Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

بەرائەت كېچىسى تۈنەش ۋە بۇ كۈندە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش

بەرائەت كېچىسى تۈنەش ۋە بۇ كۈندە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش

بەرائەت كېچىسى تۈنەش ۋە بۇ كۈندە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇرتىمىزدا بەرائەت كېچىسى تۈنەيدىغان ۋە بۇ كۈندە ئۆيدە (مېيىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ) ياغ پۇرىتىپ قۇيماق سېلىپ، قەبرىستانغا بېرىپ بىرەر قارىمنى تېپىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇپ، قۇيماقلارنى قارىمغا بېرىدىغان ئىشلار كىچىكىمىزدىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېچىدە كۆپىنچە كىشىلەر تۈنەيدۇ ھەم يىراقتىكىلەرمۇ كېلىپ تۇپراق بېشىنى چوقۇم يوقلايدۇ. مازار بازارغا ئايلىنىدۇ، بەزىلەر قارىم تاپالماي ئۆچرەتتە تۇرىدۇ…

شۇڭا، سىلىدىن: «بەرائەت كېچىسى قانداق كېچە؟ بۇ كۈندە چوقۇم قەبرىستاننى يوقلاش كېرەكمۇ؟ خاس مۇشۇ كۈندە تۈنەشچۇ؟ قەبر بېشىغا بېرىپ ئۆلۈكلەرگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دېگەنلەرنى بىلمەكچى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇلۇغ رامازان ئېيىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچە «بەرائەت كېچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىرقانچە ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىدە ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان. بۇنىڭ بەزىسىنى ئىبنى ھىببان، مۇنزىرىي ۋە ئالبانىي قاتارلىق ئالىملار «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇخارىي، دارەقۇتنىي، ئۇقەيلىي، ئىبنۇلجەۋزىي، ئەبۇبەكرى ئىبنۇلئەرەبىي قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس.

ئىمام ئىبنى رەجەب: «بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىرنەچچە ھەدىسلەر بار بولۇپ، بۇلارغا ئوخشىمىغان يەكۈنلەر چىقىرىلغان. كۆپچىلىك ئۇلارنى ‹زەئىف› دەپ قارىسا، ئىبنى ھىببان بەزىسىنى ‹سەھىھ› دەپ قارىغان» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنى شامدىكى خالىد ئىبنى مەئدان، مەكھۇل، لوقمان ئىبنى ئامىر قاتارلىق تابىئىنلار ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنىڭدا ئىبادەت قىلاتتى. بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشنى ۋە پەزىلەتلىك دەپ قاراشنى باشقىلار ئاشۇلاردىن ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارغا بۇ ھەقتە يەھۇدىي – ناسارالاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر يەتكەن ئىكەن، شۇنداق قىلىپ، شاملىق ئاشۇ تابىئىنلاردىن بۇنداق قىلىش پۇر كەتكەندىن كېيىن، باشقا جايدىكىلەردىن بەزىلەر، بولۇپمۇ، بەسرەدىكى بەزى ئابىد كىشىلەر بۇنى قوبۇل قىلىپ ئۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشقان، ھىجازلىق ئەتاﺋ، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە ۋە مەدىنە فۇقاھائلىرى بۇنى قوبۇل قىلماي ئەيىبلىگەن. ئىمام مالىكنىڭ قارىشىمۇ شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «بىدئەت» دەپ قارىغان. شاملىق ئاتاقلىق مۇجتەھىد ئىمام ئەۋزائىيمۇ، بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشنى قوبۇل قىلمىغان.(1)

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ئاللاھنىڭ چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغۇچىغا: «ھەي بىغەرەز! ئوتتۇرىدىكى كېچىدىلامما؟ ھەر كېچىدە چۈشىدۇ» دېگەن.(2)

قانداقلا بولمىسۇن، بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ پەزىلەتنى بىزگە خەۋەر قىلغان زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولۇپ، بۇ زات ئۇ كېچىلەردە باشقا كېچىلەردىن ئالاھىدە بىرەر ئىبادەت قىلمىغان. ئەگەر بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىش بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئالدى بىلەن ئۆزى قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ياكى مۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ كېچىدە قەلبىڭنى شىرك بىلەن مۇسۇلمانغا ئاداۋەت ساقلاشتىن تازىلىغان ھالەتتە ئۇخلىشىڭنى يولغا قويغان.

بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە مەلۇم رەكئەت ناماز ئوقۇش ياكى تۈنەشتەك مەلۇم بىر خىل ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىمۇ بىرقانچە ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھېچبىرى سەھىھ ئەمەس. ئەكسىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، توقۇلما، باتىل ھەدىسلەردۇر. مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلار شۇنداق باھالىغان. بۇنداق ئىبادەتلەرنى بەلگىلىۋېلىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدە كۆپچىلىك ئالىملار ئىتتىپاق.

شاملىق تابىئىنلار، ئىمام شافىئىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق ئالىملار بۇ كېچىدە تۈنەپ ئىبادەت قىلىشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغان.

ئەمدى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگىنى بولسا: بەرائەت (شەئبان) ئېيىدا كۆپ روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىدۇر.

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ئۇ زاتنى توختىماي روزا تۇتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغانغا قەدەر روزا تۇتاتتى. روزا تۇتمىغاندىمۇ بىز ئۇ زاتنى ئەمدى روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغانغا قەدەر روزا تۇتمايتتى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ رامازاندىن باشقا ئايلاردا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم، شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىقىنىمۇ كۆرمىدىم».(3)

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر ئايدا شەئباندا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. ئۇ زات شەئبان ئېيىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك روزا تۇتۇپ چىقاتتى» دېگەن.(4)

ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— جانابلىرىنىڭ باشقا ھېچبىر ئايدا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىم، — دېگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ رەجەب بىلەن رامازان ئارىلىقىدىكى كىشىلەر تۇيماي غەپلەتتە ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بىر ئايدۇر. ئۇ يەنە پۈتۈن ئەمەل – ئىبادەتلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا كۆتۈرۈلىدىغان ئايدۇر. شۇڭا، مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياقتۇرىمەن، — دېگەن.(5)

دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ياكى ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزىنى بىرەر ئىبادەت قىلىپ ئالاھىدە قىلمىغان. ساھابە – كىراملاردىنمۇ ئۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. بۇ كېچىدە ئالاھىدە تۈنەپ ئىبادەت قىلىش ساھابە – كىراملارنىڭ زامانىدىن كېيىن پەيدا بولغان.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «رەغائىب نامىزى دەپ ئاتالغان رەجەب ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان ئون ئىككى رەكئەت ناماز، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ئوقۇلىدىغان يۈز رەكئەت ناماز، بۇ ئىككى تۈرلۈك ناماز بىدئەت، مۇنكەر نامازلاردۇر. بۇ ئىككى نامازنى ‹قۇتۇل قۇلۇپ› ياكى ‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن› دا زىكىر قىلغانلىققا، ياكى بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسكە گول بولماسلىق لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر. بۇلارنى ئاڭقىرالماي مۇستەھەب دەپ رىسالە يېزىپ سالغان بەزى ئىماملارغا ئەگىشىپ كەتمەسلىك لازىم، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدا ئېنىق خاتالاشقان».(6)

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ كېچىدە تۈنەش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىشلار بۇ كېچىگە خاس ئىبادەت ئەمەس. بەلكى باشقا ھەرقانداق كېچىدىكىدەك قايسى كېچىدە قىلسا بولىدىغان ئىبادەتلەر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ كېچىگە ئالاھىدە خاسلاشتۇرۇۋالماي باشقا ئايلاردىكى كېچىلەردەك تەھەججۇد ئوقۇسا، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىسى ئايدىڭ بولىدىغان ئۈچ كۈندە روزا تۇتۇش پەزىلەتلىك بولغاچقا، بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى روزا تۇتسا، ياكى ئادەتتە ھەممە ئايلاردا روزا تۇتقاندەك دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن روزا تۇتسا بولىدۇ.

بەرائەت (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ياكى ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزىدە قەبرىستانغا بېرىش، قۇرئان ئوقۇش ياكى ياغ پۇرۇتۇش قاتارلىق ئىشلارمۇ دىنىمىزدا ئالاھىدە كۆرسىتىلمىگەن. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – رەجەب / م. 2011، 12 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 32 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى رەجەب: «لەتائىفۇل مۈئارىف»، 261، 263 – بەتلەر.
2. ئەبۇلقاسىم ئەلئەسباھانىي: «ئەلھۇججە فى بايانىلمەھەججە»، 2/128.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1969)؛ «مۇسلىم»، (1156).
4. «بۇخارىي»، (1970).
5. «ئەھمەد»، (21801)؛ «نەسائىي»، (2358). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/61.

Please follow and like us:
Exit mobile version