېيتىدۇكى: «توختام سورۇنىدا ئىككى تەرەپ بەدەلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشى ۋاجىب. توختامدا ئازغىنە مۇددەت بەلگىلىسىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇلنى توختام سورۇنىدا تاپشۇرۇپ ئالماسلىق توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، كېچىكتۈرۈش ئاشۇ توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدۇ. توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدىغان بىرنەرسىنى شەرت قىلىش بولسا توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ»(2).

يۇقىرىقىلاردىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ياكى قەغەز پۇلغا قەغەز پۇلنى ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جائىز بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ. «قاپالى چارشى»دا ئالتۇن سودىسى قىلغاندا ۋەدىلىشىش توختام ئورنىغا قويۇلغان ۋە ۋەدىدىن باش تارتقىلى بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ نەقمۇنەق بولۇش شەرتىگە زىت كېلىدۇ.

ئىككىنچىدىن: بۇ خىل سودىدا بەزىدە ئىلكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت ھارام ئىش يۈز بېرىدۇ.

ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇل سودىسىغا، ئومۇمەن تاۋار سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم شەرتلەردىن بىرى، ساتقان پۇل ياكى تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مەندىن ئىگىدارچىلىقىمدا بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما، — دېگەن»(3).

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان پۇلنى سېتىشقا ۋەدە قىلىپ، كېيىن بېرىپ سېتىۋېلىپ ئاندىن تاپشۇرسا بولمايدۇ.

بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىملار ۋە فىقھىي ئاكادېمىيەلەر ئىككىلا تەرەپ پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باش تارتالمايدىغان سودىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ: «پۇللارنى كېچىكتۈرۈپ سېتىش شەرىئەتتە جائىز بولمايدۇ. پۇل سودىسى قىلىشقا ۋەدىلىشىشمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»، شۇنداقلا ئۈممەتنىڭ ئىجمائسى بىلەن توغرا ئەمەس»(4)، «پۇل سودىسىدا ۋەدىدە تۇرۇش شەرتى بولسا تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا پۇل باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ ھارام بولىدۇ… بۇ خىل ۋەدىلىشىش ئىككى تەرەپ يانالمايدىغان بولسا قەرزنى قەرزگە سېتىش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، جائىز بولمايدۇ» دېگەن(5).

ئىككىنچى ھالىتى: ئىككىلا تەرەپتە پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇش – تۇرماسلىق ئىختىيارلىقى بولۇش.

يەنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولسا بۇ ۋەدىلىشىش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، پۇل ئېلىپ – سېتىشقا ۋەدىلىشىش ئېلىپ – ساتقانلىق بولمايدۇ. كېيىن دېيىشكەن ۋاقىت ۋە باھا بويىچە ئېلىپ – ساتسا ۋە ھەر ئىككى تەرەپ پۇلىنى شۇ سورۇندا قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىرى بىرىدىن ئايرىلسا، توغرا بولغان بولىدۇ ۋە سودا ۋەدىلەشكەن چاغدا ئەمەس، شۇ سودا قىلغان چاغدا پۈتكەن بولىدۇ. بۇنىمۇ پەتۋا ئورگانلىرى ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان(6).

لېكىن، ئىككىلا تەرەپنىڭ كېلەچەكتە پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇش – تۇرماسلىق ئىختىيارلىقى بولىدىكەن، بۇ خىل ۋەدە قىلىشنىڭ پايدىسىمۇ بولمايدۇ. بۇ ۋەدىدە تۇرۇش ئۈچۈن كاپالەت پۇلى ئېلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بانكىلاردا، سەررەپخانىلاردا ۋە پۇل بازارلىرىدا بۇنداق ئىختىيارلىقى بولىدىغان ۋەدىمۇ مەۋجۇد ئەمەس.

بۇ يەردە ئۈچىنچى بىر ھالەتنىمۇ پەرەز قىلىپ ئۆتەيلى. ساتقۇچى ۋەدىسىدىن باش تارتالمايدىغانغا توختاملىشىپ، ئەمما خېرىدارنىڭ بۇ سودىنى كېيىنچە قىلىش – قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ سودا ساتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇلنى نېسى قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسى بولۇپ قالغانلىق جەھەتتىن ھارام بولسا، خېرىدارنىڭ ئېلىش – ئالماسلىق ئىختىيارلىقى بولۇش جەھەتتىن باتىل ۋە ھارام سودا بولىدۇ. چۈنكى، ئالىملار ئېيتقاندەك پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىدا نىكاھقا ئوخشاشلا يېنىۋېلىش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ(7).

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، بۇ تۈرلۈك ۋەدىلىشىپ پۇل ۋە ئالتۇن ئېلىپ – سېتىش مەيلى ۋەدىدىن باش تارتقىلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىر خىل قاراڭغۇلۇققا قەدەم ئېلىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش جەھەتتىنمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، كېلەچەكتىكى باھا تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن ئېگىز – پەس بولۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىش قىمارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق بولغان سودىنى قىلىشتىن توسقان(8).

ۋەدىدىن باش تارتماسلىققا قارىتا ئېلىنغان كاپالەت پۇلى

سودىدىن باش تارتماسلىققا بۇ خىل ۋەدە بېرىپ پۈتۈشۈش پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسى ھېسابلىنىدىغان بولغاندىن كېيىن، بۇ ۋەدىدىن باش تارتماسلىققا قارىتا ئېلىنغان كاپالەت پۇلى ئەمەلىيەتتە سېتىۋېلىنغان نەرسىنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئالايلۇق، بىر بانكا بىر خېرىدار بىلەن 10 مىڭ دوللارنى كېلەچەكتە بىر دوللار 6 لىرا باھاسىدا سېتىشقا ۋەدىلىشىپ، بۇ ۋەدىدىن باش تارتمايدىغانلىققا 1000 لىرا كاپالەت پۇلى ئالغان بولسا، توختام ئەمەلىيەتتە 10 مىڭ دوللارنى 6.1 لىرا باھاسىدا ساتقان بولىدۇ.

دېمەك، بۇ ئەھۋالدا پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىدا پۇلنىڭ بىر قىسمىنى كېچىكتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولىدۇ – دە، سودا ھارام بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ كاپالەت پۇلى ئەگەر سودا تاماملانسا پۇلنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان، تاماملانمىسا زىيان تارتىدىغان زاكالەت پۇلىغا ئوخشايدۇ. لېكىن، پۇل سودىسىدا پۇلنىڭ ھەممىنى ۋە ئۇنىڭ بەدىلىنى سورۇندا تولۇق قولىغا ئېلىش شەرت قىلىنىدىغان، پۇلنىڭ بىر قىسمىنى كېچىكتۈرۈش جازانە شەكىللەندۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا زاكالەت پۇلى ئېلىشقا ئورۇن يوق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 22 – زۇلقەئدە / م. 2019، 25 – ئىيۇل


1. مۇسلىم (1587).
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 14 – ج، 11 – بەت.
3. تىرمىزىي (1232). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة المؤتمر الإسلامي في دورة انعقاد مؤتمره الحادي عشر بالمنامة في مملكة البحرين، 25 – 30 رجب 1419هـ، الموافق 14 – 19 تشرين الأول (نوفمبر) 1998م؛ المجمع الفقهي الإسلامي برابطة العالم الإسلامي، في دورته الثالثة عشرة، المنعقدة بمكة المكرمة، 5 شعبان 1412هـ، الموافق 8 فبراير 1992م. الفتاوى الشرعية في المسائل الاقتصادية من بيت التمويل الكويتي (فتوى رقم/ 28).
5. قرارات وتوصيات ندوات البركة للاقتصاد الإسلامي، 69 – بەت؛ ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 1. 59 – بەت. 2/9/1 – ماددا؛ قرار مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي رقم: 238 (24/9).
6. قرارات وتوصيات ندوات البركة للاقتصاد الإسلامي، 33 – بەت؛ الفتاوى الشرعية في المسائل الاقتصادية الصادرة من بيت التمويل الكويتي، 1 – ج، 203 – بەت.
7. ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 4 – ج، 571 – بەت؛ شىيرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 1 – ج، 258 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4 – ج، 130 – بەت.
8. مۇسلىم (1513).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago